Jump to content

ئوغۇللارنىڭ بەرگەن ۋەدىسىگە، قىزلارنىڭ ئېنىستىگرام سۈرتىگە ئىشەنمە

ئورنى Wikipedia

"ئوغۇللارنىڭ بەرگەن ۋەدىسىگە، قىزلارنىڭ ئېنىستىگرام سۈرتىگە ئىشەنمە" يېڭى زامان ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىلى. "ئوغۇللارنىڭ بەرگەن ۋەدىسىگە، قىزلارنىڭ ئېنىستىگرام سۈرتىگە ئىشەنمە" دېگەنلىك ئوغۇللار ئەمەلگە ئاشمايدىغان ۋەدىلەر بىلەن ياش ئەخمەق قىزلارنىڭ كۆڭلىنى ئالدايدۇ، ئىشىنىشگە بولمايدۇ. قىزلار نەچچە سائەت ۋاقىت سەرىپ قىلىپ ئۇپا-ئەڭلىك بىلەن گىرىم قىلىپ، سۈرەتتىن بىرەر يۈزنى تارتىپ، بىرنى تاللاپ، پالەنى يۈز فىلتېر (گۈزەللەشتۈرش ئېففىكىت قوشقۇچىسى) ئىشلىتىپ ئاندىن ئېنىستېگرامغا يوللاپ ياش يىگىتلەرنىڭ كۆزىنى ئالدايدۇ، لېكىن ئەمەليەتتە قارايدىغان بولسا ئېنىستىگرام سۈرتى بىلەن قەتئىي ئوخشمايدۇ، شۇڭا قىزلارنىڭ ئاتالمىش ئېنىستىگرام سۈرتىگە ئىشەنمەڭ دېگەن مەنىدە. "ئوغۇللارنىڭ بەرگەن ۋەدىسىگە، قىزلارنىڭ ئېنىستىگرام سۈرتىگە ئىشەنمە" دېگەن بۇ ماقال تەمسىىلنىڭ ماھىيەتتىكى مەنىسى دەل "ھەر شەيئىنىڭ كۆرۈنگەندەك بولۇشى ناتايىن" دېگەنلىك.