ئامېرىكىلىقلارمۇ سېسىق گەپ قىلامدۇ

ئورنى Wikipedia

”ئامېرىكىدىكى مۇساپىر تۇيغۇلار“نىڭ داۋامى

ۋەتەنگە قايتقاندىن كېيىن بايقىسام تورلاردا ”قەشقەرلىكنىڭ سېسىق گەپلىرى“، ”كىچىك قەشقەرلىكنىڭ سېسىق گەپلىرى“ دېگەندەك يازمىلار يامراپ كېتىپتۇ. ئۈرۈمچىگە كېلىپ بىر قانچە سائەتتىن كېيىنلا بىرەيلەننىڭ ”ئامېرىكىلىقلارمۇ سېسىق گەپ قىلامدىكەن؟“ دېگەن سۇئالىغا دۇچ كەلدىم. سورىغۇچى مېنىڭ قەشقەرلىك ئىكەنلىكىمنى بىلگەچكە قەستەن شۇنداق سوراۋاتاتتى. ئۇ چاغدا نېمە دەپ جاۋاپ بەرگىنىم ئېنىق ئېسىمدە يوق. ئەمما شۇندىن كېيىن بۇ سۇئال كاللامنىڭ بوش بۇرجەكلىرىنى قامال قىلىپ كەلدى. بۇ يەردە دېيىلىۋاتقان ”سېسىق گەپ“ تەنە، بىشارەت، كىنايەدىن ئىبارەت. بۇنداق تەنىلىك، كىنايىلىك، بىشارەتلىك تىل ئادىتى يېزىق تارىخى ئۇزاقراق بولغان ھەرقانداق مىللەتنىڭ تىلىدا بار بولۇشى مۇمكىن. خۇددى كىنايەدىن ئىبارەت ئىستىلىستىكىلىق ۋاستە دۇنيادىكى مەن بىلىدىغان تىللاردا بولغانغا ئوخشاش. ئۆزۈمنىڭ تۈركچە ۋە پارىسچە سۆزلەش، مەزكۇر تىلدا سۆزلىشىدىغانلار بىلەن مۇلاقات بولۇش جەريانىدىكى كەچۈرمىشلىرىمدىن بايقىدىمكى، مەدەنىيەت ئەنەئەنىسى يېقىن مىللەتلەرنىڭ تىلىدا ئوخشاش شەكىلدىكى كىنايە، تەنە، مۇبالىغە… دېگەنگە ئوخشاش تىل ھادىسىلىرى مەۋجۇد. مەسىلەن ئۇيغۇرچىدىكى تەكەللۇپ سۆزلىرى ۋە تەكەللۇپ قىلىش ئادىتى تۈركچە، پارىسچىدە ئوخشاشلا مەۋجۇد. بولۇپمۇ پارىسچە ۋە تۈركچىدىكى تەكەللۇپ سۆزلىرى ئۇيغۇرچىدىكىدىن نەچچە ھەسسە كۆپ. فارىسچىدە تەكەللۇپ سۆزلىرىنى تائاررۇف دەيدۇ. تۈركچىدە تەكەللۇپ ۋە سىپايە گەپنىڭ جىقلىقىدىن چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ”ئون ئۇيغۇرنى بىر ئۆزبېك ئاغزىغا قارىتىدۇ، يۈز ئۆزبېكنى بىر تۈرك گەپ بىلەن مايىل قىلىدۇ“ دېگەن گەپ بار. ئۇيغۇرلاردەك نەچچە مىڭ يىللىق سودا ئەنئەنىسى بولغان مىللەتلەرنىڭ تىلىدا ئادەتتە كىنايىلىك ئىبارە، بىشارەتلىك گەپ ۋە تەنىلىك جۈملىلەرنىڭ مول بولۇشى تەبىئىي. بۇنداق سۆزگە بايلىق، ئىپادىلەشكە قابىللىق ۋە ئىنكاستىكى چىۋەرلىك قەشقەر ئۇيغۇرلىرىدا ئالاھىدە گەۋدىلىك. بۇ قەشقەرنىڭ نەچچە مىڭ يللىق تىجارەت، مەدەنىيەت ۋە ھاكىمىيەت مەركىزى بولغانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك.

