ئوبامانىڭ ۋەزىپىسىدىن خوشلىشىش نۇتۇقى

ئورنى Wikipedia

ئامېرىكا پىرىزدىنتى باراك ھۈسەيىن ئوباما شۇ يەر ۋاقتى 2017-يىلى 10-يانۋار كەچ سەئەت 9:00 دا، ئامېرىكىنىڭ چىكاگو شەھىرىدە ئامېرىكا پۇقرالىرىغا پىرىزدىنتلىقتىن خوشلىشىش نۇتۇقى سۆزلەپ، ئۆزىنىڭ سەككىز يىللىق پىرىزدىنتلىق ھاياتىنى قىسقىچە خۇلاسىلىدى. ئاقساراي بۇ نۇتۇقنى بىر مەيدان «ئالغا قاراش» نۇتۇقى دەپ ئاتىدى.

نۇتۇق تولۇق تېكىستى تۆۋەندىكىچە:

سالام چىكاگو، يۇرتۇمغا، چىكاگوغا كەلگىنىمدىن تولىمۇ خۇشالمەن، ئۆيگە قايتقىنىم بەك ياخشى بولدى.

سىلەرنىڭ كۆرگىنىڭلاردەك، مەن ھازىر «ئاقساق ئۆردەك»تەك پىرىزدىنتمەن، چۈنكى ئەمدى ھېچكىممۇ مېنىڭ بۇيرۇقۇمنى ئاڭلىمايدۇ، بۇ بەئەينى ھازىرقى نەق مەيداندا ھەممەيلەننىڭ ئۆزىنىڭ بىردىن ئورنى بولغاندەكلا ئىش.

مىچېل ئىككىمىز يېقىنقى نەچچە ھەپتىدە ھەرقايسى تەرەپلەردىن كەلگەن تىلەك خەتلىرىنى تاپشۇرۇۋېلىپ ئىنتايىن تەسىرلەندۇق. بۈگۈن كەچتە، مەن كۆپچىلىككە پەقەت «رەھمەت»لا دېمەكچىمەن. بەلكىم بىز ئىلگىرى دىدار كۆرۈشكەندىمىز، بەلكىم پىكرىمىز بىر يەردىن چىقمىغاندۇ، ئەمما ئامېرىكا پۇقرالىرىنىڭ ماڭا بولغان سەمىمىيىتىگە رەھمەت ئېيتىمەن. سىلەر مېنى ئامېرىكا پىرىزدىنتى قىلدىڭلار، سىلەر مېنى تېخىمۇ قالتىس بىر كىشىگە ئايلاندۇردۇڭلار.

مەن 20 نەچچە ياش ۋاقتىمدا چىكاگوغا كەلگەن، ئۇ چاغدا مەن يەنىلا ئۆزۈمنىڭ كىملىكى، ھاياتىمنىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدە ئىزدەنگۈچى ئىدىم. ئۇ چاغدا خىزمەت ئورنۇم بۇ يەردىن ئانچە يىراق ئەمەس ئىدى، دەل مۇشۇ يەردىكى بىر نەچچە كوچىدا مەن ئېتىقادنىڭ كۈچى ۋە غۇرۇرىمىز دۇچ كەلگەن ئوڭۇشسىزلىقلارنى تونۇپ يەتكەنىدىم. بۇ يەردە، مەن پەقەت ئادەتتىكى ئادەملەر بىر-بىرىگە ھەقىقىي سىڭىشىپ، بىرلىكتە ئىتتىپاقلاشسىلا ئۆزگىرىش ياسىيالايدىغانلىقىنىلا بىلىمەن. مەن پىرىزدىنت بولغان سەككىز يىلدا، بۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىپ كەلدىم.

بۇ پەقەت مېنىڭ ئېتىقادىملا ئەمەس، بەلكى پۈتۈن ئامېرىكىلىقلارنىڭ يۈرەك ساداسى. ئامېرىكىنىڭ باشقىلارغا ئوخشىمايدىغىنى شۇكى، بىز ئىقتىدارىمىزنى تېخىمۇ جۇلالاندۇرالايمىز.

ھاكىمىيەتنىڭ بىر ئەركىن سايلامدىن بارلىققا كەلگەن پىرىزدىنتدىن كېيىنكى نۆۋەتلىك پىرىزدىنتغا يۆتكىلىش جەريانى تىنچ ۋە تەرتىپلىك بولۇشى كېرەك، بۇ ئىتايىن مۇھىم. مەن ئىلگىرى تىرامپقا سىياسىي ئۆمىكىمنىڭ بۇ قېتىمقى نۆۋەت ئالمىشىش جەريانىنىڭ خۇددى دەسلەپتە پىرىزدىنت بۇش ھاكىمىيەتنى ماڭا ئۆتكۈزۈپ بەرگىنىگە ئوخشاش ئىنتايىن تىنچ بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشقا ۋەدە بەرگەنىدىم. چۈنكى، ھەربىرىمىز ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ كەلگۈسىگە كاپالەتلىك قىلىشتا ئاۋۋال بىزنىڭ ھازىرقى دۇچ كېلىۋاتقان مەسىلىلەرنى ھەل قىلالايدىغان ئىقتىدار بولۇشى كېرەك.

ئامېرىكا تارىخىدا، ئىلگىرى بىر نەچچە قېتىملىق ئىچكى ئىتتىپاقلىقنىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان چاغلىرى بولغان. بۇ ئەسىردە، دەل ئامېرىكىنىڭ ئىجتىمائىي ئىناقلىقى تەھدىتكە ئۇچرىغان بىر مەزگىل بولدى. دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئالاقىسى تېخىمۇ قويۇقلاشتى، ئەمما ئىجتىمائىي تەڭسىزلىك مەسىلىسى تېخىمۇ گەۋدىلەندى، تېررورىزمنىڭ تەھدىتىمۇ تېخىمۇ ئېغىرلاشتى. بۇ ئامىللار پەقەت ئامېرىكىنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە قانۇنىنى سىناقلارغا دۇۋار قىلىپلا قالماستىن، يەنە ئامېرىكىنىڭ ئاممىۋى تۈزۈلمىسىگىمۇ تەھدىت ئېلىپ كەلدى. كەلگۈسىدە، بۇ دېموكراتىك رىقابەتلەرنى قانداق كۈتۈۋېلىشىمىز بىزنىڭ كېيىنكى ئەۋلادلارنى توغرا تەربىيەلىيەيدىغان-تەربىيەلىيەلمەيدىغانلىقىمىز، داۋاملىق ئىش ئورنى يارىتىش-يارىتالماسلىقىز ھەمدە ئامېرىكىنىڭ زېمىن بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش-قىلالماسلىقىمىزغا باغلىق بولىدۇ.

نۆۋەتتە، ئامېرىكىدا سۇغۇرتىغا قاتناشمىغان كىشىلەرنىڭ نىسبىتى زور دەرىجىدە تۆۋەنلىدى، داۋالىنىش، سالامەتلىكنى ئاسراش خىراجىتىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى ئۆتكەنكى 50 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيەگە چۈشتى. ناۋادا ھەرقانداق كىشى بىر تۈرلۈك داۋالىنىش سۇغۇرتىسى سىياسىتىنى ئوتتۇرىغا قويالىسا ھەم يېڭى سىياسەتنىڭ ئالدىنقى نۆۋەتلىك ھۆكۈمەت ئوتتۇرىغا قويغان داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ئىسلاھاتىدىن تېخىمۇ ئۈنۈملۈك ئىكەنلىكىنى تولۇق ئىسپاتلىيالىسا، نىسبەتەن تۆۋەن باھا ئاساسىدا كەڭ ئامېرىكا خەلقىدە ئومۇملاشتۇرۇش ئېھتىمالى بولسا، مەن بۇ خىل يېڭى داۋالىنىش سىياسىتىنى ئوچۇق-ئاشكارا قوللايمەن.

ئامېرىكا پىرىزدىنت سايلىمى ئاياغلاشقاندىن كېيىن، بىر قىسىم كىشىلەر ئامېرىكىنىڭ كېيىنكى ئىرقىي دەۋرگە كىردى، دېيىشتى. بۇ خىل ئىرقىي سىڭىشىش ئارزۇسىنىڭ بولغىنى ياخشى، ئەمما ھەقىقىي رېئاللىققا ئايلىنىشى ناتايىن. نۆۋەتتە، ئىرقىي مەسىلە يەنىلا ئىجتىمائىي بۆلۈنمىچىلىك پەيدا قىلىش ئېھتىماللىقى بولغان زور مەسىلە ھېسابلىنىدۇ. مېنىڭ شەخسىي سەرگۈزەشتەمدىن قارىغاندا، بۈگۈنكى ئامېرىكا جەمئىيىتىدىكى ئىرقىي مەسىلە 20، 30 يىللار ئىلگىرىكى دەۋردىكىدىن زور دەرىجىدە ياخشىلاندى، بۇ خىل ئىجتىمائىي ئىلگىرىلەش پەقەت ئىستاتىستىكىلىق سانلىق مەلۇماتلاردا ئىپادىلىنىپلا قالماستىن، يەنە ئوخشىمىغان سىياسىي كۆزقاراشتىكى ياش بىر ئەۋلاد ئامېرىكىلىقلارنىڭ كۆزقاراشلىرىدىمۇ ئۆز ئىپادىسىنى تاپتى.

ئەمما، بىزنىڭ خىزمىتىمىز تېخى ئاخىرلاشقىنى يوق. ھەربىرىمىز يەنە نۇرغۇن ئىشلارنى قىلمىساق بولمايدۇ. ناۋادا ھەربىر ئىقتىسادىي مەسىلە ئامېرىكىدىكى ئىشچان ئوتتۇرا بۇرژۇئازىيە بىلەن ئاز ساندىكى كىشىلەر ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇش ئارقىلىق ھەل بولسا، ئۇنداقتا ھەربىر ئىرقتىكى ئىشچىلار سىنىپى ئاشۇ ئازغىنە ئەمگەك مېۋىسى ئۈچۈن باش-كۆزلىرىنى يېرىشىپ كەتكەن بولاتتى. ئەمما ئاشۇ بايلار ئۆزلىرىنىڭ چەمبىرىكىنى تارايتقان بولاتتى. ناۋادا بىز پەقەتلا كۆچمەنلەرنىڭ ئۇرۇق-ئەۋلادى بىزگە ئوخشىمىغانلىقى ئۈچۈنلا، ئۇ بالىلارغا مەبلەغ سېلىشنى رەت قىلساق، ئۇنداقتا بىزمۇ ئامېرىكىلىقلارنىڭ كېيىنكى ئەۋلادلىرىغا بەدەل تۆلاپ قالىمىز، چۈنكى بۇ كۆچمەنلەرنىڭ ئۇرۇق-ئەۋلادلىرىمۇ كەلگۈسىدە ئامېرىكىنىڭ مائاشلىقلار قاتلىمىدا نور نىسبەتنى ئىگىلەپ قېلىشى مۇمكىن.

قارا تەنلىكلەر ۋە باشقا ئاز ساندىكى كىشىلەرگە نىسبەتەن نۇرغۇن ئامېرىكىلىقلار دۇچ كېلىۋاتقان مەسىلىلەرنى ئورتاق ھەل قىلىشقا مۇھتاج، بۇ پەقەت مۇساپىرلار، كۆچمەنلەر، يېزىلاردىكى دېھقانلار ۋە جىنس ئۆزگەرتكەنلەرنى، يەنە تۈرلۈك ئىجتىمائىي تەمىناتلاردىن بەھرىمەن بولۇۋاتقان ئوتتۇرا ياش ئاق تەنلىك ئەرلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. چۈنكى بۇ كىشىلەر پۈتۈن ئىجتىمائىي، ئىقتىساد، مەدەنىيەت ۋە پەن-تېخنىكا قاتارلىق جەھەتلەردىكى زور ئىسلاھات ۋە رىقابەتلەرگە دۇچ كەلمەكتە.

سىياسىي ئوخشىمىغان كۆزقاراشلارنىڭ بىر مەيدان كۈچ سىنىشىشى، بۇ دەل دېموكراتىك تۈزۈلمىنىڭ لايىھەلەش ئىدىيەسى. ئەمما، ناۋادا ھەربىر سىياسىي تەشكىلاتتا ئورتاق بىر ئىجتىمائىي ئورتاق تونۇش بولمىسا، يېڭى ئۇچۇرلارنى چۈشىنىشنى خالىمىسا، قارشى تەرەپنىڭ نۇقتىئىنەزەرلىرىنىڭ مۇۋاپىق يەرلىرىنى ئېتىراپ قىلىشنى خالىمىسا، ئىلمىي، نەزرىيەۋى دەلىللار ئارقىلىق پىكىر قىلىشنى خالىمىسا، ئۇنداقتا بۇ مۇنازىرىنى ئاڭلىغىلى ئادەم چىقمايدۇ، ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق تونۇشقا كېلىشى ۋە مۇرەسسە قىلىشىمۇ مۇمكىن بولماي قالىدۇ.

ناۋادا بىز تېخىمۇ ئاكتىپ مۇھىت قوغداش تەدبىرلىرىنى قوللانمىساق، كېيىنكى ئەۋلادلىرىمىزنىڭ كىلىمات ئۆزگىرىشى دېگەندەك تېمىلارنى مۇھاكىمە قىلىدىغانغا ۋاقتى چىقمايدۇ، بەلكى كىلىمات ئۆزگىرىشى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئاقىۋەتلەرنى بىرتەرەپ قىلىش بىلەن ھەپىلىشىپ يۈرىدۇ، بۇ تەبىئىي ئاپەت، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ توختاپ قېلىشى ۋە مۇساپىرلارنىڭ مۇھىتنىڭ ناچارلىشىشى سەۋەبىدىن پاناھلىق ئىزدىشى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچى ئالىدۇ. ھازىر، بىز كىلىمات ئۆزگىرىشى دېگەندەك مەسىلىنى قانداق قىلغاندا ئەڭ ياخشى بىرتەرەپ قىلغىلى بولىدىغانلىقىنى مۇھاكىمە قىلىۋاتىمىز. ئەمما ناۋادا بىز پەقەت مۇھىت مەسىلىسىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئىنكار قىلساق، كېيىنكى ئەۋلادلارغا خائىنلىق قىلىپلا قالماستىن، بەلكى تارىخنىڭ باشلامچىلىرىنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ئۈستىدە ئىزدىنىش ۋە ئەمەلىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش روھىغا خائىنلىق قىلغان بولىمىز.

ئۆتكەنكى سەككىز يىلدا، ھېچقانداق بىر چەت ئەل تېررورلۇق تەشكىلاتى ئامېرىكا تۇپرىقىدا بىرەر قېتىممۇ تېررورلۇق ھۇجۇمىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك پىلانلىيالمىدى ۋە ئەمەلگە ئاشۇرالمىدى. ئامېرىكىدا ئامېرىكىدا بوستوندىكى پارتلىتىش ھۇجۇمى ۋە سان بېرناردىنودىكى ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى قاتارلىق يەرلىكلەر پەيدا قىلغان تېررورلۇق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەلىرى يۈز بەردى. تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشنىڭ ئالدىنقى سېپىدە ئىزچىل چىڭ تۇرۇۋاتقان خادىملار، سىلەرنىڭ قوماندانىڭلار بولۇش مېنىڭ ئۆمۈرلۈك شەرىپىم.

