ئوسما يۇپۇرمىقى

ئورنى Wikipedia

ئوسما يۇپۇرمىقى بولسا  ئۆسۈملۈك ئوسما بولۇپ، بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ يوپۇرمىقى ئوسما يوپۇرمىقى نامىدا دورىغا ئىشلىتىلىدۇ. ئىچنى قاتۇرۇش، قورۇش، ماددىلارنى تارقىتىش، چاچ ئۆستۈرۈش، چاچ قارايتىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە. ئۇيغۇر قىزلىرى ئادەتتە ئوسما يوپۇرمىقىنى سىقىپ سۈيىدە قېشنى بۇيايدۇ. بۇ بىر خىل تارىخى ئۇزۇن رېتىسىپ.

ئۇيغۇرچە نامى ئوسما يۇپۇرمىقى
ئەرەبچە نامى كوتىم
ئىنگلىزچە lndigowoad leaf
شەكلى رەڭگى يېشىل، ئازراق پۇراقلىق
تەبىئىتى ئىككىنچى دەرىجىدە قۇرۇق ئىسسىق
خەنزۇچە ئاتىلىشى 大青叶
پارسچە نامى ۋۇسىمە
ئوردۇچە نامى نيىل، كارى ميندى
تەمى تەمى ئاچچىق كېلىدۇ

ھەققىدە[تەھرىرلەش]

ئوسما يۇپۇرمىقى بولسا  كرېست گۈللۈكلەر ئائىلىسىدىكى ئىككى يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك ئوسما بولۇپ، بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ يوپۇرمىقى ئوسما يوپۇرمىقى نامىدا دورىغا ئىشلىتىلىدۇ. رەڭگى يېشىل،  ئازراق پۇراقلىق ، تەمى ئاچچىق كېلىدۇ،ياز ۋە كۈز پەسلىدەيىغىۋېلىنىدۇ. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايوننىڭ ھەممە جايلىرىدىن چىقىدۇ.

خۇسۇسىيىتى[تەھرىرلەش]

چاچنى قۇۋۋەتلەش، پارقىتىرىش، ئىچنى قاتۇرۇش، قورۇش، ماددىلارنى تارقىتىش، چاچ ئۆستۈرۈش، چاچ قارايتىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.

خاس تەسىرى[تەھرىرلەش]

بەدەندىكى تۈكلەرنى ئوزۇقلاندۇرۇش، چاچ ۋە تۈك يىلتىزىنى چىڭىتىش، قۇۋۋەتلەش .

ئەكىس تەسىرى[تەھرىرلەش]

ئاشقازاننى سوۋۇتىۋېتىدۇ، مېڭىگە زىيانلىق تەسىرى بار.

فارماكولوگىيلىك تەسىرى[تەھرىرلەش]

1. ئوسما يوپۇرمىقى ئوسما قايناتمىسى 0.7pH بولغاندا ئالتۇن رەڭلىك ئۈزۈمسىمان شارچە باكتېرىيىگە نىسبەتەن كۈچلۈك تورمۇزلاش رولىغا ئىگە. چوڭ ئۈچەي تاياقچە باكتېرىيىسى، تولغاق تاياقچە باكتېرىيىسىگە نىسبەتەن مەلۇم تەسىرى بار. ئۈچەي كېزىكى تاياقچە باكتېرىيىسىگە نىسبەتەن تەسىرى يوق.

2. ئوسما يوپۇرمىقىنىڭ چوڭ ئۈچەي تاياقچە باكتېرىيىسى ئىچكى توكسىنغا نىسبەتەن قارشى تۇرۇش رولى بار.

3. ياللۇغ قايتۇرۇش رولى بار.

4. كىچىك چاشقاننىڭ قورساق بوشلۇقى چوڭ يۇتقۇنچاق ھۈجەيرىسىنىڭ يۇتۇش ئىقتىدارىنى كۆتۈرىدۇ.

5. ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرۇش رولى بار.

تەركىبى[تەھرىرلەش]

بۇنـىڭـدا ئوسما گلىكوزىدى (Isalab)، گلـىكوبـراسـسـىـن(Glucobrassicin) قاتارلىقلار بار.

ئىشلىتىش ئۇسۇلى[تەھرىرلەش]

1. ئوسما يوپۇرمىقىنى تۇز سۈيى بىلەن بىرگە باشقا سۈركىسە ياكى كۆيدۈرۈپ بۇي سالسا، بەلغەملىك باش ئاغرىقىنى توختىتىدۇ.

2. ئوسما يوپۇرمىقىنىڭ سۈيىنى ئىچسە، قەي قىلدۇرىدۇ ھەم غالجىر ئىت چىشلىۋالغاننىڭ ئاغرىقىنى يوقىتىدۇ.

3. ئوسما يىلتىزىنىڭ يېغى بىلەن چاچنى ياغلىسا، چاچ ئۆستۈرىدۇ، چاچ چۈشۈشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ، چاچنى قارايتىدۇ،

4. ئوسما يوپۇرمىقىنى يۇمشاق سوقۇپ، كۆزگە سۈرمە قىلىپ تاتسا، كۆزگە چۈشكەن سۇنى تارقىتىدۇ.

دورىلىق ئورنى:

يوپۇرمىقى د

مىقدارى:

10~1 گرام

تۈزەتكۈچىسى:

قەلەمپۇر ، پىننە

ئورۇنباسارى:

پىننە بەرگى

ۋەكىل خارەكتىرلىك پىششىق دورا ياسالمىسى:

ئوسما گۈلقەنتى، رەۋغىنى ئوسما

كېسەللىك مىسالى[تەھرىرلەش]

چاچ ئاقىرىش، چاچ چۈشۈش، قاش، كىرپىك چۈشۈپ كېتىش، گال ئاغرىقى، ئۆتكۈر قىزىتما، باش ئاغرىقى، بوۋاسىر قاتارلىق كېسەللىكلەرگە ئىشلىتىلىدۇ.