ئايتۇرسۇن روسۇل

ئورنى Wikipedia

 ئايتۇرسۇن روسۇل، شىنجاڭ شانئال ئىگىلىك تىكلەش كەسپىي تەربىيەلەش مەكتىپىنىڭ قۇرغۇچىسى، ئۇيغۇر كارخانا مائارىپىنىڭ ئاساسچىسى.

     ئۇ 1990-يىلى سابىق شىنجاڭ سانائەت ئىنستىتۇتىنى پۈتتۈرۈپ، ئۈرۈمچى شەھەرلىك يېمەكلىكلەر تەتقىقات ئورنىدا ئىشلىگەن. بۇ جەرياندا يېمەكلىك ساھەسىدىكى تۇنجى ئۇيغۇر تىلىدىكى ئونۋېرسال كىتاپ،«يېمەك-ئىچمەكلەرنى پىششىقلاپ ئىشلەش ۋە ساقلاش تېخنىكىسى»دىگەن كىتابنى يېزىپ پەن-تېخنىكا سەھىيە نەشرىياتىدا نەشر قىلدۇرۇپ ، ئۇيغۇرتىلىدىكى يېمەكلىك ساھەسىدە ئىشلەپچىقىرىشتا پايدىلىنىش ماتېرىيالى بولماسلىقتەك بوشلۇقنى تولدۇرغان.  1994-يىلىدىن 1997-يىلىغىچە ئېنگىلىزچە تەرجىمانلىق، خەلقئارا سودا بىلەن شۇغۇللانغان ۋە خېلى زور ئىتىسادىي قىممەت ياراتقان.  

     ئايتۇرسۇن روسۇل 1997-يىلى بارلىق ئىقتىسادتىن ئايرىلىپ قېلىپ، نۆلدىن باشلاپ ئىگىلىك تىكلىگەن. بۇ جەرياندا مىللىي كارخانىچىلار بىلەن قويۇق ئارىلىشىپ، ئۇلارنىڭ  كارخانا باشقۇرۇش ،تەپەككۇر شەكلى، يېڭىلىق يارىتىش جەھەتلەردە  تەرەققى قىلغان رايونلارغا سېلىشتۇرغاندا پەرقىنىڭ ئىنتايىن زور  ئىكەنلىكىنى بايقاپ، 2006-يىلى بۇ بوشلۇقنى تولدۇرۇش ئۈچۈن شىنجاڭ شانئال ئىگىلىك تىكلەش كەسپىي تەربىيەلەش مەكتىپىنى قۇرۇپ، بۈگۈنگە قەدەر 100 مىڭ ئادەم قىتىم تەربيىلەش ئېلىپ بېرىپ كەڭ جامائەتچىلىكنىڭ ياخشى باھاسىغا ۋە ھۆكۈمەتنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن.

     ئۇ دۆلىتىمىز تارىخىدا يۇقىرى دەرىجىلىك سودا سانائەت باشقۇرۇش ماگىستىرلىق سىنىپىنى ئاز سانلىق مىللەت تىلىدا تۇنجى بۇلۇپ ئاچقان شەخس ، 2013-يىلى شىنجاڭ شانئال ئىگىلىك تىكلەش كەسپىي تەربىيەلەش مەكتىپىگە «چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى شىنجاڭ ئاز سانلىق مىللەت كارخانا باشقۇرغۇچىلىرىنى تەربىيەلەش قۇرۇلۇشى تۈرى تەربىيەلەش بازىسى» دېگەن ۋىۋىسكا ئېسىلىپ، چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ بىردىنبىر ئاز سانلىق مىللەت كارخانىچىلىرىنى تەربىيەلەش بازىسى بولۇپ قالدى.

     ئايتۇرسۇن روسۇل داۋاملىق «باشقىلارغا بىر چىنە سۇ بېرىش ئۈچۈن ئۆزۈڭدە بىر چېلەك سۇ بولۇشى كېرەك.» دەيدۇ، ئۇ ئۆگىنىشنى توختىتىپ قويغىنى يوق، كارخانىچىلارنى زامانغا لايىق ئىقتىسادىي بىلىملەر بىلەن تەمىنلەش ئۈچۈن ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى داڭلىق بىلىم يۇرتلىرىغا بېرىپ، يېڭى بىلىملەرنى ئىگىلەپ شىنجاڭ ئىچىدىكى مىللىي كارخانىچىلارنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇپ، قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشىپ كەلمەكتە.

