ئوتتۇز ئالتە تەدبىر

ئورنى Wikipedia

 

«ئوتتۇز ئالتە تەدبىر» خىىتتاينىڭ داڭلىق كلاسسىك ئەسىرى بولۇپ ، سىياسەت ، ئۇرۇش ۋە پۇقرالارنىڭ ئۆز-ئارا ئالاقىسىدە قوللىنىلغان بىر يۈرۈش ھىلە مىكىرلەرنى تەسۋىرلەشكە ئىشلىتىلىدۇ.

36 تەدبىر خىتتاينىڭ بارلىق تارىخى ماتېرىياللىرى، تۇراقلىق ئىبارىلەر ۋە ئەدەبىياتى بىلەن چەمبەرچەس باغلىنىپ كەتكەن ھىلە مىكىر ئەنئەنىسى. جەڭ مەيدانىدا ، دىپلوماتىيە ۋە سىياسىي سىتراتىگىيەدە ھىيلىگەرلىك ۋە ئالدامچىلىقنىڭ ئۇسۇللىرى سۈپىتىدە ئىشلىتىشكە ئەھمىيەت بېرىلگەنلىكىن سۈنزىنىڭ «ئۇرۇش سەنئىتى» بىلەن سېلىشتۇرۇش ئېلىپ باردى. جاڭ يىڭيۈنىڭ «ئالدامچىلىق كىتابى » سودا-سانائەت ۋە پۇقرالار جەمئىيىتى ساھەسىنى ئاساس قىلغان مىڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى ئەسىرى بولۇپ ، بىر قىسىم تېمىلىق ئوخشاشلىقلار بار. كېيىن بالا تەربىيەسىدىكى 36 تەدبىر، مۇھەببەتلىشىشتىكى 36 تەدبىر قاتارلىق ۋارىيانتلىرى نەشىر قىلىندى

36 تەدبىر خىتاينىڭ قەدىمكى دەۋرىدە شەكىللەنگەن بۇلۇپ، ئاساسلىغى 7 كۇچلۇك بەگلىك دەۋرىدە، 3 پادىشاھلىق ۋە ئۇنىڭدىن كىيىنكى ھەقىقى ئۇرۇش مەيداندا قوللىنىلغان ئۇرۇش تەدبىرلىرىدىن ئىبارەت. مىلادى 5-ئەسىردىكى يازمىلاردا «36 چارىدىن، قاچماق تۈزۈك بارىدىن» دىگەن شەكىلدە، 36 تەدبىرنىڭ شۇ چاغدىلا خىىتتايدا كەڭ ئۇمۇملاشقانلىقى ئەكس ئەتكەن.

ئوتتۇز ئالتە تەدبىر ئالتە بابتىن تەركىب تاپقان ، ھەر بىر بۆلۈم ئالتە قاتلامدىن تەركىب تاپقان.

1-باب: غەلىبە قەۋىتى (勝戰計 , Shèng zhàn jì)[تەھرىرلەش]

1-تەدبىر كۆز باغلاش ھىيلىسى؛ (瞞天過海, Mán tiān guò hǎi)[تەھرىرلەش]

كۆز باغلاش ھىيلىسى ئۆزىنىڭ ئەمەلىي نىشانىنى يۇشۇرۇش ئارقىلىق مەقسەدكە يېتىشنى كۆرسىتىدۇ. بۇ تەدبىر ھازىرقى ھەربى سىياسى ئىشلاردىن سىرىت ھازىرقى دەۋىردە ئاخبارات نەشىرىيات ئارقىلىق كاللا يۇيۇشقا ئىشلىتىلىۋاتىدۇ.

2-تەدبىر ۋىي بەگلىكىنى قورشىۋىلىپ جاۋ بەگلىكىنى قۇتقۇزۇش: (圍魏救趙, Wéi Wèi jiù Zhào)[تەھرىرلەش]

بۇ ئىدىيە كۈچلۈك دۈشمەن بىلەن يۈزتۇرانە ئۇرۇشتىن ساقلىنىش ، دۈشمەننىڭ دىققىتىنى باشقا تەرەپكە تارتىش ئارقىلىق ئەسلى مەقسەدكە قولايلىق يارىتىشنى كۆسىتىدۇ. 1951 -يىلىدىكى چاۋشىيەن ئۇرۇشى. غەرىب دۇنياسى ب د ت نامىدا قوزغىغان بۇ ئۇرۇش ئارقىلىق رۇسنىڭ ياۋروپاغا ۋە جەنۇبى ئاسىياغا، خەنزۇلارنىڭ شەرقى جەنۇبى ئاسىياغا قىلماقچى بولغان ھەرىكىتىگە قىزىل چىراغ يىقىلغان.

3-تەدبىر ئۇنىڭ قولى بىلەن بۇنى بابلاش (借刀殺人, Jiè dāo shā rén)[تەھرىرلەش]

بۇ ئۆزىنىڭ كۈچىنى ئىشلىتىش پايدىلىق بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا ، باشقىلارنىڭ كۈچىدىن پايدىلىنىپ ھۇجۇم قىلىشنى باشقىلارنىڭ قولى ئ‍ارقىلىق دۈشمىنىنى جايلاشنى كۆرسىتىدۇ . بۇ سىياسىدىكى يىتۈكلىكنىڭ ئىپادىسى بولۇپ ئۆز ئوقىنى باشقىلارنىڭ مىلتىقىدىن چىقىرىپ دۈشمىنىنى جايلاشنى كۆرسىتىدۇ. 2- دۇنيا ئۇرۇشىدا ئەنگىلىيە گىرمانىيە نامىدا يالغان خەرىتە ياساش ۋە مالايسىيادا قەستەن يىڭىلىپ بىرىش ئۇسۇلى ۋە ياپۇنىيەنى ئامىرىكىغا قىزىقتۇرۇش ئۇسۇلى بىلەن ئامىرىكىنى ئۇرۇشقا سۆرەپ كىرىپ ئامىرىكىنىڭ كۈچى بىلەن رەقىبلىرىنى مەغلۇب قىلغان..

4--تەدبىر دەرەخ تۈۋىدە توشقان كۈتۈش (以 逸 待 ǐ, Yǐ yì dài láo)[تەھرىرلەش]

بۇ ئىمكان بولسىلا ئۇرۇش ۋاقتى ۋە ئورنىنى ئۆزى تاللاپ، دۈشمەن چارچىغاندا ، ئېنېرگىيە ۋە مەقسەت بىلەن ھۇجۇم قىلىشنى كۆرسىتىدۇ. ھازىرقى دەۋىردىكى ئىقتىسادى جازا ۋە ئۇچۇش چەكلەنگەن رايۇن تەسىس قىلىش دۇشمەننى چارچىتىپ جاسارىتىنى سۇندۇرۇشنىڭ ئۆز ئەينى شۇ.

5- -تەدبىر توپىلاڭدىن توقاچ ئوغرىلاش (趁火打劫, Chèn huǒ dǎ jié)[تەھرىرلەش]

بۇ بىر دۆلەت كېسەللىك ، ئاچارچىلىق ، چىرىكلىك ۋە جىنايەت قاتارلىق ئىچكى مەسىلىلەرگە دۇچ كەلگەندە ، سىرتقى تەھدىتكە تاقابىل تۇرۇش ئەسلىھەلىرى يېتەرلىك بولماي قالغان پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ دۈشمەننىڭ ئەڭ ئاجىز ۋاقىدا ، رەھىم قىلماي ھۇجۇم قىلىپ يوقىتىش ، كەلگۈسىدىكى ئاۋارىچىلىقلارنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى كۆرسىتىدۇ

6- -تەدبىر ئۇ ياقتىن شەپە بىرىپ بۇ ياقتىن زەربە بىرىش (聲東擊西, Shēng dōng jī xī)[تەھرىرلەش]

تۇيۇقسىز ھۇجۇم ھەر قانداق جەڭدە غايەت زور ئەۋزەللىك بىلەن تەمىنلەيدۇ. 2- دۇنيا ئۇرۇشىدا گىتلىرنىڭ رۇسلار بىلەن ئۇرۇش قىلماسلىق كىلىشىمى تۈزۈپ قويۇپ، ئەنگىلىيە بىلەن ئۇرۇش قىلغاچ بۇرۇلۇپلا رۇسىيەگە تۇيۇقسىز ھۇجۇم قوزغىشى دەل ئۇ ياقتىن شەپە بىرىپ بۇ ياقتىن زەربە بىرىشتۇر.

2-باب: دۈشمەنلىك تەدبىرلىرى(敵 戰 計, Dí zhàn jì)[تەھرىرلەش]

7- -تەدبىر يوق يەردىن پۇتاق چىقىرىش (無中生有, Wú zhōng shēng yǒu)[تەھرىرلەش]

يوق يەردىن پۇتاق چىقىرىش: بۇ مەلۈم مەخسەتكە يىتىش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتۈشنىڭ يالغاندىن ئاساسىنى تىپىشنى كۆرسىتىدۇ. خۇددى ئالبىنى يىيىشكە داۋاملىق باھانە تىپىلغاندەكلا بىر ئىش. 1967 يىلىدىكى ئوتتۇرا شەرىق ئۇرۇشىدىكى ئىسرائىلىيەنىڭ باھانىسىدەك. ئىراق ئۇرۇشى ۋە خىتتايلارنىڭ ئ‍ۇيغۇرلارغا قاراتقان قىرغىنچىلىق باھانىسىدەك

8 -تەدبىر قۇيرۇق كۆرسىتىپ ئۆپكە سىتىش: 暗渡陈仓[تەھرىرلەش]

  • چېنساڭدىن مەخپى ئۆتۈش . ئۇرۇش سەنئىتىنىڭ ئوتتۇز ئالتە تەدبىرنىڭ سەككىزىنچىسى ، يەنى ئۇرۇشتىكى ھۇجۇم يولىنى يوشۇرۇش ، دۈشمەننىڭ ئارقا تەرىپىگە يوشۇرۇن ئۆتۈش ، تەييارلىقسىزلارغا ھۇجۇم قىلىش ۋە دۈشمەننى مەغلۇب قىلىشنى كۆرسىتىدۇ. ئۇ دائىم يۇشۇرۇن پائالىيەتلەر ئارقىلىق قارشى تەرەپنى قايمۇقتۇرۇش، ھەمدە ئەمەلى پائالىيەتلەرنى مەخپىي ئېلىپ بېرى مەنىسىنى بىلدۈرىدۇ. چېنچاڭ قەدىمكى جاي ئىسمى بولۇپ ، ھازىر شەنشى ئۆلكىسى باۋجى شەھىرىگە توغرا كېلىدۇ. «چېن ساڭدىن ​​مەخپىي ئۆتۈش» كېيىن مۇناسىۋەتسىز ھەرىكەتلەرنى ئىشلىتىپ قارشى تەرەپنىڭ دىققىتىنى تارتىش ، ئاندىن باشقا مەخپى ھەرىكەت ياكى يول بىلەن نىشانغا يېتىشنى كۆرسىتىدىغان بىر تۇراقلىق ئىبارە بولۇپ قالدى.

چىن سۇلالىسى يىمىرىلگەندىن كېيىن ، شياڭ يۈ دۇنيانى باشقۇردى. خەنجوڭنى باشقۇرىۋاتقان خەن پادىشاھى ليۇ باڭ، ئۆزىنىڭ شياڭ يۈگە قارشى ئۇرۇش قىلىشقا كۈچى يەتمەيدىغانلىقىنى بىلىپ ۋەبۇ تەقدرنى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى ئىپادىلىمەكچى بولۇپ مەسلىھەتچى جاڭ لياڭنىڭ مەسلىھەتى بىلەن خەنجۇڭدىن ئۆتىدىغان كۆۋرۈكنى چۇۋۇۋېتىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ خەنجۇڭ دائىرىسىدىن چىمايدىغانلىقى ۋە شاىاڭ يۈگە قاراشلىق زىمىنلارغا ئاياق بېسىش نىيتى يوقلۇقىنى ئىپادىلەپ، شىاڭ يۈنىڭ خەنجۇڭغا ھۇجۇم قىلىش ئىرادىسىنى سۇسلاشتۇردى. ليۇ باڭ خەنجوڭدىكى كۈچىنى تولۇقلىغاندىن كېيىن ، گېنېرال خەن شىننى ئەۋەتىپ ، دۈشمەننى قايمۇقتۇرۇش ئۈچۈن ، ئاز ساندا ئەسكەر ئەۋەتىپ بۇرۇن چۇۋۇۋەتكەن قىيا بوپلاپ ياسالغان تاختاي يولىنى قايتا ياسىاش بۇيرۇقىنى چۈشۈردى. سەنچىن ئەمەلدارلىرى خەن ئارمىيىسى تاختاي يولىدىن ھۇجۇم قىلىدۇ دەپ ئويلىغانلىقتىن دىققىتىنى تاختاي يولىنىڭ پۈتۈش ئەھۋالىنى رازۋېتكا قىلىشقا قاراتتى. نەتىجىدە ، خەن ئارمىيىسى تۇيۇقسىز خەن جۇڭنىڭ شىمالىدىكى تاغ يولى چېن ساڭ ئارقىلىق ئۆتۈپ باۋجىغا ھۇجۇم قىلىپ گۇانجۇڭنى ئىشغال قىلدى.

