ئاپپاق خوجا

ئورنى Wikipedia

17-ئەسىردە ياشغان خوجالاردىن بىرى

  ئاپئاق خوجا - خوجا مەخدۇم ئەزەمنىڭ پەي نەۋرىسى - (مۇھەممەد يۈسۈپ خوجىنىڭ ئوغلى) بولۇپ، مىلادى 1626- يىلى قۇمۇلدا قەشقەرلىك سەئىدجېلىل قەشقىرى دېگەن كىشىنىڭ قىزى زۇلەيخا بىكىم (بىكىم بېگىم مەنىسىدە - ئا) دېگەن خاتۇنىدىن تۇغۇلغان. 1633- يىلى دادىسى بىلەن سوپىلىق قىلىپ قەشقەرگە پەيدا بولغان. 1660-يىلى 34- يېشىدا يەكەندە مەكىتلىك ئوبۇل ھادى بەگنىڭ قىزىغا ئۆيلەنگەن. 1678- يىلدىن 1694- يىلغىچە 16 يىل قەشقەرىيە (ھازىرقى جەنۇبىي شىنجاڭ) گە «خان» لىق قىلغان. ئۆمرىدە «ئەۋلادى پەيغەمبەر خوجا» - «ئەۋلىيا خوجام»، «ئاپئاق خوجا»،«ئىشان نۇر ئاللاھ»،«ئىشان ئەلەيھى»، «ئاللاھ خوجام»، «پېشىۋاھى ھەزرەت»، «ئاباخخوجا». «تورلوك ئاباخ» دېگەندەك ناملارنى قوللانغان ياكى قوبۇل قىلغان. 1693- يىلى يازدا ئوغلى (شۇ چاغدىكى قەشقەرنىڭ باش ھۆكۈمرانى) يەھيا خوجا (خان خوجا دەپ ئاتىلىدۇ) غا: «... ئەي قەدىرلىك پەرزەنت، مۇشۇ يەر ھەممە يەرلەردىن ئوبدانراق ئىكەن. بۇ يەرگە ئېگىز بىر گۈمبەز قىلىڭ، ئۇ - تا قىيامەتكىچە بۇزۇلمىسۇن....» (ئاپئاق خوجا تەزكىرىسى كۆچۈرۈلمە نۇسخا 41- بەت) دېگەن بۇيرۇقنى بېرىپ، دادىسىمۇھەممەد يۈسۈپ خوجىنىڭ قەبرىسىنى ئاساس قىلغان ھالدا ھازىرقى ئاپئاق خوجامازىرىنىڭ ئەسلىنى ياساتقان ھەم ئۇنىڭغا دەسلەپتە «مازارى شاھان» (مازارلار شاھى) دەپ نام قويغان. ھىجرىيە 1115- پەلەڭ يىلى يەنى يولبارس يىلى ماھى سەپەر ئېيىنىڭ16- كۈنى (مىلادى 1694- يىلى 2-ئاينىڭ 10- كۈنى) ئۆزىنىڭ تاغىسى خوجا ئىشاق ئەۋلادلىرى تەرىپىدىن ھوقۇق، ئىنتىقام، ئاداۋىتى بىلەن يەكەن شەھىرىدە 68 يېشىدازەھەرلەپ مەخپىي ئۆلتۈرۈۋېتىلگەن. جەسىتى شۇ يىلى قەشقەر شەھىرىگە يۆتكىلىپ كېلىنىپ، ئۆزى ئۆلۈشتىن يەتتە ئاي بورۇن ياسىتىپ قويغان «مازارى شاھان» غا دەپنەقىلىنغان. ئاپئاق خوجىنىڭ چوڭ ئوغلى خوجا يەھيا شۇ يىلى دادىسىنىڭ قەبرىسىنى چوڭ گۈمبەز ئىچىگە ئالدۇرۇپ، گۈمبەزنىڭ ئۈستىگە پارسچە «ئاپئاق خوجا خۇدانىڭ ئاشىقى ئىدى»، «يەككە - يېگانە مەشۇق ئىدى» دېگەن خەتنى يازدۇرۇپ، بۇ يەرنىڭ نامىنى«مەزرىنى ئاپئاق مازىرى» قىلىپ بېكىتكەن.
  ئاپئاق خوجا مىلادى 1640- يىللار ئەتراپىدا دادىسىنىڭ سوپىلىقىنى ئۆگىنىپ قەشقەردە مۇرەتتەپ (پىششىق) سوپى ھەم تونۇلغان ۋائىز (مەدداھ) لاردىن بولۇپ قالغان. 1644- يىللىرى دادىسى مۇھەممەد يۈسۈپ خوجا ئۆزىنىڭ بىر نەۋرەئىنىسى (خوجا ئىشاقنى ۋەلىنىڭ نەۋرىسى) خوجا ئابدۇللا ئىشان تەرىپىدىن دىنىي ھوقۇق،ئىمتىياز تالىشىش ئاداۋىتى بىلەن زەھەرلەپ ئۆلتۈرۈۋېتىلگەندىن كېيىن، ئۇ دەرھال دادىسىنىڭ ئورنىنى ئىگىلەپ، ئۆزىنى «پىر» ئېلان قىلغان ھەم دادىسى يۈرگۈزۈپ كەلگەن«ئىشقىيە سۈلۈكى» گە ۋە بۇ «سۈلۈك» مۇرىتلىرىنىڭ ئومۇمىي ھەرىكەتلىرىگە باشچىلىق قىلىش ھوقۇقىنى قولغا ئالغان. ئاپئاق خوجا ئوتتۇرىغا چىققان بۇ چاغ _ قەشقەرىيەدەبىر-بىرىگە قارىمۇ-قارشى مەۋجۇد بولۇپ تۇرۇۋاتقان ئىككى چوڭ سوپىلىق سېپى _ «ئىشقىيە» چىلەر سېپى بىلەن «ئىشاقىيە» چىلەر سەپلىرىنىڭ ئىچكى كۈرەشلىرى ئىنتايىن كەسكىنلىشىپ تۇرغان يامان چاغقا توغرا كەلگەن( ). مۇشۇنداق كەسكىن كۈرەش ئىچىدە باش كۆتۈرگەن ئاپئاق خوجا يەنىلا ئۆز رەقىبى بولغان «ئىشاقىيە» چىلەرگە قارشى كۈرەشتەغەلىبە قىلىش، ئاخىرى بېرىپ پۈتۈن قەشقەرىيىنىڭ بىردىنبىرى چوڭ دىنىي ھۆكۈمرانى بولۇپ مەيدانغا چىقىشنىڭ بىر يۈرۈش تەدبىرلىرىنى تۈزۈپ، ئىجرا قىلىشقاكىرىشكەن:

1. ئۆزىنى«سەئىد» ئاتاپ («مۇھەممەد پەيغەمبەرنىڭ 27- ئەۋلاد نەۋرىسىمەن» دەپ ئېلان قىلىپ) مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا «ۋارىس» لىك قىلىۋاتقان «ئۇلۇغ زات» قىياپىتىگەكىرىۋېلىپ، تۇنجى قېتىم قەشقەردە ئەتراپىغا ئادەم يىغىش، مۇرىت كۆپەيتىش ۋە ئۆزيېقىنلىرى ئارقىلىق قەشقەر مۇسۇلمانلىرى ئارىسىدا «... خوجام دەرگاھىغا كېلىپ مۇرىت بولغۇچىلارنىڭ ھەر قانچە ئېغىر گۇناھلىرى بولسىمۇ گۇناھىدىن ساقىت بولىدۇ...»،«ئىنسان سۈلۈككە كىرسە (خوجامغا مۇرىت بولسا دېمەكچى - ئا) ئورنى بارغانسېرى ئاشىدۇ. ئاللاھنىڭ زاتىغا ئۇلىشىدۇ ۋە ئەبەدىيلىشىدۇ. مۇشۇ يول بىلەنلا خۇداغايېقىنلىشىش مۇمكىن... »، « ... خوجام(ئاپئاق خوجىنى دېمەكچى-ئا) ئاللاھنىڭ ئەمرى بىلەن مۆمىنلەرگە «پىر»، «ئۇستاز» بولۇش ئۈچۈن كەلگەن «ئەۋلىيا» دۇر... »،«پەيغەمبەر بىلەن ئوخشاشتۇر...»، «... بىرەر كىشى ئاللاھقا، پەيغەمبەرگە ئىمان ئېيتىپ دىننىڭ پۈتۈن ئەركانلىرىنى ئورۇنلىغان تەقدىردىمۇ، ئەگەر «ئەۋلىيا»،«پىر» غاقول بەرمەيدىكەن، ئىشەنمەيدىكەن گۇناھكار بولىدۇ. قىلغان ئىبادەتلىرى قوبۇل بولمايدۇ...» («تەزكىرە پىر ياران» دىن) دېگەندەك تەشۋىقاتلارنى ئۆزىنى تاللانغان، سۆزمەن، تەشۋىقاتچىلىقتا چېنىققان، ئەل ئىچىدە تونۇلغان مەدداھلىرى ئارقىلىق كەڭ دائىرىلەر، يىراق جايلار بويىچە ئۈزۈلدۈرمەي خېلى يىللار داۋاملاشتۇرغىنى ئۈچۈن، پۈتۈن قەشقەرىيەدە ناھايىتى تېزلىكتە نامى چىقىشقاباشلىغان........... 2. خۇددى«تارىخىمىزدىكى ئىسلامىيەت» دە كۆرستىلگەندەك: «... بۇ زات ھەر يىلى مازار - ماشايىقلارنى تاۋاپ قىلىپ، قەدىم جايلارنى يوقلاپ، شەھەرلەرنى كۆرۈپ، يۇرتلارنى ئارىلاپ، ئەل - خالايىققا كۆرۈنۈپ، دۇا بېرىپ، مۈشكۈللىرىگە ئاسايىشلىق تىلەپ،باشلىرىنى سىلاپ، سايىۋەن بولۇپ تۇرۇش» نى زادىلا قولدىن بەرمىگەن. يەنە شۇكىتابتا: «... بۇ زات ئۈچتۇرپانغا بارغاندا خالايىق «بىز كۈتكەن سەئىد مۇشۇ ئىكەن» دەپ ئەقىدىلىرىنىڭ كۈچلۈكلۈكىدىن ئاتلىرىنى يىلقىسى (بايتىلى) بىلەن، قويلىرىنى قوتىنى بىلەن، كالىلىرىنى ئېغىلى بىلەن ھەدىيە قىلىپ بېرىپ دۇئاسىنى ئالدىلەر...» دېيىلگىنىدەك، ئاپئاق خوجا قۇمۇلدىن تارتىپ خوتەنگىچە بولغان شەھەر، بازارلارنى،قەدىم جايلارنى بىر نەچچە قېتىمدىن زىيارەت قىلىپ، بۇ جايلاردىن مۇرىت توپلاپ،«ئۇلۇغ» لاردىن «دۇئا» ئېلىپ، كىشىلەرگە «دۇئا» بېرىپ تاپاۋەت تېپىپ، ئۆزىنىڭ ئىجتىمائىي ئۇلىنى چىڭىتىپ بارغان. «تەزكىرە پىر ياران» دا كۆرسىتىلىشىچە، ئاپئاق خوجا مىلادى 1635- يىلدىن 1677- يىلغىچە قۇمۇل، تۇرپان، قارا شەھەر، كوچا، ئاقسۇ،قەشقەر، يەكەن، خوتەن، ئۈچتۇرپان، يېڭسار، سېرىققۇل، بەدەخشان (ئافغانىستان)،كەشمىر، كاسان، پەرغان، ئىلى، راجىدان (جاممۇ) قاتارلىق جايلاردا مازاركەزدىلىك،ئىشانلىق سەپىرىدە يۈرۈپ، ئىرشاتنامە تارقىتىپ، نۇرغۇن مۇسۇلمانلارنى سوپىلىققائالغان. مۇرىت كۆپەيتكەن. ئاقسۇدىكى «قۇرمىش ئاتام»، تۇرپاندىكى «ئەشابول كەئەب»،يەكەندىكى «ئالتۇنلىرىم»، ئاتۇشتىكى «سۇلتانوم»، كۇچادىكى «مەۋلانا ئەرشىدىن ۋەلىئوللا»، خوتەن - ئىلچىدىكى «ئىمام زەينۇل ئابىدىن»، نىيە ناھىيىسى تەۋەسىدىكى «ئىمام جەپەر سادىق»، قارىقاشتىكى «ئىمام مۇھەممەد ھەسەن ئەسكىرى»، چىرىيىدىكى«ئىمام جەپەر تەيران»، قاغىلىقتىكى «زۇنلان»، «جەمجۇم» قاتارلىق 30 نەچچە مازارنى كېزىپ ۋە بەزىلىرىنىڭ پەخرىي شەيخلىق دەرىجىلىرىنى قوشۇمچە قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ بۇتەرەپتىكى تەسىرى ئاساسىنىمۇ كېڭەيتكەن. مۇرىت، شېرىك، يارانلارنى ئاۋۇتقان. مىلادى1669- يىلىغا كەلگەندە خۇددى «يەكەن تارىخى» 38- بېتىدە كۆرسىتىلگەندەك: «... ھىدايتۇللا ئاپئاق بىر قېتىملىق ئۇچرىشىشىتا ئىسمائىلخاندىن ئۆزىنىڭ مۇرىتلىرىدىن سېلىق ئالماسلىقىنى تەلەپ قىلغان. ئىسمائىلخان ماقۇل بولغان. شۇنىڭ بىلەن بۇنى ئاڭلىغان خەلق خوجا ھىدايتۇللاغا كۆپلەپ مۇرىت بولۇپ، پەقەت بىر يىلغا يەتمىگەنۋاقىت ئىچدىلا 30 مىڭغا يېقىن كىشىگە يېتىپ»، قەشقەرىيەنىڭ خېلى بىر قىسىم جايلىرىدىكى ئاھالىلەر ئارىسىدا ئاپئاق خوجا تەرىقىتىنىڭ «ئىشىقيە» سۈلۈكى بىر خىل يېڭى دىنىي ئىدىيە سۈپىتىدە تارقىلىشقا باشلىغان.