     مەكتەپ قۇرۇلۇپ تا ھازىرغىچە ئايتۇرسۇن روسۇل خانىم كارخانا باشقۇرۇش، يۇقىرى دەرىجىلىك لىدىر تەربىيەلەش دەرسىنىڭ بىر قىسىم دەرسلىرى، خادىملارنى تەربىيەلەش، ئىناق ئائىلە ۋە بەختىيار ھايات، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئاياللارنىڭ، ئانىلارنىڭ ساپاسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش جەھەتتە تەربىيەلەش ئېلىپ بېرىپ كەڭ جامائەتچىلىكنىڭ قىزغىن قوللىشىغا ھەم ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشتى. ئۇندىن باشقا ئايتۇرسۇن روسۇل خانىم كارخانىلارنىڭ مەسلىھەتچىلىك خىزمىتىنى ئىشلەپ،كارخانا باشقۇرۇشتا مەسىلىسى بار كارخانىلارنىڭ قىيىنچىلىقتىن ئۆتۈۋېلىشىغا ياردەم بېرىپ كېلىۋاتىدۇ.

     ئايتۇرسۇن روسۇل خانىم ئىجتىمائىي پائالىيەتلەرنى تەشكىللەشكىمۇ ناھايىتى ئەھمىيەت بەرگەن بولۇپ، 2012-يىلى 3-ئايدا تۇنجى نۆۋەتلىك، 2013-يىلى 4-ئايدا 2-نۆۋەتلىك ئاز سانلىق مىللەت كارخانىچىلىرى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىنى ئاچقان. 2014-يىلى 11-ئاينىڭ 15، 16-كۈنلىرى تۇنجى نۆۋەتلىك خەلقئارا سەۋىيەدىكى،شىنجاڭ ۋە ئىچكىرى ئۆلكىلەردىن بۇلۇپ،800دىن ئارتۇق كارخانىچى قاتناشقان«شىنجاڭ ئوتتۇرا كىچىك كارخانىلار تەرەققىياتى ۋە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇھاكىمە مۇنبىرى» نى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاچتى، مۇھاكىمە مۇنبىرىگە لاڭ شيەنپىڭ، چى جيەنگو قاتارلىق خەلقئارادا نامى بار مۇتەخەسسىسلەرنى تەكلىپ قىلىپ، كارخانىچىلارنىڭ ئىدىيەسىنى يەنىمۇ بىر قەدەم ئىلگىرىلىگەن ھالدا يېڭىلىدى، شۇنداقلا ئىچكىرىدىكى كارخانىچىلار بىلەن رايۇنىمىز كارخانىچىلىرى ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتتى.

      ھەم كارخانىچىلارغا مەبلەغ سېلىش ۋە تەرەققىيات يۈنۈلىشىنى كۆرسىتىپ بەردى. ئايتۇرسۇن رۇسۇلنىڭ بۇ ئىش ئىزلىرى ئاپتونۇم رايونىمىزدىكى تاراتقۇلاردا كەڭ تەشۋىق قىلىنىپ جەمئىيەتتە زور تەسىر قوزغاپلا قالماي ، بەلكى ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى 30دىن ئارتۇق تاراتقۇدىمۇ كۈچۈرۈپ تارقىتىلىپ، پۈتۈن مەملىكەت مىقياسىدا بەلگۈلىك تەسىر قوزغىدى.

