ئاي

ئورنى Wikipedia

بەلگە ئاي شارى ( ئاسترونومىيىىلىك بەلگىسى : « ☾ » )، ئۇ ئادەتتە ئاي دەپ ئاتىلىدۇ، قەدىمدە قەمەر دەپ ئاتالغان، يەر شارىنى ئايلىنىپ ھەرىكەت قىلىدىغان قاتتىق ھەمراھ.

ئاي

قىسقىچە تونۇشتۇرۇش[تەھرىرلەش]

ئاي شارى ( ئاسترونومىيىىلىك بەلگىسى : « ☾ » )، ئۇ ئادەتتە ئاي دەپ ئاتىلىدۇ، قەدىمدە قەمەر دەپ ئاتالغان، يەر شارىنى ئايلىنىپ ھەرىكەت قىلىدىغان بىر تال قاتتىق سۈنئىي ھەمراھ، شۇنداقلا يەر شارىغا ئەڭ يېقىن ئاسمان جىسىمى ( ئوتتۇرىچە ئارىلىقى 38.44 مىڭ كىلومېتىر ) . ئۇ يەر شارى بىلەن بىر - بىرىدىن ئايرىلالمايدۇ، زىچ مۇناسىۋەتلىك، تەخمىنەن 46 مىليون ياش. ئاي شارىدا ئاتموسفېرا ئىنتايىن شالاڭ،ئاي يۈزىدىكى ماددىلارنىڭ ئىسسىقلىق سىغىمى ۋە ئىسسىقلىق ئۆتكۈزۈش نىسبىتى ناھايىتى تۆۋەن، سىرتقى يۈزىنىڭ كېچە -كۈندۈزنىڭ تېمپېراتۇرا پەرقى ناھايىتى زور.

ئاي شارى يەر شارىغا ئوخشاش ئاي پوستى، ئاي مانتىلى، ئاي يادروسى قاتارلىق قاتلاملىق تۈزۈلۈشلەرگە ئىگە. دىئامېتىرى تەخمىنەن بولۇپ 3476 كىلومېتىر بولۇپ، تەخمىنەن يەر شارىنىڭ 11 / 3گە توغرا كېلىدۇ. ئاي ئۆزى نۇر تارقاتمايدۇ ، قۇياش نۇرىنى قايتۇرۇش ئارقىلىق يورۇقلۇق چىقىرىدۇ، ئاي شارى بىلەن يەر شارىنىڭ ئورنى دەۋرىيلىك ئۆزگىرىش تۈپەيلىدىن، ئاي فازىسىدا دەۋرىيلىك ئۆزگىرىش يۈز بېرىپ،تۇلۇن ئاي، كېيىنكى چارەكلىك ئاي،ئايدىن ئاي بىلەن دەسلەپكى چارەك ئاي شەكىللىنىدۇ، ھەر ئايدا بىر قېتىم ئايلىنىپ ( ئوتتۇرىچە دەۋرىيلىك 35.92 كۈن بولىدۇ ) چىقىدۇ.

يەر شارىنىڭ تاشقىن قۇلۇپلاش تەسىرىدىن ئاي شارىنىڭ ئۆز ئوقىدا ئايلىنىش بىلەن ئوربىتىلىق ئايلىنىش دەۋرى ئوخشاش بولىدۇ، مەڭگۈ بىر تەرىپى بىز تەرەپكە قارايدۇ. ئاي شارىنىڭ ئارقا تەرىپى سىرت ئاي يۈزىنىڭ چېتى ئەتراپىدىكى رايونلارنىڭ رايون، تارازا ھەرىكەت ئۈچۈن ئارىسىدا بۇنىڭدىن باشقا، مۇتلەق كۆپ قىسمىنى يەر شارىدىن كۆرگىلى بولمايدۇ. تەكشۈرگۈچ بولمىغان يىللاردا، ئاي شارىنىڭ ئارقا تەرىپىدە يەنىلا بىر نامەلۇم دۇنيا ئىدى. ئاي شارىنىڭ كەينى تەرىپىدە بىر چوڭ ئالاھىدىلىكى بولسا ئاي دېڭىزىدىن ئىبارەت بۇ خىل خىرە ئاي يۈزى ئالاھىدىلىكى يوق دېيەرلىك. ھالبۇكى، سۈنئىي تەكشۈرگۈچ ئاي شارىنىڭ كەينى تەرىپىگە ئۆتكەندە، ئۇ يەر شارى بىلەن بىۋاسىتە ئالاقە قىلىشقا ئامالسىز، ئاي شارى ھەر يىلى يەر شارىدىن 3 سانتىمېتىر يىراقلىشىدۇ.

