ئىبراھىم مۇتىئى

ئورنى Wikipedia

مەشھۇر تىلشۇناس ئىبراھىم مۇتىئى تۆھپىكار مائارىپچى، مەشھۇر تىلشۇناس، ئەدەبىي تەرجىمان ھەم پېشقەدەم نەشرىياتچى ئىبراھىم مۇتىئى 1920-يىلى 5-ئاينىڭ 1-كۈنى تۇرپان شەھىرىدە كاسىپ (تىككۈچى) ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ئاتىسى ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن، ئاكىسىنىڭ ياردىمىدە 1935-يىلىغىچە ئۈرۈمچى تاتارلار مەكتىپىدە ئوقۇغان. 1935-يىلى سوۋېت ئىتتىپاقىغا چىقىپ، تاشكەنت ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىك ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مەمۇرىي ھوقۇق فاكۇلتېتىدا ئوقۇغان.

ئۇ مەكتەپتە بىر ياقتىن ئۆزبەك، رۇس تىللىرىنى ۋە ئومۇمىي پەنلەرنى سىستېمىلىق ئۆگەنسە، يەنە بىر ياقتىن س. ي. مالوف قاتارلىق سوۋېت تۈركولوگلىرىنىڭ تۈركىي تىللارغا، خۇسۇسەن قەدىمقى ئۇيغۇر تىلىغا ئائىت ئەسەرلىرى بىلەن تونۇشۇپ، ئۆزىنىڭ كېيىنكى يىللاردىكى ئەمەلىي خىزمەت ۋە ئىلمىي تەتقىقاتىغا پۇختا ئاساس سالغان.

ئىبراھىم مۇتىئى 1937-يىلى تاشكەنتتىكى ئوقۇشىنى غەلىبىلىك تاماملاپ قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، ئۈرۈمچىدىكى شىنجاڭ ئۆلكىلىك دارىلمۇئەللىمىندە تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى بولغان، تىل ۋە پېداگوگىكا دەرسلىرىنى بەرگەن.

مائارىپ سېپىدە جان-دىلى بىلەن ئىشلەۋاتقان ئىبراھىم مۇتىئى 1940-يىلى شېڭ شىسەي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تۈرمىگە تاشلاندى. بىر مەزگىلدىن كېيىن، ئىبراھىم مۇتىئى شىنجاڭ ساقچى زابىتلار (ئوفىتسېرلار) مەكتىپى قارمىقىدىكى تەرجىمانلار كۇرسىغا دەرس ئۆتۈشكە بۇيرۇلغان. ئۇ نەزەربەند ئاستىدا تۇرسىمۇ، ئوقۇتۇش خىزمىتىنى ئەمەلىي ئېھتىياج ۋە ئىلمىي تەتقىقاتقا بىرلەشتۈرۈپ، «ئۇيغۇر تىلى سەرفى (مورفولوگىيىسى)»، «ئۇيغۇر تىلى نەھۋى (سىنتاكسىسى)»، «ئۇيغۇر تىلى قائىدىلىرى (ئىستىلىستىكىسى)، «ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئاددىي ئىملا قائىدىسى» قاتارلىق دەرسلىكلەرنى تۈزۈپ چىققان. بۇلار 1948-يىلى مىخ مەتبەئەدە بېسىلىپ، شىنجاڭدىكى ھەر دەرىجىلىك مەكتەپلەردە قوللانما، نەشرىيات-ئاخبارات ئورۇنلىرىدا پايدىلىنىش ماتېرىيالى قىلىنغان.

ئىبراھىم مۇتىئى 1945-يىلى تۈرمىدىن چىققاندىن كېيىن، شىنجاڭ ئىنستىتۇتىدا ئاۋۋال كەسپىي بۆلۈمنىڭ مۇدىرى، كېيىن ئىنستىتۇتنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى بولغان. ئۇ ئوقۇ-ئوقۇتۇش بىلەن ئىلمىي تەتقىقاتنى تەڭ تۇتۇپ، تۈركىي تىللارغا ئائىت بىرمۇنچە ئىلمىي ماقالىلەرنى يېزىپ ئېلان قىلغان.

