ئانتاركتىدا

ئورنى Wikipedia
Jump to navigation Jump to search
ئانتاركىتىدا قىتئەسى

ئانتاركتىدا جەنۇبىي قۇتۇپ ئەتراپىغا جايلاشقان يەر شارىدىكى يەتتىنچى بولۇپ، ئەڭ كېيىن بايقالغان، ئادەم ئولتۇراقلاشمىغان بىردىنبىر چوڭ قۇرۇقلۇق. چوڭ قۇرۇقلۇقنىڭ ئەتراپىنى تىنچ ئوكيان، ھىندى ئوكيان، ئاتلانتىك ئوكيانلار ئوراپ تۇرىدۇ، ئۇمومىي كۆلىمى13 مىليون 900 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، دۇنيادىكى ھەر قايسى قىتئەلەر ئىچىدە بەشىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. جەنۇبىي قۇتۇپنى توغرىسىغا كېسىپ ئۆتىدىغان تاغ تىزمىسى ئانتاركتىدا قۇرۇقلىقىنى شەرىق بىلەن غەربتىن ئىبارەت ئىككى قىسىمغا بۆلىدۇ: شەرقىي ئانتاركتىدانىڭ كۆلىمى بىر قەدەر چوڭ، قەدىمىي تەكشسزرەك تۈزلەڭلىك؛ غەربىي ئانتاركتىدانىڭ كۆلىمى بىر قەدەر كىچىك بولۇپ، تاغلىق، ئېگىزلىك، ئويمانلىقتىن تەشكىل تاپقان. ئۇلارنىڭ ئىچىدە ۋىنسون تېغىنىڭ ئېگىزلىكى 5140 مېتىر بولۇپ، ئانتاركتىدادىكى ئەڭ ئىگىز چوققا ھېسابلىنىدۇ.

جەنۇبىي قۇتۇپنىڭ ئەزەلدىنلا «سوغۇق قۇتۇپ» ۋە «بوران ئامبىرى» دېگەن نامى بار. چوڭ قۇرۇقلۇقنىڭ دېئامېتىرى 4500 كىلومېتىر كېلىدىغان مەڭگۈلۈك مۇز قاتلىمىسى تېپىپ تۇرىدۇ، بۇ مۇز قاتلىمىسىنىڭ زاپاس مىقدارى پۈتۈن يەر شارىدىكى ئۇمومىي مۇز مىقدارىنىڭ ﹪90 ىنى ئىگىلەيدۇ. ناۋادا ئاشۇ مۇز ئېرىيدىغان بولسا، پۈتۈن يەر شارىدىكى دېڭىز يۈزى تەكشىلىكى 60 مېتىرئۆرلەپ، نۇرغۇن ئاراللار ۋە دېڭىز بويىدىكى رايونلار سۇنىڭ ئاستىدا قالىدۇ. يۇقىرى كەڭلىككە جايلاشقان ھەمدە مۇز قاپلىمىسى قۇياش رادىئاتسىيىسىنىڭ ﹪80 ىنى قايتۇرۇۋېتىدىغان بولغاچقا، كۈن نۇرى سېڭىپ كىرەلمەي، قار – مۇز بلەن قاپلانغان قەھرىتان سوغۇق چوڭ قۇرۇقلۇققا ئايلانغان بولسىمۇ، ﹪88 – تىن ئىبارەت يەر شارىدىكى ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا ئۆلچەنگەن. بۇ يەردە گەرچە پۈتۈن يەر شارىدىكى تاتلىق سۇ بايلىقىنىڭ ﹪75 ى ساقلىنىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما پۈتۈن يەر شارىدىكى ئەڭ قۇرغاق چوڭ قۇرۇقلۇق بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. دېڭىز بويلىرىنىڭ ھۆل –يېغىن مىقدارى 200~500 مىللىمېتىر بولۇپ، ئىچكى قۇرۇقلۇقتا ئاران 50 مىللىمېتىر كېلىدۇ، شۇنداقلا قار يېغىش شەكلىدە كۆرىلىدۇ. كەڭ دائىرىلىك مۇز قاپلىمىسى شەكىللەنگەن بولغاچقا، قۇتۇپ يۇقىرى بېسىمى كۈچىيىپ، ھۆل –يېغىن ئاز ياغىدۇ. شۇنداق بولغاچقا، ئەزەلدىنلا «ئاق رەڭلىك چۆللۈك»دېگەن نامى بار.