ئاي شارى بولسا كىشىلەر تەرىپىدىن ئەڭ ئۈزۈل-كېسىل تەتقىق قىلىنغان ئاسمان جىسىمى، تا ھازىرغىچە كىشىلەر بىۋاستە بارغان ئىككىنچى ئاسمان جىسىمى بولسا ئاي شارى. 1969-يىلى 9-ئايدا، ئامېرىكىنىڭ « ئاپوللو 11 - نومۇرلۇق » ئالەم كىمىسىنى يەرشارىغا قايتۇرۇپ كەلگەن.

ئاسترونومىيەلىك سانلىق مەلۇمات [تەھرىرلەش]

ئوربىتا سانلىق مەلۇمات[تەھرىرلەش]

ئوتتۇرىچە ئوربىتا رادىئۇسى 384,403 كىلومېتىر كېلىدۇ.

ئوربىتىلىق مەركەزدىن چەتنەش نىسبىتى 0.0549.

يەرگە يېقىن نۇقتا ئارىلىقى 363,300 كىلومېتىر كېلىدۇ.

يەر شارىدىن يىراق نۇقتا بىلەن بولغان ئارىلىقى 405,493 كىلومېتىر كېلىدۇ.

ئوتتۇرىچە قۇياش ئەتراپىدا ئايلىنىش دەۋرى بىلەن 27.32 كۈن.

ئوتتۇرىچە قۇياش ئەتراپىدا ئايلىنىش سۈرئىتى 1.023 كىلومېتىر / سېكۇنت.

ئوربىتا يانتۇلۇق بۇلۇڭى °28.58 ~ ° 18.28 ئارلىقىدا ئۆزگىرىدۇ.

ئۆرلەش كېسىشىش نۇقتىسىدىن توغرا چىقىش °125.08.

يەرگە يېقىن نۇقتا ئارگومېنتى °318.15.

مېتونىكىلىق يىلنامىسى 19 يىل.

يەر شارى بىلەن بولغان ئوتتۇرىچە ئارىلىقى 384400كىلومېتىر كېلىدۇ.

كېسىشىش نۇقتىسىنىڭ چېكىنىشى دەۋرى 18.61 يىل.

يەرگە يېقىن نۇقتىدىكى ھەرىكەت دەۋرىيلىكى 8.85 يىل.

تۇتۇلۇش يىلى 346.6 كۈن.

ساروس دەۋرى 18 - يىل 10/11 كۈن.

ئوربىتا بىلەن ئېكلىپتىكىنىڭ ئوتتۇرىچە يانتۇلۇق بۇلۇڭى°4.

ئاي شارى ئېكۋاتورى بىلەن ئېكلىپتىكىنىڭ ئوتتۇرىچە يانتۇلۇق بۇلۇڭى°1.

ئېكۋاتور دىئامېتىرى 3,476.2 كىلومېتىر كېلىدۇ.

ئىككى قۇتۇپلۇق دىئامېتىرى 3,472.0 كىلومېتىر كېلىدۇ.

ياپىلاقلىق دەرىجىسى 0.0012.

ئوربىتا ھەرىكىتى[تەھرىرلەش]

ئاي شارىنىڭ قۇياش ئەتراپىدا ئايلىنىشى[تەھرىرلەش]

ئاي شارىنىڭ ئېللىپىس ئوربىتىسى يەر شارىنى ئايلىنىپ ھەرىكەت قىلىدۇ.بۇ ئوربىتا تەكشىلىكى ئاسماندا ناھايىتى چوڭ « ئاي يولى » نى ھاسىل قىلغان. ئاي يولى تەكشىلىكى ئېكۋاتور بىلەن ئۈستمۇئۈست چۈشمەيدۇ، ئېكلىپتىكا تەكشىلىكى بىلەنمۇ پاراللېل ئەمەس، بوشلۇقتىكى ئورنى ئۈزلۈكسىز ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ،مۇددىتى 173 كۈن. ئاي شارى ئوربىتىسى بىلەن ( ئاي يولى ) يەر شارى ئوربىتىسى ( ئېكلىپتىكا ) نىڭ ئوتتۇرىچە يانتۇلۇق بۇلۇڭى °90 ′5 .لېكىن ھازىر ئاي شارى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن يىلىغا 4 سانتىمېتىرلىق سۈرئەت بىلەن ئاستا-ئاستا يەر شارىدىن يىراقلاشماقتا.