     ئۇ ئىچكىرى ئۆلكىلەردە تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان شىنجاڭلىقلارنىڭ ئەھۋالىنى بىر يىلغا يېقىن ۋاقىت سەرپ قىلىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، ئۇلارنىڭ تۇرمۇش، تىجارەت، كارخانىچىلىق ئىشلىرىنىڭ تەرتىپلىك بولىشى ئۈچۈن كۆپ قېتىم ئۆز يېنىدىن ئىختىساد ئاجرىتىپ لىكسىيەلەرنى تەشكىللەپ، ئۇلارنىڭمۇ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى، شۇنداقلا جېجاڭ ئۆلكىسىنىڭ يىۋۇ،كېچىئاۋ رايونلىرىدا مەخسۇس ئىگىلىك باشقۇرۇش بۇيىچە تەربىيىلەش سىنىپلىرىنى ئېچىپ، ئۇلارنىڭ ئىگىلىك تىكلەش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش بىلەن بىرگە، شىنجاڭنىڭ ئىچىدىكى كارخانىچىلار بىلەن ئىچكىرىدىكى كارخانىچىلار ئۆزئارا ئۇچرۇشۇپ،ھەمكارلىشىدىغان سەھنە ھازىرلاپ سودا ئالاقىسىنى كۈچەيتتى ۋە شىنجاڭنىڭ يەرلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئىچكىرى ئۆلكە ۋە چەتئەللەرگە چىقىشىغا يول ئېچىپ بەردى. ئايتۇرسۇن روسۇل بۇنىڭ بىلەنلا توختاپ قالماي ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى شىنجاڭلىق ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئىگىلىك تىكلەش، يەككە ئىگىلىكتىن كارخانىغا ئۆزگىرىش، كارخانا باشقۇرۇش، ھۆكۈمەتنىڭ تۈرلۈك سىياسەتلىرىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش، تەرتىپلىك، قانۇنلۇق تىجارەت قىلىش، شىنجاڭلىقلارنىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى ئوبرازىنى يوقۇرى كۈتۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئويلىغانلىرىنى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتېيىنىڭ ۋەكىلى گۇلنۇر مەمەت ئارقىلىق مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتېيىغا يوللاپ، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتېيى ۋە گوۋۇيۇەننىڭ كۆڭۈل بۆلىشى بىلەن ئىنتايىن ياخشى جاۋاپقا ئېرىشتى، ئۇ ھۆكۈمەتنىڭ چەكسىز غەمخورلىقى ۋە قوللىشى بىلەن ئىچكىرى ئۆلكىدىكىلەرنىڭ تەربىيىلىنىش ئىشلىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا، يېقىندا شانئال مەكتىپىنىڭ بېيجىڭدىكى تارمىقى قۇرۇلۇپ، پۈتۈن مەملىكەت مىقياسىغا تەربىيىلەش تۈرلىرىنى كېڭەيتمەكتە.

     ئۇ رايونىمىز كارخانىچىلىرىنىڭ يېڭى ئېقىمغا ماسلىشىپ دەۋىر بىلەن تەڭ ئىلگىرلىشى ئۈچۈن، ئالىبابا گوروھى بىلەن ھەمكارلىشىپ، كارخانىچىلىرىمىزنى ئىنتېرنىېت تەپەككۇرى، ئېلىكترونلۇق سودا ئەمىلىي مەشغۇلاتى قاتارلىق تۈرلەر بۇيىچە تەربىيىلەپ، رايونىمىزدا ئىشلەنگەن مەھسۇلاتلارنىڭ ئىچكىرى ئۆلكە ۋە چەتئەللەرگە چىقىشى ئۈچۈن كۆپ تىرىشچانلىق كۆرسەتتى، لېكىن كارخانىچىلىرىمىزنىڭ بۇ جەھەتتىكى ئېڭى يىتىلگەن بىلەن، ئىقتىدار جەھەتتە ئاجىز ئىكىنلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئايتۇرسۇن خانىم ئۆزى قول تىقىپ رايونىمىز مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئىچكىرى ۋە چەتئەللەردىكى بازىرىنى ئېچىشقا ئاتلاندى، شۇنداقلا كارخانىچىلارنى ئىچكىرى ئۆلكە ۋە چەتئەللەردىكى داڭلىق ئالى مەكتەپلەرگە، يەنى خارۋارت ئونۋېرسىتىتى، ئوخىو ئونۋېرسىتىتى، چىڭخۇا ئونۋېرسىتىتى،مەركىزى مىللەتلەر ئونۋېرسىتىتى قاتارلىق ئالى بىلىم يۇرتلىرىغا ئاپىرىپ داڭلىق پروففىسسورلارنى تەكلىپ قىلىپ تەربىيىلەش ئېلىپ باردى ۋە داڭلىق كارخانىلارنى ئېكىسكۇرسىيە قىلىپ ئەمىلى بىلىم ئېلىشقا يىتەكلىدى، شۇنداقلا كارخانىچىلارنى ئامېرىكا، ئەنگىلىيە، ئىتالىيە، شىۋىتسارىيە،فرانسىيە، گىرمانىيە، تۈركىيە، دۇباي،پاكىستان قاتارلىق 30دىن ئارتۇق دكلەتكە ئېكىسكۇرسىيەگە ئاپىرىپ، ئۇلارنىڭ نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتتى.

