ئىجتىمائىي پەنلەردىكى ئىزاھلىغۇچى مېتود

ئورنى Wikipedia

ئىجتىمائىي پەنلەرنىڭ تەرەققى قىلىشىغا ئەگىشىپ، ئىجتىمائىي پەنلەنىڭ مىتودولوگىيە مەسىلىسى كەڭ تۈردە تالاش-تارتىش قىلىنىشقا باشلىدى. ئەڭ دەسلەپتە ئىجتىمائىي پەن بىلىمچىلىرى تەبىئىي پەننىڭ تەجرىبە قىلىش، كۈزىتىش ئۇسۇللىرىنى ئىجتىمائىي پەنلەرگە تەدبىقلاش تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قۇيۇشتى. بۇ سەۋەپتىن، بىر بۈلۈك بىلىم ئادەملىرى ئىجتىمائىي پەنلەرمۇ تەبئىي پەنلەرگە ئوخشاش ئۇسۇللارنى قوللىنىش ئارقىلىق ئوبىكتىنى كۈزىتىدۇ ۋە ئۇنىڭدىن يەكۈن چىقىرىدۇ، دەپ قارايتتى. بۇ خىل تالاش-تارتىشمۇ گىرمانىيەدە 19-ئەسىرىنىڭ كىيىنكى ۋاقىتلىرىدا مەيدانغا چىقىشقا باشلىدى.[1]ئىجتىمائىي پەنلەردە تەبىئىي پەنلەرگە ئوخشاش مىتود قوللىنىش مەسىلىسى ھىلىغىچە تالاش تارتىش قىلىنغان مەسىلە بولدى. ئىجتىمائىي پەنلەردە ناتۇرالىستىك بىلىش ئۇسۇلىغا قارشى تۇرغۇچىلار ئىجتىمائىي تۇرمۇشتىكى ھەرقانداق بىر ئىجتىمائىي ھادىسە ۋە ئادەمنىڭ يەككە ئىكەنلىكىنى، بۇ خىل يەككىلىكتىن ئومۇملاشقان يەكۈنگە ئىرىشىشنىڭ تەسلىكىنى، ئىرىشكەن تەقدىردىمۇ ئىجتىمائىي تۇرمۇشنىڭ ھەممە ساھەسىگە تەدبىقلاشنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى ئوتتۇرىغا قۇيۇشتى. شۇڭلاشقا، ناتۇرالىست بىلىش ئۇسۇلىغا قارشى تۇرغۇچىلار تەبىئىي پەنلەرگە ئوخشاش كۈزىتىش ۋە تەجرىبە قىلىشنىڭ ئىجتىمائىي دۇنيادا ھادىسىلەر ۋە ئادەملەر ئۈستىگە قوللىنىشنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى ئىلگىرى سۈردى. چۈنكى، بىلىم ئادەملىرى ئادەتتە ئىجتىمائىي تۇرمۇشتا مەلۇم ھادىسە يۈز بىرىپ بولغاندىن كىيىن ئاندىن ئۇنىڭدىن يەكۈن چىقىرىدۇ. ھەرگىزمۇ ھادىسە يۈز بىرىشتىن ئىلگىرى تەجرىبە ئېلىپ بارالمايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئادەمنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىنى كۈزەتكىلى بولىدۇ، ئەمما كۈزىتىلگۈچى بۇنى بىلىپ قالغان ھامان ئەسلىدىكى ھەرىكىتىنى ئۆزگەرتىۋېتىدۇ. ئادەملەرنىڭ پائالىيەتلىرى ئۈستىدە تەجرىبە ئېلىپ بېرىش تۇلىمۇ تەس ۋە تەبىئىيلىك تۈسى ئاجىز ھەرىكەتتۇر.

ئىزاھلىغۇچى مېتود ئۈستىدە توختالغان ۋاقىتتا ئالدى بىلەن دىلسېي ھەققىدە توختىلىشقا توغرا كىلىدۇ. Dilthey گىرمانىيەلىك مەشھۇر تارىخچى، پەيلاسوپ ۋە جەمئىيەتشۇناس ھىسابلىنىدۇ. بولۇپمۇ ئۇنىڭ ئىجتىمائىي پەنلەرنىڭ مېتودولوگىيەسى ھەققىدىكى قاراشلىرى ئەينى ۋاقىتتا كۈچلۈك تەسىر قوزغىغان ئىدى.

دىلسېي ياشىغان دەۋردە ئىجتىمائىي پەنلەرنىڭ مېتودولوگىيەسى ھەققىدە گىرمانىيەدە كۈچلۈك تالاش-تارتىش بۇلىۋاتاتتى. ئەينى ۋاقىتتا، ئىجتىمائىي ھادىسىلەرنىڭ ۋە رىئاللىقنىڭ ئومۇمىي قانۇنىيتىنى تېپىپ چىقىش ۋە چىقالماسلىق، تېپىپ چىقىلغان قانۇنىيەتلەرنىڭ باشقا رىئاللىققا ماس كىلىش ۋە كەلمەسلىك مەسىلىسى گىرمانىيەدە نەزەرىيۋى ئىقتىسادچىلار بىلەن تارىخىي ئىقتىسادچىلار  ئارىسىدا كەڭ كۈلەملىك مۇنازىرىگە يول ئاچقان ئىدى.

دىلسېينىڭ قارىشىچە، ئىجتىمائىي پەنلەرنىڭ بىلىمگە ئىرىشىش جەريانى بىلەن تەبىئىي پەنلەرنىڭ بىلىمگە ئىرىشىش لوگىكىسى پەرقلىق ئىدى. تەبىئىي پەنلەر سەۋەپ-نەتىجە مۇناسىۋېتىگە تاينىپ نەزەرىيۋى يەكۈنگە ئىرىشەتتى. ئىجتىمائىي پەنلەردە چۈشىنىش ئاساس ئورۇندا تۇراتتى. بۇ سەۋەپتىن پۈتۈنلۈك ۋە پارچە ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت تەھلىل قىلىنىشى كىرەك ئىدى.

دىلسىينىڭ قارىشىچە، تەبىئىي پەنلەر فىزىكىلىق ھادىسە ۋە تەبىئىي ۋەقەلەرنى تەتقىق قىلىدۇ. ئىجتىمائىي پەنلەر بولسا ئىنساننىڭ ھەرىكىتىنى تەتقىق قىلىشقا مەركەزلىشىشى كىرەك. بۇ سەۋەپتىن بۇ ئىككى خىل پەننىڭ تەتقىقات ئوسۇللىرى پەرقلىق بولىدۇ. تەبىئىي پەنلەردە بىلىم تاشقى بولىدۇ. چۈنكى، فىزىكىلىق ھادىسىلەر زاماندىن خالىي كۈزىتىلىش ۋە بايان قىلىنىش شەكلىدە بىر-بىرىگە تەسىر قىلىدۇ. ئەمما ئىجتىمائىي پەندىكى بىلىم ئىچسەلدۇر(ئىچكى). ھەربىر ھادىسىنى تەتقىق قىلىش ئۈچۈن بىر شەكىلدە نەزەرىيەلەشتۈرۈلۈشى كىرەك بولغان بىر ئىچ خاسلىققا ئىگىدۇر. ئۈچىنجىسى، تەبىئىي پەن ۋە ئىجتىمائىي پەن تەتقىقاتچىلىرى ئۈزىنىڭ تەتقىقات تىمىلىرىنى پەرقلىق شەكىلدە ئېلىپ بېرىشى كىرەك.[2]

دىلسېي ئىجتىمائىي پەن ياكى مەدەنىيەت پەنلىرىنىڭ ھادىسە ۋە ماھىيەتلەرنى چۈشىنىشنى ئاساس قىلىشى كىرەكلىكىنى كۈچەپ تەشۋىق قىلغان. بۇ نوقتىدا ئو شەرھلىگۈچى پەيلاسوپ(hermeneutic philosopher解释学哲学家) بولۇپ ھىسابلىنىدۇ.

ماكىس ۋېبىر مېتود جەھەتتىن دىلسېينىڭ قارىشىغا ئاساسىي جەھەتتىن ۋارىسلىق قىلدى ۋە بېيتتى. ماكىس ۋېبىرنىڭ نەزىرىدە مەلۇم بىر ئىجتىمائىي رىئاللىق ھەققىدىكى ئۇچۇر بىلەن بۇ رىئاللىقنىڭ قانۇنىيەتلىرى بىر-بىرىگە ئوخشىمايدۇ.[3] تەبىئەت قانۇنىيەتلىرىگە ئوخشاش ئىجتىمائىي دۇنيا ھادىسىلىرى ھەققىدە مەلۇم بىر قانۇنيەتنى ئوتتۇرغا چىقىرىش مۇمكىن ئەمەس. مۇنداق بولغاندا بۇ قانۇنىيەت ئەمەلىي تەجرىبىلەردىن ئۆتمىگەن ئابسىتىراكتنى نەرسە بولۇپ قالىدۇ. بۇ نوقتىدا،ۋېبىر جەمئىيەت ھەققىدىكى قانۇنىيەتلەرنىڭ تەبىئىي پەنلەرگە ئوخشاش قانۇنىيەتكە بويسۇنمايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قۇيىدۇ ۋە ئۈزىنىڭ ”ئىدىئال تىپ“ مودىلىنىڭ ئىجتىمائىي دۇنيادىكى ھادىسىلەرنى ئېچىپ بىرىشتە مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قۇيىدۇ.