  مىلادى1666- يىللار ئەتراپىدا قەشقەرىيىدە ئاپئاق خوجا باشچىلىقىدىكى «ئىشقىيە» چى سوپىلار بىلەن ئەبەيدۇللا خوجا باشچىلىقىدىكى «ئىشاقىيە» چى سوپىلار ئوتتۇرىسىدائۆز سەپلىرىنى تەرتىپكە سېلىش، كۈچەيتىش ھەرىكىتى كۆتۈرۈلگەن.ئاپئاق خوجا ئۆزمۇرىتلىرىنى «ئىشاقىيە» تەرەپدارلىرىدىن پەرقلەندۈرۈش ھەم ئۆز سېپىنىڭ چېگرىسىنى ئېنىق قىلىپ بەلگىلەش ئۈچۈن، ئۆز مۇرىتلىرىنى ئاق تەقى (ئاق تۇماق - ئاق دوپپا) كىيىشكە بۇيرۇغان ھەم بۇ شەرتلىك بەلگىنى «ئىشقىيە» لەر سېپىنىڭ مۇقىم بەلگىسىقىلىپ بېكىتكەن. ئەبەيدۇللا خوجىمۇ ئۆز مۇرىتلىرىنى «ئىشقىيە» تەرەپدارلىرىدىنپەرقلەندۈرۈش ئۈچۈن قارا تەقى (قارا تۇماق) كىيىشىكە بۇيرۇغان ھەم بۇ شەرتلىكبەلگىنى «ئىشاقىيە» لەر سېپىنىڭ مۇقىم بەلگىسى قىلىپ بېكىتكەن.ئىككى گۇرۇھنىڭ باشلىقلىرى دىن ۋە دىنىي ئىشلارنىڭ ھوقۇقىنى ئۆز قوللىرىغا مەركەزلەشتۈرۈش ئۈچۈن،ئۆزئارا قانلىق كۈرەشلەرنى زادىلا توختاتماي، ئىسمائىلخان ھاكىمىيىتىڭ مۇقىم،تېنچ-ئىتتىپاق بولۇشىغا خەۋپ يەتكۈزۈشكە باشلىغان،بولۇپمۇ ئاپپاق خوجا  1671- يىلىئاپئاق خوجا سوپىلىرى ئىسمائىلخان ئەمەلدارلىرىنىڭ نەسىھەت، توسۇشلىرىغا بوي بەرمەي يەكەندە «قارا تاغلىق خوجىلار» نىڭ ئەدىپىنى يەنىمۇ قاتتىقراق بېرىشكە كىرىشكەن. بۇئەمەلىيەتتە ئىسمائىلخانغا قىلىنىۋاتقان بىر خىل خىرىس ئىدى. ئىسمائىلخان بۇنى سېزىپ قېلىپ، شۇ يىلى يازدا ئاپئاق خوجىنى بىر نەچچە چوڭ شېرىكى بىلەن قوشۇپ قەشقەرىيەدىن زورلۇق كۈچ بىلەن ھەيدەپ چىقارغان. ئۇنىڭ زوراۋان «سوپى» لىرىدىن،قاتىل «پىر» لاردىن بىر نەچچىنى جازالاپ، قالغانلىرىنى تېنچ پۇقرادارچىلىق قىلىشقابۇيرۇغان. قارا تاغلىق خوجا ئىشانلارمۇ خانلىقنىڭ تېگىشلىك قانۇن، چەكلىمىلىرى ئىچىدە پۇقرادارچىلىق قىلىشقا بۇيرۇلغان. شۇنىڭ بىلەن قەشقەرىيىدە «ئاق تاغلىق»،«قارا تاغلىق» لار ماجرالىرى بىر مەھەل پەسىيىپ جەمئىيەت تىنجىغان.
   ئاپئاق خوجا قەشقەرىيەدىن قوغلاپ چىقىرىلغاندىن كېيىن ئۆزىنىڭ بىر نەچچە شېرىكى بىلەن قوغلاندىلىق سەپىرىنى باشلاپ، ئاخىرى سېرىقۇل (تاشقورغان) دىكى مىڭ تىكە، كۆكتۈرك داۋىنىدىن ئافغانىستان تەۋەسىگە ئېشىپ، شۇ يىلى 9- ئايدا بەدەخشان شەھىرىگەبېرىۋالغان. خۇددى «تەزكىرە پىر ياران» دا كۆرسىتىلگەندەك: «... بۇ زات بەدەخشان دىيارىدا خۇدايى مۇساپىر، خودايى ساھىل ...» بولۇپ قالغان. يەنى بەدەخشاندا ھەمتىلەپ، ھەم «دۇئا» قىلىپ يەيدىغان خۇدايى گادايلاردىن بولۇپ كۈن ئۆتكۈزۈش ھالىتىگەچۈشۈپ قالغان. مىلادى 1676- يىلغىچە بەدەخشاننى چۆرىدەپ كەشمىر، رەجىدان، ۋاخان،پەرغانە، كاسان، ئىلى، تىبەت، ھىرات قاتارلىق جايلاردا دۇئاگۇيلۇق بىلەن سوپىلىققىلىپ يۈرۈپ، ئاخىرى 1677- يىلى كۈزدە ئۈچ ھەمراھى بىلەن شىنجاڭنىڭ جۇڭغارىيەقىسمىدا شۇ چاغدا ياشىغان تورغۇۋۇت موڭغۇل قەبىلىسىنىڭ 27- خوپۇسى (لاماسى) شىڭ جىڭخوپۇنىڭ دالاينى تاۋاپ قىلغۇچى ھەمراھلىرىغا قوشۇلۇپ، تىبەتنىڭ لىخاسا شەھىرىگەبېرىپ، مىڭ تەسلىكتە شۇلارنىڭ تەركىبىي ھېسابىدىن دالاي لاما 5 (ئەسلى ئىسمى دوبىدون سېرىن جامبول لاما) نىڭ قوبۇل قىلىشىغا مۇيەسسەر بولغان.


