ئوڭ مېڭە بىلەن سول مېڭە(1)

ئورنى Wikipedia

ئوڭ مېڭە بىلەن سول مېڭە(1)

ئەركىن سىدىق

2008-يىلى 12-ئاينىڭ 1-كۈنى

مەن ئىمكانقەدەر كۆپرەك نەرسە ئۆگىنىۋېلىش ئۈچۈن ئۆز كەسپىم بىلەن ھېچ قانداق مۇناسىۋىتى يوق سېمىنارلارغىمۇ ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە قاتنىشىشنى ئۆزۈمگە ئادەت قىلىۋالغان بولۇپ، شاڭخەيدە ئوقۇغان بىر يىل، ياپوندا ئوقۇغان ئىككى يېرىم يىل، ۋە ئامېرىكىغا كەلگەندىن بۇيانقى 20 يىلنىڭ ھەممىسىدە بۇ ئادەتنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلدىم. بولۇپمۇ مەن 2004-يىلى 1-ئايدا ھازىرقى ئىدارەمدىكى ئىشقا كىرگەندىن بۇيان، بۇرۇنقىغا پەقەتلا ئوخشىمايدىغان، «كىشىلىك تەرەققىيات» (ئىنگلىزچە «personal development» ياكى «personal growth») قا ئائىت سېمىنارلارغىمۇ خېلى كۆپ كىرەلەيدىغان بولدۇم. بىزنىڭ ئىدارىدىكى سېمىنارلار ۋە ئىدارىدىكى ھەممەيلەن ئۈچۈن ئورۇنلاشتۇرۇلغان يىغىنلارنىڭ ھەممىسى ئىدارىنىڭ خىزمەتچىلىرى ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن قاتنىشىدىغان پائالىيەتلەر بولۇپ، مەن ئۆزۈمنىڭ قىزىقىشى بىلەن ئۇلارغا ئىمكانقەدەر تولۇق قاتنىشىشقا تىرىشىپ كەلدىم. يالغۇز 2008-يىلى بىر يىلنىڭ ئىچىدىلا ئادەمنىڭ مېڭىسىگە ئائىت بىلىملەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان سېمىنارلاردىن جەمئىي ئۈچىگە قاتناشتىم. ئىدارىمىزنىڭ بۇنداق سېمىنارلارنى ئورۇنلاشتۇرۇشتىكى مەقسىتى پەقەت بىرلا. ئۇ بولسىمۇ، ئىدارىمىزدىكى خادىملارنى ئۆزىنىڭ يوشۇرۇن قابىلىيىتىنى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىدە جارى قىلدۇرۇپ، ئىش ئۈنۈمىنى ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە يۇقىرى كۆتۈرۈپ، شۇ ئارقىلىق ئۆزى ئارزۇ قىلغان خىزمەت دەرىجىسىگە ئۆسۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىشتىن ئىبارەت.


مەن ئالدىنقى ماقالەمدە «كۆڭۈلنى پروگراممىلاش» ۋە مېڭە بىلەن بەدەننىڭ مۇناسىۋىتى ئۈستىدە توختالدىم. مۇشۇ ئۇقۇملارغا ناھايىتى يېقىن بولغان يەنە بىر ئۇقۇم بار. ئۇ بولسىمۇ، ئادەملەرنىڭ مېڭىسىنىڭ ئوڭ مېڭە بىلەن سول مېڭىدىن ئىبارەت ئىككى پارچىدىن تەشكىل تاپىدىغانلىقىدىن ئىبارەت. مېڭە ئىشلىتىش ئەھۋالىنىڭ ئوخشىماسلىققا قاراپ، ئادەملەرنى مۇنداق ئۈچ خىلدىكى ئادەملەرگە ئايرىش مۇمكىن: سول مېڭىسى ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەيدىغانلار، ئوڭ مېڭىسى ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەيدىغانلار، ۋە ئىككىلا مېڭىسىنى ئوخشاش دەرىجىدە ئىشلىتىدىغانلار. مەن بۇرۇن بۇ ھەقتە بەزى گەپلەرنى ئاڭلىغان، بەزى نەرسىلەرنى ئوقۇغان بولساممۇ، ئۇلارغا دېگەندەك قېتىرقىنىپ دىققەت قىلىپ كەتمىگەن ئىكەنمەن. پەقەت يۇقىرىدا تىلغا ئالغان ئۈچ سېمىنارلارغا قاتنىشىش ئارقىلىق مۇشۇ ھەقتە بىر قىسىم سىستېمىلىق چۈشەنچىگە ئىگە بولدۇم. ھەمدە بۇ ھەقتە تېخىمۇ كۆپرەك نەرسىلەرنى بىلىۋېلىش ئۈچۈن، بوش ۋاقتىمدىن پايدىلىنىپ، بىر ئاز ئىزدىنىپ، بىر قىسىم ماتېرىيال يىغدىم. مەن ھازىر ئۆزۈم ئىگىلىگەن بىلىملەر ئاساسىدا ئۆزۈمنىڭ مېڭە ئىشلىتىش ئۇسۇلىنى ئاستا-ئاستا چۈشىنىشكە باشلىدىم. ئۇشبۇ يازمامدا مەن ھازىرغىچە توپلىغان ماتېرىياللارغا ۋە ئىگىلىگەن بىر قىسىم بىلىملەرگە ئاساسەن، سول مېڭە بىلەن ئوڭ مېڭە توغرىسىدىكى ئاساسىي ئۇقۇملارنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇپ ئوتىمەن. مەن بىلىمەن، ئۇيغۇر دىيارىدىكى نۇرغۇن قېرىنداشلىرىمىز ھازىر قانداق قىلىپ ئاچ قالماسلىق، يالىڭاچ قالماسلىق، ئويسىز قالماسلىق ئۈچۈن تىرىشىپ-تىرمىشىۋاتىدۇ. مىللەتنىڭ ئەڭ چوڭ غەم-قايغۇسى قانداق قىلىپ مىللىي مەۋجۇتلۇقنى ساقلاپ قېلىشتىن ئىبارەت بولۇۋاتىدۇ. مۇشۇنداق بىر ئەھۋال ئاستىدا، ئوڭ مېڭە بىلەن سول مېڭە ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنىڭ ھازىرچە بىر قىسىم كىشىلەرگە ئانچە كېرىكى بولماسلىقى تۇرغانلا گەپ. لېكىن، ئۇيغۇرلار ئىچىدە ئاساسلىقى ئەقلىي ئەمگەك بىلەن شۇغۇللىنىدىغان كىشىلەر، مەسىلەن، ئەمەل ئەھلى، ئوقۇغۇچى، ئوقۇتقۇچى، مائارىپچى، زىيالىي، تەتقىقاتچى، يازغۇچى، شائىر، ۋە كومپوزىتورلارمۇ ئاز ئەمەس. بۇ قېرىنداشلىرىمىز ئۆزىنى ئىلمىي ئاساستا قانچە تولۇق چۈشەنسە، ئۆزىنىڭ يوشۇرۇن قابىلىيىتىنى شۇنچە ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، تېخىمۇ سىستېمىلىق، تېخىمۇ ئىلمىي ۋە تېخىمۇ رەتلىك بولۇپ، تۇرمۇشنىڭ ھەممە ساھەلىرىدە بۇرۇنقىدىن ياخشىراق نەتىجىگە ئېرىشەلەيدۇ. بۇ نۇقتا ياش-ئۆسمۈرلەر ئۈچۈن تېخىمۇ مۇھىم. ئادەم ياش ۋاقتىدا يەكۈنلەپ چىققان بەزى ئۇسۇل ۋە تەجرىبە-ساۋاقلار ئۆزىنىڭ كېيىنكى ئۆمرىگە ناھايىتى زور پايدا ئېلىپ كېلىدۇ. ياخشى ئۇسۇلنى كۆپرەك بايقىغانلار مۇۋەپپەقىيەتكە ئاسانراق ۋە كۆپرەك ئېرىشىدۇ. مەسىلەن، مەن بىلىۋال تور بېتى بىلەن ئۆتكۈزگەن يازما سۆھبەتنىڭ بىر يېرىدە، ئادەم بىر ئىشنى قىلىپ چارچىغاندا، ئۇ ئىش بىلەن مۇناسىۋەتسىز باشقا بىر ئىشنى قىلسا، يەنىلا ياخشى ئۈنۈمگە ئېرىشكىلى بولىدىغانلىقىنى، شۇ ئارقىلىق ۋاقىت ئىسراپچىلىقىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدىغانلىقىنى تىلغا ئالغان ئىدىم. ئۇشبۇ يازمامنى ئوقۇپ چىقسىڭىز، يۇقىرىقى ئىشنىڭ نېمە ئۈچۈن ئاشۇنداق بولىدىغانلىقىنى چۈشىنىۋالالايسىز. شۇڭا مەن ئۆز ئۆمرىدە ئۆزىنىڭ يوشۇرۇن كۈچىدىن ئەڭ يۇقىرى دەرىجىدە پايدىلىنىشنى ئىستەيدىغان ھەر بىر قېرىندىشىمىزنىڭ بۇ يازمىنى كەم دېگەندە بىر قېتىم ئوقۇپ چىقىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن.