ئۇ 1950-يىلىدىن 1953-يىلىغىچە جۇڭگو مەركىزىي مىللىي ئىشلار كومىتېتىدا مەسلىھەتچى بولدى. 1953-يىلىدىن 1960-يىلىغىچە مەركىزىي مىللەتلەر نەشرىياتىنىڭ ئۇيغۇر تەھرىر بۆلۈمىدە مۇدىر بولۇپ ئىشلىدى. ئىبراھىم مۇتىئى چىڭ سۇلالىسىنىڭ چيەنلۇڭ يىللىرىدا ئوردىدا كوللېكتىپ تۈزۈلگەن «بەش تىللىق مانجۇچە لۇغەت»نى نەشر قىلىشقا باشتىن-ئاخىر قاتناشتى. بۇ چوڭ لۇغەت خەنزۇ-تىبەت ۋە ئالتاي تىللىرى سىستېمىسىدىن ئىبارەت ئوخشىمىغان ئىككى تىل سىستېمىسىغا تەۋە بولغان مانجۇ، تىبەت، موڭغۇل، ئۇيغۇر، خەنزۇ تىللىرىنىڭ سېلىشتۇرمىسى شەكلىدە تۈزۈلگەن. لۇغەتكە ھەر ساھەدىن 18 مىڭ سۆزلۈك كىرگۈزۈلگەن. لۇغەتتىكى ئۇيغۇر تىلى ۋە مەدەنىيىتىگە ئائىت مەزمۇنلار مول ھەم تولىمۇ قىممەتلىك ئىدى. لۇغەتنىڭ نەشر قىلىنىشى جۇڭگو سېلىشتۇرما تىلشۇناسلىق ساھەسىدىكى بىر باشلىنىش بولغان.

ئىبراھىم مۇتىئىنىڭ ئىلمىي ھاياتى ئالتۇن دەۋرگە كىرگەندە 1960-يىلىدىن 1972-يىلىغىچە 12 يىل ناھەق تۈرمىدە ياتتى. 1975-يىلىغا كەلگەندە ئالىمنىڭ نامى ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى. ئۇ بۇ مەزگىلدە خەنزۇ تىلىدىن «ئىسلام دىنى ھەققىدە قىسسە»، «يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى قوللانمىسى»، «يۇنان ئەپسانىلىرى» قاتارلىق كىتابلارنى تەرجىمە قىلدى.

1978-يىلى كۈزدە ئالەمشۇمۇل نادىر ئەسەر «تۈركىي تىللار دىۋانى» ۋە «قۇتادغۇ بىلىك» ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ۋە خەنزۇ تىللىرىغا تەرجىمە قىلىپ نەشرگە تەييارلاش تېمىسى پەلسەپە-ئىجتىمائىي پەن تەتقىقات پىلانىغا رەسمىي كىرگۈزۈلۈپ، قۇرۇلۇش باسقۇچىدىكى ئاپتونوم رايونلۇق ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ نۇقتىلىق تەتقىقات تۈرىگە ئايلاندى. مۇشۇ چاغدا ئىبراھىم مۇتىئىنىڭ خىزمىتى ئاكادېمىيەنىڭ تىل تەتقىقات ئىنستىتۇتىغا يۆتكەلدى. ئۇ «دىۋان»نى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدا نەشرگە تەييارلاش خىزمىتىگە باشتىن-ئاخىر تولۇق قاتنىشىپ، ئۈچ توملۇق بۇ چوڭ ئەسەرنىڭ مەسئۇل مۇھەررىرلىكىنى ئىشلىدى.

