Jump to content

ئانا سۈتى

ئورنى Wikipedia
ئانا سۈتى

ئانا سۈتى دۇنيادىكى بالىلارنىڭ يېتىلىشىگە ئەڭ پايدىلىق تەبىئىي يېمەكلىك، بالا تۇغۇلغاندىن كېيىنكى ئالتە ئاي ئىچىدە ئېھتىياجلىق بولغان بارلىق ئوزۇقلۇق بىلەن تەمىنلەيدۇ. شۇنداقلا ئۇ بۇلغانمىغان ساپ ئوزۇقلۇق بولۇپ، ھېچقانداق يېمەكلىك بۇ جەھەتتە ئۇنىڭغا يېتەلمەيدۇ.

ئانا سۈتى

[تەھرىرلەش]

ئانىنىڭ كۆزى يورۇپ بەش كۈن ئىچىدە چىققان سۈت ئوغۇز سۈت دېيىلىدۇ. بەش كۈندىن ئون كۈنگىچە چىققان سۈت ئۆتكۈنچى سۈت دېيىلىدۇ، ئون كۈندىن كېيىن چىققان سۈت پىشقان سۈت دېيىلىدۇ. ئون ئايدىن كېيىن ئاجرىتىلىپ چىقىرىلغان سۈت ئاخىرقى سۈت دېيىلىدۇ، ئوغۇز سۈت قويۇق سارغۇچ بولۇپ، ماي تەركىبى ئاز. ئاقسىل مىقدارى كۆپ بولۇپ، ئىممۇنىتېتلاش ئىقتىدارىغا ئىگە. ئاقسىل ماددىسىنىڭ مېتابولىزم مەھسۇلاتى بىلەن قانغا كىرىشنى توسۇيدۇ. زىيادە سېزىم ئىنكاسىنىڭ يۈز بېرىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. ئۇنىڭ فوسفور، ناترىي، ۋىتامىن A، ۋىتامىن E تەركىبى يۇقىرى. بىراق، ئۆتكۈنچى سۈت ۋە پىشقان سۈتنىڭ ماي مىقدارى يۇقىرى بولۇپ، ئاقسىل ماددىسى ۋە ئانئورگانىك تۇزلارنىڭ مىقدارى بارغانسېرى ئازلايدۇ. ئاخىرى سۈتتىكى تەركىبلەر بارغانسېرى تۆۋەنلەپ، ئاجرىتىلىپ چىقىرىلىشىمۇ بارغانسېرى ئازلايدۇ.

ئانا سۈتى ھەققىدە

[تەھرىرلەش]

ھازىرقى زامان ئىلمىي تەتقىقاتلىرىنىڭ ئىسپاتلىشىچە، ئانا سۈتى بىلەن بېقىلغان بالىلارنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارى تەييار سۈت بىلەن بېقىلغان بالىلارنىڭكىگە قارىغاندا يەتتە ئۈلۈشتىن 10 ئۈلۈشكىچە يۇقىرى تۇرىدىكەن. مانا بۇ بالىنى ئانا سۈتى بىلەن بېقىشنى تەشەببۇس قىلىشنىڭ سەۋەبلىرىنىڭ بىرى. ئانا سۈتىنىڭ تەركىبىدە چوڭ مېڭىنىڭ يېتىلىشىگە پايدىلىق ماددىلار بار، DHA دەپ ئاتىلىدىغان بىر ياغ كىسلاتاسى بولۇپ، ئۇ ۋە باشقا بىر قىسىم ياغلار يىلىك فوسفاتىدقا (چوڭ مېڭىگە ئۇچۇر يەتكۈزىدىغان ماددا) ئېھتىياجلىق بولغان ماددىلارنى تەمىنلەپ، چوڭ مېڭىنىڭ يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. مول بولغان خولېستېرىن چوڭ مېڭىنىڭ يېتىلىشى ۋە ھورمۇنلاردىكى ۋىتامىن D قاتارلىقلارنىڭ شەكىللىنىشىدىكى ئاساسىي تەركىبىي قىسىم، ئانا سۈتىدىكى سۈت شېكىرى ئاجرىتىلغاندىن كېيىن پەيدا بولغان يېرىم سۈت شېكىرى مېڭە گۇرۇپپىلىرىنىڭ يېتىلىشىدىكى مۇھىم ئوزۇقلۇق ماددىلارنىڭ بىرى. تېخىمۇ مۇھىم بولغىنى، ئانا سۈتى بىلەن باققاندا ئانا-بالا ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت يېقىنلىشىدۇ. ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇلىدۇ، ئانىنىڭ بالىغا بولغان چەكسىز كۆيۈنۈشى بىۋاسىتە ئانا سۈتىنىڭ سۈپىتىگە شۇنداقلا بىۋاسىتە بوۋاقنىڭ چوڭ مېڭىسىنىڭ ئۆسۈشىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ.