ئىنگلىزچىدا «intuition» دېگەن بىر سۆز بار بولۇپ، ئۇنىڭ ئىنگلىزچە لۇغەتتىكى مەنىسى «ھېچ قانداق ئىسپاتلاپ ھۆكۈم چىقىرىش جەريانىنى باشتىن كەچۈرمەيلا، مەلۇم بىر پاكىت ياكى ھەقىقەت توغرىسىدا بىۋاسىتە ئېرىشكەن چۈشەنچە» ئىكەن. ئىنگلىزچە-ئۇيغۇرچە ئىنتېرنېت لۇغىتى http://dict. yulghun. com دە بۇ سۆزنىڭ مەنىسى «ھېسسىي تۇيغۇ» دەپ چۈشەندۈرۈلۈپتۇ. مەن ئۇشبۇ يازمامدا «intuition» دېگەن مەنىدىكى سۆزنى خېلى كۆپ يەردە ئىشلىتىمەن. لېكىن ماڭا نىسبەتەن «ھېسسىي تۇيغۇ» دېگەن سۆز بۇ ئىنگلىزچە سۆزنىڭ مەنىسىنى دېگەندەك تولۇق ئىپادىلەپ بېرەلمەيدىغاندەك تۇيۇلغان بولغاچقا، ھەر قېتىم «تۇيغۇ» دېگەن سۆزنى ئىشلەتكەندە، كۆڭلۈمنىڭ بىر يېرى يېرىم بولۇۋاتىدۇ. شۇڭا «intuition» نىڭ مەنىسىنى ياخشىراق چۈشەندۈرۈپ بېرىدىغان ئۇيغۇرچە سۆزنى بىلىدىغان ئوقۇرمەنلەر بولسا ئۇنى ماڭا ئېلخەت ئارقىلىق دەپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ئىنگلىزچە «insight» دېگەن سۆزمۇ ھەم شۇنداق. ئۇنىڭ ئىنگلىزچىدىكى مەنىسى «مەلۇم بىر شەيئىنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتى توغرىسىدا ھېسسىي تۇيغۇ («intuition ») ئارقىلىق ھاسىل قىلغان چۈشەنچە» بولۇپ، يۇقىرىقى لۇغەتتە بولسا «پەرقلەندۈرۈش قابىلىيىتى، نەزەر دائىرە، كۆرگەن-بىلگىنى» دەپ چۈشەندۈرۈلۈپتۇ.


ئامېرىكىدا ئىنسان مېڭىسى توغرىسىدىكى تەتقىقاتلار ناھايىتى تەرەققىي قىلغان بولۇپ، بۇ ھەقتە يېزىلغان كىتابلارمۇ ناھايىتى كۆپ. مەسىلەن، دان پىنك ( www. danpink. com ) ئىسىملىك بىر مۇتەخەسسىس يازغان « پۈتۈنلەي يېڭى بىر قەلب» (ئىنگلىزچە « A whole new mind ») دېگەن كىتاب بار بولۇپ، بۈگۈن مەن ئاشۇ كىتابنى www. amazon. com تور بېتىگە كىرگۈزۈپ باقسام، مۇشۇ كىتابتىكى مەزمۇن بىلەن مۇناسىۋەتلىك كىتابلاردىن 2، 359 دانىسى تېپىلدى. ئامېرىكىدا بۇ ھەقتىكى مەخسۇس ئايلىق ژۇرناللارمۇ بار. ئۇنىڭ بىرسى «ئىلمىي ئامېرىكىلىقلارنىڭ كۆڭۈل ژۇرنىلى» (ئىنگلىزچە « Scientific American Mind Magazine »، http://www. sciam. com/sciammind/ ) دەپ ئاتىلىدۇ. بۇلاردىن باشقا، ئامېرىكىدا مەخسۇس ئوڭ مېڭىنىڭ كۈچىدىن قانداق پايدىلىنىش، ۋە ئوڭ مېڭە بىلەن سول مېڭىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش ئۇسۇللىرى دېگەندەك مەزمۇنلاردا ھەر خىل كەسپىي ۋە باشقۇرۇش خادىملىرىغا تەلىم-تەربىيە ئېلىپ بارىدىغان شىركەتلەرمۇ خېلى كۆپ ئىكەن. بىزنىڭ ئىدارىدە يۇقىرىقى ئۈچ سېمىنارلارنى ئېلىپ بارغانلارمۇ ئاشۇنداق شىركەتنىڭ ئادەملىرىدۇر.


