Jump to content

ئىسسىقتىن بولغان باش ئاغرىقى

ئورنى Wikipedia

بۇ كېسەللىك، ئاپتاپ ئۆتۈش، ئۇزۇن مۇددەت يۇقىرى ھارارەتلىك جايلاردا پائالىيەت قىلىش، ئىسسىقلىق تاماقلارنى كۆپ يېيىش، تاماق يېيىش ۋاقتىنى ئۆتكۈزۈۋېتىش، ئاچ قېلىش سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ. باش ئاغرىيدۇ، ئاغرىش سېزىم ئەزالىرىنىڭ خىزمىتىگە تەسىر يەتكۈزگەندە قۇلاق غوڭۇلدايدۇ.

قولاي تىزىملىك قامۇس باشبېتىسۈرەتلەر مۇناسىۋەتلىك سۆزلۈك

قولۇنجى


يولۇقۇش خاراكتېرلىك تېرە ياللۇغى


تۇغماسلىق


بويىدىن ئاجراش

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى غەرب تېبابىتى نامى :ئىسسىقتىن بولغان باش ئاغرىقى

ئاساسلىق ئالامىتى :باش ئاغرىش،قۇلاق غوڭۇلداش

كېسەللىك سەۋەبى :ئاپتاپ ئۆتۈش،ئىسسىقلىق تاماقلارنى كۆپ يېيىش

خەنزۇچە نامى :头疼脑热

تەۋە بۆلۈم :باش ئاغرىقى ئىچكى بۆلۈم

يۇقۇملىنىشى :يۇقمايدۇ

كېسەللىك ئورنى :باش

ئىنگلىزچە نامى :headache and slight fever

كېسەللىك ھەققىدە

ئىسسىقتىن بولغان باش ئاغرىقى سەۋەبى: بۇ كېسەللىك، ئاپتاپ ئۆتۈش، ئۇزۇن مۇددەت يۇقىرى ھارارەتلىك جايلاردا پائالىيەت قىلىش، ئىسسىقلىق تاماقلارنى كۆپ يېيىش، ئىپار، ئەنبەر قاتارلىق ئىسسىقلىق دورىلارنى كۆپ پۇراش، ئىسسىق تەبىئەتلىك دورىلارنى كۆپ ئىستېمال قىلىش، ھەددىدىن ئارتۇق ئاچچىقلاش، يىغلاش، خۇشال بولۇش، ئۈزمەي يۇقىرى ئاۋازدا سۆزلەش، تاماق يېيىش ۋاقتىنى ئۆتكۈزۈۋېتىش، ئاچ قېلىش سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.


ئالامىتى: باش قولغا ئىسسىق بىلىنىش، بۇرۇن ۋە گال قۇرۇش، ئۇسسۇزلۇق ئۆتكۈر بولۇش، سوغۇق نەرسىلەرنى ئىستېمال قىلغاندا ياكى سوغۇق ھاۋا بىلەن ئۇچراشقاندا ئاغرىق پەسىيىش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.

باش ئاغرىيدۇ، ئاغرىش سېزىم ئەزالىرىنىڭ خىزمىتىگە تەسىر يەتكۈزگەندە قۇلاق غوڭۇلدايدۇ. بەزىلەردە باشنىڭ يېرىمى ئاغرىيدۇ. بۇ شەقىقە دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇيقۇ قاچىدۇ، ھاسىرايدۇ، تومۇرى توم ۋە ئىتتىك سوقىدۇ. بېشى ئىسسىق بىلىنىدۇ. لېكىن باش ئانچە ئېغىر بولمايدۇ. كۆز، بۇرۇن ۋە تىلىنى قۇرۇق ھېس قىلىدۇ. گېلى قۇرۇيدۇ. سۈيدۈك ۋە چوڭ تەرەتلەردە ئانچە چوڭ ئۆزگىرىش بولمايدۇ. ئۇسسۇزلۇق كۆپ بولىدۇ. سوغۇق ۋە سوغۇقلۇق نەرسىلەردىن راھەتلىنىدۇ.