ئالاھىدىلىكى

[تەھرىرلەش]

ئالاھىدىلىكى شۇكى: ئانا سۈتى بىۋاسىتە سۈت بەزلىرى ھۈجەيرىسى ئىچىدە پەيدا بولىدۇ، دېزىنفېكسىيە قىلىش ھاجەتسىز بولغان ئەڭ بىخەتەر يېمەكلىك. ئانا سۈتىنى قىزىتىپ پىشۇرۇشنىڭ ھاجىتى يوق بولۇپ، بۇلغىنىش ئېھتىماللىقى ناھايىتى تۆۋەن. تەركىبىدە يەنە خىلمۇخىل يۇقۇملىنىشقا قارشى تۇرۇش ئىقتىدارى كۈچلۈك بولغان بەدەن سۇيۇقلۇق ئىممۇنىتېت تەركىبى ھەم كۆپ مىقداردا ئىممۇنىتېت ئاقسىلى بولۇپ، باكتېرىيىنى ھەيدەش، كونترول قىلىش، ئۆلتۈرۈش قاتارلىق ئالاھىدىلىكىگە ئىگە. شۇڭا، ئانا سۈتى ئەڭ ئالقىشقا ئېرىشكەن ئىممۇنىتېتلاش ئىچىملىكى بولۇپ، بوۋاقنى تەبىئىي ئىممۇنىتېتلايدۇ.

تەركىبى ۋە رولى

[تەھرىرلەش]

ئانا سۈتى تەركىبىدە ماي، ئاقسىل، شېكەر، كېسەلگە قارشى تۇرغۇچى ئىممۇنىتېت ماددىلار ۋە ۋىتامىن، مىنېرال ماددىلار بار بۇلۇپ. ئەلۋەتتە، مىقدارى ئەڭ كۆپ بولغىنى يەنىلا سۇ. ماينىڭ تەركىبىدە يەنە ياغ كىسلاتاسى بولۇپ، ئاساسەن دېگۈدەك بوۋاق تەرىپىدىن سۈمۈرۈلىدۇ. ئاقسىل بولسا بەدەن ۋە چوڭ مېڭىنىڭ يېتىلىشىدە مۇھىم رول ئوينايدۇ، شېكەر ئاساسلىقى سۈت شېكىرىنى بالىنىڭ ئۈچىيىنى ياخشىلاپ، ساغلام قىلىدىغان ئولىگو ساخارىدنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ۋىتامىن ۋە مىنېرال ماددىلار گەرچە كۆپ بولمىسىمۇ، بىراق بالىنىڭ تولۇق يېتىلىشىدە ئىنتايىن مۇھىم. ئەڭ مۇھىمى، ئۇلار ئەڭ يۇقىرى بىئولوگىيىلىك ئىشلىتىلىشچانلىققا ئىگە، قانچىلىك يېسە شۇنچىلىك قوبۇل قىلىدۇ.

ئانا سۈتىنىڭ يېڭى رولى

[تەھرىرلەش]

يېقىنقى يىللاردىكى پەن تەتقىقاتىدا ئانا سۈتىنىڭ يېڭى رولى بايقالدى، ئانا سۈتىنىڭ تەركىبىدە تەبىئىي مورفىن ماددىسى بولۇپ، بالىنىڭ ئۇيقۇسىنى كەلتۈرىدۇ، بۇ بالىنىڭ ئېمىپ بولغاندىن كېيىن ناھايىتى تېز ئۇخلاپ قېلىشىنىڭ سەۋەبى. ئانا سۈتىدىكى ئالاھىدە تەركىبلەر بالىنىڭ كېيىن قەنت سىيىش كېسىلىگە گىرىپتار بولۇشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ، ئۇنىڭدىكى مىكرو ئېلېمېنت سىنك مىقدارى مۇۋاپىق بولۇپ، بالىنىڭ يۈرەك قان تومۇرلىرى سىستېمىسىنى ئاسراشتا ئاكتىپ رول ئوينايدۇ. مۇسكۇل ئالكوگوللىرى بالدۇر تۇغۇلغانلارنىڭ نەپەس سىستېمىسى ۋە كۆز ئەتراپى كېسەللىرىگە گىرىپتار بولۇش خەتىرىنى ئازلىتىدۇ. ئانا سۈتى يەنە بالىنىڭ ھەزىم قىلىشىنى ياخشىلاپ، ئىممۇنىتېت كۈچى ۋە مۇھىت توسالغۇسىغا قارشى تۇرۇش ئىقتىدارىنى ياخشىلايدۇ.

