ئاننان
ب د ت نىڭ 7-نۆۋەتلىك باش كاتىپى ئاننان (Kofi A. Annan) بولۇپ، ئۇ 1938-يىلى 4-ئاينىڭ 8-كۈنى گانانىڭ كۇماسى شەھىرىدە تۇغۇلغان.
ئاساسىي ئۇچۇرلىرى[تەھرىرلەش]
ئۇيغۇرچە ئىسمى :ئاننان
باشقا نامى :Kofi A. Annan
دۆلەت تەۋەلىكى :گانا
يۇرتى :كۇماسى شەھىرى
تۇغۇلغان ۋاقتى :1938-يىلى 4-ئاينىڭ 8-كۈنى
كەسپى :سىياسىي ئەرباب
پۈتتۈرگەن مەكتىپى :ئامېرىكىنىڭ ماسسا چوستېس تەبىئىي پەنلەر ئىنىستىتوتى
شەخس تونۇشتۇرۇلىشى[تەھرىرلەش]
ئاننانب د ت نىڭ 7-نۆۋەتلىك باش كاتىپى ئاننان (Kofi A. Annan) بولۇپ، ئۇ 1938-يىلى 4-ئاينىڭ 8-كۈنى گانانىڭ كۇماسى شەھىرىدە تۇغۇلغان، 1996-يىلى 12-ئاينىڭ 17-كۈنى ب د ت نىڭ 7-نۆۋەتلىك باش كاتىپلىقىغا سايلانغان، 1997-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنى رەسمىي ۋەزىپىگە ئولتۇرغان. 2001-يىلى 6-ئايدا ئۇ يەنە بىر قېتىم باش كاتىپلىققا سايلىنىپ، 2006-يىلى 12-ئاينىڭ 31-كۈنىگىچە ۋەزىپە ئۆتىگەن.