     ئۇنىڭدىن باشقا ئايتۇرسۇن روسۇل سىاخاۋەت ئشلىرىغىمۇ كۆڭۈل بۆلۈپ كەلدى.مەكتەپ قۇرۇلغاندىن بۈگۈنگىچە نامرات ۋە مىيىپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ 680 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق ئوقۇش پۇلنى كەچۈرۈم قىلدى،ھەرقايسى جايلاردا يۈز بەرگەن ئاپەتلەردە زىيانغا ئوچرىغۇچىلارغا يېقىندىن ياردەمدە بولۇپلا قالماي،ئوقۇغۇچى كارخانچىلارنى تەشكىللەپ ئىئانە پائالىيەتلىرىنى ئورۇنلاشتۇردى ۋە مېيىپ ، قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارنىڭ داۋالىنىش چىقىملىرىنى كۇتۇرۈپ، كارخانچىلار بىلەن بىرلىكتە بىر مىليون يۈەندىن ئارتۇق پۇلنى ساخاۋەت ئىشلىرىغا سەرىپ قىلدى، ئۇ جەمئىيەتنىڭ قوللىشىغا مىھرى-مۇھەببىتى ئارقىلىق جاۋاپ قايتۇرپ كەلدى. ئۇ يەنە 3ئەل خىزمىتىگە چۈشكەن رەھبەرلەر بىلەن ئالاقىلىشىپ، يېزا-كەنتلەرگە چۈشۈپ، 50مەيداندىن ئارتۇق <ئانىلارنىڭ ساپاسىنى ئۆستۈرۈپ، بەختىيار تۇرمۇش بەرپا  قىلىش، ئەسەبىلىكنى تۈگۈتۈش،ۋەتەنپەرلىك ئېڭىنى ئۆستۈرۈش، ئەخلاقلىق بولۇش، ئىگىلىك تىكلەش >قاتارلىق مەزمۇنلاردا 50مەيداندىن ئارتۇق ھەقسىز لېكسىيە سۆزلەپ، كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ قىشغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى. ئۇ كەنتكە چۈشكەن كادىرلارنىڭ تونۇشتۇرىشى بىلەن نۇرغۇن نامرات دىھقانلارغا ماددى ۋە مەنىۋى جەھەتتىن يارىدەم قىلدى، ۋە ئوقۇشتا قىينىلىۋاتقان ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئوقۇشىغا يارىدەم قىلدى.

     ئايتۇرسۇن روسۇل يۇقىرىقىدىن باشقا يەنە پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشى ئاستىدا 3000 دىن ئارتۇق كارخانا باشقۇرغۇچىنى ھەقسىز تەربىيەلەپ چىقىپ كەڭ كارخانىچىلارنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشتى. ئۇ ئۇيغۇر كارخانىچىلارنى ئانا تىلدا تەربىيەلەپلا قالماستىن يەنە قازاق، خەنزۇ كارخانىچىلارنىمۇ تەربىيەلەپ ئۇلارنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى. ئۇ كارخانىچىلارنىلا تەربىيىلەپ قالماستىن يەنە ھۆكۈمەت كادىرلىرىنىڭ مۇلازىمەت ئېڭىنى ئۆستۈرۈش، خىزمەت پوزىتسىيىسىنى ياخشىلاش، كادىرلار ئەدەپ قائىدىلىرى، كادىرلار پارتىيە ھۆكۈمەت بىلەن پۇخرالار ئوتتۇرىسىدىكى كۆۋرۈكلۈك رولنى ياخشى ئويناپ پارتىيەنىڭ ئوبرازىنى يۇقۇرى كۈتۈرۈش قاتارلىق مەزمۇنلاردا ھەرمىللەت كادىرلىرىغا لېكسىيە سۆزلەپ، كەڭ كادىرلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى.

     شانئال مەكتىپى ئايتۇرسۇن روسۇلنىڭ زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى ئارقىسىدا،مەركىزى خەلق رادىيو ئىستانسىسىنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشى ئاستىدا 2013-يىلىدىن ھازىرغىچە مەركىزى خەلق رادىيو ئىستانسىسىنىڭ ئىختىساد پروگراممىسىدىكى «كارخانىچىلار دەرسخانىسى«، «مېنىڭ سوھبەتخانام«قاتارلىق سەھىپىلەرنى بىرلىكتە باشقۇرۇپ، شانئال مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسىدىكى يۈرەك قېنىنى كارخانىچىلار ئۈچۈن سەرپ قىلىۋاتقان باغۋەنلەرنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشى ئاستىدا ، كۈندە 10مىنۇت ئاڭلىتىپ كارخانىچىلىرىمىزنىڭ ئۆيىدە ئولتۇرۇپلا بىلىم ئېلىشىغا قۇلايلىق شارائىت ياراتتى.

     ئايتۇرسۇن روسۇل ئۈزلۈكسىز ئۈگۈنۈپ، دۇنيادىكى ئەڭ يېڭىلىقلارنى كارخانىچىلارغا ۋاقتىدا يەتكۈزۈپ،  كارخانىچىلرغا ياخشى يىتەكچى بۇلۇپلا قالماي ، يەنە شانئال سودا ئىنىستىتوتنى قۇرۇپ كارخانىلارنىڭ ھەرقايسى بۈلۈملىرىگە ئۆلچەپ تىككەندەك ماس كېلىدىغان ئىختىساس ئىگىلىرىنى تەربىيىلەپ يىتىشتۈرۈپ چىقىش ئۈچۈن كۆپ ئىزدىنىپ، شانئال سودا ئىنىستىتوتىنىڭ سودا پىلانىنى يېزىپ چىڭخۇا ئونۋېرسىتىتىدا مۇسابىقىگە قاتناشتۇرۇپ،  ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە تاللىنىپ، ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدىمۇ مەملىكەت بۇيىچە 2-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشىپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىگە شان-شەرەپ كەلتۈردى! شۇنداقلا چىڭخۇا ئونۋېرسىتىتىنىڭ چولپان ئوقۇغۇچىسى بولۇپ باھالاندى.

     پارتىيە-ھۆكۈمەتمۇ ئايتۇرسۇن خانىمنىڭ ياراتقان نەتىجىلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، ئۇنىڭغا نۇرغۇن شان-شەرەپلەرنى بەردى. شانئال مەكتىپى مىللىي كارخانىلار ئىچىدە تۇنجى بولۇپ  تەربىيىلەش، ئىگىلىك يارىتىش، ئۇچۇر يەتكۈزۈش، مەسلىھەت بېرىش تۈرلىرى بۇيىچە ئاپتونۇم رايون دەرىجىلىك ئۈلگىلىك سۇپا بۇلۇپ بىكىتىلدى. ئاپتۇنۇم رايونلۇق ئىختىساد ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش كومىتىتىنىڭ ئاز سانلىق مىللەت كارخانا باشقۇرغۇچىلىرىنى تەربىيىلەشتىكى بىكىتىلگەن ئورنى شەرىپىگە ئېرىشتى،

     2006-يىلى ئايتۇرسۇن ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى 50 ئىگىلىك تىكلەش باشلامچىسىنىڭ بىرى بولۇپ مۇكاپاتلاندى، ۋە <ئېگىلىك تىكلەش يولى >ناملىق قامۇسقا كىرگۈزۈلدى. 2008-يىلى مەملىكەتلىك ئاياللار بىرلەشمىسى تەرىپىدىن جۇڭگودىكى «10 مۇنەۋۋەر ئىگىلىك تىكلىگۈچى ئايال» نىڭ بىرى بولۇپ باھالىنىپ، «جەمئىيەتكە تۆھپە قوشۇش» مۇكاپاتىغا ئېرىشتى، شۇ يىلى جۇڭگو ئاياللىرىغا ۋاكالىتەن ئامېرىكىغا بېرىپ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 17-نۆۋەتلىك سىجىل تەرەققىيات يىغىنىغا قاتنىشىپ ئۇيغۇر ئاياللىرىغا شان-شەرەپ كەلتۈردى.

     2009-يىلى ئاپتونوم رايونلۇق ئاياللار بىرلەشمىسى تەرىپىدىن «كۆزگە كۆرۈنگەن ئايال كارخانىچى»، «تۆھپىكار ئايال»، «ئىگىلىك تىكلەشتىكى ئۈلگىلىك ئايال» قاتارلىق شان-شەرەپلەرگە ئېرىشتى ۋە شۇ يىلى 3-ئايدا، <شىنجاڭ ئاياللىرى>ژورنىلىنىڭ ئاياللار بايرىمىلىق سانىنىڭ مۇقاۋىدىكى شەخس بولۇپ، ئىش ئىزلىرى شۇ ژورنالدا تۇنۇشتۇرۇلدى.

     2013-يىلى ئاپتونوم رايونلۇق ئاياللار بىرلەشمىسى تەرىپىدىن «شەھەر، يېزا قۇرۇلۇشىدىكى تۆھپىكار ئايال» مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.

     2014-يىلى مەملىكەتلىك ئاياللار بىرلەشمىسى تەرىپىدىن مەملىكەت بۇيىچە«داڭلىق ئايال كارخانىچى» مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.

     2014-يىلى ئاپتونوم رايون بويىچە «تۆھپىكار ئانىلار» مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.

     2015-يىلى ئاپتونۇم رايونلۇق ئتتىپاق كومتىتى «شىنجاڭ ياشلىرى»ژورنىلى تەرەپىدىن نەشىر قىلىنغان «كارخانىچى»ژۇرنىلى تەرىپىدىن «شىنجاڭدىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر كارخانىچى»بولۇپ باھالاندى ۋە شۇ ژورنالدا ئېلان قىلىندى.

     2015-يىلى چىڭخۇا ئونۋېرسىتىتىنىڭ چولپان ئوقۇغۇچىسى بولۇپ باھالىنىپ، ئالىبابا گوروھىنى ئۇيۇشتۇرغان يەرشارى ئايال ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر مۇنبىرىگە تەكلىپ بىلەن قاتنىشىپ، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن ، ئامېرىكا خافىنتون پوچتا گېزىتىنىڭ قۇرغۇچىسى ئارىئاننا خافېنتون خانىم، ھوللىۋودنىڭ داڭلىق كىنو چولپىنى ،داڭلىق كارخانىچى جېشكا ئالبا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئاياللار ۋە بالىلار ھوقۇقى ئورگىنىنىڭ مۇدىرى، جەنۇبى ئافرىقىنىڭ سابىق مۇئاۋېن پىرىزىدېنتى نىگۇكا ، ئەنگىلىيەنىڭ جوڭگۇدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ۋۇبەينا خانىم قاتارلىق مۇنەۋۋەر ئاياللار بىلەن بىر سەھنىدىن ئورۇن ئالدى ۋە ئۇلار بىلەن ئاياللارنىڭ ئورنىنى يۇقۇرى كۈتۈرۈش، ئاياللارنىڭ ئىگىلىك تىكلىشى قاتارلىق مەزمۇنلاردا سۆھبەتتە بولدى.

     2015-يىلى مەملىكەتلىك سودا سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى تەھرىر بۈلىمى تەرىپىدىن، «غەربىي دىياردىكى چولپانلار « قامۇسىغا كىرگۈزۈلدى،        2016-يىلى بۇ قامۇسنىڭ مۇقاۋىسىدىكى شەخس بۇلۇپ باھالىنىپ، ئۇنىڭ ئىش ئىزلىرى قامۇسنىڭ 1-بېتىگە كىرگۈزۈلدى.

     2016-يىلى ئايتۇرسۇن روسۇل ئاپتونۇم رايونلۇق ئاياللار بىرلەشمىسى تەرىپىدىن ئۆتكۈزۈلگەن «يىپەك يولى بۇيىدىكى دۆلەتلەر ئاياللىرى مۇنبىرى« گە رىياسەتچىلىك قىلىشقا ۋە جوڭگۇ ئىگىلىك تىكلىگۈچى ئاياللىرىغا ۋاكالەتەن سۆزلەشكە تەكلىپ قىلىنىپ، مۇنبەر رىياسەتچىلىكىنى خەنزۇ تىلى ۋە ئېنگلىز تىلىدا ناھايىتى ياخشى قىلىپ، دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىن كەلگەن مۇنبەر قاتناشچىلىرىنىڭ يۇقۇرى باھاسىغا ئېرىشتى.

     يۇپۇرغا ناھىيىسىنىڭ ئاچچىق يېزىسىدىن ئىبارەت چەت يېزىدىن چىققان بىر ئاددى قىز ، بۇگۇنكى كۈنگە كەلگەندە خەلقئارا سەھنىلەردە چولپان بۇلۇپ چاقنىدى، بۇ نەتىجىلەر ئەلبەتتە ئۇنىڭ دادىسى رۇسۇل ئابباس بىلەن ئانىسى ھۆرىگۇل ھاشىمنىڭ ئەتراپلىق تەربىيىلىشى، خەلقنىڭ قوللىشى، ھۆكۈمەتنىڭ قوللىشى ۋە ئۆزىنىڭ تىرىشچانلىقىدىن، ھارماي تالماي ئۈگىنىدىغان روھىنىڭ بولغانلىقىدىن كەلگەن.

     ئايتۇرسۇن روسۇل نۆۋەتتە تۆۋەندىكىدەك ۋەزىپىلەرنى ئۆتىمەكتە:

     شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق ئوتتۇرا كىچىك كارخانىلار مۇلازىمەت مەركىزى تەربىيىلەش ۋە مەسلىھەت بېرىش بۈلىمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى؛

     شىنجاڭ شانئال ئىگىلىك تىكلەش كەسپىي تەربىيەلەش مەكتىپىنىڭ قۇرغۇچىسى؛

     شىنجاڭ شانئال ئىگىلىك تىكلەش مەبلەغ باشقۇرۇش مەسلىھەتچىلىك چەكلىك شىركىتىنىڭ لىدىرى؛

     چىڭخۇا ئونۋېرسىتىتى شىنجاڭ ئاز سانلىق مىللەت كارخانا باشقۇرغۇچىلىرىنى تەربىيىلەش بازىسىنىڭ مۇدىرى

     دۇنيا كۆزگە كۆرۈنگەن جۇڭگولۇق كارخانىچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئۆمۇرلۈك كېڭەش رەئىسى؛

     ئاپتۇنۇم رايونلۇق 11-نۆۋەتلىك ئاياللار قۇرۇلتېيىنىڭ ۋەكىلى؛

     تەڭرىتاغ رايونلۇق 9-نۆۋەتلىك سىياسى كېڭەشنىڭ ئەزاسى؛

     ئاپتۇنۇم رايونلۇق مىللىي سودا ئۇيۇشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى؛

     ئاپتونوم رايونلۇق ئايال كارخانىچىلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى؛

     ئاپتونوم رايونلۇق ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلار جەمئىيىتىنىڭ دائىمىي كېڭەش ئەزاسى؛

     قەشقەر ۋىلايەتلىك رايون ئىچى ۋە سىرتىدىكى مەبلەغ سالغۇچى كارخانىچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئىجرائىيە رەئىسى.

     «كارخانىچى»ژۇرنىلىنىڭ مۇدىرىيەت ھەيئىتى.