ئامېرىكىلىقلارمۇ تەنىلىك گەپلەرنى قىلىدۇ. بىر يازلىق تەتىلدە بىر ئاق تەنلىك ئوتتۇرا ئاسىيا تەتقىقاتچىسى بىلەن بىللە يىغىنغا قاتنىشىپ قالدۇق. دەسلەپتە ئىككىمىز ئۇيغۇرچىدىكى چاي سۆزىنىڭ خەنسۇچىدىن كەلگەن ياكى ئەمەسلىكى ھەققىدە مۇنازىرىلىشىپ قالدۇق. مەن ئەرەبچىدە، پارىسىچىدە، تۈركچىدىمۇ چاي دېيىلىدىغانلىقىنى پاكىت قىلىپ بۇ سۆزنىڭ خەنسۇچە سۆز ئىكەنلىكىدىن گۇمانلاندىم. ئۇندىن باشقا خەنسۇچىدىكى ”چا“ سۆزىنىڭ ئۇيغۇرچىغا كىرگەندە نېمىشقا كەينىگە ”ي“ تاۋۇشى قوشۇلۇپ چاي بولۇپ قالغانلىقىنى سورۇدۇم. ئەگەر ئۇيغۇر تىلىدا خەنچىدىن كىرگەن ”چا“ غا ئوخشاش سوزۇق تاۋۇش بىلەن ئاخىرلاشقان سۆزلەرنىڭ كەينىگە بىر ”ي“ قوشۇلۇپ قالىدىغان ھادىسە بار دېيىلسە نېمىشقا بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنىڭ تىلىغان سىڭىپ كەتكەن ”كا“ (كارت)، ”لا“ (شام) دېگەن سۆزنى ئۇيغۇرلار كاي، لاي دەپ قوبۇل قىلمىغان. نېمىشقا ئۇيغۇر دوختۇرلارنىڭ تىلىدا كۆپ قوللۇنىلىدىغان چافاڭ-سافاڭ دېگەن خەنچە سۆزنى چايفاڭ دەپ ”ي“ نى قوشۇپ تەلەپپۇز قىلمايدۇ؟ مەن بۇلارنى پاكىت قىلىپ سۆزلىگىنىمدە ھېلىقى تەتقىقاتچى كۆزۈمگە قاراپ تۇرۇپ كېتىپ ”مەن ئۇيغۇرچە بىلىمەن، ئۇيغۇر تىلىدا ھەتتا قەدىمكى خەنچە سۆزلەرنىڭ بارلىقىنى بىلىمەن، ئەمما ئۇيغۇر مىللەتچىلىرىنىڭ تىلىدىن خەۋىرىم يوق“ دەپ قالدى. ئىلمىي مۇنازىرىنىڭ بۇنداق تەنىلىك جۈملىلەربىلەن، ياكى ھازىرقى مودا تەرىپ بويىچە ”سېسىق گەپ“ بىلەن ئاخىرلىشىشى مېنى غەش قىلدى. ئۇنىڭچە بولسا ئۇيغۇر تىلىدىكى تۆرت دېگەن سانمۇ قايسىدۇر بىر قەدىمكى مىللەتنىڭ تىلىدىن كەلگەنمىش. كېيىن مەن چاينىڭ ئەسلى جوڭگۇغا تارىختا ھازىرقى كامبودژا زېمىنىدا ياشىغان يەرلىك مىللەتتىن كەلگەنلىكىنى ئوقۇدۇم. چاي دېگەن بۇ سۆزمۇ خەنچىگە شۇ مىللەتنىڭ تىلىدىن كىرگەنىكەن.

