ئولمپىك مەشئىلى

ئورنى Wikipedia

ئولىمپىك مەشئىلى ئىزچىل تۈردە ئولىمپىك تەنھەرىكەتىنىڭ مۇھىم بەلگىسى بولۇپ ، ئولىمپىك مەشئىلىنى يەتكۈزۈپ بېرىشمۇ ھەر قېتىملىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدىكى كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان ۋە ئەڭ تەقەززا قىلىدىغان بىر تۈرلۈك پائالىيەت.

قىسقىچە تونۇشتۇرۇش[تەھرىرلەش]

ئولىمپىك مەشئىلى ئىزچىل تۈردە ئولىمپىك تەنھەرىكەتىنىڭ مۇ ھىم بەلگىسى بولۇپ، ئولىمپىك مەشئىلىنى يەتكۈزۈپ بېرىشمۇ ھەر قېتىملىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدىكى كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان ۋە ئەڭ تەقەززا قىلىدىغان بىر تۈرلۈك پائالىيەتكە ئايلاندى.

ھازىرغا قەدەر ئولىمپىك مەشئىلى ئەڭ ئاۋال ئولىمپىك تەنتەربىيە مۇسابىقىسىنىڭ پەيدا بولغان جايى-گىرىتسىيەنىڭ ئولىمپىيەدە تۇتاشتۇرۇلىدۇ، ئاندىن مۇسابىقە ئۆتكۈزىلىدىغان شەھەرگە قولمۇ-قول يەتكۈزۈلۈپ مۇسابىقە مەيدانىدا ئولىمپىك ئوت قازىنىغا تۇتاشتۇرۇلىدۇ.

تارىخى[تەھرىرلەش]

ئولىمپىك مەشئىلىگە ئوت يېقىش گىرىتسىيە رىۋايەتلەردىكى پىرومىتېسنىڭ ئەرىشتىن ئىنسانلار ئۈچۈن چوغ ئوغىرلاپ چۈشكەنلىكى ھەققىدىكى رىۋايەتلەردىن كەلگەن. ئافېنادا كىشىلەر يۈگۈرۈش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈپ، پىرومېتىسقا بولغان ھۆرمىتىنى بىلدۈردىكەن. ئۇ يۈگۈرۈش مۇسابىقىسى پىرو مىتىسنىڭ چوغ ئوغىرلىغاندەك ئۇلۇغ جاسارىتىنى خاتىرلەش ئۈچۈندۇر. چۈنكى، ئۇ ئىنسانلارغا چوغ بېرىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، يەنە ئەقىل-پاراسەت ۋە بىلىم ئۆگەتكەن. رىۋايەتلەردىكى بۇ قەھرىماننى خاتىرلەش ئۈچۈن، قەدىمدە ئولىمپىك مەشئەلگە ئوت يېقىش مۇراسىمى ئارقىلىق ئولىمپىك مەشئىلىنى بارلىققا كەلتۈرگەن.

خەنزۇچە نامى[تەھرىرلەش]