ئويۇن نەزەرىيەسى

ئورنى Wikipedia

ئويۇن نەزەرىيەسى ئىجتىمائىي تۇرمۇشتا كىشىلەرنىڭ ئىرىشىدىغىنى بىلەن يۇقىتىدىغىنى ئارىسىدىكى بالانىسقا ئاسەسەن، كىشىلەر ھەرىكىتىنى پەرەز قىلىدىغان ياكى يەكۈن چىقىرىدىغان نەزەرىيۋى ئېقىمدۇر.

بۇ نەزەرىيەدە مۇنداق قىزىقارلىق بىر ئويۇن بار. ئىككى مەھبۇس سوراق قىلىنىدۇ. ئەگەر مەھبۇسلارنىڭ بىرى ئىقرار قىلىپ يەنە بىرى ئىقرار قىلمىسا، ئىقرار قىلغىنى قويۇپ بىرىلىپ، ئىقرار قىلمىغىنىغا توققۇز يىللىق قاماق جازاسى بىرىلمەكچى بۇلىدۇ. ئەگەر ھەر ئىككى مەھبۇس ئىقرار قىلسا، ئو ھالدا، ھەر ئىككەيلەن بەش يىلدىن قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىدۇ. ئەگەر مەھبۇسلارنىڭ ھەر ئىككىسى ئىقرار قىلمىسا، ئو ھالدا ئۇلار ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئىككى يىللىقتىن قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىدۇ.

بۇ يەردىكى ئەڭ مۇھىم مەسىلە، ئىككى مەھبۇسنىڭ قارشى تەرەپ ھەققىدە قانداق چۈشىنىشىدىن ئىبارەت. مەھبۇسلار ھەر ۋاقىت قارشى تەرەپ ئىقرار قىلىپ قالسىچۇ، دىگەننى تولا ئويلايدۇ. چۈنكى، قارشى تەرەپ ئىقرار قىلىپ قالسا، ئۆزىگە ئېغىر جازا كىلىدۇ. قارشى تەرەپ بولسا، ئازاد بولۇپ كىتىدۇ.

مۇشۇنداق ئالاھىدە ئەھۋاللاردا شەخىس ئەڭ ئاۋال ئۆز مەنپەئەتىنى ئويلايدۇ. بۇ سەۋەپتىن، ئويۇن نەزەرىيەسىگە نىسپەتەن ئېيتقاندا، كىشىلەرنىڭ ھەرىكىتىنى تەسەۋۋۇر قىلىش مۇمكىن.چۈنكى، شەخس ھەر ۋاقىت ئۆز مەنپەئەتىنى ئەڭ ئالدىنقى ئورۇنغا قويغۇچى ۋە مەنپەئەتى ئۈچۈن كۆرەش قىلغۇچىدۇر.