ئوۋچىلىق

ئورنى Wikipedia

     ئوۋچىلىق — ئالتاي، تەڭرىتاغ، جۇڭغار، تارىم، ئىلى ۋادىلىرىدا ياشاپ كەلگەن خەلقلەرنىڭ ئۇزاق تارىخقا ئىگە ئەنئەنىۋى پائالىيتى.

    ئوۋچىلىقنى ئىنسانلار ئۆزلىرىنىڭ ماددىي تۇرمۇشىنى قامداش، مەنىۋىي تۇرمۇشىنى بېيىتىش يۈزىسىدىن ئېلىپ بارىدۇ. ئوۋچىلار پىيادە، ئاتلىق يىرتقۇچ ھايۋانلاردىن تارتىپ تاكى بۇغا، مارال، كىيىك، جەرەن، توشقان، قىرغاۋۇل، كەكلىك، غازلارغىچە ئوۋلايدۇ. ئۇچرىغان ئوۋ ھايۋانلىرىنى تاش – توقماق، كالتەك، باسماق، قاپقان، ئوقيا، مىلتىق، ئىت، بۈركۈت، قارچۇغىلار بىلەن تۇتىدۇ.

    ئوۋچىلىق — كەسپىي ئوۋچىلىق، ئىشتىن سىرتقى ئوۋچىلىق، كوللېكتىپ ئوۋچىلىق دەپ ئايرىلىدۇ.

    كەسپىي ئوۋچىلىق: پەقەت ئوۋچىلىق بىلەنلا شوغۇللىنىپ، شۇ ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ تۇرمۇشىنى قامدايدىغانلارغا قارىتىلىدۇ. قەدىمدىن تارتىپ چارۋىچىلىق، تېرىقچىلىق، ئوۋچىلىق بىلەن شوغۇللىنىپ كەلگەن ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز خەلقى ئىچىدە بىر ئۆمۈر ئوۋچىلىق بىلەن ئۆتكەن كىشىلەر كۆپ تېپىلىدۇ. بۇ ئادەملەر ئوۋغا چىقالمايدىغان كۆنلىرىنى مەنىۋىي تۇرمۇشتىكى بىر كەملىك دەپ ھېس قىلىدۇ. ھەتتا ئۇلارنىڭ قارچۇغا، بۈركۈت، ئىتلىرى ئوۋچىنى ئولتۇرغۇزمايدۇ، مانا مۇشۇنداق ئوۋ قىلىشنى كەسپىي ئوۋ قىلىش دەيمىز.

    ئىشتىن سىرتقى ئوۋ قىلىش: بۇ ئوۋ ھەۋەسكارلىرىنىڭ پائالىيتى بولۇپ، بۇنداق ئوۋ قىلىش كۆڭۈل ئېچىشنى، دەم ئېلىشنى، سەيلە – ساياھەت قىلىشنى، شۇ ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ ماددىي ۋە مەنىۋىي تۇرمۇشىنى بېيىتىشنى مەقسەت قىلغان ئوۋچىلىقتۇر. بۇنداق ئوۋچىلىقنى دەم ئېلىش كۈنلىرى، سەيلە – ساياھەتكە چىققان چاغلاردا ئېلىپ بارىدۇ.

     كوللېكتىپ ئوۋچىلىق: بۇ بىر يېزا ۋە چارۋىچىلىق رايونىدىكى بىر توپ كىشىلەرنىڭ بىللە ئوۋ قىلىش ھەرىكىتىدۇر. ھەريىلى قىشنىڭ تۇنجى قارياققان كۈنىدە دالىدىكى توشقانلار، جەرەنلەرنىڭ ئىزى قارغا چۈشۈپ، ئاسانلا كۆزگە چېلىقىدۇ. بۇنداق كۈنلەردە ئېتى بار دېھقانلار، چارۋىچىلار ئوغلاق تارتىشىش مۇسابىقىسىگە چۈشكەندەك چۇماق، قامچا بىلەن كۆزىگە چېلىققان توشقاننى تۇشمۇ تۇشتىن قوغلاپ ئۇرۇپ يىقىتىدۇ. بەزى ئوۋ ماھىرلىرى تىرىكمۇ تۇتۇۋالىدۇ. بۇ پائالىيەتتە بىر توپ ئاتلىقلار توشقان ياكى جەرەننى قوغلاپ ئاخىرى ئېتى يۈگۈرۈك، ئۆزى چەبدەس، چۇماق ئېتىش، قامچا ئۇرۇش ماھارىتى ئۈستۈن بولغان ئوۋچى توشقان ياكى جەرەننى تۇتۇۋالىدۇ. بۇنداق ئوۋ قىلىش ئادەتتىكى ئوۋ قىلىشقا ئوخشىمايدۇ. بۇ خىل ئوۋ قىلىش رەسمىي بىر مۇسابىقە تۈسىنى ئالىدۇ.ئىپتىدائىي جەمئىيەتتە ئىنسانلارنىڭ ئوزۇقلىنىش، يىرتقۇچ ھايۋانلارنىڭ ھۇجۇمىدىن ساقلىنىش يۈزىسىدىن يەككە ۋە بىر توپ بولۇپ ئوۋ قىلغان.

