Jump to content

ئوتتو

ئورنى Wikipedia

ئوتتو گېرمانىيلىك كەشپىياتچى، دۇنيا بويىچە تۇنجى تۆت تاكتلىق ئىچىدىن يانىدىغان دۋىگاتېلنى لايىھىلىگۈچى ۋە ياسىغۇچى. بۇ دۋىگاتېل تا بۈگۈنكى كۈنگىچە بولغان مىليونلىغان ئوخشاش تۈردىكى دۋىگاتېللارنىڭ ئەڭ دەسلەپكى نۇسخىسى.

 

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

[تەھرىرلەش]

ئۇيغۇرچە ئىسمى :ئوتتو


باشقا نامى :Nikolaus August Otto

دۆلەت تەۋەلىكى :گىرمانىيە

تۇغۇلغان ۋاقتى :1832-يىلى

ۋاپات بولغان ۋاقتى :1891-يىلى

كەسپى :كەشپىياتچى

دۋىگاتېل ھەققىدە

[تەھرىرلەش]

ئوتتو گېرمانىيلىك كەشپىياتچى، دۇنيا بويىچە تۇنجى تۆت تاكتلىق ئىچىدىن يانىدىغان دۋىگاتېلنى لايىھىلىگۈچى ۋە ياسىغۇچى. بۇ دۋىگاتېل تا بۈگۈنكى كۈنگىچە بولغان مىليونلىغان ئوخشاش تۈردىكى دۋىگاتېللارنىڭ ئەڭ دەسلەپكى نۇسخىسى.

ئىچىدىن يانىدىغان دۋىگاتېل بىر خىل كۆپ خىل ئۈنۈمگە ئىگە كەشپىيات بولۇپ، ئۇ ئاپتوموبىل، پاراخوت، موتسىكىلىت قاتارلىقلارغا ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ بولالايدۇ. سانائەتتە ئومۇميۈزلۈك ئىشلىتىلىش قىممىتى بولۇپلا قالماستىن، يەنە ئايروپىلاندىمۇ كەم بولسا بولمايدىغان ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ ئۈسكۈنىسى ھېسابلىنىدۇ. بىراق، ئىچىدىن يانىدىغان دۋېگاتېل ئاساسلىقى ئاپتوموبىللاردا ئىشلىتىلىدۇ.

ئوتتودىن ئىلگىرى نۇرغۇن كىشىلەر ئاپتوموبىل ياساشنى تەسەۋۋۇر قىلغان. بىراق بىرەر كەشپىياتچى يەڭگىل ھەم كۈچلۈك دۋىگاتېل ياساپ چىقالمىغان. ئېھتىمال كەلگۈسىدە كەشپىياتچىلار تېخىمۇ ياخشى دۋىگاتېل ياساپ چىقالىشى مۇمكىن، بىراق مۇشۇ ئەسىر ئىچىدە ئىشلەپ چىقىرىلغان كۈر مىڭلىغان ئاپتوموبىللار ئىچىدە % 90 تۆت تاكتلىق ئىچىدىن يانىدىغان دۋىگاتېل ئىشلەتكەن.

دىزېل دۋىگاتېل-ئىچىدىن يانىدىغان دۋىگاتېللارنىڭ بىر تۈرى بولۇپ، چوڭ تىپتىكى ئاپتوموبىللىرى ۋە پاراخوتلارغا ئىشلىتىلىدۇ، بۇمۇ ئوتتۇرىچە تۆت تاكتلىق ئىچىدىن يانىدىغان دۋىگاتېل قاتارىغا كىرىدۇ، پەقەت يېقىلغۇ كىرىش جەريانىلا ئازراق ئوخشىمايدۇ.

كەشپىيات ھەققىدە

[تەھرىرلەش]

كەشپىياتنىڭ كۆپىنچىسى(ھەربىي قورال، پارتىلىتىش بومبىسى قاتارلىقلاردىن باشقىسى) ئىنسانىيەتكە پايدىلىق. ئىنسانلار ئىچىدە توڭلاتقۇ ياكى پېنتسىللىن ئىشلىتىشنى رەت قىلىش پىكرىنى بېرىدىغانلار ۋە ياكى بۇلارنى ئىشلىتىشنى چەكلەشنى ئوتتۇرىغا قويىدىغانلار ناھايىتى ئاز. بىراق، ئاپتوموبىلنىڭ كەڭ ئىشلىتىلىشىدىن كېلىپ چىققان يامان ئاقىۋەتلەرمۇ بىزگە ناھايىتى ئېنىق، مەسىلەن، ئاۋازىنىڭ چوڭ بۇلۇشى، ھاۋانىڭ بولغىنىشى، يېقىلغۇنىڭ خوراپ كېتىشى، ماشىنا ۋەقەسىنىڭ كۆپلۈكىدىن نۇرغۇنلىغان ئادەملەرنىڭ ئۆلۈپ كېتىشى ۋەھاكازالار.

