Jump to content

ئىجتىمائىي قاتلاملار

ئورنى Wikipedia

ئاپتورى: زىيا گۆكئالىپ (تۈركىيە)

تۈركچىدىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچى: مۇھەممەت ئابدۇمىجىت

ئالدىنقى بۆلۈمدىكى بايانلاردىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى؛ ئىسلامىيەتتىن ئىلگىرى تۈركلەر پارىسلارنى كاپىر دەپ قارايدىغان بولغاچقا، ئىران مەدەنىيىتىنى ياراتمايتتى. خىتايلارغا قارشى بىرئاز ئېھتىيات بىلەن مۇئامىلە قىلاتتى. تۈركلەرنىڭ خىتايلارغا تۇتقان بۇ خىل پوزىتسىيەسى، خىتايلار بىلەن تۈركلەر ئارىسىدا بەزى ئورتاق كۈلتۈر مۇئەسسەسەلىرىنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىگە ئىما قىلىدۇ. مىللەتلەر ئارىسىدا ئورتاق مۇئەسسەسەلەر ياكى تېخىمۇ ئېنىقراق قىلىپ ئېيتساق، ئورتاق مەدەنىيەتلەر مەۋجۇتمىدى؟ ئەگەر مۇشۇنداق بىر مەدەنىيەت مەۋجۇت بولغان دېسەك، باشقا مىللەتلەر بۇ ئورتاقلىققا داخىل بولمىغانمىدى؟

دۇركھېيىم بىلەن مائۇسنىڭ «سوتسولوگىيە» دېگەن كىتابىنىڭ ئالتىنچى جىلتىدا نەشر قىلىنغان **«جەمئىيەتنىڭ بەزى ئىپتىدائىي شەكىللىرى»** ناملىق ماقالىدە خىتايلار، موڭغۇللار، تىبەتلەر، كامبۇجىيالىقلار، تايلاندلىقلارغا ئورتاق بولغان بەزى ئىپتىدائىي قاتلاملار بايان قىلىنىدۇ. ئەينى ۋاقىتتا **مىللىي تەتەببۇلار مەجمۇئەسىنىڭ** 3-سانىدا بىر تەتقىقات ماقالىسى ئېلان قىلغان ئىدىم. ماقالىدە، تۈركلەردىمۇ بۇ خىل ئىجتىمائىي قاتلامنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى، ھەتتا سىبىرىيەنىڭ كورياكلار ۋە شۇكشالارغا ئوخشاش ئىپتىدائىي قەۋملىرىدىمۇ بۇ خىل سىنىپلىشىشنىڭ ئىزلىرىنى ئۇچراتقىلى بولىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ ئۆتكەنىدىم.

بۇ ئىپتىدائىي قاتلاملار قارىماققا ئەھمىيەتسىزدەك كۆرۈنىدۇ. بىر مەدەنىيەتنىڭ ئاساسىنى بۇنداق ئەپسانىۋىي قاتلاملار تەشكىل قىلالمايدۇ دەپ قارايدىغانلارمۇ بولۇشى مۇمكىن. ئەمما، دۇركھېيىم بىلەن مائۇس بۇ قاتلاملارنى مەۋجۇت دەپ قويۇپلا توختاپ قالمىدى، بۇ قاتلاملارنىڭ بىر تەرەپتىن ئەينى دەۋرنىڭ ئىجتىمائىي لوگىكىسىغا ئاساس بولالايدىغانلىقىنى، يەنە بىر تەرەپتىن ئەينى دەۋىردىكى ئىجتىمائىي قۇرۇلمىنىڭ نامايان بولۇش شەكلى ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇنىڭدىن كېيىن دۇركھېيىم «دىنىي ھېسسىياتنىڭ ئىپتىدائىي شەكىللىرى» ناملىق كىتابىدا، مائۇسمۇ ھۇبىرېت بىلەن بىللە نەشر قىلدۇرغان «دىن تارىخى تەتقىقاتلىرى» ناملىق ئەسىرىدە بۇ مەسىلە ھەققىدە تەپسىلىي توختالغان. لەۋې بۇرھلمۇ «ئىپتىدائىي جەمئىيەتلەردە روھىي ۋەزىپىلەر» ناملىق كىتابىدا بۇ قاتلاملارنىڭ كىشىلەرگە كۆرسىتىدىغان دەسلەپكى تەسىرى ۋە بۇ تەسىرلەردىن لوگىكا ئىلمىغا قانداق ئۆتكەنلىكىنى ئىسپاتلاشقا تىرىشقان.