ئاي شارىنىڭ ئۆز ئوقىدا ئايلىنىشى[تەھرىرلەش]

ئاي شارى يەر شارىنى ئايلىنىپ ھەرىكەت قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۆز ئوقى ئەتراپىدا ئايلىنىدۇ، دەۋرىيلىك 27.32166 كۈن، دەل بىر يۇلتۇز ئېيىغا تەڭ، شۇڭا بىز ئاي شارىنىڭ كەينى تەرىپىنى كۆرەلمەيمىز.بۇ خىل ھادىسە « ماس قەدەمدە ئۆز ئوقىدا ئايلىنىشى » دەپمۇ ئاتىلىدۇ، سۈنئىي ھەمراھىنىڭ ئومۇمىي قانۇنىيىتى بىلەن ئوخشاش. ئادەتتە سەييارىلەرنىڭ سۈنئىي ھەمراھقا ئۇزاق مۇددەتلىك تاشقىن تەسىرى كۆرسەتكەنلىكىنىڭ نەتىجىسى دەپ قارىلىدۇ. لىبراتسىيە بولسا بىر سىرلىق ھادىسە، ئۇنىڭ تەسىرىدىن ئاي شارىنىڭ %59 يۈزىنى كۆرگىلى بولمايدۇ. ئاساسلىقى، تۆۋەندىكىدەك سەۋەبلەر بار:

1.ئېللىپىس شەكىللىك ئوربېتىنىڭ ئوخشاش بولمىغان قىسىملىرىدا، ئۆز ئوقى ئەتراپىدا ئايلىنىش سۈرئىتى بىلەن قۇياش ئەتراپىدا ئايلىنىش بۇلۇڭلۇق تېزلىكى ماس كەلمەيدۇ.

2. ئاي يولى بىلەن ئېكۋاتورنىڭ كېسىشىش بۇلۇڭى.

ئاي شارىنىڭ پەيدا بولۇشى[تەھرىرلەش]

شەكىللىنىش ئارقا كۆرۈنۈشى[تەھرىرلەش]

بۇنىڭدىن 4 مىليارد 600 مىليون يىل بۇرۇن، يەر شارى پەيدا بولۇش جەريانىدا، يەر شارىدىكى ھاياتلىق دۇنياغا كەلمىگەن. قۇياش

سىستېمىسى تېخى دەسلەپكى قۇياش يۇلتۇز تۇمانى باسقۇچىدا تۇرىۋاتقان. ياش قۇياشنىڭ ئەتراپىدا، غايەت زور گاز جىسىم چاڭ - توزان تۇمان ئىچىدە، چاڭ - توزان ۋە تاغ جىنسلىرى ئۈزلۈكسىز مۇجەسسەملىنىپ، سوقۇلۇپ ،يىغىلىپ، تۇمان ئىچىدىكى بىر قىسىم ماددىلار قۇياشنى ئوراپ تۇرغان سەييارىلەر بىلەن سۈنئىي ھەمراھ سىستېمىسىنى ھاسىل قىلغان.

ئاي شارى ۋە يەر شارىنىڭ ھەممىسى ئوخشاشلا يۇلتۇزلارنىڭ يىغىلىشىدىن ھاسىل بولغان، دەسلەپتە ئاي شارىنىڭ ماسسىسى ناھايىتى كىچىك بولۇپ، يۇلتۇزلارنىڭ ئاي شارىغا سوقۇلغان ۋاقىتتىكى ئېنېرگىيەسىمۇ ئىنتايىن كىچىك، ئاي شارى ماسسىسىنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ ئالەمنىڭ تارتىش كۆچىنىڭ تەسىرى ئاستىدا، يۇلتۇز پارچىسى ئاي شارىغا سوقۇلغاندا سۈرئىتى تېزلەشكەن،سوقۇلغاندىكى ئېنىرگىيە ئاشقان،ئاي شارىنىڭ سىرتقى يۈزى ئېرىشكە باشلىغان، ئاستا -ئاستا ئاي شارى سىرتقى يۈزىدە قىزىق ماگمىلار يىغىلغان. بۇ چاغدا ئاي شارى يەر شارىنىڭ تارتىش كۈچى تەسىرىدە ئۇزىراپ، ئۆز ئوقىدا ئايلىنىش جەريانىدىكى ئاي ئىچكى سۈركىلىش تەسىرى ئاستىدا،ئۆز ئوقىدا ئايلىنىشتىن توختىغان.ئاي شارى ئاستا - ئاستا سوۋۇپ قاپ شەكىللەندۈرۈپ، ئاي شارىدا بۈگۈنكىدەك تەڭپۇڭلۇق ھەرىكەت ھادىسىسى شەكىللەنگەن. شۇ قېپى مۇقىملىشىپ ، قاپ ئىچىدىكى لاۋا ئاستا - ئاستا سوۋۇپ كىچىكلىگەن.ئاستا - ئاستا ماگمىلار بىلەن گەۋدىسى ئايرىلغان ، ۋاقتنىڭ ئۆتىشى بىلەن، قاپ ئىچىدە ناھايىتى چوڭ بوشلۇق ھاسىل بولغان.ماگمىلار ئالەمنىڭ تارتىش كۈچىنىڭ تەسىرىدە تەبىئىي شارسىمان جىسىم شەكىللەندۈرگەن،بۇ چاغدا ئاي شارىنىڭ قېپى ئىچىدە چوڭ بىر بوشلۇق ھاسىل بولغان.ئاي شارى يېڭى شەكىللەنگەن بولغاچقا، يۇلتۇز پارچىسىنىڭ ھەرىكەت ئېنېرگىيىسى ناھايىتى كىچىك، يەر يادروسىدىن ئىچىگە قاراپ ماڭغانسېرى تېمپېراتۇرا شۇنچە تۆۋەن بولغان.

