ئايلتىس

ئورنى Wikipedia

ئايلتىس (IELTS، InternationalEnglish Language Testing System) نىڭ ئىنگلىز تىلىدىكى قىسقارتىلمىسى بولۇپ ،ئەنگىلىيە مائارىپ نازارىتى ،ئاۋېستىرالىيە ھەم كامبىرىج ئۇنۋېرستىتىنىڭ بىرلىشىپ باشقۇرىدىغان ئىنگىلىز تىلى سەۋىيە سىناش ئىمتىھان سېستىمىسىدۇر.

قىسقىچە چۈشەندۈرۈش[تەھرىرلەش]

ئايلتىس (IELTS، InternationalEnglish Language Testing System) نىڭ ئىنگلىز تىلىدىكى قىسقارتىلمىسى بولۇپ ،ئەنگىلىيە مائارىپ نازارىتى ،ئاۋېستىرالىيە ھەم كامبىرىج ئۇنۋېرستىتىنىڭ بىرلىشىپ باشقۇرىدىغان ئىمتىھان سېستىمىسىدۇر. ئايلتىس (IELTS)ئىمتىھانى كانادا ،ئاۋسترالىيە ۋە يېڭى زېللاندىيە ،ئەنگلىيە ۋە ئامېرىكا قاتارلىقلارنى ئۆزئىچىگە ئالغان نۇرغۇن دۆلەتلەر تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنغان ھەم كۆپلىگەن داڭلىق ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ تىل ئۆلچىمىگە ئايلانغان .

تۈرى[تەھرىرلەش]

ئايلتىس ئىمتىھانى ئىككى خىل شەكىلدەبولىدۇ:

1. ئوقۇشقا چىققۇچىلار ۋە باشقا ئىلمىي پائالىيەت بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار ئۈچۈن ئىلىم-پەن تۈرى(Academic Module).

2. كانادا، ئاۋسترالىيە ۋە يېڭى زىللاندىيلەرگە كۆچمەن بولۇپ چىققۇچىلارنىڭ تىل سەۋىيىسىنىسىناش ئۈچۈن ئىلىنىدىغان تەربىيلەش تۈرى(General Training Module) .

ئىككى خىل ئىمتىھانبەرگۈچىلەر ئۈچۈن ئاڭلاپ چۈشىنىش ۋە ئېغىز تىلى ئىمتىھانى ئوخشاش ،ئوقۇپ چۈشىنىش ۋە يېزىقچىلىق شەكىللىرى پەرقلىنىدۇ.

ئايلتىس ئىمتىھانىنىڭ تۈزۈلىشى[تەھرىرلەش]

ئايلتىس ئىمتىھانى تۆت قىسىمدىن تەركىب تاپقان .ئايرىم-ئايرىم ئوقۇش(Reading) ئاڭلاش(Listening) ئېغىزتىلى(سۆزلەش-Speaking)ۋە يېزىقچىلىق(Writing) . ئۇمۇمىي ئىمتىھان ۋاقتى 2سائەت45مىنۇت ئەتراپىدا.

ھەر بىر قىسىمنىڭ تولۇق نومۇرى 9 بولۇپ ، ئاخىرقى نەتىجە تۆتقىسىمدىن ئايرىم-ئايرىم ئالغان نومۇرنى قوشۇپ ، يىغىندىسىنى 4 كە بۆلۈپ چىققانئوتتۇرىچە نومۇر ئاخىرقى نەتىجە بولىدۇ.1دىن 9غىچە ئارىلىقتا ئوخشىمىغانسەۋىيىلەرگە ۋەكىللىك قىلىدۇ. مەسىلەن ئوقۇپ چۈشىنىش قىسمىدا 7 يەتتە نومۇر،ئاڭلاپ چۈشىنىش قىسمىدا 6.5 ، ئېغىزتىلى قىسمىدا 8 نومۇر، يېزىقچىلىق قىسمىدا 7.5نومۇر ئالغان بولسىڭىز ئاخىرقى نەتىجىڭىز 7.25= 4 /(7+6.5+8+7.5) بولىدۇ .

نورمال ئەھۋال ئاستىدا كۆچمەن بولۇشنىڭ ئۆلچىمى 5تىن يۇقىرى ،ئوقۇشقا چىقىشنىڭ ئۆلچىمى 6دىن يۇقىرى بولماقتا . ئەمما ئوخشاش بولمىغان دۆلەت ،ئوخشاش بولمىغان مەكتەپلەرنىڭ ئايلتىسقا بولغان تەلىپىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ.

ئايلتىس ئىمتىھانىنىڭ نەتىجە جەدۋىلى[تەھرىرلەش]

ئاڭلاپ چۈشىنىش ( ۋاقتى : 30 مىنۇت)[تەھرىرلەش]

ئاڭلاپ چۈشىنىش قىسمى جەمئىي تۆت (sections) بۆلەك، 40 كىچىك سۇئال .

دائىم ئۇچرايدىغان ئىمتىھان شەكلى تاق تاللاش،قىسقا جاۋاببىرىش،جۈملە تولۇقلاش ،رەسىمگە ياكى جەدۋەلگە قاراپ جاۋاببىرىش، تۇتاشتۇرۇش (ئاڭلىغان مەزمۇنغا ئاساسەن بىرىلگەن رەسىمنىتۇتاشتۇرۇش) قاتارلىقلارنى ئۆزئىچىگە ئالىدۇ. ئىمتىھان مەزمۇنى ، سەيلە-ساياھەت ، ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى ئارىسىدىكى دىئالوگ، خىزمەتچى بىلەن خوجايىن مۇناسىۋىتى، كۈندىلىك تۇرمۇش(يېتىپ-قوپۇش، نەرسە-كېرەك سېتىۋېلىش)، ئوقۇغۇچىلار ئۆگىنىشجەريانىدا باشتىن كەچۈرىدىغان تىپىك كۆرۈنۈشلەر(دەرسلىكنى چۈشەندۈرۈش،ئىلمىمۇلاھىزە) قاتارلىقلارغا چېتىلىدۇ.

ئاڭلاپ چۈشىنىش ماتىريالى قويۇلىۋاتقاندا ئايرىم قەغەزگە خاتىرەقالدۇرۇشقا بولىدۇ ، ھەر بىر كىچىك سۇئالدىن كىيىن 10 سىكۇنت ئەتراپىدا جاۋابيېزىش ۋاقتى بېرىلىدۇ (بۇ قىسمى توفىلغا ئوخشىمايدۇ) ،ئاڭلاپ چۈشىنىش ماتىريالىقويۇلۇپ بولغاندىن كىيىن جاۋاب يېزىشقا (جاۋاب كارتىسىنى توشقۇزۇشقا) 10 مىنۇتۋاقىت بېرىلىدۇ .كۆزىڭىز چاققان بولسا ئىمتىھان قەغىزىنى تارقىتىپ رەسمىي باشلانغىچە بولغان ئارلىقتا خېلى سۇئاللارنى كۆرۈپ بولىسىز . ھەر بىر سۇئالنىتىزلىكتە ئىشلەپ بولالىسىڭىزمۇ كىيىنكى سۇئال باشلانغۇچە كىيىنكى سۇئالنى كۆرۈپكۆڭلىڭىزدە سان بولۇشقا ۋاقىت چىقىدۇ. 30 مىنۇتلۇق ئاڭلاپ چۈشىنىش ئاخىرلاشقاندىنكىيىن 5 مىنۇت ئارام ۋاقتى ، ئەمما ئىمتىھان مەيدانىدىن ئايرىلىشقا بولمايدۇ.

ئەسكەرتىشكە تىگىشلىكى شۇكى ،ئاڭلاپ چۈشىنىش قىسمىدىكى 4 بۆلەك ، 40سۇئالنىڭ شەكلى ھەرخىل ،تاق تاللاش،قىسقا جاۋاب بىرىش، جۈملە تولۇقلاش ،رەسىمگەياكى جەدۋەلگە قاراپ جاۋاب بىرىش، تۇتاشتۇرۇش (ئاڭلىغان مەزمۇنغا ئاساسەن بىرىلگەنرەسىمنى تۇتاشتۇرۇش) قاتارلىقلارنى ئۆزئىچىگە ئالىدۇ. ئاڭلىغاندا when,what,why,who دىگەننۇقتىلارغا ئالاھىدە دىققەت قىلىش كېرەك .بىر تەرەپتىن ئاڭلاپ بىر تەرەپتىن كۆرۈش (ئوقۇش)، يەنە بىر تەرەپتىن خاتىرە قالدۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. مۇشۇنۇقتىدا ئىمتىھاندىن بۇرۇن كۆپلەپ مەشىق قىلمىسا ، ئىمتىھان قۇرۇلمىسىغا پىششىقبولمىسا ئاڭلاپ چۈشىنىش قىسمىدا ياخشى نومۇر ئېلىش خېلى تەس .

ئوقۇپ چۈشىنىش (ۋاقتى: 60 مىنۇت)[تەھرىرلەش]

ئوقۇپ چۈشىنىش قىسمى جەمئىي ئۈچ بۆلەك (ئۈچ پارچە ماقالە) ، 40 كىچىك سۇئال .

دائىم ئۇچرايدىغان ئىمتىھان شەكلى: تاق تاللاش،قىسقا جاۋاببىرىش،جۈملە تولۇقلاش ،رەسىمگە ياكى جەدۋەلگە قاراپ جاۋاب بىرىش، تۇتاشتۇرۇش (ئاڭلىغان مەزمۇنغا ئاساسەن بىرىلگەن رەسىمنى تۇتاشتۇرۇش) ، مەزمۇنغا قاراپ تېما تاللاش، ئاپتورنىڭ نۇقتىنەزىرى (كۆزقارىشى) نى تاللاش ،توغرا-خاتالىقى ياكى بېرىلمىگەنلىكىگە ھۆكۈم قىلىش ( yes, no or not given)، تۈرگە ئايرىش قاتارلىق تۈرلىرى بار.

(A(Academic تۈردىكى ئوقۇپ چۈشىنىش ئۈچ پارچە ئۇزۇن ماقالە بولۇپ ، مەنبەسىگېزىت-ژۇرناللاردىن كەلگەن ، چەتئەلدە تولۇق كورس ياكى ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇماقچىبولغانلارغا ماس كېلىدۇ ،

G تۈردىكى ئوقۇپ چۈشىنىش بىر قانچە پارچە قىسقا ماقالىلەر بولۇپ ، مەنبەسى ئۇقتۇرۇش ، ئېلان ، ھۆكۈمەت ھۈججەتلىرى، تەشۋىق ۋارىقى ، گېزىتقاتارلىقلاردىن كەلگەن. social survival ، Training survival، generalreading قاتارلىق ئۈچ بۆلەكتىن تۈزۈلگەن .

ئەسكەرتىشكە تىگىشلىكى شۇكى ،ئاڭلاپ چۈشىنىش قىسمىدىكى سۇئالنىڭ شەكلىھەرخىل ، پەقەت تاللاش سۇئالىلا ئەمەس.تاق تاللاش،قىسقا جاۋاب بىرىش،جۈملەتولۇقلاش ، رەسىمگە ياكى جەدۋەلگە قاراپ جاۋاب بىرىش، تۇتاشتۇرۇش (ئاڭلىغان مەزمۇنغائاساسەن بىرىلگەن رەسىمنى تۇتاشتۇرۇش)، مەزمۇنغا قاراپ تېما تاللاش، ئاپتورنىڭنۇقتىنەزىرى (كۆزقارىشى) نى تاللاش ، توغرا-خاتالىقى ياكى بېرىلمىگەنلىكىگە ھۆكۈمقىلىش( yes,no or not given) قاتارلىق كۆپ خىل سۇئال شەكىللىرىنى ئۆزئىچىگەئالىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن كۆپ خىل سۇئال شەكلىگە پىششىق بولۇش بىلەن بىرگە ، ئىمتىھاندىن بۇرۇن ھەرخىل تۈردىكى ماتىرياللارنى كۆپ كۆرۈپ بەرسە ئۈنۈمى ياخشىبولىدۇ.

يېزىقچىلىق قىسمى (ۋاقتى: 60 مىنۇت)[تەھرىرلەش]

ئىككى پارچە ماقالە يېزىپ بېرىش تەلەپ قىلىنىدۇ. بىرى قىسقا يېزىقچىلىق TASK1 ، يەنە بىر پارچىسى سەل چوڭراق بولۇپ TASK2 ، ئىككى ماقالىگە بېرىلگەن ۋاقىت 60 مىنۇت . قىسقا يېزىقچىلىقنىڭ(TASK1 ) تەلىپى150سۆزدىن ئاز بولمىغان ماقالە بۇلىشى كېرەك. 20 مىنۇت ئىچىدە يېزىپ بولۇش تەۋسىيەقىلىنىدۇ. Aتۈردىكى TASK1 كۆپىنچەرەسىم، گرافىك (جەدۋەل)، ئەگرى سىزىقلىق دىئاگرامما ۋە بېرىلگەن ماتىريالغا ئاساسەن 150 سۆزدىن ئاز بولمىغان ماقالە يېزىش تەلەپ قىلىنىدۇ. Gتۈردىكى TASK1دا بېرىلگەنتېمىغا ئاساسەن بىر پارچە خەت (تەكلىپنامە، رۇخسەت سوراش خېتى قاتارلىقلار) يېزىش تەلەپ قىلىنىدۇ.

TASK2 قىسمى ، يەنى ئۇزۇن ماقالە يېزىقچىلىقى، بۇنىڭدا A تۈردىكىۋە G تۈردىكىيېزىقچىلىققا بولغان تەلەپ ئاساسەن ئوخشاش كېتىدۇ . ھەر ئىككىلىسى بېرىلگەن تېمىغائاساسەن 250سۆزدىن ئاز بولمىغان مۇھاكىمە ماقالىسى يېزىش تەلەپ قىلىنىدۇ. ماقالىدەبېرىلگەن تېما(مەلۇم ئىجتىمائىي ۋەقە ، ھادىسە، يۈزلىنىش) غا نىسبەتەن ئىمتىھانغاقاتناشقۇچىنىڭ كۆز قارىشى، پىكرى ، مەيدانى ، ھەل قىلىش ئۇسۇلى قاتارلىقلارنى ئۆزئىچىگە ئالىدۇ. مەسىلەن 2004-يىللىق A تۈردىكى يېزىقچىلىقنىڭ بېرىلىشى مۇنداق :

“When international media(including movies, fashion shows, advertisements andother TV programmes) convey the same messages to the global audience,people argue that the

expansion of international media has negative impacts on cultural diversity.What is your opinion?”

مەزمۇننى كۆچۈرۈۋېلىش

40 مىنۇت ئىچىدە يېزىپ بولۇش تەۋسىيە قىلىنىدۇ.

ئېغىز تىلى(يۈزتۇرانە) قىسمى[تەھرىرلەش]

پۈتكۈل يۈز تۇرانە ئىمتىھان ۋاقتى : 11 مىنۇتتىن 15 مىنۇتقىچە .

شەكلى : ئىمتىھان بەرگۈچى بىلەن ئالغۇچى يۈزمۇ-يۈز ئولتۇرۇپ ئىنگلىزتىلىدا دىئالوگلىشىدۇ . دىئالوگ ئۈنگە ئېلىنىدۇ .(بۇ قىسمى توفىلدىن پەرىقلىنىدۇ) .

ئىمتىھان ئۈچ بۆلەكتىن تەركىپ تاپقان .

بىرىنچى بۆلەكتە ئىمتىھانغا قاتناشقۇچى ئۆزىنى تونۇشتۇرىدۇ .ئىمتىھان ئالغۇچى بىلەن ئۆي ، ئائىلە ئەزالىرى ،يۇرت ، ئۆگىنىش(خىزمەت) ، قىزىقىشقاتارلىق تونۇش بولغان تېمىلاردا دىئالوگلىشىدۇ . ۋاقتى تۆت مىنۇتتىن بەشمىنۇتقىچە .

ئىككىنچى بۆلەك : ئىمتىھان ئالغۇچى بىركارتا تاللاپ ، كارتا ئۈستىگەيېزىلغان تېمىدا بىر قانچە مىنۇت سۆزلەشنى تەلەپ قىلىنىدۇ . سۆزلەشتىن بۇرۇنتېمىنى سىزگە ئۇقتۇرۇپ ، بىر مىنۇت تەييارلىق ۋاقتى بېرىلىدۇ . سۆزلەپ بولغاندىنكىيىن سىز سۆزلىگەن مەزمۇندىن بىر قانچە سۇئال سورىلىدۇ .

خەنزۇچە نامى[تەھرىرلەش]