<بورقۇمئەۋلىيا» دېگەن قوليازمىنىڭ «سوقىچى ئارخون» دېگەن بابىدا يېزىلىشىچە: ئاپئاق خوجادالاي ئىبادەتخانىسىغا ئون قېرىن - ئون چارەك سېرىق ياغ ئالغاچ كىرىپ، بۇدقا باش ئۇرغان، دۈم يېتىپ دۇئا قىلغان «تارىخىي نادىرىيە» دە مۇنداق يېزىلىدۇ: «... مەنمۇسۇلمانلار پىرقىسىنىڭ خوجىسىدۇرمەن. ياركىند، كاشغىر مېنىڭ مۇرىت - مۇخلىسلىرىمدۇر. ھالا بىراۋ كېلىپ مەندىن سويۇپ ئېلىپ مېنى قوغلاپ چىقاردىلەر. سىزدىن تىلەيدۇرمەنكى، كىشى بۇيرۇپ مېنىڭ يۇرتۇمنى قولۇمغا ئېلىپ بەرگەيسىز...»،«بىراھمان - بۇد شېيخى (دالاي لاما 5) ئەيتپدۇركى: <بۇ يەردىن ئۇ يەرگە كىشى بارمىفى بىسىيار دىشۋاردۇر> دەپ ئىلىدىكى قالماقلار تۆرەسى (غالدان قۇنتەيجىگەدېمەكچى - ئا) گە نامە پۈتتىكى:«... ئەي! بۇشۇدىخان خوجا ئاباخ بىسىيار ئۇلۇغ كىشى ئىكەن. ياركىند، كاشغىرنىڭ خوجىسى ئىكەن. بۇنىڭ يۇرتىنى ئىسماىلخان سويۇپ ئېلىپ، بۇقوغلاپ چىقىرىپتۇر. كېرەككى ئەسكەر بۇيرۇپ يۇرتىنى قولىغا ئېلىپ بەرگەيسىز. ۋاللاھ ئىشى كامال بولغۇسىدۇر. نامە - تامام...»
 بۇ نامەنى ئالغان  ئاپئاق خوجا كۆككۈل (چىڭخەي) ئارقىلىق قۇمۇلغا كېلىپ قىشلاپ، 1678- يىلى باش ئەتىيازدا ئىلىغا كېلىپ، دالاي 5 نىڭ خېتىنى غالدان قۇنتەيجىگە تاپشۇرغان. بۇچاغلاردا لىخاسا شەھىرىدىكى دالاي لاما ئىبادەتخانىسى پۈتۈن ئاسىيادىكى بۇددىستلارنىڭ تاۋاپ قىلىدىغان دىنىي مەركىزى بولۇپ، ئۇلارنىڭ دالاي لاماغا بولغاندىنىي ئېتىقادى ناھايىتى كۈچلۈك ئىدى. دالايغا چوقۇناتتى، ئەمرىدىن چىقمايتتى.غالدان قۇنتەيجى مۇشۇ خەتنىڭ مەزمۇنى بويىچە ئاپئاق خوجىنى كاتتا ئىززەت- ھۆرمەتلەر بىلەن كۈتۈۋېلىپ، ئۇنىڭ تەلىپىنى ئورۇنلاش (قەشقەرىيە خانلىقىنى ئاغدۇرۇپ ئۆزىنىڭ «بۈيۈك جۇڭغار» دۆلىتىنى كېڭەيتىش) تەييارلىقىغا كىرىشىپ كەتكەن. ئاپئاق خوجىمۇ قەشقەرىيە تەۋەسىدىكى بەزى شېرىك، مۇرىتلىرى بىلەن مەخپىي ئالاقىلەرنى ئورنىتىپ، ئىسمائىل خاننى ئىچكى جەھەتتىن ئاغدۇرۇپ تاشلاشنىڭ چارىلىرىنى ئىزدىگەن.  ئاپئاق خوجا 1678- يىلى 6- ئايدا غالدان قۇنتەيجى قوشۇپ بەرگەن، غالداننىڭ ئوغلى سېرىن رابدان قوماندانلىق قىلىدىغان 12 مىڭ كىشىلىك جۇڭغارقوشۇنىنى ئەگەشتۈرۈپ، قەشقەر تەۋەسىگە بېسىپ كىرىپ، ئىچكى جەھەتتە بىر قىسىم «ئاقتاغلىق» خوجىلارنىڭ ياردىمىگە ئېرىشىپ، قاتتىق جەڭلەر ئارقىلىق، قەشقەر ھاكىمى - ئىسمائىل خاننىڭ ئوغلى باباق سۇلتان باشچىلىقىدىكى ئۇيغۇر سەركەردىلىرىنى تامامەن قىرىپ تاشلاپ، قەشقەرنى بېسىۋالغان. شۇ يىلى 8- ئايدا يەكەنگە ھۇجۇم قىلىپ، 40 كۈن سوقۇشۇپ ئاران دېگەندە يەكەن شەھىرىنىلا ئالغان. «بورقۇم ئەۋلىيا» داكۆرسىتىلىشىچە: ئىسمائىلخان مۇسۇلمانلار قانلىرىنىڭ بىھۇدە، ناھەق، ئورۇنسىز ئېقىشىدىن ساقلىنىپ قېلىش، ئىشلارنى گەپ - سۆز بىلەن، مادارا، مۇرەسسە يولى ئارقىلىق ھەل قىلىش نىيىتىدە ئۇلارغا شەھەر دەرۋازىسىنى قارشىلىقسىز ئاچقۇزۇپ بەرگەن. لېكىن ئاپئاق خوجا كۈچلىرى شەھەرگە كىرىۋالغاندىن كېيىنلا، ئىنتايىن چوڭ قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈشكە، شەھەرنى ۋەيران قىلىپ تاشلاشقا باشلىغان. يەكەن مۆتىۋەرلىرىدىن قولغا چۈشكەن ھەۋەزبېك قاتارلىق 81 چوڭ ئەربابنى قاتار باغلاپ، بىرباشتىن تىرىك تۇرغۇزۇپ يۈرىكىنى ئېلىپ ئۆلتۈرۈپ، يۈرەك قېنىنى غالدان ئەسكەرلىرىنىڭ قىلىچلىرىغا سۈرتۈپ، قان سۈرتۈلگەن قىلىچلارنى كۆتۈرگەن ئەسكەرلەرنى كوچىلارنى«تەكشۈرۈش»، «تىنچىتىش»، جازالاش ئىشلىرىغا