بىراق، ئاپتوموبىلنىڭ ئاشۇ روشەن ئارتۇقچىلىقىنى دېمىسەك، ئۇنىڭ يېتەرسىزلىكلىرىگە چىداپ تۇرالمىغان بولاتتۇق. خۇسۇسىي ئاپتوموبىل ئاممىۋى ئاپتوموبىلغا قارىغاندا تېخىمۇ قولايلىق بولۇپ، ھەر كىم ئۆز خالىغانچە، خالىغان ۋاقىتتا خالىغان يېرىگە بارالايدۇ. ئۇنىڭ سۈرئىتى تېز ھەم راھەت بولغاچقا، كىشىلەرنىڭ ئەركىن ھەرىكەت قىلىشىغا زور ئىمكانىيەت يارىتىپ بەرگەن.

ئامېرىكىدا تەخمىنەن 100 مىليون ئاپتوموبىل بولۇپ، يىلىغا نەچچە مىليارد كىلومېتريول يۈرىدۇ. بۇ مۇساپە پويىز، پاراخوت ۋە ياكى ئايروپىلاندىن ئىبارەت ھەر قانداق قاتناش قورالىنىڭكىدىن كۆپ.

شەخىسلەر ئانكىتى

[تەھرىرلەش]

ئوتتوئاپتوموبىلنىڭ كەشپىياتچىسى ئوتتو 1832-يىلى گېرمانىيىنىڭ خوزخاۋسىن دېگەن يېرىدە تۇغۇلغان. ئۇ بالىلىق چېغىدىلا دادىسى تۈگەپ كېتىپ، ئوقۇشتىن توختاپ، ئىشلەشكە مەجبۇر بولغان. ئۇ دەسلەپتە كىچىك بىر شەھەردىكى تۈرلۈك ماللار دۇكىنىدا شاگىرت بولۇپ ئىشلىگەن. كېيىن فرانكفورتقا بېرىپ خەت كۆچەرگۈچى بولغان، ئۇنىڭدىن كېيىن سەييارە يايمىچى بولغان.

تەخمىنەن 1860-يىللىرى، ئوتتو فرانسىيلىك ئىنژېنېر روسانىڭ كۆمۈر گازى دۋىگاتېلى لايىھىلەپ چىققانلىقىنى ھەمدە تۆت تاكىتلىق دۋىگاتېلنى كەشپ قىلىش پاتېنىتىغا ئېرىشكەنلىكىدىن خەۋەر تاپىدۇ.

ئالاقىدار بايان

[تەھرىرلەش]

1862-يىلى 1-ئايدا ئوتتو روسانىڭ قانۇنىيىتىگە ئاساسەن تۇنجى دۋىگاتېلنى ياساپ چىقتى. بىراق، ئوتتو كەشپىيات پاتېنىتىغا ئېرىشكەندىن كېيىن، ئىشلەپچىقىرىش پىلانىنى ئىجرا قىلىش جەريانىدا مەبلەغ كەمچىلىكى قىيىنچىلىقىغا دۇچ كېلىدۇ. نۇرغۇن تىرىشچانلىق كۆرسىتىش ئارقىلىق، ئاخىر ئىشلەپچىقىرىش مەبلىغى تەمىنلەيدىغان شېرىك تاپىدۇ. بۇ ئىككىيلەن بىرلىشىپ كىچىك بىر زاۋۇت قۇرۇپ، دۋىگاتېلنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرىدۇ.

مېنىڭچە، ئاپتوموبىل سانائىتى تەرەققىياتى داۋامىدا زور تەسىر كۆرسەتكەن يەنە بىر شەخس بار. ئۇ بولسىمۇ كەشپىياتچى، ئامېرىكىلىق مەشھۇر سانائەتچى فورت. فورت 1896-يىلى تۇنجى ئاپتوموبىلنى ياساپ چىققان، 1908-يىلىغا كەلگەندە ئاندىن ئاپتوموبىلنى كۆرگەزمە قىلغان.

مېنىڭچە، ئىچىدىن يانىدىغان دۋىگاتېلنى كەشپىياتى بىر نەچچە كىشىگە مەنسۇپ، ئۇلار بولسا، لىنيۇ، ئوتتو، دائىملېر، بېنز ۋە فورتلاردىن ئىبارەت.

مەنبەلەر

[تەھرىرلەش]