ئىسمايىل نۇرۇللا

ئورنى Wikipedia

ئىسمائىل نۇرۇللا1957 -يىلى قۇمۇلدا تۇغۇلغان. 1963-يىلىدىن 1967-يىلىغىچە قۇمۇل شەھەر شەرىچى باشلانغۇچ مەكتەپتە، 1969-يىلىدىن 1973-يىلىغىچە قۇمۇل ۋىلايەتلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇغان. 1973-يىلىدىن 1975-يىلىغىچە قۇمۇل شەھەر شەرىچى يېزىسى چاھارباغ كەنتىدە قايتا تەربىيە ئالغان. 1975-يىلى 10-ئايدىن 1979-يىلى 7-ئايغىچە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ خىمىيە فاكۇلتېتىدا ئوقۇغان. ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن فاكۇلتېتقا ئوقۇتقۇچىلىققا ئېلىپ قېلىنىپ، مائارىپچىلىق ھاياتىنى باشلىغان. 1982-يىلى 3-ئايدىن 1983-يىلى 2-ئايغىچە نەنجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا بىلىم ئاشۇرغان. خىزمەت جەريانىدا ئىزچىل تۈردە ئوقۇتۇش تەتقىقاتنىڭ بىرىنچى سېپىدە خىزمەت قىلغان ھەمدە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى خىمىيە فاكۇلتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، قاتارلىق مەمۇرىي ۋەزىپىلەرنى ئۈتىگەن، 1993-يىلى دوتسېنتلىق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. 1997-يىلى 9-ئايدا 40 ياشتىن ئاشقان ئىسمائىل نۇرۇللا ئىقتىسادىي ۋە باشقا جەھەتلەردىكى قىيىنچىلىقلارغا پەرۋا قىلماي، ياپونىيىگە ئىلغار پەن-تېخنىكا بىلىملىرىنى ئۈگىنىشكە ئاتلانغان. چەت ئەلدىكى تۈت يىللىق ئوقۇش ھاياتىدا، تىل جەھەتتىكى ۋە ئەمگەك سىجىللىقى قاتارلىق جەھەتلەردىكى قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، ئامېرىكا، ئەنگلىيە، گېرمانىيە قاتارلىق دۈلەتلەردە چىقىدىغان مۇھىم ئىلمىي زۇرناللاردا 10 پارچە ئىلمىي ماقالە ئېلان قىلغان. ئىسمائىل نۇرۇللانىڭ تىرىشچانلىقى، جاپاغا چىداش روھى ۋە مول تەتقىقات نەتىجىلىرى ياپونىيىدىكى ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچىلارنى چوڭقۇر تەسىرلەندۈرگەن ۋە ئۇلارنىڭ ھۈرمىتىگە ئېرىشكەن.

ئۇقۇشىمىزچە ئىسمائىل نۇرۇللا ھازىرغىچە بىزگە مەلۇم بولغان ئەينى يىللاردىكى "ئىشچى-دېھقان-ئەسكەر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىر" ئارىسىدىن چىققان بىردىنبىر دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن كىشى.

2001-يىلى 3-ئايدا دوكتورلۇق دىسسېرتاتسىيىسىنى ياقلاپ، ئەلا نەتىجە بىلەن دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. ئۇ دەرھال ۋەتەنگە قايتىشقا ئالدىرىغان بولسىمۇ، ئوقۇتقۇچىسىنىڭ قايتا-قايتا بەرگەن تەكلىپى بىلەن 2001-يىلى 8-ئايغىچە پوستدوكتورلۇق بويىچە تەتقىقات بىلەن شۇغۇللانغان. ۋەتەنگە قايتقاندا خىزمەت ئورنىدا ئۈگىنىپ كەلگەن «پولىمېر ماتېرىياللىرى تەتقىقاتى» تېخى كۈنتەرتىپكە قويۇلمىغانلىقتىن ھەممە ئىشنى نۈلدىن باشلاشقا توغرا كەلگەن. تەشكىلنىڭ قوللىشى ۋە ئۈزىنىڭ قىسقىغىنە نەچچە يىللىق جاپالىق خىزمىتى ئارقىلىق، يېڭىدىن «پولىمېر ماتېرىياللىرى سانائىتى»، «ماتېرىيال خىمىيىسى» قاتارلىق تولۇق كۇرس كەسپلىرىنى تەسىس قىلغان.

ئۇ 2003-يىلىدىن بۇيانقى قىسقىغىنە نەچچە يىل ئىچىدە سەككىز نەپەر ئاسپىرانت تەربىيىلەپ، ئىختىساسلىقلارنى تەربىيىلەشكە تۈھپە قوشقان. ئۇ ياش ئوقۇتقۇچىلارنى تەتقىقات جەھەتتە يېتەكلىگەن ھەمدە ئۈزى تىنماي تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىپ، خەلقئارا ۋە دۈلەت ئىچىدىكى نوپۇزلۇق زۇرناللاردا 60 نەچچە پارچە سۈپەتلىك ئىلمىي ماقالە ئېلان قىلغان. 50 نەچچە خىل پولىمېرنى تۇنجى بولۇپ سېنتىزلىگەن. 2003-يىلىدىن ھازىرغىچە دۈلەت دەرىجىلىك تەتقىقات تېمىسىدىن ئىككىگە، ئۈلكە دەرىجىلىك ۋە كارخانىلارنىڭ يېڭى مەھسۇلاتلىرى تەتقىقاتى قاتارلىق تەتقىقاتلاردىن ئۈچ تۈرگە يېتەكچىلىك قىلىپ، كۈرۈنەرلىك نەتىجىلەرگە ئېرىشكەن. جەمئىي ئىككى مىليون يۈئەنگە يېقىن تەتقىقات فوند مەبلىغىگە ئېرىشكەن. ئىسمائىل نۇرۇللانىڭ توك ئۈتكۈزۈدىغان پولىمېرلار، نەملىك ساقلايدىغان پولىمېرلار ھەمدە نېفىت قېتىلمىلىرى ھەققىدىكى ئىلمىي ماقالىلىرىدىن 20 نەچچە پارچىسى ئامېرىكىدا نەشر قىلىنىدىغان تەبىئىي پەنلەر مۇجەسسىمى (سچى) ۋە تېخنىكا پەنلىرى مۇجەسسىمى (ئەى)گە كىرگۈزۈلگەن. ئۇنىڭ بىر تۈردىكى پاتېنتى ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلگەن.

ئىسمائىل نۇرۇللا بۇ نەتىجىلىرىگە مۇناسىپ ھالدا 2003-يىلى پروفېسسورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشتى، 2004-يىلى دوكتور ئاسپىرانتلار يېتەكچى ئوقۇتقۇچىلىقىغا تەكلىپ قىلىندى. بىز پروفېسسورنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ زور نەتىجىلەرگە ئېرىشىشى، سلامەت بولۇشىغا تىلەكداشمىز. (مەنبە: «شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئىلمىي ژۇرنىلى»)