ئةخمةت ئابلصمصت

ئورنى Wikipedia

ئةلگة تونۇلغان ئاتاقلصق درامما ۋة كصنو ئارتصسص ئةخمةت ئابلصمصت 1958 - يصلص غۇلجا شةھصرصدة تۇغۇلغان . ئۇ سةنئةتتصكص تةبصئصي تالانتص بصلةن 1976 - يصلص 2 - ئايدا شصنجاڭ ئوپېرا ئۆمصكصگة قوبۇل قصلصندص . شۇنصڭدصن ئېتصبارةن ئةخمةت ئابلصمصت چوڭقۇر ئېتصقاد ۋة ئۇلۇغۋار ئصرادا بصلةن كةسصپكة بېرصلصپ ئاز بولمصغان مۇۋةپپةقصيةتلةرنص قولغا كةلتۈردص . ئةخمةت ئابلصمصت ئصلگصرص - كېيصن بولۇپ ، « گۈلنصسا » دارمصسصدا قادصر ، « چصن مودةن » درامصسصدا مةردان ، « سصز بصزگة ئصشصنةمسصز » درامصسصدا خالصق ، « غېرصپ سةنةم » درامصسصدا شاھص ئابباس ، « ئاماننصساخان » درامصسصدا قېدصرخان ، « سصرتماق » دارمصسصدا ھېمصت قاتارلصق خصلمۇ خصل كةچۈرمصش ۋة خاراكتېرصگة ئصگة پېرسوناژلارنصڭ ئوبرازصنص ئاجايصپ ئۇستصلصق بصلةن يورۇتۇپ ، تاماشصبصنلار ئارصسصدا زور تةسصر قوزغاپ ئۇلارنصڭ قةلبصدصن چوڭقۇر ئورۇن ئالدص ۋة كۆپ قېتصم ئورۇنداش مۇكاپاتصغا ئېرصشتص . ئةخمةت ئابلصمصت يةنة 1991 - يصلص ئصشلةنگةن « موللازةيدصن » ناملصق ھېكاية فصلصمصدة باش رول - موللا زةيدصننصڭ رولصنص ئېلصپ ، ئۇنصڭ يۇمۇرلۇق ، ھةزصلكةش خاراكتېرصنص ناھايصتص ياخشص ئېچصپ بةردص . بۇنصڭدصن باشقا ئةخمةت ئابلصمصت « قۇربان تۇلۇمنصڭ بېيجصڭغا سةپصرص » ناملصق كصنو فصلصم ۋة « كۈتۈلمصگةن توي » ، «تصمتاس گۇگۇم »، « ئاخصرقص كۆل » ، « بۇ چۈش ئةمةس » ، « ساراڭ » ، « چصن سۆيگۈ » قاتارلصق تېلېۋصزصية تصياتصرلصرصدصمۇ ئوخشصمصغان پېرسوناژلارنصڭ ئوبرازصنص ناھايصتص جانلصق ۋة تةسصرلصك يارصتصپ تاماشصبصلارنصڭ ۋة كةسصپداشلصرصنصڭ يۈكسةك باھاسصغا ئېرصشتص . ئۇ ئورۇنداشقا قاتناشقان « چولپانخومار » ، « سالام خةت » ، « ئصمتصھان » ، « كۈندة ئايةم » قاتارلصق ئصپصزورتلار ئةخمةت ئابلصمصتنصڭ كۆپكة ماھصر ھةقصقصي بصر سةنئةتكار ئصكةنلصكصنص تېصخمۇ چوڭقۇر ئصسپاتلايدۇ .