ئانا تىل

ئورنى Wikipedia

ئانا تىل دېگەن نېمە[تەھرىرلەش]

ئاناتىل بالا تۇنجى بولۇپ ئۇچرىشىدىغان تىل، ئاتا – ئانا ئىشلىتىدىغان تىل، ئۇل بولىدىغان تىل، تەپەككۇر ئىقتىدارى ۋە ئىپادىلەش ئىقتىدارىنى يېتىلدۇرىدىغان ئەمەلىي قۇدرەتكە ئىگە تىل. ئانا تىل ئويلانغاندا، چۈش كۆرگەندە، سان سانىغاندا، كۈندىلىك خاتېرە يازغاندا، شېئىر يازغاندا ئىشلىتىدىغان تىل، يوشۇرۇن ئاڭ قاتلاملىرىغا سىڭىشىپ كەتكەن تىل،ئەڭ ئىشەنچلىك ھالدا ئەركىن ئىشلەتكىلى بولىدىغان تىل،ئۆز ئەزالىرىمىز تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنىدىغان تىل.

ئانا تىل دىئالوگ ۋاسىتىسى بولۇپلا قالماي،ئوگىنىش مەزمۇنىنى چۈشىنىش ئىقتىدارىنىڭ، تەپەككۇر ئىقتىدارىنىڭ، شۇنداقلا ئادەمدەبولۇش زۆرۈر بولىدىغان ئىقتىدارلارنىڭ تەرەققىياتىدا ۋە مەدەنىيەت خاسلىقىنىڭ شەكىللىنىشىدە مۇھىم رولنى جارى قىلدۇرىدىغان تىل.

ئانا تىلنىڭ خىزمىتى[تەھرىرلەش]

ئانا تىل"ئاتا – ئانا" بىلەن "بالا" نى رىشتە بىلەن باغلايدۇ؛ ئاتا –ئانىدىن باشقا ئەتراپتىكى ئادەملەر بىلەن ئالاقە قىلىشنى ئۆگىتىدۇ؛ ئۆز ھېسسىياتى ۋە ئىرادىسىنى باشقىلارغا يەتكۈزۈشنى ئۆگىتىدۇ؛ تەپەككۇر قىلىشنى ئۆگىتىدۇ؛ ئاتا –ئانىنىڭ قىممەت قارىشىنى سىڭدۈرىدۇ؛ ئادىمىيلىكنى ئۆگىتىدۇ.

ئانا تىلنى ئىگىلەش[تەھرىرلەش]

ئانا تىلنى ئىگىلەش ھەرگىزمۇ ئاسان جەريان ئەمەس. مەسىلەن، "سۇ" دېگەن سۆزنى ئەستەتۇتۇش ئۈچۈن ئېقىۋاتقان سۇ، كۆلدىكى سۇ، يامغۇر سۈيى، ئىستاكاندىكى سۇ، مۇنچىدىكى سۇ دېگەندەك ھەر خىل مۇھىتتىكى "سۇ" لار بىلەن ئەمەلىي ئۇچراشمىسابولمايدۇ. مۇشۇ كەچمىش ئارقىلىق بالىدا "مۇشۇنداق نەرسە سۇدېيىلىدىكەندە" دېگەن پەرەز شەكىللىنىدۇ، ئەمەلىيەتتە ئىشلىتىپ باشقىلارنىڭ ئىنكاسىغا قاراپ ئۆز پەرىزىگە ئېنىق ھۆكۈم قىلىدۇ. مۇشۇنداق مەشغۇلاتنى تەكرارئېلىپ بېرىش ئارقىلىق "سۇ" دېگەن سۆزنىڭ ئەمەلىي ئىشلىتىش دائىرسىنى بېكىتىدۇ.

ئانا تىلىنى"كۈندىلىك دىئالوگ ئېلىپ بارالىسىلا، مۇشۇ جەرياندا تەبىئىي ئۆگىنىپ كېتىدۇ" دەپ ئويلاش خەتەرلىك. بالىغا ئانا تىل تەربىيەسى ئېلىپ بېرىشقامۇۋاپىق كېلىدىغان ياش ۋە مەزگىل بولىدۇ. ئاشۇ ياخشى پۇرسەت كېتىپ قالسا، ئانا تىل تەربىيەسى ئاتا – ئانا ۋە بالىدا زور ئىنېرگىيە بولىشىنى تەلەپ قىلىدۇ. تۆۋەندە ئانا تىل تەربىيەسىگە ماس كېلىدىغان ياش ۋە مەزگىل ھەققىدە چۈشەنچە بېرىلىدۇ.

ياش ۋە ئانا تىلنىڭ شەكىللىنىىشى[تەھرىرلەش]

گەرچە تۆۋەندىكىلەر كەسپىي مەزمۇنلاربولسىمۇ، ئىككىنچى تىل مائارىپىدا ئۇل بولىدىغان ئانا تىلنىڭ قانداق شەكىللىنىدىغانلىقىنى بىلگىسى بارلار ئۈچۈن بايان قىلىمەن:

بىرىنچى: تىل شەكىللىنىشتىنئىلگىركى مەزگىل[تەھرىرلەش]

0 ياشتى 2ياشقىچە، بۆشۈكتىكى مەزگىل (ئاتا – ئانىلا سۆزلەيدىغان مەزگىل):بۇ مەزگىلدە ئاتا – ئانىنىڭ مېھىر – مۇھەببەت بىلەن ساپ ئانا تىلدا (ئىشەنچكە تولغان تىلدا)بوۋاققا گەپ قىلىشى ھەممىدىن مۇھىم.

3 ياشتىن4 ياشقىچە، بالا ئۆيى مەزگىلى (تىلى ئۆزلىكىدىن ئىشلىتىپ ئەتراپتىكى مۇھىت بىلەنئاكتىپ ئۇچرىشىدىغان مەزگىل ):بۇ مەزگىلدە بالىنىڭ سۆزلىكى كۈندىن كۈنگەكۆپىيىدىغان بولۇپ، تىل ئارقىلىق ھېسسىياتنى ئىپادىلەشنى، تىل ئارقىلىق ئويلىنىشنى ئۆگىنىدۇ. بىر مەدەنىيەتنىڭ ۋارىسى بولۇشمۇ مۇشۇ چاغدا بەلگىلىنىدۇ. مۇشۇ مەزگىلدىكى "پاراڭلىشىش" بەكلامۇھىم. قانداقلا "پاراڭلىشىش" بولسۇن بۇنىڭ مەكتەپكە كىرگەندىن كېيىنكى نەتىجە بىلەن زىچ مۇناسىۋېتى بار. سانغا قارىغاندا سۇپەت بىلەن بولغان مۇناسىۋېتى كۈچلۈك.

5 ياشتىن6 ياشقىچە، دوستلىرى بىلەن ئوينايدىغان مەزگىل (ئىجتىمائىيلىقى تەرەققىي قىلىپ قۇرداشلىرى بىلەن ئوينىيالايدىغان مەزگىل):بۇ مەزگىلدە ئىجتىمائىيلىقى تەرەققىي قىلىدىغان بولۇپ، "پەرەزلىك ئويۇن" ئوينىيالايدىغان، كوللېكتىپ تۇرمۇشقا كىرەلەيدىغان بولىدۇ. تىلنى تەھلىل قىلىش ئىقتىدارى شەكىللىنىدىغان بولغاچقا، سۆز ئويۇنىنىمۇئوينىيالايدىغان بولىدۇ. يېزىققا نىسبەتەن قىزىقىش پەيدا بولىدىغان بولغاچقا، بۇمەزگىلدە ھەر كۈنى كىتاب ئوقۇتۇش مۇھىم ئىش ھېسابلىنىدۇ.

ئىككىنچى: تىل شەكىللەنگەندىن كېيىنكى مەزگىل[تەھرىرلەش]

7 ياشتىن 8 ياشقىچە، مەكتەپتىكى دوستلىشىش مەزگىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىمى(ئاتا – ئانىسىدىن كۆرە مەكتەپتىكى دوستلىرىنىڭ تەسىرىنى بەكرەك قۇبۇل قىلىدىغان مەزگىل): بۇ مەزگىل ئېغىز تىلى پىششىقلىنىدىغان، ئوقۇش – يېزىشنىڭ ئاساسىنى سالالايدىغان مۇھىم مەزگىل. بۇ مەزگىلدە بالىغا نىسبەتەن ئاتا – ئانىغا قارىغاندا دوستلىرى مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ، ئەمما يەنىلا ئاتا – ئانا بىلەن بالىنىڭ پاراڭلىشىشى، پىكىرئالماشتۇرىشى مۇھىم بولۇپ، بىرلىكتە تېلىۋىزور كۆرۈش، بىرلىكتە كىتاب ئوقۇش شەكلىدە پاراڭلىشىش بالىنىڭ تىل قابىلىيىتىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ.

9 ياشتىن12 ياشقىچە، مەكتەپتىكى دوستلىشىش مەزگىلىنىڭ كېيىنكى يېرىمى (ئاتا – ئانىسىدىن كۆرەمەكتەپتىكى دوستلىرىنىڭ تەسىرىنى بەكرەك قۇبۇل قىلىدىغان مەزگىل) : باشلانغۇچ 3 –يىللىق ئەتراپىدا بالىدا ئۆز كۈچىگە تايىنىش ھېسسىياتى ئۇرغۇيدۇ، ئۆز – ئۆزىنى ئويغىتىدۇ، ئۆگىنىشكىمۇ ئۆزلىكىدىن ئىنتىلىدىغان بولىدۇ. بۇ مەزگىلدە ئوقۇپ چۈشىنىش ئىقتىدارى يېتىلىدىغان بولۇپ، ئابستراكىت مەزمۇنلانىمۇ چۈشىنەلەيدىغان بولىدۇ.

ئۈچىنچى: تىلنىڭ شەكىللىنىش مەزگىلى ئاخىرلاشقاندىن كېيىنكى ۋاقىت[تەھرىرلەش]

13 ياشتىن 15 ياشقىچە، مەھەللىلەشكەن مەزگىل:بۇ مەزگىل مەكتەپ تۇرمۇشى ئارقىلىق مەزكۇر رايوندا يىلتىز تارتىدىغان مۇھىم مەزگىل. بۇ مەزگىلدىكى ئەڭ مۇھىم بولغان نەرسە دوستلاركوللېكتىپىدۇر. شۇڭا، مۇشۇ مەزگىلدە تىل ئارقىلىق پىكىر ئالماشتۇرۇش ۋە ئالاقىلىشى كىشىلىك تەرەققىياتتا مۇھىم رول ئوينايدۇ.

ئىككىنچى تىل مائارىپىدىكى ئاناتىلنىڭ رولى[تەھرىرلەش]

ھەرقانداق ئىشتائاساس مۇھىم بولغىنىدەك، تىل ئۆگىنىشتىمۇ ئانا تىل (دەسلەپكى تىل ) مۇھىم رول ئوينايدۇ. ئانا تىل ئاساسىنىڭ پۇختابولىشى ئىككىنچى تىلنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئىگىلەشنىڭ ئاچقۇچى. ئىككىنچى تىلنى ئۆگىنىش مۇۋەپپەقىيەتلىك بولسا، ئۈچىنچى، تۆتىنچى چەت ئەل تىللىرىنى ئۆگىنىشمۇ تېزلىشىدۇ. ھالبۇكى، ئانا تىلدىكى يېرىم – يارتىلىق باشقا تىللارنى چالا – بولائۆگىنىشكە ئۈندەيدۇ. بۇ يەردە ئانا تىلنىڭ ئۇلىنى پۇختا سېلىش ئىنتايىن مۇھىم.ئانا تىل ۋە ئانا مەدەنىيەتنىڭ ئاساسىنى سېلىۋاتقان مەزگىلدە ئىككىنچى تىل مۇھىتىغاكىرىش ئانا تىل ۋە ئانا مەدەنىيەتنىڭ تەرەققىياتىنى چۈشەپ قويىدۇ.

مەنبە:ياپونچىدىن تەرجىمە قىلغان يازما