قويۇۋەتكەن. بۇ خىل «تىنجىتقۇچى» قاتىللار يەكەن شەھەر ئىچىدە چوڭ قىرغىنچىلىق يۈرگۈزگەن. ئوت قويۇپ شەھەرنىڭ بىرقىسمىنى كۆيدۈرۈۋەتكەن. قىرغىندىن قېچىپ شەھەر ئىچىدىكى ئالتۇن مەدرىسگە كىرىپ ئىبادەت قىلغۇچىلار سۈپىتىدە جىم ئولتۇرۇۋالغان مىڭدىن ئارتۇق بىگۇناھ كىشىنى مەدرىسنىڭ 360 خانىلىق ھوجىرىسى ۋە پۈتۈن مەدرىسە بىناسى بىلەن قوشۇپ بىراقلا كۆيدۈرۈۋەتكەن. يەكەن شەھەر ئىچىدە ئەنە شۇ زامانلاردىن بېرى «جىن مەدرىسە» نامى بىلەن يادلىنىپ كېلىۋاتقان بۇ ئورۇن - شۇ چاغلاردا ھەزرىتى ئاپئاق خوجا «ئىلتىپاتى» بىلەن كۆيدۈرۈۋېتىلگەن 1000 دىن ئارتۇق بىگۇناھ ئۇيغۇرنىڭ «جىن» لىرى (روھىناتلىرى) ساقلىنىپ تۇرغان تارىخىي ئورۇندۇر. شۇنداق قىلىپ ئاپئاق خوجا يېتەكچىلىكىدىكى رەھمسىز جۇڭغار قوشۇنلىرى يەكەن ئەھلىنى - «قارا تاغلىق» لار نامى بىلەن دەھشەتلىك قىرغان. نۇرغۇن كوچا، مەھەللىلەرنى كۆيدۈرگەن، مىڭلىغان ئۇيغۇر خوتۇن - قىزلىرىنى دەپسەندە، ئاياق - ئاستى قىلغان. ئۇيغۇر خانى ئىسمائىلخاننىمۇ ئەسىر ئېلىپ پۈتۈن ئۇرۇق - ئەۋلادى بىلەن قوشۇپ «بوز قۇم ئەۋلىيا» دا ...... «67 كىشىنى ....» دېيىلگەن) ھەممە تۇخۇمىنى بىراقلا قۇرۇتۇۋېتىش ھۆكۈمى بىلەن ئىلى جۇڭغار خانلىقىنىڭ ئىختىيارىغا ئەۋەتىپ بەرگەن. قەشقەرىيەنىڭ ھەممە جايلىرىدا جۇڭغار ئىدارىچىلىق تۈزۈمى، ئەجدادلىرىمىزنىڭ «يېڭى مەجبۇرىيەت» لىرى ئورنىتىلغان. پۈتۈن خەلق ئۇلارغاشەرتسىز بىردەك ئىتائەت قىلىشقا، قۇل بولۇشقا مەجبۇر قىلىنغان. تېگىشلىك مۇھىم شەھەر، بازار، يۇرتلارنىڭ ھەممىسىدە جۇڭغار قىسىملىرىنىڭ مۇقىم تۇرالغۇ - باشقۇرۇش،ئىدارە قىلىش ئورۇنلىرى تەسىس قىلىنىپ «دەخلىسىز»لىكى تولۇق كاپالەتلەندۈرۈلگەن. بەزى مەلۇماتلاردىن قارىغاندا ئاپئاق خوجا شۇ يىلى قەشقەرىيەنى قولغا كەلتۈرۈش ئۇرۇشىدا قولغا چۈشكەن «ئەسىر»لەردىن بىر قېتىمدىلا 120 ئورۇندا 400 دىن ئارتۇق«قارا تاغلىق» «چوڭ ئۇرۇش جىنايەتچىسى» نى ئۆلتۈرگەن. 300 «ئىشاقىيە» چى خوجا،ئىشاننى «ئۇرۇش جىنايەتچىلىرى» سۈپىتىدە باغلاپ، چېتىپ ماڭغۇزۇپ، ئىلىغا - غالداننىڭ جازالىشىغا ئەۋەتىپ بەرگەن. ئاپئاق خوجا ئەمەلدارلىرىمۇ قەشقەرىيەدىن شۇ قېتىمدا نەچچە مىڭلىغان «تۇتقۇن» خوتۇن - قىزلارنى جۇڭغار ئەسكەرلىرىنىڭ خوتۇن قىلىشى، ئىشلىتىشى ئۈچۈن ئۆمۈرۋايەتلىك «غالجا» لىققا تۇتۇپ بېرىشكەن. ھەم بىربۆلۈم خوتۇن - قىزلارنى يىغىپ غۇلجىدىكى جۇڭغار ئەمەلدارلىرىغا «سوۋغات» ھېسابىدايوللاپ بېرىشكەن. غالدان سېرىن قەشقەردىن ئىلىغا (دادىسى ئالدىغا) قايتماقچى بولغاندا، ئاپئاق خوجا: «... ئەھلى مەملىكەتنىڭ مەشھۇرىيىتى بىلەن قۇرۇق قايتمىغايلەر» دەپ 4000 ياقا ئېسىل تون، سەرپاي، 400 مىڭ سەر كۈمۈش تەڭگە...» («تارىخىي نادىرىيە» دىن) يوللۇق تۇتۇپ ھەم شۇ چاغدىن كېيىن ھەر يىلى يەنە 400 مىڭسەردىن كۈمۈش تەڭگە بېرىپ تۇرىدىغانلىقىنى مەجبۇرىيەت ۋەدىسى قىلىپ، ئەگەشتۈرۈپ ماڭغان «غالجا» لىرى قوشۇپ (ئۇلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى ئۇيغۇر خوتۇن - قىزلىرى ئىدى) تولۇق قۇللۇق بىجا كەلتۈرۈپ، رازى قىلىپ ئۇزىتىپ قويغان. پاك، پاكىز، باكىر،گۈزەل مۇسۇلمان قىزلىرىنى ئابرويى ئۈچۈن ئەڭ ياۋۇز، قانخور، ئىسلام دىنىنىڭ ئەڭ ئەشەددى دۈشمەنلىرى ھېسابلىنىدىغان بىر بۆلۈم قارابىس زالىملارنىڭ قولىغا «تۆھپە»،«ئولجا»، «غەنىمەت» قىلىپ «تەقدىم» قىلىش، تۇتۇپ بېرىش - مۇھتەرەم ئاپئاق خوجائىدىيىسىنىڭ ئەڭ يىرگىنچلىك خاسىيىتىدۇر.

ئاپئاق خوجا«خان» لىق تەختتە ئاپئاق خوجا يۇقۇرىدىكى چوڭ تۆھپىلىرى بىلەن غالدان قۇنتەيجى ئوردىسىدىن ئىسمائىلخاننىڭ «ئورنى» نى ئېلىپ مىلادى 1678- يىلى 10- ئايدىن ئېتىبارەن قەشقەرىيەگە «خان» لىق قىلىشقا باشلىغان. لېكىن قەشقەرىيە خەلقى ئاپئاقخوجىنىڭ بۇ خىل رەزىل «ھاكىمىيىتى» گە قارشى كۈرەشنى زادىلا توختاتمىغان. 1679- يىلى ئەتىيازدا ئىسمائىلخاننىڭ ئىنىسى_ئۈچتۇرپان ھاكىمى مۇھەممەد ئىمىنخان(ئىمىرخان) باشچىلىقىدا ئۈچتۇرپان خەلقى ئاپئاق خوجا بىلەن ھامىلىقىدىكى جۇڭغاركۈچلىرىگە قارشى كۆتۈرۈلۈپ، ئاخىرى تاجاۋۇزچىلارنى ئاپئاق خوجا بىلەن قوشۇپ قەشقەرىيە تەۋەسىدىن تەلتۆكۈس قوغلاپ چىقىرىۋەتكەن. 30 مىڭىنى تۇتۇۋېلىپ توۋاقىلدۇرغان. لېكىن ئاپئاق خوجا بۇ مەغلۇبىيەتكە تەن بەرمەي. ئىچكى جەھەتتىن قەشقەرىيە تەۋەسىدىكى «ئاق تاغلىق» شېرىكلىرىنى، مۇرىت - سوپىلىرىنى قۇترىتىپ،تاشقى جەھەتتىن غالدان قۇنتەيجىنىڭ يەنە 15 مىڭ كىشىلىك تاللانغان ئاتلىق قوشۇنىنى ئىشقا سېلىپ (كۈچ كۆرسىتىپ) 1679 –يىلى كۈدە مۇھەممەد ئىمىن خاننىڭ قان تۆكۈشنى توختىتىش شەرتىگە قول قويۇپ سۇلھىلىشىپ، مۇھەممەد ئىمىن خانغا كۈيئوغۇل بولۇپ،قەشقەرىيىدە شېرىك «خان» لىق ئورنىغا ئىگە بولۇۋالغان. بىر نەچچە ئايدىن كېيىنلا سۇلھىنى بۇزۇپ مۇھەممەد ئىمىن خاننى سۇيىقەست بىلەن ئۆلتۈرۈپ، «خان» لىقنى تولۇق ئىگىلىگەن. شۇنىڭ بىلەن 1514- يىلىدىن 1679- يىلىغىچە 165 يىل داۋام قىلغانسەئىدىيە ئۇيغۇر خانلىقى ئاخىرلىشىپ، قەشقەرىيەدە ئاپئاق خوجا ۋاستىچىلىقىدىكى جۇڭغار (قالماق) لار ھۆكۈمرانلىقى باشلانغان. يەنى قەشقەرىيە جۇڭغار ھەربىي فېئودال خانلىقىنىڭ مۇستەملىكىسىگە ئايلىنىپ، ئۇيغۇر خەلقى جۇڭغار زالىملىرىنىڭ قۇللۇق ھۆكۈمرانلىقى ئاستىغا چۈشۈپ كەتكەن.غالدان ئاپئاق خوجىنى قەشقەرىيەگە «خان» قىلىپ تەيىنلىگەندىن كېيىن، ئىلىنى پايتەخت قىلىپ، پۈتۈن شىنجاڭغا بولغان ھۆكۈمرانلىقىنى پەۋقۇلئاددە ياۋۇزلۇق بىلەن داۋاملاشتۇرغان. بۇ توغرىدا «تارىخىي ھەمىدىيە»دەمۇنداق دېيىلىدۇ: «قالماقلار خوجاملار بىلەن بىرلىشىپ شېرىكلىك بىلەن يۇرتنى سورايدىغان بولدىلەر. بىر تورەنج (بىر نەسەب) قالماقلار بىر شەھەردە تۇرىدىغان بولدى. خوجاملار باج - خىراج ئورنىدا ھەر يىلدا ئىلىغا ماتا، پۇل چىقىرىپتۇردىلەر... خوجاملارمۇ قۇنتەيجى پەرمان - ئىتائىتىگە بويسۇنۇپ، ھەر يىلدا بىر ۋەيا ئىككى نۆۋەت تارتىق - پېش - كەش بىلەن چىقىپ كۆرۈنۈش قىلىپ، جاۋاب بولغانلىرىدايېنىپ كېلىپ ھەر قايسىلىرى ئۆز جايلىرىدا بەر قارار بولۇر ئىكەنلەر...». بىزنىڭ ئوتتۇرا ئەسىر تارىخىمىزدا پەيدا بولغان تۇنجى قورچاق «ھاكىمىيەت»_ئەنە شۇ ئاپئاق خوجا «خان» لىقىدۇر. بۇ خانلىقنىڭ ھىمايىسىدىكى جۇڭغار ھۆكۈمرانلىرى ئەنە شۇچاغلاردا قەشقەرىيەدىن مىڭ - مىڭلاپ گۈزەل ئۇيغۇر خوتۇن - قىزلىرىنى، ماھىرھۈنەرۋەن، ئالىم، سەنئەتكار، يازغۇچى، دوختۇر، ئولىما، مۇدەررىسلەرنى «ئەسىر» قىلىپ تۇتۇپ ئېلىپ كېتىشكەن. قەشقەرىيە خەلقىدىن ھەر يىلى سانسىزلىغان ئېغىر سېلىقلار(ئالتۇن، كۈمۈش، يىپەك، يىپەك توقۇلما، قول ھۈنەر بويۇملىرى، تۇرمۇش ۋاسىتىلىرى قاتارلىقلار) نى ئۈزۈلدۈرمەي ئېلىپ تۇرغان. بۇ خىل سېلىق توغرىسىدا «تارىخىي نادىرىيە» دە مۇنداق دېيىلىدۇ: «... ئەھلى بىدئەتلەر (تۆۋەن قاتلام نامراتلادېمەكچى - ئا) ... سائەتەن بىسائەتەن (ھەر ۋاقىت، ۋاقىتىسز - ئا) زىيارە قىلىپ(نارازىلىق بىلدۈرۈپ - ئا) ... پەقىرلەر باشتىن خالى بولماي (نامراتلارنىڭ باش ئاغرىتىشى تۈگىمەي - ئا) ئارانلىقتا ھەر يىلدا 400 مىڭ سەر تەڭگىگە توختىدىلەر...». ئاپئاق خوجا بولسا، خۇددى «تەزكىرە پىر ياران»نىڭ تەرىپات بابىدا تەرىپلەنگەندەك: «تەخت - سەلتەنەتتە ئولتۇرۇپ، ھەمىشە مەسنىۋى شىرىپ ئوقۇپ، رەئىيەگە (پۇقرالارغا) تەرىقەت، مەرىپەت، شەرىئەت بابىدا شېكەردەك سۆزلەرنى چېچىپ، ئاللاھتىن بەندىلەرگە«دىيانەت، ئىنساپ - تەۋپىق، ئىمان، شۈكرە - قانائەت تىلەپ ۋە ئۇلارنى ساھىب كامال قىلىپ، ياخشى ئىستىقبالغا باشلاپ...» تۇرغان. دەرۋەقە ئاپئاق خوجا «تەخت - سەلتەنەت» كە چىققاندىن كېيىن ئۆزىنىڭ بارلىق ھوقۇق، كۈچ - ئىمتىيازلىرىنى ئەجدادلىرىمىزنىڭ قارشىلىق كۆرسىتىش روھىنى سۇندۇرۇپ، كۈچ، مادارىدىن تولۇق كەتكۈزۈشكە ھەم ئۇلارنى تاجاۋۇزچىلارنىڭ قانلىق ھۆكۈمرانلىقىنى قارشىلىقسىز،شەرتسىز، تەخىرسىز، دائىم، تولۇق، ياۋاشلىق بىلەن قوبۇل قىلىدىغان «مۆمىن» مەھكۇملاردىن قىلىپ تۇتۇشقا ۋە بۇ خىل ھالەتنى ئەجدادلىرىمىز ئېڭىغا «تەقدىر» ئۇقۇمى بىلەن سىڭدۈرۈش (پەقەت بويسۇنۇشقا «يارىتىلغان» لىقىغا تەن بەرگۈزۈشكە،قارشىلىق قىلالمايدىغان قىلىۋېتىش) كە سەرپ قىلغان. بۇ بىزگە تارىختا تۇنجى قېتىم تېڭىلغان ئاپئاق خوجاچە «ئىستىقبال» دۇر. شۇنداقلا بۇ، بىزنىڭ ئەجدادلىرىمىز تارىختا تۇنجى قېتىم باسقان پۇشايمانلىق خاتا قەدەمدۇر. دېمەك، ئاپئاق خوجا زامانىنى ئەجدادلىرىمىز ئالدانغان، جاھالەت پاتقىقىغا پاتقان، شىنجاڭنىڭ ئىستىقبالى بۇزۇلغان لەنىتى جاھان دەپ قاراشقا تامامەن ھەقلىقمىز.ئاپئاق خوجا «تەخت»كەئولتۇرغاندىن كېيىن ئۆزىنىڭ «ئىشقىيە» سۈلۈكىنى ئاساس قىلغان سوپىزمنى ئۆز«خانلىقى» نىڭ «دۆلەت» دىنىي ۋە «دۆلەت» تەلىماتى قىلىپ جاكالاپ، باش قانۇن سۈپىتىدە ئىجرا قىلغان، يۈرگۈزگەن. 300 مىڭدىن ئارتۇق مۇرىت قوبۇل قىلىپ، ئۇلارنى ئۆزىنىڭ «سوپىلىق يولى» نى پۈتۈن شىنجاڭغا ھەتتا پۈتۈن ئوتتۇرا ئاسىيا مۇسۇلمانلىرى ئارىسىغا كېڭەيتىش، ئومۇملاشتۇرۇش ۋە ئىجرا قىلىشقا سەپەرۋەر قىلغان. قەشقەردە«خان خوجا ئوردىسى» يەكەندە «ئالتۇنلىرىم» (ئالتۇن مازىرى)، تۇرپاندا «ئەشابۇل كەئەب»، كۇچادا «مەۋلانە ئەرشىدىن ۋەلىئوللا»، ئاقسۇدىكى «قۇرمىش ئاتام» قاتارلىقمازارلارنى تاللاپ ياكى «مازار» قىلىپ تىكلەپ ھەم بۇ ئورۇنلارنى سوپىزمنى تارقىتىدىغان. كېڭەيتىدىغان مەركەزلەرگە ئايلاندۇرۇش ئارقىلىق، پۈتۈن شىنجاڭداسوپىلىق ھەرىكىتىنى يەنى ئىسلام دىنىينىڭ «شىئە»، «سۈننىي» مەزھەپلىرىگە ياكى بۇمەزھەپلەرنىڭ ھەر قانداق تارماق، بۆلەكلىرىگە تۈپتىن ئوخشىمايدىغان، «ئۇلۇغ ئىسلام دىنىي» شوئارى ئېگىز كۆتۈرۈلگەن «تەرىقەت»، «شەرىئەت»، «مەرىپەت»، «ھەقىقەت» ماركىلىرىنىڭ ھەممىسىلا چاپلانغان، پەقەت چوڭ پىر، خوجا، ئىشانلارنىلا دىنىي مەركەز، دىنىي يېتەكچى قىلىۋالغان، ھەددىدىن زىيادە زۇلمەتلىك ئاپئاق خوجاچە سوپىزم ئىستىبداتلىقىنى جانلاندۇرۇۋەتكەن. نەتىجىدە پۈتۈن قەشقەرىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى قەۋەت ھالقىلىق ساپايە، كۆپ پۇتاق كۆزلۈك سوتا (خاسلا سوپى كالتىكى) كۆتۈرۈۋالغان،تىكىشى يوق يوغان يەنجە (قەلەندەر خالتىسى) يۈدۈۋالغان، بېشىغا ئۇزۇن كۇلا،ئۇچىسىغا يەڭسىز، ياقىسىز «سوپىچە كىيىم» لىرىنى كىيىشىۋالغان رەھىمسىز، ئەسەبىي،نادان، بەدقىلىق «تىلەمچى» ئەمەلىيەتتە بۇلاڭچى سوپىلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدىكى جەمئىيەتكە ئايلىنىپ كەتكەن. بۇ سوپى، مۇرىتلار ئەمەلىيەتتە ئاپئاق خوجىچىلارتەرىپىدىن ئاپئاق خوجىغا سادىق بولۇشقا، ئۇنىڭ «ئىشقىيە» يولىدا ئۆزلىرىنى قۇربان قىلىشقا، ئۇنىڭ بۇيرۇق، تەلىم، چاقىرىقلىرىنى قەتئىي، شەرتسىز، قارىغۇلارچەئورۇنلاشقا، خوجا ئۈچۈن ئادەم ئۆلتۈرۈشكە. ھەر قانداق ئىشتىن يانماسلىققا، ئۆلۈمدىن قورقماسلىققا، سىر ساقلاشقا، «ئاللاھ ئاتا قىلغان» بارلىق «مەئىشەت» لەردىن قانغۇدەك پايدىلىنىپ تۇرۇشقا ئۆگىتىلگەن دىنىي چىرىكلەر ئىدى. ئۇلارنىڭ سۆزلەيدىغان ۋە ئىجرا قىلىدىغىنى: مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ نەۋرە، چەۋرىلىرىدىن بولغان ئاپئاق خوجا ھەزرىتى مۇھەممەد پەيغەمبەر ئىلىمنىڭ ۋارىسى، مۇسۇلمانلارنىڭ دىنىي، سىياسىيداھىيسى، پۈتۈن ئەھلى ئىسلامنىڭ ئەڭ ئالىي يېتەكچى، ئۇنىڭغا شەك كەلتۈرگەن، قارشىچىققانلار بىلەن جان تىكىپ ئېلىشىمىز، ئۆلتۈرىمىز ياكى ئۆلىمىز دېگەندەك ئەڭ ئەسەبىي شوئار ھەم پائالىيەتلەر ئىدى. «... پىرلەرنىڭ غەزىپىدىن - زۇلۇمدىن،زاماننىڭ خېيىم - خەتىرىدىن، كۈندۈزنىڭ قازاسىدىن، كېچىنىڭ بالاسىدىن، قۇرۇق سۆز،قۇرۇق تۆھمەتتىن، زەخمەتلىك سوئال - سوراقتىن، بالا- قازادىن، دەردتىن - ئەلەمدىن،كۆزى ياماننىڭ كۆزىدىن، تىلى ياماننىڭ تىلىدىن، دىلى ياماننىڭ دىلىدىن، ئىبادەتسىز دۇئادىن، لەنىتى رەھمەتتىن، نەپسى يامان ئىشان پىشكەل سوپىدىن، خۇنخورنىڭ كۈلكىسىدىن، ئىنساپسىز خوجىدىن، ئاغرىقتىن - سىلاقتىن پاناھ بېرىڭ خۇدايىم .... ( )» دېگەن ئىلتىجالىق دۇئا - تىلەكلەر ئاپئاق خوجا زامانىسىدا ياشىغان ئەجدادلىرىمىزنىڭ بىزگە قالدۇرۇپ كەتكەن كېچىرمىش نامەلىرىدۇر. بىز بۇ دۇئا - تىلەكلەر قۇرۇلمىسىدىن ئاپئاق خوجا جەمئىيىتىنىڭ ئىچكى ھالىتىنى، ئەجدادلىرىمىزنىڭ تارتقان زۇلۇم، كۆرگەن دەرد - ئەلەملىرىنىڭ نەقەدەر ئېغىر بولغانلىقىنى چوڭقۇر ھېسقىلىمىز، ئەلۋەتتە.