مەن ئامېرىكىدىكى مۇسۇلمانلار ئارىسىدا ئىختىلاپ تۇغدۇرىدىغان ھەرقانداق قىلمىشقا قارشى تۇرىمەن. بىز تېخىمۇ ھۇشيار بولۇشىمىز كېرەك، ئەمما نۇرغۇن بىگۇناھ كىشىلەرنى ئۆلتۈرگەن «ئىراق ۋە لېۋانت ئىسلام دۆلىتى»دىن قورقۇپ قالمايمىز. ناۋادا بىز بۇ كۈرەشتە ئامېرىكىنىڭ ئاساسىي قانۇنى ۋە ئۇيۇشۇش روھىدا چىڭ تۇرساقلا، ئۇلار ئامېرىكا ئۈستىدىن غالىب كېلەلمەيدۇ. رۇسىيە قاتارلىق دۆلەتلەر ئامېرىكىنىڭ دۇنيا مىقياسىدىكى تەسىرىگە دەخلى قىلالمايدۇ، بىز ئۆزىمىز بۇ خىل تەسىر كۈچىمىزدىن ۋاز كېچىپ، ئەتراپتىكى كىچىك دۆلەتلەرنى بوزەك قىلىدىغان چوڭ دۆلەت بولۇۋالساق، بۇ باشقا گەپ.

بىز قايسى پارتىيەگە تەۋە بولۇشىمىزدىن قەتئىينەزەر، ھەممىمىز ئامېرىكىنىڭ دېموكراتىك سىياسىي تۈزۈمىنى قايتا قۇرۇشقا كۈچ چىقىرىشىمىز كېرەك. بىزنىڭ دېموكراتىك ئاساسىي قانۇنىمىز بىر تۈرلۈك ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەت، شۇنداقلا تەڭرى ئاتا قىلغان بىباھا سوۋغىدۇر. ئەمما بۇ پەقەت بىر پارچە قەغەزلا بولۇپ قالسا، ئاساسىي قانۇننىڭ ھېچقانداق كۈچى قالمايدۇ. ئاساسىي قانۇننىڭ كۈچىنى بىز ئامېرىكا پۇقرالىرى سايلامغا قاتنىشىپ قارار قىلىش ئارقىلىق بارلىققا كەلتۈرگەن.

ئامېرىكىلىقلار سىياسىيغا ئاكتىپ قاتنىشىدىغان پۇقرالاردىن بولۇپ، سىياسىينى كۈندىلىك تۇرمۇشىنىڭ بىر قىسمىغا ئايلاندۇرۇشى، بولۇپمۇ ناۋادا بىر قىسىم كىشىلەر نۆۋەتتىكى ئامېرىكا سىياسىتىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىغا نارازىلىقىنى بىلدۈرگەن. ناۋادا ئىنتېرنېتتىكى ناتونۇش كىشىلەر بىلەن مۇنازىلىشىشتىن رايىڭىز يانغان بولسا، رېئال تۇرمۇشتىكى ئوخشىمىغان كۆزقاراشتىكى كىشىلەر بىلەن مۇنازىرىلىشىڭ. ناۋادا بىر قىسىم مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنى زۆرۈر دەپ قارىسىڭىز، تەدبىر قوللىنىپ، كۈچلەرنى تەشكىللەڭ. ناۋادا سايلىنىپ چىققان ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىدىن رازى بولمىسىڭىز، باشقىلار قوللىسىلا ئۆزىڭىز سايلانسىڭىزمۇ بولىدۇ.

