ئىتالىيىدىكى مۇسۇلمانلار

ئورنى Wikipedia

ئىتالىيىدىكى مۇسۇلمانلار مىلادى 7-ئەسىردىلا گۈللەنگەن ئەرەپ ئىمپىرىيىسى ئىتالىيىنىڭ جەنۇبىدىكى سىتسىلىيە، ساردىنىيە قاتارلىق ئاراللارنى ئىشغال قىلىپ ئۇ جايلارغا ئىسلام دىنىنى تارقاتقان ئىدى . ئەمما خۇددى ئىسپانىيە، پورتۇگالىيە ۋە فىرانسىيىنىڭ جەنۇبىدىكىدەكلا خىرىستىان دىنىنىڭ گۈللىنىشىگە ئەگىشىپ ئۇ جايلاردىكى ئىسلام دىنى خاراپلىشىشقا باشلىدى ۋە ئاخىرى قۇدرەتلىك ئىسپانىيىنىڭ قولىدا كاتولىك دىنىغا ئورۇن بوشاتتى. نەچەە يۈز يىللىق خىرىستىانلاشتۇرۇش ھەركىتىدىن كېيىن ئىتالىيەنىڭ بىرلىككە كېلىشىگە ۋە كۈچىيىپ، كېڭەيمىچىلىك قىلىپ لىۋىيە، ئېرىتېرىيە، سومالى، ئالبانىيە قاتارلىق مۇسۇلمان ئەللىرىنى مۇستەملىكە قىلىشىغا ئەگىشىپ ئۇجايلاردىكى بىر قىسىم مۇسۇلمانلار ئىتالىيىگە كۆچۈپ كەلدى. 2-دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن ئىتالىيىدە سانائەت گۈللىنىپ، ئەمگەك كۈچىگە بولغان ئېھتىياج كۈندىن-كۈنگە ئۆرلىدى. بۇنىڭ بىلەن ئالبانىيە،يۇگۇسلاۋىيە، تۈركىيە ۋە ئافرىقىدىكى ئىسلام دۆلەتلىرىدىن ئىشلەش ئۈچۈن كەلگەن مۇسۇلمانلار، چېگرىدىن ئوغىرلىقچە ئۆتۈپ ئىتالىيە پۇقراسىغا ئايلانغان بالقان سىگانلىرى بارغانسېرى كۆپىيىپ ئىتالىيىدە رەسمى مۇسۇلمانلار گۇرۇھى بولۇپ شەكىللەندى. 60-يىللاردىلا ئىتالىيىدىكى مۇسۇلمان دۆلەتلىرىنىڭ ئەلچىخانىلىرى ۋە ئىتالىيىدىكى مۇسۇلمان تەشكىلاتلىرى ئىتالىيە ھۆكۈمىتىگە مەسجىد سېلىش ئىلتىماسىنى سۇنغان بولسىمۇ، ئەمما ئىتالىيە رىم ئىمپىرىيىسىنىڭ بۆشۈكى، كاتولىك دىنىنىڭ مۇقەددەس جايى ۋاتىكاننىڭ جايلاشقان يېرى بولغاچقا ئىتالىيە ھۆكۈمىتى « مۇقەددەس جاينى قوغداش » باھانىسىدا ئىتالىيە تەۋەسىدە مەسجىد سېلىشقا رۇخسەت قىلماي كەلگەن ئىدى. كېيىن ئىتالىيە ئىسلام مەدەنىيەت مەركىزى(Centro Islamico Culture d` Italia) ۋە ئىسلام نەشرىياتچىلىق ۋە تەتقىقات مەركىزى (Centro Editoriale Stadi Islamici)قاتارلىق ئىتالىيەدىكى مۇسۇلمانلار تەشكىلاتلىرىنىڭ خىرىستىان دىنى ساھەسىدىكىلەر بىلەن سۆزلىشىشنى كۈچەيتىشى ئارقىسىدا ئىتالىيە ئىسلام مەدەنىيەت مەركىزى 1982-يىلغا كەلگەندىلا ئاندىن رىمدا بىر مەسجىد سېلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولدى ۋە رىم شەھەرلىك ھۆكۈمەت ئىئانە قىلغان يەرگە سەئۇدى ھۆكۈمىتى ئىئانە قىلغان 40مىليون دوللارنى مەبلەغ سېلىپ ھەشەمەتلىك مەسجىد سالدى. 2006-يىلى يىل ئاخىرىدىكى سىتاتىسكىغا قارىغاندا1مىلىيون 290مىڭ مۇسۇلمان بار بولۇپ پايتەخت رىمدىلا مۇسۇلمانلار شەھەر نوپۇسىنىڭ %10 نى تەشكىل قىلىدۇ . ئىتالىيىدە ھازىر 13 مەسجىد، ئىككى دىنى ئۇقۇتۇش نۇقتىسى ۋە ئىسلام ئەللىرى يىغىنىنىڭ تارماق ئىش بېجىرىش ئورنى بار. باشقا ياۋروپا ئەللىرىنى ئەكسىچە ئىتالىيىدىكى مۇسۇلمانلار ئاساسەن ئۆز ئىرق توپىدىكىلەر بىلەنلا قۇيۇق ئالاقىدە بولغاچقا مۇسۇلمانلار بىلەن ئىتالىيىلىكلەر ئارىسىدا ئاساسەن مەدەنىيەت ئالاقىسى يوق بولۇپ، بىر نەچچە مەشھۇر ئىتالىيىلىكنىڭ ئىتالىيىدىن باشقا جايدا ئىسلامغا كىرگەنلىكىنى ھىساپقا ئالمىغاندا ، ئىسلام دىنى يەرلىك ئىتالىيىلىكلەر بىلەن تېخى تولۇق ئۇچرىشىپ بولالمىدى.