ئىستراتېگىيەلىك ئىستىخباراتنىڭ نەزەرىيىۋى دائىرىسى، ئامىللىرى ۋە تېررورىزمغا قارشى كۈرەش نۇقتىسىدىن رولى ۋە ئەھمىيىتى

ئورنى Wikipedia

ئاپتۇرى: ئەرتان بەشە ۋە مەرۋە سەرەن

قىسقىچە مەزمۇنى

بۇ ماقالە، «ئىستراتېگىيەلىك ئىستىخبارات» تېمىسىنى ئۇقۇم ۋە نەزەرىيىۋى دائىرىدە تەتقىق قىلىدۇ، ئۇنىڭ تەتبىقلىنىش ساھەلىرى ۋە ئامىللىرى ئۈستىدە توختىلىدۇ. تۈركىيەدە ئادەتتە تاكتىكا ۋە ھەرىكەت شەكىللىرىگە ئەھمىيەت بېرىلىدىغان ئىستىخبارات خىزمەتلىرىنىڭ مۇھىم تەرىپىنى، ئەسلىدە ئىستراتېگىيەلىك نىشانلارنى نەزەردە تۇتقان ھالدا ئانالىتىك ۋە كۆپ قاتلاملىق ئۇچۇر توپلاش پائالىيەتلىرى شەكىللەندۈرۈشى كېرەك. شۇڭا ماقالىنىڭ تۈپ نىشانلىرىنىڭ بىرى، ئىستراتېگىيەلىك ئىستىخباراتنىڭ دەۋرىمىزدە قولغا كەلتۈرگەن ئۇتۇق ۋە مەنىسىنى چۆرىدىگەن ھالدا، دۆلەت خەۋپسىزلىكىنىڭ ئىچكى – تاشقى جەھەتتىن كاپالەتكە ئىگە قىلىنىشىدىكى ئورنىغا ئىشارەت قىلىدۇ. بۇ دائىرىدە، دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكىگە خەۋپ ئېلىپ كېلىدىغان مەۋجۇت ياكى ئوتتۇرىغا چىققۇسى تەھدىتلەرنى بايقاپ، تېررورىزم ۋەياكى شۇنىڭغا ئوخشاش سىياسىي زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرىنى ئارقا كۆرۈنۈش قىلىدىغان يىلتىزى چوڭقۇر خەۋپسىزلىك مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىشتا ئىستراتېگىيەلىك ئىستىخباراتنىڭ ئەھمىيىتىگە دائىر يىپ ئۇچلىرىنى بېرىشكە تىرىشىدۇ. ماقالىدە يەنە بۇ نىشانغا پاراللېل ھالدا، ئىستراتېگىيەلىك ئىستىخبارات خىزمەتلىرىنىڭ تېررورىزمغا قارشى كۈرەشتە ئۈنۈملۈك ۋە ئەمەلىي سىياسەتلەرنىڭ يولغا قويۇلۇشىغا قوشىدىغان تۆھپىلىرىگىمۇ ئورۇن بېرىلىدۇ.

ئاچقۇچلۇق سۆزلەر: ئىستىخبارات، ئىستراتېگىيەلىك ئىستىخبارات، تېررورىزم، تېررورىزمغا قارشى كۈرەش

كىرىش سۆز

«ئىستىخبارات» ئۇقۇمىغا بېرىلگەن ھەر خىل ئېنىقلىمىلار بىر يەرگە جەملەنگىنىدە، ئالدىنقى پىلانغا چىقىدىغان مۇددىئا ۋە ۋاسىتىلەر نۇقتىسىدىن ئادەتتە مۇئەييەن بىر ھادىسىنى تونۇش، ئوتتۇرىغا چىقىرىش، چۈشىنىش ۋە قىلىنىشى كېرەك بولغان ئىشلارنى پىلانلاش، قارار قىلىش، ئالدىنى ئېلىش، ھەرىكەتكە ئۆتۈش، ئىستراتېگىيە تۈزۈش، سىياسەت بەلگىلەش ۋە ئالاقىدار مۇددىئا ئۈچۈن مەخسۇس ۋاسىتىلەر ياكى مېتودلارغا تايىنىپ ئۇچۇر توپلاش ۋە ئۆزىگە خاس ئۇسۇللار بويىچە بۇ ئۇچۇرنى ئانالىز قىلىش، مۇھاكىمە قىلىش ۋە ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇش پائالىيىتى دەپ ئېنىقلىما بېرىلىدۇ (ئاكاد، 2011: 117؛ ئۆزداغ، 2008: 27؛ كۆسەلى، 2011: 7).

ئىستىخبارات ئىجرا قىلىنىش ساھەسى، قوللانغان ئۇسۇللار ۋە مۇددىئاسىغا كۆرە تاكتىكىلىق، تەتبىقلىنىش ۋە ئىستراتېگىيەلىك ئالاھىدىلىكلىرىگە ئىگىدۇر. چۈنكى دۆلەتلەرنىڭ تېررورىزمغا قارشى كۈرەشتىكى غەلىبىسىنى مۇئەييەنلەشتۈرىدىغان ئامىللارنىڭ ئەڭ مۇھىملىرىدىن بىرى تاكتىكىلىق، تەتبىقلىنىش ۋە ئىستراتېگىيەلىك ئىستىخبارات ئامىلىدىن قانچىلىك ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشىدۇر. چۈنكى، تېررورىزمغا قارشى كۈرەش، ئۆزى بىۋاسىتە ھالدا بىر خىل ئىستراتېگىيە بولغان ۋە بۇ ئىستراتېگىيەنى تاكتىكىلىق ئۇسۇللارغا تايىنىپ قەدەممۇ قەدەم ئىجرا قىلىشنى نىشان قىلغان تېررورىزم ھادىسىسىنى يوقىتىپ تاشلاشنى، ھېچبولمىغاندىمۇ كونتروللۇق ئاستىغا ئېلىپ، زىيانكەشلىكىنى ئەڭ تۆۋەن دەرىجىگە چۈشۈرۈشنى نىشان قىلىدۇ. بۇ بولسا، ئىستىخباراتتىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشقا باغلىقتۇر.

تېررورىزم، بىر خىل سىياسىي زوراۋانلىق تۈرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، خىلمۇخىل تەشكىلاتلىنىش ۋە پائالىيەت شەكىللىرى بىلەن «ئاسىممېترىك (سىممېترىك بولمىغان) ئۇرۇش» خۇسۇسىيىتىگە ئىگە. «ئاسىممېترىك ئۇرۇش» ئۇقۇمى، زامانىمىزدا كۈچى، مەنبەلىرى، بەزىدە ئىستراتېگىيەلىرى ۋە تاكتىكىلىرى پەرقلىق بولغان دۆلەتلەر، گۇرۇپپىلار ياكى كۈچلەر ئارىسىدىكى ئۇرۇشلار ئۈچۈن ئىشلىتىلمەكتە (ئاكاد، 2011: 29). تېررورىزمنىڭ ئاسىممېترىك خاراكتېرى، تېررورچىلارغا ۋەقە پەيدا قىلىش جەھەتتە ۋاقىت ۋە ئورۇن بەلگىلەش، تېز قارار چىقىرىش ياكى ھەرىكەت قىلىش ۋەياكى شۇنىڭغا ئوخشاش جەھەتلەردە مۇئەييەن تاكتىكىلىق ئەۋزەللىك يارىتىپ بېرىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا ھەرقانداق ئامىلنى سۇيىئېستىمال قىلىش ۋە ئىشلىتىش، قائىدە تونىماسلىق، ئاجىزلىقلاردىن پايدىلىنىشتەك جەھەتلەردە تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا ئىستراتېگىيەلىك مەنىدە مۇئەييەن ئىمكانىيەتلەرنى سۇنىدۇ. ئاسىممېترىك ئۇرۇش تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا يارىتىپ بېرىدىغان بۇ خىل ئىمكانىيەتلەر، دۆلەتلەرنىڭ تېررورىزم ۋە ئۇنىڭ ئىجرا قىلغۇچىسى بولغان تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا قارشى كۈرەشلىرىنى قىيىنلاشتۇرىدىغان ئەڭ مۇھىم ئامىللاردۇر.

دېمەك، دۆلەتلەرنىڭ تېررورىزمغا قارشى كۈرەشلىرىدە غەلىبە قىلىشلىرىنىڭ ئەڭ ئۈنۈملۈك ۋاسىتىلىرىنىڭ ئالدىنقى قاتارىدىن پائال، ماس ۋە شۇنداقلا بىر ۋاقىتتا ئىجرا قىلىنىدىغان تاكتىكىلىق ئىستىخباراتتىن پايدىلىنىش ئورۇن ئالىدۇ. تېررورلۇق ۋەقەلىرىنىڭ ئالدىنىڭ ئېلىنىشى ۋە تېررورچىلارچىلارنىڭ پالەچ ھالەتكە چۈشۈرۈلۈشىدە ناھايىتى زۆرۈر بولغان تاكتىكىلىق ئىستىخبارات، تېررورىزم مەسىلىسىنىڭ پۈتۈنلەي يوقىتىپ تاشلىنىشىغا يەتسىمۇ، قىسقا مەزگىللىك خەۋپسىزلىك تەدبىرلىرىنىڭ ئېلىنىشىغا ئىمكانىيەت يارىتىپ بېرىدۇ. تېررورىزم مەسىلىسىگە ئۇزۇن مۇددەتلىك شۇنداقلا ئۈزۈل – كېسىل چارە تېپىش، دۆلەتلەرنىڭ تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىنىڭ پەيدا بولۇشىغا سەۋەب بولغان ئامىللار، تېررورلۇق ۋەقەلىرىنى پەيدا قىلغۇچىلار، يانتاياق بولغۇچىلار ۋە تېررورىزمغا قارشى كۈرەش قىلغۇچى دۆلەتنىڭ ئىمكانىيەتلىرى توغرىسىدىكى ئانالىز ۋە مۆلچەرلەرنى تايانچ قىلىدىغان ئىستراتېگىيەلىك ماھىيەتتە ئىستىخبارات ھاسىل قىلىپ ئىجرا قىلىش قۇدرىتىگە باغلىقتۇر.

شۇنىڭ ئۈچۈن، تېررورىزمغا قارشى كۈرەشتە ۋاسىتە قىلىپ قوللىنىلىدىغان بولسا، ئىستىخبارات، تېررورىزمغا قارشى مەملىكەت ۋە خەلقئارا سەۋىيەدە كۈرەش قىلىش ئۈچۈن قارار چىقىرىش مېخانىزملىرى ۋە ئۇنى ئىجرا قىلغۇچىلارنىڭ زۆرۈر بولغان ئىستراتېگىيە ۋە سىياسەتلەرنى بېكىتىشىنى، ئىمكانىيەتنىڭ يېتىشىچە ئەڭ توغرا قارارلارنى چىقىرالىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن شەكىللەندۈرۈلىدۇ. بۇ دائىرىدە ھاسىل قىلىنغان ئىستىخبارات، تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئىمكانىيەت ۋە قابىلىيەتلىرى بىلەن كۈچلۈك، ئاجىز ۋە سەزگۈر نۇقتىلىرىنى، نىشانلىرىنى، سىياسەت ۋە ئىستراتېگىيەلىرىنى ئېنىقلاپ، چوڭقۇرلاپ ئانالىز قىلىشنى نىشان قىلىدۇ.

ئىستراتېگىيەلىك تەرەپلىرى بىلەن بىرلىكتە مۇھاكىمە قىلىنغىنىدا، «ئىستىخبارات»، تېخىمۇ كەڭ دائىرىدىكى پەرقلىق ئىستىخبارات تېمىسى ۋە مەنبەلىرى بىر – بىرىگە كىرىشتۈرۈلۈپ، ئىلاۋە قىلىنغان ئۇچۇرلارنىڭ خىزمەتكە سۇنۇلۇشىنى تەقەززا قىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن، «ئىستراتېگىيەلىك ئىستىخبارات» تېمىسى كۈنتەرتىپكە كېلىدۇ.

دېمەككى بۇ ماقالىدە، «ئىستىخبارات» ئۇقۇمى ۋە ھادىسىسىنىڭ ئومۇمەن ھەرىكەت ۋە تاكتىكىلىق تەرەپلىرى ئالدىنقى پىلانغا چىقىۋاتقان دۆلىتىمىز (تۈركىيە) دە، «ئىستراتېگىيەلىك ئىستىخبارات» ھادىسىسىنىڭ ئېشىپ بېرىۋاتقان ئەھمىيىتى قەلەمگە ئېلىنىدۇ، بولۇپمۇ ئۇقۇمنىڭ تېررورىزمقا قارشى كۈرەشكە ئالاقىدار مىللىي سىياسەتلەرنىڭ بېكىتىلىشىدە قانچىلىق مۇھىم ئورۇنغا ئىگە ئىكەنلىكى تەكىتلىنىدۇ.

1 – ئىستراتېگىيەلىك ئىستىخبارات ئۇقۇمى

«ئىستراتېگىيە» ئۇقۇمى ئېتمولوگىيەلىك پەرقلەرگە ئىگە بولسىمۇ، ماھىيىتىدە كېلەچەككە ئالاقىدار پائالىيەت ۋە مۆلچەرلەرنى ئىپادىلەيدۇ. دەرۋەقە بىر ئېنىقلىمىدا، ئىستراتېگىيە «بەلگىلەنگەن نىشانغا يېتىش يولىدا قىلىنىدىغان ئىش – ھەرىكەتلەرنىڭ ئاساسىي يۆنىلىشىنى بەلگىلەيدىغان ۋە بۇلارنىڭ ئۆزئارا ماسلىشىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدىغان ئەتراپلىق قارار چىقىش ۋە پىلان تۈزۈش تىرىشچانلىقىدۇر (ئاكاد، 2011: 192).

بەزى ئىزاھاتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ ئۇقۇمنىڭ ئېتمولوگىيەسى قەدىمكى گېرىكچىگىچە سوزۇلىدىغان بولۇپ، «باشقۇرۇش»، «يۆنىلىش بەلگىلەش» دېگەندەك مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ (ئاقدوغان، 2007: 449). بۇ ئۇقۇمنىڭ تېخىمۇ قەدىمىي ۋە ئومۇملاشقان مەنىسى، ھەربىي ۋە سىياسىي ساھەلەر بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، «بىر ئۇلۇس (مىللەت) ياكى ئۇلۇسلار توپلۇقىنىڭ تىنچ ھالەت ۋە ئۇرۇش پەيتىدە قوبۇل قىلغان سىياسەتلىرىگە قوللىغۇچى تېپىش مەقسىتىدە سىياسىي، ئىقتىسادىي، پىسخىك ۋە ھەربىي كۈچلەرنى بىراقلا ئىشقا سېلىش ئىلمى ۋە سەنئىتى» دەپ ئىزاھلىنىدۇ (ت.د.ك، 2011).

ئىستراتېگىيەنىڭ ئۇتۇقلۇق بولۇشىنىڭ ئەڭ مۇھىم شەرتلىرى توغرا مەلۇماتقا ئىگە بولۇش، شەرت – شارائىتنىڭ ياخشى ئانالىز قىلىنىشى، رېئال ۋە تەتقىبلىغىلى بولىدىغان بولۇشىدۇر. ئىستراتېگىيەنىڭ تۈزۈلۈشىدە مەنبەلىك رولىنى ئوينايدىغان مەلۇماتنىڭ توغرا بولۇشى بىلەن بىرگە، بېكىتىلگەن نىشانلار بىلەن ۋاسىتە ۋە ئىمكانىيەتلەر ئارىسىدىكى مۇۋازىنەتنىڭ توغرا تەڭشىلىشىمۇ مۇھىم ھېسابلىنىدۇ. باشقىچە قىلىپ ئىپادىلەيدىغان بولساق، يەتمەكچى بولغان نىشانلار بىلەن ئۇلارغا يېتىش يوللىرى رېئال ۋە ئوبېيكتىپ بولۇشى لازىم (ئاكاد، 2011: 193).

ئىستراتېگىيەلىك نىشانلارغا يېتىشنىڭ غەلىبىلىك بولۇش – بولماسلىقى تۇتۇپ مېڭىلىدىغان يوللار بىلەن ئىستراتېگىيەلىك نىشانغا يېتىشنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدىغان سىياسەت، ھەرىكەت ۋە ۋاسىتە (تاكتىكا) لەرگە باغلىقتۇر. توغرا مەلۇماتقا تايانغان ھالدا كېلەچەككە ھەققىدە رېئال تەخمىنلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇش، ئىمكانىيەت ۋە خەۋپلەرنى مۆلچەرلەش ۋە ۋەقەلەرنى ئالدىن پەرەز قىلىش ئۈچۈن، ئىجتىمائىي پەنلەر ۋە تېخنولوگىيەنىڭ ئەۋزەللىكلەرگە تايىنىپ ئۇچۇر توپلاش لازىم. بۇ ئۇچۇرلارنى ئانالىز قىلىش ئارقىلىق كېلەچەككە مۇناسىۋەتلىك قارارلارنى چىقىرىش ئېھتىياجى، بىر مەنىدە «ئىستراتېگىيە» بىلەن «ئىستىخبارات» ئۆزئارا كېسىشكەن بىر نۇقتىنى، «ئىستراتېگىيەلىك ئىستىخبارات» ھادىسىسىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىدۇ. بۇ دائىرىدە ئىستراتېگىيەلىك ئىستىخباراتنىڭ تۈپ فۇنكىسىيەسىنىڭ كېلەچەك توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرۇشلارنى بېرىپ، يولغا قويۇلىدىغان سىياسەتلەرنى بېكىتىشتە پايدىلىنىدىغان ئۇچۇر-مەلۇمات، مۇھاكىمە، ئانالىز ۋە تەخمىنلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇش ئىكەنلىكىنى ئېيتىش مۇمكىن.

دون ماكدوۋېلنىڭ ئېنىقلىمىسىغا ئاساسلانغاندا، ئىستراتېگىيەلىك ئىستىخبارات «سىياسەت ۋە ئىستراتېگىيەلەرنى بېكىتىش ۋە بېيىتىش ئۈچۈن قارار چىقارغۇچى، پىلان تۈزگۈچى ۋە ئىجرا قىلغۇچىلارغا ياردەمچى بولۇش ئۈچۈن تەھدىت، خەۋپ ۋە پۇرسەتلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇش مەقسىتىدە ھەرقانداق بىر تېما توغرىسىدا چوڭقۇر ۋە ئەتراپلىق شەكىلدە ئېلىپ ئۆزگىچە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش مېتودىدۇر» (ماكدوۋېل، 2009: 5).

يەنە بىر ئېنىقلىما بويىچە، ئىستراتېگىيەلىك ئىستىخبارات «بىر دۆلەتكە نىسبەتەن كېلەچەكتە ئوتتۇرىغا چىقىش ئېھتىمالى بولغان پۇرسەتلەرنى، خەۋپلەرنى تەكشۈرۈپ بېكىتىش ۋە مۆلچەرلەش ئارقىلىق قارار چىقارغۇچىلارنىڭ ئالدىغا مۇناسىۋەتلىك تاللاش يوللىرىنى قويۇش، ئۇلارنىڭ سىياسەت بېكىتىش مۇساپىسىنى تېخىمۇ توغرا زېمىنغا باشلاش مەقسىتىدە ئېلىپ بېرىلىدىغان ئىستىخبارات تۈرىدۇر (ئوزداغ، 2008: 146).

2 – ئىستراتېگىيەلىك ئىستىخباراتنىڭ مۇئەسسەسەلىشىشى ۋە شېرمان كەنت

«ئىستراتېگىيەلىك ئىستىخبارات» ئاتالغۇسىنىڭ دەسلەپكى نەزەرىيەچىلىرى ۋە بۇ مېتودنى ئىجرا قىلغۇچىلارنىڭ ئالدىنقى قاتارىدىن «ئىستراتېگىيەلىك ئىستىخبارات»[3] ناملىق كىتابى بىلەن داڭق چىقارغان شېرمان كەنت ئورۇن ئالىدۇ (ئۆزداغ، 2008: 145؛ كۆسەلى، 2011: 18؛ ھېدلېي، 2008: 25). ئىستراتېگىيەلىك ئىستىخبارات، گەرچە قەدىمكى خىتاي (بولۇپمۇ مىلادىدىن ئىلگىرى 500 – يىللاردا ياشىغان خىتاي گېنېرال سۇڭزىنىڭ «ئۇرۇش سەنئىتى» ناملىق كىتابىدا ئىستىخبارات ۋە ئۇنىڭ ئەھمىيىتى توغرىسىدا توختالغانلىقىنى نەزەردە تۇتىدىغان بولساق)، مىسىر، ھىندىستان ۋە پارىس ئىمپېراتورلۇقلىرىدىمۇ ھەرخىل ئىدىيەۋى ئۇقۇملاشتۇرۇش دائىرىسىدە يولغا قويۇلغان بولسىمۇ (ئۆزداغ، 2008: 43)، كەنت، 1940 – يىللاردا مودېرن مەنىدە ئىستراتېگىيەلىك ئىستىخباراتنىڭ ئۇلىنى سېلىپ، ئىلمىي جەھەتتىن ئىسپاتلانغان بىر پىرىنسپىقا ئايلىنىشىغا ناھايىتى كۈچلۈك تۆھپە قوشقاندۇر.

شېرمان كەنت ئېلىپ بارغان ئانالىز ۋە خىزمەتلىرى بىلەن ئىستىخباراتنى نەزەرىيىۋى ئۈستقۇرۇلمىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، ئۇنىڭ بىر ئىلىم تۈرى بولۇشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلدى. ئۇ، 1967 – يىلى ئامېرىكا مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسى – CİA دىكى ۋەزىپىسىدىن دەم ئېلىشقا چىققۇچە بولغان جەرياندا ۋەزىپە ۋە نىشانلىرىنىڭ بەلگىلىنىشىدە، ئىستىخبارات ئانالىزى ۋە مېتودولوگىيەسىنىڭ ئالغا سىلجىتىلىشىدا باشلامچى رول ئوينىدى (داۋىس، 2002؛ CIA، 2011 ئا).

كەنتنىڭ ئىستىخبارات ساھەسىگە قوشقان ئەڭ چوڭ تۆھپىسى، رەسمىي ۋە ئانالىتىك ماھىيەتكە ئىگە بىر كەسپىي قابىلىيەت ۋە مېتودنى ئوتتۇرىغا قويۇشى ئىدى. كەنت، ئىستىخبارات ئانالىزىنىڭ مۇناسىۋەتلىك مەسىلە توغرىسىدا ئەستايىدىل ۋە چۈشىنىشلىك بولۇشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەيتتى (CIA, 2011a).

كەنتنىڭ ئىستىخبارات دۇنياسى ۋە مېتودلىرىغا قوشقان ئەڭ مۇھىم تۆھپىسى، بۇ ساھەدە ئىستىخباراتنىڭ توپلىنىپ ئىشلىتىلىشىچىلىك مۇھىم ئورۇندا تۇرۇشى كېرەك بولغان ئانالىز خىزمەتلىرىنىڭ ئەھمىيىتىنى ئوتتۇرىغا قويۇشىدۇر (CIA, 2011a).

شۇنىڭ بىلەن، ئىستىخبارات ئانالىزچىلىرى تەپەككۇر قىلىدىغان، لوگىكىلىق ۋە ئىلمىي مېتودلارنى بىرلەشتۈرۈپ ئىجرا قىلىدىغان كىشىلەر سۈپىتىدە ئىستىخبارات دۇنياسىدا ئۆتمۈشتىكىگە قارىغاندا تېخىمۇ زور قىزىقىش قوزغاشقا باشلىدى. ئۇنىڭ قارىشىچە، ئىستىخبارات تېخنولوگىيەسى ۋە يوشۇرۇن ئۇچۇر توپلاش تېخنىكىلىرى مۇھىم بولسىمۇ، سىياسەت ئوتتۇرىغا قويغۇچىلار دۇچ كېلىدىغان مۇرەككەپ مىللىي خەۋپسىزلىك مەسىلىلىرى توغرىسىدا «تەپەككۇرنى تايانچ قىلىدىغان ئانالىز» تېخىمۇ ئۈستۈن ئورۇندا تۇراتتى (داۋىس، 2003: 11).

ئۇنىڭ قارىشىچە، ئانالىزچى مۇئەييەن تەپەككۇر سىستېمىسى ئىچىدىكى ئىلمىي مېتودولوگىيەدىن پايدىلىنىدۇ. بولۇپمۇ ئىجتىمائىي پەنلەر ئانالىزچىغا مۇئەييەن سىستېما، مېتود ۋە نەزەرىيە سۇنىدۇ. ئىستراتېگىيەلىك ئىستىخباراتنىڭ ئاساسىي تېمىسىنى ئاساسلىقى ئىجتىمائىي پەنلەر تەشكىل قىلىدۇ ۋە تەتقىقاتچىغا / ئانالىزچىغا مېتودولوگىيەلىك رامكا سۇنىدۇ (كەنت، 2003: 141).

ئۇ، بۇنىڭدىن باشقا تەكرارلانغان ئىستىخبارات مەسىلىلىرىنىڭ تەكشۈرۈلۈشى ۋە دەم ئېلىشقا چىققان ئىستىخبارات ئىجرا قىلغۇچىلىرىنىڭ تەجرىبىلىرىنى ھۆججەتلەشتۈرۈش مەقسىتىدە «ئىلغار تىپتىكى ئىستىخبارات خىزمەتلىرى ئىنستىتۇتى»[4] قۇرۇپ چىقىشقا رىغبەتلەندۈردى. لېكىن، كەنتنىڭ بۇ نىشانىغا ئۇيغۇن بىر ئىنستىتۇت، 1967 – يىلى CIA دىن دەم ئېلىشقا چىقىپ ئارىدىن 8 يىل ئۆتكەندىن كېيىن، يەنى 1975 – يىلى «ئىستىخبارات تەتقىقاتلىرى مەركىزى»[5] دېگەن نامدا قۇرۇلدى (داۋىس، 2002).

2000 – يىلى CIA تەرىپىدىن قۇرۇلغان ئىستىخبارات ئانالىز مەكتىپىگە ۋاپاتى (1986) دىن 14 يىل ئۆتكەندىن كېيىن شېرمان كەنتنىڭ نامى بېرىلدى (داۋىس، 2002). CIA نىڭ قارمىقىدا قۇرۇلغان «شېرمان كەنت ئخ ئانالىز مەكتىپى» ياكى باشقىچە نامى بىلەن «شېرمان كەنت مەركىزى»، CIA ئۇنىۋېرسىتېتى قارمىقىدا خىزمەت قىلماقتا ۋە تەشكىلات ئىچىدىكى خادىملار شۇنداقلا ئىستىخبارات خىزمەتچىلىرىگە نەزەرىيە، ئىدىيە ۋە ئىستىخبارات ئانالىزىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردە تەربىيەلەش كەسپىيلىشىشلىرىگە ھەسسە قوشماقتا. مەزكۇر مەركەز يەنە «The Kent Center Occasional Papers (كەنت مەركىزى ئالاھىدە ئەھۋاللار بەس – مۇنازىلىرى)» ناملىق دوكلاتلىرى بىلەن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك ئورۇنلارغا دۆلەت خەۋپسىزلىك مەنپەئەتلىرىنىڭ مۇھاپىزەت قىلىنىشى ئۈچۈن ئالدىنى ئېلىش شۇنداقلا ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە ئۇچۇرلارنى سۇنۇپ كەلمەكتە (CIA, 2011b).

كەنتنىڭ قارىشىچە، ئىستىخباراتنىڭ ئۈچ ئاساسىي ئامىل بار بولۇپ، بۇلار ئۇچۇر- مەلۇمات، تەشكىللەش ۋە پائالىيەتتۇر (كەنت، 2003: 1، 51، 136). ئىستىخبارات مۇئەييەن بىر خىل مەلۇماتنى قولغا چۈشۈرۈش مەقسەتلىك ئىزدىنىش مۇساپىسىنىڭ ئاخىرىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن بۇ ئۇچۇرلارنىڭ مەيلى ھېسسىي، مەيلى ئاڭلىق بولسۇن، مۇئەييەن زېھنىي كۈچ سەرپ قىلىنغان ئانالىزنىڭ نەتىجىسىدە ئوتتۇرىغا چىقىرىلغان بىر ئەھۋال ياكى نەتىجىدۇر. ئىستىخبارات ئىشى قىسقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، ئۈنۈملۈك بىر ھەرىكەتنىڭ ئاساسىي شەكىللەندۈرۈشكە كېرەكلىك ئۇچۇرغا؛ باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا توغرا جاۋابقا ئېرىشىش تىرىشچانلىقىدىن باشقا نەرسە ئەمەستۇر (كەنت، 2003؛ IX, X, XI). بۇ نۇقتىدىن ئىستىخبارات بىر پائالىيەت تۈرىدۇر. بۇ پائالىيەتلەر ئاساسلىقى <كۆزىتىش> ۋە <تەكشۈرۈش> ماھىيىتىدۇر.[6]

كەنتنىڭ چۈشەنچىسىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئىستىخبارات ماھىيەت جەھەتتىن تاشقى سىياسەت ۋە دۆلەت خەۋپسىزلىك مەسىلىسى بولۇپ، «ئۇرۇش ۋە تىنچلىق مەزگىللىرىدە دۆلىتىمىزنىڭ تاشقى سىياسەتلىرى تاياندۇرۇلۇشى كېرەك بولغان مەلۇماتلاردۇر» (ئۆزداغ، 2008: 146). ئىستراتېگىيەلىك ئىستىخباراتنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىرىشى كېرەك بولغان مەلۇمات ناھايىتى كۆپتۇر. بولۇپمۇ ئۇرۇش مەزگىلىدە بۇ ئىشنىڭ ئۇتۇققا ئېرىشتۈرۈلۈشى، يەنى ئىستراتېگىيەلىك ئىستىخبارات ئوتتۇرىغا قويۇشقا لازىملىق مەلۇماتنىڭ توپلىنىشى ئۈچۈن، ئون مىڭلارچە تەربىيەلەنگەن كىشى بۇ ئىشقا ئاجىرىتىلىشى لازىم. تىنچلىق پەيتلىرىدە ئادا قىلىنىشى كېرەك بولغان ۋەزىپىنىڭمۇ ئادا قىلىنىشى ئوخشاش نىسبەتتە قىيىندۇر (كەنت، 2003: X). دېمەك، ئىستىخبارات مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرنىڭ كويىغا چۈشكەن ئاكتىپ كىشىلەر تەشكىل قىلغان كەسپىي بىر تەشكىلاتنىڭ ئىشىدۇر (كەنت، 2003: 51، 52). خۇسۇسەن ئىستراتېگىيەلىك ئىستىخباراتنى يارىتىش مۇساپىسى خۇسۇسىي تىرىشچانلىقلارنىڭ ئەكسىچە قىيىن ۋە ئەستايىدىل ئىش تەقسىماتىنى تەقەززا قىلىدىغان گۇرۇپپا خىزمىتىدۇر. بۇ گۇرۇپپىدا «كەسپىيلىك» ئەڭ مۇھىم نۇقتا بولۇپ، ئەزالىرىنىڭ كەسپىي بولۇشى بۇ گۇرۇپپىنىڭ ئەڭ گەۋدىلىك ئالاھىدىلىكىدۇر.

شېرمان كەنتنىڭ قارىشىچە، ئىستراتېگىيەلىك ئىستىخبارات پەقەت بىر خىل مەلۇمات توپلاش خىزمىتىدىنمۇ بەكرەك ھاسىل قىلىنغان ئۇچۇرلارنىڭ توغرا مۇھاكىمە قىلىنىشى ۋە ئىشلىتىلىشىدۇر. ئىستراتېگىيەلىك ئىستىخباراتتا خۇلاسىلىگەندە مەلۇماتنى رەتلەش، بىرلەشتۈرۈش، مۇھاكىمە قىلىش ۋە ئىشلىتىش ئاساس بولۇپ، كۆپلىگەن ئىلمىي ساھەلەردىن پايدىلىنىشنى شەرت قىلىدۇ. باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، ئىستراتېگىيەلىك ئىستىخبارات پائالىيەتلىرى پەنلەر ۋە ساھەلەر ئارا بىر خىزمەتتۇر، يەنى بىر خىل ئاكادېمىك پائالىيەتتۇر.[7]

3 – ئىستراتېگىيەلىك ئىستىخباراتنىڭ تۈپ ئالاھىدىلىكلىرى

ئىستراتېگىيەلىك ئىستىخبارات ئاساسلىقى ئوچۇق مەنبە ئىستىخباراتىغا تايىنىدۇ. زامانىمىزدىكى ئۇچۇر – ئالاقە تېخنولوگىيەلىرى ۋە ئىنتېرنېتنىڭ پەۋقۇلئاددە تەرەققىياتى ئوچۇق مەنبە ئىستىخباراتنىڭ ئەھمىيىتىنى كۈچەيتتى. بۇ ھەقتە زوئې بائىرد ۋە جېيمېس باركسدېيل (2006:53)، ئوچۇق مەنبە ئىستىخباراتىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش ئۈچۈن مۇناسىۋەتلىك كىشىلەرنىڭ تەربىيەلىنىشى ۋە ئوچۇق مەنبە مەلۇماتىغا باشقا ئىستىخبارات تۈرلىرىگە ئوخشاشلا ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىنىشىنى تەكىتلەيدۇ.

ماكۋودېل (2009:5) ۋە ئۆزداغنىڭ (2008:146) يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ئېنىقلىمىلىرىمۇ نەزەرگە ئېلىغىنىدا، ئىستراتېگىيەلىك ئىستىخبارات، ئاساسىي مەقسەت، ۋەزىپە ۋە فۇنكىسيەسىگە ئاساسەن دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارا مىقياستا توغرا شۇنداقلا رېئال ئىستراتېگىيەلەرنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى ۋە ئىجرا قىلىنىشىغا شارائىت يارىتىپ بېرىش مەقسىتى بىلەن توپلانغان مەلۇماتلارنىڭ كۆزدىن كەچۈرۈلۈشى ۋە ئانالىز قىلىنىشىدۇر.

ئىستراتېگىيەلىك ئىستىخبارات ئومۇمەن شۇنداقلا نۇقتىلىق ھالدا تاشقى ئىستىخبارات پائالىيىتى ۋە بىۋاسىتە دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە زىيانلىق تەھدىتلەرگە قارشى ئېلىپ بېرىلغان بىر پائالىيەت، دەپ چۈشىنىلسىمۇ، يېقىنقى چاغلاردا ئىچكى تەھدىت ئامىللىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان ھالەت شەكىللەندى. دەۋەقە مىللىي ئىستىخبارات تەشكىلاتى (م.ئى.ت) نىڭ «ئىستراتېگىيەلىك ئىستىخبارات» چۈشەنچىسى ۋە بۇ مەقسەتكە خىزمەت قىلىدىغان قۇرۇلمىسىمۇ سىرتقا قارىتا دۆلەت ئىستىخباراتى چۈشەنچىسىنى چىقىش قىلىدۇ. بۇ ئەھۋالغا ئىشارەت قىلغان جەۋات ئۆنەش[8]، ئۆزى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن بىر سۆھبەتتە، مىللىي ئىستىخبارات تەشكىلاتى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان رەسمىي بىر بايانات بولمىسىمۇ، م.ئ.ت نىڭ خەۋپسىزلىك ئىستىخباراتى (ئىچكى ئىستىخبارات) بىلەن ئىستراتېگىيەلىك ئىستىخبارات (تاشقى ئىستىخبارات) ئوتتۇرىسىدىكى پەرقلەرنى نەزەرگە ئېلىشقا باشلىغانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتىدۇ. ئۆنەش، باش مىنىستىر ئەردوغان (ماقالە ئېلان قىلىنغان چاغدا باش مىنىستىر ئىدى – تەھرىر) نىڭ 2010 – يىلى بىرازىلىيەگە كېتىۋېتىپ، «م.ئ.ت نىڭ نۇقتىلىق ۋەزىپىسى چەت ئەل ئىستىخباراتىدۇر» دېگەن سۆزىنىڭمۇ، يۇقىرىدا بايان قىلىنغان نۇقتىلار بىلەن بىرلەشتۈرۈپ چۈشىنىلگىنىدە، ئىستراتېگىيەلىك ئىستىخباراتنىڭ كۈچەيتىلىشىگە ئەھمىيەت بېرىدىغان ۋە ئۇنى ئالدىنقى پىلانغا قويىدىغان بىر ئىرادىنىڭ شەكىللەنگىنى كۆرسىتىپ بېرىش ماھىيىتىگە ئىگە ئىكەنلىكىگە ئىشارەت قىلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ (ھارمانكايا، 2011).

تەشكىلات قۇرۇلمىسى ئىچىدە بىر «ئىستراتېگىيەلىك ئىستىخبارات باشقارمىسى» بار بولغان م.ئ.ت نىڭ ئىنتېرنېت سەھىپىسىنىڭ بۇ باشقارمىنىڭ ۋەزىپىسىگە ئېنىقلىما بەرگەن بېتىدە، «ئىستراتېگىيەلىك ئىستىخبارات» ئۇقۇمى «خەلقئارا سىستېما، ئۇنىڭ ئاكتىيورلىرى بولغان دۆلەت ۋە دۆلەت سىرتى قۇرۇلمىلاردىكى پۈتكۈل ئۆزگىرىشلەرنى كۆزىتىپ ھاسىلات چىقىرىش ئارقىلىق كېلەچەككە قارىتا توغرىلىق دەرىجىسى يۇقىرى تەخمىنلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇش نىشانىغا ئاساسەن پائال «ئۇچۇر توپلاش، دەرىجىگە ئايرىش ۋە ئالاقىدار تارماقلارغا سۇنۇش» مۇساپىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر پائالىيەتتۇر» دەپ تەرىپلىنىدۇ (MIT, 2011).

تۈپ نىشان سۈپىتىدە دۆلەتلەر ۋە خەلقئارا سىستېمىنىڭ ئاكتيورلىرىغا ئىشارەت قىلىنغان بۇ ئېنىقلىمىدا، ئىستراتېگىيەلىك ئىستىخبارات خىزمەتلىرىنىڭ «دۆلەتنىڭ ئالىي مەنپەئەتلىرىگە خىزمەت قىلىش ئۈچۈن، سىرتقا قارىتا توپلاش ۋە دەرىجىگە ئايرىش خىزمىتى» ئىكەنلىكى ئالاھىدە تەكىتلىنىدۇ. شۇ ۋەجىدىن بۇ باشقارمىنىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىسىنىڭ «تۈركىيەنىڭ ئالىي مەنپەئەتلىرىنىڭ مۇھاپىزەت قىلىنىشى ۋە راۋاجلاندۇرۇلۇشىنى نىشان قىلغان مىللىي سىياسەتلىرىنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشىغا ۋە ئۇنىڭ ئىجرا قىلىنىشىغا ئاساس يارىتىپ بېرىدىغان ئىستراتېگىيەلىك ئىستىخبارات يارىتىش» ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلىدۇ (MIT, 2011).

ئىستراتېگىيەلىك ئىستىخبارات ئاساسلىقى بىيوگرافىيە، جۇغراپىيە، قاتناش، ئارمىيە، ئىقتىساد، سىياسەت، جەمئىيەت، كەيپىيات، بىلىم ۋە تېخنولوگىيە دېگەندەك پائالىيەت ساھەلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ (كەنت، 2003: 25 – 29؛ ئۆزداغ، 2008: 149). بۇ نۇقتىدىن قارىغاندا، ئىستراتېگىيەلىك ئىستىخبارات دۆلەت ئىچىدىكى قارار چىقىرىش سالاھىيىتىگە ئىگە تەرەپلەر ۋە بۇ قارارلارنىڭ شەكىللىنىش مۇساپىسىگە ھەسسە قوشىدىغان شەخس ۋە ئورگانلار ئۈچۈن ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ. بۇ شەكىلدە ئىستراتېگىيەلىك ئىستىخبارات سىياسەتچىلەر ۋە قارار چىقارغۇچىلانى پاكىت ۋە ئانالىزنى چىقىش قىلىدىغان پىكىر ۋە خىزمەت ئۇسلۇبىغا ئىگە بولۇش ئىمكانىيىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ. بۇمۇ بىر مەنىدە مىللىي سىياسەتلەرنىڭ شەكىللىنىشىدە ئىستىخبارات بىلەن سىياسىي سىستېما ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى نامايان قىلىپ بېرىدۇ.

ماكدوۋېلنىڭ ئېنىقلىمىسىدا (2009:5) كۆرۈلگىنىدەك، خۇسۇسەن ئىستراتېگىيەلىك ئىستىخباراتنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىرىلىش مۇساپىسىدە ئىككى تەرەپ بولىدۇ: بۇلار (1) ئىستىخباراتنى تەلەپ قىلغان ۋە قوللىنىدىغان تەرەپ، (2) ئىستىخباراتنى ئوتتۇرىغا چىقىرىدىغان تەرەپتۇر.

ئىستراتېگىيەلىك ئىستىخباراتنى تەلەپ قىلغۇچىلار ياكى باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا مەھسۇلاتنىڭ ئىستېمالچىلىرى ياكى خېرىدارلىرى، قارار چىقارغۇچىلار ۋە سىياسەت بەلگىلىگۈچىلەردۇر. بۇلارمۇ ئۆز ئارىسىدا «clients» ۋە «customers» تىن ئىبارەت ئىككى كاتېگورىيەگە ئايرىلىدۇ. ئىنگلىزچىدىكى «clients» سۆزى ئالغۇچى ياكى ھاۋالە قىلغۇچى دېگەن مەنىنى بىلدۈرسە، «customers» ئۇقۇمى ئاساسەن خېرىدار دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. ماكدوۋېلنىڭ ئىستىخبارات تېرمېنولوگىيەسىدە بولسا، «client» ئۇقۇمى ئىستراتېگىيەلىك ئىستىخباراتقا تېما بولغان ئانالىزنى مۇناسىۋەتلىك ئورگانغا ياكى تارماققا بۇيرۇتقان ۋە بۇ خىزمەتتە گەۋدىلىك تۆھپىسى بولغان تەرەپتۇر. «customer» ئىبارىسى بولسا، خىزمەتنىڭ نەتىجىسىدە ھەرقانداق بىر تۆھپىسىنىڭ بار – يوقلۇقىغا قارىماستىن ئوتتۇرىغا چىقىرىلغان ئىستىخبارات ئانالىزنى ئوقۇغان كىشىدۇر (ئولېسون، 2009: 27).

ئەنگلىيە ئىستىخبارات مۇتەخەسسىسى بولغان مايكېل ھېرمان (ھېرماندىن نەقىل كەلتۈرگۈچى ئۆزداغ، 2008: 21) نىڭ يەكۈنىگە ئاساسلانغاندا، ئىستىخبارات ئۆلچەملىك بولۇشقا ۋەكىللىك قىلغانلىقى ئۈچۈن، ئەقلىي ۋە ئىلمىي مېتودقا تايىنىدۇ. بۇ دائىرىدە ئىستراتېگىيەلىك ئىستىخبارات؛ بىر دۆلەتنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە پىسخىك خاراكتېردىكى مىللىي كۈچ ئامىللىرىدىن ئىمكانىيەتنىڭ يېتىشىچە ئەڭ ياخشى رەۋىشتە پايدىلىنىشنى نىشان قىلغان بىر خىل ئىستىخبارات تۈرىدۇر. بۇ دائىرىدە ئىستراتېگىيەلىك ئىستىخبارات، بىر دۆلەتنىڭ مىللىي مەنپەئەتىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ۋە مىللىي نىشانلىرىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئىشقا سالالايدىغان سىياسىي، ئىقتىسادىي، ھەربىي، جۇغراپىيەلىك، دېموگرافىك (نوپۇس قۇرۇلمىسى)، پىسخىك-ئىجتىمائىي، مەدەنىي، ئىلمىي ۋە تېخنولوگىيەلىك ماھىيەتتىكى كۈچ مەنبەلىرىنىڭ يىغىندىسىدىن تەشكىل تاپقان «مىللىي كۈچ» (MGK,2011) ئامىللىرىدىن بىرىنى ئوتتۇرا ۋە ئۇزۇن مەزگىللىك نۇقتىئىنەزەر ۋە ئىستراتېگىيەلىك قىممىتى نۇقتىسىدىن يەكۈنلەش مەقسىتىدە قىلىنغان بىر ئانالىز خىزمىتىدۇر.

ئەسلىدە دون ماكدوۋېلنىڭ يۇقىرىدا ئورۇن بېرىلگەن ئېنىقلىمىسىدا (2009:5) تەكىتلەپ ئۆتۈلگىنىدەك، ئىستراتېگىيەلىك ئىستىخبارات خىزمىتى ماھىيەت جەھەتتىن ئۆزىگە خاس بىر خىل تەتقىق ۋە ئانالىز قىلىش مېتودىدۇر. ئۆز ساھەسىدە ئىستراتېگىيەلىك ئىستىخبارات، دېيىلىۋاتقان مودېلنىڭ كىلاسسىك ئىستىخبارات تونۇشىدىن ھالقىغان كەڭ دائىرىلىك ئىلمىي پىرىنسىپ ئامىلى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەش لازىم. دېمەك، ئىستراتېگىيەلىك ئىستىخبارات ئانالىزى، تاكتىكىلىق ياكى ھەرىكەت ئىستىخباراتىدىن پەرقلىقتۇر ياكى ئۇنى تولۇقلىغۇچى خاراكتېرگە ئىگىدۇر. چۈنكى، تاكتىكىلىق ۋە ھەرىكەت ئىستىخباراتى، مۇئەييەن نىشان ۋە كىشىلەرگە مەركەزلىشىدۇ ۋە مەشغۇلات ئېلىپ بېرىۋاتقان تارماقلارنىڭ كۈندىلىك ھەرىكەت ۋە پائالىيەتلىرىگە ھەمدەم بولىدۇ. ئىستراتېگىيەلىك ئىستىخبارات بولسا، مەسىلە كېلىپ چىققان قۇرۇلمىغا، نىشانغا ۋە مەسىلىسىنىڭ تەبىئىتىگە مەركەزلىشىپ، تېخىمۇ كۆپ پارچىنى بىرلەشتۈرۈپ قاراشقا تىرىشىدۇ ۋە دەرھال نەتىجىگە ئېرىشىشنى نىشان قىلىدىغان تاكتىكىلىق ئىستىخباراتتىن پەرقلىق شەكىلدە ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ كېڭىيىپ، ئۇزۇن مەزگىللىك چارىلەرنى تېپىپ چىقىشنى نىشان قىلىدۇ (ماكدوۋېل، 2009: 21).

شۇنىڭ ئۈچۈن ئىستىخبارات تەشكىلاتلىرىدا ئىستراتېگىيەلىك ئىستىخبارات ئىشلىرى بىلەن مەشغۇل بولىدىغان، ھەرىكەت ۋە تاكتىكىلىق ئىستىخباراتقا مەسئۇل باشقا تارماقلاردىن مۇستەقىل ھالدا تەتقىق ۋە ئانالىز قىلىش بىلەن شۇغۇللىنىدىغان تارماقلار بولۇشى لازىم. بۇنىڭ ئەڭ مۇھىم سەۋەبى، تاكتىكىلىق ۋە ھەرىكەت – مەشغۇلات ماھىيەتلىك ئىستىخبارات تارماقلىرىغا ئۇزۇن ۋاقىت تەلەپ قىلىدىغان ئىستراتېگىيەلىك ئىستىخبارات ئوتتۇرىغا قويۇش ۋەزىپىسى بېرىلمەيدۇ. يەنە بىر سەۋەبى بولسا، ئىستراتېگىيەلىك ئىستىخبارات خىزمەتلىرىنىڭ تېخىمۇ مۇستەقىل ۋە پەرقلىق خاراكتېردە تەشكىللىنىشىنى تەقەززا قىلىشىدۇر (ماكدوۋېل، 2009: 65،69).

بۇ يەردە ئىستراتېگىيەلىك ئىستىخبارات ئوتتۇرىغا چىقىرىش مۇساپىسىدە ئانالىزغا تېما بولىدىغان ئىستىخبارات ئۇچۇرلىرىنى توپلىغان كىشىلەر ۋە بۇلارنى ئىستراتېگىيەلىك مەنىدە مۇھاكىمە قىلىدىغان ئانالىزچىلاردىن ئىبارەت ئىككى ئاساسىي ئامىل ئالدىنقى پىلانغا چىقىدۇ. ئانالىزچىلار ۋە ئانالىزغا ئاساس بولىدىغان ئىستىخبارات ئۇچۇرلىرىنى توپلايدىغان كىشىلەر ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ قانداق بولۇشى كېرەكلىكى مەسىلىسى، ئىستراتېگىيەلىك ئىستىخبارات ئانالىزلىرىنىڭ تۇغرىلىقى ۋە پائاللىقىنى بەلگىلىگۈچى خاراكتېرگە ئىگىدۇر (ماكدوۋېل، 2009: 195 – 210).

ئىستراتېگىيەلىك ئىستىخبارات ئانالىزچىلىرى، ئىستىخبارات ئۇچۇرى توپلىغۇچىلار ھاسىل قىلغان مەلۇماتلارغا قايسى مېتودلار ئارقىلىق ئېرىشىدۇ، كۆزىتىشلىرىنى قايسى شەكىلدە خاتىرىلىدى دېگەندەك مەسىلىلەر بىلەن بىرلىكتە، بۇ مەلۇماتلارنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئانالىز قىلىشقا مۇۋاپىق ياكى ئەمەسلىكىنى بىلىشلىرىگە توغرا كېلىدۇ. شۇڭا ئىستراتېگىيەلىك ئىستىخبارات ئانالىزچىلىرىنىڭ ئوچۇق مەنبەلەر بىلەن بىرلىكتە ئانالىزلىرىگە ماس كېلىدىغان توغرا، ئىشەنچلىك، تولۇق مەلۇماتلارنىمۇ ئىستىخبارات توپلىغۇچىلاردىن تەلەپ قىلىشىغا توغرا كېلىدۇ. ئانالىزچى، ئىستراتېگىيەلىك ئانالىز مۇساپىسىنىڭ بارلىق باسقۇچلىرىنى بىلىشى، ئانالىزنى تەلەپ قىلغان ياكى ئۇنى سىياسەتكە ئايلاندۇرىغان ئورگان بىلەن زىچ مۇناسىۋەت ئورنىتىشى لازىم (ئولېسون، 2009: 28-29).

خۇلاسىلىگەندە ئىستراتېگىيەلىك ئىستىخبارات، ئەسلىدە ئىككى تەرەپلىمىلىك ياكى كۆپ تەرەپلىمىلىك مېتودقا تايىنىپ بۈگۈننى چۈشىنىش ۋە كېلەچەكنى مۆلچەرلەش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلىدىغان ئىلمىي خىزمەتتۇر. شۇڭا ئىستراتېگىيەلىك ئىستىخباراتنىڭ ئۆتمۈشنى چۈشىنىش، يېڭى ۋەقە – ھادىسىلەرنى تولۇق مەنىدە ئاڭقىرىش ۋە كېلەچەكنى تەخمىن قىلىش ۋەزىپىسى بار (كۆسەلى، 2009:22).

«ئىستراتېگىيەلىك ئىستىخبارات» ئۇقۇمىغا مۇناسىۋەتلىك يۇقىرىدا بايان قىلىنغان مەلۇمات ۋە ئىزاھاتلارنى چۆرىدىگەن ھالدا، بۇ ھادىسىنىڭ تۈپ مەقسەت ۋە نىشانلىرىنى تۆۋەندىكىچە يەكۈنلەشكە بولىدۇ.

4 – «ئىستراتېگىيەلىك ئىستىخبارات» نىڭ مەقسەت ۋە نىشانلىرى

ئېنىقلىما، ۋەزىپە ۋە فۇنكىسىيەلەر دائىرىسىدە ئىستراتېگىيەلىك ئىستىخباراتنىڭ مۇئەييەن مەقسەت ۋە نىشانلىرى بار. بۇ دائىرىدە ئىستراتېگىيەلىك ئىستىخبارات نۇقتىسىدىن تۆۋەندىكى نۇقتىلارنى يەكۈنلەش مۇمكىن:

ئىستراتېگىيەلىك ئىستىخبارات مۇئەييەن بىر پائالىيەت ساھەسىدىكى – مەسىلەن، سىياسىي، ھەربىي ياكى ئىقتىسادىي ساھەلەردىكى – ئومۇمىي يۈزلىنىش ۋە مايىللىقلارنى چۈشىنىشكە تىرىشىش، ھازىرقى ۋەزىيەت ۋە كېلەچەككە ئالاقىدار مۆلچەرلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇش، خەۋپلەرنى بايقاش ۋە پۇرسەتلەردىن پايدىلىنىشنى تەقەززا قىلىدۇ. ئىستراتېگىيەلىك ئىستىخباراتنىڭ تۈپ مەقسەت ۋە نىشانلىرىنىڭ بىرى كېلەچەكتە ئوتتۇرىغا چىقىشى ئارزۇ قىلىنغان بىر ئىشنىڭ ئىشقا ئېشىشى ئۈچۈن پۈتكۈل ئاكتىيورلارنىڭ بىردەك ھەرىكەت قىلىشىنى ۋە رول ئوينىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشتۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن، پەرقلىق ۋەزىپىلەرگە مەركەزلىشىۋاتقان ئىستىخبارات كۈچلىرىنى مەقسەتكە مۇۋاپىق رەۋىشتە ئورتاق قاراش ۋە چۈشەنچە بويىچە ئۆزئارا ماسلىشىپ ھەرىكەت قىلىشقا يېتەكلەش، ئىستراتېگىيەلىك ئىستىخباراتنىڭ ئاساسلىق نىشانلىرىنىڭ بىرىدۇر. بۇ مەنىدە شەخسلەر، گۇرۇپپىلار، ھەر تۈرلۈك ئالاقىدار ئىدارە – ئورگانلار ئارىسىدا ئىستراتېگىيەلىك شېرىكچىلىك پەيدا قىلىشقا ئوخشاش ئىشلار ناھايىتى مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ.

يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ئالاھىدىلىك، مەقسەت ۋە نىشانلارنى نەزەرگە ئالغىنىمىزدا ئىستراتېگىيەلىك ئىستىخبارات، زېھىن تەلەپ قىلىدىغان بىر پائالىيەت بولۇپ، ئۇتۇققا ئېرىشىشى زېھنىي قابىلىيەتكە باغلىقتۇر. ئىستراتېگىيەلىك ئىستىخبارات ئانالىزى قىلىدىغانلارنىڭ تېز ئوقۇش ۋە چۈشىنىش قابىلىيىتىنىڭ يۇقىرى بولۇشى، ھالقىلىق مەسىلىلەرنى ئاڭقىرالىشى، مەنە بىلدۈرىدىغان يېڭى ئامىللارغا ئېنىقلىما بېرەلىشى ۋە ۋەقەلەرنىڭ يۆنىلىنىشى بەلگىلەۋاتقان ئامىللار توغرىسىدا ئىلمىي مېتودلارنى ئوتتۇرىغا قويالايدىغان بولۇشى مۇھىمدۇر (سېلت ۋە ۋېسلېي، 2011: 2).

ئىستراتېگىيەلىك ئىستىخبارات خىزمەتلىرى ئوچۇق پىكىرلىك، پەرەزلەردىن يىراق ۋە سوئال قويغۇچى خاراكتېرغا ئىگە بولۇشى كېرەك. ئامېرىكا مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسى – CİA نىڭ سابىق ئەمەلدارلىرىدىن رىھارد خېئۇئېر (خېئۇئېر، 1999: 65) نىڭ «زېھىنلەر پاراشۇتقا ئوخشايدۇ؛ پەقەت ئېچىلغان چاغلىرىدىلا كارغا كېلىدۇ» دېگەن سۆزى بۇ نۇقتىغا ئىشارەت قىلىدىغان مۇھىم بىر مىسالدۇر.

قىسقىسى، ئىستراتېگىيەلىك ئىستىخباراتنىڭ مەقسىتى پەقەت قارشى كۈرەش قىلىنىۋاتقان نىشانغىلا مەركەزلىشىش بىلەنلا قالماستىن، كۈرەش قىلغۇچىنىڭ ئىمكانىيەت ۋە ئىقتىدارىنى، ئاجىزلىق ۋە يېتەرسىزلىكلىرىنى مەۋجۇت ۋە ئوتتۇرىغا چىققۇسى شەرت – شارائىت دائىرىسىدە مۇھاكىمە ۋە ئانالىز قىلىدۇ. ئىستراتېگىيەلىك ئىستىخبارات ئانالىزلىرى ئادەتتە ھەربىي، بىيوگرافىك، ئىقتىساد، ئىلمىي ۋە تېخنولوگىيە، قاتناش، ئۇچۇر – ئالاقە، ھەربىي جۇغراپىيە، سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي ساھەلەردە قىلىنىدۇ (ئۆزداغ، 2008: 149).

ئىستراتېگىيەلىك ئىستىخبارات خىزمەتلىرى؛ مۇئەييەن دۆلەت ياكى رايونلار (مەسىلەن، ئوتتۇرا شەرق)، چېگرا ھالقىغان جىنايەتلەر دېگەندەك كونكېرت ساھەلەر ياكى سىياسەت ئىلمى، جەمئىيەتشۇناسلىق، سىياسەت پىسخولوگىيەسىگە ئوخشاش مەخسۇس ئاكادېمىك ساھەلەردە كەسپىيلىشىشنى تەلەپ قىلىدۇ. شۇنداق بولغاچقا، تېررورىزمغا مۇناسىۋەتلىك ئىستراتېگىيەلىك ئىستىخبارات خىزمەتلىرى، سوبيېكتىپ خاراكتېرلىك جۇغراپىيە ۋە پەرقلىق پەنلەرگە دائىر ئۇچۇرلارنى بىر يەرگە جۇغلاپ، چوڭ كارتىنانى ئوتتۇرىغا چىقىرالايدۇ. بۇ خىل ئىستراتېگىيەلىك ئىستىخبارات خىزمىتى، تارىخ، سىياسەت، ئىستراتېگىيەلىك مۇھىت، جۇغراپىيە، دىن، پىسخولوگىيە، مەدەنىيەت، دېموگرافىيە (نوپۇس) ۋە باشقا ئامىللارنىڭ بىر – بىرىگە كۆرسىتىدىغان تەسىرلىرىنى نەزەرگە ئېلىپ، بۇلارنىڭ تېررورىزم ۋە سىياسىي زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ شەكىللىنىشىدىكى تەسىرىنى ئايدىڭلىتىشقا تىرىشىشى كېرەك.

5 – تېررورىزمغا قارشى كۈرەش سىياسىتى ۋە ئۇنى ئىجرا قىلىشتا ئىستراتېگىيەلىك ئىستىخباراتنىڭ ئەھمىيىتى

ئىستراتېگىيەلىك ئىستىخباراتنىڭ ئېنىقلىما ۋە خاراكتېرى توغرىسىدا ئېيتقانلىرىمىزغا ئاساسەن، تېررورىزمغا قارشى كۈرەشتە ئىستراتېگىيەلىك ئىستىخباراتنىڭ تۈپ مەقسىتى، تېررورلۇق تەشكىلاتى ۋە ھەرىكەتلىرى توغرىسىدا دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارا مىقياسىدا پائال كۈرەش سىياسىتى ۋە ئۇسۇللىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشتىن ئىبارەت. بۇ دائىرىدە ئىستراتېگىيەلىك ئىستىخبارات، تېررورىزمغا قارشى كۈرەشكە كېرەكلىك بولغان ئىستراتېگىيەلىك ۋە سىياسەتلەرنى بەلگىلەش مەقسىتىدە قارار چىقارغۇچى ۋە ئىجرا قىلغۇچىلارنىڭ ئىمكانىيەتنىڭ يېتىشىچە ئەڭ توغرا قارارلارنى چىقىرىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن ئوتتۇرىغا قويۇلغان ۋە تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئىمكانىيەت ۋە قابىلىيەتلىرى بىلەن كۈچلۈك، ئاجىز ۋە سەزگۈر نۇقتلىرىنى، نىشانلىرىنى، سىياسەت ۋە ئىستراتېگىيەلىرىنى ئېنىقلاپ، مۇھاكىمە قىلىدىغان بىر ئىستىخبارات ساھەسىدۇر.

تېررورىزمغا قارشى كۈرەش نۇقتىسىدىن ئىستراتېگىيەلىك ئىستىخبارات بەزى يازغۇچىلار تەرىپىدىن (مەسىلەن، كۆسەلى، 2009: 59 غا قاراڭ)، تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ تەشكىلى قۇرۇلمىلىرى، مەقسەتلىرى، ھەرىكەت شەكىللىرى، مەنبەلىرى، قورال ۋە پارتلاتقۇچلىرى، سىرت بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرى توغرىسىدىكى مەلۇماتنىڭ قولغا چۈشۈرۈلۈشى، دەپ قارالماقتا. بۇ مەسىلىلەر، تېررورىزمغا قارشى كۈرەشنىڭ مەلۇم جەھەتتىن ئوتتۇرا ۋە ئۇزۇن مەزگىللىك ئىستراتېگىيەلىك نىشان ۋە چېتىشلىق تەرەپلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

ئىستراتېگىيە مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ قارىشىچە، تېررورىزم يېڭى بىر مەسىلە بولمىسىمۇ، مودېرن تېررورىزمنىڭ يېقىنقى 20 – 30 يىلدا يېڭىدىن سۈرئەت بىلەن باش كۆتۈرۈشى نەتىجىسىدە ناھايىتى مۇرەككەپ تۈس ئالغانلىقى ۋە خەلقئارالىق خاراكتېرگە ئىگە بولغانلىقىغا پاراللېل ھالەتتە تېخىمۇ كۆپ ئەھمىيەت بېرىش كېرەك بولغان بىر مەسىلىگە ئايلاندى. چۈنكى، دۇنيا ئىنسان ھەرىكەتلىرىنىڭ كۆپىيىشى، رادىكاللىشىش ھادىسىسى تۈپەيلى ئېتنىك ۋە دىنىي مەسىلىلەرنىڭ ئۆزىنى زوراۋانلىق يولى بىلەن ئىپادىلىشى ۋە ئىقتىسادىي مەنبەگە ئىگە بولۇش ئىمكانىيەتلىرىنىڭ كېڭىيىشى، ئىلغار تېخنولوگىيە ۋە ئۇچۇر – ئالاقە ۋاسىتىلىرىدىن پايدىلىنىش ئىمكانىيەتلىرى ۋە تېررورىزمغا قارشى خەلقئارا ھەمكارلىقلاردا كۆرۈلگەن مەسىلىلەر قاتارلىق ئامىللارنىڭ تۈرتكىسىدە تېررورىزم يەككە ھالەتتە دۆلەتلەر ۋە خەلقئارا سىستېمىغا تەسىر كۆرسىتىشكە باشلىغانىدى. بولۇپمۇ 2001 – يىلى 11 – سېنتەبىر ھۇجۇملىرى تېررورىزمغا قارشى «ئومۇميۈزلۈك كۈرەش قىلىش» قارىشىنى ئوتتۇرىغا چىقاردى.

سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى مەزگىلىدە بولسا، تېررورىزم بىر ئىستراتېگىيەلىك مەنە ئىپادىلىگەنلىكى ئۈچۈن، ئانالىزچىلارنىڭ قىزىقىش دائىرىسىدە بولۇش بىلەن بىرگە، ئۇ مەزگىللەردىكى تېررورلۇق ھەرىكەتلىرى، زامانىمىزدىكىلەرگە سېلىشتۇرغاندا، ئاسان مۆلچەرلىگىلى بولىدىغان، تار دائىرىدە ھەرىكەت قىلىدىغان، نىسبەتەن كىچىك كۆلەملىك ۋە تۆۋەن ئىقتىدارغا ئىگە تەشكىلاتلار تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلاتتى. 1960 ۋە 1970 – يىللاردا بولۇپمۇ غەربىي ياۋروپادا يېڭى سولچىل ئىدىيە ۋە لاتىن ئامېرىكىسىدىكى ماۋچى (ماۋزېدۇڭچى) پارتىزانلىق ھەرىكەتلىرىدىن ئىلھام ئېلىپ ئوتتۇرىغا چىققان قىزىل ئارمىيە فىراكسىيونى، قىزىل بىرىگادالار، جەڭچى كوممۇنىستلارنىڭ مەخپىي تەشكىلاتلىرىغا ئوخشاش ئاشقۇن سولچىل تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى بىلەن ئېتنىك ئاساسقا تايىنىدىغان ئېرا ۋە ئېتاغا ئوخشاش تەشكىلاتلار ئىستىخبارات دۇنياسىنىڭ ئاساسلىق كۆڭۈل بۆلۈش ساھەسىنى تەشكىل قىلاتتى. سوغۇق ئۇرۇش مەزگىلىنىڭ ئەڭ گەۋدىلىك ئالاھىدىلىكلىرىنىڭ بىرى، غەرب ۋە شەرق لاگېرلىرىدىكى دۆلەتلەرگە قارشى پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان قوراللىق قوللاپ – قۇۋۋەتلىنىشى ئىدى. دېمەك، دۆلەتلەرنىڭ ئىستىخبارات تەشكىلاتلىرىنىڭ ئاساسلىق كۈنتەرتىپىنىمۇ «ۋەيران قىلغۇچ» ۋە «چەتكە باغلانغان» دەپ ئاتىلىدىغان مەزكۇر تەشكىلاتلارغا قارشى كۈرەش شەكىللەندۈرەتتى.

سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىدىن كېيىنمۇ تېررورىزمنى قوللىغانلىقلىرى ئۈچۈن مۇئەييەن دۆلەتلەرنىڭ لىدېرلىرى، دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادىكى سىياسەتلىرى، ئىقتىسادىي قۇرۇلمىلىرى، ھەربىي ئىقتىدارلىرى ۋە باشقا ئىستراتېگىيەلىك نۇقتىلىرىغا قارىتا ئانالىتىك ۋە ئىستراتېگىيەلىك خىزمەتلەر داۋاملاشتى. چۈنكى، دۆلەتلەر ئارىسىدىكى ئىستراتېگىيەلىك رىقابەت ۋە گېئوپولىتىكىلىق خاھىشلار ئەھمىيىتىنى يوقىتىپ قويمىغانىدى.

يېقىنقى چاغلاردا تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ 2001 – يىلى 11 – سېنتەبىر ھۇجۇمىغا ئوخشاش مۆلچەرلىگىلى بولمايدىغان ھەرىكەت ئىقتىدارلىرى، ئەلقائىدىگە ئوخشاش مەركىزىي بولمىغان تورلارنى شەكىللەندۈرۈشى، ئىلغار تېخنولوگىيەلەردىن پايدىلىنىشلىرى ۋە تېررورلۇق ۋەقەلىرىنى ۋاسىتە بولۇشتىنمۇ بەكرەك مەقسەتكە ئايلاندۇرۇۋېلىشتەك تىپىك ئالاھىدىلىكلىرى بولغان يېڭى دەۋردە،[9] تېررورىزمنىڭ بىر قاتار خۇسۇسىيەتلىرىدە كۆرۈلگەن بۇ خىل ئۆزگىرىشلەر، بۇ ھادىسىنى ئانالىز قىلغاندا تېخىمۇ كەسكىن پوزىتسىيەدە بولۇشنى تەقەززا قىلىدىغان پىرىنسىپال تونۇشنى شەرت قىلىپ قويدى.

دۆلەتلەرنىڭ تېررورىزمغا قارشى كۈرەشتە تۇتقان سىياسىتى ئىستىخبارات پائالىيەتلىرىنىڭ ئەھمىيىتى نۇقتىسىدىن ئىككى ئاساسىي رامكا ئارقىلىق شەكىللىنىدۇ:

1 – تېررور تەھدىتى ۋە خەۋپىنىڭ بايقلىشى،

2 – ئالدىنى ئېلىش خاراكتېرلىك چارىلەرنىڭ يولغا قويۇلۇشى.

بۇ ئىككى نۇقتىنىڭ ھەر جەھەتتىن مۇھاكىمە قىلىنىشى ۋە كېرەكلىك تەدبىرلەرنىڭ يولغا قويۇلۇشىدا «ئىستىخبارات» ئاساسىي فۇنكىسىيەدۇر. دەرۋەقە، ئىستىخبارات ئىجتىمائىي ۋە تەبىئىي پەنلەر بىر – بىرىگە كىرىشىپ كەتكەن ئىككى يۆنىلىشلىك پوزىتسىيە مودېلى سۈپىتىدە ناھايىتى مۇھىم ھېسابلىنىدۇ.

«ئىستىخبارات» ھادىسىسىنىڭ تېررورىزمغا قارشى كۈرەشتىكى ئەھمىيىتى؛ تېررورلۇق ۋەقەسى ۋە پائالىيەتلىرىنىڭ يۈز بېرىشتىن بۇرۇن ئالدىنىڭ ئېلىنىشى ياكى پالەچ ھالەتكە چۈشۈرۈلۈشىدىكى رولى، تېررورلۇق ۋەقەلىرىدىن كېيىنكى قانۇنىي تەكشۈرۈشلەردىكى فۇنكىسىيەسى، ئالدىنى ئالغۇچى ۋە مۇھاپىزەت قىلغۇچى تەدبىرلەرگە قوشىدىغان تۆھپىسى جەھەتتىن ئۈچ ئاساسىي ئامىلنى ئارقا كۆرۈنۈش قىلىدۇ.

تېررورلۇق تەشكىلاتى ۋە ھەرىكەتلىرىنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى، ئىستراتېگىيەلىرى، نىشانلىرى ۋە كېلەچەكتىكى ئېھتىماللىق دائىرىسىكى ئەھۋالى، ھەرىكەت شەكىللىرى، نىشانلىرىنىڭ نېمىلەردىن ئىبارەت بولىدىغانلىقى قاتارلىق مەسىلىلەرگە ئالاقىدار مۇھاكىمىلەر «ئىستراتېگىيەلىك ئىستىخبارات» تۈرىگە كېرىدۇ.

ئىستراتېگىيەلىك ئىستىخبارات ئەمەلىيىتىگە ئالاقىدار بەزى ئۈلگىلەر تۆۋەندىكلەردۇر (شارفمان، 2004: 2-3):

(1) ھەر خىل تېررورچى گۇرۇپپىلارنىڭ رەھبەرلىك ئاپپاراتىنىڭ ئۆز ئىچىدىكى ماسلىشىشچانلىقى، رەھبەرلىرىگە ئىتائەت قىلىش دەرىجىسى، تەشكىلاتقا ئەزا ئېلىشى، مالىيە مەنبەلىرىنىڭ خاراكتېرى قاتارلىق ئىچكى ئۇتۇقلىرىغا دائىر مەلۇماتلار، تەشكىلاتنىڭ كېلەچىكىگە مۇناسىۋەتلىك مۆلچەرلەر ۋە تېررورىزمغا قارشى كۈرەش نىشانلىرى نۇقتىسىدىن ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە مەلۇماتلاردۇر.

(2) مۇئەييەن تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى ئارىسىدا ئېلىپ بېرىلغان ھەمكارلىق مېتودلىرىغا ئالاقىدار مەلۇماتلار ئەسلىدە ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇش بىلەن بىرگە، ھالقىلىق نۇقتىلاردا پايدا ئېلىپ كېلىدۇ. يەنى، بىر تېررورلۇق تەشكىلاتى توغرىسىدىكى ئىستىخبارات ئۇچۇرلىرىنى باشقا تەشكىلاتلار توغرىسىدا تاكتىكىلىق ئۇچۇر ئىگىلەشتە ئىشلەتكىلى بولىدۇ.

(3) خەلقئارا تېررورىزمنى ياكى ئۆز دۆلىتىگە قارشى پائالىيەت ئېلىپ بارىدىغان بىر تېررورلۇق تەشكىلاتى / تەشكىلاتلىرىنى قوللايدىغان دۆلەتلەر ياكى بۇ مۇددىئاغا خىزمەت قىلىدىغان پائالىيەتلىرى توغرىسىدىكى ئىستىخبارات ئۇچۇرلىرى ئىستراتېگىيەلىك خۇسۇسىيەتكە ئىگىدۇر.

(4) مۇئەييەن بىر تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ كاتتىبېشىنىڭ ياكى رەھبەرلىك ئاپپاراتىنىڭ تەشكىلاتنىڭ مەقسەتلىرى، نىشانلىرى، ئېدولوگىيەسى ۋە ئىستراتېگىيەسى توغرىسىدىكى ھەر خىل قاراشلار ۋە بۇلارنىڭ ئانالىزلىرىمۇ ئىستراتېگىيەلىك ئىستىخبارات دائىرىسىگە كېرىدۇ.

(5) بىر تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ ئەزا جەلپ قىلىش، مالىيە ۋە ئارقا سەپ ياردىمىگە ئېرىشىش دېگەندەك مەنبەلەرگە ئېرىشىشتا قوللىنىدىغان ئۇسۇللىرىغا دائىر مەلۇماتلار، ئىستراتېگىيەلىك ئىستىخبارات خاراكتېرىگە ئىگە بولۇپ، بۇ خىل مەلۇماتلارغا ئىگە بولغان تەقدىردە، تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ مەزكۇر مەنبەلەرگە ئېرىشىشىنىڭ ئالدىنى ئالغۇچى، ھېچبولمىغاندىمۇ قىيىنچىلىق پەيدا قىلغۇچى سىياسەت ۋە بەلگىلىمىلەرنى يولغا قويغىلى بولىدۇ.

تېررورىزمغا قارشى كۈرەشتىكى رولى ۋە ئەھمىيىتى نۇقتىسىدىن ئىستراتېگىيەلىك ئىستىخباراتنىڭ تۆۋەندىكىدەك بەزى ئالاھدىلىكلىرى بار (شارفمان، 2004:3):

t توغرا بولغان ئىستراتېگىيەلىك ئىستىخبارات ئانالىزى كۆپىنچە ئەھۋاللاردا ئايلارچە ياكى يىللارچە پايدا ئۈنۈم يارىتىشى مۇمكىن.

t تېررورچى ئۇنسۇرلار ئىستراتېگىيەلىك ئىستىخباراتنىڭ مەزمۇنىدىن ۋاقىپ بولغان تەقدىردىمۇ، تاكتىكىلىق ۋە مەشغۇلىيەت ئىستىخباراتىدىن پەرقلىق ھالدا تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى بۇ ئىستىخباراتنى ئىناۋەتسىز قىلىش ياكى مەنبەلىرىنى بىر تەرەپ قىلىۋېتىش جەھەتتە ئاسان ھەرىكەت قىلالمايدۇ.

t ئىستراتېگىيەلىك ئىستىخبارات تاكتىكىلىق ۋە مەشغۇلىيەت – ھەرىكەت ئىستىخباراتلىرىدىن پەرقلىق بولۇپ، مۇئەييەن بىر ياكى بىر قانچە مەنبەدىن ئەمەس؛ كۆپ ساندىكى پەرقلىق مەلۇماتلارنىڭ ئوخشاش بولمىغان پارچىلىرىغا تايانغان ئانالىزلاردىن ھاسىل قىلىنىدۇ.

t ئىستراتېگىيەلىك ئىستىخبارات، تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى ۋە ئەزالىرى ھەققىدىكى مەخپىي ئۇچۇرلاردىن پايدىلانغان بولسىمۇ، بۇ ئىستىخبارات ئۇچۇرلىرىنى ئوچۇق مەنبەلەردىن ۋە ئاكادېمىك ماقالە، ئانالىز ۋە مۇھاكىمىلەردىن ھاسىل قىلىنغان ئۇچۇرلار بىلەن بىرلەشتۈرۈپ ئىشلىتىش مۇمكىن.

بولۇپمۇ ئېتنىك ۋە ئېدىئولوگىيەلىك ئاساسلارنى چىقىش قىلىدىغان، شۇنداقلا خەلقئارا تۈزۈمنىڭ ئاكتىيورىغا ئايلانغان تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا قارشى كۈرەش قىلىشتا ئىستراتېگىيەلىك ئىستىخبارات ئالاھىدە مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. رايون خاراكتېرلىك، ئىجتىمائىي – ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي – سىياسىي ئەھۋاللاردىن ئۇزۇق ئالىدىغان تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىگە قارشى ئۈنۈملۈك كۈرەش قىلىشنىڭ مەركىزىدە، ئۇ دۆلەتنىڭ ھەر تۈرلۈك ماددىي، سىياسىي، ئىجتىمائىي ۋە مەدەنىيەت جەھەتتىكى ئىمكانىيەت ۋە قابىلىيەتلىرىنى ئەڭ ياخشى شەكىلدە يەكۈنلەپ، ئوتتۇرىغا چىقىرىلىدىغان ئىستراتېگىيەلىك ئىستىخبارات ئانالىزلىرى ئارقىلىق بۇ ئىمكانىيەت ۋە قابىلىيەتلەرنى سەپەرۋەر قىلىش دېگەندەك ئۇسۇللار بار.

بۇ مەسىلە بولۇپمۇ تېررورىزمغا قارشى كۈرەشنىڭ ئىككى ئاساسىي نۇقتىسىنىڭ بىرى بولغان تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش سىياسەتلىرى نۇقتىسىدىن مۇھىم ھېسابلىنىدۇ. تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش ئاساسەن بەزى مۇتەخەسسىسلەر «تېررورىزمغا قارشى كۈرەش» دەپ ئاتاۋاتقان تەرەپ بولۇپ، ئادەتتە يۇمشاق كۈچ ئامىللىرىغا تايىنىدۇ ۋە جازا ئادالىتى سىستېمىسىنىڭ ۋاسىتىلىرىنىڭ ئىشلىتىلىشىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

بۇ يەردە تىلغا ئېلىنغان «يۇمشاق كۈچ» ئۇقۇمىنىڭ كۆزدە تۇتىدىغىنى، بىر دۆلەتنىڭ تارىخىي، جۇغراپىيەسى، مەدەنىيەت بايلىقى، ئىقتىسادىي كۈچى، ئىجتىمائىي قۇرۇلمىسى، دېموكراتىك تەرەققىياتى، ئىجتىمائىي كۈچلەر باشقۇرۇشىدىكى ئورگانلارنىڭ ئومۇملىشىش ئەھۋالى ۋە تەسىرى، پەن – تېخنىكا ئۈستقۇرۇلمىسى بىلەن سەنئەت ۋە تەنتەربىيە دېگەندەك ئىجتىمائىي ھاياتنىڭ ئەقلىي مەنىدە ياراتقان قىممەت – قاراش ۋە ئامما دىپلوماتىيەسى سىياسەتلىرىدۇر. «يۇمشاق كۈچ» ئۇقۇمى باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، بىر دۆلەتنىڭ ھەربىي كۈچىدىن باشقا زۆرۈر تېپىلغاندا ھەربىي كۈچىگىمۇ ھەمدەم بولىدىغان ئالاھىدىلىككە ئىگە ھەر تۈرلۈك ئىمكانىيەتلىرىنىڭ يىغىندىسى ياراتقان كۈچتۇر (بەشە، 2011: 107).

تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش سىياسەتلىرى كۆپىنچە ھاللاردا مەسىلىنى قىسقا، ئوتتۇرا ۋە ئۇزۇن مەزگىللىك سىياسەت ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق ھەل قىلغۇچى، يوقىتىپ تاشلىغۇچى ۋە ئالدىنى ئالغۇچى نىشانغا خىزمەت قىلىدۇ. تەھدىتنى بايقاش ۋە تەھدىتنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكى بۇ يەردىكى تۈپ بەلگىلىگۈچى ئامىل بولۇپ، تېررورلۇق خەۋپىنىڭ ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرۈلۈشى ئۈچۈن يولغا قويۇشقا بولىدىغان ھەر تۈرلۈك ئاكتىپ ياكى پاسسىپ تەدبىر ۋە سىياسەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش سىياسەتلىرى نۇقتىلىق ھالدا يۇقىرىدا ئەسكەرتىلگەن نىشانلارنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا كېرەكلىك ئىستراتېگىيەلىك ئىستىخبارات خىزمەتلىرىنى تەقەززا قىلىدۇ. بۇلار بىلەن بىرگە، تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ تەشۋىقات پائالىيەتلىرىنىڭ ئالدىنىڭ ئېلىنىشى ۋە قارشى تەشۋىقات سۈپىتىدە قانداق ئىشلارنى قىلىشقا بولىدىغانلىقى مەسىلىسى، نېگىزىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئوتتۇرا ۋە ئۇزۇن مەزگىللىك ئىستراتېگىيەلىك ئىستىخبارات خىزمەتلىرىگە ئېھتىياج ھېس قىلىدۇ. دېمەك، ئىستراتېگىيەلىك ئىستىخبارات ئاكادېمىك خۇسۇسىيەتكە ئىگە ئىلمىي ئانالىزنى تايانچ قىلغان خىزمەتلەرنى تەقەززا قىلىدىغان ئۆزگىچە بىر ئۇسۇلدۇر. تېررورچىلارنىڭ ئىدېئولوگىيەلىرى، پىكىرلىرى ۋە ئىستراتېگىيەلىرى توغرىسىدىكى تەتقىقاتلار بۇ دائىرىگە كېرىدۇ.

تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش بولسا، تېررورىزمغا قارشى كۈرەشنىڭ باشقا بىر نۇقتىسى بولۇپ، ئىجرا قىلىنىش ئۇسۇلى دۆلىتىمىزدىكى بەزى يازغۇچىلار تەرىپىدىن «تېررورچىلارغا قارشى كۈرەش» دەپ ئاتالماقتا. بۇ بولسا، بىۋاسىتە ھالدا تېررورىزمغا قارشى كۈرەشنىڭ خەۋپسىزلىك تەرىپى بولۇپ، تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى ۋە ئەزالىرىنىڭ بىر تەرەپ قىلىنىشى، ھەرىكەتلىرىنىڭ ئالدىنىڭ ئېلىنىشى ۋە پائالىيەتلىرىنىڭ بىر تەرەپ قىلىنىشىنى مەقسەت قىلىپ ھەربىي، ئىستىخبارات، ساقچى، قانۇن ۋە تەشكىلىي ئىجرائاتلارنى ئاساس قىلىدۇ.

تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش مەقسەتلىك ئىستىخبارات پائالىيەتلىرى، باشقا ساھەلەردىكى ئىستىخباراتتىن پەرقلىق بولۇپ، تاكتىكا مەقسەتلىك بولغاچقا، قىسقا مەزگىللىك ۋە تېزلىكنى ئاساس قىلىدۇ. پۈتۈنلەي خەۋپسىزلىكنى ساقلاش مەقسەتلىك بولۇپ، تاكتىلىق ئاساسلار دائرىسىدە شەكىللىنىدۇ. تېررورلۇق ۋەقەلىرىنىڭ ئالدىنىڭ ئېلىنىشى، تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى ۋە ئەزالىرىنى كۆزىتىش، مۇناسىۋەت ۋە ئالاقە تورىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىش، تەشكىلاتنىڭ كۈچ ۋە ھەرىكەت ئىقتىدارىنىڭ ئانالىز قىلىنىشىغا ئوخشاش مەسىلىلەرگە مۇناسىۋەتلىك ئىستىخبارات خىزمەتلىرى بۇ مەقسەتتە ئېلىپ بېرىلىدۇ.

قىسقىچە قىلىپ ئېيتىدىغان بولساق، ئىستراتېگىيەلىك ۋە تاكتىكىلىق ئىستىخبارات تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش سىياسەتلىرىنىڭ بىر پارچىسى سۈپىتىدە پايدىلىنىشقا بولىدىغان مېتودلاردۇر؛ تاكتىكىلىق ئىستىخباراتقا ئاساسلىقى تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش سىياسەتلىرىنى ئورۇنداش مەقسىتىدە ئىشقا سېلىنىدىغان ئىستىخبارات دەپ ئېنىقلىما بېرىشكە بولىدۇ.

خۇلاسە

ئۈنۈملۈك ئىستىخبارات پائالىيىتى تېررورىزمغا قارشى كۈرەشنىڭ غەلىبە قىلىشىغا كۆرۈنەرلىك تۆھپە قوشىدۇ. تېررورىزمغا قارشى كۈرەشتە ئىستىخبارات خىزمەتلىرى «تاكتىكىلىق» ۋە «ئىستراتېگىيەلىك» دەپ ئىككى ئايرىم كاتېگورىيە بويىچە ئېلىپ بېرىلىشى لازىم. چۈنكى، تاكتىكىلىق ۋە ئىستراتېگىيەلىك ئىستىخبارات خۇسۇسىيەت جەھەتتىن ئىجرا قىلىنىش ساھەلىرى، مېتودلىرى ۋە يارىتىدىغان پايدىلىرى نۇقتىسىدىن پەرقلىقتۇر.

تاكتىكىلىق ئىستىخبارات روشەن ۋە ئەتراپلىق خۇسۇسىيەتلەرگە ئىگە بولۇپ، قىسقا ۋە ئوتتۇرا مەزگىللىك ھەرىكەت ئۈنۈمى يارىتىشنى نىشان قىلىدۇ. بۇنىڭ ئەكسىچە ئىستراتېگىيەلىك ئىستىخبارات، ئۇيغۇنلۇقى ۋە مەقسىتى نۇقتىسىدىن قىسقا ۋە ئوتتۇرا مەزگىللىك ھەرىكەتلەرنى ئېلىپ بېرىشنى ئەمەس، مەزمۇن ۋە دائىرىسىنىڭ ئىناۋەتلىكلىكى نۇقتىسىدىن تېخىمۇ ئۇزۇن مەزگىللىك سىياسەت ۋە نىشانلارنى روياپقا چىقىرىشنى نىشان قىلىدۇ. ئىستراتېگىيەلىك ئىستىخبارات ئۇزۇن يىللار بويىچە كۈچىنى ساقلاپ قالىدىغان شەكىلدە ئوتتۇرىغا چىقىرىلىدىغان بولغاچقا، تېخىمۇ ئۇزۇن مۇددەتلىك پىلانلارنى تۈزۈشنى تەلەپ قىلىدىغان ۋە نەتىجىسىمۇ ئۇزۇن ۋاقىت ئىچىدە ئېلىنىدىغان تۈردىكى ھەر خىل مەنبەلەرنىڭ تارقىتىلىشى، سىياسىي تەدبىرلەر، سېلىنمىلارنىڭ پىلانلىنىشى دېگەندەك قارار چىقىرىش مۇساپىلىرىگە ھەمدەم بولۇش مەقسىتىدە ئوتتۇرىغا چىقىرىلىدۇ ۋە ئىشلىتىلىدۇ.

زامانىمىزدا دۆلەتلەرنىڭ باشتىن كەچۈرگەن تېررورىزمغا قارشى كۈرەش تەجرىبىلىرى، بولۇپمۇ ئۇزۇن مەزگىللىك شۇنداقلا چوڭقۇر تارىخىي ۋە ئىجتىمائىي سەۋەبلەر تۈپەيلى ئوتتۇرىغا چىققان تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىگە قارشى كۈرەشتە تاكتىكىلىق ئىستىخبارات بىلەن بىرگە، ئىستراتېگىيەلىك ئىستىخبارات خىزمەتلىرىگىمۇ ئېھتىياج چۈشىدىغانلىقىنى كۆرسەتمەكتە. لېكىن، ئىستراتېگىيەلىك ئىستىخباراتنىڭ ھاسىل قىلىنىش مېتود ۋە مۇساپىسى تاكتىكىلىق ئىستىخبارات ئۇسۇللىرىدىن پەرقلىق بولغاچقا، نەتىجىسىنىڭ ئېلىنىشى ۋە فۇنكىسىيەلىرىنىڭ خەلق ئارىسىدا تونۇلۇشىمۇ پەرقلىق بولىدۇ.

بولۇپمۇ تېررورىزمغا ئوخشاش ئوتتۇرىغا چىقىش سەۋەبلىرى ۋە ئۇزۇقلانغان مەنبەلىرى، مەقسەتلىرى، قوللىنىدىغان مېتودلار، تەشكىلاتلىنىش قۇرۇلمىسى ۋە ھەرىكەتلىرىنىڭ خاراكتېرى جەھەتتىن رايون، ئېدىئولوگىيە، دىن، ئىجتىمائىي – سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي – ئىقتىسادىي قۇرۇلمىغا ئوخشاش بىر قاتار ئامىللارغا باغلىق كۆپ قاتلاملىق ھادىسىگە قارشى كۈرەش قىلىشقا توغرا كەلگەندە، ئىستراتېگىيەلىك ئىستىخبارات ئاكادېمىك خاراكتېرگە ئىگە ئىلمىي پائالىيەتكە ئايلىنىدۇ. بۇ مۇساپىنىڭ يەنى ئىستراتېگىيەلىك ئىستىخبارات يارىتىش مۇساپىسىنىڭ ساغلام ئىلگىرىلىيەلىشى، تاكتىكىلىق ئىستىخبارات ئوتتۇرىغا قويغۇچىلاردىن پەرقلىق خۇسۇسىيەتلەردىكى ئىنسان ۋە مالىيە مەنبەلىرىنىڭ بۇ مەقسەت ئۈچۈن ئايرىم شەكىلدە ئاجرىتىلىشىغا باغلىقتۇر.

تۈركىيە 25 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىتتىن بۇيان كۈرەش قىلىۋاتقان تېررورىزم مەسىلىگە قارشى كۈرىشى نۇقتىسىدىن مەسىلىگە قارىغىنىمىزدىمۇ، «ئىستراتېگىيەلىك ئىستىخبارات» خىزمەتلىرىنىڭ مەسىلىنىڭ ھەل قىلىنىشىدا قانچىلىك مۇھىم ئورۇندا تۇرىدىغانلىقى ۋە (بۇ) مۇساپىسىدە يېتەرسىز قالغانلىقىنى كۆرۈش مۇمكىن.

تۈركىيەنى مەشغۇل قىلىۋاتقان پ ك ك تېررورچىلىرىغا مەنبەلىك قىلىۋاتقان تاشقى ياردەم، تارىخىي ۋە مەدەنىيەت جەھەتتىكى سەۋەبلەر، رايوننىڭ ئىجتىمائىي – ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي – سىياسىي قۇرۇلمىسى، كۆچ مەسىلىسى، ئېتنىك ۋە دېموگرافىك ئەۋزەللىكلەر، جۇغراپىيەلىك قۇرۇلمىسى ۋە باشقا ئامىللار؛ يەنە دۆلەتنىڭ بارلىق ماددىي ۋە مەنىۋى كۈچ ئامىللىرى بىلەن ياكى تېخىمۇ يېڭى بىر ئىبارە بىلەن دېگەندە، بارلىق «قاتتىق» ۋە «يۇمشاق» كۈچ ۋاسىتىلىرى بىلەن پاراللېل ھالەتتە بۇ تەھدىتكە قارشى ئانالىز قىلىنىشىنى تەقەززا قىلماقتا.

دېمەك، پ ك ك تېررورىغا قارشى ئوتتۇرىغا قويۇلىدىغان كۈرەش ئىستراتېگىيەسى ۋە سىياسىتى ئۈچۈن قىلىنىدىغان ئىستراتېگىيەلىك ئانالىزلار ئۈچۈن، رايونغا ئالاقىدار تېمىلاردا ئىستراتېگىيەلىك ماھىيەتتە مۇھاكىمە تەتقىقاتلىرى ئېلىپ بېرىلىشى كېرەك.

رايوننىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيىتى، مەسىلەن ئېنېرگىيە ۋە سۇ مەنبەلىرىگە بولغان يېقىنلىقى، رايوندىكى گېئوپولىتىكىلىق قۇرۇلمىلار، تارىخىي ۋە مەدەنىيەت ئامىللار، رايوننىڭ دىنىي، ئېتنىك ۋە دېموگرافىك (نوپۇس) قۇرۇلمىسى، ئىجتىمائىي ۋە پىسخىك قۇرۇلما، ئەخلاقىي قىممەت – قاراشلار، ئائىلە قۇرۇلمىسى، فېئودال ئۇنسۇرلار، دىنىي ھايات، تەرىقەتلەرنىڭ تەسىرى، ئالاھىدىلىكلىرى ۋە تەشكىللىنىشى، ئىجتىمائىي ئورگانلارنىڭ قۇرۇلما ۋە فۇنكىسيەلىرى، رايوندا ئىستراتېگىيەلىك مەنپەئەتلىرى بولغان دۆلەتلەرنىڭ ئورنى، خەلقئارا سەرمايە ھەرىكەتلىرى، زەھەرلىك چېكىملىك ئىقتىسادى ۋە قاتنىشى، قاراپۇل لىنىيەلىرى، قورال سودىسى، دۇنياۋى كۈچلەرنىڭ تارىختىن بۇيان داۋاملىشىپ كەلگەن ۋە بۈگۈنگە تەسىر كۆرسىتىۋاتقان پائالىيەت، قىزىقىش ۋە رىقابەت ساھەلىرى، چەت ئەل ئىستىخبارات تەشكىلاتلىرىنىڭ نىشانلىرى ۋە مېتودلىرى، تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ قۇرۇلمىلىرى، مەقسەتلىرى دېگەندەك مەسىلىلەرگە ئالاقىدار تەكشۈرۈش ئىستراتېگىيەلىك ئىستىخبارات ماھىيىتىدە بولۇشى لازىم.

بۇ ماقالە «ساقچى بىلىملىرى ژۇرنىلى» 13- توم (3-سان) دىن تەرجىمە قىلىندى.

پايدىلانغان مەنبەلەر:

Ž Akad, Mehmet Tanju, (2011), Modern Savaşın Temel Kavramları,İstanbul: Kitap Yayınevi.

Ž Altuntaş, Ekin Oyan, (2009), Terörizme Karşı Savaş Stratejisi, Ankara,

مەنبە: ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى تور بېتى،  ئاقھۇن تەرجىمىسى

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

مەنبە: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى