ئامېرىكىنىڭ تېلېۋىزوردا شىركەت قۇرغۇچىلارغا ياردەم قىلىشى

ئورنى Wikipedia

ئامېرىكىنىڭ تېلېۋىزوردا شىركەت قۇرغۇچىلارغا ياردەم قىلىشى

بىلىمخۇمار 2013-9-21

تۈنۈگۈن ئىزدىنىش تورىدىكى «atella0997» ئىسىملىك بىر ئۇكىمىز مەن يازغان «مارستا ھازىر ھاياتلىق بولماسلىقى مۇمكىن» دېگەن تېمىغا ئىنكاس يېزىپ، مۇنداق دەپتۇ: «ئالدىراشلىق ئىچىدىن ۋاقىت چىقىرىپ يوللىغان بىلدۈرگۈڭلەرگە كۆپ رەھمەت. بولسا سانائەت ،ئېلېكتىرون ۋە ياساش كەسپىگە ئالاقىدار بىلىملەرنىمۇ يوللىغان بولساڭلار، ھازىرچە بىزلەرگە كائىنات بىلىملىرىگە قارىغاندا سانائەت بىلىملىرى ناھايىتى مۇھىم دەپ قارايمەن، گەرچە كائىنات بىلىملىرى ئۆز كەسپىڭلار بولسىمۇ، سانائەت بىلىملىرىگە بولغان نەزەر دائىرەڭلار يەنىلا بىزدىن ئۈستۈن تۇرىدۇ.» مەن بۇ تەكلىپنى ئىنتايىن ئورۇنلۇق كۆردۈم. بۇ تەكلىپنى ئورۇنلاش يولىدا قانداق قىلسام بولىدىغانلىقى ھەققىدە ئويلىنىش جەريانىدا، ئېسىمگە ئامېرىكا تېلېۋىزورىدا ھەر ھەپتىسى بىر قانچە قېتىم قويۇلۇۋاتقان «لەھەڭلەر كۆلچىگى»(Sharks Tank) دېگەن پروگرامما كېلىپ قالدى. شۇنىڭ بىلەن ۋەتەندىكى قېرىنداشلارغا مۇشۇ پروگراممىنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇپ قويۇشنى مۇۋاپىق كۆردۈم. بۇ پروگراممىنى ئامېرىكىدىكى ئەڭ چوڭ مەملىكەتلىك تېلېۋىزور شىركىتىنىڭ بىرى بولغان «ABC» شىركىتى ئوتتۇرىغا چىقارغان بولۇپ، بۇ يەردىكى «ABC» دېگەن ئىسىم ئىنگلىزچە «American Broadcasting Company»(ئامېرىكا ئاڭلىتىش شىركىتى) دېگەن سۆزنىڭ باش ھەرىپىدىن تۈزۈلگەن ئىسىمدۇر.

بۇ پروگراممىدىكى «لەھەڭلەر» بىر گۇرۇپپا مەبلەغ سالغۇچىلارغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. بۇ كىشىلەر ئەسلىدە پۇلى ئانچە كۆپ ئەمەس كىشىلەر بولۇپ، ئۆزلىرى قاتتىق تىرىشىپ، شىركەت قۇرۇپ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇپ، شۇ ئارقىلىق مىليونېر ۋە مىلياردېر بولغان 5-6 كارخانىچىلاردىن تەركىپ تاپقان. بۇ تېلېۋىزور پروگراممىسىدا ئامېرىكىدىكى بىر يېڭى مەھسۇلات ياكى بىر يېڭى شىركەت توغۇرلۇق بىرەر يېڭى ئىدىيە تاپقان، ياكى بىر يېڭى مەھسۇلاتنىڭ سىناق نۇسخىلىرىنى ئىشلەپ چىققان ياشلار مۇشۇ «لەھەڭلەر» نى ئىزدەپ كېلىدۇ. بىر قېتىمدا بىر ياكى بىر گۇرۇپپا ياشلار بىر بىزەلگەن ئۆينىڭ ئىچىدە قاتارى ئولتۇرغان 5-6 مەبلەغچىلەرنىڭ ئالدىغا كېلىپ، ئۆزىنىڭ يېڭى مەھسۇلات ياكى يېڭى شىركەت ھەققىدىكى ئىدىيىسىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. سىناق تەرىقىسىدە ياسالغان ياكى بىر قىسمى سېتىلغان مەھسۇلاتلىرىنى ئاشۇ لەھەڭلەرگە كۆرسىتىدۇ ۋە چۈشەندۈرىدۇ. ئاندىن ئاشۇ لەھەڭلەردىن ئىستەيدىغان مەبلەغنىڭ مىقتارى بىلەن شەرتىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. مەسىلەن، شىركەت قۇرغۇچىلارنىڭ شەرتى مۇنداق بولىدۇ: «ماڭا يۈز مىڭ دوللار مەبلەغ لازىم. بۇ پۇلنى پالانى، پالانى ئىشلار ئۈچۈن ئىشلىتىمەن. بۇنىڭ ھەققى ئۈچۈن سىزگە شىركەتنىڭ 10 پىرسەنتىنى بېرىمەن.» ئۇنىڭدىن كېيىن ھېلىقى 5-6 مەبلەغچىلەر بىردىن-بىردىن سۆزلەپ، شىركەت قۇرماقچى بولغانلاردىن سوئال سورايدۇ. بۇ سوئاللار ھېلىقى مەھسۇلاتنىڭ بازار كۆلىمى، يىللىق كىرىمى، رىقابەتچىلىرى، تارقىتىلىش ئۇسۇللىرى دېگەندەك ئىشلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ بىر مەھسۇلات ياكى شىركەتكە قىزىقىدىغانلار يۇقىرىغا ئوخشاش ئىنچىكە سوئاللارنى سورايدۇ. ھەمدە شىركەت قۇرغۇچى بىلەن سودىلىشىدۇ. مەسىلەن، يۇقىرىدىكى شىركەت قۇرغۇچى ئوتتۇرىغا قويغان شەرتكە نىسبەتەن «مەن ساڭا يۈز مىڭ دوللار بېرىمەن، ئەمما ئۇنىڭ ئۈچۈن ماڭا شىركەتنىڭ 30 پىرسەنتىنى بېرىسەن.» بۇ شىركەت ياكى مەھسۇلاتقا ئىشەنمەيدىغانلار بولسا، ئۆزىنىڭ كۆز قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، «مەن بۇ ئىشقا قاتناشمايمەن» دەپ ئۆزىنى بىر چەتكە ئالىدۇ. مۇشۇنداق بىر جەريان ئارقىلىق بەزى مەھسۇلات ياكى يېڭى شىركەت شۇ مەيداننىڭ ئۆزىدىلا بىر مەبلەغ سالغۇچىغا ۋە زۆرۈر بولغان مەبلەغ پۇلىغا ئېرىشىدۇ. بەزىلىرى بولسا ھېچنېمىگە ئېرىشەلمەي، بۇ سورۇندىن قۇرۇق قول قايتىدۇ. بۇ پروگراممىغا مېنىڭ ئىككى بالامنىڭ ھەر ئىككىسى ئىنتايىن قىزىقىدۇ. مېنىڭچە بۇ پروگراممىغا قىزىقىدىغانلار ھەقىقەتەن كۆپ. ئۇنداق بولىشىدىكى سەۋەب، ئەگەر سىز بىر مەبلەغ سالغۇچى بولسىڭىز، مۇشۇنداق بىر جەريان ئارقىلىق، بىكار ياتقان پۇلىڭىزدىن قىممەت يارىتىدىغان بىر يېڭى پۇرسەتكە ئىگە بولالايسىز. ئەگەر سىز بىر يېڭى شىركەت قۇرۇشنى ئىستەۋاتقان بىرسى بولسىڭىز، مۇشۇ پروگرامما ئارقىلىق، قانداق مەھسۇلاتنى ئوتتۇرىغا چىقارسا مەبلەغگە ئېرىشىش ۋە شىركەتنى ئوڭۇشلۇق قۇرۇپ چىقىشتا مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغىلى بولىدىغانلىقىنى بىلىۋالالايسىز. مەزكۇر پروگرامما 2012- ۋە 2013-يىللىرى ئامېرىكىدا چىققان رېئاللىقنى كۆرسىتىدىغان پروگراممىلار كاتېگورىيىسىدە بىر قانچە دۆلەتلىك مۇكاپاتقا ئېرىشىپتۇ.

مەن ئۇيغۇر دىيارىدىكى قېرىنداشلاردىن ئۇيغۇر دىيارىدىمۇ مۇشۇنداق قىلىش ئىمكانىيىتىنىڭ بار-يوقلىقى ھەققىدە بىر ئاز ئىزدىنىپ بېقىشىنى سورايمەن. ھازىر ئۇيغۇر دىيارىدا ئانچە-مۇنچە سەنئەتتە تالانت كۆرسىتىش مۇسابىقىلىرى بولۇپ تۇرىدىكەن. بۇنداق پروگراممىلاردىن ئامېرىكىدىمۇ 5-6 سى بار بولۇپ، ئۇلار كىشىلەرنى ئىنتايىن جەلپ قىلىدۇ. شۇڭا بۇنداق پروگراممىلارنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىمۇ بولۇپ تۇرغىنى بىر ئىنتايىن ياخشى ئىش. ئوخشىمايدىغان يېرى، ئامېرىكىدا يالغۇز سەنئەتلا ئەمەس، ئىنسانلار ئىگە بولغان ھەر خىل تالانتلارنىڭ ھەممىسى ئاشۇنداق تالانت كۆرسىتىش پروگراممىلىرىدا كۆرسىتىلىدۇ. شۇڭا ئۇلار ئىنتايىن رەڭدار كېلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئامېرىكىدا ئەقلىي كۈچ بىلەن بىلىم كۈچى ۋە بىلىم دائىرىسىنى نامايان قىلىدىغان، مەملىكەتلىك تېلېۋىزورلاردا نەق مەيداندىن كۆرسىتىلىدىغان پروگراممىلاردىنمۇ ئوخشاش مىقداردا بار. مېنىڭچە ئۇيغۇرلار ئۆزىنىڭ تەقدىرىنى ياخشىلايمەن دەيدىكەن، بۇنىڭدىن كېيىن مۇنداق ئىككى ئىشنى جىددىي تۇتۇش قىلىپ قىلىشى كېرەك: (1) يىپەك يولى مەدەنىيىتىدىن كېلىپ چىققان ھورۇنلۇق خاراكتېرىنى يوقىتىش (مەسىلەن، ئۆزى مەھسۇلات چىقارماي، بىر نەرسىنى بىر يەردىن بىر سومغا ئېلىپ، ئۇنى يەنە بىر يەردە ئىككى سومغا سېتىپ جان بېقىشقا ئۇرۇنۇش خاراكتېرى). (3) مائارىپ ساپاسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈش. مەن ئۇيغۇر دىيارىدىكى قېرىنداشلاردىن بۇ ئىككى مەسىلە ئۈستىدە ئەستايىدىل ئويلىنىپ بېقىشىنى سورايمەن.

ئەمدى ئەسلىدىكى تېمىغا كەلسەك، مەن يۇقىرىدىكى ئۇكىمىزنىڭ تەكلىپىنى كۆرگەندىن كېيىن، بۇنىڭدىن كېيىن «لەھەڭلەر كۆلچىگى» دېگەن تېلېۋىزور پروگراممىسىنى داۋاملىق كۆرۈپ، ئۇنىڭدىكى ئۆزەم مۇۋاپىق كۆرگەنلىرى بىلەن ئۆزەم يېتىشەلىگەنلىرىنى تورلاردا قىسقىچە تونۇشتۇراي، دېگەن ئويغا كەلدىم. ئەمدى تورداشلارنىڭمۇ خەۋىرىدە بولغىنىدەك، مەندە ۋاقىت قىيىنچىلىقى ئىنتايىن يۇقىرى. ئۇنىڭ ئۈستىگە يۇقىرىدىكى ئىشنى ئامېرىكىدىكى بىرەر ئىنژېنېرلىق كەسپىدە ئوقۇغان، ئۇيغۇرچە بىلەن ئىنگلىزچىنى پۇختا بىلىدىغان ھەر قانداق ئادەم قىلالايدۇ. شۇڭلاشقا ئامېرىكىدا مۇشۇ ئىشنى قىلىپ بېرەلەيدىغان قېرىنداشلاردىن بىرەرسى ياكى بىر قانچىسى بولسا، ناھايىتى ياخشى بولاتتى. مەزكۇر يازمىنى ئوقۇغان ئامېرىكىدىكى قېرىنداشلارنىڭ بۇ ئىش ئۈستىدە ئويلىنىپ بېقىشىنى سەمىمىيلىك بىلەن سورايمەن.

دۇنيادىكى تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەرنىڭ ھەممىسىدە يېڭى تېخنولوگىيە ۋە يېڭى مەھسۇلاتلار توختىماي ۋۇجۇتقا كېلىپ تۇرىدۇ. شۇڭلاشقا چەت ئەلدىكى ئۇيغۇر ئۈچۈن بىر ئاز ئىش قىلىپ بېرىشنى ئارزۇ قىلىدىغان قېرىنداشلارنىڭ ھەممىسىدىنمۇ «atella0997» ئۇكىمىزنىڭ تەكلىپىگە ئاۋاز قوشۇپ بېرىشىنى سەمىمىي ئۈمىد قىلىمەن.

ھازىرغىچە كۆرمىگەن قېرىنداشلارغا مېنىڭ «ئوقۇغان قېرىنداشلارغا بىر تەكلىپ» دېگەن يازمام بىلەن «muhakima» ئۇكىمىزنىڭ «ئالىملىرىمىز ۋە باغداشلىقلارغا جىددى مۇراجىئەت» دېگەن تېمىسىنى بىر قېتىم ئوقۇپ بېقىشنى تەۋىسىيە قىلىمەن. ئۇلارنىڭ تور ئادرېسى: https://web.archive.org/web/20150427231440/http://bbs.bagdax.cn/thread-19793-1-1.html {{|url=https://web.archive.org/web/20150427231440/http://bbs.bagdax.cn/thread-19793-1-1.html |date=2015-04-27 }} https://web.archive.org/web/20130925043224/http://bbs.bagdax.cn/thread-19860-1-1.html {{|url=https://web.archive.org/web/20130925043224/http://bbs.bagdax.cn/thread-19860-1-1.html |date=2013-09-25 }}

بۇ تېمىنى ھېچ كىمدىن سورىماي، مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا باشقا ھەر قانداق تورغا كۆچۈرۈپ چىقارسىڭىز بولىۋېرىدۇ.


تۆۋەندىكى 1-رەسىم ھازىرقى «لەھەڭلەر كۆلچىگى» نىڭ ئەزالىرى، يەنى مەبلەغ سالغۇچىلار. 2-رەسىم بولسا شىركەتكە مەبلەغ ئېلىش ئۈچۈن لەھەڭلەر گۇرۇپپىسىنىڭ ئالدىغا كەلگەن ئىككى قىز.


http://abc.go.com/shows/shark-tank/about-the-show‏