بالدۇر ئېمىتىش

[تەھرىرلەش]

ئانا سۈتى بولسا بالىنىڭ ئەڭ ياخشى، ئەڭ تەبىئىي يېمەكلىكى بولۇپ، بالا تۇغۇلۇپ ئالتە ئاي ئىچىدە پۈتۈن ئوزۇقلۇقنى ئاساسەن تولۇقلايدۇ. ھازىرقى زامان ئانا سۈتى بىلەن بېقىش نەزەرىيىسى ئانا سۈتى بىلەن بېقىشنى بالدۇر باشلاشنى تەشەببۇس قىلىدۇ. بالدۇر يېقىنلىشىش، بالدۇر ئېمىتىش كېرەك. بوۋاق تۇغۇلۇپ كىندىكى كېسىۋېتىلگەندىن كېيىن 30 مىنۇت ئىچىدە يالىڭاچ ھالەتتە ئانا كۆكسىگە يېقىنلاشتۇرۇپ، ئېمىتىش كېرەك. ئېمىتىش رېفلېكىسى ئىنساننىڭ تەبىئىي ئىقتىدارى، بۇ خىل ئىقتىدار تۇغۇلۇپ 10 ~ 30 مىنۇت بولغۇچە بولغان ئارىلىقتا ئەڭ كۈچىيىدۇ. بالدۇر يېقىنلىشىپ، بالدۇر ئېمىتكەندە، ئانا سۈتى بىلەن بېقىشتا نەتىجە قازىنىشقا ياردىمى بولىدۇ. ئېمىش بولسا ئانىنىڭ مېڭە ئاستى بېزىنىڭ ماددا ئاجرىتىش ۋە سۈت ئاجرىتىش ئىنكاسىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، ئالدىدىكىسى بالىياتقۇنىڭ تارىيىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تۇغۇتتىن كېيىنكى قان كېلىشنى ئازلىتىدۇ. كېيىنكىسى سۈت بېزىنى يۇمشىتىپ، ئەمچەكنى تولدۇرۇپ، ئېمىش ۋاقتىنى ئۇزارتىدۇ.

ئانا سۈتىنىڭ پەيدا بولۇشى

[تەھرىرلەش]

ئانا سۈتىنىڭ پەيدا بولۇشىنى چۈشىنىش ئانىلارغا بوۋاقلارنى ئانا سۈتى بىلەن بېقىشنىڭ ناھايىتى ياخشى ئىكەنلىكىگە ئىشىنىشكە ياردىمى بولىدۇ. ئانا سۈتى سۈت بېزى ھۈجەيرىلىرى ئاجراتقان ئاجرالمىلاردىن ئىبارەت. ھامىلىدار مەزگىلىدە ئەمچەك تۇغۇتتىن كېيىنكى سۈت ئاجرىتىش ھالىتىدە تۇرىدۇ، بوۋاق تۇغۇلغاندىن كېيىن ئانا تېنىدىكى خىلمۇخىل ھورمۇنلارنىڭ سەۋىيىسىدە ئۆزگىرىش بولۇپ، سۈت بېزى ھۈجەيرىلىرى سۈتنىڭ غىدىقلىنىشىنى يۇقىرى دەرىجىدە تېزلىتىپ تارىيىدۇ، شۇنداقلا سۈت قاتلاممۇ قاتلام كىرىپ، ئەمچەك توپچىسى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىغا يىغىلىدۇ. بوۋاق ئەمگەندە يەنە مۇھىم بىر خىل رېفلېكس ھاسىل قىلىپ ئانا تېنىدە تېخىمۇ كۆپ سۈت كەلتۈرگۈچى ھورمۇنلارنى شەكىللەندۈرۈپ، سۈت ئاجرىلىپ چىقىشنى تېخىمۇ ئىلگىرى سۈرىدۇ. مۇشۇنداق قىلىپ ئانىنىڭ سۈتى ئۈزۈلۈپ قالمايدۇ.

ئانا سۈتىدىن ئايرىشنىڭ سەۋەبى

[تەھرىرلەش]

بەزى كىشىلەر ئانا سۈتى تەركىبىدە شۇنچە كۆپ ئوزۇقلۇق بولغاندىكىن نېمە ئۈچۈن تاكى بالا ئەمگىلى ئۇنىمىغىچە ئېمىتىشنى تەشەببۇس قىلمايمىز دېيىشىدۇ. چۈنكى نۇرغۇنلىغان ئانىلارنىڭ خىزمىتى بالىنى ئۇزاق مۇددەت ئېمتىشكە يار بەرمەيدۇ، ئاخىرقى دەۋردىكى ئانا سۈتى بىر ياشتىن كېيىنكى بالىنىڭ ئېھتىياجىنى قامدىيالمايدۇ. بوۋاقنىڭ چوڭ بولۇشىغا ئەگىشىپ، ھەزىم قىلىش سىستېمىسىمۇ بارغانسېرى ياخشىلىنىدۇ. بەدىنىنىڭ ئوزۇقلۇققا بولغان ئېھتىياجىمۇ بارغانسېرى خىلمۇخىل بولىدۇ، پەقەت سۈتكە تايىنىپلا يېتىلىشتىكى تەلەپلەرنى قاندۇرغىلى بولمايدۇ. بۇ بىزنىڭ دائىم دەيدىغان ۋاقتىدا قوشۇمچە يېمەكلىكلەرنى قوشۇش دېگىنىمىزدىن ئىبارەت بولۇپ، ئىلمىي ئۇسۇلدا ئەمچەكتىن ئايرىشنىڭ سەۋەبى.