ئاۋاتلىقلاردا مەدەنىيەت
ئاۋاتلىقلاردا مەدەنىيەت
دولان مەشرىپى
1§. مۇزىكا ۋە تېكىست ئاۋاتتىكى دولانلىقلار ئارىسىدا تارقالغان مۇزىكىلىق ئەسەر «باياۋان» دەپ ئاتىلىدۇ، ئۇ مۇقام بىلەن ئوخشاش خاراكتېردە بولغاچقا، دولان مۇقامى دېيىلىدۇ. باياۋان - دولان مەشرىپىدىكى ئاساسىي كۈي، ئۇ باش باياۋان، بوم باياۋان، سىم باياۋان، باياۋان، موغال باياۋان، ساموك باياۋان، جۇلا باياۋان، چۆل باياۋان، دولامەت باياۋان قاتارلىق توققۇز مۇقامدىن تەركىب تاپقان. پېشقەدەم سەنئەتكار مەمتاۋلا نىياز رەتلىگەن «دولان مۇزىكىلىق مۇقامى»، «بەشئېرىق بوستان مۇقامى» قاتارلىقلار قويۇق يەرلىك ئالاھىدىلىككە ئىگە. دولان ئۇيغۇرلىرىنىڭ تۇرمۇشىنى مەنبە قىلغان دولان مۇقامى ئۇيغۇر سەنئەت تارىخىدا ئەڭ قەدىمىي، قويۇق ھەم مۇكەممەل يەرلىك ئالاھىدىلىككە ئىگە، يۈرۈشلەشكەن چوڭ تىپتىكى ناخشا-ئۇسسۇل ۋە مۇزىكىدىن تەركىب تاپقان خەلق سەنئىتىنىڭ گۈلتاجىسىدۇر ھەمدە ئۇيغۇر كلاسسىك مۇزىكىسى «ئون ئىككى مۇقام»نىڭ ئاساسىدۇر. ئۇ ئۇزاق مۇددەت تارقىلىش داۋامىدا ئۈزلۈكسىز بېيىپ راۋاجلىنىپ كەلدى. ئۇنىڭ تېكىستلىرىدە دولانلىقلارنىڭ ئوخشاشمىغان تارىخىي دەۋرلەردىكى تۇرمۇشى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن. باش باياۋاندا مۇنداق بىر كۇبلېت تېكىست بار:
دالا دەشتىدە ئەرۋاھ، بولارنىڭ ھالىنى كۆردۈم. يېتىپتۇ داڭ سۆڭەك بولۇپ، ئۇنىڭ مازارىنى كۆردۈم.
بۇنىڭدىن قەدىمكى دولانلىقلاردا ئادەم ئۆلگەندىن كېيىن جەسەتنى چۆلدە قويىدىغان ئادەت بولغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. جۇلا، چۆل-باياۋان مۇقاملىرىنىڭ سوزۇلىدىغان يېرى دەسلەپتە «ۋوي ... ۋوي»، «ئاھ جېنىم»، «ئايارەي» دېگەندەكلەر بىلەن چۈشەتتى. كېيىن تارىخىي ئۆزگىرىشلەر ئارقىسىدا «ئاللا»، «ئاللىيەي ئاللا»غا ئۆزگەرگەن. «ئاللىيەي ئاللا» مۇقامدا كەم بولسا بولمايدىغان قىستۇرۇلما سۆز بولۇپ قالغان. ئاق ئالمىنىڭ شاخىدەك، ئىگىلەمسەن ئاق جۇۋان؟ ئاللىيەي ئاللا. ئىچىمدىكى دەردىمنى سەن بىلەمسەن ئاق جۇۋان؟ ئاللىيەي ئاللا. دولان مۇقامىنىڭ تېكىستلىرى خەلق قوشاقلىرىنىڭ بىباھا خەزىنىسىدۇر، ھەربىر مۇقامنىڭ تېكىستى مۇقىم بولمايدۇ، مەشرەپ سورۇنى ۋە كەيپىياتىغا قاراپ ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ. ھەربىر بۆلەكنىڭ ئۆزىگە خاس مەزمۇنى بولىدۇ، ئالدىنقى بۆلەكنىڭ مەزمۇنى كېيىنكى بۆلەكنىڭ مەزمۇنىغا بېقىنمايدۇ، بۇ ئالاھىدىلىك مۇقام تېكىستلىرىنىڭ خىلمۇ خىللىقىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. ھەربىر مۇقام مەزمۇنى ئوخشاش بولمىغان كۆپ خىل قوشاقنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولىدۇ، بىر مەشرەپتە قوشاقچىلار 10 ~ 20 كۇپلېت ياكى ئۇنىڭدىنمۇ جىق قوشاق توقۇپ چىقىدۇ، بۇنىڭ بىلەن قوشاق ئۈزلۈكسىز موللىشىپ بارىدۇ. دائىم ئېيتىلىپ تۇرىدىغان «سەپەر ناخشىسى» بۇنىڭ بىر مىسالى:
ئاققىنا كۆينەك كىيىپسىز،
قىپقىزىل جىيەك تۇتۇپ.
ئاشناڭىز قېنى خېنىم،
ئولتۇرىسىز ئىڭەك تۇتۇپ.
يىپەك-تاۋاردا كۆينەك كېيىپ،
گۈل قىسىپتۇ تالادا.
ئاشنا تۇتقان خېنىملار،
ئەمدى قاپتۇ بالادا.
ھاۋا تۇتۇلۇپ قاپتۇ،
ئالەم چۆرگىلەي دەيدۇ.
ئىشتاننى قىسقا كىيىپ
كۆينەكىگىز سۈرۈلۈپ قاپتۇ.
باغقا قوغۇن تېرىسام،
چۈشكەن سويمىسى ئوڭدا.
ئويۇننى تولا ئويناپ،
ئىشتان قالمىدى قوڭدا.
ئەجەب ئوبدان بالىكەنسىز،
چېچەك مونچاققا ئوخشايسىز.
قولىڭىزغا سۇ بېرەي دېسەم،
قىمارۋاز-بەڭگىگە ئوخشايسىز.
ئالما گۈلى گۈل بولامدۇ قىزىرىپ تۇرغان بىلەن،
كىشىنىڭ يارى يار بولامدۇ ھېجىيىپ تۇرغان بىلەن.
ئالما گۈلى گۈل بولامدۇ، باشقا قىسسا بىر قۇچاق،
كىشىنىڭ يارى يار بولامدۇ ئۆلگىچە جانغا پىچاق.
ئاۋاتتىكى دولانلىقلار تەخمىنەن 15-ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا كۆچۈپ كەلگەن. ئۇلار ئەمگەك جەريانىدا، سەپەر ئۈستىدە ئۆزلىرىنىڭ ئارزۇ-ئۈمىدلىرىنى، خۇشاللىقىنى، قايغۇ-ھەسرەتلىرىنى، يېتىمسىرەشلىرىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن، قوشاقلارنى ئاھاڭغا سېلىپ ئېيتقان، شۇنىڭ بىلەن پەيدىنپەي دولان مۇقامى ۋە ئۇنىڭ تېكستلىرى مەيدانغا كەلگەن. بۇ تېكستلەر ئەمەلىيەتتە ئاۋات ئۇيغۇرلىرى ئارىسىدا تارقالغان ناخشا-قوشاقلاردىن ئىبارەت. ئوخشاشمىغان دەۋردە مەيدانغا كەلگەن قوشاقلار ئاۋاتنىڭ تارىخىنى ۋە ئاۋاتلىقلارنىڭ ئۆرپ-ئادىتىنى مەلۇم دەرىجىدە ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ.
ھاۋا① بىلەن ئادەم② قېنى، ئەيسا③ بىلەن مۇسا④ قېنى؟ ئىككى ئالەم سەردارى غوجام رۇسۇلىللا ⑤ قېنى.
گۆرنىڭ ئىچى قاراڭغۇلۇق، قايدىن چۈشەر يورۇقچىلىق؟ بىچارە بولۇپ ياتقۇلۇق، بۇ دۇنيانىڭ پايانى يوق.
① ھاۋا ئانام، ② ئادەم ئاتام، ③ ئەيسا پەيغەمبەر، ④ مۇسا پەيغەمبەر، ⑤ مەھەممەت پەيغەمبەر. ئەل مېنى يامان دەيدۇ، بىلمەيمەن يامانلىقنى، كەچ يېتىپ سەھەر قوپۇپ، تىلەيمەن ئامانلىقنى.
نادامەت ئەيلىگەن بىلەن، ئۆلۈپ كەتكەن تىرىلمەيدۇ، ئاھ ئۇرۇپ پەريادىلەر چەكسەڭ، قەبرىدىن سادا كەلمەيدۇ.
جاننىغۇ بەردى خۇدا، بىر كۈن ئامانەت ئالىدۇ، مىڭ مۇشەققەتلەر بىلەن سالغان ئىمارەت قالىدۇ.
غەزەلنى تولا ئېيتسام، ئەل مېنى ساراڭ دەيدۇ، مېنى باققان ئانام بولسا، دەردى بار بالام دەيدۇ.
ئۆلۈمگە ھېلىلەر قىلغان، لوقمان ھېكىم قالدىمۇ؟ خۇدادىن ئۆمۈر تىلەپ، ئىستىگەن جان قالدىمۇ؟
مەن باغىڭغا كىرمەيمەن، ئانارىڭنى ئۈزمەيمەن، ئەمدى كەلدىم ئەقلىمگە، نادان بىلەن يۈرمەيمەن.
خۇدايائۇل خۇداۋەندە ئەجەپ ئادەم بىنا قىلدىڭ، يارالغان ئادىمىزاتنى ئۆلۈمگە ئاشىنا قىلدىڭ.
ئاتادەك مېھرىبان قايدا، ئانادەك مېھرىبان قايدا، بېشىمغا كۈنلەر چۈشكەندە، ئانادەك مېھرىبان قايدا.
بۇ راۋاب قانداق راۋاب، قوي تارىسى سالغان راۋاب، ياخشى مېھمان كەپتۇ دەپ، توي بىلىپ چالغان راۋاب.
بىر قويۇم ئىككىنى تۇغدى، بېرىپ كۆرۈڭ قوزاسىنى، كىم يامانلىق ئەيلىسە، خۇدا بىرۇر جازاسىنى.
ئانامدۇر پاتىمە-زۆھرە①، ئاتام شۇل شاھىي مەرداندۇر②، خۇدا يولىدا جان بەرگەن، يۈسۈپ③ بىلەن زىلەيخادۇر④.
كەلمىگەن يەرگە كېلىپ داپنى سوقالمايدۇ كىشى، چەككىلى تاماكا يوق، ئوينىغىلى نەدە كىشى.
① مەھەممەت پەيغەمبەرنىڭ قىزلىرى، ② ھەزرىتى ئەلى ③ يۈسۈپ پەيغەمبەر، ④ يۈسۈپ پەيغەمبەرنىڭ ئايالى.
چىشىڭنى ئۈنچىدىن دەيمۇ، لېۋىڭنى غۇنچىدىن دەيمۇ؟
ئىشىكتىن يەلپۈنۈپ چىقساڭ، يېڭى باغنىڭ گۈلى دەيمۇ؟
قاشىڭ بىلەن قارايسەن، زۇلپىڭ بىلەن باغلايسەن،
مەن ساڭا نېمە قىلغان، ئۆلتۈرگىلى چاغلايسەن.
كەتسەڭ كېتىۋەر يارىم، سەندىن نېمە پەرۋايىم، شول باشىم ئامان بولسا، ھەر جايدا مېنىڭ يارىم.
ئاتنىڭ ئاتلىقى باردۇر، ناۋاتنىڭ تاتلىقى باردۇر، سەن ئۆزەڭنى داڭلايسەن، سەندىن باشقا يار باردۇر.
بۈگۈن ئايغا ئون يەتتە، مەن ئۆزەم خىيالەتتە، مەندىن باشقا يار تۇتساڭ، ئەرزىم بار قىيامەتتە.
جاھاندا نېمىلەر ياخشى، ئاتا بىلەن ئانا ياخشى، ۋاپاسىز قېرىنداشتىن، ۋاپادار ئاشنا ياخشى.
مەن باردىم كېچە بىلەن، ئېرىقنىڭ ئىچى بىلەن، قولۇم باغلىنىپ قاپتۇ، يارىمنىڭ چېچى بىلەن.
كېۋەزلىككە كىرىپ باقسام، كېۋەزلەر غوزا باغلاپتۇ، مېنىڭ دولاندىكى يارىم، بېلىگە پوتا باغلاپتۇ.
ئىشىك ئالدى كۆل بولسا، قاپاق تېرەك ئۆسمەمدۇ، كۆڭۈلدىكى يار بولسا، كۆڭلۈم تاغدەك ئۆسمەمدۇ.
ئاۋات ناھىيىسىدىكى ئۇيغۇر خەلقى ئارىسىدا تەخمىنەن 28 خىل قوشاق تارقالغان، ئۇلار ھەمىشە دولان مەشرىپىدە ئېيتىلىدۇ.
چاي تۇتۇش قوشىقى
چايى دەيدۇ، چايى دەيدۇ، چاينىڭ قايماقى بار. قەستىمىزغۇ چايدا ئەمەس، ئويناپ كۆڭۈل ئاچماقى بار.
ئاي چىنىدە كەلگەن چاي، ئاپپاق جۇۋان ئەتكەن چاي. تۇتتۇم قوبۇل ئېتەلا، كۆيدۈرۈۋالماي ئىچەلا.
ئەجەپ ئىكەن چايلارى، شېرىن سۆزلۈك لەۋلەرى. شۇنچە خەق ئاراسىدا. قالدى ئىپار تەملەرى
پوتا بېيىت-قوشاقلىرى
ئى يارى خېنىم، سىلىگە ئوخشىماس، ئىشقى بىر گادايىڭ ماڭا ئوخشىماس. سۆزلىسەم سۆزلىرىم تامام بولماس، ئىككىمىز پوتا ئوينىساق ھېچ يامان بولماس.
※ ※
ئاق تىكەن، ئاپپاق تىكەن، چۆرىسىدە گۈل بار ئىكەن. گۈلنى ئۈزۈپ كۈپكە سالدىم، كۈپتە ھاراق بار ئىكەن.
ئوڭ قولۇمغا ھاراق ئالدىم، سول قولۇمغا شام چىراغ. شام چىراغتا كۆرۈشكەندىن، مەشرەپتە كۆرۈشكەن ياخشىراق.
※ ※
كۆككىناڭ كەپتەر ئەمەس، كۈندە-كۈندە كەلگىلى. كۈندە كەلسەممۇ كېلەرمەن، ئاي يۈزۈڭنى كۆرگىلى. ئاي يۈزۈڭنىڭ شولىسى، چۈشتى پىيالە-چىنىگە. قارىمايسىز ئەجەپمۇ، مەن يېتىم بىچارىگە.
دولان مەشرىپىدىكى مېرۋازلىق قوشاقلىرى
شىرىق-شىرىق ئىككى كام قىرىق، ئادىمەتچىلىك، زىياپەتچىلىك. تەڭ دىمەتچىلىك، خوشنىدارچىلىق، ئەل-ئاغىنىدارچىلىق، مەھەللىدارچىلىق. كەتتى ئۆستەڭ ياقىلاپ، تاش بىلەن قۇمنى ساناپ. يارنى كەتتى دەپ ئاڭلاپ، قالدۇق يۈرەكنى تاتىلاپ. ئۈژمە، يېڭىئېرىقتىن كەتتى، ئايكۆل، سايئېرىقتىن كەتتى. توخۇلا، سەكپاچىدىن كەتتى، بالداڭ، قارىمۇقچىدىن كەتتى. قۇمباش، بەشئېرىقتىن كەتتى، ئاۋات غورۇچۆلدىن كەتتى. قۇملۇق چىغانچۆلدىن كەتتى، شاقۇر پىچاق سۇندىدىن كەتتى.
ئاقسۇ ساق-ساق مارالدىن كەتتى، مارالبېشى ئاقساقمارالدىن كەتتى. قاراتال يېڭى مەھەللىدىن كەتتى، غورۇچۆل ئارا مەھەللىدىن كەتتى.
ئات ئىگىرى بىلەن كەتتى، كالا جۈپى بىلەن كەتتى، مال قوتىنى بىلەن كەتتى، توخۇ كاتىكى بىلەن كەتتى.
ئوي مەھەللىدىن كەتتى، دۆڭ مەھەللىدىن كەتتى، نەغمىچىلەرنىڭ غەيرىتى ئېشىپ كەتتى. ئۇسسۇلچىلار ھېرىپ كەتتى، پۇت-قوللىرى تېلىپ كەتتى. يۈرەكلىرى سېلىپ كەتتى، ئەتراپىغا قاراپ كەتتى. ئوينىغانلار ئويناپ كەتتى، ئوينىمىغانلار نەگە كەتتى؟
دولان مۇقامىدا چېلىنىدىغان ئاساسلىق چالغۇ دولان راۋابىدۇر، ئۇ چېلىشقا ئەپلىك بولۇپ، چۆل-باياۋان، ئوتلاق-دالاغا خاس كۈيگە باي. ئۇنىڭغا قالۇن، داپ قاتارلىقلار تەڭكەش قىلىنسا، دولان مۇقامىنىڭ دولانغا خاس ئۆزگىچە كۈيىنى ھاسىل قىلىپ، سەنئەتنىڭ ئۆلمەس ھاياتىي كۈچىنى نامايان قىلىدۇ.
2§. ئۇسسۇل
ئاۋاتتىكى ئۇيغۇر خەلقى دولان مەشرەپ ئۇسسۇلى(دولان سەنىمى)غا مەستانە، ئۇسسۇلدا ئاساسەن ئوۋچىلىق جەريانى ئەكس ئەتتۈرۈلىدۇ، ئۇسسۇل ھەرىكىتى جۈشقۇن-مەردانە بولۇپ، رىتىمى كۈچلۈك، ئۇنىڭدا يايلاقتا ياشىغان مىللەتلەرنىڭ ئات چاپتۇرۇپ كېتىۋېتىپ ئوقيا ئاتىدىغان، ۋۇجۇدىدىن جۇشقۇنلۇق، جەسۇرلۇق ئۇرغۇپ تۇرىدىغان قىياپىتىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان بەدىئىي ئالاھىدىلىك ساقلاپ قېلىنغان.
ئۇسسۇل چىكىتمە، سەنەم، ھوزۇر (سەلىقە)، سىرىلمە قاتارلىق بۆلەكلەرگە بۆلۈنىدۇ. چىكىتمە باشلىنىش بۆلىكى بولۇپ، ئۇنىڭدا ھەرىكەت ئاستا بولىدۇ، ئۇسسۇل ئوينىغۇچى قولىنى ئوڭ، سولغا تاشلايدۇ ۋە ئوڭغا يېرىم سولغا يېرىم ئايلىنىدۇ. سەنەمگە كۆچكەندە رىتىم تېزلىشىپ، ھەرىكەت ئىتتىكلەيدۇ. ھوزۇرغا كۆچكەندە، ئۇسسۇل قىزغىن كەپىياتقا چۆمىدۇ، كىشىلەر جۈپ-جۈپ بولۇپ ئوينايدۇ. ئاخىرىدا سىرىلمە باسقۇچىغا كەلگەندە، جۈپ بولۇپ ئويناش ئاخىرلىشىپ، يالغۇز-يالغۇز بولۇپ ساماغا چۈشۈپ پىرقىراپ ئوينايدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئوۋچىلىق ۋە ياۋايى ھايۋانلارنى كۆندۈرۈشنىڭ غەلىبىسىنى تەبرىكلىگەن ھالەتنى ئىپادىلەيدۇ.
3§. ئويۇن 1. پوتا ئويۇنى
دولان مەشرىپى خېلى ئۇزاق داۋام قىلىدۇ، شۇڭا ئارىلىقتا پوتا ئويۇنى بولىدۇ، بۇ چاغدا نەغمىچىلەر ئارام ئېلىۋالىدۇ. بەزىدە پوتا ئويۇنى بىلەن مەشرەپ تەڭ ئوينىلىدۇ. يىگىت بېشى بەلۋاغنى ئېشىپ پوتا قىلىپ مەيدانغا چۈشۈپ، ئويۇننىڭ قائىدە-تەرتىپلىرىنى جاكارلايدۇ ۋە قوشاق ئېيتىدۇ، ئاندىن پوتىنى مەلۇم بىر كىشىگە تەككۈزۈپ ئۇنى مەيدانغا چۈشۈشكە تەكلىپ قىلىدۇ. تەكلىپ قىلىنغۇچى مەيدانغا چۈشۈپ يىگىت بېشىنىڭ ئالدىغا بارىدۇ-دە، پوتىنى ئىككى قوللاپ تۇتۇپ قويىدۇ، ئاندىن ئىككەيلەن تەڭلا ئوڭغا ئۈچ قېتىم، سولغا ئۈچ قېتىم چۆگىلەيدۇ. ئەگەر تەكلىپ قىلىنغۇچى ۋاقتىدا مەيدانغا چۈشمىسە، ياكى ئايلانغان چاغدا قارشى تەرەپنى ئالداپ قويسا، قارشى تەرەپ ئۇنى پوتا بىلەن ئۇرىدۇ. تەكلىپ قىلىنغۇچى قوشاق ئېيتقاندىن كېيىن پوتىنى ئۆتكۈزۈۋېلىپ، يۇقىرىدىكىگە ئوخشاش ئۇسۇل بىلەن باشقا كىشىنى مەيدانغا تەكلىپ قىلىدۇ. پوتا ئويۇنى كىشىلەرنى ناخشا-قوشاققا ماھىر، ساداقەتمەن بولۇشقا ئۈندەيدۇ، پوتا قوشاقلىرى مەزمۇن جەھەتتە مۇھەببەت قوشاقلىرى، دوستلۇق قوشاقلىرى، يۇرتنى مەدھىيلەش قوشاقلىرى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ساغلام بولمىغان قوشاقلارنى ئېيتقۇچىلار پوتا بىلەن دۇمبالىنىدۇ. پوتا ئويۇنىدا يەنە قارشى تەرەپنىڭ ئەقىل-پاراسىتىنى سىناش، كۆپچىلىكنىڭ قىزىقىشىنى قوزغاپ سورۇننى قىزىتىش يۈزىسىدىن قوشاقتىن باشقا بەزى قاپىيداش جۈملىلەرمۇ ئېيتىلىدۇ، بۇ ئەھۋال خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىنىڭ تەرەققىياتىدا چوڭ رول ئويناپ كەلدى. نۇرغۇن قوشاقلارنىڭ مەزمۇنى دولانلىقلار يۇرتىنىڭ تارىخى بىلەن مۇناسىۋەتلىك.
چۆلمۇ چۆللەرنى كېزىپ،
كەلدىم سېنى كۆرگىلى.
باغرىڭ زەپ قاتتىق ئىكەن،
تاس قالدى ئۆلتۈرگىلى.
بۇنىڭدىن دولانلىقلار يۇرتىنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى قاقاس جۇغراپىيىلىك ھالىتىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.
توپ تېرەكنىڭ تۈۋىدە، توپ ئوينىغان قارا كۆز. قوش تېرەكنىڭ تۈۋىدە، قوش ھەيدىگەن قارا كۆز. ھارۋىڭىزنىڭ تېگىدىن، مەپە ئۆتەمدۇ قارا كۆز. ئىككىمىز كۆرۈشمىسەك، ھەپتە ئۆتەمدۇ قارا كۆز.
بۇ قوشاقتىن دولانلىقلار يۇرتىنىڭ ئاۋاتلىشىشقا باشلىغانلىقىنى، دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق ۋە قاتناش ئىشلىرىنىڭ راۋاجلانغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.
2. جازا بۇنىڭدا يىگىت بېشى مەشرەپ ئەھلىنىڭ پىكرىگە بىنائەن، مەشرەپ قائىدىسىگە بويسۇنمىغان كىشىلەرنى جازالايدۇ. 1) «جۇۋازغا قېتىش»: بۇنىڭدا «گۇناھكار» ئىچ كىيىمى بىلەن يالاڭباش يۈكۈندۈرۈلىدۇ. جۇۋاز ھەيدىگۈچى قولىغا بىر چىنە سوغاق سۇ ئېلىپ، بىر مۇشتۇمى بىلەن «گۇناھكار»نىڭ بېشىنى بېسىپ تۇرۇپ، ئۇنى چۆگىلەتكەچ بىر تەرەپتىن ئۇرۇپ، بىر تەرەپتىن ناخشا ئېيتىدۇ، ناخشا تۈگىگەندە ئاندىن توختايدۇ. جۇۋاز تارتقۇچى «گۇناھكار» قارشىلىق كۆرسەتسە، ئۇ قۇلىقىدىن تارتىپ چۆگىلىتىلىدۇ. 2) «سامسا يېقىش»: بۇ ئېغىرراق جازا ھېسابلىنىدۇ. بۇنىڭدا ناۋاي بولغۇچى «گۇناھكار»نىڭ دۈمبىسىگە سۇ قۇيۇپ، ئىككى مۇشتۇمى بىلەن ئۇنىڭ دۈمبىسىنى قىسىپ بېسىپ «خېمىر يۇغۇرىدۇ». ئاندىن ئالقىنىنىڭ قىرى بىلەن «گۇناھكار»نىڭ بېشىغا ئۇرۇپ، «پىياز توغراپ»، «قىيما قىلىدۇ». ئارقىدىن «سامسا تۈگۈپ»، ئۇلارنى ئالقىنى بىلەن «گۇناھكار»نىڭ دۈمبىسى ۋە ئىككى چىكىسىگە «ياقىدۇ». 3) «سۈرىتىنى تارتىش»: «گۇناھكار»نىڭ ئىشتىنىدىن باشقا كىيىمى سالدۇرۇلىدۇ، ئاندىن ئۇ مەيدىسىنى تامغا چاپلاپ، قولىنى كەينىگە قىلىپ تۇرغۇزۇلىدۇ. «فوتو سۈرەتچى» بىر قاپاق سوغۇق سۇنى «گۇناھكار»نىڭ ئەتراپىدىكى تامغا چاچىدۇ، ئۇ سۈنى تامنىڭ سۇ تەگمىگەن قۇرۇق قىسمىدا ئادەمنىڭ شەكلى پەيدا بولغانغا قەدەر چاچىدۇ.
3. باشقا ئويۇنلار 1) غوجا ئالدىرغاققا ئۇسسۇل ئويناش: ئويۇنچى بەلبېغىنىڭ بىر ئۇچىغا ناسۋال قاپىقى، بىر ئۇچىغا كرۇشكا چېگىپ، ھاسا تايانغان ھالدا مەيداندا چۈشىدۇ. ناس چېكىپ، چاي ئوتلىغاندىن كېيىن تۆۋەندىكى قوشاقلارنى ئېيتىپ كۈلكىلىك ھەرىكەتلەر بىلەن ئۇسسۇل ئوينايدۇ.
غوجا ئالدىرغاق-ئا، غوجا ئالدىرىغاق، كەينىڭگە باقماي، ئالدىڭغا باق. ئەللىك-ئاتمىش قوي ئېلىپ يەكەن دەرياسىدا باق، قېرىغاندا قىز ئېلىپ كىندىكىڭگە ياق. غوجا ئالدىرغاق-ئا، غوجا ئالدىرىغاق، ئالدىڭغا ماڭماي كەينىڭگە باق. قېرىغاندا قىز ئېلىپ، تاشلاپ قېچىپ باق. ئەللىك-ئاتمىش قوي ئېلىپ جاڭگالدا باق.
ئويۇنچى بۇ قوشاقنى تەكرارلاپ، كۈلكىلىك ئۇسسۇل ئويناپ، سورۇندىكى ئۈگدەپ ئولتۇرغان خامۇش ئادەملەرنى كۈلدۈرۈپ، مەشرەپ كەيپىياتىنى قىزىتىپ ئەۋجىگە كۆتۈرىدۇ. 2) بوۋاي بىلەن شاپىدىخان: بىرى بوۋايچە، بىرى مومايچە ياسانغان ئىككى ئەر مەيدانغا چۈشۈپ، بوۋاي بىلەن موماينىڭ مۇھەببىتىنى ئىپادىلەپ مۇزىكىغا كەلتۈرۈپ ئۇسسۇل ئوينايدۇ. بىردەمدىن كېيىن بىر ھىيلىگەر بەگزادە چىقىپ، ئاجىز بوۋاينى بوزەك ئېتىپ، ئۇنىڭ مومىيى شاپىدىخاننى تۇتۇپ كېلىپ بىر چەتتە ئولتۇرۇۋالىدۇ. بوۋاي بىردەم ئۇسسۇل ئوينىغاندىن كېيىن موماينىڭ يوقلۇقىنى بايقاپ قېلىپ ئۇيان-بۇيان ئىزدەپ ئاخىر ئۇنى تېپىۋالىدۇ ۋە يىگىت بېشىنىڭ ئالدىغا ئەكىلىپ بەگزادىنىڭ ئۈستىدىن ئەرز قىلىدۇ. يىگىت بېشى بەگزادىنى جازالايدۇ. 3) ئۇزۇن-قىسقا موللا: بىر ئەر ئۇزۇن چاپان كېيىپ، گويا ئۆزىدىن ئېگىز بىر موللا بەدىنىگە جۆر بولغاندەك ھالەتتە مەيدانغا چۈشىدۇ. سازەندىلەر ناخشا باشلايدۇ. ھاسسا تاياقلىق يالغان موللا مۇزىكا رىتىمىغا ئەگىشىپ، تۇرۇپ ئېگىزلەپ، تۇرۇپ پەسلەپ، تۇرۇپ ئوڭغا، تۇرۇپ سولغا ئۇسسۇل ئوينايدۇ، ئاخىرىدا يەردە دومىلاپ سورۇندىكىلەرنى ئۈچەيلىرى ئۈزۈلۈپ كەتكۈدەك قاتتىق كۈلدۈرۈۋېتىدۇ. 4) ئاققۇ ئويۇنى: بىر ئەر كىشى ئاققۇچە ياسىنىپ مەيدانغا چۈشىدۇ، قاناتلىرىنى كېرىپ، تۇمشۇقىنى سوزۇپ يەيدىغان بىر نېمە ئىزدەۋاتقاندەك ھەرىكەتنى قىلىدۇ، بۇلارغا مۇزىكا تەڭكەش قىلىنمايدۇ. بىردەم ئۇششاق بالىلارنى چوقىلىغاندەك قىلىپ قورقىتىدۇ، بىردەم بەللىرىنى سوزۇپ، سەت-غەلىتە ھەرىكەتلەرنى قىلىپ، تۇمىقىنى قىڭغىر كىيىپ، تەرىنى تۈرۈپ ئولتۇرغان كىشىلەرنىڭ تۇماق، بەلباغلىرىنى مەيدانغا سۆرەپ چىقىپ ئويۇن ئەھلىنى كۈلدۈرۈۋەتكەندىن كېيىن، نىقابىنى ئېلىۋېتىپ ئەسلى ھالىتىنى ئاشكارىلاپ مەيداندىن چىقىپ كېتىدۇ.
5) تۆگە ئۇسسۇلى: ئىككى كىشى تۆگىچە ياسىنىپ، بىر كىشى تۆگىگە مىنىپ مەيدانغا چۈشىدۇ ۋە يېنىك چېلىنغان داپ ئاۋازىغا ئەگىشىپ قاملاشمىغان ئۇسسۇل ئوينايدۇ، «بويۇم دەرەخ شاخىچە بار، كۆڭلۈم دائىم سۇغا تەشنا، بارورمەن دەشت-چۆلنى كېزىپ، بىر ئۆزەم يالغۇز-تەنھا، بوۋ ... بوۋ ...» دەپ ۋارقىراپ، تۆگە ھەر تەرەپتىن سۇ ئىزدەۋاتقان، تۆگىچى تۆگىنى قامچىلىغان، تۆگە تۆگىچىنى يەرگە ئېتىۋەتكەن، يەنە ئۇنى پۇراپ-پۇراپ، ئۇنىڭغا بولغان يېقىنچىلىقىنى بىلدۈرگەن، ئاندىن تۆگىچى تۆگىگە يۈكنى ئارتىپ سەپىرىنى داۋام قىلغان ھالەتنى ئىپادىلەيدۇ. ئاخىرىدا ئويۇنچىلار نىقابلىرىنى ئېلىپ ئۆز قىياپىتىنى ئاشكارىلىغاندىن كېيىن مەيداندىن چىقىدۇ.
غورۇچۆل يېزىسىنىڭ بەشئېرىق كەنتىدىكى سەمەت سوپى (1925-يىلى تۇغۇلغان) مەدەنىيەت نازارىتى، ۋىلايەتلىك مەدەنىيەت باشقارمىسىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشىدىكى دولان مۇقامىنى توپلاش، رەتلەش، لېنتىغا ئېلىش پائالىيىتىگە كۆپ قېتىم قاتناشتى، 1983-يىلى تەڭرىتاغ كىنو ستۇدىيىسى سۈرەتكە ئالغان «چېگرا يېزىغا مۇھەببەت» نامىدىكى دولان مۇقامىنى ئورۇنداشقا قاتناشتى. ئۇنىڭ سەنئەت ماھارىتى يۇرت ئىچىدە كەڭ ئالقىشقا ئىگە.
Ⅱ باب ئەدەبىيات-سەنئەت 1§. خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى 1. چۆچەك توپلانغان خەلق چۆچەكلىرىدىن شەخسلەرگە ئائىت رىۋايەت، يەر ناملىرىغا ئائىت رىۋايەت، خىيالىي چۆچەك، ھايۋاناتقا ئائىت چۆچەك، جىن-ئالۋاستلارغا ئائىت چۆچەك، تۇرمۇشقا ئائىت چۆچەك، مۇھەببەت-نىكاھقا ئائىت چۆچەك، ماقال-تەمسىل قاتارلىق 25 خىلى بار.
خورازنى ئۇستاز تۇتقان باي بۇرۇننىڭ بۇرۇنىسىدا بىر باي ئۆتكەنىكەن، ئۇ ھايۋانلارنىڭ تىلىنى بىلىدىكەن. بىراق ئۇ بۇ مەخپىيەتنى ئاشكارىلاپ قويسىلا ئۆلۈپ كېتىدىكەن. باينىڭ بىر كالىسى ۋە بىر ئېشىكى بار ئىكەن. بىر كۈنى ئۇ كالىسىنى قوشقا قېتىپ، كەچكىچە يەر ھەيدەپ گۇگۇمدا قايتىپ كەپتۇ ۋە كالىنى ئېغىلغا سولاپتۇ. ئېشەك كالىنىڭ قېشىغا كېلىپ: -ھەي ئاداش! ئەجەب بوشاپ كېتىپسەنغۇ؟ - دەپ سوراپتۇ. -قاق سەھەردە قوشقا قېتىۋىدى، تۇرۇپ ۋارقىراپ، تۇرۇپ قامچىلاپ ئارام بەرمىدى، ئون جېنىمنىڭ بىرىنى قويدى. پۈتۈن بەدىنىم ئاغرىيدۇ، پۇتلىرىمدا جان يوق، بوشاپ كەتمەي قانداق قىلاي، -دەپتۇ كالا. -بۇنىڭدىن قۇتۇلۇشنىڭ ئامالى بار، - دەپتۇ ئېشەك، -ھازىردىن باشلاپ يېمەي-ئىچمەي يېتىۋال، باي كۆرۈپ «كالام ئاغرىپ قاپتۇ» دەپ قوشقا قاتمايدۇ. ئېغىلنىڭ ئىشىكى ئالدىدا ماراپ تۇرغان باي بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ قاپتۇ. ئەتىسى ئېغىلغا كىرىپ قارىسا، كالا ئوتمۇ يېمەي، سۇمۇ ئىچمەي، كۆزىنى چىڭ يۇمۇپ ئېغىر-ئېغىر پۇشۇلداپ ياتقىدەك. باينىڭ كالا بىلەن كارى بولماپتۇ. ئۇ ئېشەكنى يېتىلەپ چىقىپ قوشقا قېتىپتۇ. ئېشەكنىڭ تېنى ئاجىز بولغاچقا ساپاننى سۆرەپ ماڭالمىسا ئۇرۇۋېرىپ ئۆلتۈرۈپ قويغىلى تاس قاپتۇ. ئاخشىمى ئېشەكنى قوشتىن چىقىرىپ ئېغىلغا سولاپتۇ. كالا ئېشەكنىڭ ھالىنى كۆرۈپ، ئىچ ئاغرىتىپ سوراپتۇ: - ئاداش، ئەجەپ غەمكىن بولۇپ كېتىپسەنغۇ، مىجەزىڭ يوقمۇ نېمە؟ - راست دەيسەن ئاداش، - دەپتۇ ئېشەك، - ئىككىمىز بىر ئېغىلدا تۇرۇپ كەلگەنىدۇق، مانا ئەمدى ئۆلىدىغان خەۋىرىڭنى ئاڭلاپ قالدىم، قانداقمۇ غەمكىن بولماي. تۈنۈگۈن باي قاسساپقا: «كالام ئاغرىپ قالدى، ئەتە ئۇنى سويۇپ گۆشىنى سېتىشىپ بېرىڭ» دېدى. ئەمدى سەندىن ئايرىلىپ قالىدىغان بولدۇم، بۇنىڭ قايغۇسىدا بېشىمنى كۆتۈرەلمەي قالدىم. بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ قاتتىق قورقۇپ كەتكەن كالا ئېشەكتىن ئۆلۈمدىن قۇتۇلۇپ قېلىشنىڭ چارىسىنى ئېيتىپ بېرىشنى ئۆتۈنۈپتۇ. ئېشەك: «تىرىك قالاي دېسەڭ، ھازىردىن باشلاپ ئوتنى تويغۇچە يەپ، سۇنى قانغۇچە ئىچىپ، تامغا ئۈسسۈپ تازا مۆرە، بۇ ھالىتىڭنى كۆرگەن باي: كالام ساقىيىپتۇ دەپ، قاسساپنى چاقىرمايدۇ» دەپتۇ. شۇنداق قىلىپ كالا ئوتنى تۇيغۇچە يەپتۇ، سۈنى قانغۇچە ئىچىپتۇ، مۆرەپ-تىپچەكلەپ، تامغا ئۈسسۈپ ساقايغان ھالەتكە كىرىپتۇ. ئەتىسى باي قوتانغا كىرىپ كالىنىڭ ئويناقشىپ تۇرغىنىنى كۆرۈپتۇ-دە، يېتىلەپ چىقىپ قوشقا قېتىپتۇ. باي گۇگۇم مەلىدە كالىنى ئېغىلغا سولىغاندىن كېيىن، ھويلىدا ئولتۇرۇپ، ئېشەك بىلەن كالىنىڭ قىلىشقان گەپلىرىنى ئويلاپ، ماۋۇ ھايۋانلارنىڭ قۇۋلۇقىنى كۆرمەمدىغان، دەپ ئىختىيارسىز كۈلۈۋېتىپتۇ. شۇ چاغدا باينىڭ خوتۇنىمۇ يېنىدا ئىكەن، ئۇ ئېرىنىڭ كۈلۈپ كەتكىنىنى كۆرۈپ، بۇنىڭدا جەزمەن بىر ئىش بار، بولمىسا ئۆزىچە كۈلۈپ كېتەمدۇ دەپ، سوراپتۇ: - نېمىشقا كۈلىدىلا؟ - ھېچ ئىشقا. - زادى نېمە ئىش بولدى؟ - باي ئېيتسام ئۆلۈپ كېتىمەن دەپ، راست گەپنى ئېيتىشقا جۈرئەت قىلالماي، خوتۇنىغا بۇنى سورىماڭلا دەپ يالۋۇرۇپتۇ. خوتۇنى تېخىمۇ كۈچەپ سوراپ تۇرۇۋاپتۇ ۋە باينىڭ ياقىسىغا ئېسىلىپ، ساقىلىنى يۇلۇپ، يۆز-كۆزىنى تاتىلاپ، كىيىمىنى يىرتىپ، ئۇيان تارتىپ، بۇيان سۆرەپ قىيناپ كېتىپتۇ. خوتۇنىدىن قۇتۇلىشالمايدىغانلىقىغا كۆزى يەتكەن باي سەۋەبىنى ئۈچ كۈندىن كېيىن ئېيتىپ بېرىشكە ماقۇل بولغاندىن كېيىن، خوتۇنى ئاندىن قويۇۋېتىپتۇ. باي ئويلىغانسېرى ئاچچىقى كېلىپ، تام تۆۋىدە داڭقېتىپ ئولتۇرۇپلا قاپتۇ. شۇ چاغدا خوراز بىر توپ مىكياننى باشلاپ، ئۇياننى چوقىلاپ، بۇياننى چوقىلاپ كېلىپ قاپتۇ. ئىت ئۇنىڭدىن سوراپتۇ: - ھەي خوراز، كىشىلەر «توخۇنىڭ ئەقلى بولسا پوق يەيتتىمۇ» دەپ بىكار ئېيتماپتىكەن. بىزنى باي بېقىپ كەلدى. ھالا بۈگۈن خوتۇنىنىڭ بالاغا قويۇشى بىلەن ئۆلىدىغان بولدى، ئۈچ كۈندىن كېيىن ئۇنىڭ بىلەن ۋىدالىشىمىز، سەن بۇنىڭدىن قايغۇرماقتا يوق قوقۇقلاپ ئويناپ يۈرسىنا، سېنىڭ بۇ نېمە قىلغىنىڭ؟ - باي دېگەن ئەر كىشى تۇرۇپ، بىر خوتۇنىنى باشقۇرولماي، مەخپىيەتلىكنى دەپ قويۇپ ئۆلسە ئۆلۈۋەرسۇن، - دەپتۇ خوراز كۈلۈپ، - مەن بىر ئۆمۈر 8 - 9 مىكياننى كەينىمگە سېلىپ يۈردۈم، تاپقان دان ئاز بولسا ئۆزەم يەيمەن، جىقراق بولسا مىكيانلارغا بۆلۈپ بېرىمەن، گەپ ئاڭلىمىسا قوڭىغا نەچچىنى تېپىمەن، شۇڭا ھىچقايسىسى گېپىمگە كىرمەي قالمايدۇ. ئەگەر مەن باينىڭ ئورنىدا بولۇپ قالىدىغان بولسام، قولۇمغا كالتەكتىن بىرنى ئېلىپ: سەنزە ماڭا چېقىلىشقا پېتىنىۋاتامسىنا؟ ياقامغا ئېسىلىشقا پېتىنىۋاتامسىنا؟ دېمىگەن گەپنى دېگۈزۈشكە پېتىنىۋاتامسىنا؟ ئالدىمدا نوچىلىق قىلىشقا پېتىنىۋاتامسىنا؟ دەپ ئۇرۇپ جېنىنى ئېلىپ ئالقىنىغا تۇتقۇزۇپ قوياتتىم. دەپ باقە، شۇنداق قىلسا ئۇ خوتۇن يۇۋاشلاپ كەتمەي قالارمۇ؟ باي خورازنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، كۆڭلىدە: ھە، ئىش دېگەن مۇنداق ئىكەن-دە، ئەمدى مەن خورازنى ئۇستاز تۇتسام بولغۇدەك دېگەن ئويغا كەپتۇ. ئۈچ كۈندىن كېيىن خوتۇنى «كۈلۈشنىڭ سەۋەبىنى دەپ بېرىسەن!» دەپ بايغا يەنە ئېسىلىپتۇ. باي بىر تال كالتەكنى ئاپتۇ-دە، «مانا دەپ بېرەي» دەپ خوتۇنىنى تازا ساپتۇ، خوتۇنى ئاغرىققا چىدىماي: «ۋاي جېنىم غوجام، سىلىگە ئىككىنچى چېقىلمايمەن، نېمە دېسىلە شۇنى قىلىمەن، خاتا قىپتىمەن، گۇناھىمدىن كەچسىلە غوجام» دەپ يالۋۇرۇپتۇ. شۇنىڭدىن ئېتىۋارەن باينىڭ خوتۇنى يۇۋاشلاپ كېتىپتۇ، باينىڭ سىزىقىدىن چىقمايدىغان، جېدەل قىلمايدىغان بوپتۇ. ئۇۋال
بۇرۇنقى زاماندا بىر پادىشاھ ئۆتكەنىكەن، پۇقرالار ئۇنىڭ ئادىللىقىدىن بەكمۇ رازى ئىكەن. پادىشاھ پۇقرالار بىلەن ھەمىشە ئالاقىلىشىپ تۇرىدىكەن، ھەر ھەپتىدە ۋەزىر-ۋۇزرالارنى باشلاپ كوچا-رەستىلەرنى ئايلىنىپ چىقىدىكەن. كوچىغا چىققاندا پۇقرالارغا داقا-دۇمباق چېلىپ خەۋەر بېرىدىكەن. شۇ كۈنى ئۇۋالچىلىق تارتقان كىشىلەر پادىشاھقا ئەرز-دادىنى ئېيتىدىكەن. شۇنداق قىلىپ ئۇ شەھەردە پادىشاھتىن نارازى بولغان بىرمۇ ئادەم، سورالمىغان بىرمۇ دېلو يوق ئىكەن.
كۈنلەرنىڭ بىرىدە، بۇ شەھەردىكى ئىككى ئادەم يىراق بىر شەھەرگە بېرىپ ئوقەت قىلىش مەسلىھەتىگە كەپتۇ. ئۇلارنىڭ بىرى ناھايىتى پۇلدار بولۇپ، نۇرغۇن مال-بىسات تەييارلاپتۇ؛ يەنە بىرىنىڭ ئانچە جىق پۇلى بولمىسىمۇ، ھەر ھالدا ماللىرىنى تەقلەپ، پۇلدار كىشى بىلەن بىللە يولغا چېقىپتۇ. ئۇلار مېڭىپ-مېڭىپ، بىر كۈنى بىر قاقاس چۆلگە يېتىپ كەپتۇ، شۇ چاغدا پۇلى ئاز سودىگەردە: «بۇ ئادىمىزات يوق يەر ئىكەن، ئاخشاملىققا ئۇخلاپ قالغاندا ئۇنى ئۆلتۈرۈۋەتسەم، مال-دۇنياسى ماڭا قالمامدۇ» دېگەن يامان نىيەت تۇغۇلۇپتۇ. ئۇ پۇلدار سودىگەرنى شۇ يەردە قونۇشقا قايىل قىلىپ، يۈك-تاقلارنى چۈشۈرۈپ، ئاتلارغا بوغۇز بېرىپتۇ. بىرلىكتە غىزالانغاندىن كېيىن دالىدا ئۇخلىماقچى بولۇشۇپتۇ. پۇلدار سودىگەر ئەمدى يېتىپ تۇرۇشىغا پۇلى ئاز سودىگەر توساتتىن ئۇنىڭ ئۈستىگە مىنىۋېلىپ، خەنجىرىنى كۆكسىگە تەڭلەپتۇ. پۇلدار سودىگەر قاتتىق چۆچۈپ كېتىپ «نېمە قىلماقچىسەن؟» دەپتۇ. - ماڭا مېلىڭ كېرەك، سېنى ئۆلتۈرۈپ مېلىڭنى ئالىمەن. - مېنى ئۆلتۈرمە، جېنىمنى ئامان قوي، ماللىرىمنىڭ ھەممىسى سېنىڭ بولسۇن. - ياق، ئەمدى ئۆلتۈرگىنىم ئۆلتۈرگەن، چۈنكى سەن غەرىزىمنى بىلىپ قالدىڭ. پۇلى ئاز سودىگەر خەنجىرىنى پۇلدار سودىگەرنىڭ كانىيىغا تەڭلەپتۇ. پۇلدار سودىگەر: - توختاپ تۇر، ئۆلتۈرسەڭمۇ ئۆلتۈر، بىراق بىر ئېغىز ۋەسىيىتىم بار، شۇنى يەتكۈزۈپ قوي، خوتۇنۇم ھامىلدار ئىدى، بالىمىزغا نېمە دەپ ئات قويۇشىنى مەسلىھەتلىشىۋالالمىغانىدۇق. قايتىپ بارغاندىن كېيىن خوتۇنۇمغا دەپ قويغىن، بالىنىڭ ئېتىنى «ئۇۋال» قويسۇن،- دەپتۇ. ئاچكۆز قاتىل پۇلدار سودىگەرنى ئۆلتۈرۈپ كۆمۈۋەتكەندىن كېيىن ماللىرىنى يىغىشتۇرۇپ يولغا چىقىپتۇ.
كۈنلەر ئۆتۈپتۇ، ئايلار ئۆتۈپتۇ. كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئىككى سودىگەرنىڭ قايتىپ كېلىۋاتقانلىق خەۋىرى كەپتۇ. ئۇلارنىڭ خوتۇنلىرى كۈتۈۋېلىش ئۈچۈن ئالدىغا چىقىشىپتۇ. يېقىنلاپ كەلگەندە قارىسا، پۇلى ئاز سودىگەر كېلىۋېتىپتۇ، پۇلدار سودىگەر كۆرۈنمەپتۇ. ئۇنىڭ خوتۇنى ئېرىنىڭ دېرىكىنى سوراپتىكەن، پۇلى ئاز سودىگەر: ئىككىمىز ئاچا يولدا ئايرىلىشقان، شۇنىڭدىن كېيىن ئۇنى كۆرمىدىم، بىراق ئايرىلىش ئالدىدا ئۇ ماڭا: «قايتىپ بارغاندىن كېيىن خوتۇنۇمغا دەپ قوي، بالىنىڭ ئېتىنى ‹ئۇۋال› قويسۇن دېگەنىدى» دەپتۇ.
پۇلدار سودىگەرنىڭ خوتۇنى يىغلاپ-يىغلاپ ئۆيىگە قايتىپتۇ، ئېرىنىڭ ۋەسىيىتىگە بىنائەن بالىسىغا «ئۇۋال» دەپ ئات قويۇپتۇ. بالا ئاستا-ئاستا چوڭ بولۇپ، 4-5 ياشلارغا كىرىپ قاپتۇ، ئانىسى بەك ئەركە باققاچقا كەپسىز چوڭ بوپتۇ. بىر كۈنى ئانا خېمىر يۇغۇرۇپ ئولتۇرسا، بالىسى كەپسىزلىك قىلىپ خېمىرغا توپا چېچىۋېتىپتۇ. ئانىسى گەپ ئاڭلىتالماي ئاچچىقىدا: ئۇۋال، بولدى دەيمەن ئۇۋال، ۋاي ئۇۋال ... دەپ توۋلاپتۇ. دەل شۇ چاغدا پادىشاھ ئۇ ئايال تۇرۇشلۇق كوچىدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقانىكەن، بىراۋنىڭ «ئۇۋال بولدى» دەپ ۋاقىرىغان ئاۋازىنى ئاڭلاپ قېلىپ، ئۇ ئايالنى چاقىرىتىپ چىقىپ سوراپتۇ: - نېمە ئۇۋالچىلىقىڭىز بار ئىدى؟ - ھېچقانداق ئۇۋالچىلىقىم يوق. - ئەمىسە نېمە ئۈچۈن ئۇۋال بولدى دەپ توۋلايسىز؟ - ئوغلۇمنىڭ ئېتى «ئۇۋال» ئىدى. شۇنى چاقىرغان. - قانداقلارچە بۇ ئاتنى قويغانتىڭىز؟ ئېرىمنىڭ ۋەسىيىتى بويىچە قويغانتىم. پادىشاھ سوراپ پۈتۈن ئەھۋالنى بىلگەندىن كېيىن: ۋەسىيەتنى يەتكۈزگەن ئادەمنىڭ ئۆزى بالىنىڭ ئاتىسىنى ئۆلتۈرگەن قاتىل، بولمىسا بىكاردىن بىكار بۇ گەپنى قالدۇرامدۇ؟ بۇنىڭدا جەزمەن بىر سىر بار. ئۇنىڭ ئۈستىگە نەدىمۇ بۇنداق غەلىتە ئاتنى قويىدىغان ئىش بولسۇن؟ دەپ ئويلاپتۇ. ئويلا-ئويلا: ھېلىقى سودىگەر ئۆلۈش ئالدىدا بالىسىغا ئات قويۇش ۋەسىيىتى ئارقىلىق ماڭا ئۇۋالچىلىققا ئۇچرىغانلىقىنى يەتكۈزمەكچى بولغان گەپ، بۇ ئىشنى ئېنىقلىمىسام، ئادىل دېگەنگە قانداقمۇ مۇناسىپ كېلەي، دېگەن يەرگە كەپتۇ-دە، سودىگەرنى چاقىرتىپ سوراپتۇ: - سەن بىلەن بىللە ماڭغان ھېلىقى سودىگەر قېنى؟ - ئۇ باشقا يول بىلەن كەتكەن. - ئۇ ئۆزىنىڭ ئۆلىدىغانلىقىنى بىلەتتىمۇ؟ - بىلمەيتتى. - ئەمىسە نېمىشقا ۋەسىيەت قالدۇرۇپ، ساڭا يەتكۈزۈپ قويۇشىنى ھاۋالە قىلىدۇ؟ سودىگەر جاۋاب بېرەلمەي تەمتىرەپ قاپتۇ. پادىشاھ ئۇنى باغلىتىپ ئوردىغا ئېلىپ كېلىپ سوراق قىپتۇ. سودىگەر قاتىللىق قىلغانلىقىنى ئىقرار قىپتۇ. پادىشاھ قاتىلنى قاتتىق جازاغا تارتىپتۇ، بۇلىغان مال-دۇنيانى ھېلىقى ئايالغا قايتۇرۇپ بېرىپتۇ. يەر نامىغا دائىر رىۋايەت بۇرۇندا سادەتبەگ ئاتلىق بىر دولانلىق كىشى ئۆتكەنىكەن، ئۇ مۇقامخۇمار كىشى ئىكەن. بىر كۈنى ئۇ ھەمراھلىرى بىلەن بىللە غىجەك چېلىپ ئولتۇرۇپتۇ، يېقىن ئەتراپتا تۇرغان سانىخان ئاتلىق بىر قىزچاق غىجەك ئاۋازىنى ئاڭلاپ بىر دۆڭلۈككە چىقىپ، غىجەككە كەلتۈرۈپ ئۇسسۇلغا چۈشۈپتۇ. بۇنى كۆرگەن بىر خىزمەتكار سادەتبەگكە: «ھەي بەگ، سانىخان غىجەكلىرىگە كەلتۈرۈپ ئۇسسۇل ئويناۋاتىدۇ» دەپتۇ. سادەتبەگ بۇ گەپنى ئاڭلاپ، غىجىكىنى توغراققا ئېسىپ قويۇپ، يەنە بىر دۆڭلۈككە چىقىپ قارىسا، سانىخان راستلا ئۇسسۇل ئويناۋاتقىدەك. بۇ ئىش يۇرتقا تارىلىپتۇ. كېيىنكى كۈنلەردە كىشىلەر سادەتبەگ غىجىكىنى ئېسىپ قويغان يەرنى «غىجەكئاستى» دەپ، ئۇسسۇل كۆرىمەن دەپ چىققان دۆڭنى «قالىغاچدۆڭ» دەپ، سانىخان ئۇسسۇل ئوينىغان دۆڭنى «سانىدۆڭ» دەپ ئاتايدىغان بوپتۇ. بۇ ناملار ھازىرغىچە ئۆزگەرگىنى يوق. دولانلىقلارنىڭ ئۆتۈكى بۇرۇنقى زاماندا، دولان بېگى باشقا بىر قەبىلىنىڭ دولانلىقلار يۇرتىغا تاجاۋۇز قىلىپ كىرىدىغانلىقىدىن خەۋەر تېپىپتۇ-دە، دەرھال ئۇستا چاقىرىتىپ پۈتۈن بىر پارچە كالا تېرىسىدە بىر پاي ئۆتۈك تىكتۈرۈپتۇ ۋە ئۇنى يىراققا ئاپىرىپ دۈشمەن بېسىپ ئۆتىدىغان يولغا ئېسىپ قويۇپتۇ. بىر كۈنى دۈشمەن دولانلىقلار يۇرتىغا ھۇجۇم قىلىپ كەپتۇ، ئۇلار يولدا ئاجايىپ يوغان بىر پاي ئۆتۈكنى كۆرۈپتۇ. ئۇلاردىن بىرى سوراپتۇ: - بۇ نېمە؟ - دولانلىقنىڭ ئۆتۈكى. دۈشمەن ئاڭلاپ چۆچۈپ كېتىپتۇ-دە، دولانلىقنىڭ بىر پاي ئۆتۈكى شۇنچە چوڭ تۇرسا، بىزنىڭ مىڭ ئادىمىمىز ئۇلارنىڭ بىر ئادىمىگە تەڭ كېلەلمىگۈدەك، دەپ ئويلاپ، قورقۇپ چېكىنىپتۇ. ئارىدىن 15 يىل ئۆتكەندە يەنە جاسۇس ئەۋەتىپ ئەھۋال ئىگىلەپ، دولانلىقلارنىڭمۇ باشقىلارغا ئوخشاش ئادەم ئىكەنلىكىنى بىلىپتۇ، دولانلىقلارنىڭ ئەقىل-پاراسىتىگە قايىل بوپتۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇزاق يىللارغىچە دولانلىقلارنىڭ يۇرتىنى تارتىۋېلىش غەرىزىدە بولماپتۇ. تەكلىماكان ھەققىدە رىۋايەت قەدىمكى زاماندا ئاۋات ناھىيىسىنىڭ جەنۇبى سۈيى مول، دەرەخلىرى غول بوستانلىق ئىكەن. ئۇ يەردە نۇرغۇن شەھەر-بازار ۋە يېزا-قىشلاقلار بار ئىكەن، ئۇلارنىڭ ئىچىدە قېتىق شەھىرى ھەممىدىن ئاۋات ئىكەن. بىر كۈنى توساتتىن قاتتىق بوران چىقىپ 10 كۈن داۋام قىلىپ، پۈتكۈل شەھەرنى قۇم بىلەن كۆمۈۋېتىپتۇ، ئادەم ۋە مال-چارۋىلارنىڭ كۆپ قىسمى ھالاك بوپتۇ. ھايات قالغانلار يۇرتىنى قايتا گۈللەندۈرۈش يولىدا تىرىشىپ كۆرگەن بولسىمۇ، مۇۋەپپەقىيەت قازىنالماي، ئايكۆل، بەشئېرىق تەرەپلەرگە كۆچۈپ كېتىپتۇ. بۇ يەر قۇملۇققا ئايلىنىپ كېتىپتۇ، شۇنىڭ بىلەن تەكتىماكان دەپ ئاتىلىدىغان بوپتۇ، كېيىنچە تاۋۇشتىكى ئۆزگىرىش تۈپەيلىدىن تەكلىماكان دېيىلىدىغان بوپتۇ. «ئوتتۇز كېمە» ھەققىدىكى رىۋايەت بۇرۇنقى زاماندا يەكەن دەرياسى بويىدىكى دولانلىقلارنىڭ بىر شەھىرىنى دۈشمەن ئىشغال قىلىۋېلىپ، دولانلىقلارنى پاجىئەلىك دەپسەندە قىپتۇ. ئاكا-ئۇكا قۇربان بىلەن سۇبىخان ياشلارنى تەشكىللەپ، 30 كېمە ياساپ، دەريا بويىغا يوشۇرۇپ قويۇپتۇ. ئۇلار كېچىسى چۇقان-سۈرەن بىلەن دۈشمەنگە ھۇجۇم قىلىپ، تاڭ ئاتقاندا كېمىلەرنى يەنە يوشۇرۇپ قويۇپتۇ، شۇنداق قىلىپ بۇ يەردىكى دۈشمەننى يوقىتىپتۇ، دۈشمەن ئىككىنچىلەپ كېلىشكە جۈرئەت قىلالماپتۇ، خەلق ئازاب-ئوقۇبەتتىن قۇتۇلۇپتۇ. شۇ غەلىبىنى خاتىرىلەش يۈزىسىدىن بۇ يەر «ئوتتۇز كېمە» دەپ ئاتىلىدىغان بوپتۇ.
2. قوشاقلار
توپلانغان ئاۋات قوشاقلىرى يەتتە خىل، بۇلار: ئەمگەك قوشاقلىرى، سىياسىي قوشاقلار، قائىدە-يوسۇن قوشاقلىرى، مۇھەببەت قوشاقلىرى، تۇرمۇش قوشاقلىرى، تارىخىي قوشاقلار، بالىلار قوشاقلىرى، دولان مۇقامىنىڭ ناخشا تېكستى. ئوما قوشىقى
ئوما ئورىسەن كۈندە، تالمامدۇ بىلەكلەرىڭ. مەن يادىڭغا يەتكەندە، كۆيمەمدۇ يۈرەكلەرىڭ.
ئوما ئوردۇق ئېتىزدا، ئالتىنچى ئايدا تومۇزدا. راست گېپىڭنى ئېيت يارىم، بۇغدايلىقتا ئېڭىزدا.
بۇ چاغلار ئەجەپ چاغلا، يارىم بەلنى چىڭ باغلا. مەن ئورۇپ سالاي ئۈنچە، سەن ئارقامدىن باغ باغلا.
راۋاب چالىمەن غەمدە ئۆستەڭ بويىدا نەمدە، راۋاب چالىمەن غەمدە. سورىماڭلار ھالىمنى، مەن دەردى تولا بەندە.
بۈگۈن بازارغا ئوخشايدۇ، يېتىم زارى قاخشايدۇ. ھالىدىن خەۋەر ئالسام، ئاتاسى يوققا ئوخشايدۇ.
زالىملار زامانىدا
ئالمىنى سويۇپ يەيدۇ، تەخسىگە قويۇپ يەيدۇ. بەگ-بوجاڭدا ئىنساپ يوق، خەلقنى شۈلۈپ يەيدۇ.
قوغۇن تېرىدىم توڭدا، چۈشكەن سويمىسى ئوڭدا. زالىملار زامانىدا، ئىشتان قالمىدى قوڭدا.
ئۇرۇق سالدۇق بىر دانە. ئۈنۈپ چىقتى مىڭ دانە، زالىملارنىڭ زۇلمىدا، پۇقرا بولدى ۋەيرانە.
بالىلار قوشىقى
ئاق تېرەك، ئاپپاق تېرەك، بىزدىن سىزگە كىم كېرەك. ئۆزى ئەقىللىق ئۇستا، قولى چېۋەر ھەر ئىشتا، سىزدىن بىزگە شۇ كېرەك.
ئاق تاش، كۆك تاش، دەريا بويىدا سۈزۈك تاش. قەلەم بىلەن مەن ئاداش، ئوينايدىغان بالىلار بارمۇ؟
ئەللەي ناخشىسى
ئەللەي بالام قوڭى پوق، ئېرتاي دېسەم لاتا يوق. لاتا دېگەن ئۆگزىدە، چىقاي دېسەم شوتا يوق. شوتا دېگەن تېرەكتە، كېسەي دېسەم پالتا يوق. پالتا دېگەن تۆمۈرچىدە، ئالاي دېسەم پۇلۇم يوق. پۇلچى ئاكام ئۆلۈپتۇ، شورلۇق يەرگە كۆمۈپتۇ. يىغلىغىلى ئادەم يوق، ئۆزى قوپۇپ يىغلاپتۇ.
بەگ بىلەن كەمبەغەل
بەگلىرىم بەگلىك قىلادۇ، دوغىسى ئالۋان بىلەن. ئاخۇنۇم پەتىۋا پىچادۇر، راستى يوق يالغان بىلەن.
كەتمەن چاپماي بەگلىرىم، تولدۇرۇپتۇ سېڭىنى. ئارپا ئۇنىدا كۆمەش، كەمبەغەلنىڭ يېگىنى.
بەگ-غوجام مىنەر تايغا، سۇنى ياقىلار بايغا. كەمبەغەللەر سۇ دېسە، بېشىنى تىقار لايغا.
گومىنداڭغا يۆلەنگەن، بەگ-غوجاملار ئۆتمۈشتە. ساندۇقىنى تولدۇرغان، ئالتۇن بىلەن كۈمۈشتە.
رامىزان قوشىقى
رامىزان، رامىزان، بۇ يىل كەلدى يەنە رامىزان. كىم ئۆلۈپ، كىم قالىدۇ ئاللا بىلەر، قوش مۇبارەك پادىشاھدۇر رامىزان.
ئۆيۈڭنىڭ ئارقىسىدا قاتار-قاتار قوينىڭ ئىزى، بىر قاپاق ياغ ئەپچىقىڭ باينىڭ قىزى، قوش مۇبارەك پادىشاھدۇر رامىزان.
ئاق توخۇ ئاپپاق توخۇ قونغاقتىدۇر، بىزگە ساقلىغان توخۇملىرى قاپاقتىدۇر. قوش مۇبارەك پادىشاھدۇر رامىزان.
رامىزان ئېيتىپ كەلدىم ئوي مەھەللىدىن، بىزگىمۇ قويغانمىدۇ لەغمەنلىدىن، قوش مۇبارەك پادىشاھدۇر رامىزان. مەسچىتنىڭ توغراقىنىڭ ئۇچى قىزىل، تۈۋى قارا، خۇدايىم بىر بالا بەرسۇن مەڭزى قىزىل، قاشى قارا، قوش مۇبارەك پادىشاھدۇر رامىزان.
تۇڭلۈكىڭىزنىڭ بېشىدا ئاي كۆردۈم، ھەممە كىشىدىن سىزنى باي كۆردۈم. قوش مۇبارەك پادىشاھدۇر رامىزان.
قارلىقنامە
ھەققى ئاللا ھۆرمىتىدىن ياغدى ئاسماندىن قار،
قىلدىكى قار ئۆزىنى ھەم بۇ يەر يۈزىگە ئاشكارا.
قىلغىلى چۆللەرنى بوستان، قادىر ئىگەم ياغدۇردى قار،
قاردا قارلىق تاشلىماق، بۇ قەدىمدىن بارىبار.
يوقىتار غەم-قايغۇنى، قارلىق تاشلاش ئويۇنى،
كۆچىدۇ ئەل-مەھەللىدىن، ئىناقسىزلىق قويۇنى.
قاردا قارلىق تاشلىدۇق، دوستلۇق ئويۇنىنى باشلىدۇق،
ئەل جامائەت جەم بولۇپ، كۆڭلىمىزنى خوشلىدۇق.
ئاپىرىشقا بۇ نامىنى زېرەك ۋەكىلنى سايلىدۇق،
نامە بىرلە ئۇشبۇ ئاددىي شەرتىمىزنى تاشلىدۇق.
بارسا ۋەكىل خانىڭىزگە، ھۇشيار بولۇپ تۇرغايسىز،
بوسۇغ ئاتلاپ يانغىنىدا، ئۇنى پەملەپ تۇتقايسىز.
گەر تۇتالماي قالسىڭىز، ئورۇنلايسىز بۇ شەرتنى،
ئوينايمىز نەغمە بىلەن، ئەل-جامائەت مەشرەپنى.
گەر تۇتسىڭىز ۋەكىلنى، قارا سۈرتۈپ يۈزىگە،
مىندۈرۈپ ئېشەككە تەتۈر، كۆرسىتىڭ ئەل كۆزىگە.
تاپىسىز ئامەت تازا، شەرتىنى بىز قىلىمىز ئادا،
بىزگە مېھمان سىز بولارسىز، ياڭرىتىپ نەغمە-ناۋا.
شەرتىمىز ئۇ ھەممە يەر مول ھوسۇل مەمۇرچىلىق،
قوي قوتاندا، ئۇن تاغاردا، پۇل ساندۇقتا لىقمۇلىق.
مەشرىپىگە يەل-يېمىش، توخۇ، تۇخۇم، كاۋاپمۇ بار،
چاي، ھەسەل، پەتنۇستا نان، لېگەندە گۆش تۇرسۇن قاتار.
ئالما، ئانار، تاۋۇز، قوغۇن، ئەنجۈر بىلەن نەشپۈتمۇ ھەم،
كىشمىش، ئۈزۈم، پىستە، بادام ھەر قايسىدىن توققۇز تاغار.
نەغمىچى لازىم دېسە، مەمتاۋلا راۋاب، ئاۋۇت مۇسا تەييار.
قالۇن، غىجەك، تەمبۇر، ساتار، سۇناي، راۋاب، داپ، دۇتتار،
سورۇننى شوخ قىزىتقىلى مەھەممەتنىياز مىرشۇۋاز كېرەك،
ساقىي بولۇپ مەي تۇتقىلى سورۇن ئارا مىراب كېرەك.
دەستۇرخانلار مول سېلىنسۇن، نازۇ-نېمەت رېتى بىلەن تىزىلسۇن،
جانغا راھەت مۇسەللەس پىيالىگە تولدۇرۇلسۇن.
بۇ جاھاندا ئىش تولا، قار ياغىدىغان قىش تولا،
بۇ قارلىقنى كۆرۈپلا، ئاغرىپ قالسىلا سەت بولا.
قارلىق بىزنىڭ كۆڭلىمىز، ئەل-مەھەللىگە رىشتىمىز،
قارلىق بىلەن باشلانسۇن، خۇشاللىقتا قىشىمىز.
شۇنىڭ بىلەن بولدى تامام، قارلىقنامە مەزمۇنلىرى،
ئېغىر كەلمەس ئۆزلىرىگە، مېھماندوستلۇق بۇ شەرتلىرى.
مەشرەپ قوشىقى
يىگىت: خېنىم-خېنىم جانان خېنىم، بىيىت ئېيتاي ئاڭلا خېنىم. ئوتتۇز ئوغۇل گۇۋاھ خېنىم، ئاشىقىڭمەن خۇما خېنىم قىز: يىگىت-يىگىت جانان يىگىت، بېيىت ئېيتاي ئاڭلا يىگىت. مەنمۇ كۆيەي خۇما يىگىت، خەلقى ئالەم گۇۋاھ يىگىت. يىگىت: دەريا بولۇپ ئاقساڭ خېنىم، بېلىق بولۇپ ئويناي خېنىم. چىراغ بولۇپ يانساڭ خېنىم، پىلىك بولۇپ كۆيەي خېنىم. قىز: جانغا جانان داۋا يىگىت، ئېسىۋالدىم تۇمار يىگىت. تاغقا چىقسام دۇلدۇل يىگىت، باغقا كىرسەم بۇلبۇل يىگىت.
يىگىت: چىمەن بولۇپ تۇرساڭ خېنىم. قوزاڭ بولۇپ ئويناي خېنىم، دەردىم تولا بىلگىن خېنىم. خوش كەتتى چاي ئالغىن خېنىم. قىز: قىسىۋالسام بىر گۈل يىگىت، سۆزى شېكەر قوبۇل، يىگىت. مەلۇم بولسۇن ھالىم يىگىت، مانا چىنە تەزىم يىگىت.
يېڭى قوشاقلار
باغقا گۈللەر تېرىساق، ئۈنۈپ چىقتى بەش قۇلاق. بۇ دۇنيادا بارمىدۇ، پارتىيىدەك نۇر چىراق.
دولقۇنلار ياساپ تارىم، باغلارغا ئاقار دائىم. پارتىيە ئېلىپ كەلگەن، ئۆمرىمىز باھار دائىم.
تاتلىق ئىكەن، بال ئىكەن، يېڭى باغنىڭ ئۈزۈمى. كۆڭلىمىزگە بەك ياقتى، سوتسىيالىزم تۈزۈمى.
ياشنىتىدۇ مايسىنى، ئىللىق قۇياش نۇرلىرى. دېھقان رازى ئېچىلغاچ، بېيىشنىڭ كەڭ يوللىرى. يۇرتىمىزنىڭ ئەزەلدىن، ئاۋات دېگەن نامى بار. گۈل-گۈلىستان قوينىدا، ھەر خىل بايلىق كانى بار.
ھەممە مىللەت ئىناق بىز، قەھرىمىز تىغ دۈشمەنگە. يولاتمايمىز قۇزغۇننى، ئانا ۋەتەن گۈلشەنگە.
3. ماقال-تەمسىللەر ئاۋات خەلقى يومۇرلۇق خەلق، ئۇلارنىڭ ماقال-تەمسىللىرى بىر قەدەر كۆپ. بۇ يەردە بىر قىسمىنى كۆرسىتىپ ئۆتىمىز:
ئىناق ئائىلە نۇرلىنىپ تۇرار،
ئىناقسىز ئائىلە تىنىمسىز بولار.
دۆلەت خەلققە تايىنىپ روناق تاپار، تۆمۈرچى ئوتقا تايىنىپ كەتمەن سوقار.
نىيىتى ياخشىنىڭ قولى كەڭ، ئەل سۆيگەننىڭ يولى كەڭ.
ئۆز يۇرت - ئۆز ئانا، ئۆزگە يۇرت - ئۆگەي ئانا.
قۇم دۆۋىلەنسە تاغ بولۇر، مىللەت ئۆم بولسا باغ (بولۇر).
ئات ئايلىنىپ ئوقۇرىنى تاپار، ئادەم قېرىسا ئۆز يۇرتىنى (تاپار).
مىڭ دوست كۆپلۈك قىلماس، بىر دۈشمەن ئازلىق (قىلماس).
دۈشمەن ئالدىڭدا ماختار، دوست كەينىڭدە (ماختار).
موللامنىڭ دېگىنىنى قىل، قىلغىنىنى قىلما.
ئەسكى چاپان يامغۇردا ياخشى، يامان تۇغقان ئۆلگەندە (ياخشى).
ئۈمىد ياشارتىدۇ، غەم-قايغۇ قېرىتىدۇ.
كۆڭۈل قويماي ئىش قىلغىلى بولماس، كۆڭۈلدىكى داغنى يۇيغىلى (بولماس).
يولۋاس ئىزىدىن قايتماس، يىگىت سۆزىدىن (قايتماس).
توشقاننى قومۇش ئۆلتۈرەر، يىگىتنى نومۇس (ئۆلتۈرەر).
پىچاقنى ئۆزۈڭگە سال، ئاغرىمىسا ئۆزگىگە (سال).
ھايۋاننىڭ ئالىسى تېشىدا، ئادەمنىڭ ئالىسى ئىچىدە.
ھەسەتخورنىڭ كۆڭلى قارا، جادۇگەرنىڭ يۈزى (قارا).
مەيدە ئاغرىتقان ئاش ئەمەس، كۆڭۈل ئاغرىتقان دوست ئەمەس.
بېرەي دېسە ئىچى ئاغرىيدۇ. يەي دېسە چىشى (ئاغرىيدۇ).
ئۇسسۇل تۈزدە ياخشى، گەپ يۈزدە (ياخشى).
كەنجى كېۋەز غوزىلىماس، ئۇزۇن گەپنىڭ مەززىسى بولماس.
كۆسەينى ئۇزۇن قىل، گەپنى قىسقا (قىل).
قەرزدارنىڭ تىلى قىسقا، گۇمانخورنىڭ ئۆمرى (قىسقا).
ئات ئۆلسە ئىگىرى قالىدۇ، ئادەم ئۆلسە نامى (قالىدۇ).
يەر ناچار ئەمەس، ئادەم ناچار.
تۆمۈر كەسسەڭ قىسقا كەس، ياغاچ كەسسەڭ ئۇزۇن كەس.
ئۆز يۇرت - ئالتۇن بۆشۈك.
ھەممە يەردە قازاننىڭ قۇلىقى تۆت.
تىز پۈكۈپ ياشىغۇچە، تىك تۇرۇپ ئۆلگەن ياخشى.
چاشقاننىڭ ئۆلگۈسى كەلسە مۈشۈكنىڭ قۇيرۇقىنى چىشلەپتۇ.
بۆرىگە رەھىم قىلغىنىڭ، قويغا رەھىمسىزلىك قىلغىنىڭ.
ئىسنىڭ ئاچچىقىنى مورا بىلەر.
قول يەتمىگەن ئۈزۈم ئاچچىق.
پىچاق ئىتتىك بولسىمۇ غىلىپىنى كەسمەيدۇ.
دۈمبىسى قىچىشقان ئېشەك تۈگمەنگە بېرىپتۇ.
بىلىمسىز ئادەم مېۋىسىز دەرەخ.
بىلىم توپلاش ئالتۇن توپلىغاندىن ئەلا.
چىراغ تۈۋى قاراڭغۇ.
موزاينىڭ يۈگۈرۈشى سامانلىققىچە.
ئۇنداق قازانغا مۇنداق چۆمۈچ.
قورققان ئاۋال مۇشت كۆتۈرەر.
ئادىل بولسىلا، بىر ساپاق ئۈزۈمنى قىرىق ئادەمگە يەتكۈزگىلى بولىدۇ.
يالغانچىنىڭ راست گېپىمۇ يالغان.
باغلاقلىق ئىت ئوۋغا يارىماپتۇ.
ئىت پوق يېمىسە بېشى ئاغرىيدۇ.
قارىغۇنىڭ شەھىرىگە بارساڭ بىر كۆزۈڭنى قىس.
ئاسماندىكى قاغىنىڭ كۆزى يەردىكى پوقتا.
بايلىقنىڭ ئاتىسى ئەمگەك، ئانىسى يەر.
2§. ئەدەبىي ئىجادىيەت
1. شېئىر ئىجادىيىتى
1949-يىلىدىن كېيىن، ئاۋات ناھىيىسىدە يېڭى شېئىر ئىجادىيىتى كۈنسايىن گۈللەندى. يېڭى شېئىرلاردا خەلق قوشاقلىرىنىڭ جەۋھىرى قوبۇل قىلىندى ھەم رۇبائىي قاتارلىق كونا شېئىر شەكىللىرى ئاساسىدا يېڭىلىق يارىتىلدى، شۇنىڭ بىلەن بىر تۈركۈم يەرلىك شائىرلار مەيدانغا كەلدى.
تۇرسۇن تاھىر: ئاۋاتنىڭ ئايباغ يېزىسىدىن، ئۇ ئوقۇتۇش خىزمىتىدىن سىرتقى ۋاقىتلاردا ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىپ، 120 نەچچە پارچە شېئىر، 50 رۇبائىي ئېلان قىلغان. ئۇنىڭ «يېزا ناخشىسى»، «ۋەتەن مۇھەببىتى»، «گۈزەل ئاقسۇ ئەتراپى»، «ئاۋات ناخشىسى» قاتارلىق شېئىرلىرىنى كىشىلەر ياقتۇرۇپ ئوقۇيدۇ، يەنە ئۇ «قېرىنداشلىق مۇھەببىتى» قاتارلىق ھىكايىلەرنىمۇ يازغان.
ئوبۇلقاسىم ئابدۇللا: ئاۋاتنىڭ غورۇچۆل يېزىسىدىن، بىر قەدەر داڭلىق شېئىرلىرىدىن «بارلىقىم ۋەتەنگە مەنسۈپ»، «ئاسمان»، «ئاي»، «يۇلتۇز»، «بۇلۇت»، «تاڭ سەھەر»، «يۇرتۇم ھەققىدە مۇخەممەس» قاتارلىق 60 نەچچە پارچە شېئىرى بار.
زاھىر ئابدۇراخمان: ئاۋاتنىڭ بەشئېرىق يېزىسىدىن، جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەت يازغۇچىلىرى جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، ئۇ لىرىك شېئىرلارنى يېزىشقا ماھىر بولۇپ، «ئىزدىنىش»، «مەشرەپ ھەققىدە مۇخەممەس»، «دولان راۋابى»، «ھايات»، «ئانا»، «ئارزۇ»، «سۆيگۈنۈم بوستانلىق» قاتارلىق 200 نەچچە پارچە لىرىك شېئىر يازغان. 1992-يىلى «روھىي سەپەر» ناملىق شېئىرلار توپلىمىنى نەشر قىلدۇرغان.
تۇنىياز مەتنىياز: ئاۋات بازىرىدىن. 1962-يىلىدىن بۇيان جەمئىي 300 نەچچە پارچە شېئىر ئېلان قىلغان، ۋەكىللىك خاراكتېرىغا ئىگە شېئىرلىرىدىن «تاغ ناخشىسى»، «دولان قىزىغا»، «دولان ناخشىسى»، «ئايرىلىش تەسىراتلىرى»، «مۇخەممەس» قاتارلىقلار بار.
ھەبىبۇللا روزى: 1962-يىلىدىن بۇيان 500 نەچچە پارچە شېئىر ئېلان قىلغان، سەنئەت ئۆمىكىگە «ئىشچان قىز» قاتارلىق 33 ناخشا تېكستى يېزىپ بەرگەن. 1984-يىلى ۋاپات بولدى.
تۇنىياز مەتنىياز بىلەن ئابدۇرېھىم سىدىقلار، «جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەت يازغۇچىلىرى لۇغىتى»گە كىرگۈزۈلگەن، ئۇلارنىڭ «ئۈمىد بوستانى» ناملىق شېئىرلار توپلىمىغا كىرگۈزۈلگەن شېئىرلىرىنىڭ ئەدەبىيات مۇنبىرىدە خېلى تەسىرى بار.
1982-يىلى 1-ئايدىن باشلاپ ناھىيىلىك مەدەنىيەت يۇرتى ئۇيغۇرچە «ئاۋات ئەدەبىياتى» ژۇرنىلى (شاپىگراف باسمىسى) چىقاردى، ئۇنىڭغا بىر مەخسۇس مۇھەررىر قويۇلدى. بۇ ژورنال 1984-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە قەرەلسىز 10 سان (ھەر سانى 150 نۇسخا) چىقىرىلدى. ھىكايە، ئوبزور، ئەدەبىي خەۋەردىن 32 پارچە، ھەرخىل شەكىلدىكى شېئىر، ئەسەردىن 215 پارچە ئېلان قىلىندى.
2. تىياتىر ئىجادىيىتى
1957-يىلى ئوسمان مۆمىن كۆپ پەردىلىك ئوپېرا - «ئۇزىتىش»نى ئىجاد قىلدى، بۇ ئوپېرا ئاۋات سەھنىلىرىدە ئوينىلىپ بىر مەزگىل زىلزىلە پەيدا قىلدى.
1963-يىلى ئاۋات ناھىيىلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپتىن سىدىق مۇسا، ئايشەم سېلىم، تۇرغۇن قېيۇم، مەمەتنىياز ئەمەت قاتارلىقلار تارىخىي ھۆججەت- «شىنجاڭ تۈرمىسىدىكى كۈرەش خاتىرىسى»گە ئاساسەن ئىجاد قىلغان سەھنە ئەسىرى ئاۋاتتا ئوينىلىپ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىلدى. 1963-يىلى ئاۋات ناھىيىلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىدىن تۇنىياز مەتنىياز بىلەن ئىمىنجان ئىكرام ئىجاد قىلغان «باغۋەن قىز» ناملىق ھىكايىگە ئاساسەن ئۆزگەرتىپ تۈزۈلگەن سەھنە ئەسىرى ئاۋات سەھنىسىدە ئوينالدى. 1976-يىلى ئايباغ يېزىلىق ئەدەبىيات-سەنئەت تەشۋىقات ئەترىتىدىكى ئىلياس باۋۇدۇن، ئابدۇقادىر دانى، ئوبۇلقاسىم قاتارلىقلار قەييۇم تۇردىنىڭ «قىزىلتاغ باتۇرلىرى» ناملىق پوۋېستىنى تىياتىرلاشتۇرۇپ سەھنىگە چىقاردى. 1978-يىلى ناھىيىلىك سەنئەت ئۆمىكى ئېزىز تاھىرنىڭ (ۋاپات بولدى) «موللا زەيدىن» ناملىق ئەسىرىنى سەھنىلەشتۈردى، بۇ سەھنە ئەسىرى ئاۋات ۋە شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا 100 نەچچە مەيدان ئوينالدى. 1981-يىلى تۇنىياز مەتنىياز زوردۇن سابىرنىڭ «دولان ياشلىرى» ناملىق ھېكايىسىنى سەھنىلەشتۈردى، ئاۋات ناھىيىلىك سەنئەت ئۆمىكى ئوينىدى. 3. ئەدەبىي تەرجىمە
1962-يىلدىن كېيىن، ئەدەبىي تەرجىمە ئىشلىرى راۋاجلاندى. ئابلەت تاجى، زاھىر ئابدۇراخمان، ئۇبۇلقاسىم ئابدۇللا، زۇبىيە ئابدۇراخمان قاتارلىق ياش، ئوتتۇرا ياشلىق ئاپتورلارنىڭ قىسمەن ئەسەرلىرى خەنزۇچىگە تەرجىمە قىلىنىپ ئېلان قىلىندى.
پېشقەدەم تەرجىمان چۈ بەيچىڭ «موسكۋانى قوغداش ئۇرۇشى» رومانىنى، ئەيسا مۇسا «شۈ ماۋ ۋە ئۇنىڭ بالىلىرى» رومانىنى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلدى. مامۇت داۋۇتنىڭ نۇرغۇن تەرجىمىلىرى «ئەدەبىي تەرجىمىلەر»دە ئېلان قىلىندى. 4. گۈزەل سەنئەت، فوتو سۈرەتچىلىك
1950-يىلىدىن كېيىن يۈسۈپ ياقۇپ دېكراتسىيە ۋە رەسىم سىزىش بىلەن شۇغۇللاندى. ئەمەت نىياز، روزى نىياز (ۋاپات بولدى)لار ھۆكۈمەتكە ياردەملىشىپ ۋېۋىسكا يېزىش، تامغا ئويۇش ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللاندى.
1955-يىلى ئەمەتنىياز، ئابدۇرۇسۇل روزى قاتارلىقلار خەتتاتلىق بىلەن شۇغۇللاندى. 1957-يىلى ئىسرايىل ئىبراھىم خەتتاتلىق بىلەن شۇغۇللاندى ھەم دۇتار، راۋاب قاتارلىق چالغۇ ئەسۋابلىرىنى ياسىدى. 1958-يىلىدىن باشلاپ ئابدۇرېھىم روزى نەققاشچىلىق قىلدى. 1962-يىلى ئىمىر زاكىر ھەجۋىي رەسىم ئىجادىيىتىنى باشلىدى. 1966-يىلى ئىلياس باۋۇدۇن 1000 پارچىدىن ئارتۇق ھەجۋىي رەسىم سىزدى، نۇرغۇن «ماۋجۇشى سۆزلىرىدىن ئۈزۈندە» يازدى ھەم خەتتاتلىقنى ئومۇملاشتۇردى. 1973-يىلى ئەتىيازدا جىن بو مەدەنىيەت يۇرتىغا يۆتكىلىپ فوتو سۈرەتچىلىك قىلدى. 1980-يىلىنىڭ ئاخىرىدا توختىنىياز مەتنىياز، جاڭ خۇڭ، مۇختار ئابدۇراخمان، ئىمىنجان سامساقلار خەتتاتلىق، فوتو سۈرەتچىلىك بىلەن شۇغۇللاندى.
3§. دراما، ناخشا-ئۇسسۇل 1. دراما 1940–يىلى ئاۋات خەلقى ئىئانە توپلاپ ۋە خالىسانە ئىشلەپ خەلق كۇلۇبىنى سالدى. ئۇيغۇر ئۇيۇشمىسىنىڭ تەشۋىقات بۆلۈمى باشقۇرۇشىدىكى سانايى نەفىسە ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئاساسىي تېما قىلىنغان «شاڭخەي كېچىسى» ناملىق درامىنى تەييارلاپ كۇلۇبتا ئوينىدى. مىنگونىڭ 1941-يىلى ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى تۇرۇپ، ۋەتەننى مۇنقەرزلىكتىن قۇتقۇزۇش ئاساسىي مەقسەت قىلىنغان «تامچە قاندىن ئېچىلار مىليونچە گۈللەر» ناملىق دراما ئاۋات خەلقى بىلەن يۈز كۆرۈشتى. 1943 ~ 1945–يىلىغىچە يۇقىرىقى تېما ئاساسىي مەزمۇن قىلىنغان «جۇدۇندىن كېيىنكى ئاپتاپ» (ل. مۇتەللىپ)، «چىن مۇدەن» (ل. مۇتەللىپ)، زۇلمەتلىك فېئوداللىق تۈزۈمنى پاش قىلىدىغان «ئۆگەي ئانا» (ئابلا روزى)، يېڭىلىق بىلەن كونىلىق ئوتتۇرىسىدىكى كۈرەشنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان «سامساق ئاكاڭ قاينايدۇ» (ل. مۇتەللىپ)، «يالغان تېۋىپ» (ئاپتورى نامەلۇم)، فېئوداللىققا قارشى تۇرۇپ، ئەركىنلىك ئۈچۈن كۈرەش قىلىشنى تېما قىلغان «رابىيە–سەئىدىن» (ئەھمەد زىيائى) ناملىق درامىلار ئوينالدى. بۇ درامىلاردا غوپۇر ئوليارۇف، قۇربان ئىمىن، نەزەر كېرىم، ئوسمانقالى قاتارلىق ئوقۇتقۇچىلار باش رول ئالدى، سەھنە كىيىملىرى، سەھنە جابدۇقلىرى كەمچىل ئىدى. 1946- يىلىدىن كېيىن گومىنداڭ ئەكسىيەتچى ھۆكۈمىتىنىڭ خىلمۇ خىل توسقۇنلۇقى بىلەن دراما ئويناش مۇمكىن بولمىدى. ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر ئۇيۇشمىسى بىلەن ۋىلايەتلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ سەنئەت ئۆمىكى ئاۋاتقا كېلىپ «غېرىپ-سەنەم»، «تاھىر–زۆھرە» قاتارلىق چوڭ تىپتىكى درامىلارنى ئوينىدى. يېڭى جۇڭگونىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە، ئىشتىن سىرتقى سەنئەت ئۆمىكى ئىجارە ھەققىنى كېمەيتىش-زومىگەرلەرگە قارشى تۇرۇش، يەر ئىسلاھاتى، يېزا ئىگىلىكىنى كوپىراتسىيىلەشتۇرۇش، ساۋات چىقىرىش مەزمۇنىدىكى كىچىك دراما ۋە نومۇرلارنى ئوينىدى. 1958-يىلى ناھىيىلىك سەنئەت ئۆمىكى قۇرۇلۇپ 1984-يىلىغىچە ناھىيە تەۋەسىدە «يېتىملار كۆز يېشى» (ئاپتورى: مەھەممەت تاتلىق، ئاۋاتلىق)، «غۇنچەم»، «گۈلنىسا» (ئاپتورى: زۇنۇن قادىر)، «ئۆگەي ئانا» (ئاپتورى: ئابلا روزى)، «تامغىنى تارتىۋېلىش» (ئاپتورى نامەلۇم)، «باي بىلەن مالاي» (ئاپتورى نامەلۇم)، «ئارشىن مال ئالال» (ئاپتورى نامەلۇم)، «ئالتۇنگۈل» (ئاپتورى نامەلۇم)، «جىنايەت» (ئاپتورى نامەلۇم)، «مەسلىھەت چېيى» (ئاپتورى: مەمتېلى زۇنۇن)، «ھالاكەت»، «رەسمىي توي كۈنىدە» (ئاپتورى: شۈكۈر يالقۇن) قاتارلىق درامىلارنى ئوينىدى. يەنە ناھىيە ئىچىدىكى ئاپتورلاردىن ئوسمان مۆمىننىڭ «كىم ئەيىبلىك»، ئېزىز تاھىرنىڭ «موللا زەيدىن»، «ساۋات چىقىرىشنىڭ قىممىتى»، ئابباس ساۋۇرنىڭ «ئىمتىھان»، مەھەممەت تاتلىقنىڭ «ئانا بىلەن بالا»، ئابدۇرېھىم روزىنىڭ «قىممەتلىك نەي»، جۈمە نۇرنىڭ «كۈرەش قىلىۋاتقان تەيۋەن خەلقى»، مامۇت راشىدىننىڭ «باخشى مات بولدى» قاتارلىق درامىلىرىنى ئوينىدى. 1959~1963-يىلىغىچە ئاۋات ناھىيىلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئىشتىن سىرتقى سەنئەت ئۆمىكى ئىنقىلابىي قەھرىمانلار مەدھىيىلەنگەن «جاۋ يىمەن»، «يىراقتىكى ئۇچقۇنلار» دېگەن درامىلارنى ئوينىدى. «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى» مەزگىلىدە ناھىيىلىك سەنئەت ئۆمىكى بىلەن غورۇچۆل گۇڭشې ماۋزېدۇڭ ئىدىيىسى مەدەنىيەت-سەنئەت تەشۋىقات ئەترىتى «قىزىل چىراغ»، «شاجياباڭ» قاتارلىق جىڭجۈي تىياتىرلىرىنى ئوينىدى. ئاپتونوم رايونلۇق دراما ئۆمىكى، ئاقسۇ، قەشقەر، خوتەن، ئىلى قاتارلىق ۋىلايەتلەرنىڭ سەنئەت ئۆمەكلىرى ئاۋاتقا كېلىپ ئويۇن قويۇپ تۇردى. 2. ناخشا
ئاۋات ناھىيىسىنى ئەڭ دەسلەپتە دولانلىقلار ئاچقان، دولان مۇقامى ئاساسىدا تارقىلىپ كەلگەن سىستېمىلىق ناخشىدىن 113ى بار، ئۇلار دولان مۇقامىنىڭ تەرتىپى ۋە تۈرى بويىچە تۆۋەندىكىچە ئايرىلىدۇ:
1. باش باياۋان، بىر مۇقام، ئالتە ئاھاڭ 40 مىسرا؛ 2. بوم باياۋان، بىر مۇقام، يەتتە ئاھاڭ 44 مىسرا؛ 3. سىم باياۋان، بىر مۇقام، ئالتە ئاھاڭ 44 مىسرا؛ 4. باياۋان، بىر مۇقام، ئالتە ئاھاڭ 48 مىسرا؛ 5. موغال باياۋان، بىر مۇقام، ئالتە ئاھاڭ 56 مىسرا؛ 6. ساموك باياۋان، بىر مۇقام، ئالتە ئاھاڭ 56 مىسرا؛ 7. جۇلا، بىر مۇقام، يەتتە ئاھاڭ 60 مىسرا؛ 8. چۆل باياۋان، بىر مۇقام، ئالتە ئاھاڭ 44 مىسرا؛ 9. دولامەت، (1-بۆلەك)، بىر مۇقام، ئالتە ئاھاڭ 40 مىسرا؛ 10. دولامەت، (2-بۆلەك)، بىر مۇقام، 33 ئاھاڭ 412 مىسرا؛ 11. دولان ساداسى، بىر مۇقام، يەتتە ئاھاڭ 68 مىسرا؛ 12. بەشئېرىق يېزا مۇقامى، بىر مۇقام، 15 ئاھاڭ 252 مىسرا. يۇقىرىقى ئەنئەنىۋى ناخشىلارنى بۈگۈنگە قەدەر ئېيتىپ كەلگەنلەردىن مەمتاۋلا راۋاب، ئاۋۇت مۇسا، ئىمىر ھەمزە قۇربان، ئىمىر ئەمەت، سەمەت سوپى، داۋۇت نىياز، ئىمامنىياز راۋاب، قۇرباننىياز ئېلى، ئەخمەت ساۋۇت قاتارلىقلار بار. 1979 ~ 1981-يىلىغىچە ئۇلارنىڭ ناخشىسى لېنتىغا ئېلىندى، ھازىر مەدەنىيەت يۇرتىدا ساقلىنىۋاتىدۇ. 1980-يىلى ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ناخشا-ئۇسسۇل كۆرىكىدە ئېيتىلغان ناخشا - «گۈزەل ياشلىغىم» (تېكستى ئابباس ساۋۇرنىڭ، مۇزىكىسى ئاۋۇت راخماننىڭ، گۈزەلنۇر ئورۇندىغان) 1-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا؛ «ۋەتەن» (مۇزىكىسىنى ئىشلىگۈچى ھەم ئورۇندىغۇچى ئاۋۇت راخمان، ئىدرىس ئىبراھىم) 2-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا؛ ئىككى كىشىلىك ناخشا-ئۇسسۇل - «ئاشپەزگە مەدھىيە» (تېكستى ئابباس ساۋۇرنىڭ، ئورۇندىغۇچى ئېزىز ئابلىز، ئىدىرىس ئىبراھىم) 3-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى. 1984-يىلى ئاپتونوم رايون ئۆتكۈزگەن «تەڭرىتاغدا باھار» ناخشا-ئۇسسۇل كۆرىكىدە ئاۋات سەنئەت ئۆمىكىنىڭ ناخشىچىسى گۈزەلنۇر ئېيتقان «مىراجىخان»، «گۈزەل ئەخلاق» دېگەن ناخشىلار 3-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى. 3. ئۇسسۇل
ناھىيىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ چوڭىدىن كىچىكىگىچە ھەممىسى دېگۈدەك ئۇسسۇل ئوينىيالايدۇ، ئاساسەن دولان ئۇسسۇلىنى ئاساس قىلىدۇ. ئەنئەنىۋى ئۇسسۇللاردىن چىكىتمە، سەنەم، ھوزۇر (نەكەس)، سىرىلمە، غاز ئۇسسۇلى، ئاخماق ئۇسسۇلى، بوۋاي بىلەن شاپىدىخان ئۇسۇلى، تۆگە ئۇسسۇلى، ئۇزۇن-قىسقا موللا ئۇسسۇلى، شادىيە ئۇسسۇلى، غوجا ئالدىرىغاق ئۇسسۇلى، كېپىنەك ئۇسسۇلى، مايمۇن ئۇسسۇلى، جەرەن ئۇسسۇلى قاتارلىقلار بار. دولان ئۇسسۇلى مۇقام رىتىمىغا ئەگىشىپ چىكىتمە، سەنەم، ھوزۇر، سىرىلمە دېگەن ئۇسسۇللارغا ئايرىلىدۇ، بۇلارنىڭ ھەر قايسىسىنىڭ ئۆزىگە خاس شەكىللىرى بار. چىكىتمىنىڭ 13 شەكلى، سەنەمنىڭ 19 شەكلى، ھوزۇرنىڭ 33 شەكلى، سىرىلمىنىڭ 26 شەكلى بار.
1980-يىلى ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ناخشا-ئۇسسۇل كۆرىكىدە ئاۋات ناھىيىسىنىڭ كوللېكتىپ ئۇسسۇلى- «دولان مەشرىپى» 1-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى. 4. مۇزىكا
ناھىيىدە خەلق چالغۇ ئەسۋابلىرىدىن راۋاب (قەشقەر راۋابى، ئۆزبېك راۋابى، دولان راۋابىدىن ئىبارەت ئۈچ خىل)، دۇتار، تەمبۇر، داپ، چاڭ، ناغرا، ساتار، ساپايى، قالۇن، تاش قاتارلىقلار بار. غورۇچۆل يېزىسىنىڭ قەدىمئايماق كەنتىدىكى سازەندىلەر جەمەتىدىن كېلىپ چىققان مەمتاۋلا ئاخۇن 1926- يىلى «شەيتان باياۋان» مۇقامىنى ئىجاد قىلغان، ئۇ دولان راۋابىغا ئۇستا بولۇپ، «بەشئېرىق سەنىمى»گە باشى ئىدى، يەنە راۋاب ياسايتتى، خەلق ئارىسىدا داڭقى بار ئىدى. 1940-يىلى تۇردى خەلىپە (سودىگەر، 1945-يىلى ئوغلى مەۋلانجان تۇردى بىلەن بىللە ئاقسۇ تۈرمىسىدە گومىنداڭ ئارمىيىسى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن) ئاۋات ئۇيغۇر ئۇيۇشمىسىغا ئىسكىرىپكا، ماندالىن، گىتار، گارمون قاتارلىق چەت ئەل چالغۇلىرىنى تەقدىم قىلدى، بۇ ئاۋات خەلقىنىڭ چەت ئەل چالغۇلىرى بىلەن تۇنجى ئۇچرىشىشى ئىدى.
1956-يىلىدىن كېيىن ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ غەمخورلۇقىدا ئاۋات ناھىيىلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپ ۋە باشقا ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەردىكى بىر تۈركۈم ياش-ئۆسمۈر ئوقۇغۇچىلار دەرستىن سىرتقى ۋاقىتلاردىن پايدىلىنىپ مۇزىكا ئۆگەندى. 80-يىللاردا پېشقەدەم خەلق سازەندىلىرى نۇرغۇن شاگىرت تەربىيىلىدى، داڭلىق خەلق سازەندىلىرى 123 كە يەتتى. 1980-يىلى ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ناخشا-ئۇسسۇل كۆرىكىدە مەمىتاۋلا نىياز ئورۇندىغان دولان مەشرىپى مۇزىكىسى 1-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا، «تارىم مەنزىرىسى»، «دولان مەشرىپى - باش باياۋان» مۇزىكىسى 2-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى.
4§. ئاممىۋى ئويۇنلار
1. مەشرەپ
بىر يىلنىڭ تۆت پەسلىدە ئۆي، ھويلا، خامان، سەينا ياكى باغلاردا مەشرەپ ئۆتكۈزۈلۈپ تۇرىدۇ.
ھېيت-ئايەم مەشرىپى: كاتتا يىغىلىش ۋە ھېيت-ئايەم كۈنلىرى ئۆتكۈزۈلىدىغان مەشرەپ.
توي-تۆكۈن مەشرىپى: يېڭى توي قىلغاندا ۋە قايتا توي قىلغاندا ئۆتكۈزۈلىدىغان ئەنئەنىۋى مەشرەپ.
قاتارىي مەشرەپ: ئەل-ئاغىنىلەر ياكى يۇرتداشلار ئارا نۆۋەت بىلەن ئۆتكۈزۈلىدىغان بىر خىل مەشرەپ.
قارلىق مەشرىپى: قارلىق تاشلىغاندا ئۆتكۈزۈلىدىغان مەشرەپ.
ئۈزۈم مەشرىپى: باش باھاردا ئوغلاق تارتىش، گۈلەڭگۈچ ئۇچۇشقا ئوخشاش ئويۇنلار بىلەن بىرلىكتە ئۆتكۈزۈلىدىغان مەشرەپ.
يەنە ناماقۇللۇق مەشرىپى، ئاداۋەتنى يۇيۇش مەشرىپى قاتارلىق مەشرەپلەرمۇ بار.
2. بارات كېچىسى
ھىجىرىيە 8-ئايدا ھەممە ئائىلە دالاغا يىغىلىپ، گۈلخان يېقىپ، ئايدىڭدا بىركېچە تەنتەنە قىلىشىدۇ، بەزىلەر ھىكايە ئېيتسا، بەزىلەر ناخشا ئېيتىدۇ، بەزىلەر كىتاب ئوقۇپ تارىخنى ئەسلىشىدۇ، بەزىلەر جەم بولۇپ غىزالىنىدۇ، بالىلار تۈرلۈك ئويۇنلارنى ئوينايدۇ.
3. سېھىرگەرلىك
ئاممىۋى سورۇنلاردا كىچىك تىپتىكى سېھىرگەرلىك ئويۇنلىرى ئوينىلىپ تۇرىدۇ، لېكىن مەخسۇس سېھىرگەرلىك قىلىدىغانلار بەك ئاز. يېڭىئېرىق يېزىسىدىكى پېشقەدەم دېھقان بارات ئاشۇق نامراتچىلىق ئىچىدە چوڭ بولغان، ئۇ «قوڭغۇراق سوقۇشتۇرۇش»، «قاپاقنىڭ سىيىشى»، «قوناق چىقىرىش» (قوناقنى كۆزىگە تىقىپ، ئاغزىدىن ياكى قۇلىقىدىن چىقىرىش، ياكى ئاغزىغا سېلىپ قولتۇقىدىن چىقىرىش)، تانا بىلەن پۇتىنى باغلاش قاتارلىق سېھىرگەرلىك ئويۇنلىرىنى تۈزگەن.
4. قارلىق تاشلاش
ھەر يىلى تۇنجى قار ياغقاندا ئەل-ئاغىينىلەر ئارا، يۇرتداشلار ئارا قارلىق تاشلاش ئويۇنى بولىدۇ. قارلىقتا ياخشى تىلەك-نۇسرەت سۆزلىرىدىن باشقا، مەشرەپ ئۆتكۈزۈپ بېرىش تەلىپى قويۇلىدۇ. قارلىق ئېلىپ بارغۇچى قارلىقنى يەتكۈزگەن ھامان قاچىدۇ، ئەگەر قارلىق ئالغۇچى ئۇنى تۇتۇۋالسا، يۈزىگە قارا سۈركەپ، ئېشەككە تەتۈر مىندۈرۈپ «سازايى قىلىدۇ»، تۇتۇۋالالمىسا قارلىقتىكى تەلەپ بويىچە مەشرەپ ئۆتكۈزۈپ بېرىدۇ. دولان مەشرىپى

ھەر يىلى تۇنجى قار ياغقاندا ئەل-ئاغىينىلەر ئارا، يۇرتداشلار ئارا قارلىق تاشلاش ئويۇنى بولىدۇ. قارلىقتا ياخشى تىلەك-نۇسرەت سۆزلىرىدىن باشقا، مەشرەپ ئۆتكۈزۈپ بېرىش تەلىپى قويۇلىدۇ. قارلىق ئېلىپ بارغۇچى قارلىقنى يەتكۈزگەن ھامان قاچىدۇ، ئەگەر قارلىق ئالغۇچى ئۇنى تۇتۇۋالسا، يۈزىگە قارا سۈركەپ، ئېشەككە تەتۈر مىندۈرۈپ «سازايى قىلىدۇ»، تۇتۇۋالالمىسا قارلىقتىكى تەلەپ بويىچە مەشرەپ ئۆتكۈزۈپ بېرىدۇ.
مەنبەسى : شىنجاڭ تەزكىرىچىلىكى
ۋاقتى :2008-2-20