1. ئىككى مېڭە، بىر بەدەن


كىشىلەر بىر بەدەندە ئىككى مېڭە بارلىقىنى ئەڭ ئالدى بىلەن بۇنىڭدىن 65 مىليون يىل ئىگىلىرى ياشىغان دىنوزاۋر (ئىنگلىزچە «dinosaurs») دا بايقىغان. ئىنگلىزچە « Tyrannosaurus Rex » دەپ ئاتىلىدىغان بىر دىنوزاۋر نىڭ بەدەن ئېغىرلىقى 4 توننىدىن 6 توننىغىچە كېلىدىغان بولۇپ، بۇنداق چوڭلۇقتىكى بەدەنگە بىر مېڭە كىچىكلىك قىلىدىغان بولغاچقا، ياراتقۇچىمىز بۇ دىنوزاۋرغا ئىككى مېڭە بەرگەن ئىكەن. ئۇنىڭ بىرسى دىنوزاۋرنىڭ بېشىدا بولۇپ، بۇ مېڭە كۆرۈش، ئاڭلاش ۋە تۇغۇش خۇسۇسىيىتى (ئىنگلىزچە «procreative instinct») قاتارلىق سېزىملەرنى باشقۇرىدىكەن. يەنە بىرسى دىنوزاۋرنىڭ قۇيرۇقىدا بولۇپ، بىر يەردىن يەنە بىر يەرگە يۆتكىلىش ۋە تاسادىپىي ھادىسىلەرنى كونترول قىلىش ئىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلىدىكەن.


ياراتقۇچىمىز ئىنسانلارغا دىنوزاۋرنىڭكىگە ئوخشاش ئىككى مېڭە بەرمەي، پەقەت بىر مېڭە بېرىپ، بۇ بىر مېڭىنى ئىككىگە بولۇپ بەرگەن ئىكەن. شۇڭا ئىنسانلارنىڭ مېڭىسى سول يېرىم مېڭە بىلەن ئوڭ يېرىم مېڭىدىن ئىبارەت ئىككى پارچىغا بولىنىدۇ. سول مېڭىنىڭ رەڭگى كۆكۈشرەك بولۇپ، ئوڭ مېڭىنىڭ رەڭگى ئاق بولىدۇ. سول مېڭە بىلەن ئوڭ مېڭىنىڭ ئىنچىكە تۈزىلىشىدە بۇنىڭدىن باشقا پەرقلەرمۇ بار بولۇپ، بۇ «ئاناتومىيىلىك سىممېترىك بولماسلىق»، دەپ ئاتىلىدۇ. ئىنسان مېڭىسىنىڭ بۇ ئىككى پارچىسى پەقەت كۆرۈنۈش ۋە تۈزۈلۈشتىن بىر-بىرىدىن پەرقلىق بولۇپ قالماستىن، ئۇلارنىڭ ئويلاش ۋە بىلىش ئۇسۇلىمۇ بىر-بىرسىنىڭكى بىلەن ئوخشاش بولمايدۇ. ھەمدە ئۇلارنىڭ فۇنكسىيىسىمۇ بىر-بىرىنىڭكىگە پەقەتلا ئوخشىمايدۇ. بۇ «فۇنكسىيىدە سىممېترىك بولماسلىق»، دەپ ئاتىلىدۇ.


2. ئىككى مېڭىنىڭ ئوخشىمىغان فۇنكسىيىلىرى


كىشىلەر «مېڭە ئۈستۈنلۈكى نەزەرىيىسى» دېگەن ئىلىم ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىۋاتقىنىغا ھازىر نەچچە ئون يىل بولدى. بۇ نەزەرىيىنى ئىنگلىزچىدا « Brain dominance theory » دەپ ئاتايدۇ (مەن بۇ ساھەدە تېخىمۇ ئىلگىرىلەپ ئىزدىنىشنى ئىستەيدىغانلارغا ئوڭايلىق بولسۇن ئۈچۈن بۇ نەزەرىيىنىڭ ئىنگلىزچە ئاتىلىشىنىمۇ يېزىپ قويدۇم). بۇ ساھەدە ھازىرغىچە بايقالغان بىلىملەر مۇنداق بىر نەرسىنى ئىسپاتلاپ بەردى: ئىنسان مېڭىسىنىڭ سول ۋە ئوڭ تەرىپىدىن ئىبارەت ئىككى قىسمى ئوخشاش بولمىغان ئارتۇقچىلىققا ئىگە بولۇپ، ئوخشاش بولمىغان رولنى ئۆتەيدۇ، ئوخشاش بولمىغان ئۇچۇرلارنى بىر تەرەپ قىلىدۇ، ھەمدە ئوخشاش بولمىغان ئىشلارغا مەسئۇل بولىدۇ. يەنى سول مېڭە بەكرەك لوگىكىلىققا ۋە سۆزلەرگە مايىل بولۇپ، ئوڭ مېڭە بولسا ھېسسىي تۇيغۇ بىلەن ئىجادكارلىق ۋە تەسەۋۋۇرغا باي كېلىدۇ. سول مېڭە گەپ-سۆزلەرنى بىر تەرەپ قىلىدىغان بولۇپ، ئوڭ مېڭە بولسا سۈرئەتلەرنى بىر تەرەپ قىلىدۇ. سول مېڭە بىر نەرسىنىڭ پارچىلىرى ياكى بۆلەكلىرى توغرىسىدىكى ئۇچۇرنى بىر تەرەپ قىلىدىغان بولۇپ، ئوڭ مېڭە بولسا ئاشۇ پارچىلار ياكى بۆلەكلەردىن تۈزۈلگەن بىر پۈتۈنلۈك ھەمدە ئاشۇ پارچىلار ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتكە ئائىت ئۇچۇرلارنى بىر تەرەپ قىلىدۇ. سول مېڭە بىر نەرسە ئۈستىدە ئانالىز ئېلىپ بارىدۇ، ۋە ياكى بىر نەرسىنى پارچىلايدۇ. ئوڭ مېڭە بولسا نەرسىلەرنىڭ بىرىكمىسى توغرىسىدىكى ئۇچۇرنى بىر تەرەپ قىلىدۇ، ۋە ياكى بىر نەرسىنىڭ پارچىلىرىنى بىرلەشتۈرىدۇ. سول مېڭە بىر نەرسىنى ئىلگىرى-كېيىنلىك تەرتىپ بويىچە ئويلاشقا مايىل بولۇپ، ئوڭ مېڭە بولسا بىر نەرسىنى ئومۇميۈزلۈك ۋە بىرلا ۋاقىتتا ئويلاشقا مايىل بولىدۇ. سول مېڭە ۋاقىتقا باغلانغان بولۇپ، ئوڭ مېڭە بولسا ۋاقىتقا باغلانمىغان بولىدۇ.


سول مېڭە ئادەمنىڭ ھەر خىل شەكىلدىكى ئالاقىلىشىش پائالىيىتىگە مەسئۇل بولىدۇ. شۇڭلاشقا بىرەر ماشىنا ۋەقەسىگە ئۇچراشقا ئوخشاش سەۋەب تۈپەيلىدىن سول مېڭىسى زەخىملەنگەن ئادەمنىڭ سۆزلەش ئىقتىدارى ئېغىر دەرىجىدە ناچارلىشىدۇ. ئۇنداق ئادەمنىڭ ئېغىز ۋە قول ھەرىكىتىمۇ ئىنتايىن قىيىنلىشىدۇ. شۇ سەۋەبتىن بولقا بىلەن مىق قاقالماس بولۇپ قالىدۇ. ئوڭ مېڭە بولسا ئالاقىلىشىش بىلەن ئاساسەن مۇناسىۋەتسىز بولۇپ، ئۇ تاشقى دۇنيادىن ئۇچۇر قوبۇل قىلىش ۋە ئۇلارنى ئانالىز قىلىشتىن ئىبارەت ئالاھىدە ۋەزىپىلەرنى ئۆتەيدۇ. شۇڭا ئوڭ مېڭىسى زەخىملەنگەن ئادەملەر ھەر خىل مۇزىكىلارنى پەرق ئېتەلمەيدىغان، باشقىلارنىڭ چىرايىنى تونۇيالمايدىغان، ئالدىدىكى نەرسىنى تاپالمايدىغان بولۇپ قالىدۇ. ئوڭ مېڭىنىڭ بىر قىسمى بىز ئاڭلىغان سۆزلەرنى چۈشىنىشىمىزگە مەسئۇل بولۇپ، يەنە بىر قىسمى بولسا بىزگە ئۆزىمىز كۆرگەن نەرسىلەرنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ بېرىدۇ. باشقا بىر قىسمى بولسا ئۆز ھەرىكىتىمىزنى پىلانلىشىمىزغا مەسئۇل بولىدۇ.


كىشىلەر مېڭىنىڭ ھەر ئىككى تەرىپىنى تەڭلا ئىشلىتىدىغان بولسىمۇ، كۆپىنچە ئەھۋالدا ئۇلارنىڭ مېڭىنىڭ بىر تەرىپىنى ئىشلىتىشى يەنە بىر تەرىپىنى ئىشلىتىشىگە قارىغاندا سەل كۆپرەك ياكى ئازراق بولىدۇ. مانا بۇ «مېڭە ئۈستۈنلۈكى نەزەرىيىسى» نىڭ ئاساسلىق ئىدىيىسىدىن ئىبارەت. سۆزنى قىسقا ئېلىش ئۈچۈن، كىتاب ۋە ماقالىلەردە ئادەملەر بىر مېڭىسىنى يەنە بىر مېڭىسىگە قارىغاندا كۆپرەك ئىشلىتىدىغان ئادەملەرنى «سول مېڭىلىق» ۋە «ئوڭ مېڭىلىق» ئادەملەر، دەپ ئالىدۇ. ھەممىمىزنىڭ خەۋىرىدە بولغىنىدەك، ئادەملەر مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلىشتا بىر-بىرى بىلەن ئوخشىمايدۇ. بۇنى بىز ئادەملەرنىڭ ئەقىل-پاراسىتى، دەپ ئاتايمىز. ئادەملەر ئەقىل-پاراسەت جەھەتتىلا ئەمەس، ئىقتىدارىنىڭ نامايەندىسى جەھەتتىمۇ بىر-بىرىدىن پەرقلىق بولىدۇ. بەزى ئادەملەر گەپ-سۆزلەردىن تەشكىل تاپقان مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلىشقا ناھايىتى قادىر بولسا، يەنە بەزىلەر ئەمەلىيەتتە مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان نەرسىلەر بىلەن مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلىشقا قادىر كېلىدۇ. مانا بۇلار ئۇلارنىڭ سول مېڭىلىق ياكى ئوڭ مېڭىلىق بولۇشىدىن كېلىپ چىققان ئەھۋاللاردۇر.


سول مېڭىلىق ئادەملەرنىڭ مىساللىرىدىن ئادۋوكات، بوغالتىر ۋە ئىنژېنېر قاتارلىقلار بار. ئوڭ مېڭىلىق ئادەملەرنىڭ مىساللىرىدىن بولسا كەشپىياتچىلار، ئارتىس بىلەن مۇزىكانتلار ۋە مەسلىھەتچىلەر بار.


ئەسلىدە ھەر بىر ئادەم مېڭە ئىشلەتكەندە، مېڭىنىڭ بىر تەرىپىدىن يەنە بىر تەرىپىگە ئاسانلا ئۆتەلەيدىغان بولسا ئەڭ ياخشى بولغان بولاتتى. لېكىن، كۆپ سانلىق كىشىلەرنىڭ ئۆز مېڭىسىدىكى ئۈستۈنلۈكتە تۇرىدىغان تەرىپىدە بىردىن «راھەت رايونى» بار بولۇپ، ھەر بىر ئەھۋالنى مېڭىسىنىڭ ئۆزى ياخشىراق كۆرىدىغان بىر تەرىپىدە بىر تەرەپ قىلىدۇ. بولقا ئىشلىتىشكە ناھايىتى ئۇستا بىر ئادەم ھەممە نەرسىلەرنى بىر تال مىققا ئوخشىتىپ ئويلايدۇ. موزدۇز ئۇستام ھەممە نەرسىلەرنى بىر جۈپ ئاياغقا ئوخشىتىپ ئويلايدۇ. ماشىنا رېمونت قىلىشقا ناھايىتى ئامراق ۋە ناھايىتى ئۇستا بىر مېخانىك ھەممە نەرسىلەرنى بىر ماشىنىغا ئوخشىتىپ ئويلايدۇ. قىسقىسى، ئوڭ مېڭىلىك كىشىلەر بىلەن سول مېڭىلىك كىشىلەر شەيئىلەرگە ئوخشاش بولمىغان نۇقتىدىن قارايدۇ. ئۆز مېڭىسىنىڭ مەلۇم بىر «راھەت رايونى»نىلا ئىشلىتىپ، باشقا قىسمىنى ئىشلىتىشكە زادىلا ئىنتىلمەيدىغان كىشىلەرنى مېڭە ئىشلىتىش جەھەتتىكى «ھۇرۇن كىشىلەر» دەپ ئاتاش مۇمكىن.


بىز بىر سول مېڭە ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىگەن دۇنيادا ياشايمىز. بۇ دۇنيادا گەپ-سۆز، ئۆلچەم ۋە لوگىكىلار ئەڭ مۇھىم ئورۇنغا قويۇلغان بولۇپ، ئىنسان تەبىئىتىنىڭ ئىجادچانلىقى، كۆڭۈل تۇيغۇسى، سېزىمى ۋە سەنئەتچىلىكى قاتارلىق يەنە بىر تەرىپى ئىككىنچى بىر ئورۇنغا قويۇلغان. مەسىلەن، 90 پىرسەنتتىن ئارتۇق كىشىلەر ئوڭ قوللۇق بولىدۇ. ئوڭ قولنىڭ ئۇششاق ھەرىكىتى سول مېڭىنىڭ پائالىيىتى بىلەن باغلانغان بولىدۇ. سول قولنىڭ ئۇششاق ھەرىكىتى بولسا ئوڭ مېڭە ئارقىلىق كونترول قىلىنىدۇ. سول مېڭە كىشىلەر ياخشىراق كۆرىدىغان ئوڭ قولنى كونترول قىلغانلىقى، ھەمدە سۆزلەشنىمۇ بىر تەرەپ قىلىدىغانلىقى ئۈچۈن، ئالىملار «سول مېڭە ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەيدۇ» دېگەن خۇلاسىنى چىقارغان. دەسلەپكى بىر مەزگىل ۋاقىتتا، كىشىلەر سول-قوللۇق ئادەمنىڭ مېڭە ئىشلىتىش ئۇسۇلى ئوڭ-قوللۇق ئادەمنىڭكى بىلەن قارمۇ-قارشى بولىدۇ، دەپ قارىغان. لېكىن، كېيىنچە سول قوللۇق ئادەملەرنىڭ تەڭدىن تولىسى سۆزلەرنى بىر تەرەپ قىلىشتا يەنىلا سول مېڭىگە تايىنىدىغانلىقى بايقالغان. سۆزلەرنى بىر تەرەپ قىلىشتىن باشقا ئىشلاردا سول-قوللۇقلار بىلەن ئوڭ-قوللۇقلارنىڭ مېڭىسىدە قانداق پەرقلەرنىڭ بارلىقى توغرىسىدىكى تەتقىقات ھازىرمۇ داۋاملىشىۋاتىدۇ.


بىر ئادەمنىڭ قايسى مېڭىسى ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەيدىغانلىقىنى شۇ ئادەمنىڭ گېنى بىلەن پىسخولوگىيىلىك ماسلىشىشى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولىدۇ. ھەمدە بىر ئادەمنىڭ قايسى مېڭىسىنىڭ ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىشى شۇ ئادەمنىڭ ئويلاش ئۇسۇلىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. بۇ ئويلاش ئۇسۇلى بولسا، شۇ ئادەمنىڭ ماھارىتى، بىر ئالاھىدە خىلدىكى بىلىملەرنى توپلاشقا بولغان ھەۋىسى بىلەن ئىقتىدارى، ھاياتقا تۇتقان پوزىتسىيىسى، ئىش بېجىرىش سۈپىتى، ھەمدە شۇ ئادەمنىڭ باشقا ئادەم، پۇل، ماددىي مال-مۈلكى، تەبىئەت، ھەمدە ئۆزىنى قورشاپ تۇرغان باشقا بارلىق نەرسىلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. بىر مېڭىنىڭ ئىقتىدارى يەنە بىر مېڭىنىڭ بەدىلىگە تەرەققىي قىلىدۇ. يەنى، بىزنىڭ ئوڭ مېڭىمىزنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىمىز ئۆزىمىزنىڭ ئىچكى تۇيغۇسىغا تايىنىپ ھەقىقەت ۋە پاكىتلار توغرىسىدا توغرا چۈشەنچىگە ئىگە بولۇش ئىقتىدارىمىزنى ئاجىزلاشتۇرىدۇ. بۇ ئىنسانلار ئۈچۈن بىر ناھايىتى پايدىسىز ئەھۋالدۇر.


3. شائىرلارنىڭ مېڭە ئىشلىتىش ئۇسۇلى

نۇرغۇن ۋاقىتلاردا مېڭىنىڭ ئىككى پارچىسى ناھايىتى مەدەنىيەتلىك تام قوشنىلارغا ئوخشايدۇ. ئۇلار داۋاملىق ئوتتۇرا تامدىن بىر ئامال قىلىپ ئۆتۈپ، يەنە بىر تەرەپ بىلەن كۆرۈشۈپ تۇرىدۇ. تۆۋەندە مەن ئوڭ مېڭە بىلەن سول مېڭىنى ئالماشتۇرۇپ ئىشلىتىدىغان ئىشلار توغرىسىدا بىر قانچە مىسال كۆرسىتىپ ئوتىمەن. ئوقۇغان ئۇيغۇرلار ئىچىدە شېئىر يېزىش بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلار خېلى كۆپ. شۇنداق بولغاچقا، مەن گەپنى ئالدى بىلەن شائىرلاردىن باشلاي. كۆپىنچە كىشىلەر شېئىر يېزىش مېڭىنىڭ پەقەت بىر تەرىپىنىلا ئىشلىتىشنى تەلەپ قىلىدۇ، دەپ ئويلايدۇ. لېكىن، ئەمەلىيەتتە ئۇنداق ئەمەس. بىر پارچە شېئىر يېزىش جەريانى تۆۋەندىكىدەك مېڭە ئىشلىتىش باسقۇچلىرى ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدۇ. (1) شائىر ئالدى بىلەن ئوڭ مېڭىسىنىڭ كۈچى بىلەن بىر خىل ئىلھامغا ۋە بىر قىسىم ئوي-پىكىرگە ئىگە بولىدۇ. (2) ئىشنى سول مېڭىگە يۆتكەپ، تاپقان ئوي-پىكىرلەرنى رەتلەپ، بىر قەغەزگە ياكى كومپيۇتېرغا يازىدۇ. (3) ئىشنى ئوڭ مېڭىگە يۆتكەپ، شېئىرنىڭ دەسلەپكى نۇسخىسىنى ئىنچىكىلىك بىلەن تۈزىتىپ چىقىدۇ. (4) شېئىرنى ئېلان قىلىپ بېرىدىغانلارنىڭ كۆزىگە كىرىۋېلىش ئۈچۈن، ئىشنى سول مېڭىگە يۆتكەيدۇ. (5) تەنقىدچىلەرگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، ئوي-پىكىر يۈرگۈزۈشنى ئوڭ مېڭىگە يۆتكەيدۇ. (6) ئۆزىگە ھۇجۇم قىلغانلاردىن ئۆچ ئېلىش پىلانىنى تىزىش ۋە ئۇسۇلىنى تېپىش ئۈچۈن، ئىشنى يەنە سول مېڭىگە يۆتكەيدۇ.


ئۇيغۇر يازغۇچىلار ئارىسىدا «ئەگەر يېزىلغان بىر ئەسەرنى بىر تۈپ دەرەخكە ئوخشاتساق، ھېسسىيات بىلەن ئىلھامنى ئۇنىڭ يىلتىزىغا ئوخشىتىش مۇمكىن» دېگەن سۆز بار. بۇ يەردىكى «ھېسسىيات بىلەن ئىلھام» نەدىن كېلىدۇ، بىلەمسىز؟ ئۇلار يۇقىرىدا چۈشەندۈرۈلگەندەك ئوڭ مېڭىدىن كېلىدۇ. ئادەتتە سىزگە قاتتىق تەسىر قىلىدىغان بىر ئىش يۈز بەرگەندە، سىزنىڭ ئوڭ مېڭىڭىز ئەڭ ئاكتىپ بىر ھالەتكە كېلىدۇ. بۇنىڭ بىر مىسالى سۈپىتىدە مۇنداق بىر ئەھۋالنى كۆز ئالدىڭىزغا كەلتۈرۈپ بېقىڭ: سىزنىڭ بىر ئەڭ سۆيۈملۈك كىشىڭىز تۇيۇقسىز ۋاپات بولدى. شۇنىڭ بىلەن سىز ئۇ كىشى توغرىسىدا بىر ئەسلىمە يازماقچى بولدىڭىز. ئەگەر سىز بۇ ئەسلىمىنى ئۇ كىشى ۋاپات بولۇپ كەتكەندىن كېيىنكى بىر ھەپتە ئىچىدە يازسىڭىز، ئۇنى بىر يىلدىن كېيىن يازغانغا قارىغاندا ھەممە جەھەتتە جىق ياخشى ئۈنۈمگە ئېرىشىسىز. ئوتكەن ھەپتە مېنىڭ بىر خىزمەتدىشىم ئىشخانامغا مېنى ئىزدەپ كېلىپتۇ. ئۇ 2008-يىلى 11-ئاينىڭ «دۇنيا رومان يېزىش ئېيى» ئىكەنلىكىنى، ئۆزىمۇ بۇ پائالىيەتكە قاتنىشىۋاتقانلىقىنى، شەھەرلەر ئارا رىقابەتتە ئۇتۇپ چىقىش ئۈچۈن، لوس ئانژېلىس يازغۇچىلار گۇرۇپپىسى تېخىمۇ كۆپ يازغۇچىلارغا موھتاج ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ، ئەگەر مەن بىلىدىغان يازغۇچىلار بولسا ئۇنىڭغا دەپ بېرىشىمنى تەلەپ قىلدى. بۇ پائالىيەتنىڭ بىر مەخسۇس تور بېتى بار ئىكەن: http://www.nanowrimo.org , ھەمدە ھازىرغىچە قايسى شەھەرنىڭ گۇرۇپپىسى روماننى ئەڭ كۆپ يازغانلىقىنى مۇنۇ تور بېتىدىن كۆرگىلى بولىدىكەن: http://www.nanowrimo.org/eng/wordcount_stats مەن پاراڭلار ئارا ئۇنىڭغا سول-مېڭە بىلەن ئوڭ-مېڭىنىڭ گېپىنى قىلسام، ئۇ «بۇ ئىشنى بىز ھەممىمىز بىلىمىز: ئادەم ئوڭ مېڭىسىدە ئويلاپ، سول مېڭىسىدە يازىدۇ، » دېدى. دېمەك، ئامېرىكىدىكى يازغۇچىلار ئۈچۈن بۇ ئۇقۇم ئانچە يات نەرسە ئەمەس ئىكەن. مەن قانداق قىلىپ ئوڭ مېڭىنى ئىشقا سېلىش، قانداق قىلىپ ئىلھام بىلەن ھېسسىياتنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈش توغرىسىدا مۇشۇ يازمامنىڭ ئاخىرىدا ئازراق توختىلىمەن.



ئالدىنقى: ئوڭ مېڭە بىلەن سول مېڭە(2)

كـىيىنكى: شىركەتنى ئوڭۇشلۇق ماڭدۇرۇش ئىقتىدارى(2)