ئىسىم قويۇش ئادىتى

ئورنى Wikipedia

      ئىسىم قويۇش — ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ ئادىتى بويىچە ، بوۋاق تۇغۇلۇپ ، بىر نەچچە كۈندىن كېيىن ئۆيگە ئاخۇنۇم تەكلىپ قىلىنىپ ئىسىم قۇيۇش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلىدۇ . ئىسىم قويۇش مۇراسىمىغا ئادەتتە بوۋاقنىڭ ئاتا – ئانىسىنىڭ چوڭ ياشىتىكى يېقىن تۇقغانلىرى قاتنىشىدۇ . بوۋاقنىڭ مومىسى چىرايلىق يۆگەككە يۆگەلگەن بوۋاقنى ئانىسىنىڭ قولىدىن ئېلىپ ئاخۇنۇمنىڭ قولىغا تۇتقۇزىدۇ . ئاخۇنۇم جەينامازدا ئولتۇرۇپ ، ئىككى قولىدا بوۋاقنى تۇتقان ھالدا دۇئا ئوقۇپ ئىسىم قويىدۇ . ئىسىمنىڭ رەت تەرتىپى بالىنىڭ ئىسىمى ئالدىدا ، دادىسىنىڭ ئىسمى كەينىدە بولىدۇ . ئاندىن بوۋاقنى يەردە يىنىككىنە دۇمىلىتىدۇ ، بوۋاق يىغلايدۇ . بوۋاقنىڭ بوۋىسى بوۋاقنى يەردىن ئېلىپ ، ئۇنىڭ ئىسمىنى چاقىرىپ تۇرۇپ ، ئۇنى بەزلەيدۇ ۋە ئۇنىڭغا بەخت – سائادەت تىلەيدۇ . ئاندىن بوۋاقنى يېنىدىكى ئادەمگە بېرىدۇ . مېھمانلار ھۆرمىتى ۋە يېشى بويىچە بوۋاقنى بىر – بىردىن قولىغا ئېلىپ كۆتۈرۈپ قويىدۇ . ئاخىرىدا بوۋاقنىڭ دادىسى بالىنى ئېلىپ ئاپىسىغا بېرىدۇ . قازاقلادا ئىسىم قويغاندا بۇ بالىنىڭ ئىسمىنى ئۇنىڭ ئالدىدىكى بالىنىڭ ئىسمىغا قاپىيداش قىلىپ قويىدىغان ياكى ئاخىرقى بوغۇمىنى ئوخشاش قىلىپ قويىدىغان ، ئەگەر قىز پەرزەنت كۆرسە كېيىن ئوغۇل پەرزەنت كۆرۈشنى تىلەپ ، ئۇنىڭغا ئوغۇل بالىنىڭ ئىسمىنى قويىدىغان ئادەت بار  . ئۇنىڭدىن باشقا ئىسىم قويغاندا ئايلارنىڭ نامىنى قويىدىغان ئىشمۇ بار . مەسلەن ،ھوشۇر (ھوشۇر ئاي) ، يەنە ئۇچار قۇش ، گۈل – گىياھ ، يېمەكلىكلەرنىڭ ئىسمىنى قويىدىغان ، سىرتقى قىياپىتىگە قاراپ ئىسىم قويىدىغان ئىشلارمۇ بار . خۇيزۇلار خەنزۇچە تىل ئىشلىتىدىغان بولغاچقا ، خەنزۇچە ئىسىم قويىدۇ . بەزى سورۇنلاردا خەنزۇچە ئىسىمنىڭ ئالدىغا دىنىي ئىسىمنى قوشۇۋېلىپ تەڭ ئىشلىتىدۇ . تاتارلارنىڭ ئالدىدا ئۆز ئىسمى ، ئارقىسىدىن دادىسىنىڭ ئىسمى ، ئۇنىڭ ئارقىسىدىن قەبىلىسىنىڭ ئىسمىنى قوشۇپ ئاتايدىغان ئادەت بار .[1]

  1. مۇھەررىر : مامۇتجان ؛مەنبە:تەڭرىتاغ تورى ؛ۋاقىت:2007- 09- 13 18:01؛ تور ئادىرسى:http://uy.ts.cn/wenhua/content/2007-09/13/content_25584.htm؛