شەكىللىنىش سەۋەبى ھەققىدە مۇلاھىزىلەر[تەھرىرلەش]

ئاي شارىنىڭ كېلىپ چىقىشىغا بولغان قاراشلار، تارىختا ئومۇمەن ئۈچ چوڭ مەزھەپ بار.كېيىنكى مەزگىللەردە ھەر خىل قاراش ئاساسىدا، بىرلەشتۈرۈپ تەتقىق قىلىش نەتىجىسىدە « سوقۇلۇش تەلىماتى » يېڭىدىن شەكىللەنگەن، لېكىن، تېخى ئېنىق يەكۈن چىقىرىلمىغان.

بۆلۈنۈش تەلىماتى[تەھرىرلەش]

بۇ ئەڭ بالدۇر ئاي شارىنىڭ كېلىپ چىقىشىنى چۈشەندۈرگەن بىرخىل پەرەز. 1898- يىلى، مەشھۇر بىئولوگىيە ئالىمى دارۋىننىڭ ئوغلى جورج دارۋېن « قۇياش سىستېمىسى ئىچىدىكى تاشقىن ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش تەسىرلەر » دېگەن ئەسىرىدە مۇنداق دەپ كۆرسەتكەن : ئاي شارى ئەسلىدە يەر شارىنىڭ بىر قىسمى، كېيىن يەر شارىنىڭ ئايلىنىش سۈرئىتى ناھايىتى تېز بولغاچقا، يەر شارىدىكى بىر قىسىم ماددىلار چىقىرىپ تاشلانغان،بۇ ماددىلار يەر شارىدىن ئايرىلىپ،كېيىن ئاي شارى شەكىللەنگەن، يەر شارىدا بىر چوڭ ئورا قېلىپ قالغان،بۇ دەل ھازىرقى تىنچ ئوكيان.

بۇ قاراش ناھايىتى تېزلا بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ قارشى تۇرۇشىغا ئۇچرىغان،ئۇلار : يەر شارىنىڭ ئۆز ئوقىدا ئايلىنىش تىزلىكى بىلەن شۇنچە چوڭ بىر پارچە نەرسىنى چىقىرىپ تاشلىۋېتىشى مۇمكىن ئەمەس. يەنە كېلىپ،ئەگەر ئاي شارى يەر شارىنىڭ چىقىرىپ تاشلىۋېتىلگەن قىسمى بولسا ئۇنداقتا بۇ ئىككىسىنىڭ ماددىي تەركىبى بىردەك بولۇشى كېرەك دېگەن. بىراق « ئاپوللو 12 - نومۇر » ئالەم كېمىسى ئارقىلىق ئاي شارىدىن ئېلىپ كېلىنگەن تاغ جىنسلىرىدىن ئەۋرىشكە ئېلىپ تەكشۈرگەندە، ئىككىسىنىڭ پەرقىنىڭ بەك چوڭ ئىكەنلىكىنى بايقىغان.