مۇندەرىجە قىسقىچە چۈشەندۈرۈش ئاساسىي ئۇچۇرلىرى كېسەللىك ھەققىدە داۋالاش ئۇسۇلى 1-رېتسېپ 2-رېتسېپ 3-رېتسېپ سۈرەتلەر قامۇس باشبېتى داۋالاش ئۇسۇلى 1-رېتسېپ تەركىبى: سەمغى ئەرەبى، كەتىرا، نىشاستە ئالتە گىرامدىن، قىزىلگۈل، رۇبىسۇس 15 گىرامدىن، تەرخەمەك ئۇرۇقى، قاپاق ئۇرۇقى مېغىزى، تاۋۇز ئۇرۇقى مېغىزى، سېمىز ئوت ئۇرۇقى 12 گىرامدىن، كاپۇر ئۈچ گىرام، زەپەر ئىككى گىرام، ئىسپىغۇل لوئابى مۇۋاپىق مىقداردا.

تەييارلاش ئۇسۇلى: دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، ئىسپىغۇل لۇئابى بىلەن يۇغۇرۇپ، ئۈچ گىرامدىن قۇپى تەييارلىنىدۇ.

ئىشلىتىش مىقدارى: كۈنىگە ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا بىر تالدىن ئىستېمال قىلىنىدۇ.

2-رېتسېپ تەركىبى: كاپۇر ئىككى گىرام، قىزىلگۈل، تەرەنجىبىن ئالتە گىرامدىن، تەرخەمەك ئۇرۇقى مېغىزى، تاباشىر 15 گىرامدىن، قارا سۇنا ئۇرۇقى 21 گىرام، سېمىز ئوت ئۇرۇقى 18 گىرام، كاسىنە ئۇرۇقى ئالتە گىرام، قاپاق ئۇرۇقى مېغىزى 12 گىرام، رۇببىسۇس توققۇز گىرام.

تەييارلاش ئۇسۇلى: دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، ئىسپىغۇل لۇئابى بىلەن قۇرس تەييارلىنىدۇ.

ئىشلىتىش مىقدارى: كۈنىگە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا ئالتە گىرامدىن ئىستېمال قىلىنىدۇ.

3-رېتسېپ تەركىبى: نېلۇپەر، ئاق سەندەل، رۇسۇت، مامسىئا 15 گىرامدىن، كاپۇر بىر گىرام، تەرخەمەك سۈيى مۇۋاپىق مىقداردا.

تەييارلاش ئۇسۇلى: دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، تەرخەمەك سۈيىدە يۇغۇرۇپ، تۈگمىدەك چوڭلۇقتا ھەب تەييارلىنىدۇ.

ئىشلىتىش مىقدارى: كۈنىگە ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا ئۈچ تالدىن ئىستېمال قىلىنىدۇ.


ئىسسىقتىن بولغان باش ئاغرىقى

غەيرىي تەبىئىي ھارارەتنى پەسەيتىش ئاساس قىلىنىدۇ. يەككە نۇسخا دورىلاردىن لىمون سۈيى، لىمون شەربىتى، ئەينۇلا شىرىسى، تەمرى ھىندى سۈيى، زىرىخ سۈيى، غورا سۈيى، ئانار شەربىتى، قاتارلىقلارنى ئىچىش، ئىترېيفېلى كەشنيزى يېيىش لازىم. نىلوپەر ئەرىقى ياكى نېلۇپەر شەربىتى، بىنەپشە شەربىتى قاتارلىقلاردىن مۇۋاپىق مىقداردا ئىستېمال قىلىپ باشنىڭ ھارارىتىنى نورماللاشتۇرىدۇ. ئاق سەندەلنى سىركىدە سۈرۈپ تېتقنى چىقىرىپ باشقا سۈرسىمۇ بولىدۇ. كېسەلنى دەرھال ھاۋاسى سالقىن، سوغۇق جايغا يۆتكەش، باشنى سوغۇق سۇدا يۇيۇش، تۆت ھەسسە سىركىگە بىر ھەسسە گۈل يېغى ئارىلاشتۇرۇپ باشنىڭ چوققىسىغا سۈركەش كۆپ مەنپەئەت قىلىدۇ. ئوزۇقلىنىشتا سوغۇقلۇق ھەم ھۆللۈك نەرسىلەرنى ئىستېمال قىلىش ئاساس قىلىنىدۇ. مەسىلەن: ئارپىدا قىلىنغان ئاشقا ماش، خام قاپاق، سەي كاۋىسى، پالەك، كۆك يۇمغاقسۈت قاتارلىقلار سېلىپ بېرىلىدۇ. گۆشسىز كۆكتات شورپىسى ئىستېمال قىلىش كۆپ مەنپەئەتلىك. قېتىق ياكى مۇز سۈيى ئىستېمال قىلسا تېخىمۇ تېز مەنپەئەت قىلىدۇ.


1-رېتسېپ تەركىبى: سەمغى ئەرەبى، كەتىرا، نىشاستە ئالتە گىرامدىن، قىزىلگۈل، رۇبىسۇس 15 گىرامدىن، تەرخەمەك ئۇرۇقى، قاپاق ئۇرۇقى مېغىزى، تاۋۇز ئۇرۇقى مېغىزى، سېمىز ئوت ئۇرۇقى 12 گىرامدىن، كاپۇر ئۈچ گىرام، زەپەر ئىككى گىرام، ئىسپىغۇل لوئابى مۇۋاپىق مىقداردا.

تەييارلاش ئۇسۇلى: دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، ئىسپىغۇل لۇئابى بىلەن يۇغۇرۇپ، ئۈچ گىرامدىن قۇپى تەييارلىنىدۇ.

ئىشلىتىش مىقدارى: كۈنىگە ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا بىر تالدىن ئىستېمال قىلىنىدۇ.

2-رېتسېپ تەركىبى: كاپۇر ئىككى گىرام، قىزىلگۈل، تەرەنجىبىن ئالتە گىرامدىن، تەرخەمەك ئۇرۇقى مېغىزى، تاباشىر 15 گىرامدىن، قارا سۇنا ئۇرۇقى 21 گىرام، سېمىز ئوت ئۇرۇقى 18 گىرام، كاسىنە ئۇرۇقى ئالتە گىرام، قاپاق ئۇرۇقى مېغىزى 12 گىرام، رۇببىسۇس توققۇز گىرام.

تەييارلاش ئۇسۇلى: دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، ئىسپىغۇل لۇئابى بىلەن قۇرس تەييارلىنىدۇ.

ئىشلىتىش مىقدارى: كۈنىگە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا ئالتە گىرامدىن ئىستېمال قىلىنىدۇ.

3-رېتسېپ تەركىبى: نېلۇپەر، ئاق سەندەل، رۇسۇت، مامسىئا 15 گىرامدىن، كاپۇر بىر گىرام، تەرخەمەك سۈيى مۇۋاپىق مىقداردا.

تەييارلاش ئۇسۇلى: دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، تەرخەمەك سۈيىدە يۇغۇرۇپ، تۈگمىدەك چوڭلۇقتا ھەب تەييارلىنىدۇ.

ئىشلىتىش مىقدارى: كۈنىگە ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا ئۈچ تالدىن ئىستېمال قىلىنىدۇ.


ئىسسىقتىن بولغان باش ئاغرىقى

غەيرىي تەبىئىي ھارارەتنى پەسەيتىش ئاساس قىلىنىدۇ. يەككە نۇسخا دورىلاردىن لىمون سۈيى، لىمون شەربىتى، ئەينۇلا شىرىسى، تەمرى ھىندى سۈيى، زىرىخ سۈيى، غورا سۈيى، ئانار شەربىتى، قاتارلىقلارنى ئىچىش، ئىترېيفېلى كەشنيزى يېيىش لازىم. نىلوپەر ئەرىقى ياكى نېلۇپەر شەربىتى، بىنەپشە شەربىتى قاتارلىقلاردىن مۇۋاپىق مىقداردا ئىستېمال قىلىپ باشنىڭ ھارارىتىنى نورماللاشتۇرىدۇ. ئاق سەندەلنى سىركىدە سۈرۈپ تېتقنى چىقىرىپ باشقا سۈرسىمۇ بولىدۇ. كېسەلنى دەرھال ھاۋاسى سالقىن، سوغۇق جايغا يۆتكەش، باشنى سوغۇق سۇدا يۇيۇش، تۆت ھەسسە سىركىگە بىر ھەسسە گۈل يېغى ئارىلاشتۇرۇپ باشنىڭ چوققىسىغا سۈركەش كۆپ مەنپەئەت قىلىدۇ. ئوزۇقلىنىشتا سوغۇقلۇق ھەم ھۆللۈك نەرسىلەرنى ئىستېمال قىلىش ئاساس قىلىنىدۇ. مەسىلەن: ئارپىدا قىلىنغان ئاشقا ماش، خام قاپاق، سەي كاۋىسى، پالەك، كۆك يۇمغاقسۈت قاتارلىقلار سېلىپ بېرىلىدۇ. گۆشسىز كۆكتات شورپىسى ئىستېمال قىلىش كۆپ مەنپەئەتلىك. قېتىق ياكى مۇز سۈيى ئىستېمال قىلسا تېخىمۇ تېز مەنپەئەت قىلىدۇ.

مەنبەلەر

[تەھرىرلەش]