ئانتاركتىدا چوڭ قۇرۇقلىقىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ھايۋانلار بىلەن چىچەكلەيدىغان ئۆسۈملۈكلەر يوق. پىنگۋىن بۇ قۇرۇقلىقتىكى ئەڭ ۋەكىللىك خاراكتېرغا ئىگە ھايۋان بولۇپ، جەنۇبىي قۇتۇپنىڭ سىموۋلى دەپ قارىلىدۇ، جەنۇبىي قۇتۇپنىڭ ئەتراپىدىكى جەنۇبىي ئاتلانتىك ئوكياندا بېلىق بايلىقى مول بولۇپ، قاسراقلىق راك كۆپ چىقىدۇ. بۇ خىل راكنى ئوزۇق قىلىدىغان كىت دائىم بۇ يەردە ئۈزۈپ يۈىدۇ. بۇ يەر دۇنيادىكى كىتلار توپى ئاساسلىق مەركەزلەشكەن دېڭىز رايونى ھېسابلىنىدۇ. ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى كۆك كىت دنيا بويىچە ئەڭ چوڭ ھايۋاندۇر. مۇز قاپلىمىسىنىڭ ئاستىدا مول مىنېرال بايلىقلاردىن ئاساسلىقى نېفىت گازى، كۆمۈر، تۆمۈر قاتارلىقلار بار.

ئانتاركتىدا چوڭ قۇرۇقلىقى ناھايىتى يۇقىرى ئىقتىسادىي ۋە ئىلمىي قىممەتكە ئىگە بولغانلىقتىن ⅩⅨ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا بايقالغاندىن كېيىن، نۇرغۇنلىغان دۆلەتلەر بۇ يەرگە قارىتا تېرروىتورىيە تەلىپىنى ئوتتۇرغا قۇيۇشۇپ، ئۈزۈلمەس تۇقۇنۇش يۈز بەردى. 1959-يىلى12-ئاينىڭ1-كۈنى جەنۇبىي قۇتۇپقا نىسپەتەن تېرروىتورىيە تەلىپىنى ئوتتۇرغا قۇيغان 12 دۆلەت « ئانتاركتىدا شەرتنامىسى» نى ئىمزالىدى. بۇ شەتنامىدە جەنۇبىي قۇتۇپقا بولغان تېرروىتورىيە تەلىپى تۇڭلىتىپ قۇيۇلدى ھەمدە جەنۇبىي قۇتۇپنىڭ پەقەت تېنىچلىق ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرىلدىغانلىقى، ھەر قانداق ھەربىي ھەرىكەتلەر ۋە يادرو قۇراللىرىنى پارتىلىتىش ياكى رادىئو ئاكتىپلىق كېرەكسىز ماددىلارنىڭ بىر تەرەپ قىلىنىشىنىڭ مەنئى قىلىنىدىغانلىقى جاكارلاندى. مەملىكىتىمىز 1983-يىلى بۇ شەرتنامىگە كىردى. ھازىر 18 دۆلەت ئانتاركتىدادا 140 نەچچە ئىلمىي تەكشۈرۈش پونكىتى قۇردى. مەملىكىتىمىز 1985-يىلى پادىشاھ گېئورگې ئارىلىدا سەددىچىن پونكىتىنى قۇردى، 1989-يىلى شەرقىي ئانتاركتىدا چوڭ قۇرۇقلىقىدا جۇڭشەن پونكىتىنى قۇردى.