غەنىيمەت تەلىماتى[تەھرىرلەش]

بۇ تەسەۋۋۇردا مۇنداق قارالغان : ئاي شارى ئەسلىدە قۇياش سىستېمىسى ئىچىدىكى بىر كىچىك سەييارە، بىر قېتىم يەر شارى ئەتراپىدا ئايلىنىپ، يەر شارىنىڭ تارتىش كۈچى تەرىپىدىن تارتىۋېلىنغان، شۇنىڭدىن ئېتىبارەن يەر شارىدىن ئايرىلىپ باقمىغان. غەنىيمەت تەلىماتىغا يېقىن بولغان يەنە بىر خىل قاراشتىكىلەر، يەر شارى ئۈزلۈكسىز تۈردە ئۆزىنىڭ يولىغا كىرگەن ماددىلارنى بىر يەرگە يىغقان، ۋاقىت ئۇزارغانسېرى، يىغىلغان نەرسىلەر بارغانسېرى كۆپىيىپ، ئەڭ ئاخىرىدا يەر شارى شەكىللەنگەن دەپ قارايدۇ. لېكىن يەنە بەزىلەر مۇنداق دەيدۇ: ئاي شارىغا ئوخشاش بۇنداق چوڭ پىلانېتاغا نىسبەتەن يەر شارىدا ئاي شارىنى تارتىۋالغۇدەك ئۇنچە چوڭ كۈچ مەۋجۇت ئەمەس.

ئورتاق مەنبە تەلىماتى[تەھرىرلەش]

بۇ تەسەۋۋۇردا مۇنداق قارالغان : يەر شارى بىلەن ئاي شارى ھەممىسى قۇياش سىستېمىسىدىكى لەيلىمە يۇلتۇز تۇمانلىرى، ئايلىنىش ۋە يىغىلىش ئارقىلىق يۇلتۇز شەكىللەنگەن. بۇ يىغىلىش جەريانىدا، يەر شارىنىڭ سۈرئىتى ئاي شارىغا قارىغاندا تېزرەك بۇلۇپ « ئاكا » بۇلۇپ قالغان.بۇ پەرەزمۇ ئوبيېكتىپ مەۋجۇدىيەتنىڭ خىرىسىغا ئۇچرىغان.« ئاپوللو 12 - نومۇر » ئالەم كېمىسى ئارقىلىق ئاي شارىدىن ئېلىپ كېلىنگەن تاغ جىنسلىرىدىن ئەۋرىشكە ئېلىپ تەكشۈرۈش جەريانىدا،كىشىلەر ئاي شارىنىڭ يەر شارىدىن كۆپ قەدىمىي ئىكەنلىكىنى بايقىغان. بەزىلەر، ئاي شارىنىڭ يېشىنى ئاز دېگەندە 53 مىليارد يىل ئەتراپىدا دەپ قارىغان.

سوقۇلۇش تەلىماتى[تەھرىرلەش]

بۇ تەسەۋۋۇردا مۇنداق قارالغان : قۇياش سىستېمىسى تەدرىجى ئۆزگەرگەن دەسلەپكى مەزگىللەردە، سەييارىلەر ئارىسىدىكى بوشلۇقتا زور مىقداردىكى « كىچىك سەييارە »لەر شەكىللەنگەن، ئالدى بىلەن يەر شارىن ماسسىسىنىڭ 0.14 ھەسسىسىگە تەڭ ئاسمان جىسىملىرى يۇلتۇز شەكىللەنگەن ، كىچىك سەييارىلەر ئۆز ئارا سوقۇلۇش، يىغىلىش ھەم بىرىكىش ئارقىلىق بىر ئىپتىدائىي يەر شارى شەكىللەنگەن. بۇ ئىككى ئاسمان جىسىملىرى تەدرىجىي تەرەققىيات جەريانىدا ، ئايرىم - ئايرىم ھالدا تۆمۈرنى ئاساس قىلغان مېتال يادرو ۋە سىلىكات تۇزلىرىدىن تەركىب تاپقان مانتىل ۋە پوست شەكىللەندۈرگەن. بۇ ئىككى ئاسمان جىسىملىرىنىڭ ئارىلىقى يېقىن بولغاچقا،ئۇچرىشىش پۇرسىتىمۇ ناھايىتى چوڭ بولىدۇ.

بىر قېتىملىق تاسادىپىي پۇرسەتتە ھېلىقى كىچىك ئاسمان جىسىملىرى سېكۇنتىغا بەش كىلومېتىر ئەتراپىدىكى تېزلىك بىلەن يەر شارىغا سوقۇلغان. قاتتىق سوقۇلۇش يەر شارىنىڭ ھەرىكەت ھالىتىنى ئۆزگەرتىپلا قالماي، يەر ئوقىنى يانتۇ قىلىپ قويغان، يەنە كېلىپ ئۇ كىچىك ئاسمان جىسىملىرى سوقۇلۇپ پارچىلىنىپ سىلىكاتلىق قاپ ۋە مانتىل ئىسسىقلىق تەسىرىدىن پارغا ئايلىنىپ، كېڭەيگەن گاز شىددەتلىك سۈرئەت بىلەن نۇرغۇن پارچىلانغان چاڭ - توزانلارنى ئېلىپ يەر شارىدىن يىراقلاشقان. بۇ يەر شارىدىن يىراقلاشقان ماددىلار ئاساسلىقى مانتىلدىن تەركىب تاپقان، يەنە ئاز بىر قىسىم يەر شارىدىكى ماددىلار بار، نىسبىتى ئاساسىي جەھەتتىن 0.85:0.15. سوقۇلغان جىسىم يېرىلغاندا مانتىل بىلەن ئايرىلغان مېتال يادرو كېڭىيىپ ئايرىلغان گازلارنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچراپ، سۈرئىتى ئاستىلاپ، تەخمىنەن تۆت سائەت ئىچىدە يەر شارىغا يىغىلغان. يەر شارىدىن ئايرىلغان گازلار ۋە چاڭ - توزانلار يەر شارىنىڭ تارتىش كۈچىنىڭ كونتروللۇقىدىن پۈتۈنلەي قېچىپ قۇتۇلالمىغان، ئۆز ئارا يىغىلىش بىرىكىش ئارقىلىق، ئېرىتىلگەن ئاي شارى شەكىللەنگەن ياكى ئالدى بىلەن بىر ھالقا شەكىللەنگەن، ئاستا - ئاستا يىغىلىش ئارقىلىق، بىر قىسمەن ئېرىتىلگەن چوڭ ئاي شارى شەكىللەنگەن. بۇ قاراش ئومۇميۈزلۈك ئېتىراپ قىلىشقا ئېرىشكەن.

مېتېئورىت تەھلىلى شۇنى كۆرسەتتىكى، مارس بىلەن سەييارىلەردىن ئىبارەت قۇياش سىستېمىسىدىكى بۇ ئاسمان جىسىملىرىدا يەر شارى بىلەن ئوخشاش بولمىغان ئوكسىگېن ۋە ۋولفرام ئىزوتوپ تەركىبى بار. ئەكىسچە يەر شارى بىلەن ئاي شارى ئاساسەن ئوخشاش بولغان ئىزوتوپ تەركىبىگە ئىگە.2012-يىلى ئېلان قىلىنغان ئاي شارىدىن ئېلىنغان تىتان ئىزوتوپى ئەۋرىشكىسىگە قارىتا چىقىرىلغان ئانالىزى شۇنى كۆرسەتتىكى، ئاي شارى بىلەن يەر شارى ئوخشاش بولغان تەركىبكە ئىگە.بۇ ئاي شارى سوقۇلۇش ئارقىلىق شەكىللەنگەن دېگەن تەلىماتقا زىت.

ئاي شارى يەر شارى تەرىپىدىن غەنىيمەت ئېلىپ كېلىنگەن بىر تەييار ئاسمان جىسمىمۇ ئەمەس، يەر شارى ۋە باشقا ئاسمان جىسىملىرى سوقۇلۇشنىڭ مەھسۇلىمۇ ئەمەس. شۇنىڭ ئۈچۈن ئاي شارى پەقەت يەر شارىنىڭ مەھسۇلى.لېكىن، يەر شارى ئۆزى بىلەن زىچ باغلانغان ئاي شارىنى خالىغانچە چىقىرىپ تاشلىۋەتكۈدەك يېتەرلىك سۈرئەتكە ئىگە ئەمەس. شۇڭا ئاي شارى چوقۇم ئالاھىدە كۈچىنىڭ ئۇنىۋېرسال تەسىرىدە يەر شارىدىن ئايرىلىپ چىقىپ، يەر شارىنىڭ ئايلىنىش يولىغا كىرىپ، يەرشارىنى ئايلىنىدىغان ھەمراھ بۇلۇپ شەكىللەنگەن.

تۈزۈلۈش ئالاھىدىلىكى[تەھرىرلەش]

يورۇقلۇقى[تەھرىرلەش]

ئاي ئۆزى نۇر تارقاتمايدۇ، پەقەت كۈن نۇرىنى سۇندۇرۇپ تارقىتىدۇ. ئاي شارىنىڭ يورۇقلۇقى كۈن بىلەن ئاي ئارىسىدىكى بۇلۇڭ ئارىلىقى ۋە يەر، ئاي شارى ئارىلىقىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ ئۆزگىرىدۇ، تولۇن ئاي چاغدىكى يورۇقلۇق دەرىجىسى ئاخىرقى چارەك ئايدىن ئون نەچچە ھەسسە چوڭ بولىدۇ.

ئاي شارى ئوتتۇرىچە يورۇقلۇق دەرىجىسى قۇياشنىڭ يورۇقلۇق 1/465000 گە توغرا كېلىدۇ، يورۇقلۇق ئۆزگىرىش دائىرىسى 1/375000 دىن 1/630000 گىچە،ئاي تولغاندا، يورۇقلۇق دەرىجىسى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 12.7-.

ئۇنىڭ زېمىننى يورۇتۇش دەرىجىسى ئوتتۇرىچە 0.22 ليۇكس، 100 ۋاتلىق لامپۇچكا 21 مېتىر يىراقلىقتىكى ئارىلىقىتا يورۇتقانغا باراۋەر. ئاي بىر ياخشى نۇر قايتۇرغۇچى تەنچە ئەمەس، ئۇنىڭ ئوتتۇرىچە ئالبېدوسى نىسبىتى پەقەت % 9، قالغان % 91 ھەممىسى ئاي شارى تەرىپىدىن سۈمۈرۈلىدۇ. ئاي دېڭىزنىڭ ئالبېدوسى نىسبىتى تېخىمۇ تۆۋەن، تەخمىنەن % 7 ئەتراپىدا. ئاي يۈزىدىكى ئېگىز جايلار ۋە ھالقىسىمان تاغلارنىڭ ئالبېدوسى % 17، قارىماققا تاغلىق رايون ئاي دېڭىزىدىن يورۇق.

ئاي شارىدىن يەر شارىغىچە بولغان ئارىلىق يەر شارىدىن قۇياشقىچە بولغان ئارلىقنىڭ 1/400 گە باراۋەر، شۇڭا يەر شارىدىن قارىغاندا ئاي ۋە قۇياش ئوخشاش چوڭلۇقتا.

ئاتموسفېرا مۇھىتى[تەھرىرلەش]

ئاي شارىدا ئاتموسفېرا يوق، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاي يۈزىدىكى ماددىلارنىڭ ئىسسىقلىق سىغىمى ۋە ئىسسىقلىق ئۆتكۈزۈش نىسبىتى ناھايىتى تۆۋەن، شۇڭا ئاي شارىنىڭ يۈزىدە كېچە-كۈندۈزنىڭ تېمپېراتۇرا پەرقى ناھايىتى چوڭ. كۈندۈزى، قۇياش نۇرى تىك چۈشكەندە، يەرلىك تېمپېراتۇرا ℃ 127 قا يىتىدۇ. كېچە، تېمپېراتۇرا تۆۋەنلەپ℃183-قا چۈشىدۇ. بۇسانلىق قىممەتلەر پەقەت ئاي شارىنىڭ سىرتقى يۈزىنىڭ تېمپېراتۇرىسىنى بىلدۈرىدۇ. رادىئولۇق كۆزىتىش ئارقىلىق ئاي يۈزىدىكى تۇپراقنىڭ تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچەشكە بولىدۇ، بۇ خىل ئۆلچەش شۇنى ئىپادىلەپ بېرىدۇكى، ئاي يۈزىدىكى تۇپراقنىڭ بىر قەدەر چوڭقۇر قاتلىمىدىكى تېمپېراتۇرىنىڭ ئۆزگىرىشى ناھايىتى كىچىك، بۇنى دەل ئاي يۈزىدىكى ماددىلارنىڭ ئىسسىقلىق ئۆتكۈزۈش نىسبىتىنىڭ تۆۋەن بۇلۇشى كەلتۈرۈپ چىقارغان.

قەۋەت قۇرۇلمىسى[تەھرىرلەش]

ئايدىكى يەر تەۋرەش دولقۇنىنىڭ تارقىلىشىدىن ئىگىلىنىشچە، ئاي شارى پوست،ئاي پەردىسى، يادرو قاتارلىق قاتلاملىق تۈزۈلۈشكە ئىگە. ئەڭ سىرتقى قەۋىتىدىكى ئاي پوستىنىڭ ئوتتۇرىچە قېلىنلىقى تەخمىنەن 64.7 -60 كىلومېتىر. ئاي پوستىدىن مىڭ كىلومېتىر چوڭقۇرلۇقتا ئاي پەردىسى بار، ئۇ ئاي شارى ھەجىمىنىڭ كۆپ قىسمىنى ئىگىلىگەن.

ئاي پەردىسىنىڭ ئاستىدىكىسى ئاي يادروسى، ئاي يادروسىنىڭ تېمپېراتۇرىسى تەخمىنەن ℃ 1000، شۇڭا بەلكىم ئېرىمە ھالەتتە، پەرەزگە ئاساسلانغاندا، ئېھتىمال Fe-Ni-S ۋە ئېكلوگىت تېشىدىن تەركىب تاپقان.

ئاي شارى ئۈستىدە ئىزدىنىش[تەھرىرلەش]

ئەڭ دەسلەپتە يەر شارى بىلەن ئاي شارىنىڭ ئارىلىقىغا مۇناسىۋەتلىك سانلىق مەلۇماتلارغا ئېرىشكەن كىشى بولسا مىلادىيەدىن بۇرۇن 180-يىلىدىكى كىچىك ئاسىيالىق ئىبارگۇ ، ئاددىي ئەسۋاب ئارقىلىق خاتىرلەپ ھېسابلانغان ئارىلىق 370 مىڭ كىلومېتىر، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، پرېتسېسسىيە ھادىسىسىنى بايقىغان.

بىرىنچى بولۇپ ئاي شارىغا چىققان سۈنئىي ياسالغان جىسىم بولسا سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئادەمسىز قۇرۇقلۇققا چىقىش ئەسۋابى « ئاي شارى 2-نومۇرلۇق »، ئۇ 1959-يىلى 9-ئاينىڭ 14-كۈنى ئاي يۈزى بىلەن ئۇچراشقان. « ئاي شارى 2-نومۇرلۇق » شۇ يىلى 10-ئاينىڭ 7-كۈنى ئاي شارىنىڭ كەينى تەرىپىنى سۈرەتكە ئالغان. « ئاي شارى 9-نومۇرلۇق » بولسا تۇنجى ئاي شارىغا سىلىق قۇنغان تەكشۈرۈش ئەسۋابى، ئۇ 1966-يىلى 2- ئاينىڭ 3-كۈنى ئاي يۈزىدىن تارتىلغان سۈرەتنى يوللىغان. « ئاي شارى 10 - نومۇرلۇق » 1966-يىلى 3- ئاينىڭ 31-كۈنى ئوربىتىغا مۇۋەپپىقىيەتلىك كىرىپ، ئاي شارىنىڭ تۇنجى سۈنئىي ھەمراھى بۇلۇپ قالغان.

سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى مەزگىلىدە ، ئامېرىكا بىلەن سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ئىزچىل تۈردە ئالەم بوشلۇقى پەن – تېخنىكا ساھەسىدە يۈكسەلگەن. بۇ ئالەم بوشلۇقى مۇسابىقىسى 1969- يىلى 7-ئاينىڭ 19-كۈنى ئىنسانلارنىڭ تۇنجى بۇلۇپ ئايغا چىقىشى بىلەن يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلگەن.« ئاپوللو 11 - نومۇرلۇق » ئالەم كېمىسى خادىمى بۇ قېتىمقى قۇرۇقلۇققا چىقىشنى خاتىرىلەش ۋە باشقا بىر قىسىم جانلىقلارنىڭ ماتېرىيالىرىغا ئېرىشىش ئۈچۈن بىر پارچە توققۇز ئىنگلىز سۇڭى چوڭلۇقتىكى داتلاشماس پولات ۋىۋىسكىنى ئاي شارىنىڭ يۈزىدە قالدۇرغان. ئېۋگېن.سېلنام بولسا ئەڭ ئاخىرقى ئاي شارىغا چىققان كىشى، ئۇ 1972 - يىلى 12 - ئايدا « ئاپوللو 17 - نومۇرلۇق » ئالەم كېمىسىدە ۋەزىپە ئۆتىگەن.

ئالتە قېتىم ئاپوللو ۋەزىپىسى ۋە ئۈچ قېتىملىق ئادەمسىز ئالەم كېمىسى ۋەزىپىسى (ئاي شارى 16-، 20-، 24-نومۇرلۇق ) ئاي شارىدىكى تاغ جىنسلىرى ۋە تۇپراق ئەۋرىشكىسىنى يەر شارىغا قايتۇرۇپ كەلگەن.