ئاناناس

ئورنى Wikipedia
ئاناناس مېۋىسى
ئاناناس مېۋىسى

ئاناناس تىروپىك بەلباغ مېۋىلىرىدىن بىرى بولۇپ، 70 نەچچە خىل سورتى بار، ۋۇلىڭ تېغىنىڭ جەنۇبىدىكى تۆت چوڭ داڭلىق مېۋىنىڭ بىرسى. ئاناناسنىڭ ئەسلىي ماكانى جەنۇبىي ئامېرىكا قىتئەسىدىكى ئامازون دەرياسى ۋادىسى ئەتراپىدا، 16-ئەسىردىن باشلاپ جۇڭگوغا كىرگەن. ھازىر پۈتكۈل تروپىك بەلۋاغ رايونلىرىدا تارقالغان.

ئۇيغۇرچە نامى ئاناناس
تارقالغان رايونلار ئىسسىق بەلباغ ۋە مۆتىدىل ئىسسىق بەلباغ رايونلىرى
تىپى يېپىق ئۇرۇقلۇق ئۆسۈملۈكلەر تىپى
ئائىلىسى ئاناناس ئائىلىسى
تۈرى ئاناناس
ئېنگلىزچە Ananas (ياكى Pineapple)
ئاددىيلاشتۇرۇلغان خەنچە 菠萝
تەۋەلىكى ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسى
تۈركۈمى پاراشوكسىمان ئېندوسپېرما تۈركۈمى
ئۇرۇقداشلىرى ئاناناس ئۇرۇقدىشى
لاتىنچە نامى Ananas comosus (Linn.) Merr.

ھەققىدە[تەھرىرلەش]

ئاناناسلار

ئاناناسنىڭ غولى قىسقا، يوپۇرماقلىرىنىڭ كۆپۈنچىسى تەگلىكسىمان ئۆسكەن شەكلىدە، ئۇزۇن 40-90 مىللىمېتىر، كەڭلىكى 4-7 مىللىمېتىر، چوققا تەرىپى تەدىرىجى ئۇچلۇق، پۈتۈن گىرۋەكلىك ئۇچلۇق چىشلىق، قورساق يۈزى يېشىل ، ئارقا توپى ئاچ يېشىل رەڭدە، گىرۋەك قىسمى بىلەن چوققا قىسمى كۈپۈنچە قوڭۇر قىزىل. گۈل رېتى يوپۇرماق توپى ئارىسىدىن ئۆسۈپ چىقىدۇ، شەكلى قارىغاي مەدىكىگە ئوخشاپ كېتىدۇ تەدىرىجى چوڭىيىدۇ؛ ئورىغۇچ تال بەرگىنىڭ تۈۋى يېشىل، ئۈستى يېرىم قىسمى قىزغۇچ ، ئۈچ بۇرجەك تۇخۇم شەكىللىك؛ گۈل بەرگىسى ئۇزۇنچاق ئېللىپسسىمان،ئۇچى ئۇچلۇق ئۇزۇنلىقى تەخمىنەن 2 سانتىمىتىر، ئۈستى قىسمى قىزغۇچ بىنەپشە رەڭلىك ، ئاستى قىسمى ئاق رەڭدە بولىدۇ .

ئۆسۈپ يېتىلىشى[تەھرىرلەش]

ئاناناس ئالاھىدە ئۆسۈش ئادىتى بار. مۇتلەق كۆپ ساندىكى ئاناناس تەگلىكسىمان يوپۇرماق توپى ئىگە. غۇژمەك يوپۇرماق تۈۋى شەكىللەنگەن. مۇتلەق كۆپ ساندىكى ئاناناس يەنە بىر خىل ئۆزگىچە خۇسۇسىيىتى بولسا پۈتۈن ھاياتىدا بىرلا قېتىم چېچەكلەيدۇ، چىچەكلىگەندىن كېيىن ئانىلىق تۈپ يەنە بىر بۆلەك  ئانا غول تۈۋى ياكى يىلتىز پەيدا بولۇشى بىر ياكى بىرنەچچە تۈپلىنىپ بىخلىنىدۇ.

ئاناناس تۆت قېتىملىق مېۋە يىغىۋېلىش پەسلىگە بۆلۈنىدۇ، ئەتىيازلىق مېۋىسى 4 ~ 5-ئايلاردا پىشىدۇ. يازلىق مېۋىسى 6 ~ 7-ئايلاردا پىشىدۇ. كۈزلۈك مېۋىسى 10 ~ 11-ئايلاردا پىشىدۇ. قىشلىق مېۋىسى 1 ~ 12 - ئايلاردا پىشىدۇ.

جۇغراپىيە[تەھرىرلەش]

ئاناناس ئېتىزى

ئاناناسنىڭ ئەسلىي ماكانى ئامېرىكا قىتئەسىنىڭ ئىسسىق بەلباغ رايونلىرىدۇر ، جۇڭگونىڭ يۈننەن ئۆلكىسىنىڭ جەنۇبى ، گۇاڭشى ئۆلكىسى، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى ، فۇجيەن ئۆلكىسى ، تەيۋەن قاتارلىق ئىسسىق بەلباغ ۋە مۆتىدىل ئىسسىق بەلباغ رايونلىرىدا ئۆستۈرۈلىدۇ.

باشقىلار[تەھرىرلەش]

ئاناناسنىڭ پوستى ئېلىۋىتىلگەندىن كېيىن نېمىشقا تۇز سۈيىگە چىلاپ قويۇپ ئاندىن يەيمىز ؟

ئاناناسنىڭ مېۋە گۆشى پىشقاندىن كېيىن سېرىققا ئۆزگىرىپ، مېۋە پوستى بېلىق قاسرىقى ھالىتىدە بولىدۇ، ئاناناس تەركىبىدە ئۇچۇچان مايلار، كۆپ خىل ئورگانىك كىسلاتا، قەنتلەر، ئامىنو كىسلاتاسى، ۋىتامىن قاتارلىق ماددىلار بار. تەركىبىدە يەنە سۇدا ئېرىيدىغان بىرخىل ئاقسىل فېرمىنتى بولۇپ، ئاناناس فېرمىنتى دەپ ئاتىلىدۇ.

ئاناناس تەركىبىدىكى ئاناناس فېرمىنتى سۇدا ئېرىپ ئاقسىلغا ئۆزگىرىدۇ. ئادەمنىڭ ئېغىز بوشلۇقى ۋە يۇتقۇنچاقنىڭ ئۈستۈنكى تېرە  ھۈجەيرىسى ئاناناس فېرمېنتى بىلەن ئۇچراشقاندا، ئاقسىلنىڭ سۇدا ئېرىش رېئاكسىيىسى يۈز بېرىدۇ. شۇڭا كىشىلەر ئاناناسنى سۈغا چىلاپ قويۇپ يېمىسە، ئېغىز بوشلۇقى، يۇتقۇنچاق ئاغرىش، قىچىشىشتەك سېزىم بولىدۇ. چۈنكى تۇز سۈيى ئاناناس فېرمىنتىنىڭ ئاكتىپلىقىنى چەكلەيدۇ، يەنى فېرمىنىت ئۆزىنىڭ ئاكتىپلىقىنى يوقىتىدۇ. بۇنىڭ بىلەن كىشىلەر ئاناناسنى يېگەندە بىئارام بولمايدۇ.  ئاناناسنى پۈتۈن پېتى سېتىۋالسىمۇ، پوستىنى سويىۋېتىپ تۇز سۈيىگە چىلاپ قويغىنىنى ئالسىمۇ بولىدۇ، كىشىلەر ئادەتتە سۇغا چىلاپ قويغىنىنى يېيىشنى ياخشى كۆرىدۇ، چۈنكى بۇ قولاي ھەم يېيىشلىك. ئەسلىدە ئاناناس تەركىبىدە ئورگانىك كىسلاتا بولۇپ، پىشقاندىن كېيىن ئازلىسىمۇ، ئەمما يەنە بەلگىلىك مىقداردا بولىدۇ. شۇڭا يېگەندە يەنىلا ئازراق ئاچچىق بولىدۇ. سۇغا چىلاپ قويغاندىن كېيىن، ئاناناس تەركىبىدىكى ئورگانىك كىسلاتا سۇغا ئېرىپ چىقىدۇ. شۇڭا يېگەندە بىر قەدەر تەملىك بولىدۇ. تۇز سۈيىگە چىلانغان ئاناناسنىڭ تەركىبىدىكى ئاناناس فېرمىنتى ئازلايدۇ. ئورگانىك كىسلاتامۇ ئازلايدۇ. يېگەندە شۇنداق تەملىك بولىدۇ. ئاناناس فېرمىنتى سۇدا ئېرىيدىغان ئاقسىل بولغاچقا ، ئازراقلا يەپ قويسا ئادەم تېنىدىكى ئاقسىل تۈرىدىكى ئوزۇقلۇقلارنىڭ ھەزىم بولۇشىغا ياردىمى بولىدۇ. تاماقتىن كېيىن يېسە تاماقنى ھەزىم قىلىشقا پايدىلىق. ئەمما بەك كۆپ يېمەسلىك كېرەك. بولمىسا ئادەمنى ئاسانلا ئاشقازان كېسىلى قىلىپ قويىدۇ. يېمەكلىك پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتى ئاناناستىن ئاناناس فېرمېنتى ئايرىپ ئېلىپ، ئۇنىڭدىن يېمەكلىك خۇرۇچى ۋە باشقا ماتىريال ياسايدۇ.

مەنبە[تەھرىرلەش]

  1. تور دۇنياسى