   دېمەك، ئاپئاق خوجا زامانى_ قەشقەرىيەى پۈتۈنلەي زۇلۇم، خۇراپات، نامراتلىق، ۋەھىمە، جەڭگى - جېدەل، خۇنخورلۇق، قاچ - قاچ راسا قاپلىغان ۋە قان پۇراپ تۇرغان زاماندۇر. چىداشقا «تەقدىر» پەتىۋاسى بىلەن ئەنەشۇنداق «كۆندۈرۈلگەن» ئۇيغۇر خەلقى تىرىكچىلىك، ئىنسانچىلىق قىزغىنلىقلىرىدىن بوشاپ، ئەۋھاپەرەسلىكنىڭ (دىنىي، روھىي ۋەھىمەنىڭ) دەردىدە چىرايلىرى توپا - تەرەت،ئۈستى - بېشى جۇلجۇل، جەندە، كۇلالىق سوپىلار، دەرۋىشلەر، شەيخلار، قەلەندەرلەر،ھەر شەكىلدىكى تەركىي دۇنيا ئىبادەتچىلەرنىڭ توپلىرىغا ئەگىشىپ، جاننىمۇ، جاھاننىمۇ ئۇنتۇپ، «ئۇ دۇنيالىقنىلا ئويلاپ» ئىمانى كامىللىققا يەنى ئاتالمىش «ئاخىرەت» نىغېمىنى قىلىشقا بەند قىلىنغان. شۇڭا ئۇ جەمئىيەتتىن سانسىزلىغان مۇسۇلمان ئەجدادلىرىمىز ياشاش، كۈن ئېلىش ئۈمىدى بىلەن ئۆي - ماكان، پەرزەنت، ئاتا - ئانىلىرىنى تاشلاپ قۇرۇق قول، غەيرىي يۇرت، چەت ئەللەرگە قېچىپ كېتىشكە مەجبۇر بولۇپ تۇرغان.ئاپئاق خوجا ۋە ئاپئاق خوجىچىلار زامانىسىدا قەشقەرىيەدە مەدەنىيەت،مائارىپ، ئىلىم-پەن، ئەدەبىيات-سەنئەت، مۇزىكا، ناخشا-ئۇسسۇل، گۈزەل-سەنئەت،تىياتىر، سېرىكچىلىك، تېبابەتچىلىك،مەتبەئەچىلىك، تەرجىمە، خەتتاتلىق.... تەكبارلىق ئىلمىي پائالىيەتلەرنىڭ ھەممىسى قەتئىي مەنئى قىلىۋېتىلگەن. بۇنداق ئىشلاربىلەن شۇغۇللانغۇچىلار «كاپىر»، «جادۇگەر»، «مۇرتەد» لەر ھېسابلىنىپ جازاغاتارتىلىپ تۇرغان، ئۆلتۈرۈۋېتىلگەن. ھەتتا خەت يېزىشنى ئۆگىنىش، ساز ئۆگىنىش، ياساش،مەشرەپ ئويناش، ئويۇن - كۈلكە، خوتۇن - قىزلار پەرەنجىسىز، ئاشكارا يۈرۈش قاتارلىق ئادەتتىكى ئىجتىمائىي ئىنسانچىلىق خىسلەتلىرىمۇ قەتئىي مەنئى قىلىۋېتىلگەن. پۈتۈن جەمئىيەتتە قۇرئان ۋە ھەپتىيەكتىن باشقا بارلىق يېزىلما ئەسەرلەر، بولۇپمۇ مىللىي ئەسەرلەر، خاتىرە، نەمۇنىلار كۆيدۈرۈۋېتىلگەن، يوق قىلىپ تاشلانغان. ئىلىم - مەرىپەت ئورۇنلىرى بۇزۇۋېتىلگەن، چەكلەنگەن. ئۇلارنىڭ ئورنىغا زىكرى - سۆھبەتخانىقالىرى، گۈلەخ، سازايى ھەمىدانلار (توۋا قىلدۇرۇش ئورۇنلىرى)، خوجا، ئىشانلارتۇرالغۇ جايلىرى، ئەمەلدار بىنالىرى دەسستىلگەن. پۈتۈن جەمئىيەتتە دۇئا-تىلاۋەت،خەتمە ئىستىقپار ئوقۇش (ئاللاھتىن «گۇناھ»ىنى تىلەپ تۇرۇش) ئاممىۋى ئىجتىمائىي مەشغۇلاتقا ئايلاندۇرۇلغان.
   ئاپئاق خوجا 1694- يىلى 2- ئاينىڭ 10- كۈنى ئۆزىنىڭ تاغىسى خوجا ئىشاقنىڭ كۈكۈن نەۋرىسى (ئابدۇللا خوجىنىڭ ئوغلى) شۇ ئەيپ خوجىنىڭ قاتىلى سۈپىتى بىلەن ئابدۇللا خوجا جەمەتلىرى تەرىپىدىن يەكەندە مەخپىي زەھەر بېرىپ ئۆلتۈرۈلگەن. چۈنكى ئاپئاق خوجىمۇ ئۆز ۋاقتىدا «تەخت» كە ئولتۇرغاندىن كېيىن ئۆزى بىلەن بولغان كۈرەشتە يېڭىلىپ كەشمىرگە قېچىپ كېتىۋالغان «قارا تاغلىق» «ئىشاقىيە»چىلەرنىڭ يېتەكچىلىرىدىن بىرى _ تۆتىنچى ئەۋلاد تۇغقىنى شۇئەيىب خوجىنى كەشمىرگە خەت يېزىپ ئالداپ ئەكەلدۈرۈپ تىزناپ بويىدا سوپىلىرىغا ئۇرۇپ ئۆلتۈرگۈزىۋەتكەن ئىدى.