ئىزدە قامۇسى

ئورنى Wikipedia

ئىزدە قامۇسى ئومۇمىيلىق ۋە يۈكسەك غايىنى نىشان قىلىپ، ئىجتىمائىي ئۈنۈمنى بىرىنچى ئورۇنغا قويغان ئاساستا، زور ۋاقىت، ئادەم كۈچى ۋە مەبلەغ سەرپ قىلىپ، ئۇيغۇر ئىنتېرنېت ساھەسىدىكى ئىنتايىن مۇھىم بولغان بۇ بوشلۇقنى تولدۇردى

ھەققىدە[تەھرىرلەش]

ئىزدە قامۇسى بولسا ئىزدە تورى قارمىقىدىكى قامۇس تور بىتى

باش شىركەت: ياخشى تور پەن-تېخنىكا شىركىتى

بېكەت نامى : ئىزدە قامۇسى

خەنزۇچە ئاتىلىشى : 维搜百科

بېكەت ئادرېسى : wiki.izda.com

ئىزدە قامۇسى مول مەزمۇنلۇق ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە بولۇپ، ئىزدە قامۇسى توربېكىتىدە جانلىقلار، ئۆسۈملۈكلەر، ئالەم، ئىلىم-پەن، تارىخ، مەدەنىيەت، كۆڭۈل ئېچىش، جەمئىيەت، دۇنيادىكى داڭلىق شەخىسلەر، نام چىقارغان كۆزگە كۆرنەرلىك شەخىسلەر، فىلىم ئاكتىيورلىرى، مۇزىكانت ۋە باشقا شەخىسلەر، داڭلىق شىركەت، كان-كارخانا ، گوروھلار ۋە ئۇلارنى قۇرغۇچىلىرى قاتارلىق ماتېرياللاردىن تارتىپ بەزى بىرخىل ماتېرياللارنىڭ بىرىكمىسى ۋە باشقا ھۆججەتلەر قاتارلىقلار تەمىنلىنىدۇ.

ئىزدە قامۇسى نىزامنامىسى[تەھرىرلەش]

دۆلەت ۋە جەمئىيەتنىڭ بىخەتەرلىكىگە تەسىر يەتكۈزىدىغان مەزمۇنلار[تەھرىرلەش]

(1) دۆلىتىمىز ئاساسىي قانۇنىغا خىلاپ مەزمۇندىكى ئۇچۇرلار ئۆچۈرۈلىدۇ

(2) دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكى، زېمىن پۈتۈنلىكىگە زىيان يەتكۈزىدىغان ئۇچۇرلار ئۆچۈرۈلىدۇ

(3) دۆلەت مەخپىيەتلىكىگە چېتىلىدىغان ۋە دۆلەتنىڭ ئىناۋىتىگە تەسىر يەتكۈزىدىغان ئۇچۇرلار ئۆچۈرۈلىدۇ

(4) قانۇنسىز يېغىلىش، قانۇنسىز تەشكىلاتلار توغرىسىدىكى ئۇچۇرلار

(5) جەمئىيەتنىڭ مۇقىملىقىغا زىيان سالىدىغان، تېرورلۇق ئىشلىرىغا ئائىت ئۇچۇرلار ئۆچۈرۈلىدۇ

(6) ئۆسەك سۆز تارقىتىدىغان، ئاممىۋىي تەرتىپنى بۇزىدىغان ئۇچۇرلار ئۆچۈرۈلىدۇ

(7) ئاخبارات ئىشخانىسى ۋە ج خ ئورۇنلىرى تارقاتماسلىقنى ئۇقتۇرغان ئۇچۇرلار ئۆچۈرۈلىدۇ

(8) مىللىي ئۆچ-ئاداۋەت تۇغدۇرىدىغان، مىللەتلەرنىڭ ئۆرۈپ ئاتىدىگە زىيان سالىدىغان ئۇچۇرلار ئۆچۈرۈلىدۇ

(9) ئەزالارنىڭ قوللانغان نامى، ياكى باشقا ئورۇنلاردا مىللىي كەمسىتىش تۈسىدىكى نام ۋە ئىمزا قوللانغان، باشقىلارنىڭ نامىنى سۈيئىستىمال قىلغان ئەزالار، رەھبەرلەرنىڭ ئوبرازىغا دەخلى-تەرۇز يەتكۈزىدىغان ئۇچۇرلار بىردەك ئۆچۈرۈلىدۇ

ساغلام بولمىغان، زوراۋانلىق تۈسى ئالغان، قىمار، زەھەر ۋە ئەدەپ-ئەخلاققا زىت مەزمۇنلار[تەھرىرلەش]

(1) ساغلام بولمىغان (سېرىق مەزمۇندىكى ) ھەرقانداق رەسىم، مەزمۇن، فىلىم بىردەك ئۆچۈرۈلىدۇ

(2) تېرورلۇق، ئېچىنىشلىق رەسم، فىلىم ۋە باشقا ناچار تەسىرلىك مەزمۇنلار ئۆچۈرۈلىدۇ

(3) مەزمۇن چىنلىقى يوق، ساختا، ئويدۇرما ئۇچۇرلار ئۆچۈرۈلىدۇ

(4) باشقىلارنى ھاقارەت قىلىدىغان، بۆھتان چاپلايدىغان، باشقىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىگە دەخلى تەرۈز يەتكۈزىدىغان ئۇچۇرلار ئۆچۈرۈلىدۇ.

(5) ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋېلىش توغرىسىدىكى، ياكى ئۆزىنى ئۆلتۈرۋالغان جەريانلار تەپسىلىي بايان قىلىنغان ئۇچۇرلار ئۆچۈرۈلىدۇ.

(6) مېيىپلارنى، ئاجىز، يوقسۇللارنى مازاق قىلىدىغان، كەمسىتىدىغان ئۇچۇرلار ئۆچۈرۈلىدۇ

(7) مىللىي ئۆرپ-ئادەتكە چۈشمەيدىغان ياكى مىللەتلەرنىڭ ئۆرۈپ ئادىتىنى كەمسىتىدغان ئۇچۇرلار بىردەك ئۆچۈرۈلىدۇ

ئېلان ياكى ئېلان تۈسىنى ئالغان مەزمۇنلار[تەھرىرلەش]

(1) زىيارەت ئېقىمىنى ئاشۇرۇشنى مەخسەت قىلىپ باشقىلارنى قەستەن مەلۇم توربەت ، سالون ياكى سورۇنلارغا دەۋەت قىلىدىغان ئۇچۇرلار ئۆچۈرۈلىدۇ

(2) تىجارەت خاراكتىرلىك ئورۇن ۋە شەخسلەرنىڭ ئېلانلىرى ئۆچۈرۈلىدۇ

(3) ھەرقانداق تىجارەت،سودا خاراكتېرىدىكى ئۇچۇرلار ئۆچۈرۈلىدۇ

(4) شاخلىتىپ سېتىشقا دەۋەت قىلىدىغان ياكى شاخلىتىپ سېتىشنى ترغىپ قىلىدىغان ئۇچۇرلار ئۆچۈرۈلىدۇ

مەنبە[تەھرىرلەش]

ئىزدە قامۇسى