    ئوۋچىلىق تارىخىغا كەلسەك: شىنجاڭدىكى ھەرقايسى مىللەتلەر ئۇزاق تارىختىن، يەنى ئەڭ دەسلەپكى ئىپتىدائىي جەمئىيەتتىن تا ھازىرغا قەدەر ئوۋچىلىق بىلەن شوغۇللانغان. بۇ ھەقتە يېزىلغان تارىخىي مەنبەلەر ناھايىتى كۆپ.

    ئاتاقلىق تىلشۇناس مەھمۇد قەشقىرى ئۆزىنىڭ ‹‹ تۈركىي تىللار دىۋانى ››ئەسىرىدە ‹‹ مېنىڭ ئېتىمنى تويغۇزغۇدەك ئوۋ تاپالمىدى، ئېتىمنى كۆپ چاپتۇردۇم ھاردۇرۇپ قويدى ››(2 – توم 251 – بەت). ‹‹ ئىت كىيىكنى قوغلىدى ››( 2 – توم 20 – بەت ). ‹‹ مېنىڭ ئىتىم (بۆرىنى)تۇتۇپ يەرگە باستى، تۈكلىرىنى يۇلدى، بېشىنى ئارقىسىغا قايرىپ بوغۇزىدىن ئېلىپ راسا بوغدى››( 2 – توم 32 – بەت )، ‹‹ قارچۇغىسىنى قۇشلىتىپ، ئارغىماق ئېتىغا مىنىپ، ئارقا قوغلايدۇ ۋە ئۇنىڭغا يېتىۋالىدۇ؛ ئۇزۇن قۇلاق، ئىنچىكە بەل تايغىنى بىلەن كىيىك ۋە تۈلكىلەرمۇ ئوۋلايدۇ››( 1 – توم 550 – بەت )دەپ يازغان.

    ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئۇلۇغ ئالىمى يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئۆزىنىڭ ‹‹ قۇتادغۇبىلىك ››داستانىدا: ‹‹ بۆرى، تۈلكە، توڭگۇز، ئېيىق، ئارسلان، ئۇلار ئوۋدا سەندىن قۇتۇلماس ھامان››( 1103 –بەت ). ‹‹ قۇشۇڭ ئوۋلىمىسا، بىر ئۆردەك زەرەر، ئىتىڭ ئوۋلىمىسا بىر سەۋسەر كېتەر ››( 1307 – بەت ) دەپ يازغان.

    1985–يىلى قاراقۇرۇم تاغلىرىنىڭ جەنۇبىي مۆلجەر دەرياسىنىڭ شەرقىي قىرغىقىدىن تېپىلغان قىيا تاش سۈرەتلىرى، 1980 – يىلى نىلقا ناھىيىسىدىن تېپىلغان قىيا تاش سۈرەتلىرى قەدىمكى ھونلار، تۈركلەر، ساكلار ۋە ئۇلارنىڭ ئەجداتلىرىنىڭ ئوۋچىلىق ھاياتىنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ. بۇ دەسلەپكى تەتقىقات نەتىجىلىرىگە ئاساسلانغاندا، بۇ ئوۋ ئوۋلاۋاتقان سۈرەتلەر 3000 – 5000 يىل ئىلگىرى ئويۇلغانلىقى مەلۇم بولماقتا ( بۇ سۈرەتلەر ئاپتونوم رايونلۇق مۇزېيدا ساقلانماقتا ). ( ‹‹ شىنجاڭ مىللىي تەنتەربىيىسى ›› 34 – بەت )

    يۇقىرىدىكى تارىخىي پاكىتلار ۋە تارىخىي مەنبەلەردىن دىيارىمىزدا ئوۋچىلىق تارىخىنىڭ ناھايىتى ئۇزاقلىقىنى ھېس قىلالايمىز. [1]

  1. مۇھەررىر : قەيـسەر ؛مەنبە:ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى ؛ۋاقىت:2008- 09- 04 12:17؛ تور ئادىرسى:http://uy.ts.cn/wenhua/content/2008-09/04/content_109230.htm؛