ھېلىقى ئوتتۇرا ئاسىيا تەتقىقاتچىسى بىلەن ئىككىمىز بىللە قاتناشقان يىغىن خېلى ئۇزاق داۋاملاشتى. ئارىدا ئۇ ”تون“ دېگەن سۆزنىڭ ئۇيغۇرچىغا موڭغۇلچىدىن كىرگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى. مەن دەرھال ئىتىراز بىلدۈردۈم. بىرى موڭغۇلچىدا ئەگەر بۇ سۆز بولسا دېمەك بۇ ئىككى تىلنىڭ ئورتاق بىر تىل سېستىمىسىغا تەۋە ئىكەنلىكىدىن بولغان. ئۇيغۇرچە بىلەن موڭغۇلچە ئالتاي تىللىرى سېستىمىسىغا تەۋە بولۇپ سېرىق، قارا دېگەن رەڭ سۆزلىرى تۆمۈر، ئالتۇن، چىچەك، بىلگە (ئالىم) قاتارلىق كەلىمىلەردىن تارتىپ ئۈزۈم، ئالما دېگەن مىۋە چىۋەلەرنىڭ ئاتلىرىغىچە ئوخشاش ئېدى. ئۇ تەتقىقاتچى بۇنىڭغا ئىشەنمەيدىكەن. ئۇنىڭ نەزەرىدە ئالتاي تىللىرى سېستىمىسى دېگەن قاراشنىڭ ئاساسى يېتەرسىز ئىكەن. بۇلارنىڭ ھەممىسى ئورتاق سۆزلەر ئەمەس موڭغۇلچىدىن ئۇيغۇرچىغا ئارىيەت ئېلىنغان سۆزلەر ئىكەن. ”ئەگەر ئارىيەت ئېلىنغان دەپ ئويلىساڭ، موڭغۇل ئېگىزلىكىدىن تارتىپ تارىم ۋادىسىغىچە بولغان يەرلەردە شەھەرلەرنى قۇرغان ئۇيغۇرلار تون دېگەن سۆزنى موڭغۇلچىدىن قوبۇل قىلىشتىن بۇرۇن تونسىز يۈرۈپتىكەنمۇ؟“، ”كىيىم كېچەككە، زىبۇ زىننەتكە ئائىت سۆزلەرنىڭ نوقۇل يايلاق مىللىتى بولغان موڭغۇللارغا قارىغاندا ئۇيغۇرلاردا مول بولۇشىنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولىدىغۇ؟“ دەپ سۇئال قويۇۋېدىم، ”سەنچە باربەرىيان (ياۋايى) موڭغۇللارغا ئۇيغۇرلار تون كىيىشنى ئۆگەتكەنمۇ؟“ دەپ كىنايە قىلدى. بۇ گەپنى ھازىر ئويلىساممۇ جۇدۇنۇم ئۆرلەيدۇ. ئۇنىڭ بۇ سۆزىدە مېنى ”سەن ئۆز مىللىتىڭنى ئىلغار باشقا مىللەتنى ياۋايى دەپ بىلىسەنغۇ! “ دەيدىغان مەسخىرە بار ئېدى. ئەسلى مەن بۇنداق قاراشتىكىلەردىن نەپرەتلىنەتتىم. مىللەتلەرنى ئىلغار- قالاق، مەدەنىي- ياۋايى، ھاكىم-مەھكۇم، زامانىۋي- ئىپتىدائىي دەپ ئايرىشقا ئۆچ ئېدىم. مەن مەكتەپتىن تارتىپ، جەمئىيەت، ھاكىمىيەتكىچە سىڭگەن ئاريىمچىلىقنى ئاپەتنىڭ مەنبىيى دەپ قارايتتىم. بۇنداق ئايرىمچىلىق ئىنسانلارنى تەبىقە، مىللەت، سىياسىي سالاھىيەتكە تايىنىپلا باشقىلارنىڭ نەچچە ئون يىللىق ئەمگىكىگە، نەچچە يۈز يىللىق مىراسىغا، نەچچە مىڭ يىللىق روھىيىتىگە ئىستىلا يۈرگۈزەلەيدىغان قىلىۋەتكەنىدى.