«دىۋان»نى تەرجىمە قىلىش-نەشرگە تەييارلاش جەريانى، ئەمەلىيەتتە «دىۋان»نى ئۆگىنىش-تەتقىق قىلىش ۋە جەنلىق تىلنى تەكشۈرۈش جەريانى بولدى. ئالىم مىرسۇلتان ئوسمانوف بىلەن بىرلىكتە قەشقەر ۋىلايىتىدە مەخسۇس تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، توققۇزاق ناھىيە ئوپال يېزىسىدىكى «ھەزرىتى موللام» مازىرى ۋە باشقا تارىخىي جايلارنى تەپسىلىي كۆزدىن كۆچۈردى، مويسىپىت ئۆلىمالار، زىيالىيلار ۋە ئالاقىدار كىشىلەرنى زىيارەت قىلىپ ئەھۋال ئىگىلىدى، ماتېرىئال يىغدى. ئەتراپلىق تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش نەتىجىسىدە، 1984-يىلى مىرسۇلتان ئوسمانوف بىلەن بىرلىكتە «مەھمۇد كاشىغەرىنىڭ يۇرتى، ھاياتى ۋە مازىرى توغرىسىدا» ناملىق ئىلمىي ماقالىسىنى ئېلان قىلدى. ماقالىدە، قەشقەر ئوپالدىكى «ھەزرىتى موللام» مازىرىنىڭ بۈيۈك ئۇيغۇر ئالىمى مەھمۇد كاشىغەرىنىڭ مزائىرى ئىكەنلىكى، مەھمۇد كاشىغەرىنىڭ ئوپالنىڭ ئازىق كەنتىدە تۇغۇلغانلىقى، باشلانغۇچ مەكتەپنى ئوپالدا، يۇقىرى مەلۇماتنى قەشقەردىكى مەدرىسىدە ئالغانلىقى، «دىۋان» يېزىلغان چاغدا ئالىمنىڭ 60 ياشلاردا ئىكەنلىكى، باغدادتىن قايتىپ كېلىپ ئانا يۇرتى ئوپالدا 8 يىل مۇددرىسلىك قىلىپ، 97 ياشتا ۋاپات بولغانلىقى قاتارلىق مەزمۇنلار تارىخىي پاكىتلار ئارقىلىق يورۇتۇلغان.

ئىبراھىم مۇتىئى «دىۋان»نى نەشرگە تەييارلاشنىڭ ئالدى-كەينىدە «تۈركىي تىللار تەقىقاتىدا ئالدىمىزدا تۇرغان ۋەزىپىلەر»، «تۈركىي تىللار دىۋانىدا ئاساس قىلىنغان ئەدەبىي تىل – خاقانىيە تىلى ھەققىدە»، «تۈركىي تىللار دىۋانى ۋە ئۇنىڭ ئاپتورى مەھمۇد كاشىغەرى»، « >مەھمۇد كاشىغەرى< رومانىنىڭ نەشر قىلىنىش مۇناسىۋىتى بىلەن»، «چاغاتاي ئەدەبىي تىلىنىڭ ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلى تەرەققىياتىدا تۇتقان ئورنى»، «قەدىمكى يىپەك يولىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدىكى 3 مۇھىم مىللەت ۋە ئۇلارنىڭ تىلى»، «قەدىمكى كۇچالىق مەشھۇر تەرجىمان كومراجىۋا توغرىسىدا»، «غەربىي يۇرتتىكى مىللەتلەرنىڭ تىلىنى توغرا شەرھلەيلى»، «تارىم بوستانلىقىدىكى بىرقانچە قەدىمىي شەھەرنىڭ ئېتىمولوگىيىسى»، «شېئىر تىلى توغرىسىدا» قاتارلىق 30 نەچچە پارچە ئىلمىي ماقالىسىنى يېزىپ مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلدى ياكى مۇھاكىمە يىغىنلىرىدا ئوقۇدى.

ئىبراھىم مۇتىئى يەنە «ئىرق پۈتۈك» قاتارلىق بىرقانچە قەدىمىي ئەسەرنى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلدى. «مايترى سىمىت»كە ئوخشاش نادىر مىراسلارنىڭ ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىكى يەشمىسىنىڭ مەسئۇل مۇھەررىرلىكىنى ئىشلىدى. «قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقى ۋە قەدىمكى ۋەسىقىلەرگە مۇقەددىمە» (خەنزۇچە) قاتارلىق كىتابلارغا كىرىش سۆز يېزىپ بەردى. ياش، ئوتتۇرا ياش تەتقىقات خادىملىرىگە قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى ۋە يېزىقىدىن دەرس بېرىپ، تىلشۇناسلار قوشۇنىنىڭ زورىيىشىغا ھەسسە قوشتى. 1990-يىلى مىللەتلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن «ئىبراھىم مۇتىئى ئىلمىي ماقالىلىرى» ناملىق كىتاب نەشر قىلىنىپ، ئالىمنىڭ 70 ياشقا تولغانلىقى، ئىلمىي پائالىيىتىنىڭ 42 يىللىقى نىشانلاندى.

ئالىم 1983-يىلى كۈزدە فىلولوگىيە پەنلىرى بويىچە تەتقىقاتچى ئالىي ئىلمىي ئۇنۋانىغا ئىرىشكەن.

ئىبراھىم مۇتىئى ئەپەندى 2010-يىلى ئالەمدىن ئۈتتى .