ئۇنداق بولسا دەلىلچىلىك پەلسەپىسى تەشەببۇس قىلغان كۈزىتىش ۋە تەجرىبە قىلىشنىڭ ئىجتىمائىي دۇنيادىكى ھادىسە ۋە ئادەملەرگە قوللىنىش مۇمكىنچىلىكى قانچىلىك؟ ئەلۋەتتە بۇ سۇئالغا داڭلىق جەمئىيەتشۇناس ماكىس ۋېبىرنىڭ تەتقىقاتىنى مىسال كەلتۈرۈش ئارقىلىق جاۋاپ بىرىمىز.

ماكىس ۋېبىر ھادىسە ۋە ئادەملەرنى كۈزەتكىلى بۇلىدىغانلىقى ۋە بۇ كۈزىتىشتىن مەلۇم يەكۈن چىقارغىلى بۇلىدىغانلىقىنى ئىنكار قىلمايدۇ. مەسىلەن، بىر كىشى ئىككى كەرە ئىككى تۆت دىگەن ۋاقىتتا ئۇنىڭ ھەرىكىتىدىكى مەنىنى چۈشىنىش مۇمكىن. يەنە مەسىلەن، مىلتىق قۇشقا نىشانلانغان بولسا ئادەمنىڭ ھەرىكىتىدىكى مەقسەت ۋە مۇددىئانى چۈشەنگىلى بۇلۇشى مۇمكىن. ئەمما، ئادەم ئوبىكتىپ ئەمەلىيەت بىلەن سوبىكىتىپ دۇنيانىڭ مەھسۇلى بولغاچقا، بىزنىڭ ئادەملەرنىڭ تاشقى ھەرىكىتىدىن ئىگىلىگەن ئۇچۇر ۋە بىلىمىمىز بىر ئادەمنىڭ ھەرىكەت ۋە مەقسىتىنى چۈشىنىشتە تامامەن يىتەرسىز. بۇ سەۋەپتىن ئىنسان ھەرىكىتىنىڭ يۈز بىرىشىگە سەۋەپ بولغان مۇددىئا ياكى سوبىكتىپ غىدىقلاشنى ئىنىقلاپ چىقىش مەلۇم بىر ئادەمنىڭ ھەرىكىتى ۋە مەلۇم بىر ئىجتىمائىي ھادىسىنى چۈشىنىشتە ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدۇ. ئەگەر نوقۇل ھالدا دەلىلچىلەرگە ئوخشاش كۈزىتىش ئۇسۇلى قوللىنىسا، تەتقىقاتچىنىڭ قىلىدىغان ئىشى پەقەت قوشنى قارغا ئالغان بىر كىشىنىڭ ھەرىكىتىنى تەسۋېرلەپ بىرىشتىن باشقا نەرسە بولمايدۇ.

ماكىس ۋېبىرنىڭ مىتودولوگىيە چۈشەنچىسىدە ئىنسان سوبىكتى ۋە مۇددىئاسىنىڭ كىلىپ چىقىشىغا سەۋەپ بۇلىدىغان مەنبە مەركىزى نوقتىغا قويۇلغان بولغاچقا، ناتۇرالىستلار ۋە دەلىلچىلەرنى ئىنكار قىلىدۇ. ئۇنىڭغا نىسپەتەن دەلىلچىلىك ئانچە پۇت باسمايدىغان مېتود. ئەمما، ئو مەلۇم بىر ئىجتىمائىي ھادىسىنىڭ قانۇنىيەتىنى تېپىپ چىقىشتا ئۇنىڭ سەۋەبىنى چۈشەندۈرۈشنى ئىنكار قىلمايدۇ. ماكىس ۋېبىرنىڭ ئوخشىمايدىغان يولى-ئۇنىڭ بۇ سەۋەپلەرنى ئىدىئولوگىيەلىك نوقتىدىن ئىزدىگەنلىكىدىن ئىبارەت.[4]

ماكىس ۋېبىر تۇلۇق مەنىسى بىلەن ئىدىئالىزىمچى ئىدى. ماكىس ۋېبىرغا نىسپەتەن كۈزىتىش ۋە تەجرىبە قىلىش ئارقىلىق ھەممە ئىشلارنى چۈشەندۈرۈپ بەرگىلى بولمايتتى. شەيئىلەرنىڭ ئومۇمىي قانۇنىيتىنى ياكى نەزىيەسىنى ئېچىپ بىرىش مۇمكىن ئەمەس ئىدى. بىز ئىجتىمائىي تۇرمۇشنى چۈشىنىمىز دەيدىكەنمىز، چۇقۇم ئىجتىمائىي تۇرمۇشتىكى ئادەمنى چۈشىنىمىز كىرەك ئىدى. ئادەم ھەرىكىتىنى چۈشەنگەندىلا ئاندىن ئىجتىمائىي ھادىسىلەرنى چۈشەندۈرگىلى بۇلاتتى. ئادەمنى چۈشىنىش ئۈچۈن ئادەمنىڭ مەلۇم بىر ئىشنى قىلىشتىكى مەقسىتى ۋە سەۋەبىنى ئىنىقلاپ چىقىش كىرەك ئىدى. ئەلۋەتتە بۇ سەۋەپ كۈزىتىش ئارقىلىق ئىشقا ئاشمايدۇ. پەقەت سوراش ۋە چۈشىنىش ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدۇ.

بىز يۇقىرىقى نوقتىلاردىن ماكىس ۋېبىرنىڭ جەمئىيەتشۇناسلىقنىڭ مىتودولوگىيە مەسىلىسىدە بۇرۇنقىلارغا ئوخشىمايدىغان پىكىر ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى بىلىمىز. چۈنكى، مەن ئىلگىرى بايان قىلغاندەك، جەمئىيەتشۇناسلىق پېنىگە ئاساس سالغۇچىلاردىن ئاۋگۇست كومت، ئېمىل دۇركخيىم ۋە كارل ماركىس قاتارلىقلار مەلۇم نوقتىدا ئىجتىمائىي ھادىسىلەردىن ۋە دۇنيادىن مەلۇم بىر قېلىپلاشقان يەكۈن چىقىرىشىقا ئۇرۇنۇپ كەلدى. ئەمما بۇ يەكۈننىڭ تەبىئىي پەنلەردىكى يەكۈن ياكى خۇلاسىگە ئوخشايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. بۇ نوقتىدا، ماكىس ۋېبىرنىڭ مىتودى ئىلگىرى ئۆتكەن جەمئىيەتشۇناسلارنىڭ مىتودىدىن پۈتۈن پەرقلىق بولۇپ، نۆۋىتى كەلگەندە، جەمئىيەتشۇناسلىققا خاس بىلەن مىتودنىڭ بارلىققا كەلگەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بەردى. بىز ماكىس ۋېبىرنىڭ تەتقىقات ئۇسۇلىدىن يىڭى بىر تەتقىقات ئۇپۇقىنى كۈرەلەيمىز.

ۋەھالەنكى ئادەم ھەرىكىتىنى چۈشىنىش ئۈچۈن ھەرىكەتتىكى مەنىسى، توغرىراقى ئادەمنىڭ مەقسىتىنى ۋە ئۇيىنى چۈشىنىش ئىنتايىن مۇھىم. مۇنداق بولمايدىكەن خاتا يەكۈنگە ئىرىشىپ قالىمىز. مەسىلەن، بىز خىزمەتكە پىيادە كىتىۋاتقان بىرىنى ئۇچراتساق ئۇنىڭ ماشىنىغا چۈشىدىغان پۇلى يوق ئوخشايدۇ، دەپ يەكۈن چىقارساق بولمايدۇ. كۈزىتىش ئارقىلىق چىقارغان بۇ يەكۈنىمىز خىزمەتكە كىتىۋاتقان ھەرىكەت ئىگىسىنىڭ مەقسىتىگە ماس كەلمەي قېلىشى مۇمكىن. پىيادە ماڭغان كىشى بەدەن چېنىقتۇرۇش ئۈچۈن ماڭغان بولسىچۇ؟ ۋاقتى بولغانلىقى ئۈچۈن ماڭغان بولسىچۇ؟

ماكىس ۋېبىرنىڭ قارىشىچە ھەرىكەت ئىگىسىنىڭ مۇددىئاسىنى چۈشەنمەي، ماھىيەتنى بىلگىلى بولمايدۇ، ماھىيەتنى بىلمەي نەزىريەگە ئىرىشكىلى بولمايدۇ.

[1] Patrick Baert, Sosyla Bilimler felsefesi(Türkçe Ümit Tatlıcan Çev), Küre Yayınlar, 2013, S.64

[2] Jonathan H.Turner, Leonard Beeghley, Chales H.Powers, Sosyolojik Teorin Oluşumu, Ümit Tatlıcan çev, Sentez Yayın,  2013, S.206~207

[3] Patrick Baert, Sosyla Bilimler felsefesi(Türkçe Ümit Tatlıcan Çev), Küre Yayınlar, 2013, S.66

[4] Patrick Baert, Sosyla Bilimler felsefesi(Türkçe Ümit Tatlıcan Çev), Küre Yayınlar, 2013, S.71