ئامېرىكىدا يەتتە يىلدىن ئارتۇق ئوقىغان بىر ئۇيغۇر ماڭا مۇنداق بىر گەپنى دەپ بەردى. ئامېرىكىغا كەلگەن دەسلەپكى يىلى جوڭگۇدا خېلى ئۇزاق تۇرغان بىر پروفېسسورنىڭ دەرسىنى تاللاپتۇ. دەرسنى بىر ھەپتىدىن ئارتۇقراق ئاڭلىغاندىن كېيىن ئوقۇتقۇچىسى بىلەن كۆرۈشۈشكە كېلىشىپتۇ. مەقسىدى دەرستىن ۋاز كېچىش ئىكەن. ئەسلى ئامېرىكىدا ئوقۇغۇچى دەرسنى تاللاپ بىر ئىككى ھەپتىدىن كېيىن ئاڭلاشنى خالىمىسا ۋاز كەچسىمۇ بولىدۇ. بۇنى مۇئەللىمگە دەپ چۈشەندۈرۈپ، كەچۈرۈم سوراشنىڭ قىلچىمۇ ھاجىتى يوق. ئەمما بۇ ئۇيغۇر جوڭگۇدا كۆنگەن خۇيى بويىچە ”بۇ قېتىم گەپ قىلماي دەرستىن ۋاز كەچسەم، كېلەر قېتىم يەنە باشقا دەرسىنى ئاڭلاشقا توغرا كەلسە خىجىل بولۇپ قالماي، ماڭا باشقىچە قاراشتا بولۇپ قالمىسۇن“ دەپ ئويلاپ ئاتايىن چۈشەندۈرگىلى مۇئەللىمنىڭ ئىشخانىسىغا بېرىپتۇ. بۇ ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى مۇئەللىمگە يەنە بىۋاستە دېيەلمەي، ئۆزىنىڭ جوڭگۇدىن كەلگەن ئۇيغۇر ئىكەنلىكىنى، دەرستە سەل قىينىلىپ قالغانلىقىنى چۈشەندۈرۈشكە باشلاپتۇ. ئامېرىكىلىق پروفېسسور بۇلارنى نومۇردا ئىتىبارغا ئېرىشىشنىڭ باھانىسى دەپ چۈشىنىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئوقۇتقۇچى “ بۇ دېگەن ئامېرىكا، ئازسانلىق مىللەتلەرگە ئىتىبار بېرىلمەيدۇ، “ دەپتۇ. ئۇ كۈنى بۇ ئۇيغۇرغا پۈتۈن دۇنيادا ماتەم بولغاندەك تۇيۇلۇپ كېتىپتۇ. ئەمەلىيەتتە بۇمۇ ئامېرىكىلىقنىڭ ”سېسىق گېپى“ . سېسىق بولۇپمۇ ھەرقانداق ئۇيغۇر ئاڭلىسا قويقا چېچى تىك تۇرىدىغان مەسخىرە.

تىلدا تەنىلىك، كىنايەلىك، بىشارەتلىك ئىپادىلەش شەكلىنىڭ بولۇشى نورمال ئىش. ئەمما بۇنداق سۆزلەش ئادىتىنى قالپايتىپ كىشىگە تەنە قىلىش، باشقىلارنى مەسخىرە-كىنايە قىلىش، بىشارەتلىك گەپلەرنى ئەرگىتىپ دەپ خەقنىڭ دىلىغا ئازار بېرىش ھىچ قانداق جەمئىيەتتە خۇش كۆرۈلىدىغان ئىش ئەمەس. شۇڭا ئۇيغۇر تىلىدا بۇنداق گەپلەرنىڭ ئېتى سېسىق دەپ قويۇلغان. ماڭا غەلىتە تۇيۇلغىنى كىشىلەرنىڭ شۇنچە سېسىق گەپلەرنى تورمۇ تور، مۇنبەرمۇ مۇنبەر كۆچۈرۈپ سازايى قىلىپ يۈرۈشى بولدى. بۇ خۇددى سېسىقچىلىقتا تۇرغان كىشىنىڭ بۇرنى بەتبۇيغا كۆنۈپ كەتكەندەك بىر ئىش بولسا كېرەك. ئەلۋەتتە سېسىق گەپ دېيىلىۋاتقانلار ئىچىدە ئادەتتىكى يۇمۇرلارمۇ يوق ئەمەس، ئەمما خۇددى بىر تال چىۋىن بىر قازان ئاشنى ھارام قىلغاندەك، شۇنداق يۇمۇرلارنىڭ ئارىسىغا كىشىنىڭ ئۆتىنى يېرىۋەتكىدەك بىر نەچچە ئاغىز مەسخىرە قوشۇلسا ئاڭلىغۇچى بىئارام بولماي قالمايدۇ. مەسىلەن، گىلەم ئالغىنى كەلگەن كىشىنى بورا بازىرىغا بۇيرۇپ قويغانلىق، كىيىم ئالماقچى بولغان دېھقانغا ئەسكى بازىرىنى كۆرسىتىپ قويغانلىق سېپى ئۆزىدىن تەربىيەسىزلىك ۋە رەسۋالىقتۇر. بۇ ئەمەلىيەتتە دەپ يۈرگۈدەك ياكى بىر ئادەم دەپ بەرسە ئاڭلاپ كۈلۈپ كەتكۈدەك، تارقاتقۇدەك بىر گەپ ئەمەس.