بۇ ئىپتىدائىي قاتلاملار، خىتايدا خەلق تاۋىزىمنىڭ ئاساسىنى ۋە «يىكىڭ» [1] ناملىق بىر مۇقەددەس كىتابنىڭ مەزمۇنىنى تەشكىل قىلىدۇ. خىتايلار قەدىمدىن بېرى تېخنىكا جەھەتتىن تەرەققىي قىلغان بولسىمۇ، ئىلمىي نۇقتىئىنەزەردىن بۈگۈنمۇ ھەم ئىپتىدائىي سەۋىيەدە دېيىشكە بولىدۇ. چۈنكى خىتايلار تېخىچە بۇ ئىجتىمائىي قاتلاملاردىن ئۈزۈل-كېسىل قۇتۇلۇپ بولالمىدى. بىر ئىمارەت ئىنشا قىلغاندا، مازار تاللاشتا، سەپەرگە چىققاندا نېمىنى قىلىش، نېمىنى قىلماسلىقنى (پال سېلىش ئارقىلىق) بۇ قاتلاملار بەلگىلەيدۇ. خىتايلار بۇ پالنامىلەرگە مۇراجىئەت قىلماي تۇرۇپ ھېچ ئىشقا تەمشەلمەيدۇ.

تۈركلەرنىڭ قەدىمىي كىتابلىرى يوقىلىپ كەتكەن بولغاچقا، بۇلاردا بىرەر پالنامەنىڭ بار-يوقلۇقىنى بىلمەيمىز. ئەمما، تۈركلەر ئارىسىدا بارلىق ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار بۇ قاتلاملارنىڭ تەلەپ-تەقەززالىرىغا ئۇيغۇن ھەرىكەت قىلىدۇ. شۇنداقلا تۈركلەرنىڭ دىنىي، قانۇنىي، ئەخلاقىي تۆرەلىرىمۇ بۇ قاتلاملارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان. مەن بۇ كىتابتا ئىسلامىيەتتىن ئىلگىرىكى تۈركلەرنىڭ: **1- دىنىي تۆرەسىنى، 2- قانۇنىي تۆرەسىنى** تەتقىق قىلىمەن. بۇ تۆرەلەرنى تەتقىق قىلىش جەريانىدا، ئۇزاق شەرققە خاس بولغان بۇ قاتلاملار ھەققىدە ماتېرىيال ئۇچراتقىلى قالسام، مەدەنىيەتداش بولغان قەۋملەرنىڭ قاتلاملىرى بىلەن سېلىشتۇرۇش ئېلىپ بارىمەن. ئەينى چاغدا تۈركلەرمۇ مىنىڭسىگەن بۇ ئورتاق مەدەنىيەتلەرنى «ئۇزاق شەرق مەدەنىيىتى» دېيىشكە بولىدۇ. تۈركلەر ئىسلامىيەتتىن كېيىن بۇ مەدەنىيەتلەرنى تەرك ئېتىپ شەرق مەدەنىيىتىگە قەدەم باستى. تانزىماتتىن [2] بېرى غەرب مەدەنىيىتىنى قوبۇل قىلىشقا تىرىشىۋاتىدۇ. شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، تۈرك كۈلتۈرىنىڭ تارىخىنى يېزىپ چىقىش ئۈچۈن، دەسلەپتە ئۇنىڭ بۇ ئۈچ مەدەنىيەت (ئۇزاق شەرق، شەرق، غەرب) بىلەن ئۆز-ئارا ماسلىشىش ئەھۋالىنى تەتقىق قىلىش لازىم.


ئەسكەرتىشلەر:

[1] يىكىڭ: تاۋىزىمنى ئاساس قىلىدىغان ئىلمىي مەنبەلەر بۇ دىننىڭ ئاساسىي كىتابىنى يىكىڭ دەپ ئاتىغان.

[2] تانزىمات: ئىدارىي جەھەتتىكى ئىسلاھات دېيىشكە بولىدۇ، ئوسمانلى تارىخىدا 1839-يىلى تانزىمات پەرمانى ئېلان قىلىنغان. تانزىماتتىن كېيىن ئوسمانلى تۇپراقلىرىدا ئەدەبىيات-سەنئەت ناھايىتى تېز تەرەققىي قىلغان.

مەنبە: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى