Jump to content

ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيىتى نىزامى

ئورنى Wikipedia

ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيىتى نىزامى

(گوۋۇيۈەننىڭ 188-نومۇرلۇق پەرمانى 1995-يىل 12-ئاينىڭ 12-كۈنى ئېلان قىلىنغان)

بىرىنچى باب ئومۇمى قائىدە

[تەھرىر]

1-ماددا ئوقۇتقۇچىلارنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنىڭ قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن، <<جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئوقۇتقۇچىلار قانۇنى>> غا ئاساسەن بۇ نىزام تۈزۈپ چىقىلدى.

2-ماددا جۇڭگو پۇقرالىرى ھەر دەرىجىلىك ھەر خىل مەكتەپلەردە ۋە باشقا تەلىم-تەربىيە ئورگانلىرىدا مەخسۇس تەلىم-تەربىيە، ئوقۇتۇش بىلەن شۇغۇللىنىشتا، قانۇن بويىچە ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيىتىگە ئېرىشىش لازىم.

3-ماددا گوۋۇيۈەننىڭ مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرى مەملىكەت بويىچە ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيىتى خىزمىتىنى ئاساسلىق باشقۇرىدۇ.

ئىككىنچى باب ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيىتىنىڭ تۈرلىرى ۋە ئىشلىتىلىشى

[تەھرىر]

4-ماددا ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيىتى تۆۋەندىكىدەك تۈرلەرگە ئايرىلىدۇ: 1.

بالىلار باغچىسى ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيىتى.

2.باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيىتى.

3.تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ۋە تولۇقسىز كەسپى مەكتەپلەرنىڭ مەدەنىيەت دەرس، كەسپى دەرس ئوقۇتقۇچىلىرى سالاھىيىتى.

4.تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيىتى.

5.ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپى مەكتەپلەر، تېخنىك ئىشچىلار مەكتەپلىرى، كەسپى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ مەدەنىيەت دەرسى، كەسپى دەرس ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيىتى.

6.ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپى مەكتەپلەر، تېخنىك ئىشچىلار مەكتەپلىرى، كەسپى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەردىكى پىراكتىكا يېتەكچىلىرىنىڭ ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيىتى.

7.ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيىتى.

چوڭلار مائارىپى ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ سالاھىيىتى چوڭلار مائارىپ قاتلىمى بويىچە يۇقىرىقى بەلگىلىمىگە ئاساسەن تۈرلەرگە ئايرىلىدۇ.

5-ماددا ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيىتىگە ئېرىشكەن پۇقرالار شۇ دەرىجىلىك ھەم ئۇنىڭدىن تۆۋەن دەرىجىلىك ھەر خىل مەكتەپلەردە ۋە باشقا مائارىپ ئورگانلىرىدا ئوقۇتقۇچىلىق قىلىشقا بولىدۇ، ئەمما ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپى مەكتەپلەردە پىراكتىكا يېتەكچىلىكى بويىچە ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيىتىگە ئېرىشكەن پۇقرالار ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپى مەكتەپلەر، تېخنىك ئىشچىلار مەكتەپلىرى، كەسپى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەردىكى پىراكتىكا يېتەكچى ئوقۇتقۇچىلىق ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالالايدۇ.

تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيىتى بىلەن ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپى مەكتەپلەردىكى ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيىتى ئۆزئارا ئورتاق ئىشلىتىلىدۇ.

ئۈچىنچى باب ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيىتىنىڭ شەرتلىرى

[تەھرىر]

6-ماددا ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيىتىنىڭ شەرتلىرى «ئوقۇتقۇچىلار قانۇنى» نىڭ 10-ماددا 2-تارمىقىدىكى بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن ئىجرا قىلىنىدۇ.

بۇنىڭ ئىچىدىكى «تەلىم-تەربىيە، ئوقۇتۇش ئىقتىدارى» دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئۇيغۇن بولغان تەلىم-تەربىيە ئوقۇتۇش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىشتىكى بەدەن شەرتىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئىلىشى كېرەك.

7-ماددا ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيىتىگە ئېرىشىشتە ھازىرلاش زۆرۈر بولغان ئوقۇش تارىخى «ئوقۇتقۇچىلار قانۇن» نىڭ 11-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە ئىجرا قىلىنىدۇ.

ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپى مەكتەپلەردىكى پىراكتىكا يېتەكچىلىكى بويىچە ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيىتىگە ئېرىشىشتە گوۋۇيۈەننىڭ مائارىپ مەمۇرى تارماقلىرى بەلگىلىگەن ئوقۇش تارىخىنى ھازىرلاش ھەمدە ياردەمچى ئىنژېنېردىن يۇقىرى كەسپى تېخنىكا ۋەزىپىسىگە ياكى ئوتتۇرا دەرىجىلىكتىن يۇقىرى تېخنىك ئىشچى دەرىجىسىگە ئىگە بولۇشى كېرەك

تۆتىنچى باب ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيىتى ئىمتىھانى

[تەھرىر]

8-ماددا «ئوقۇتقۇچىلار قانۇن» دىكى ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيىتى بويىچە ئوقۇش تارىخى ھازىرلىمىغان پۇقرالار ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيىتىگە ئېرىشىشنى ئىلتىماس قىلىشتا دۆلەت ئۇيۇشتۇرۇش ياكى ئېتىراپ قىلىشنى ماقۇللىغان ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيىتى ئىمتىھانىغا قاتنىشىش كېرەك.

9-ماددا ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيىتى ئىمتىھاننىڭ پەن تۈرى ئۆلچىمى ۋە ئىمتىھان پىروگراممىسى گوۋۇيۈەننىڭ مائارىپ مەمۇرى تارماقلىرى تەرىپىدىن تەكشۈرۈپ بېكىتىلىدۇ.

ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيىتى ئىمتىھاننىڭ ئىمتىھان سوئاللىرى چىقىرىش ئىمتىھان ئىشلىرى خىزمىتى ۋە ئىمتىھان نەتىجىسى ئىسپاتىنى تارقىتىشتا باللار باغچىسى، باشلانغۇچ مەكتەپ، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ۋە ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپى مەكتەپلەردىكى ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيىتى ۋە ئوتتۇرا دەرىجىلىك مەكتەپلەردىكى پىراكتىكا يېتەكچىلىكى بويىچە ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيىتى ئىمتىھانىغا تەۋە بولغانلىرىنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ مائارىپ مەمۇرى تارماقلىرى تەشكىللەپ يولغا قويىدۇ.

ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيەت ئىمتىھانىغا تەۋە بولغانلىرى گوۋۇيۈەننىڭ مائارىپ مەمۇرى تارماقلىرى ياكى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك مائارىپ مەمۇرى ئورۇنلىرى ھاۋالە قىلغان ئالىي مەكتەپلەر تەشكىللەپ يولغا قويىدۇ.

10-ماددا بالىلار باغچىسى، باشلانغۇچ مەكتەپ، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ۋە ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپى مەكتەپلەردىكى پىراكتىكا يېتەكچىلىكى بويىچە ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيىتى ئىمتىھانى ھەر يىلى بىر قېتىم ئىلىپ بېرىلىدۇ.

يۇقىرىدا ئېيتىلغان ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيىتى ئىمتىھانىغا قاتنىشىپ ئىمتىھان ئىلىنغان پەنلەرنىڭ ھەممىسىدە لاياقەتلىك بولغانلارغا ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيىتى ئىمتىھانىدا لاياقەتلىك بولغانلىق ئىسپاتى بېرىلىدۇ.

شۇ يىللىق ئىمتىھاندا لاياقەتسىز بولغان پەنلەردىن كېيىنكى يىلى تولۇقلاپ ئىمتىھان بېرىشكە بولىدۇ.

تولۇقلاپ ئىمتىھان بېرىشتە يەنىلا بىر ياكى بىردىن يۇقىرى پەندىن لاياقەتسىز بولغانلار ئىمتىھان بېرىلىدىغان بارلىق پەنلەردىن ئېلىنىدىغان ئىمتىھانغا يېڭى باشتىن قاتنىشىش لازىم.

11-ماددا ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيىتى ئىمتىھانى ئېھتىياجىغا قاراپ ئېلىنىدۇ، ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيىتى ئىمتىھانىغا قاتنىشىشنى ئىلتىماس قىلغانلىرىنىڭ ئۆگىنىشتە ئالاھىدىلىكى بولۇشى ھەمدە مۇناسىۋەتلىك كەسىپتىكى ئىككى پىروفېسسور ياكى ياكى دوتسېنت تونۇشتۇرۇشى كېرەك.

بەشىنچى باب ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيىتىنىڭ ئېتىراپ قىلىنىشى

[تەھرىر]

12-ماددا «ئوقۇتقۇچىلار قانۇن» دا بەلگىلەنگەن ئوقۇش تارىخىنى ھازىرلىغان ياكى ئوقۇتقۇچىلىق لاياقەتلىك بولغان پۇقرالار مۇشۇ نىزامدىكى بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيىتىنى ئېتىراپ قىلىشنى ئىلتىماس قىلىشقا بولىدۇ.

13-ماددا بالىلار باغچىسى، باشلانغۇچ مەكتەپ، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيىتىنى ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ نوپۇسى تۇرۇشلۇق جاي ياكى ئىلتىماس قىلغۇچى ئوقۇتقۇچىلىق قىلىۋاتقان مەكتەپ تۇرۇشلۇق جايدىكى ناھىيە ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ مەمۇرى تارماقلىرى تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنىدۇ.

تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيىتىنى ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ نوپۇسى تۇرۇشلۇق جاي ياكى ئىلتىماس قىلغۇچى ئوقۇتقۇچىلىق قىلىۋاتقان مەكتەپ تۇرۇشلۇق جايدىكى ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ مائارىپ مەمۇرى تارماقلىرى تەرىپىدىن تەكشۈرۈلگەندىن كىيىن، بىر دەرىجە يۇقىرى مائارىپ مەمۇرى تارماقلىرى ئېتىراپ قىلىشىغا يوللىنىدۇ.

ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپى مەكتەپلەردىكى ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيىتى ۋە ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپى مەكتەپلەرنىڭ پىراكتىكا يېتەكچىلىكى بويىچە ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيىتىنى ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ نوپۇس تۇرۇشلۇق جاي ياكى ئىلتىماس قىلغۇچى ئوقۇتقۇچىلىق قىلىۋاتقان مەكتەپ تۇرۇشلۇق جايدىكى ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مائارىپ مەمۇرى تارماقلىرى تەرىپىدىن تەكشۈرۈلگەندىن كىيىن ئۆزىدىن بىر دەرىجە يۇقىرى مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرىنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ياكى مۇناسىۋەتلىك تارماقلارنى ئېتىراپ قىلىشقا تەشكىللەيدۇ.

گوۋۇيۈەننىڭ مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرى ياكى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرى تەرىپىدىن ھاۋالە قىلىنغان ئالىي مەكتەپلەر ئۆز مەكتىپىدە ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەن خادىملار ۋە تەكلىپ قىلىنغان خادىملارنىڭ ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيىتىنى بېكىتىشكە مەسئۇل بولىدۇ.

گوۋۇيۈەننىڭ مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرى ياكى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك مائارىپ مەمۇرى تارماقلىرى تەرىپىدىن ھاۋالە قىلىنمىغان ئالىي مەكتەپلەردىكى ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەن خادىملار ۋە تەكلىپ قىلىنماقچى بولغان خادىملارنىڭ ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيىتى مەكتەپلەرنىڭ مەمۇرىي تەۋەلىك مۇناسىۋىتى بويىچە گوۋۇيۈەننىڭ مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرى تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنىدۇ ياكى مەكتەپ تۇرۇشلۇق جايدىكى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرى تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنىدۇ.

14-ماددا ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيىتىنى ئېتىراپ قىلىشتا، شۇ كىشى ئۆزى ئىلتىماس قىلىش كېرەك.

مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرى ۋە ھاۋالە قىلىنغان ئالىي مەكتەپلەر ھەر يىلى ئەتىياز ۋە كۈز پەسلىدە ھەر قايسى بىر قېتىمدىن ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيىتىنى ئېتىراپ قىلىش ئىلتىماسىغا قاراپ چىقىشنى قوبۇل قىلىدۇ.

كونكرېت قاراپ چىقىشقا قوبۇل قىلىش مۇددىتى مائارىپ مەمۇرى تارماقلىرى ياكى ھاۋالە قىلىنغان ئالىي مەكتەپلەر تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ ھەم مۇۋاپىق شەكىلدە ئېلان قىلىنىدۇ، ئىلتىماس قىلغۇچى بەلگىلەنگەن قاراپ چىقىشقا قوبۇل قىلىش مۇددىتى ئىچىدە ئىلتىماس قىلىشى كېرەك.

15-ماددا ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيىتىنى ئېتىراپ قىلىشنى ئىلتىماس قىلىشتا، ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيىتىنى بېكىتىش ئىلتىماس جەدۋىلى ۋە تۆۋەندىكى ئىسپات ياكى ماتېرىياللارنى تاپشۇرۇشى لازىم.

1.سالاھىيەت ئىسپاتى؛

2.ئوقۇش تارىخى گۇۋاھنامىسى ياكى ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيىتى ئىمتىھان بويىچە لاياقەتلىك گۇۋاھنامىسى؛

3.مائارىپ مەمۇرى تارماقلىرى ياكى ھاۋالە قىلغان ئالىي مەكتەپلەر بەلگىلەنگەن دوختۇرخانىلارنىڭ بەدەن تەكشۈرۈش ئىسپاتى؛

4.نوپۇسى تۇرۇشلۇق جايدىكى ئاھالىلەر ئىش باشقۇرۇش ئورنى يېزىلىق خەلق ھۆكۈمىتى ياكى خىزمەت ئورنى، ئوقۇش پۈتتۈرگەن مەكتەپنىڭ ئۇنىڭ ئىدىيە-ئەخلاقى، جىنايەت ئۆتكۈزگەن، ئۆتكۈزمىگەنلىك خاتىرىسى قاتارلىق جەھەتلەردىكى باھاسى ۋە ئىسپات ماتېرىيالى.

تاپشۇرغان ئىسپاتى ياكى ماتېرىيالى تولۇق بولمىغانلارغا مائارىپ مەمۇرى تارماقلىرى ياكى ھاۋالە قىلىنغان ئالىي مەكتەپلەر ئىلتىماس قىلغۇچىغا قاراپ چىقىشقا قوبۇل قىلىش مۇددىتى ئاخىرلىشىشتىن بۇرۇن تولۇقلاپ بېرىشنى ئۆز ۋاقتىدا ئۇقتۇرۇش لازىم.

ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيىتىنى ئېتىراپ قىلىشنى ئىلتىماس قىلىش جەدۋىلى گوۋۇيۈەننىڭ مائارىپ مەمۇرى تارماقلىرى تەرىپىدىن بىر تۇتاش قېلىپلاشتۇرۇلىدۇ.

16-ماددا مائارىپ مەمۇرى تارماقلىرى ياكى ھاۋالە قىلغان ئالىي مەكتەپلەر پۇقرالارنىڭ ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيىتىنى ئېتىراپ قىلىش ئىلتىماسىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كىيىن ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ شەرتىنى تەكشۈرۈش؛ شەرتى ئېتىراپ قىلىشقا مۇۋاپىق كەلگەنلەرگە ئىلتىماسنى قوبۇل قىلىش ۋاقتى ئاخىرلاشقاندىن كېيىنكى 30 كۈن ئىچىدە مۇناسىپ ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيىتى گۇۋاھنامىسىنى تارقىتىپ بېرىش ئېتىراپ قىلىش شەرتىگە ئۇيغۇن بولمىغانلارغا قاراپ چىقىشقا قوبۇل قىلىش ۋاقتى ئاخىرلىشىپ 30 كۈن ئىچىدە ئېتىراپ قىلىش يەكۈنىنى شۇ كىشىگە ئۇقتۇرۇشى كېرەك.

غەيرىي پېداگوگىكا مەكتەپلەرنى پۈتتۈرگەن ياكى ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيىتى ئىمتىھانىدا لاياقەتلىك بولغان پۇقرالاردىن باللار باغچىسى، باشلانغۇچ مەكتەپ ياكى باشقا ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيىتى ئېتىراپ قىلىشنى ئىلتىماس قىلغانلارغا نىسبەتەن يۈزتۇرانە ئىمتىھان ئىلىپ ياكى سۆزلىتىپ، تەلىم-تەربىيە، ئوقۇتۇش ئىقتىدارىنى تەكشۈرۈش لازىم.

ئەمىلى ئەھۋالغا ۋە ئېھتىياجغا ئاساسەن مائارىپ مەمۇرى تارماقلىرى ياكى ھاۋالە قىلغان ئالىي مەكتەپلەر ئىلتىماس سۇنغۇچىغا پېداگوگىكا، پىسخولوگىيە قاتارلىق دەرسلەرنى تولۇقلاپ ئۆگىنىشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ.

ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيەت گۇۋاھنامىسى مەملىكەت دائىرىسىدە ئىشلىتىلىدۇ.

ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيىتى گۇۋاھنامىسى گوۋۇيۈەننىڭ مائارىپ مەمۇرى تارماقلىرى تەرىپىدىن بىر تۇتاش بېسىلىدۇ.

17-ماددا ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيىتى گۇۋاھنامىسىگە ئېرىشكەن پۇقرالاردىن تېخىمۇ يۇقىرى دەرىجىلىك مەكتەپلەر ياكى باشقا مائارىپ مەمۇرى تارماقلىرىنىڭ ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيىتىگە ئېرىشمەكچى بولغانلار مۇناسىپ ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيىتى ئىمتىھانىدىن ئۆتۈشى ياكى «ئوقۇتقۇچىلار قانۇن» دا بەلگىلەنگەن مۇناسىپ ئوقۇش تارىخىغا ئىگە بولۇشى ھەمدە مۇشۇ بابتىكى بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن لاياقەتلىك ئىكەنلىكى ئېتىراپ قىلىنغاندىن كىيىن مائارىپ مەمۇرى تارماقلىرى ياكى ھاۋالە قىلىنغان ئالىي مەكتەپلەر تەرىپىدىن مۇناسىپ ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيىتى گۇۋاھنامىسى تارقىتىلىشى كېرەك.

ئالتىنچى باب جازالاش پىرىنسىپى

[تەھرىر]

18-ماددا ‹‹ئوقۇتقۇچىلار قانۇنى›› نىڭ 14-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيىتىنى يوقاتقانلارنىڭ ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيىتىنى قايتىدىن قولغا كەلتۈرۈشكە بولمايدۇ.

ئۇلارنىڭ ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيىتى گۇۋاھنامىسى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ مائارىپ مەمۇرى تارماقلىرى تەرىپىدىن يىغىۋېلىنىدۇ.

19-ماددا تۆۋەندىكى ئەھۋاللاردىن بىرى بولغانلارنىڭ ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ مائارىپ مەمۇرى تارماقلىرى تەرىپىدىن ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيىتى بىكار قىلىنىدۇ.

1.ساختىلىق، ئالدامچىلىق بىلەن ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيىتىگە ئىگە بولغانلار.

2.ئەخلاقى ناچار، ئوقۇغۇچىلارنى ھاقارەتلەپ يامان تەسىر پەيدا قىلغانلار.

ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيىتىنى بىكار قىلغانلارنىڭ بىكار قىلغان كۈندىن باشلاپ بەش يىل ئىچىدە ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيىتىنى قايتىدىن ئىلتىماس قىلىشقا بولمايدۇ.

ئۇلارنىڭ ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيىتى گۇۋاھنامىسى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ مائارىپ مەمۇرى ئورۇنلىرى تەرىپىدىن يىغىۋېلىنىدۇ.

20-ماددا ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيىتى ئىمتىھانىغا قاتنىشىپ كۆچۈرمىچىلىك قىلغانلارنىڭ ئىمتىھان نەتىجىسى بىكار قىلىنىدۇ ھەمدە ئۈچ يىلغىچە ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيىتى ئىمتىھانىغا قاتناشتۇرۇلمايدۇ.

21-ماددا ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيىتى ئىمتىھانىدا سوئال چىقارغۇچى خادىملار ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك خادىملاردىن مەخپىيەتلىك بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ، ئىمتىھان سوئالى، پايدىلىنىش جاۋابى ھەم نومۇر قويۇش ئۆلچىمىنى ئاشكارىلاپ قويغانلارنىڭ مەسئۇلىيىتى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ.

22-ماددا ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيىتىنى ئېتىراپ قىلىش خىزمىتى جەريانىدا، خىزمەتكە ئېتىبارسىز قاراپ، شەخسى مەنپەئەتكە بېرىلىپ، كۆز بويامچىلىق قىلىپ ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيىتىنى ئېتىراپ قىلىش خىزمىتىگە بۇزغۇنچىلىق قىلغانلارغا مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرى تەرىپىدىن قانۇن بويىچە مەمۇرى جازا بېرىلىدۇ.

جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەرنىڭ قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتۈرۈلىدۇ.

يەتتىنچى باب قوشۇمچە قائىدە

[تەھرىر]

23-ماددا بۇ نىزام ئېلان قىلىنغان كۈندىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.

مەنبەلەر

[تەھرىر]