ماڭا ئەڭ تەسىر قىلغان بىر ئىش بۇندىن يەتتە يىل بۇرۇن قەشقەر يېڭى بازاردىكى يۈز بەرگەن. قاتتىق سوغۇق بولغان بىر كۈنى گىلەم بازىرىدا كادىر سۈپەت كېيىنگەن ئاچا ئۇكىدەك كۆرۈنىدىغان ئىككى ئۇيغۇر خەنزۇچە گەپ قىلىشىپ گىلەم كۆرگىلى تۇرۇپتۇ. ئۇلار گىلەملەرنى كۆرۈپ بولغاندىن كېيىن نېمىشقا ئۇيغۇر تۇرۇپ بىر بىرىگە خەنسۇچە گەپ قىلىشقانلىقىنى سورۇدۇم. ئۇلار ساتقۇچىنىڭ ئۇلارنىڭ گىلەم ھەققىدىكى پاراڭلىرىنى ئاڭلاپ چۈشىنىۋېلىپ سېسىق گەپ قىلىشدىن قورقۇپ خەنسۇچە پاراڭلىشىپتۇ. بۇ يىل يازدا ئۈرۈمچىدىن قەشقەرگە ساياھەتكە كەلگەن ئىككى ئۇيغۇر ئايال قايتارشىدا قەشقەردىن چوڭلارغا سوۋغات ئالماقچى بولۇپ يېڭى بازارغا بېرىپتۇ. بىر قانچە دۇككاندا دۇكاندارلارنىڭ سېسىق گەپلىرىگە چىدىيالماي ئاخىرى ئۆزىنى خەنسۇ دەۋېلىشقا مەجبۇر بولۇپتۇ. سورۇسام خەنسۇ بولۇۋېلىپ ئىككى جەھەتتىن ئۇتقانلىقىنى ئېيتىشتى، بىرى ئۇيغۇرچە گەپ قىلمسا قەشقەرلىك ئەمەسلىكى چانمايدىكەن سودىدا قويۇلۇپ كەتمەيدىكەن. يەنە بىرى سېسىق گەپ ئاڭلاپ دىلى غەش بولمايدىكەن. مەنمۇ تىجارەتچىلەرنىڭ سېسىق گەپلىرىنى ئاڭلىغان. بىر كۈنى ئانام قەشقەردە بىر ساتارمەن 30 سوم دېگەن سومكىنى 15سوم دەپ تاشلىغانغا ساتارمەننىڭ ”ما يېرىمىنىمۇ يا“ دېگەن سېسىق گېپىنى ئىشىتكەنىدى.

2008-يىلى ئايالىم بىلەن ئۈرۈمچىدە بىر سودا سارىيىغا كىردۇق. ئايالىم ساتارمەندىن بىر ئاياققا قويۇلغان باھانى چۈشۈرۈپ بېرىشنى ئېيتتى. ھېلىقى خەنسۇ پىرگازچىك ”دوڭكۆۋرۈكتىكى بازارغا بار، بۇنىڭدىمۇ ئەرزىنىنى ئالالايسەن“ دېدى ئاغزىنى پۈرۈشتۈرۈپ. شىكايەت قىلاي دەپ خوجاينىنى سورۇسام ئۆزى شۇكەن. دەردىمنى ئىچىمگە يۇتۇپ كەتمەكتىن باشقا چارە بولمىدى. شۇندىن كېيىن خەنسۇچىدىكى ئۇيغۇرچىدىن قوبۇل قىلىنغان ”بازار“، ”بالاڭزا“، ”گۇلى“ دېگەن سۆزلەرنىڭ كىنايە مەنىسى بارلىقىغا دىققەت قىلدىم. بۇ سۆزلەر كىنايىلىك مەنىدە كەلگەندە پىت بازىرى، ئوغرى، تەنساتار دېگەنلەرنى بىلدۈرىدىكەن.

مەنچە ۋەتەندىكى بۇنداق سېسىق سۆزلەشتىن ئىبارەت تىل ئادىتىنىڭ ھىچ قانداق يۇرت كىشىلىرى بىلەن مۇناسىۋىتى يوق. ئەگەر ھەممىمىز سۆزلەۋاتقان تىلنىڭ ئۇيغۇر تىلى ئىكەنلىكىدىن شۈبھىمىز بولمىسا تەنىلىك سۆزلەش ئادىتى ھەممىمىزدە بار. پەقەت ”قەشقەرلىقنىڭ سېسىق گەپ قىلىدۇ “ دېگەن چۈشەنچە تاراپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن باشقا ئۇيغۇر دېسە ھىچ قانداق غەلىتە تۇيۇلمىغان بىر سۆز قەشقەرلىك ئۇيغۇرنىڭ ئاغزىدىن چىقسىلا ”سېسىق“ گەپتەك بىلىنىپ كەتكەن بولۇشى مۇمكىن. بۇندىن باشقا بۇ پۇل، ئىمتىياز، ھوقۇق ھەممە نەرسىنىڭ ئۆلچىمىگە، ھاكىمىغا، باش پاناھىغا، قازىسىغا ئايلىنىپ قېلىۋاتقان جەمئىيەتتە كېلىپ چىقىدىغان مۇقەررەر ھادىسە. شەھەر بىلەن يېزا پەرقى چوڭۇيۇپ كەتكەن، باي كەمبەغەللىك پەرقى ئىجتىمائىي ئورۇن پەقى، ئىمتىياز پەرقى سۈپىتىدە شەكىللىنىۋاتقان جەمئىيەتتە پۇل، ھوقۇق ۋە ئىمتىيازغا خوجايىن بولالمىغان كىشى ئاشۇنداق سېسىق گەپ، مەسخىرىلىك مۇئامىلە ۋە بىشارەتلىك كەمسىتىشلەرگە دۇچار بولۇپ تۇرىدۇ. كەمستىلگۈچى كەمسىتىش ئەۋج ئالغان موھىتتا ياشاۋېرىپ ئۆزىنىڭ كەمسىتكۈچىگە ئايلىنىپ قالغانلىقىنى سەزمەيلا قالىدۇ. كىشىلەرنىڭ ئىچىدە نېمە سېسىغان بولسا تېشىغا شۇ چىقىدۇ. قەشقەردە دېيىلمەي سېسىغىنى گەپ بولسا تىلغا شۇ چىقىدۇ-دە! نەدە گەپ دېيىلمەي سېسىغان بولسا، نەدە گەپتىن تۈك ئۈندۈرۈش ئەۋج ئالغان بولسا، نەدە ئۇدۇل دېيىلگەن گەپ كىشىنى دەرتكە مۇپتىلا قىلسا شۇ يەردە گەپ سېسىيدۇ. ئەگەر يۈسۈپ خاس ھاجىپ بوۋىمىز دېگەندەك ئادالەتلىك قانۇن ھەممەيلەننىڭ مەڭزىگە قۇياشتەك ئايرىماي نۇر چاچالىغان بولسا، بۇنداق سېسىق سۆزلەيدىغانلار كىشىلەرنىڭ ئەيپلىشىگە ئۇچرىغان، تىگىشلىك جازاسىنى تارتقان بولاتتى. ئامېرىكىدا خېرىدارغا سېسىق سۆزلىگەن ساتارمەن يىنىك بولغاندا ئىشتىن بوشۇتۇلىدۇ، باشقىلارنى مەسخىرە قىلغۇچى سوتقا تارتىلىپ روھىي تۆلەپ تۆلەيدۇ. ئامېرىكىدا روھىي تۆلەم جىسمانىي تۆلەمدىن نەچچە ھەسسە ئېغىر بولىدۇ. مانا بۇ ئامېرىكىدا سېسىق گەپنىڭ ئازلىقىغا سەۋەپ بولغان ئەڭ چوڭ ئامىل.

سېسىق گەپ يەنى تەنىلىك، مەسخىرىلىك، بىشارەتلىك گەپلەرنى ئامېرىكىلىقلارمۇ، ئۇيغۇرلارمۇ قىلىدۇ. ئەمما بۇ سۆزلەرنىڭ دېيىلىش قېتىم سانى، ئورنى ۋە ئوبىكتى ئوخشىمايدۇ. ئامېرىكىدا كىنايىلىك سۆزلەرنى مەن جوڭگۇدا ئۇزاق تۇرغان، ئۇيغۇر تىلىنى مۇكەممەل بىلىدىغان ئامېرىكىلىقلاردىن باشقىلارنىڭ ئاغزىدىن ئاڭلىمىدىم. بەلكىم ماڭا ئۇچرىمىغان بىلەن باشقىلارغا ئۇچرىغاندۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ ئاغزىدىنمۇ بۇ ھەقتە ئاڭلىمىدىم. دېمەك سېسىق گەپلەرنىڭ دېيىلىش قېتىم سانى، دېيىلىدىغان سورۇن، ئاڭلايدىغان كىشى ئامېرىكىدا ئاز. نېمە ئۈچۈن؟ ئەمەلىيەتتە ۋەتەندە كىشىلەرنىڭ سېسىق گەپ قىلىشى پىسخىك بوشۇنۇش جەريانى بولۇشى مۇمكىن. ۋەتەندە بىر كىشى بىر خىزمەتكە بىر كىرسە ياخشى كۆرسۇن، كۆرمىسۇن، ماس كەلسۇن كەلمىسۇن ئىشلەشكە مەجبۇر. بىر ئۇششاق تىجارەتچى ئىجارىنىڭ ئېشىپ كېتىشى سەۋەبلىك دۇككاننى تاقاپ قويالمايدۇ، بىر دېھقاننىڭ بالىلىرى كۆپەيسىمۇ، مال باھاسى ئۆسسىمۇ كۆپەيمەيدىغان ”تۆمۈر“ يەردىن باشقا ھىچ نېمىسى يوق، بۇنداق كىشىلەرنىڭ قەلبى نارازىلىق، زېرىكىش، ئۈمىدسىزلىك، قارشىلىق بىلەن تولۇپ كەتكەن. بۇلار بۇ پىسخىك چىڭقاقلىرىنى ئاشكارىلاشنىڭ يوللۇق شارائىتىغا ئىگە ئەمەس، شۇڭا باشقىلارغا سېسىق گەپ قىلىش ئارقىلىق كۆڭلىدىكى تېشىغا چىقىرالمىغان نارازىلىقلىرىنى ئىپادىلەپ بېسىقىغا چۈشىدۇ. كىشىلەرنىڭ ئىچىدە گەپلەر دېيىلمەي بىقسىپ كېتىدۇ- دە، پەقەت بولالماي ئىچى ئېلىشىپ تۇرغاندا سىزگە، ماڭا ياكى ئۇنىڭغا سېسىق چاچرىتىدۇ. بۇنى ئۇيغۇرلار ”ئېشىەككە كۈچۈڭ يەتمىسە ئۇر توقۇمىنى “ دەپ خۇلاسىلىگەن.


ئابدۇۋىلى ئايۇپ گۈلەن يازمىلىرى

ئابدۇۋىلى ئايۇپ يازمىلىرى

گۈلەن يازمىسى

گۈلەن يازملىرى