ئوشاق مۇقامى

ئورنى Wikipedia

ئوشاق مۇقامى (ئاشىقلار مەنىسىدە) جۇڭگو ئۇيغۇرلىرىدىكى چوڭ ھەجىملىك مۇزىكىلىق يۈرۈشلۈك كۈي بولغان كلاسسىك ‹‹ئون ئىككى مۇقام›› نىڭ سەككىزىنچى مۇقامى . بۇ مۇقامدا مۇھەببەتنى كۈيلەش ئاساسىي تېما قىلىنىدىغان بولۇپ ، تېكىستلارغا ئاساسىي جەھەتتىن بۇرۇنقى زاماندا ئاتاقلىق ئۇيغۇر شائىرلىرىنىڭ نەزمە شېئىرلىرى ھەمدە ئۇيغۇر خەلق قوشاقلىرى ۋە ئەل ئىچىدىكى داستان پارچىلىرى سەپلەنگەن . جۈملە–مىسرالىرى ئىنتايىن گۈزەل ، كۈچلۈك ئاھاڭدارلىققا ئىگە ؛ مۇزىكىلىرى راۋان ، ھېسىياتقا باي؛ رېتىم ئۆزگىرىشى رەڭدار ، مېلودىيىسى گۈزەل بولۇپ ، كۆرۈرمەننىڭ قەلبىنى لەرزىگە سالىدۇ ؛ ئۇسسۇللىرى كۆركەم ، جەزبىدار بولۇپ ، تەسىرلەندۈرۈش كۈچى كۈچلۈك . ئۇششاق مۇقامى ئۇيغۇرلار ئىچىدە كەڭ تارقالغان .