ئودۇن يېزىقى

ئورنى Wikipedia
Jump to navigation Jump to search

ئۇدۇن يېزىقى، 4 ~ 11–ئەسىرلەردە قەدىمكى ئۇدۇن ئاھالىلىرى قوللانغان بوغۇملۇق يېزىق. ئەسلىي مەنبەسى بىراخما يېزىقىنىڭ كۆپ ھەرپلىك نۇسخىسىدۇر.

سوزۇق تاۋۇش قوشۇمچە بەلگىلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. ئۈلگە نۇسخا، يازما نۇسخا، تېز يېزىش نۇسخىسى قاتارلىق ئۈچ خىل يېزىش نۇسىخىسى بار.

ئۇدۇن يېزىقى بىلەن خاتىرىلەنگەن تىل ھىندى-ياۋرۇپا تىللىرى سىسىتېمىسىنىڭ ئىراق تىللىرى گۇرۇپپىسى شەرقىي ئىران تىلى تارمىقىنىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى تارمىقىغا مەنسۇپتۇر . نۆۋەتتە، ئىلىم ساھەسى ئۇنى ئۇدۇن ساك تىلى دەپ ئاتىماقتا. ھازىرغىچە بايقالغان ئۇدۇن ساك تىلىنىڭ ئۈچ خىل شېۋىسى بار . ئۇدۇن يېزىقىدىكى ۋەسىقلەر ئاساسەن خوتەن، مارالبېشى، كېرىيە قەدىمىي شەھىرى خارابىسى، قەشقەر كونىشەھەردىكى تۇمشۇق، دۇنخۇاڭ، تۇرپان قاتارلىق جايلاردىن تېپىلغان . ئۇدۇن يېزىقىدىكى ۋەسىقلەرنىڭ مەزمۇنى ئاساسەن بۇددا دىنىغا ئائىت ئەسەرلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ .

مەسىلەن، ‹‹ئالتۇن يارۇق››، ‹‹ساددارما پۇنتارىكا سۇترا››، ‹‹بۇددا ئېيتقان ئۆلمەسلىك سۇتراسى ›› قاتارلىقلار. بۇددا دىنىي ئەسەرلىرىگە ئائىت بولمىغان ۋەسىقىلەردىن يارلىق، مەكتۇپ، خەت-چەك، ھېسابات، تېببىي كىتاب، ئەدەبىيات، لۇغەت قاتارلىقلار بار. مەسىلەن، ‹‹سىتايول خالستوي ساقلىغان نوملار››، ‹‹يەتتە شاھزادىنىڭ ئەلچىلەر بىلەن بىرگە ئۇدۇن خانىغا مەلۇماتنامە بېرىشى››، ‹‹يەتتە شاھزادىنىڭ ئۇدۇن خانىغا مەكتۇپ يوللىشى››، ‹‹ئەلچىلەرنىڭ ئۇدۇن خانىغا قامجۇ تۈركلىرىنىڭ توپىلىڭىھەققىدە مەلۇمات سۇنۇشى››، ‹‹خەنزۇ تىلى- ئۇدۇن تىلى سۆزلۈكلىرىنىڭ سېلىشتۇرمىسى›› قاتارلىقلار .جۇڭگودا ساقلىنىۋاتقان ئاز بىر قىسىم ئۇدۇن يېزىقىدىكى ۋەسىقىلەردىن باشقا، نۆۋەتتە كۆپ ساندىكى ئۇدۇن يېزىقىدىكى قوليازمىلار ئەنگلىيە، فىرانسىيە، گېرمانىيە، رۇسىيە، شىۋېتسىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ كۇتۇپخانا ياكى مۇزېيلىرىدا ساقلانماقتا.

ئۇدۇن يېزىقىنىڭ مەنبەسى بىراخما يېزىقىنىڭ قىيپاش خەت شەكلى بولۇپ، قەدىمكى ئۇدۇن دىيارىدىكى ئاۋام خەلقنىڭ ئىشلەتكەن يېزىقىدۇر. بۇ يېزىقتا خاتىرىلەنگەن تىل بۈگۈنكىكۈندە ئۇدۇن تىلى ياكى ئۇدۇن ساك تىلى دەپ ئاتالماقتا. ئۇ ھىندى - ياۋرۇپا تىل سىستېمىسىنىڭ شەرقىي ئىران تىلى تارمىقىغا مەنسۇپ . ھازىرغىچە تېپىلغان ئۇدۇن تىلى ۋەسىقىلىرى تەخمىنەن 6–~ 10–ئەسىرگە مەنسۇپ. ئاساسلىقى بۇددا كالاملىرى، مەسىلەن، ‹‹ساددارما پۇنتارىكا سۇترا››، ‹‹سۇرەڭگەمە سامادى سۇترا ››، ‹‹ زانباستانامە ››، ‹‹ ئالتۇن يارۇق ››، ‹‹پادىشاھ ئاسۇكانىڭ تەمسىللىرى››، ‹‹سانگھراتا سۇترا›› قاتارلىقلار. دىندىن خالىي ۋەسىقىلەردىن ‹‹ئۇدۇن ئېلىگە سەپەر››، ‹‹سىتابول خالستوي ساقلىغان نوملار››، ‹‹ئۇدۇنلۇق راھىب كالاننىڭ كەشمىرىگە قىلغان سەپىرى››، ‹‹قامجۇ تۈركلىرىنىڭ پائالىيىتى››، ‹‹ئۇدۇن خانىنىڭ ساۋ يۈەنچۇڭغا يازغان مەكتۇپى››، ‹‹يەتتە شاھزادىنىڭ مەكتۇپلىرى››، ‹‹خەنزۇچە - ئۇدۇنچە سۆزلۈك لۇغىتى›› ھەمدە ‹‹خەنزۇچە - ئۇدۇنچە قوش تىللىق مەكتۇپلار›› قاتارلىقلار بار. بۇ ۋەسىقىلەر ئاساسەن خوتەن رايونى، مارالبېشىنىڭ تۇمشۇق دېگەن يېرى. تۇرپان، دۇنخۇاڭ موگاۋ غارلىرى قاتارلىق جايلاردىن قېزىۋېلىنغان، تۇمشۇقتىن تېپىلىغىنى ئەڭ بۇرۇنقى مەزگىللەرگە تەۋە ۋەسىقىلەردۇر. بۇلار خوتەن رايونىنىڭ بۇددا دىنىنى ھەمدە شىنجاڭنىڭ بۇددا دىنى تارىخى، بۇددا نوملىرىنىڭ تارقىلىش تارىخى، ئۇدۇن تارىخى ۋە شىنجاڭنىڭ قەدىمكى تارىخىنى تەتقىق قىلىشتىكى مۇھىم ماتېرىياللاردۇر. بولۇپمۇ دىندىن خالىي ھېساباتلىرى، مەخپىي ھۆججەتلىرى، ئەرزنامىلەر، تېبابەتچىلىككە دائىر ماتېرىياللار بولۇپ، مۇھىم قىممەتكە ئىگە. 11-ئەسىرىنىڭ دەسلىپىدە ئۇدۇن ئېلى ماتېرىياللار قاراخانىيلار سۇلالىسى تەرىپىدىن يوقىتىلغان، ئۇدۇن تىلىمۇ تەدرىجىي يوقالغان. تېپىلغان خېلى كۆپ ۋەسىقىلەر 20-ئەسىرنىڭ باشلىرى چەت ئەللەرگە ئېلىپ كېتىلگەن. ئاساسلىقى پارىژ، لوندون، پېتىربۇرگ، سىتوكھولىم، كىيوتو، چىكاگو قاتارلىق جايلاردا ساقلانماقتا. دۆلىتىمىزدە شىنجاڭئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مۇزېي، خوتەن ۋىلايەتلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى باشقۇرۇش ئورنىدا پەقەت ئاز ساندىكىلىرىلا ساقلىنىۋاتىدۇ. بۇ يېقىنقى يىللاردا قېزىۋېلىنغان يېڭى ماتېرىياللاردۇر.