ئىزگىل

ئورنى Wikipedia

ئىزگىل: ئىزگىل قەبىلىسى دەسلەپ موڭغۇلىيەدىكى خانگاي تېغىنىڭ شەرقىي بۆلىكى بولغان ئۆتۈكەن تېغىنىڭ ئەتراپلىرىدا ياشىغان. «يېڭى تاڭنامە. ئۇيغۇرلار تەزكىرىسى» دە: «قۇمۇقلار تۇڭرا قەبىلسىنىڭ شىمالىدا ياشايتتى، ئىزگىل قەبىلىسى سىرتاردۇشلارنىڭ بۇرۇنقى يېرىدە ياشايتتى، ئىككى قەبىلىنىڭ ئەسكەرلىرىنى قوشقاندا 20 مىڭغا يېتەتتى»[14] دېيىلگەن. تارىخىي ماتېرىياللارغا قارىغاندا ئىزگىللارنىڭ پائالىيەت دائىرىسى ئىنتايىن كەڭرى بولغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ بىر قىسملىرى موڭغۇلىيىنىڭ جەنۇبىدا، سەددىچىن بويلىرىدا ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئىسسقكۆل بويلىرىدا ياشىغان. «ئەلنى ئىدارە قىلشقا پايدىلىق ئومۇمىي ئۆرنەكلەر» دە: «شۈەنچىڭ 4-يىلى (659-يىلى) 11-ئايدا ئىزگىللارنىڭ ئېركىنى دۇمان (都曼) قەشقەر، كۆكيار، گورباند (تاشقورغان) ئۈچ بەگلىككە باشچىلىق قىلىپ ئىسىيان كۆتۈرۈپ، ئودۇننى ئىشخال قىلىۋالدى» دېيىلگەن بولۇپ، بۇ ئىزگىللارنىڭ 7-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا تارىم ئويمانلىقىنىڭ ئوتتۇرا ۋە غەربىي جەنۇبىي رايونلىرىغا كېلىپ ماكانلاشقانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.