ئوسمانجان ساۋۇت

ئورنى Wikipedia

شائىر ئوسمانجان ساۋۇت 1945 - يىلى 26 - ئۆكتەبىر ماناس ناھىيىسىدىكى بىر موزدۇز ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. 1961 - يىلى ساۋەن ناھىيىلىك 1 - ئوتتۇرا مەكتەپنى تاماملىغاندىن كېيىن، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئەدەبىيات فاكۇلتېتىغا قوبۇل قىلىنىپ، 1966 - يىلى ئوقۇش پۈتتۈرگەن. 1968 - يىلىغا كەلگەندە، قۇمۇل ۋىلايىتىگە خىزمەتكە تەقسىم قىلىنىپ، قۇمۇلنىڭ ليۇ شۇچۈەن دېھقانچىلىق مەيدانىدا ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان. 1974 - يىلى ساۋەن ناھىيىسىگە يۆتكىلىپ كەلگەندىن كېيىن ئىلگىرى - ئاخىر بولۇپ ناھىيىلىك 1 - ئوتتۇرا مەكتەپ، 2 - ئوتتۇرا مەكتەپ، 3 - ئوتتۇرا مەكتەپ ۋە ساۋەن ناھىيىلىك پېداگوگىكا مەكتىپىدە ئوقۇتقۇچى، ئىلمىي مۇدىر بولۇپ ئىشلىگەن. 1981 - يىلى بېيجىڭدىكى لۇشۈن ئەدەبىيات ئىنىستىتۇتىدا ئوقۇغان. 1986 - يىلى 7 - ئايدا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق ئەدەبىيات - سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىگە يۆتكىلىپ كېلىپ، ئاۋۋال «كۆۋرۈك» ژۇرنىلىدا، كېيىن «تارىم» ژۇرنىلىدا مۇھەررىرلىك قىلغان.

ئوسمانجان ساۋۇت ئىجادىيىتى 1960 - يىللارنىڭ باشلىرىدا يازغان «ياڭرا، ئەجرىم» ناملىق شېئىرى بىلەن باشلانغان. ھازىرغىچە ئۇ مىڭ پارچىدىن كۆپرەك شېئىر يازدى. «ئالمىدەك يۈرەكتە ئالەمچە سۆيگۈ»، «تاڭ لىرىكىلىرى»، «تەڭرىتاغ شاماللىرى»، «تۈن تىۋىشلىرى»، «تاڭلار بىلەن سۆزلىشىش»، «گۈللەر سۆزلەيدۇ» ناملىق ئالتە پارچە توپلىمى نەشر قىلىندى.

ئوسمانجان ساۋۇت ئەدەبىي تەرجىمە ساھەسىدىمۇ كۆرۈنەرلىك خىزمەتلەرنى ئىشلىدى. ئۇ ھازىرغىچە «كۈلگۈلۈكمۇ، يىغلىغۇلۇقمۇ»، «مەڭگۈلۈك قانۇنىيەت» قاتارلىق خەنزۇ ۋە قازاق تىلىدىكى بىر نەچچە روماننى، سېرگىي يېسىنىن، ئاباي قاتارلىق چەت ئەل شائىرلىرىنىڭ يۈز پارچىدىن ئارتۇق شېئىرلىرىنى، شۇنداقلا ئەدەبىي - سەنئەت نەزەرىيىسىگە ئائىت ماقالە - ئوبزورلاردىن نەچچە ئون پارچىنى ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىپ ئوقۇرمەنلەر بىلەن يۈز كۆرۈشتۈردى.