9 -تەدبىر چەتتە تۇرۇپ تاماشا كۆرۈش (隔岸觀火, Gé àn guān huǒ)[تەھرىرلەش]

باشقا تەرەپلەر ئۆز-ئارا ئۇرۇشۇپ ھېرىپ كەتمىگۈچە جەڭ مەيدانىغا كىرىشنى كېچىكتۈرۈش. پۈتۈن كۈچى بىلەن كىرىڭ ۋە ئۇلارنى تۈگىتىڭ.

10 -تەدبىر يەڭ ئىچىدە پىچاق ساقلاش (笑裏藏刀, Xiào lǐ cáng dāo)[تەھرىرلەش]

11-تەدبىر قۇربانلىق قوي ھىيلىسى (李代桃僵, Lǐ dài táo jiāng)[تەھرىرلەش]

12-تەدبىر پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ نەپ ئېلىش (順手牽羊, Shùn shǒu qiān yáng)[تەھرىرلەش]

3-باب: ھۇجۇم ھىلىسى (攻戰 計, Gōng zhàn jì)[تەھرىرلەش]

13 -تەدبىر چۆپنى ئۇرۇپ يىلاننى ئۈركۈتۈش (打草驚蛇, Dǎ cǎo jīng shé)[تەھرىرلەش]

بۇنىڭدا ئىككى خىل ئەھۋال بار: كۈچلۈك تەرەپ ھۇجۇمغا ئۆتكەندە ئاجىز بولغان رەقىبى يۇشۇرۇنغان ياكى بۆكتۈرمە قويغان بولسا “چۆپنى ئۇرۇپ، يىلاننى چۆچۈتۈپ” ئۇنىڭ يۇشۇرۇنغان يېرىدىن ئاشكارا قىلىپ ئۇنى يوقۇتۇش؛ ئىككىنچى خىل ئەھۋال رەقىبىنىڭ يۇشۇرۇنغان يېرىنى ئالدىن بىلىپ بولۇپ، ئەپلەپ بىراقلا يوقۇتۇش ئۈچۈن “يىلاننى چۆچۈتۈپ قويۇشتىن ساقلىنىش” تاكتىكىسىنى قوللىنىدۇ. شۇڭا “يىلاننى ئۈركىتىش” پەمى بەزىدە ئاكتىپ قوللىنىپ يىلاننى ئاشكارا قىلىشنى مەقسەت قىلسا، بەزىدە رەقىبىنى بىراقلا يوقۇتۇش ئۈچۈن يىلاننى ئۈركۈتۈپ قۇيۇپ ئۇنىڭ باشقىچە يۇشۇرىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن “يىلاننى ئۈركۈتۈش”تىن ساقلىنىش تاكتىكىسى قوللىنىلىدۇ. بۇ يەردە كۆرسىتىلگەن “ئوت-چۆپ” بولسا رەقىبىنىڭ ئوخشىشى، “يىلان” بولسا رەقىبىنىڭ ئۆزى شۇ. يىلاننى ئۈركىتىشنىڭ مۇنداق مەقسەتلىرى بولىدۇ: (1) يىلاننىڭ يۇشۇرۇنغان يېرىنى بىلمىگەچكە، قەستەن ئوت-چۆپلەرنى تاياق بىلەن ئۇرۇش ئارقىلىق ئۇنىڭ نەگە قانداق يۇشۇرۇنغانلىقىنى بايقاپ ئۇنى يۇقۇتۇش، يۇشۇرۇنغان يېرىدە چېقىۋېلىشى(تۇيۇقسىز زەربسى)نىڭ ئالدىنى ئېلىش؛ (2) يىلاننى قوغلىۋېتىشنى مەقسەت قىلىش؛ رەقىبىگە ۋاستىلىق ھەيۋە قىلىپ ئۇنىڭ ئورنىدىن يۆتكىۋېتىش؛ (3) چۆپنى ئۇرۇپ يىلاننى سەگىتىش؛ يۇشۇرۇنغان رەقىبىنى قورقۇتۇپ ھەركەت قىلالماسلىقى ئۈچۈن، بىر قىسىم ھەركەتلەرنى قىلىپ، بىر قىسىملارغا زەربە بېرىپ، يۇشۇرۇنغان يەنە بىر قىسىملارغا ۋەھىمە سېلىش. ئىراق ئۇرۇشىدا “يىلاننى ئۈركىتىش” تاكتىكىسىنىمۇ قوللانغان. ئاۋال قېتىمقى پارىس قولتۇقى ئۇرۇشتا ئىراق تەرەپ ئاشكارا ھالەتتە تۇرۇپ ئامىركا -ئەنگىلىيەنىڭ ھاۋادىن قىلغان ھۇجۇمىدا كۆپ زىيان تارتقاچقا، كېيىنقى قېتىملىق ئىراق ئۇرۇشىدا ئىراق تەرەپنىڭ ھەربىي كۈچى كۆپىنچە يۇشۇرۇن ھالەتتە بولغان. بۇ چاغدا ئامىرىكا تەرەپ “يىلاننى ئۈركىتىش” تاكتىكىسىنى قوللانغان. يەنى ئاۋال ئاز بىر قىسىم ھەربىي كۈچ بىلەن ھۇجۇم قىلىپ ئىراق تەرەپنىڭ يۇشۇرۇنغان يېرىدىن ئاشكارىلىنىشىنى قولغا كەلتۈرگەن، ئاندىن تويۇقسىز ھاۋادىن كېلىپ ھۇجۇم قىلىپ ئىراق تەرەپكە ئۈنۈملۈك زەربە بەرگەن. ئامىركا قوشۇنى باغداتقا كىرىشتىن ئاۋال ئاز بىر قىسىم تانكىنى ئىشقا سېلىپ باغداتقا كىرىپ بىر ئايلىنىپ چىققان، بۇنىڭدىكى مەقسەتمۇ باغداتتىكى ئىراق ھەربىي كۈچىنى ئاشكارىلاپ ئاندىن زەربە بېرىش، يەنى “يىلاننى ئاشكارىلاپ زەربە بېرىش” تاكتىكىسىنى قوللانغان. ھەر قايسى دۆلەتلەردە ھاكىمىيەت بېىشىدىكى ھۆكۈمەتكە قارشى بىر قىسىم تەشكىلاتلارغا قارىتا، ھۆكۈمەتلەرمۇ “چۆپنى ئۇرۇپ يىلاننى چۆچۈتۈش” تاكىتكىسىنى قوللىنىدىغان ئەھۋاللار بولىدۇ. چۈنكى ئادەتتە قارشى كۈچلەرنىڭ پائالىيىتى كۆپىنچە يۇشۇرۇن بولىدۇ.

14-تەدبىر جەسەتنى ئارىيەت ئېلىپ روھىنى بېرىش (借屍還魂, Jiè shī huán hún)[تەھرىرلەش]

بۇرۇن خەنزۇلار ئارىسىدا بەزى خۇراپىي ئاڭدىكى كىشىلەرنىڭ قارىشىدا ئادەم ئۆلگەندىن كېيىن ئۇنىڭ روھى باشقا بىرىنىڭ تېنىدە تىرىلىدۇ دەپ ئېتىقاد قىلغان. بۇ يەردە ئارىيەتكە ئالماقچى بولغان “جەسەت” ، ئىلگىرى تەسىر كۈچى زور بولغان، ئەمما ئۇ ئۆلگەن، تەسىر كۈچى قالمىغان ھالەتنى كۆرسىتىدۇ. ئۇنىڭغا باشقا روھنى كىرگۈزۈپ تىرىلدۈرۈپ ئۇنىڭدىن پايدىلىنىپ تەسىر كۈچۈنى كۈچەيتىشنى كۆرسىتىدۇ.
بۇ ھىلىدە، بەزى شەخىس ياكى نەرسىلەرنىڭ كۆپ ساندىكى كىشىلەرنىڭ قارىشىدا تەسىر كۈچى چوڭ بولغان، ئەمما ئۇنىڭ ئەمەلىي كۈچى قالمىغان ئەھۋالدا ، ئۇنىڭ نامىدىن پايدىلىنىپ باشقا بىر ئىشنى ۋۇجۇتقا چىقرىشتا پايدىلىنىدۇ.
بۇ ھىلە سىياسىي، ئىقتىسادىي، ھەربىي ۋە دىپلۇمات ئىشلىرىدا كۆپ ئىشلىتىلىدۇ. ئۇنتۇلغان ياكى تاشلىۋېتىلگەن بىر ئورگان ، تېخنىكا ، ئۇسۇل ، ھەتتا بىر ئىدىئولوگىيەنى ئېلىپ ، ئۇنى ئۆزىنىڭ مەقسىتىگە ماسلاشتۇرۇش.

15-تەدبىر يولۋاسنى تاغدىن چۈشۈرۈش (調虎離山, Diào hǔ lí shān)[تەھرىرلەش]

ئەۋزەللىكى ئۇلارنىڭ ئورنىدىن كەلگەن رەقىبىگە ھەرگىز بىۋاسىتە ھۇجۇم قىلماسلىق. ئەكسىچە ، ئۇلارنى ئورنىدىن يىراقلاشتۇرۇپ ، ئۇلارنى كۈچ مەنبەسىدىن ئايرىۋېتىش.
شەرت-شارائىتقا قارىماي قاراملارچە ھۇجۇم قىلىش مەغلۇپ بولۇش ئاقىۋىتىگە قالدۈرىدۇ. رەقىبى ئەپلىك شارائىتقا ئىگە بولۇپ، ئۇرۇشقا تاييارلىنىپ تۇرغاندا ، ئۇنىڭغا ئۇدۇل ھۇجۇم قىلماي، ئەپچىللىك بىلەن ئازراق يەمچۈك تاشلاپ ئۇنىڭغا جەڭ قىلىشقا ، مۇداپىيەلىنىشقا پايدىلىق بولغان يەردىن يۆتكىلىپ، ئۇنىڭغا زەربە بېرىش قۇلايلىق بولغان يەرگە كىلىشكە ھىلە ئىشلىتىش، ئاندىن پاسسىپ ھالەتتىن ئاكتىپ ھالەتكە ئۆتۈش، بۇ پەمنىڭ مەزمۇنىدۇر. بۇ پەمنىڭ ھالقىلىق نۇقتىسى “يۆتكەش”تە، يەنى رەقىبىنى ئەپلىك شارائىتتىن مەھرۇم قىلىشتا. چۈنكى رەقىبى مۇستەھكەم ئىستىھكامدا، ھەربىي كۈچى كۈچلۈك، قوغدىنىشقا ئەپلىك، ئۇنىڭغا بىۋاستە ھۇجۇم قىلىپ يەڭگىلى بولمايدۇ، ئۇنى پەم بىلەن “تاغ”دىن چۈشۈرگەندىلا ئاندىن يېڭىش مۇمكىن. بۇ پەمنىڭ قېيىن نۇقتىسىمۇ دەل مۇشۇ “تاغدىن چۈشۈرۈش”، چۈنكى رەقىبىمۇ بۇنداق شارائىتتىن ئاسان قوزغالمايدۇ. شۇڭا بۇنىڭغا ئۇستاتلىق ئىشلىتىش توغرا كېلىدۇ. بۇنىڭ مۇنداق شەكىللىرى بار: (1)راست يالغاننى ئارىلاشتۇرۇپ، قالايماقانچىلىق تۇغدۇرۇپ رەقىبنىڭ قايمۇقۇپ خاتا ھۆكۈم قىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش؛ (2) رەقىبنى جىلە قىلىپ تېرىكتۈرۈپ ، ئاچچىقىنى كەلتۈرۈپ يىنىكلىك قىلىپ چولتا ھۆكۈمقىلىشىنى قولغا كەلتۈرۈش؛ (3) رەقىبنىڭ ئىچكى قىسمىدا ياكى تاشقى قىسمىدا ئاپەت پەيدا قىلىپ ئۇنىڭ يۆتكىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش؛ (4) كىچىك پايدىنى ، بەزىدە چوڭ پايدىنى يەمچۈك قىلىپ ئېزىقتۇرۇپ رەقىبىنى پايدىلىق شارائىتتىن يۆتكىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش؛ مىسال: 12-ئەسىردە كىرىست تاجاۋۇزچىلىرغا قارشى قوشۇن باشلاپ ئۇرۇش قىلغان سالاھىدىن دىگەن كىشى بىر قېتىملىق ئۇرۇشتا مۇشۇ پەمنى ئىشلەتكەن. 1187-يىلى 7-ئايدا، سالاھىدىن قوشۇن باشلاپ پەلەستىننى بېسىپ ياتقان كىرىست تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشقا ئاتلىنىدۇ، ئېرسالىم پادىشاسى 10مىڭ كىشىلىك قوشۇن بىلەن قارشىلىق كۆرسىتىدۇ. شۇ چاغدا سالاھىدىننىڭ قوشۇنى مەغلۇپ بولسا چېكىنىشكىمۇ ئامالسىز بولۇپ ئۆلۈمدىن باشقا يول يوق، ئەمما كىرىست قوشۇنى مەغلۇپ بولسىمۇ يەنە بىر شەھەرگە چېكىنىپ كېتەلەيدىغان يولى بار ئىدى. شۇنىڭ بىلەن سالاھىدىن ئېراسالىمغا تېگىش قىلماي ئۇ يەردە مۇستەھكەم قارشىلىق كۈچىگە ئىگە دۈشمەننى سېپىل سىرتىغا چىقىرىش ئۈچۈن، باشقا بىر شەھەرگە ھۇجۇم قىلىپ ئېرۇسالمىدىكى دۈشمەن قوشۇنىنى ياردەمگە چىقىشىغا مەجبۇر قىلىدۇ، ھەم ئۇلارنىڭ ئۆتەر يولىغا بۆكتۈرمە قويۇپ قويىدۇ، سالاھىدىن قوشۇنى يەنە بىر شەھەرگە شىددەتلىك ھۇجۇم قىلغاندىن كېيىن ئىروسالىمدىكى كىرىست قوشۇنى ياردەمگە چىقىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر كۈن ئىسسىقتا چارچىغان كىرىست قوشۇنى كېچىدە ھېلىقى بۆكتۈرمە قوشۇن بىلەن سالاھىدىننىڭ قوشۇنى بىرلىشىپ قورشاپ ھۇجۇم قىلىشىغا ئۇچراپ مەغلۇپ بولىدۇ.

16 -تەدبىر ئاغامچىنى ئۇزۇن قويىۋېتىش (欲擒故縱, Yù qín gù zòng)[تەھرىرلەش]

چىقىش يولى قالمىغان قوشۇن دائىم ئاخىرقى جاندىن كېچىش ھۇجۇمىغا تەۋەككۈل قىلىشقا مەجبۇر بولۇپ جەڭگىۋارلىقىنى جارى قىلدۇرىدۇ. بۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ، دۈشمەن يەنىلا ئەركىنلىك پۇرسىتى بارلىقىغا ئىشىنىشى، قېچىش ئىمكانىيىتى بارلقىنى كۆرسۈتۈش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ئۇرۇش قىلىش ئىرادىسىنى سۇندۇرغىلى بولىدۇ. ۋاقىت ئۇزارغاندا ۋە باشقا چىقىش يولى كۆرۈنگەندە دۈشمەننىڭ ئىرادىسى تۈگەيدۇ ، ئاخىرىدا ئۇلار ئۇرۇشماي تەسلىم بولىدۇ.

17- تەدبىر كىسەكنى تاشلاپ، قاش تېشىنى سۆرەپ چىقىش (拋磚引玉, Pāo zhuān yǐn yù)[تەھرىرلەش]

بۇ يەردە تىلغا ئالغان كىسەك بولسا كىچىك مەنپەتنى كۆرسىتىدۇ، قاش تېشى بولسا چوڭ مەنپەتنى كۆرسەتمەكچى. ئۇرۇشتا ، كىچىك پايدىنى يەمچۈك قىلىپ تۇرۇپ چوڭ پايدىغا ئېرىشىشىنى كۆرسىتىدۇ. بېلىققا كىچىك يۈمچۈك بېرىپ ئۇنىشۇ پايدىدىن مەنپەتلەندۈرگەندىن كېيىن ، ئۇ داۋاملىق بۇنىڭغا ئىنتىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇنى قىلتاققا دەسىتىپ تۇتۇش مۇمكىن. رەقىبكىمۇ ئۇرۇشلاردا قەستەن پايدا ئالغۇزۇپ قويۇپ ، شۇ “يەمچۈك”تىن پايدىلىنىپ قىلتاققا دەسىستىپ چوڭ زىيان تارتقۇزۇش ھىلىسى ئىشلىتىلىدۇ. بۇنىڭدا ، ئادەملەرنىڭ پايدىغا ئىنتىلىدىغان ئاجىزلىقىدىن پايدىلىنىپ ، ئاۋال ئازراق پايدا بېرىپ، ئاندىن چوڭ زىيان تارتقۇزىدۇ. بۇنىڭدا مۇنداق ئەھۋاللار بار: (1)كىچىك نەرسە بىلەن چوڭ نەرسىنى سۆرەپ چىقىش؛ يەنى كىچىك نەرسە يەمچۈك، ئېرىشمەكچى بولغان چوڭ نەرسە مەقسەت. (2) ئاز زىيان تارتىپ كۆپ پايدىغا ئېرىشىش؛ (3) كىچىك نەرسە زىيان بولۇش بەدىلىگە رەقىبنىڭ چوڭ نەرسىسىنى يوقۇتۇش؛ تۇرمۇشتا قويمىچىلارمۇ بۇ ھىلىنى ئىشقا سالىدۇ. ئۇلار ئاۋال ئازراق پايدىلارنى بېرىپ سىزنىڭ ئىشەنچىڭىزگە ئىگە بولىدۇ. شۇ يەمچۈك بىلەن ئشەنچىڭىزنى قولغا كەلتۈرۈپ يەنە داۋاملىق چوڭ پايدا بېرىشكە قىزىقتۇرۇپ، سىزدىن بىراقلا چوڭ پۇل ئارىيەت بېرىپ تۇرۇشنى، ناھايىتى قىسقا ۋاقىت ئىچىدىلا چوڭ پايدىغا ئېرىشىشىڭىزنى ئىشەندۈرۈپ سىزدىن چوڭ پۇلنى ئالىدۇ، ئاندىن سىز ئۇنىڭدىن پۇل ئالىمەن دەپ خىيال قىلماڭ! ئۇنىڭ پېيىنى كېسىمەن دەپ قەسەملەرنى ئىچىپ يۈرىسىز ئەمما ئۇنىڭ ئىز دېرىكىنى ھەرگىز ئالاماي ئۆتىسىز. “قۇم-شېغىل تۆكۈم ئۈنچە-ماجانغا ئېرىشىش ” بۇ تەدبىر ئادەتتە بىرسىنىڭ پىشمىغان پىكىرنى ئوتتۇرغا تاشلاپ، شۇنىڭ بىلەن باشقىلار تەرىپىدىن ئەتراپلىق پىكىرگە ئېرىشىشكىمۇ تەمسىل قىلىنىدۇ.

18-تەدبىر ئوغرىنى تۇتساڭ ئاۋال چوڭىنى تۇت (擒賊 擒 王, Qín zéi qín wáng)[تەھرىرلەش]

بۇ رەقىبنىڭ ئەجەللىك مۇھىم يېرىنى يوقۇتۇش، باش قىسمىنى يوقۇتۇشنى كۆرسىتىدۇ. ئۇرۇشتا، رەقىبنىڭ قۇماندانى، باش قۇماندانلىق شىتاپى قاتارلىق مۇھىم يېرى يوقۇتۇلسا، ئۇرۇشتا قالايماقانلىشىپ ھەربىي كۈچى ، جەڭگىۋارلىقى زور دەرىجىدە زىيانغا ئۇچرايدۇ. شۇڭا “باش قىسمى”نى يوقۇتۇش مۇھىم رول ئوينايدۇ. ئاساسىي زىددىيەت ھەل قىلىنسا قالغان زىدديەتلەرنىڭ ھەل بولمىقىمۇ ئاسانغا تۇختايدۇ. بۇنىڭدا مۇنداق ئەھۋاللار بار: (1) باش قىسمىنى يوقۇتۇش؛ باش قۇماندان، باش رەھبەرنى يوقۇتۇش؛ (2)ئەجەللىك يېرىگە تېگىش قىلىش؛ يەنى يۈرەك قىسىمىنى يوقۇتۇش؛ (3) ھالقىلىق مۇھىم يېرىنى تۇتۇش؛ ئىراق ئۇرۇشىدا، ئامىرىكا بۇ تەدبىرنى قوللانغان. ئۇلار ئەڭ ئاۋال سادامنىڭ تۇرۇشلۇق يېرىنى ئىگەللەپ نەچچە قېتىم ھاۋادىن بومباردىمان قىلىپ باش رەھبەرنى ئاۋال يوقۇتۇش تەدبىرىنى قوللانغان. ئىگەللىگەن ئۇچۇر خاتا بولۇپ قېلىپ مەقسىدىگە يېتەلمىگەن بولسىمۇ، كېيىن يەنە باشقا ۋاستىلەر بىلەن شۇ “باش قۇماندان”لارنى ئاۋال يوق قىلىشقا كۈچىگەن. شۇنداق بولغاندا ئامىركىغا نىسبەتەن قارشىلىق كۈچ ئاجىز بولىدۇ دەپ قارىغان. 19~24 رەقىبى بىلەن ئارىلاش قالايماقان ئەھۋالدا كۆپرەك قوللىنىدىغان پەملەر

4-باب: ئارلاشما جەڭ تەدبىرى Melee Stratagems (混戰計, Hùnzhàn jì)[تەھرىرلەش]

19- قازاننىڭ ئوتىنى تارتىۋېتىش (釜底抽薪, Fǔ dǐ chōu xīn)[تەھرىرلەش]

بۇ تەدبىر، مەسىلىنىڭ مەنبەسىدىن ، يىلتىزىدىن تەل- تۆكۈس ھەل قىلىش تەدبىرى. قايناۋاتقان چوڭ قازاننىڭ سۈيىنى سوۋۇتۇش ئۈچۈن ئۇنىڭغا سۇ قۇشسا ئۇزاق ئۆتمەي يەنىلا قايناۋېرىدۇ، بەلكى تېخىمۇ كۆپ قاينايدۇ. شۇڭا قازاننى قايناتقان ئېنىرگيە مەنبەسىنى كېسىپ تاشلىسا، يەنى ئۇنى قايناتقان ئوتىنى تارتىۋەتسە، كېيىن ھېچقانچە كۈچىمىسىمۇ ۋاقىتنىڭ ئۆتىشى بىلەن قازان ئۆزلىكىدىن سوۋۇيدۇ. بۇ تەدبىرنى ئۇرۇشتا ئىشلەتكەندە: رەقىب تەرەپ قانچە كۈچلۈك بولسىمۇ ئۇلارنىڭ ئۇرۇش كۈچىگە كۈچ قوشىدىغان مەنبە بولىدۇ، ئۇرۇش مەيدانىدا بولسا، ئەسكەرلەرنىڭ ئوزۇق تۆلىگى ئۇلارنىڭ بەدەن ئېنىرگىيە مەنبەسى بولىدۇ، شۇڭا ئەگەر ئۇلارنىڭ ئوزۇق- تۆلىكىگە مەسئۇل بولىدىغان يەرنى ۋەيران قىلىپ، ئاشلىقىنى يوق قىلىۋەتسە بۇ قوشۇن قانچە ھەيۋەت بولسىمۇ ئۇزۇنغا قالماي جەڭ قىلىش ئىقتىدارىدىن قالىدۇ، شۇڭا ئاسانلا مەغلۇپ قىلغىلى بولىدۇ. يەنە ئۇلارنى روھىي جەھەتتە كۈچلەندۈرۈپ تۇرىدىغان مەنبە بولىدۇ، شۇ مەنبەگە تېگىش قىلىپ ئۇنىڭدىن مەھرۇم قىلسىمۇ، ئۇرۇش جەڭگىۋارلىقى يۇقايدۇ. قازاننىڭ ئوتىنى تارتىۋېتىش تەدبىرى مانا شۇ. ئۇرۇشلاردا ، رەقىبنىڭ جەڭ كۈچى ئاساسى مەنبەلىرىنى يوقۇتۇشقا ئەھمىيەت بېرىشنىڭ سەۋەبىمۇ شۇ. ئاز بىر قىسىم كىشىلەرنى ئەۋەتىپ رەقىبنىڭ ئايرۇپىلانلىرىنى پارتلىتىۋېتىشمۇ ھاۋادىن كېلىدىغان ئاساسىي كۈچنى يوقۇتۇش. رەقىبكە ھەر قايسى جەھەتلەردە كۈچ بولىدىغان مەنبەنى يوقۇتۇش بۇ تەدبىرنىڭ مەزمۇنىدۇر.

20 -تەدبىر سۇنى لېيىتىپ بېلىق تۇتۇش (渾水摸魚 / 混水摸魚, Hùn shuǐ mō yú)[تەھرىرلەش]

قالايمىقانچىلىق پەيدا قىلىپ ،ئۆزىنىڭ نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش. بۇ پەمنىڭ مەزمۇنى: ئادەتتە سۈيى سۈزۈك ھەم جىم تۇرغان كۆلچەكتە بېلىق ھەممە تەرەپنى ئېنىق كۆرەلەيدۇ، ھەم بىر-بىرى بىلەن ماسلىشىپ ناھايىتى ئىنتىزامچان ھەركەت قىلالايدۇ. ئەگەر كۆلدىكى سۇ چەلگتىلىپ، ھەم سۇنى پاتقاق قىلىۋەتسە، بېلىق ئوۋلىغۇچىنى كۆرەلمەيدۇ، سۇنىڭ ئىچىدىمۇ يۆلۈنۈشنى پەرىق قىلالاميدۇ، ھەر قايسىسىنىڭ ھەركىتى ئۆز ئالدىغا بولۇپ قالايماقان بولىدۇ، ھەم بەزىسى پاتقاق سۇنىڭ ئۈستىگە چىقىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بېلىق تۇتقۇچى ئۇنى ئاسانلا تۇتىۋالىدۇ.مۇرەككەپ ئۇرۇشلاردا ئاجىز تەرەپلەرنىڭ يۆلۈنۈشى دائىم تۇراقسىز بولىدۇ، بۇ چاغدا پۇرسەتنى تۇتۇپ ئۇلارنى قولغا كەلتۈرۈش مۇمكىن. “سۇ” ئەسلىدىلا لاي بولسا شۇ پۇرسەتتە بەزى تەرەپلەرنى قولغا كەلتۈرىدۇ. ئەگەر “سۇ” پاكىز بولسا ساقلاپ ئولتۇرماي، قالايماقانچىلىق پەيدا قىلىپ، ئەھۋال مۇرەككەپلەشكەندە بەزى تەرەپلەرنى قولغا كەلتۈرگىلى بولىدۇ. بۇ يەردە دىيلگەن “بېلىق”: (1)باش ئەگدۈرگىلى بولىدىغان دۈشمەن؛ (2)ئېرىشكىلى بولىدىغان پايدا؛ (3) قولغا كەلتۈرگىلى بولىدىغان كۈچ؛ (4)پايدىلانغىلى بولىدىغان پۇرسەت؛ (5)ئىشلەتكىلى بولىدىغان شارائىت قاتارلىقلاردۇر. بۇ پەم ئادەتتە رەقىپنىڭ ئىچكى قىسمىدا قالايماقانچىلىق بولغاندا ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بەزى تەرەپلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ غەلىبە قىلىشتا ئىشلىتىلىدۇ.

21-تەدبىر تومۇزغىنىڭ قاسراق تاشلىشى (金蟬脱殼, Jīn chán tuō qiào)[تەھرىرلەش]

بۇ تومۇزغىنىڭ ھۇجۇمغا دۇچ كەلگەندە قېپىنى تاشلاپ بېرىپ ، ياكى پاتمىچۇقنىڭ قۇيرۇقى چىشلىۋېلىنغاندا قۇيرۇقىنى تاشلاپ بېرىپ قېچىپ كېتىشىدىن كەلگەن ھىلە. «تومۇزغىنىڭ قاسراق تاشلىشى» ناھايىتى ئەقىل بىلەن ئىستراتېگىيە ۋە ۋاسىتىلەرنى ئىشلىتىپ،ھالقىلىق پەيتتە خەتەردىن ساقلىنىشنى كۆرسىتىدۇ. جەڭدە بەزى ئەھۋالدا شارائىت پايدىسىز بولۇپ قالسا چېكىنىش، ئەسلىدىكى ئورنىدىن يۆتكىلىش، ياكى رەقىبىگە چاندۇرماي باشقا ياققا يۆتكىلىپ زەربە بېرىشكە توغرا كەلسە، رەقىبىگە ئەسلىدىكى جايىدا تۇرغاندەك تەسىرنى بېرىپ چېكىنىش ياكى ئەپلىك يەرگە يۆتكىلىشكە توغرا كېلىدۇ. بۇ چاغدا رەقىبىگە چاندۈرماسلىق ئۈچۈن شەكىل جەھەتتە ئەسلىدىكىدەك كۆرۈنۈشنى ساقلاپ، ئەمەلىيەتتە بولسا قوشۇننى يۆتكەپ كېتىشكە توغرا كېلىدۇ. مانا بۇ خۇددى، تومۇزغىنىڭ قاسراق تاشلىغان ھالىتىگە ئوخشايدۇ. تومۇزغا چوڭ بولغاندا ئەسلىدىكى قاسرىقىنى پۇتۇن پېتى تاشلايدۇ. تاشلاپ كەتكەن قېپىغا يېقىن بېرىپ سىنچىلاپ قارىمىسا ئۇنى شۇ يەرگە قۇنىۋالغان تومۇزغا دەپ قالغىدەك دەرىجىدە پۈتۈن پېتى تۇرىدۇ. شۇڭا دۈشمەنگە چاندۇرماي يۆتكىلىپ باشقا يەردىكى دۈشمەنگە زەربە بېرىش ياكى پايدىسىز شارائىتتا بىخەتەر چېكىنىپ چىقىش ئۈچۈن قوللانغان بۇ چارىنى شۇ تومۇزغىنىڭ قاسراق تاشلىشى نامى بىلەن ئاتىغان. كۆز بۇياپ چېكىنىش تەدبىرىنى نەق ۋاقتىدا ئشلەتمىسە بولمايدۇ، بالدۇر بولۇپ قالسا، يەنى غەلىبە قىلىش ئىمكانىيىتى بار ئەھۋالدا قوللانسا بولمايدۇ. يەنە بەك كېچىكىپ قالسىمۇ بولمايدۇ، يېڭىلىپ قالغاندا چېكىنىش تەس بولىدۇ، ئۇ چاغدا دۈشمەن تەرەپ قوغلاپ زەربە بېرىدۇ. شۇڭا دەل ۋاقتىدا قوللىنىشقا بولىدۇ. بۇ تەدبىرنىڭ مەزمۇنى مۇنداق شەكىللەردە بولىدۇ: (1) چېكىنىپ چىقىش؛ يەنى دۈشمەنگە تېخى ئۇرۇش ھالىتىدە تۇرغانلىق شەكىلنى كۆرسىتىپ بىخەتەر چېكىنىپ يۆتكىلىش، دۈشمەننىڭ قوغلاپ زەربە بېرىشىدىن ساقلىنىش؛ (2) ئىككىگە بۆلۈنۈش؛ يەنى دۈشمەن ئىككى تەرەپتە بولسا ، بىر تەرەپتە قاتتىق مۇداپىيە شەكىلىنى ھاسىل قىلىپ بۇ تەرەپتىكى دۈشمەننىڭ ئالدىراپ ھۇجۇم قىلىشقا پېتىنالماسلىقىنى قولغا كەلتۈرۈپ تۇرۇپ، بۇ ياقتىكى قوشۇننى يەنە بىر تەرەپكە يۆتكەپ شۇ يەردىكى دۈشمەنگە زەربە بېرىش؛

22-تەدبىر ئىشىكنى تاقاپ ئوغرىنى تۇتۇش (關門 捉賊, Guān mén zhuō zéi)[تەھرىرلەش]

دۈشمىنىنى تۇتۇش ياكى تېخىمۇ كۆپ ئۇرۇشتا ، دۈشمەنگە ئاخىرقى زەربە بېرىش ئۈچۈن ، ئېھتىياتچانلىق بىلەن مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشنى پىلانلاش، ھەرىكەتكە ئالدىرىماي، ئالدى بىلەن دۈشمەننىڭ قېچىش يوللىرىنى ۋە تاشقى ياردەم يولىنى ئۈزۈشنى كۆرسىتىدۇ.
بىراۋنىڭ ھويلىسىغا ئوغرى كىرگەندىن كېيىن، ئىشىكنى تاقىۋەتكەندە ئوغرىنىڭ قېچىش يولى يوق بولۇپ مەجبۇرى قولغا چۈشىدۇ. ئۇرۇشلاردا بولسا، قورشاۋ دائىرىسىگە كىرىپ قالغان ئاجىز دۈشمەننىڭ چېكىنىش يولىنى ئۈزۈپ تاشلاپ تەسلىم بولۇشقا مەجبۇر قىلىش، ياكى ئۇنى يوقۇتۇشنى كۆرسىتىدۇ. بۇ يەردىكى “ئوغرى” يوشۇرۇن كېلىپ ھۇجۇم قىلغان، سانى ئاز بولغان دۈشمەن قوشۇنى، ياكى بۆكتۈرمە دائىرىسىگە كىرىپ قالغان دۈشمەننىڭ بىر قىسىم قوشۇنىنى كۆرسىتىدۇ. ھەر قانچە قارشىلىق قىلسىمۇ يېڭىلىشتىن باشقا ئاقىۋەتكە قالمايدىغان ھالەتتىكى دۈشمەنگە ئاندىن “ئىشىك”نى تاقاپ زەربە بېرىش تەدبىرى قوللىنىلىدۇ. ئەگەر دۈشمەن تەرەپ سەل كۈچلۈك بولۇپ ئۇنىڭ چېكىنىش يولى ئۈزۈلسە، جان تىكىپ ئېلىشىپ جەڭگىۋارلىقىنى ئاشۇرۇپ قويۇش مۇمكىن. شۇڭا ئۇ خىل ئەھۋالدا “ئىشىكنى تاقاش” تەدبىرى قوللانماي، “مەيلىگە قويىۋېتىپ تۇتۇش” تەدبىرى قوللىنىلىدۇ. يەنى قەستەن ئۇنىڭغا چېكىنىش يولى ئېچىپ قويۇلىدۇ. ئاجىز دۈشمەن قورشاۋغا كىرىپ قالسا ، ئىشىكنى تاقاپ زەربە بېرىش تەدبىرى قوللىنىپ بىراقلا يوقۇتۇلىدۇ. ئىشىكنى تاقاشتا پاسسىپ ھالدا ساقلاپ ياتماي، بەزىدە دۈشمەننىڭ بىرقىسمىنى باشقا تەدبىرلەر بىلەن ، مەسىلەن “يەمچۈك تاشلاپ باشلاپ كىرىش” تەدبىرى بىلەن ئاجىز دۈشمەننى ياكى دۈشمەننىڭ بىر قىسمىنى قورشاۋ دائىرىسىگە يەنى ئۇنى جايلاش ئەپلىك شارائىتى بولغان يەرگە كىرگۈزۈپ ئاندىن “ئىشىكتى تاقاپ زەربە بېرىش”تەدبىرى بىلەن تېگىش قىلىنىدۇ. بۇلۇپمۇ يۇشۇرۇن كېلىپ ھۇجۇم قىلىدىغان دۈشمەنگە بۇ تەدبىر قوللىنىلىدۇ. بۇ تەدبىرنى قوللانماقچى بولغاندا دىققەت قىلىدىغان ئەھۋاللار: (1 ) ئاجىزى بولسا ئىشىكنى تاقاش، كۈچلۈكى بولسا تاقىماسلىق؛ يەنى ئەگەر كۈچلۈك ئوغرى كىرسە ئىشىكنى تاقىغان بىلەن ئۆينى ئوڭتەي-توڭتەي قىلىپ يەنە ئالىدىغاننى ئېلىپ چىقىپ كېتىشى مۇمكىن. (2 ) ئىشىكنى تاقىماقچى بولغاندا چوقۇم مەھكەم تاقاش لازىم؛ چۈنكى ئوغرىنىڭ ئاساسلىق چېكىنىش يولى ئىشىك تەرەپتە بولىدۇ، ئۇ يەردە يوچۇق چىقىرىپ بۆسۈپ ئۆتۈشكە تىرىشىشى مۇمكىن. شۇڭا شۇ تەرەپكە بۆسۈپ چىقىشىنى قاتتىق توسۇپ قالالايدىغان قوشۇن ياكى باشقا ۋاستىلەر چېكىنىش يولىنى قاتتىق ئېتىشى لازىم. (3) پەيتنى چىڭ تۇتۇش؛ يەنى مەيلى ئىشىكنى تاقاش ياكى ئوغرىنى تۇتۇش بولسۇن نەق پەيتىنى تۇتمىسا ئۈنۈمى بولمايدۇ.

23-تەدبىر يىراق بىلەن دوست بولۇپ ، يېقىندىكىسىگە زەربە بېرىش (遠 交 近 ǎ, Yuǎn jiāo jìn gōng)[تەھرىرلەش]

يىراقتىكىسى بىلەن ئەپ ئۆتىدىغانلىق ئۇرۇشمايدىغانلىقى توغرىسىدا ئىپادە قىلىشىپ، ئۇنىڭ يېقىندىكى رەقىب بىلەن بىرلىشىشى ۋە قىلىدىغان ياردىمىنى چەكلەپ تۇرۇپ ئاۋال يېقىندىكى رەقىبنى يېتىم قالدۇرۇپ ھۇجۇم قىلىپ جايلاش؛ رەقىبى بىر قانچە بولغاندا، ئۇلارغا تەڭلا تېگىش قىلسا ئۇلار بىرلىشىپ قارشىلىق قىلسا ئۇرۇشتا غەلىبە قىلماق تەس بولىدۇ. شۇڭا ئاۋال ئۇرۇش ئەپچىل بولغان رەقىبكە تېگىش قىلىش لازىم بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە يىراقتىكى باشقا رەقىبلەرنى دىپلۇمات يولى بىلەن بەزلەپ ئۇلارنىڭ ئۇرۇشقا قاتماشماسلىقىنى قالغا كەلتۈرۈش توغرا كېلىدۇ. ئۇلار بىلەن مۇناسىۋەت قىلىش ، ئۇلار بىلەن دوست بولۇشنى كۆرسەتمەيدۇ، بەلكى يېقىندىكى رەقىبىنى يۇقاتقىچە ئۇلارنىڭ بىرلىشىۋېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى كۆرسىتىدۇ. بۇ تەدبىرنىڭ ماھىيىتى دۈشمەنلەرنىڭ بىرلىشىۋېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ بىر بىرلەپ جايلاشنى نىشان قىلغان ستراتىگىيىلىك تەدبىر ھىساپلىنىدۇ. يىراقتىلىرى بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەتتە بولۇشنىڭ پايدىسى: (1) دۈشمەنلەرنىڭ بىرلىشىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، يېقىندىكى ئۇرماقچى بولغان دۈشمەننى ۋاقىتلىق يېتىم قالدۇرۇپ ھۇجۇم قىلىپ جايلاشقا شارائىت ھازىرلىنىدۇ؛ (2) يىراقتىكىسى بىلەن مۇناسىۋەت قىلىشنىڭ ئۆزى ئۇلارنى بىخۇتلاشتۇرۇش رولىنى ئوينايدۇ. ئۇلار يىراقتا بولغاچقا تېنىچلىق قۇلى ئۇلارغا سۇنۇلسا ئاسان قوبۇل قىلىدۇ، “كالىغا كەلگەن كۈن موزايغىمۇ كېلىشى”نى ئاسان ئويلىيالمايدۇ. ياكى بۇ دىپلۇمات مۇناسىۋىتى ئۇلارغا ۋاقىتلىق پايدا يەتكۈزىدۇ. ھېچ بولمىسا يېقىندىكى رەقىبكە ياردەم بېرىش ئېھتىمالى بولغان خوشنىلىرىنىڭ ياردىمى ۋاقىتلىق بولسىمۇ ئۈزۈلىدۇ. بۇ يەردە دىيىلگەن “يىراقتىكىسى” بىلەن “يېقىندىكىسى” مۇنداق مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: (1) جۇغراپىيەلىك ئورۇنلىشىش جەھەتتىكى يىراق ياكى يېقىنىلىقى؛ (2) مەنپەت مۇناسىۋىتىدىن قارىغاندا “يىراق” دىگىنىمىز ۋاستىلىق ئېرىشكىلى بولىدىغان ھەم كەلگۇسى مەنپەتنى كۆرسىتىدۇ، “يېقىن” دىگىنىمىز بولسا، كۆز ئالدىدىكى بىۋاستە ئېرىشكىلى بولىدىغان مەنپەتنى كۆرسىتىدۇ؛ (3) تەشكىلات مۇناسىۋىتىدىن قارىغاندا، “يىراق” دىگىنىمىز بۇ تەشكىلاتنىڭ سىرتىدىكىسى، “يېقىن” دىگىنىمىز بولسا، بۇ تەشكىلاتنىڭ ئىچكى قىسمىنى كۆرسىتىدۇ؛ (4) تەسىر قىلىش دائىرىسىدىن قارىغاندا، “يىراق” دىگىنمىز بىۋاستە كونتىرول قىلغىلى بولمايدىغان ئادەم ياكى ئىشلارنى كۆرسىتىدۇ؛ “يېقىن” دىگىنىمىز بولسا، بىۋاستە كونترول قىلغىلى بولىدىغان ئادەم ۋە نەرسىلەرنى كۆرسىتىدۇ. “يىراقتىكىسى” دىگەندە چوقۇم دۈشمەن بولىشى ناتايىن، بەلكى ئۇرماقچى بولغان رەقىبكە ياردەم قىلىش ئېھتىمالى بولغانلارمۇ “يىراقتىكىلەر” ھىساپلانسا، يەنە، بىرەر رەقىبنى ئۇرۇش ئۈچۈن بىرلىشىشنى قولغا كەلتۈرگىلى بولىدىغانلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
2-دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ ئالدىدا گېتلېر «يېقىندىكىلەر» نى ئاۋال جايلاش ئۈچۈن، سوۋىت ئىتتىپاقى(يىراقتىكىسى) بىلەن ئۇرۇشماسلىق تۇغرىسىدا كېلىشكەن.

24-تەدبىر يول سورىغان بولۇپ ھۇجۇم قىلىش (假 途 伐 J, Jiǎ tú fá Guó)[تەھرىرلەش]

بۇ تەدبىردە ، يىراقتىكىسىنى ئۇرۇشنى باھانە قىلىپ، يېقىندىكى رەقىبى بىلەن ئۇرۇشماسلىقنى دىيىشىپ، ھەم يېقىندىكىسىنىڭ زىمىنىنى كېسىپ ئۈتۈشكە توغرا كەلگەچكە، ئۇلارنىڭ يول بېرىشىنى سوراپ، شۇنىڭ بىلەن بۇ يېقىندىكىسىگە تۇيۇقسىز تېگىش قىلىپ ۋەيران قىلىدۇ. ياكى ئاۋال يىراقتىكىسىنى يوقۇتۇپ، قايتىش يولىدا يېقىندىكىسىگە بەزى مەنپەتلەرنى يەتكۈزۈشكە دىيىشىپ ئۇنى خىرامان قىلىپ قويۇپ ئۇرۇشقا تەييرالىقسىز تۇرغاندا تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىپ ئۇنىمۇ ۋەيران قىلىدۇ. ئارىيەت بېرىشنى سوراش دۈشمەنلىكنى ئىپادىلىمەيدۇ. شۇڭا ئارىيەت بەرگۈچىنى ماقۇل كەلتۈرۈش تەس ئەمەس. بىراق ئۇنىڭدىن پىچاق ئارىيەت سوراپ ، پىچاقنى بەرگەن ھامان ئۇنى جايلىۋېتىدىغانلىقىنى بىلەلمەيدۇ. قۇنالغۇ بېرىشنى سوراپ دەرۋازىدىن كىرىۋېلىپ ئۆينى تارتىۋالغانلىققا ئوخشايدۇ. بۇ تەدبىردە رەقىب تەرەپكە ھۇجۇم قىلىدىغانلىقىنى سەزدۇرمەسلىكى مۇھىم ھالقا ھىساپلىنىدۇ. ئۇنىڭدىن ياردەم سوراپ ئەپلىك شارائىتقا ئىگە بولۇپ، ئۇنى تۇيۇقسىز يۇقىتىدۇ. بۇ تەدبىردە نامەرتلىك بار. ھەم رەقىبىگە يۇشۇرۇن ئاداۋەت ساقلاپ مۇشۇ ھىلە بىلەن ئۇنى ئۇجۇقتۇرغان. بۇ ھىلە ئاجىز بولغان بۇ يېقىندىكى رەقىبىنى بويسۇندۇرۇشتا قوللىنىدۇ. مەسىلەن ئامىرىكىدەك كۈچلۈك بىر دۆلەت كۇۋەيتتەك كىچىك ئاجىز بىر دۆلەتتىن “يېرىڭنى بېرىپ تۇر، مەن ئەسكىرىمنى مۇشۇ يەردە تۇرغۇزۇپ ئىراقنى ئۇرماقچى” دىسە، كۆڭلىدەماقۇل دىگۈسى كەلمىسىمۇ “ياق” دىيىشكە پېتىنالمايدۇ(مەن مەسىلەنگە دىمەكچى). جۇگونىڭ قەدىمىي تارىخىدا ئەنە شۇنداق يول بېرىشنى ياردەم سوراپ، يىراقتىكى بەگلىكنى يوقۇتۇپ بولۇپ، قايتىشىدا ماناشۇ گو بەگلىكىنىمۇ بېسىۋالغان. مېھمان بولۇش ئۈچۈن بېرىپ ، زىمىنىنى ئىگەللەپ ئۇ يەرگە خوجايىن بولىۋالغاندەكلا ئىش.

5-باب: بىرلەشمە جەڭ ھىلىلىرى (並 戰 計, Bìng zàn jì)[تەھرىرلەش]

25-تەدبىر لىمىنى ئوغۇرلاپ، تۈۋرىكىنى ئالماشتۇرۇش (偷梁換柱, Tōu liáng huàn zhù)[تەھرىرلەش]

دۈشمەننىڭ شەكىللىنىشىنى قالايمىقانلاشتۇرۇپ، ئەمەل قىلغان قائىدىلەرنى ئۆزگەرتىش. بۇنداق بولغاندا قوشۇننى ئۈنۈملۈك جەڭگىۋار كۈچكە ئايلاندۇرىدىغان ئورتاق تۈۋرۈك چىقىرىۋېتىلىدۇ.
مەنىسى: شەكلىنى قالدۇرۇپ مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىۋېتىش ، يەنى ساختا نەرسىنى ھەقىقىسىنىڭ ئورنىغا دەسسىتىش، ياخشىسىنىڭ ئورنىغا ناچارنى ئالماشتۇرۇشقا تەمسىل قىلىنغان. نەرسىنىڭ ماھىيىتى ۋە مەزمۇنىنى يۇشۇرۇن ھالەتتە ئۆزگەرتىپ قايمۇقتۇرۇشنى كۆرسىتىدۇ. بۇرۇنلاردا ئۆي سېلىش ئۈچۈن ئۇنىڭغا لىم ۋە تۈۋرۈكلەر ئاساسلىق ماتىريال ھىساپلىناتتى. بۇ ئاساسلىق ماتىريالنىڭ ناچىرى ئىشلىتىلسە ، سېلىنغان ئۆي مۇستەھكەم بولمايدۇ، شەكىلدە ئۇ يەنىلا ئۆي ھىساپلىنىدۇ، ئەمما ئۇزۇنغا بەرداشلىق بەرمەيدۇ ھەم ئۇنى ئاسانلا ئۆرىۋېتىش مۇمكىن. بۇرۇنقى زاماندا، جەڭ قىلىش ئۈچۈن ئىككى تەرەپ لەشكەرلىرىنى ھەر خىل سەپ قىلىپ تۈزەتتىكەن. شۇ سەپلەرنىڭ قوشۇمچە قىسمى ۋە ئاساسلىق غوللۇق قىسمىنى قاراپلا پەرىق ئەتكىلى بۇلارمىشكەن. بەزىدە ئىككى دۆلەت بىرلىشىپ يەنە بىر دۆلەتكە تاقابىل تۇرىدىغان ئەھۋاللار بولىدۇ. شۇ چاغدا ئىتتىپاقداش لەشكەرلەرنىڭ سېپىنى ھەر خىل ئۆزگەرتىپ ، ئۇنىڭ غوللۇق يېرىگە بۇ تەرەپنىڭ لەشكەر قىسمىنى ئالماشتۇرغاندا ئىتتىپاقداش لەشكەرلەر بۇ تەرەپنىڭ كونتروللىقىغا ئۆتىدىكەن. شۇنداق قىلىپ ئۇنى ئۆزىگە قېشۇۋېلىپ تۇرۇپ يەنە بىر رەقىبنى ئۇجۇقتۇرىدىكەن. بەزى جەڭلەردە بولسا ، دۈشمەن تەرەپكە يالغان ھۇجۇم قىلىپ ئۇنىڭ سېپىنى ئۆزگەرتىشنى قولغا كەلتۈرۈپ ئاندىن ئۇنىڭ ئاجىز نۇقتىسىغا تېگىش قىلىپ يېڭىشنى قولغا كەلتۈرگىلى بولىدۇ. بۇ تەدبىرنىڭ ھالقىلىق نۇقتىسى، دۈشمەن تەرەپكە بۇ تەرەپنىڭ سەپ ئەھۋالىدىن خاتا ھۆكۈمگە كەلتۈرۈش. شۇنداق قىلىپ دۈشمەن تەرەپنىڭ قۇشۇن ئورۇنلاشتۇرۇشتا خاتالىق سادىر قىلىشىنى قولغا كەلتۈرۈپ تۇرۇپ جايلاش. بۇنىڭغا مۇنداى بىر مىسالنى تەمسىل قىلىشقىمۇ بولىدۇ: مەسىلەن، بۇرۇن بىر قېتىم ئات بەيگىسى ئۆتكۈزمەكچى بولۇپ، ئاتلارنى ئۈچ تۇرگە بۆلۈپ 1- دىرىجىلىكلەر تۈرى، 2-دەرجىلىكلەر تۈرى، ۋە 3-دەرىجىلىكلەر تۈرى دەپ 3 تۈر بويىچە بەيگىگە سالغان. نەتىجىدە قارشى تەرەپنىڭ ئاتلىرى ھەممە تۈردە يېڭىپ ئۇتىۋالغان. كېيىن يەنە شۇنداق بەيگىگە چۈشمەكچى بولغاندا، قارشى تەرەپنىڭ 1-دەرىجىلىك ئېتىغا بۇ تەرەپنىڭ 3-دەرىجىلىكىنى، ئۇنىڭ 2-دەرىجىلىكىگە بولسا بۇ تەرەپنىڭ 1-دەرىجىلىكىنى، ئۇنىڭ 3-دەرىجىلىك ئات توپىغا بۇ تەرەپنىڭ 2-دەرىجىلىكىنى ئالماشۇرۇپ قاتناشتۇرغان. نەتىجىدە 2دە 1 نەتىجە بىلەن قارشى تەرەپنى يەڭگەن. بۇمۇ ئوغۇرلۇقچە لىم تۈۋرۈكىنى ئالامشتۇرۇش تەدبىرىگە مىسال بولىدۇ. بۇ تەدبىر قارشى تەرەپ سەزمىگەن ئەھۋالدا ئىشلىتىلىدۇ، ئەگەر قارشى تەرەپ بىلىپ قالسا “ئۇنداق قازانغا مۇنداق چۆمۈش” قىلىپ بۇ تەرەپنى يېڭىدۇ.

26-تەدبىر ئۈجمىنى كۆرسىتىپ تۇخۇمەكنى تىللاش (指桑罵槐, Zhǐ sāng mà huái)[تەھرىرلەش]

يېقىن مەنىسى: قىزىم ساڭا ئېيتاي كىلىنىم سەن ئاڭلا؛ بۇ چارە ئادەتتە، ئاجىز بولغان رەقىبىنى ئاگاھلاندۇرۇش يولى بىلەن ئۇرۇش قىلمايلا بوي سۇندۇرۇشقا ئىشلىتىلىدۇ. بۇ چارە سىياسى ۋە دىپلومات ئىشلىرىدا كۆپرەك قوللىنىلىدۇ. بىر قەدەر كۈچلۈك بولغان رەقىبنىمۇ شۇنداق ئاگاھلاندۇرىدۇ. بۇ چارە يەنە قۇماندان كىشىلەرنىڭ قوشۇننى ئىنتىزامچان كۈچلۈك باشقۇرۇشىدىمۇ قوللىنىلىدۇ. لەشكىرىي ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ بىر قىسمىنى قاتتىق جازالاش ئارقىلىق قالغانلىرىغا ئىبرەت قىلىنىدۇ. بۇ چارىنىڭ مۇنداق كۆرۈنۈشلىرى بار: (1) توخۇنى ئۆلتۈرۈپ مايمۇنغا كۆرسىتىش؛ مايمۇن قاندىن قورقارمىشكەن، ئۇنىڭغا گەپ ئاڭلىتىش ئۈچۈن توخۇنى ئۆلتۈرۈپ ئۇنىڭغا كۆرسەتسە قورقۇپ يۇۋاش بۇلارمىشكەن. لەشكەرچىلىكتىمۇ بەزى بوينى قاتتىق باش-باشچى لەشكىرىي تۈزۈمنى كۆزگە ئىلمايدىغانلارنى شۇنداق ئەدەپلەپ قالغانلارغا ئىبرەت قىلسا قۇماندانغا ۋە ئىنتىزامغا رىئايە قىلىدىغان بولىدۇ؛ (2)تېرە تاراخشىتىپ يولۋاسنى ئۈركىتىش؛ كۈچلۈك رەقىبىنى قورقۇتۇش؛ (3)ۋاستىلىق ئاگاھلاندۇرۇش؛ بىرەر ئۈلگىلىك ئىشنى تۇتۇپ قالغانلىرىغا ئىبرەت قىلىش؛ ئامىرىكا ئىراقنى ئۇرۇپ ئۇنىڭدىن باشقا سۈرىيە ، ئىوردانىيە دىگەندەكلەرنى ھەيۋە بىلەن گېپىگە كىرگۈزىشى

27-تەدبىر يالغان ساراڭ بولىۋېلىش (假 痴 不 癲, Jiǎ chī bù diān)[تەھرىرلەش]

مۇددىئاسىنى يۇشۇرۇپ قالايمىقانچىلىق پەيدا قىلىشقا ئىقتىدارسىز كۆرسىتىش. رەقىبىنى بىخۇت قويۇپ ئۆزىنىڭ ئىقتىدارىنى تۆۋەن مۆلچەرلەشكە قىزىقتۇرۇش.
يالغان ساراڭ بولىۋېلىش، بىلمىگەن ئاڭلىمىغان بولىۋېلىش مۇنداق شەكىللىرى بار: (1) بىلمىگەن بىلىۋېلىش؛ (2)چۈشەنمىگەن بولىۋېلىش؛ (3)كارى بولمىغان بولىۋېلىش؛(4)قىلالمايدىغان بولىۋېلىش؛ بۇنىڭدا يالغاندىن ساراڭ بولىۋېلىش بىلەنلا كۇپايە قىلمايدۇ، يەنە سەگەك بولىشى لازم. (1)مۇھىتنىڭ شارائىتى پايدىسىز ھەم خەتىرى بولغان ئەھۋاللاردا ئەسلى سالاھىيىتىنى يوشۇرۇپ قالىدىغان گاچا، ساغرو دىگەندەك ئاجىز قىياپەتكە كىرىۋېلىپ خەتەردىن قۇتۇلۇش؛ (2) كۆڭلىدىكىنى يۇشۇرۇن ساقلاپ، ھېچنىمە بولمىغاندەك قىياپەتكە كىرىۋېلىش؛ (3) كۆرۈنۈشتە دۆتتەك تەسىر بېرىش ئەمەلىيەتتە ھەممىنى بىلىش؛ ئۇرۇشلاردا، ئۆزىنى ئاجىز كۆرىستىپ دۈشمەن تەرەپنىڭ سەل قارىشىنى قولغا كەلتۈرۈپ، تويۇقسىز قاتتىق زەربە برېىپ غەلىبە قازىنىش. مىسال: جەنگو دەۋرىدە سۈنبىن دىگەن كىشى لەشكىرىي ئىلىمدا ئالىم بولۇپ، پاڭجۈەن دىگەن كىشى ئۇنىڭغا ھەسەت قىلىپ ھەم ئۇنىڭدىكى “سۇنبىن ھەربىي ئىشلار دەستۇرى” نى يېزىپ قالدۇرىشى ئۈچۈن سۇنبىنگە يۇشۇرۇن قەست قىلىپ ئۇنىڭغا بۆھتان چاپلاپ جازالىماقچى بولىدۇ، ھەم ئۇنى توكۇر قىلىپ ئۇرۇشقا چىقالمايدىغان قىلىپ قويىدۇ. بۇنى سۇنبىن سەزمەي پاڭجۈەنگە ئۇرۇش <سۇنبىن ھەربىي ئىشلار دەستۇرى>نى يېزىپ قالدۇرماقچى بولىدۇ. كېيىن سۇنبىن پاڭجۈەننىڭ ئۇنىڭغا دۈشمەنلىك قىلىۋاتقانلىقىنى سېزىپ قېلىپ، كىتاپنىڭ يېزىپ بولغان قىسمىنىمۇ كۆيدۈرۋېتىپ، تۇيۇقسىز ساراڭ بولۇپ قالغان بولىۋالىدۇ. ئۇنىڭ ھايات قېلىشى ئۈچۈن بۇنىڭدىن باشقا چارىمۇ يوق ئىدى. شۇنىڭ بىلەن پاڭجۈەننىڭ سىناشلىرىدىن ئۆتۈپ پۇرسەت تېپىپ چى بەگلىكىگە قېچىپ كېتىدۇ. كېيىن چى بەگلىكىدە مۇشاۋۇر بولۇپ شۇ دەۋىردىكى كۈچلۈك بەگلىك(ۋېي بەگلىكى)نىڭ قۇماندانى پاڭجۈەننىڭ قوشۇنى بىلەن ئۇرۇشۇپ پاڭجۈننى يېڭىدۇ.

28-تەدبىر ئۆگزىگە چىقىرىپ شۇتىنى ئېلىۋېتىش (上 屋 抽 Sh, Shàng wū chōu tī)[تەھرىرلەش]

بۇ پەمدە، ئاۋال دۈشمەنگە ئۆگزىگە چىقدىغان “شۇتا”، يەنى دۈشمەنگە نىسبتەن كىرىش يولىنى ئاسانلىق شارائىتىنى قەستەن قويۇپ ، قورشاۋ ئىچىگە ياكى ئۇنى ئۇرۇشقا ئەپلىك بولغان يەرگە قىزىقتۇرۇپ ئەكىلىپ شوتىنى يەنى، ئۇنىڭ چېكىنىش يولىنى ئۈزۈپ تاشلاپ قورشاپ يوقۇتۇشنى كۆرسىتىدۇ. بۇنىڭدا مۇھىم يېرى شۇتىنىڭ يەنى كىرىش يولىنىڭ قەستەن قويۇلغانلىقىنى دۈشمەننىڭ سېزىپ قېلىشىدىن ساقلىنىش. بولمىسا دۈشمەن “ئۆگىزىگە” چىقمايدۇ . بۇ ئىشىكنى تاقاپ ئوغرىنى تۇتۇش تەدبىرى بىلەن سەل پەرىقلىنىدۇ. ئۇنىڭدا دۈشمەن ئۆزى “ھويلىغا” كىرگەن ئەھۋال بار. بۇنىڭدا بولسا كىرىشكە يوچۇق قالدۇرۇپ كىرسە پايدىغا ئېرىشىدىغان خاتا ھۆكۈمگە كېلىپ كىرىدىغان ئەھۋالدۇر. بۇنىڭدا ھالىقىلىق يېرى دۈشمەننى ئالداپ ئۆگزىگە چىقىرىش. شۇڭا بۇ ئىككى تەدبىرنىڭ پەرقى بار. دۈشمەنگە قالدۇرغان يوچۇققا، يەنى بۇ خىل قىلتاققا پايدىنى كۆرۈپ ئۇنىڭ خەتىرىنى كۆرمەيدىغان، ئالدىراڭغۇ مىجەزى ئىتتىك، رەقىبىنى سەل چاغلايدىغان ھاكاۋۇر كىشىلەر ئاسان كىرىپ كېتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ھالاكەتكە ئۇچرايدۇ. بۇ چارىنى ئۆز ئادىمىگىمۇ ئىشلەتكىلى بولىدۇ. مەسىلەن، ئۆز ئادەملىرىنىڭ غەلىبە قىلىشتىن باشقا ھايات يولى يوق ھالەتكە كەلتۈرۈپ قويسا ھېچقايسىسىنىڭ چېكىنىش يولى بولمىغاچقا ھەممىسى جان تىكىپ دۈشمەن بىلەن ئېلىشىشتىن باشقا يولنى ئىزدىمەيدۇ، جەڭ قىلىش كۈچى چوڭ بولىدۇ. چېكىنىش يولى ئۈزۈلسە ئالدىغا مېڭىشتىن باشقا ئامال يوق. ئەگەر دۈشمەننى ئۆگزىگە چىقارغاندا چوقۇم ئۇنى تۇتۇش شارائىتى ئىشەنچلىك بولىشى لازىم. بۇ يەردە “ئۆگزە” چىققان كىشى چۈشۈش ئۈچۈن چوقۇم “شوتا” نى كونترول قىلغان كىشىگە بوي سۇنۇشقا مەجبۇر بولىشىنى كۆرسىتىدۇ. دۈشمەننى ئۆگىزىگە ئەمەس، “ئۆي”گە باشلاپ قويسا ئۇ كۈچلۈك ھالەتتە بولسا ئۇنى تۇتماق تەس. ئاجىز بولسا ئاندىن ئىشىكنى تاقاپ ئوغرىنى تۇتۇش تەدبىرى قولىنىشقا توغرا كېلىدۇ. شۇڭا بۇ تەدبىردە دۈشمەن قىلتاققا چۈشكەندىن كېيىن تەسلىم بولۇش ياكى ئۆلۈمدىن باشقا يول قالمايدىغان ھالەتنى كۆرسىتىدۇ.

29-تەدبىر دەرەختە گۈل ئېچىلدۇرۇش (樹上 開花, Shù shàng kāi huā)[تەھرىرلەش]

بۇ ئۆلۈك دەرەخكە گۈل باغلاپ ، دەرەخنىڭ ساغلام ئىكەنلىكىدەك خام خىيالنى بېرىشنى. ھۈنەر-سەنئەت ۋە نىقاب ئىشلىتىپ ، ئەرزىمەس نەرسىنى قىممەتلىك كۆرسىتىشنى كۆرسىتىدۇ .
ئەسلى دەرەختە گۈل ئېچىلمايدۇ، بۇ يەردە دىمەكچى بولغىنى رەقىبكە ئۆزىنى كۈچلۈك كۆرسىتىش، رەقىبىنىڭ نەزىرىدە مۇمكىن ئەمەس دەپ قارىغان نەرسىنى پەيدا قىلىپ ھەيۋە قىلىشنى كۆرسىتىدۇ. ئۆزى ئاجىز ھالەتتە باشقىلارنىڭ كۈچىنى ئۆزىنىڭ قىلىپ كۆرسىتىپ رەقىبىنى قورقۇنچقا سېلىشنى كۆرسىتىدۇ. بۇ يەردىكى “دەرەخ” باشقىلارنىڭ ، ئۇنىڭغا چاندۇرماي گۈلگە ئوخشاش نەرسىنى قېتىپ پەردازلاپ ئېچىلىپ تۇرغان گۈلگە ئوخشاش كۆرۈنىدىغان قىلىپ ئۆزىنىڭ كۈچىنى ھەيۋەتلىك كۆرسىتىشنى بىلدۈرىدۇ. بۇ يەردە تىلغا ئالغان “دەرەخ” بەلكىم باشقىلارنىڭ كۈچى، ياكى ئوبىكتىپ ۋەزىيەت بولىشى مۇمكىن. (1)ئۆزى ئاجىز بولسا باشقىلارنىڭ كۈچى بىلەن ئۆزىنى كۈچلۈك كۆرسىتىش؛ (2) داۋراڭ سېلىپ ئۆزىنى كۈچلۈك كۆرسىتىش، مەسىلەن بەزى دۆلەتلەر ئۇرۇشنىڭ ئالدىدا ئۆزلىرىنى كۈچلۈك دەپ تەشۋىق قىلىدۇ، بەزىدە ھەربىي مانۋېر ئۆتكۈزىدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇ ئۇنىڭ ئاجىزلىقىنى بىلدۈرىدۇ. (3) ئۆزىدە بار بولغان شارائىتتىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ ئۆزىنى كۈچلۈك كۆرىستىدۇ.

30-تەدبىر تالا مۈشۈكى ئوي مۈشۈكىنى قوغلاش (反客為主, Fǎn kè wéi zhǔ)[تەھرىرلەش]

بۇ چارە ئۇزۇن مۇددەتلىك بولۇپ، ئاۋال بىر ئاماللار بىلەن رەقىبنىڭ ئىچكى قىسمىغا سىڭىپ كىرىۋېلىش، ئۇنىڭ رەھبەرلىك ئورۇنلىرىغا كىرىش، ئاندىن ئۇنى كونترول قىلىپ بۇ تەرەپ ئۈچۈن خىزمەت قىلىشنى كۆرسىتىدۇ. بەزىدە رەقىبنىڭ قۇماندانىنىڭ ئاجىزلىقىنى تۇتىۋېلىپ ئۇنىڭغا تەھدىت سېلىپ ئاستىرتىن بۇ تەرەپكە پايدىلىق ئىش قىلىشىغا مەجبۇر قىلىشنى كۆرسىتىدۇ. تالا مۈشۈكى پەردە ئارقىسىدا بۇ قۇمانداننىڭ قۇماندانى بۇلىۋېلىپ رەقىبكە چوڭ زىيان سالىدۇ. رەقىبنىڭ رەھبىرى ئۇنىڭ ئادەملىرىنىڭ قارىشىدا ئۇلار ئۈچۈن خىزمەت قىلغۇچى بولغان بىلەن، ئۇ بىر قۇرۇق جازا ، ئۇنىڭ قۇماندانى(تالا مۈشۈكى) پەردە ئارقىسىدا بولىدۇ. ئۈچ پادىشاھلىق دەۋرىدە لۇبېينىڭ سىچۇەن شاھى لىۇجاڭ غا ياردام قىلىپ كېلىپ كېيىن ھاكىمىيەتنى تارتىۋېلىشى سەل «تالا مۈشۈكىنىڭ ئۆي مۇشۇكىنى قوغلىشى» ھىسابلىنىدۇ.

6-باب: مەغلۇب جەڭ ھىلىلىرى (敗 戰 計, Bài zhàn jì)[تەھرىرلەش]

31-تەدبىر ساھىپجامال ھىلىسى (Honeypot) (美人 計, Měi rén jì)[تەھرىرلەش]

دۈشمەنگە چىرايلىق ئاياللارنى ئەۋەتىپ ئۇلارنىڭ يۇقىرى قاتلىمىدا قالايمىقانچىلىق پەيدا قىلىدۇ. رەقىب كۈچلۈك بولغاندا ئۇنىڭ قۇماندانىنى ئاجىزلىتىش ھېلىسى ئىشلىتش كېرەك. ئادەتتە قۇماندان ئەر كىشى بولىدۇ. ھەم قابىلىيەتلىك يۇقۇرى ئورۇندا ھوقۇق تۇتىۋاتقان كىشىلەرمۇ كۆپىنچە ئەر كىشى بولىدۇ. ھەم بۇ خىل كىشىلەرنىڭ كۆپىنچىسى گۇزەللەرگە ئامراق بولىدۇ ياكى ئاياللارغا قارىتا كەڭ قوساقلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىدۇ. شۇڭا ئايال كىشى ئارقىلىق بۇ قۇمانداننى ئاجىزلىتىش، قايمۇقتۇرۇش ھىلىسىنى قوللانغاندا ياكى ئۇنىڭ قوينىغا كىرىپ تۇرۇپ مەخپىيەتلىك ئالغىلى ياكى ئۇنى قەستلەپ ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن يېقىنلاشقىلى ۋە ياكى ئۇنىڭ ئەتراپىدىكىلەر بىلەن مۇناسىۋىتىنى قالايمىقانلاشتۇرغىلى بولىدۇ.
بۇ ساھىپجامالنىڭ ئۆتەيدىغان رولى ھەر خىل بولىدۇ: قۇماندانغا خوتۇنلۇققا بېرىلىپ ئۇنىڭ يېقىن ئادىمى ھىساپلىنىپ ئۇنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشكەندىن كېيىن، ئۇنىڭ قۇلى بىلەن ئۇنىڭ قول ئاستىدىكى غوللۇق كىشىلەرنى يوقۇتۇش؛ مۇھىم ئاخباراتلارنى بۇ يۇ تەرەپكە يەتكۈزۈش؛ قۇمانداننىڭ بەدەن قۇۋۋىتىنى ئاجىزلىتىش قاتارلىق ئىشلار بىلەن شۇغۇللىنىشى مۇمكىن. بەزىدە ساھىپجامالنى رەقىبنىڭ ئىچكى قىسمىغا ئىشپىيون قىلىپ كىرگۈزۈپ مەخسۇس ئاخبارات ئوغۇرلىشى مۇمكىن. بەزىدە يىراقنى كۆزلەپ رەقىبى بىلەن ياخشى ئۆتۈش ئۈچۈن قۇدا بولۇپ تېنچ ئۆتۈشى مۇمكىن. جوڭگو تارىخىدا شۇنداق ئىشلارنىڭ بولغانلىقى سۆزلىنىدۇ. بەزىدە ساھىپجامال ئۆزىنى قۇربان قىلىش بەدىلىگە رەقىبنىڭ ئەڭ ئالىي رەھبىرىنى يۇقىتىشىم مۇمكىن.” ئاتتىلا” دەيدىغان بىر كىنو فىلىمى بولىدىغان، ئاتتىلا ئىنتايىن باتۇر ھەم ئىنتايىن قابىلىيەتلىك قۇماندان بولۇپ ئۇنىڭغا ھېچكىم تەڭ كېلەلمىگەندە، ساھىپجامال ھىلىسى بىلەن ئۇنى ئۆلتۈرگەن بىر ۋەقە بايان قىلىنىدۇ. 1-دۇنيا ئۇرۇش مەزگىلىدە داڭلىق بىر ئايال جاسۇس گېرمانىيە بىلەن فىرانسىيە ئوتتۇرىىسدا جاسۇسلۇق خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان. شۇ چاغدا ئۇنى يارۇپالىقلار بىر ئارمىيەگە تەڭ تۇرالايدۇ دەپ قارىغانكەن.

32-تەدبىر قۇرۇق شەھەر ھىلىسى (空城 計, Kōng chéng jì)[تەھرىرلەش]

بۇ بىرخىل پىسخىكا ئۇرۇش تاكىتكىسى بولۇپ، شەھەرنى مۇداپىيە قىلىپ قوغداپ قېلىشقا كۈچ يېتەرلىك بولمىغاندا قەستەن شەھەرنى قوغدىمىغان ھالەتنى شەكىللەندۈرۈپ، دۈشمەنگە شەھەرنى ھېچ كىشى قوغدىمىغان قىياپەتنى كۆرسىتىپ قويۇلىدۇ. بۇ چاغدا دۈشمەن گۇمانغا چۈشىدۇ، چۈنكى شەھەرنى قوغداش ئەقىلغا مۇۋاپىق ئىش . ئەمما شەھەرنى قوغدىمىغان قىياپەتنى كۆرسەتكەندە، دۈشمەن تېخىمۇ ئېھتىياتچان بولۇپ كېتىدۇ. چۈنكى بۆكتۈرمە قويۇپ شەھەرگە كىرىشىمىزنى كۈتىۋاتقان گەپ دىگەن گۇمان پەيدا بولىدۇ. “ئۆگزىگە چىقىرىپ شۇتىنى ئېلىۋېتىش” ، ياكى “ئىشىكنى تاقاپ ئوغرىنى تۇتۇش” ھىلىسىنى ئىشلىتىۋاتقان بولسا كېرەك دىگەن گۇمان بىلەن شەھەرگە ئالدىراپ كىرىشكە پىتىنالماي تۇرۇپ قالىدۇ. بۇ ھىلىدە دۈشمەن تەرەپ قۇماندانىنىڭ پىسخىكىسىنى ۋە مىجەز خاراكتىرىنى بىلىش مۇھىم. قۇماندان گۇمانخور بولسا بۇ قىلتاققا ئاسان چۈشىدۇ. بۇ ھىلە پەقەت دۈشمەننى ۋاقىتلىق تۇتۇپ تۇرۇشقا ئىشلىتىلىدۇ. بۇ تەدبىرنىڭ ئىككى خىل شەكلى بولىدۇ: (1) ئەسلىدىلا ئاجىز كۈچسىز بولۇپ ئۆزىنى تېخىمۇ ئاجىز قىلىپ كۆرسىتىلسە دۈشمەن تەرەپ بۆكتۈرمىگە ئۇچراش خەۋپىدىن قورقۇپ، ياكى ئىشىكنى تاقاپ ئوغرى تۇتۇش، ياكى ئۆگزىگە چىقىرىپ قويۇپ شۇتىنى تارتىۋېتىش قىلتىقىغا چۈشۈپ قېلىشتىن قورقۇپ ھۇجۇم قىلىشتىن يانىدۇ؛ (2)ئەسلىدە كۈچلۈك بولۇپ، ئۆزىنى ئاجىز كۆرسىتىپ دۈشمەننىڭ كىرىشىنى كۈتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بۆكتۈرمە قويۇپ تۇيۇقسىز زەربە بېرىپ غەلىبىنى قولغا كەلتۈرىدۇ. بۇ تەدبىرگە جۇگېلىياڭنىڭ ياڭپىڭ شەھىرىنى ئون مىڭ كىشىلىك قوشۇن بىلەن قوغداپ قالغان ئىشى مىسال بولىدۇ. جۇگېلىياڭ ۋېييەننى چوڭ قوشۇنغا باش قىلىپ ئالدىنقى سەپكە ئەۋەتىۋەتكەندە ۋېي قوشۇنى ئىككى يۈزمىڭ كىشىلىك زور قوشۇننى باشلاپ ياڭپىڭ شەھىرىگە كېلىپ قالىدۇ. جۇگېلىياڭ باشقا يەردىن قوشۇننى قايتۇرۇپ كېلىشكە ئۈلگۈرەلىشى مۇمكىن ئەمەس. شۇنىڭ بىلەن شەھەرنى قۇرۇق قالدۇرۇش ھىلىسىنى قوللىنىدۇ. شەھەرنىڭ ھەممە قوۋۇقىنى چوڭ ئېچىۋېتىپ قېرى كىشىلەرنى دەرۋازا ئالدىنى تازىلاشقا سېلىپ قويۇپ، ئۆزى شەھەر سېپىلىنىڭ ئۈستىگە چىقىپ ساز چېلىپ ناھايىتى خاتىرجەم ئىكەنلىكىنى نامايەن قىلىپ ئولتۇرىدۇ. گۇمانخور سىما جۇگېلىياڭنىڭ بۇ ھالىتىگە قاراپ چوقۇم بىر ھىلە بار، بەلكىم بىزنى ئالداپ شەھەرگە كىرگۈزمەكچى، شۇڭا ئېھتىياتھان بولۇپ چېكىنىپ تۇرايلى دەپ شەھەرگە كىرىشكە پېتىنالمايدۇ. كېيىن سىما بۇ شەھەردە راستىنلا كۈچلۈك قوشۇن يوق ئىكەنلىكىدىن خەۋەر تاپقان بولسىمۇ پۇشايمان قىلىشتىن باشقا ئامال قالمايدۇ، ئۇ چاغدا كۈچلۈك قوشۇن ئاللىقاچان شەھەرگە قايتىپ كەلگەن ئىدى. ئۆگىزگە چىقىرىپ شۇتىنى ئېلىۋېتىش بىلەن، شەھەرنى بوش قالدۇرۇش ھىلىسى قارىمۇ-قارشى بولۇپ، بىرىدە ئالداپ كىرگۈزسە ، يەنە بىرىدە قورقۇتۇپ كىرىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. دۈشمەن تەرەپ بۇ ھىلىنىڭ قايسىسىغا چۈشىشىنى بىلەلمەي قېلىپ قىلتاققا دەسسەپ قالىدۇ. شۇڭا ئالدىنقىسىدا دۈشمەننىڭ ئۆگىزىگە چىقىشىغا جۈرئەت قىلىشىنى قولغا كەلتۈرسە، كېيىنكىسىدە شەھەرگە كىرىشكە پېتىنالماسلىقىنى قولغا كەلتۈرۈش لازىم بولىدۇ. بۇ ھىلىلەرنىڭ ھالقىلىق يېرى شۇ يەردە.

33-تەدبىر ئارىنى بۇزۇش ھىلىسى (反 間 計, Fǎn jiàn jì)[تەھرىرلەش]

بۇ ئەسلىدە دۈشمەننىڭ جاسۇسىدىن ئەپچىللىك پايدىلىنىپ بۇ تەرەپ ئۈچۈن ئىشلىتىش ھىلىسى. بۇنىڭدا دۈشمەننىڭ جاسۇسىنى بايقاپ قالغاندىن كېيىن، ئۇنى تۇتماي، ھەم ئۇنىڭغا سەزدۈرمەي، بۇ تەرەپنىڭ يالغان ئاخباراتىنى ئۇنىڭغا راستتەك بىلىندۈرۈپ (ئۇ مۇھىم ئاخباراتنى ئوغۇرلىدىم دەپ يالغان ئاخباراتنى ئوغۇرلايدۇ )دۈشمەن تەرەپكە يالغان مەلۇماتنى تارست دەپ يەتكۈزىشىنى كۆرسىتىدۇ. جاسۇسدىن پايدىلىنشنىڭ بەش خىل شەكلى بولىدۇ: (1) دۈشمەن تەرەپنىڭ يەرلىك ئادىمىنى جاسۇسلۇققا سلېىش؛ (2) دۈشمەن ئىچىدىن ئادەم سېتىۋېلىپ جاساسلۇققا سېلىش؛ (3) دۈشمەن تەرەپ جاسۇسلۇققا ئەۋەتكەن ئادىمىنى سېتۋېلىپ ياكى ئەپچىللىك بىلەن ئۇنىڭ بۇ تەرەپ ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇش؛ (4) دۈشمەن تەرەپنىڭ جاسۇسىغا قەستەن يالغان ئاخبارات بىلەن تەمىنلەپ دۈشمەن تەرەپكە يەتكۈزۈش، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار بۇنىڭ يالغان ئىكەنلىكىنى بىلگەندىن كېيىن بۇ جاسۇسنى ئۆلتۈرىدۇ؛ (5) بېرىپ كېلىش قۇلايلىق بولغان كىشىنى دۈشمەننىڭ ئىچكى ئەھۋالىنى رازۋىتكا قىلىپ كېلىشكە ئەۋەتىپ ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى ئىگەللەش. بۇلارنىڭ ئىچىدە دۈشمەننىڭ جاسۇسىدىن ئەپچىللىك بىلەن پايدىلىنىش مۇھىم. جاسۇسنى بايقاپ قالغاندىن كېيىن ئۇنى يۇقۇرى پايدا بېرىپ سېتىۋېلىپ ياكى ئۇنىڭغا ئۇقتۇرماي ساختا مەلۇماتنى ئۇ ئارقىلىق دۈشمەن تەرەپكە يەتكۈزۈپ، دۈشمەن تەرەپنىڭ ئىچكى قىسمىدا بۆلگۈنچۋىلىك پەيدا قىلىش. جاسۇسنى سېتىۋېلىشمۇ دۈشمەن تەرەپكە بۆلگۈنچىلىك سالغانلىق بولىدۇ؛ ئۇنى سېتىۋالماي، ھەم ئۇنىڭغا ئۇجتۇرماي ئۇ ئارقىلىق ساختا ئاخبارات يەتكۈزۈلسىمۇ، كېيىن ئۇ بۇ جاسۇسنى ئۆلتۈرىدۇ. بۇ ھىلىنىڭ يەنە بىر شەكلى بولسا، دۈشمەننىڭ ئىچكى قىسمىغا كىرىپ ئۇلارنىڭ ئىتتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىپ، ئۇلارنىڭ كۈچىنى ئاجىزلىتىپ ئۇلارنى يوقۇتۇشقا پايدىلىق شارائىت ھازىرلاش. ئارىنى بۇزۇش ئۇسۇللىرى: (1) ئىغۋا تارقىتىش؛ (2) ئۇقۇشماسلىق پەيدا قىلىش؛ (3) ئەسلىدە بار بولغان ئىچكى زىددىيەتلىرىنى ئۇلغايتىش؛ (4) بىرىنى تارتىپ يەنە بىرىنى ئۇرۇش. ئارىنى بۇزۇش ھىلىسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا ئەقىل -پاراسەت لازىم بولىدۇ. بۇ ھىلە يالغاندىن ئۇلار بىلەن دوستلىرى ، ئىتتىپاقداشلىرى ، مەسلىھەتچىلىرى ، ئائىلىسى ، قوماندانلىرى ، ئەسكەرلىرى ۋە نوپۇسى ئوتتۇرىسىدا مەخپىي ئىختىلاپ پەيدا قىلىپ ، دۈشمەننىڭ ئۇرۇش قىلىش ئىقتىدارىنى ئاجىزلاشتۇرۇشتا پەۋقۇلاددە رول ئوينايدۇ. ئۇلار ئىچكى تالاش-تارتىشلارنى ھەل قىلىش بىلەن ئالدىراش بولسىمۇ ، ئەمما ئۇلارنىڭ ھۇجۇم قىلىش ياكى مۇداپىئە قىلىش ئىقتىدارى زىيانغا ئۇچرايدۇ.

34-تەدبىر شىراق ھىلىسى (苦肉計, Kǔ ròu jì)[تەھرىرلەش]

بۇ ھىە شىراقنىڭ پادىشاھتىن ئۆىنى مېيىپ قىلىشىنى تەلەپ قىلىپ ، ئارقىدىن دۈشمەن قوشۇنىغا پادىشاھ مېنى پادىشاھ مېيىپ قىلدى مەن سىلەرگە ئىشلەپ ئۆچ ئالاي دەپ دۈشمەننىڭ ئىشەنچىسىگە ئېىشىپ ، دۈشمەنگە يول باشلىغان بولۇپ ئۇلارنى ئايىقى چىقماس يولغا باشلاپ نابۇت قىلغانلىقىنى ئەسلىتىدۇ. بۇ ھىلە ئۆزىنى يارىلاندۇرۇپ راست ئارقىلىق يالغاننى پەردازلايدۇ، يەنى يارىلانغىنى راست، ئەمما ئۆز ئادىمى تەرپىدىن راستىنلا زىيانكەشلىككە ئۈچرىغىنى يالغان. بۇ ھىلىدە، دۈشمەنگە بۇ تەرەپتە ئىچكى زىددىيەت كەسكىنلىشىپ ئۆز-ئارا دۈشمەنلەشكەندەك تەسىر بېرىپ ، بىر تەرەپنىڭ دۈشمەنلىك قىلغانلىقىغا دۈشمەننى ئىشەندۈرۈپ، دۈشمەننىڭ ئىچكى قىسمىغا ئەپچىللىك بىلەن كىرىپ جاسۇسلۇق قىلىدۇ. شۇ مەقسەتكە يېتىش ئۈچۈن بۇ تەرەپتىكىلەر تەرىپىدىن يارىلاندۇرۇلۇپ ياكى ئۆزىنى ئۆزى يارىلاندۇرۇپ ، زىيانكەشلىك قىلىنغانلىقىغا قارىتا دۈشمەننى ئىشەندۈرىدۇ. يەنى ئۆزىگە زىيانكەشلىك قىلىش بەدىلىگە دۈشمەننىڭ ئىشەنچىسىنى قولغا كەلتۈرىدۇ. بۇ ھىلىنىڭ شەكىللىرى: (1) دۈشمەننى ئالداپ ئۇنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشىش؛ ئۆزىنى ئېغىر يارىلاندۇرۇپ، ھەم بىچارە قىياپەتتنى شەكىللەندۈرۈپ، دۈشمەننىڭ ھىسداشلىقى ۋە ئىشەنچىسىگە ئېرىشىش؛ (2) دۈشمەننىڭ ئىچكى قىسمىغا كىرىپ ئارىنى بۇزۇش؛ ئۆزىگە زىيانكەشلىك قىلىپ دۈشمەننىڭ ئىچكى قىسمىغا كىرىۋالغاندىن كېيىن ئاستىرتىن ئارىنى بۇزۇش بىلەن شۇغۇللىنىش؛ (3) دۈشمەننى قەستەن قىسمەن ياكى ۋاقىتلىق غەلىبە قىلدۇرۇپ، بۇ تەرەپنىڭ لەشكەرلىرىنىڭ جان تىكىپ جەڭ قىلىشىنى قولغا كەلتۈرۈش؛ (4) ئاۋال ئۆزىنى مەلۇم دەرىجىدە قۇربان قىلىپ تۇرۇپ، دەسمايىغا ئېرىشكەندىن كېيىن تېخىمۇ چوڭ غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈش؛ (5) ئۆزىنى يۇشۇرۇن يارىلاندۇرۇپ، ئېغىر يارىلانغاندەك پەردازلىنىپ ئاندىن باشقىلارنىڭ ئەدىۋىنى بېرىش؛

35-تەدبىر زەنجىرسىمان ھىلە (連環 計, Lián huán jì)[تەھرىرلەش]

مۇھىم ئىشلاردا ، بىر قاتار ھىلىنى بىرلا ۋاقىتتا زەنجىرىگە ئوخشاش چېتىپ تۇرۇپ ئىشلىتىش كېرەك. ئوخشىمىغان پىلانلارنى ئومۇمىي پىلاندا ئىجرا قىلىشنى، بارلىق تەدبىر ھىلىلەرنى بىرلا ۋاقىتتا ماسلاشتۇرۇپ ئىشلىتىىشنى ئەگەر بىرەر ئىستراتېگىيىلىك مەغلۇپ بولسا ، كېيىنكى ئىستراتېگىيىنى قوللىنىشنى كۆرستىدۇ.
مەسىلەن «زەنجىرسىمان ھىلە» نى دۈشمەنگە ئىشلەتكەندە: «قازاننىڭ ئوتىنى تارتۋېتىش ھىلىسى»، «شەكىلنى قالدۇرۇپ مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىۋېتىش ھىلىسى» بىلەن دۈشمەننىڭ ھەقىقى تۇغرا ئۇچۇرغا ئېرىشىشىەە تۇسقۇنلۇق قىلىش، «ئارىنى بۇزۇش ھىلىسى» بىلەن دۈشمەننىڭ بىرلىكىنى، ئۇيۇيۇش كۈچىنى ئاجىزلىتىش، ھەم “باشقىلارنىڭ قۇلى بىلەن جايلاش” ھىلىسى بىلەن ھەقىقى دۈشمىنىنى باشقىلارنى قولى ئارقىلىق يوقۇتۇش، «ئارىنى بۇزۇش» ھىلىسى ئارقىلىق دۈشمەننىڭ ئىچكى زىددىيىتىنى كۈچلەندۈرۈپ «ئۆزىنى دەم ئالدۇرۇپ رەقىبىنى چارچىتىش»، بەزى پۇرسەتلەردە «ئېغىزىدا كۈلكە، قوينىدا بەكە» ھىلىسى بىلەن «ئازراق بەدەل تۆلەپ تېخىمۇ چوڭ پايدىغا ئېرىشىش»، دۈشمەنلىك نىيتى بار كىشىلەرنى “چۆپنى ئۇرۇپ يىلاننى ئۆركۈتۈش” ھىلىسى بىلەن قېزىپ چىقىرىپ يوقۇتۇش، بەزى رايونلاردا “تۇتۇش ئۈچۈن ئارقاننى ئۇزۇن قويىۋېتىش” ھىلىسى بىلەن دۈشمەننى بىخۇتلاشتۇرۇش، “ئوغرىنى تۇتساڭ چوڭنى تۇت” تەدبىرى بىلەن دۈشمەن ئارىسىدا داڭلىق ئالىم بولغان كىشىلەرنى كونترول قىلىش، پارچىلانغان دۈشمەن ئارىسىدا بىر قىسىملار بىلەن دىپلوماتىيە ئورنىتىپ بىر قىسىملارنى يېتىم قالدۇرۇپ ئۇرۇش ، بەزى دۈشمەن رايونلىرىدا ھوقۇقدارلارنى پەردە ئارقىسىدا باشقۇرۇپ «مېھمان خۇجايىن بولىۋېلىش» قاتارلىق ھىلىلەرنىڭ ھەممىسىنى تەڭ دىگۇدەك ئىشلىتىپ، دۈشمەننى ئەڭ ئاجىز ھالەتكە كەلتۈرۈش دىگەنلەرنى بىرلا ۋاقىتتا ئىشلىتىشنى كۆرسىتىدۇ.

36 -تەدبىر قېچىش ھەممىدىن ئەلا (走 為 上策, Zǒu wéi shàng cè)[تەھرىرلەش]

ئۈزۈل كېسىل مەغلۇپ بولغاندا «36 چارىدىن قاچماق تۈزۈك بارىدىن» دىگەن ئۇسۇل بويىچە قېچىپ كېتىپ ھاياتلىقنى ساقلاش ۋە پۇرسەت كۈتۈشنى كۆرسىتىدۇ. بىر تەرەپ مەغلۇپ بولغاندا ، تەسلىم بولۇش ، مۇرەسسە قىلىش ياكى قېچىشتىن ئىبارەت ئۈچ تاللاش قالىدۇ. تەسلىم بولۇش پۈتۈنلەي مەغلۇبىيەت ، مۇرەسسە قىلىش يېرىم مەغلۇبىيەت ، ئەمما قېچىش مەغلۇبىيەت ئەمەس. مۇھىمى ئىرادىدىن ۋاز كەچمەسلىك ، يەنىلا پۇرسەت بار.
بۇ پىلانلىق ھەم “تومۇزغىنىڭ قاسراقىنى تاشلىشى” دىگەندەك پەملەر بىلەن دۈشمەنگە مەقسەتنى سەزدۈرمەي ئېلىپ بېرىلىدۇ. “كەتكەن ئەلا ” تەدبىرىنىڭ نىشانى يەنىلا غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈشنى مەقسەت قىلغان.
  • سۈنزىنىڭ ئۇرۇش تەدبىرى
  • بەش ئۈزۈك كىتابى
  • ئۇرۇش توغرىسىدا
  • بىلىشنىڭ بۇزۇلۇشى
  • پىسخىكا ئۇرۇشى