ئاناتولىيە

ئورنى Wikipedia
ناسا تەرەفىدىن تارتىلغان ياۋروپا ۋە ئاناتولىيە (تىك تۆرتبۇلۇڭ ئىچىدىكى)

ئاناتولىيە (تۈركچە: Anadolu)، ياكى باشقا ئىسىمى بىلەن كىچىك ئاسىيا، ئاسىيا قىتئەسىنىڭ ئەڭ غەربىدە قارا دېڭىز، ئاق دېڭىز ۋە ئېگىي دېڭىزى ئاراسىغا جايلاشقان، تەخمىنەن 755,000 كلومتر²'لىق بىر رايوننى قاپلىغانتاغلىق بىر يارىم ئارالدۇر. ئوسمانلى دەۋرىدە "ئانادولۇ"نىڭ ئەنئەنەۋىي شەرقىي چىگراسى فرات دەرياسى دەپ قەبۇل قىلىناتتى. تۈركىيەدە جۇمھۇرىيەت ئېلان قىلىنپ بىرىنچى تۈرك جۇغرافىيە مەجلىسىدىن سوڭرە تۈركىيەنىڭ ئاسىيا قىتئەسىگە جايلاشقان قىسمىنىڭ تامامىنى ئوخشاش جۇغرافىيىلىك ئاتالغۇغا داخىل قىلىنغان. بۇگۈن تۈركىيەنىڭ ئاسىيا قىتئەسىدىكى ئاتى سۈفەتىدە قوللىنىلماقتا.