ئىستانبۇل تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتى

ئورنى Wikipedia
ئىستانبۇل تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتى

ئىستانبۇل تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتى (تۈركچە: İstanbul Teknik Üniversitesi، ئىنگىلىزچە: Istanbul Technical University، ئادەتتە ITU ۋە ياكى İTÜ ئىسمى بىلەن بىلىنىدۇ ) تۈركىيەدىكى داڭلىق ئالىي بىلىم يۇرتلىرىدىن بىرىدۇر. 1773 - يىلى ئىستانبۇلدا قۇرۇلغان بۇ بىلىم يۇرتى، يالغۇز تۈركىيەدىكى ئەڭ كونا ئالىي بىلىم يۇرتلىرىدىن بولۇپلا قالماي، دۇنيادىكى ئەڭ قەدىمىي ئالىي بىلىم يۇرتلىرىدىن بىرىدۇر.


قىسقىچە مەلۇمات[تەھرىرلەش]

قىسقىچە تارىخى[تەھرىرلەش]

قۇرۇلغىنىدىن بېرى ، تەبئىي پەن ۋە ئىنژىنىرلىق ساھەسىدە مۇھىم رول ئويناپ كېلىۋاتقان ئىستانبۇل تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتى ، 1773 - يىلى ئوسمان ئىمپېرىيىسىنىڭ پادىشاھى مۇستاپا III تەرىپىدىن ، ھەربىي كېمىسازلىقنى راۋاجلاندۇرۇش مەقسىتىدە ئىمپىرىيە دېڭىز ئارمىيە ئىنژىنىرلىق مەكتىپى (ئوسمانلى تۈركچىسىدە:Mühendishane-i Bahr-i Hümayun) ئىسمى بىلەن ئوسمان ئىمپېرىيىسىنىڭ پايتەختى ئىستانبۇلدا قۇرۇلغان. 1845 - يىلىغا كەلگەندە ، بۇ مەكتەپ يالغۇز دېڭىزچىلىق تېخنىكا بىلىملىرى بىلەنلا قالماي ، باشقا تېخنىكا پەنلىرىگىچە كېڭەيگەن.

ئىستانبۇل تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتى ھازىر ئىنژىنىرلىق - قۇرۇلۇش كەسىپلىرىنى ئاساس قىلغان بىر سانائەت مەكتىپىدۇر. بۇ بىلىم يۇرتىنىڭ ماشىنىسازلىق، بىناكارلىق قۇرۇلۇشى، ئۇچۇش ۋە ئالەم سانائىتى، ئېلىكتىر ئىنژىنىرلىقى، مۇزىكا سەنئىتى قاتارلىق كەسپلىرى تۈركىيە بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ.

ئىستانبۇل تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتى يالغۇز تەبئىي پەن ۋە ئىنژىنىرلىق ساھەسىدە مۇھىم ئەربابلارنى يېتىشتۈرۈپ چىقىرىپلا قالماي، تۈركىيە يېقىنقى زامان سىياسى تارىخىدىكى بەزى داڭلىق شەخسلەرنىڭمۇ ئانا مەكتىپى بولۇش شەرىپىنىمۇ قولدىن بەرمىگەن. تۈركىيە پرىزدېنتلىرىدىن تۇرغۇت ئۆزال، سۇلايمان دېمىرەل، نەجمەتتىن ئەرباقانلار بۇ مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى ئىدى.

مەكتەپ ئىچىدىكى گولەتتىن بىر كۆرۈنۈش


ھۆججەت:Itu ydy.jpg
ماچكادىكى چەتئەل تىللىرى بۆلۈمى


سۇلايمان دېمىرەل مەدەنىيەت مەركىزى