مىچېل، ئۆتكەنكى 25 يىلدا مېنىڭ ئايالىم ھەم بالىلىرىمنىڭ ئانىسىلا ئەمەس، يەنە مېنىڭ ئەڭ سادىق دوستۇم بولۇپ كەلدىڭىز. سىز ئۆز مەسئۇلىيىتىڭىزنى ئادا قىلىپلا قالماستىن، يەنە ئۆزىڭىزنى ئېسىل، دادىل ۋە خۇشچاقچاق خاراكتېرىڭىز بىلەن بۇ سالاھىيىتىڭىزنى تېخىمۇ نۇرلاندۇردىڭىز.

قىزلىرىم، سىلەر ئەقىللىق، چىرايلىق، تېخىمۇ مۇھىمى، سىلەر ئاقكۆڭۈل ۋە قىزغىن. ئۆتكەنكى نەچچە يىلدا، سىلەر بەكمۇ جاپا تارتتىڭلار، مەن سىلەردەك قىزلارنىڭ ئاتىسى بولغانلىقىمدىن ئىپتىخارلىنىمەن.

مۇئاۋىن پىرىزدىنتۇم بايدىن، سىز پېنسىلۋانىيە ئىشتاتىنىڭ سىكرانتوندىن دېلاۋىيەر ئىشتاتىغىچە، مېنىڭ ئامېرىكا پىرىزدىنتلىققا سايلانغاندىن كېيىن كۆرسەتكەن تۇنجى نامزاتىم، شۇنداقلا ئەڭ دانا تاللىشىم. بايدىن ئۆيدىكىلىرىمگە ئوخشاش ياخشى قېرىندىشىم.

خىزمەتچى خادىملىرىمغا رەھمەت، سىلەر بۇ دۇنيانى ئۆزگەرتتىڭلار. بۈگۈن كەچتە، مەن بۇ سەھنىدىن ئايرىلىش ئالدىدا تۇرۇۋاتقان بولساممۇ، ئەمما مەن بۇ دۆلەتتىن ئەمدىلا پىرىزدىنتلىققا سايلانغان ۋاقتىمدىنمۇ بەكرەك ئۈمىدۋارمەن.

ئامېرىكا پۇقرالىرى دۆلەتكە تولۇپ تاشقان ئىشەنچ بىلەن باقىدۇ.

سىلەردىن مېنىڭ ئامېرىكىغا ئۆزگىرىش ئاتا قىلىدىغان ئىقتىدارىمغا ئىشىنىپلا قالماستىن، يەنە ئۆزۈڭلاردىمۇ بۇ دۆلەتنى ئۆزگەرتەلەيدىغان ئىقتىدارنىڭ بارلىقىغا ئىشىنىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

سىلەرنىڭ ئامېرىكىنىڭ دۆلەت قۇرۇش نىزامنامىسىنىڭ روھىدا قەتئىي چىڭ تۇرۇپ، قۇل ۋە قۇللۇق تۈزۈمنى بىكار قىلىش ھەرىكىتىدە روياپقا چىققان باراۋەر ئىدىيەگە ئىشىنىشىڭلارنى، نامايىش قىلىش ئارقىلىق قولغا كەلتۈرگەن كۆچمەنلەرنىڭ باراۋەر ھوقۇقىنىڭ روھىغا ئىشىنىشىڭلارنى، بايرىقى چەت ئەللەردىكى جەڭ مەيدانلىرى ۋە ئاي شارىغا قادالغان ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدەك بۇ دۆلەتكە ئىشىنىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن. بۇ خىل ئېتىقاد ھەربىر ئامېرىكىلىقنىڭ قەلبىدە مەۋجۇت.

شۇنداق، بىز قىلالايمىز.

شۇنداق، بىز قىلالىدۇق.

شۇنداق، بىز قىلالايمىز.

توخنىياز ئىسمائىل نىدائىي تەرجىمىسى. مەنبە:http://www.karwan.cn/news/halkara/2017/0111/91587.html

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

مەنبە: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى