ئوردا تۆشۈكى ئويۇنى

ئورنى Wikipedia

ئوردا تۆشۈكى جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ بىر قىسىم جايلىرىدا، بولۇپمۇ خوتەن ۋىلايىتى تەۋەسىدە كەڭ ئومۇملاشقان ئەنئەنىۋى ئويۇنلارنىڭ بىرى. ئۇيغۇر مىللىتى مەملىكىتىمىزدىكى باشقا مىللەتلەرگە ئوخشاش ئۇزاق يىللىق تارىخىي تەرەققىياتلار جەريانىدا ئۆزلىرى ياشىغان شارائىتقا ماس كېلىدىغان مىللىي ئالاھىدىلىككە ئىگە ۋە مىللىي ئۇسلۇبقا ئىگە بولغان نۇرغۇن ئويۇن تۈرلىرىنى ئىجاد قىلغان. بۇ ئويۇنلارنىڭ كۆپلىرى ئەۋلادتىن - ئەۋلادقا مىراس بولۇپ تا ھازىرغا قەدەر ئۈزۈلۈپ قالماي ئوينىلىپ كەلمەكتە. لېكىن، بەزىلىرى دەۋرنىڭ ئۆتۈشى، زاماننىڭ تەرەققىي قىلىشى، ئېلېكترونلۇق ئويۇنچۇقلار تەرىپىدىن شاللىنىشى تۈپەيلىدىن ئوينىلىشتىن قالدى. ئوردا تۆشۈكى ئويۇنى يېقىنقى ۋاقىتلارغىچە ئوينالغان بولسىمۇ، ھازىر يوقاپ كېتىش ھالىتىگە كېلىپ قالدى. مانا مۇشۇ خىلدىكى ئويۇنلارنى قايتا ئەسلىگە كەلتۈرۈپ ۋە ئويناشقا دەۋەت قىلىشىمىزغا، بۇ ئەتىۋارلىق مىراسلارنى قۇتۇلدۇرۇپ قېلىشىمىزغا توغرا كېلىۋاتىدۇ. ئويناش ئۇسۇلى: توپ، مەيدان ۋە ئادەم. توپ: ئادەتتىكى خام يىپنى يۆگەپ ئالمىدەك چوڭلۇقتا چىرايلىق توپ قىلىپ ياسايمىز، مۇسابىقىگە مەيلى قانچە ئادەم چۈشسۇن، پەقەت بىر توپ بولسىلا بولىدۇ. مەيدان ۋە ئادەم: مۇسابىقىلىشىشتە ئادەم سانى چەكلەنمەيدۇ. ئويۇنغا قاتناشقان ئادەم قانچە بولسا شۇنچە ئورەك كولىنىدۇ. ئورەكلەر ئاتقان توپ بىمالال چۈشكىدەك، ئارىلىقلىرى يېقىن - يېقىن قىلىپ كولىنىدۇ، كولانغان ئورەكلەردىن بىر دۈگىلەك ھاسىل قىلىنىدۇ. كولانغان ئورەكلەر ئوتتۇرىسىدا چوڭراق بولغان ئىگىسىز ئوردا تۆشىكى بولىدۇ. ئويناش ئۇسۇلى: توپ ئېتىش ئارىلىقى بەش مېتىر بولۇپ، مۇسابىقىگە چۈشكۈچىلەر بىر يەرگە يىغىلغاندىن كېيىن، چەك تاشلاش ياكى باشقا ئۇسۇللار ئارقىلىق ئورەكلەرگە توپ تاشلىغۇچى بەلگىلىنىپ، بەلگىلەنگەن ئارىلىقتىن ئوتتۇرىدىكى ئوردا تۆشۈكىگە توپ تاشلايدۇ. ئەگەر تاشلانغان توپ ئوردا تۆشۈكىگە چۈشمەي ئۆزىنىڭ تۆشۈكىگە چۈشۈپ قالسا ياكى ھېچقايسى ئورەككە چۈشمىسە ئۇ ھالدا يەنىلا شۇ كىشى توپ تاشلايدۇ. ئەگەر تاشلانغان توپ باشقىلارنىڭ ئورىكىگە چۈشۈپ قالسا، توپ تاشلاش نۆۋىتى توپ چۈشكەن ئورەك ئىگىسىگە ئۆتىدۇ. ئەگەر تاشلانغان توپ ئوردا تۆشۈكىگە چۈشۈپ قالسا، ئۇ ھالدا توپ تاشلىغان كىشى توپنى دەرھال تۆشۈكتىن ئېلىپ باشقىلارنى قوغلاپ، ئاندىن بېكىتىلگەن قېچىش پەللىسىگە قەدەر قوغلاپ تۇتۇۋالالمىسا، توپنى يەنىلا شۇ كىشى تاشلايدۇ. ئەگەر ئوردا تۆشۈكىگە توپ چۈشۈرگەن كىشى قېچىش پەللىسىگە قاراپ يۈگۈرگۈچىنى توپ بىلەن ئۇرۇۋالسا ۋە ئۇرۇلغۇچى كىشى توپ بىلەن ئۇرۇۋالغۇچى كىشىنى قايتىدىن قېچىش پەللىسىگىچە بولغان ئارىلىقتا يەنە قايتۇرۇپ ئۇرۇۋالسا، ئۇ ھالدا توپنى يەنىلا توپنى باشتا تاشلىغۇچى تاشلايدۇ. قېچىش پەللىسى ئوردا تۆشۈكىدىن 30 - 40 مېتىر يىراقلىقتا بولسا بولىدۇ. ئويۇن شۇ تەرىقىدە قانچە ئۇزۇن داۋاملاشسا بولىۋېرىدۇ"[1]

مەنبەلەر[تەھرىرلەش]