ئىشلەتكۈچى:ئۇيغۇر بىلىگ

ئورنى Wikipedia
                                                                                                         ئىقتىسادىي كىملىك


                                                                                                                                                               -  ئۇيغۇر بىلىگ
                 uyghurbilig      


دۇنيا ئۇرۇش قالايمىقانچىلىقلىرىنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كىيىن ،نۇرغۇن دۆلەتلەر تەرەققىيات بىلەن تەڭ ئىقتىساد ۋە پەن - تېخنىكا ساھەسىدە شىددەت بىلەن گۈللىنىپ، كۈچلۈك ۋە تەرەققى قىلغان پاراۋان دۆلەتلەر قاتارىدىن ئورۇن ئالدى ، شۇنداقلا گىگانت كۈچ بولۇشى ئۈچۈن ھېلىھەم ۋاستە تاللىماي ئىنتىلمەكتە . ۋەتىنىمزىنىڭ يېقىنقى تارىخى قىسقىچە ئىقتىسادىي ئەھۋالى بولسا 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرى 20-ئەسىرنىڭ باشلىرى ئىقتىسادىي ۋە ئىشلەپ چىقىرىش تەرەققىيات قەدەملىرى 21-ئەسىرگە ماس دەۋىر بۆلگۈچ خارەكتىرلىك باشلىنىشى ھەمدە ئاخىرلىشى بولۇپ قالغان مۇسابايوف زامانىدىن بۈگۈنگىچە بولغان 150 يىللىق ھەرخىل ساھەدىكى پاجىئەلىك ئىستىلا نەتىجىسىدە ، خۇسۇسەن پۈتۈن مىللەت ئىقتىسادى پاسسىپ ئەھۋالغا چۈشۈپ قالدى. 1980-يىللىرىدىن كىيىن چېگرا ئ‍ېچىۋېتىلىشى بىلەن 2000-يىللىرىنىڭ باشلىرىغىچە چەتئەلگە مال سېتىۋاتقان يەككە تىجارەتچىلىرىمىز بولسا تاشقى سودا ئېڭى ۋە يېڭى دۇنيا سودا پىرىنسىپ - قانۇنىيەتلىرىنى چۈشەنمىگەنلىكتىن ياكى چۈشىنىشتىن مەھرۇم قالغانلىقىدىن ،زاۋۇت -كارخانىلىشىش ۋە ئىشلەپ چىقىرىشنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ ئورنىغا ماللىرىنى سومكا ، چامادانلىرى بىلەن توشۇپ سېتىش بىلەن قانائەتلىنىپ ، ئىنتايىن قىسقا ۋاقىت ئىىچدە ،دوللارنىڭ قانداق رەڭدە ئ‍ىكەنلىكىنىمۇ بىلمەيدىغان خىتايلارغا يېڭى دۇنيادىكى چوڭ بىر پۇرسەتنى تامامەن يەم قىلىپ قولدىن چىقىرىپ قويدى . شۇنىڭ بىلەن بىرگە يېڭى دۇنيا پۇل - مۇئامىلە سېستېمىسىگە بولغان ئاڭ - چۈشەنچە ، ئىقتىسادى نەزەرىيە بىلىملىرىمىز كۈندىن كۈنگە تارىيىپ مودېرىن ئىقتىسادى چۈشەنچىلىرى ھاياتىمزدىن تېخىمۇ يىراقلىشىشقا قاراپ يۈزلەندى . يېڭى دۇنيا سودا ۋە پۇل - مۇئامىلە سېستىمىسىدىكى پۇرسەت ، ئىزدىنىش، تەرەققى قىلىش ۋە قىلدۇرۇش جەھەتتىن بىر پۈتۈن مىللەت بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن قېلىپلىشىپ كەتكەن كىلاسسىك ئاڭ ۋە مەيدانىمىزدا تۇرغۇن ھالەتتە قېلىپ قالدۇق. مۇسابايوفلارنىڭ ئىسمىنى تونۇپ ئۇلارنىڭ ئىزدىنىشىنى تونۇيالماي ،ئىش ئىزلىرىغا ئاپىرىن ئوقۇپ ئۇلارنىڭ نىشانىنى چۈشىنەلمەي ، شۇلار بىنا قىلغان زاۋۇتنىڭ تورخۇنىنىڭ دۈم كۆمتۈرۈلگەن ئاۋازى قۇلاق تۈۋىمىزدە جاراڭلىنىپ تۇرسىمۇ، تورخۇننىڭ بىر پارچە كېسىكىنى قۇچاقلاپ تارىخى بۇرۇلۇشتا بىزگە نىسبەتەن ئورنىمىزدا ،دۇنياغا نىسبەتەن خېلىلا ئارقىدا قالدۇق . 21-ئەسىرگە كەتمەن يۈدۈگىنىچە كىرگەن بىز ئۇيغۇرلار يېڭى ئەسىردىكى پاجىئە ۋە پۇرسەتلەر ئىچىدە كۆزىمىزنى چەكچەيتىپ دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ، ئاددى قىلىپ ئېيتقاندا پۇل تېپىپ جان بېقىشنىڭ قايسى نۇقتىغا كىلىپ قالغانلىقىغا قاراپ ھەيران بولۇشماقتىمىز . ھالبۇكى؛ دۇنيا ئاجىزلارنى قۇل ،كۈچلۈكلەرنى رەقىب دەپ بىلىۋاتقان دۇنيا سەھنىسىدە ، بارلىق مۇناسىۋەت ۋە دوستلۇق مەنپەئەت ئۈستىگە قۇرۇلۇپ مەنپەئەت ئۈستىدە بۇزۇلىۋاتقان ئاتالمىش ئىجتىمائىي مۇناسىۋەت تورى قاپلىغان كۈنىمىزدە ، ئىقتىسادىي ھۆكۈمرانلىق تالىشىش دولقۇنلىرىنىڭ دۆلەتلەرنىڭ ھاكىمىيەت سېستىمىلىرىدىن شەخىسلەرنىڭ ئائىلە روزىغارىغىچە تەسىر قىلىۋاتقان ئىقتىسادىي ئۆزگىرىشلەرنى مۇلاھىزە قىلىش ،كۆزىتىش ۋە چۈشىنىشتە شۇنداقلا ئىزدىنىش ۋە ئىلگىرلەشتە ، بىر پۈتۈن ئۇيغۇر خەلقىگە نىسبەتلەشتۈرگىنىمىزدە نۆۋەتتە ئىنتايىن چەكلىك سالماقنى ئىگەللىمەكتىمىز . كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا ،ئ‍ۆمۈرلۈك ھاياتىمزىدا، بىز خالىي بولالمايدىغان، دۆلەتلەرنىڭ كۈچ ۋە مەنپەئەت تالىشىش ئوبېكتىپىغا ئايلانغان ئىقتىساد،پۇل ئۇرۇشلىرى ،ۋە ئۇ كەلتۈرۈپ چىقارغان ۋەيرانچىلىق، ھاياتىمزىدىكى ، پىكىرلىرىمىزدىكى ، ھەرىكەت ئوربىتىمىزدىكى چوڭ كىچىك قارار ۋە ئۆزگىرىشلەرنىڭ مۇتلەق باغلىنىشچان سەۋەبلىرىدىن بىرى بولغان ، ئاددى ھەم ئوچۇق ئىقتىسادى بىلىملەرنى ،يوشۇرۇن ھەم مۇرەككەپ ئىقتىسادى نەزەرىيەلەرنى ئۆگىنىش ،ھېچ بولمىغاندا ئىقتىساد ھەققىدە ھەرتەرەپلىمىلىك مەلۇمات ساھىبى بولۇش ،يېڭى دۇنيا تەرتىپىدىكى پۇل - مۇئامىلە، ئىقتىساد ۋە كىيىنكى يۈز يىللىق دۇنيا تەرتىپىنىڭ بۇرۇلۇش نۇقتىلىرى ھەققىدە مەلۇمات ، چۈشەنچە ۋە مۇستەقىل كۆز قاراشقا ئىگە بولۇش ،بۇنىڭدىن كىيىنكى ھاياتىمزدىكى ئۆزگۈرۈشلەرگە ، شەخسى ئىقتىسادىي ھاياتىمزغا ،شۇنداقلا دۇنيا كۆز قارشىمىزغا بولغان پوزىتسىيەرىمىزگە ۋە ئۇيغۇر خەلقىمىزنىڭ كىيىنكى تەرەققىياتىغا نىسبەتەن تەخىرسىز تەقەززاغا ئىگە زۈرۈرىيەت . باغلىنىشچان مىللى مۇساپىمىزدىكى ، بىر ئۇيغۇرنىڭ تېرىشىش نەتىجىسى پۈتۈن ئۇيغۇرغا تەسىر قىلىدىغان كېلەچىكىمىزدە ، ئۇيغۇر ئىقتىساد گەۋدىسىنى يېڭى دۇنيا سىېتىمىسىگە لايىق شەكىللەندۈرۈش ،ئۇيغۇر ئىقتىسادىنى خەلقئارا ئىقتىسادىي سەھنىلەرگە ئېلىپ كىرىش ، بىر تەرەپتىن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ زامانىۋى كۈچلەر ئارىسىدىن ئورۇن ئېلىشىغا شارائىت ياراتسا ، يەنە بىر تەرەپتىن سىياسەت سەھنىسىدە مىللەت خارەكتىرلىك كوزۇر بولۇپ ئىشلىتىلىشتىن قۇتۇلۇپ، يېلىنمىچىلىقتىن خالى بىر ئوبراز تىكلەشتە ،پۇلى بارنىڭ گېپى ئوڭ، پۇلى يوقنىڭ گېپى توڭ بولۇۋاتقان كۈنىمىزدە قوللىنىدىغان كۈچلۈك بىر دەۋرىي كىملىكىمىزدۇر. ئىقتىساد بىلىمى ؛ دۇنيادىكى رەزىللىكلەرنىڭ مەنبە ۋە سەۋەبلىرىنى چۈشىنىشتە ھالقىلىق ب‍ىلىم قاتارلىرىدىن بىرى بولۇشى بىلەن بىرگە ، شۇنداقلا ئۇزۇن، پارلاق كەلگۈسىمىز ئۈچۈن ، بىلىش ۋە چۈشىنىشىمىز تەخىرسىز بولغان ب‍ىلىمدۇر.


ئىقتىساد ھەققىدە قىسقىچە تونۇش

ئىقتىساد دىگەن بۇ سۆز گىرىك تىلىدىن كەلگەن بولۇپ ، گىرىك تىلىدا ئائىلە باشقۇرغۇچى دىگەن مەنادا . بۇنىڭغا ئەگىشىپ ئىقتىسادشۇناسلار ئائىلە ئەزالىرىنىڭ ئائىلىدە كىمنىڭ نىمە ئىش قىلىشىغا قارىتا قارار ياكى تاللاشقا دۇچ كەلگىنىدەك ،بىر جەمئىيەت ۋە جەمئىيەتتىكى كىشىلەرنىڭمۇ كىمنىڭ قانداق خىزمەت قىلىدىغانلىقىغا ، مەسىلەن بەزىلەر تېرىقچىلىق بىلەن شۇغۇللانسا ، يەنە بەزىلەر كىيىم كىچەك ساھەسىدە ،يەنە بەزىلەر كومپىيوتىر ۋە ماشىناسازلىق ساھەلىرىدە ئىشلەپ چىقىرىش ئېلىپ بارغاندەك ،جەمئىيەتمۇ ئۆز تاللىشىغا قارىتا قارار قىلىشقا دۇچ كىلىدىغانلىقىنى ، ۋە شۇنىڭغا قارىتا جەمئىيەت ئۈستىدىكى ۋە دۆلەتلەر ئارىسىدىكى تەلەپ - ئېھتىياج تەڭپۇڭلىقىنى تەكشۈرۈپ تەھلىل قىلىش بىلەن بىرگە نەزىرىيە بىلىملەرنى سۆزلەيدۇ . ئىقتىساد تارىخى ئەڭ بۇرۇن مىلادىدىن ئىلگىرىكى 8- ئەسىردە ئىقتىسادىي مۇتەپەككۇرلارنىڭ بىرى بولغان گرېتسىيەلىك دېھقان / شائىر خېسيود تەرىپىدىن كەملىك ئۈستىدىن غالىب كېلىش ئۈچۈن ئەمگەك ، ماتېرىيال ۋە ۋاقىتنى ئۈنۈملۈك تەقسىملەش كېرەكلىكى خاتىرىلىنىپ يېزىلغان بولسا ، زامانىۋى غەرب ئىقتىسادىنىڭ قۇرۇلۇشى شوتلاندىيە پەيلاسوپى ئادام سىمىس «مىللەتلەرنىڭ تەبىئىتى ۋە سەۋەبىنى تەكشۈرۈش» ناملىق كىتابىنى1776-يىلى يېزىپ نەشر قىلغان . ئىقتىساد ئىلمى تەلەپ – ئېھتىياج بىلەن ئۆز-ئارا مۇناسىۋەتلىك ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئىستېمال پائالىيىتى بولۇپ، تاۋار ۋە مۇلازىمەتنى ئىشلەپچىقىرىش ، تەقسىملەش ۋە ئىستېمال قىلىشقا مۇناسىۋەتلىك ئىجتىمائىي پەن. ئۇ شەخسلەر ، كارخانا ، ھۆكۈمەتلەر ۋە مىللەتلەرنىڭ بايلىق تەقسىملەشتە قانداق قىلىپ ئۇلارنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرالايدىغانلىقىنى، بۇ توپلارنىڭ قانداق قىلىپ تەشكىللىنىپ ۋە ماسلىشىپ ، ئەڭ يۇقىرى مەھسۇلاتنى قولغا كەلتۈرۈشكە تىرىشىدىغانلىقىنى،شۇنداقلا چەكلىك مەنبە ۋە بايلىقنىڭ قانداق قىلىپ ئەڭ يۇقىرى ئۈنۈم ۋە قىممەت يارىتالايدىغانلىقىنى تەتقىق قىلىدۇ . ئىقتىساد چوڭ جەھەتتىن ماكرو ئىتقساد ۋە ،مىكرو ئىقتىساد بولۇپ ئىككى تۈرگە ئايرىلىدىغان بولۇپ ؛

مىكروئىقتىساد

مىكرو ئىقتىساد يەككە ئىستېمالچىلار ۋە قەتئىي قارار چىقىرىشقا ئەھمىيەت بېرىدۇ بۇ شەخسلەر يالغۇز ئادەم ، ئائىلە ، سودا تەشكىلات ياكى ھۆكۈمەت ئورگىنى بولالايدۇ. مىكرو ئىقتىساد ئىنسانلارنىڭ ھەرىكىتىنىڭ بەزى تەرەپلىرىنى تەھلىل قىلغاندا ، ئۇلارنىڭ باھا ئۆزگىرىشىگە قانداق ئىنكاس قايتۇرىدىغانلىقىنى ۋە ئالاھىدە باھا سەۋىيىسىدە نېمە ئىش قىلىدىغانلىقىنى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرمەكچى بولىدۇ. مىكرو ئىقتىساد ئوخشىمىغان تاۋارلارنىڭ قانداق ۋە نېمە ئۈچۈن باشقىچە باھالىنىدىغانلىقىنى ، شەخسلەرنىڭ مالىيە قارارىنى قانداق چىقىرىدىغانلىقىنى ، شەخسلەرنىڭ قانداق قىلىپ ئەڭ ياخشى سودا ، ماسلاشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىشىشنى چۈشەندۈرىدۇ. مىكرو ئىقتىسادنىڭ تېمىسى تەمىنلەش ۋە ئېھتىياجنىڭ ھەرىكەتچانلىقى ، تاۋار ۋە مۇلازىمەت ئىشلەپچىقىرىش ، ئۈنۈم ۋە تەننەرخ قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.


ماكرو ئىقتىساد

ماكرو ئىقتىساد ئىقتىسادنىڭ ئومۇمىي ، چوڭ كارتىنىسىغا قارايدۇ. ئاددىي قىلىپ ئېيتقاندا ، ئۇ ئىقتىسادنىڭ ئومۇمىي ئىپادىسىگە ئەھمىيەت بېرىدۇ. ماكرو ئىقتىساد بىر قەدەر كەڭ ساھە ، ئەمما ئىككى كونكرېت تەتقىقات ساھەسى بۇ پەننىڭ ۋەكىلى. بىرىنچى ساھە ئىقتىسادنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك ئېشىشىنى بەلگىلەيدىغان ياكى مىللىي كىرىمنىڭ ئېشىشىنى بەلگىلەيدىغان ئامىللار. يەنە بىرى ، مىللىي كىرىم ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىشنىڭ قىسقا مۇددەتلىك داۋالغۇشىنىڭ سەۋەبلىرى ۋە ئاقىۋەتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ ، بۇ سودا دەۋرى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ماكرو ئىقتىساد ئومۇمىي ئىقتىسادنى دۆلەت ۋە خەلقئارالىق سەۋىيىدە تەتقىق قىلىدۇ. ئۇنىڭ مۇھىم نۇقتىسى بولسا ئالاھىدە جۇغراپىيىلىك رايون ، بىر دۆلەت ، ھەتتا پۈتۈن دۇنيانى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. تەتقىق قىلىدىغان تىمىلىرى تاشقى سودا ، ھۆكۈمەت مالىيە ۋە پۇل سىياسىتى ، ئىشسىزلىق نىسبىتى ، پۇل پاخاللىقى سەۋىيىسى ۋە ئۆسۈم نىسبىتى ، ئىچكى ئومۇمىي ئىشلەپچىقىرىشنىڭ ئۆزگىرىشى ۋە ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى ۋە كېڭىيىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان سودا دەۋرىيلىكى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ماكرو ئىقتىساد ئىشسىزلىقنى نېمە كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ؟ پۇل پاخاللىقىنى نېمە كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ؟ ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىنى نېمە پەيدا قىلىدۇ ياكى قوزغىتىدۇ؟ دىگەندەك سوئاللارنى تەھلىل قىلىدۇ ۋە ئىقتىسادنىڭ قانچىلىك ياخشى ئىشلەۋاتقانلىقىنى ئۆلچەشكە ، قايسى كۈچلەرنىڭ ئۇنى قوزغىتىدىغانلىقىنى چۈشىنىشكە ۋە ئىقتىدارنىڭ قانداق قىلىپ ياخشىلىنىدىغانلىقىنى لايىھىلەشكە تىرىشىدۇ.



ماكرولۇق تەڭشەش ؛

دۆلەتنىڭ ئىقتىسادتا تەڭپۇڭسىزلىق كۆرۈلگەندە دۆلەت ئىقتىسادنىڭ قانۇنىيىتىدىن پايدىلىنىپ بەزىبىر تەڭشەش ۋاستىلىرىنى قوللىنىپ تەڭپۇڭسىزلىقنى ئازايتىشقا تېرىشىدۇ . بۇ ماكرولۇق تەڭشەش دىيىلىدۇ . ماكرولۇق تەڭشەشنىڭ مەقسىتى بولسا ؛ بازاردىكى مال باھاسىنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاش ۋە ئىقتىسادنىڭ ساغلام ئېشىشىنى قولغا كەلتۈرۈشتۇر. قىسقىچە قىلىپ ئېيتقاندا ماكرولۇق تەڭشەش ۋاستىلىرىنى ئىقتىسادى ۋاستە،قانۇنى ۋاستە ۋە مەمۇرى ۋاستە دېگەندەك تۈرلەرگە بۆلۈشكە بولىدۇ . بۇلاردىن ئىقتىسادى ۋاستىلىرىگە كىرىدىغان ۋاستىلەر ئاساسلىقى ئۆسۈم،زايوم(خەزىنە چېكى) باج،بانكا ئامانەت كاپالەت سوممىسى قاتارلىقلاردۇر .بازاردا ئايلىنىپ يۈرگەن پۇل مىقدارى كۆپىيىپ كەتسە پۇل پاخاللىقى يۈز بېرىدۇ.پۇلنى ئازايتىش ئۈچۈن بانكىلار ئۆسۈمنى يۇقىرلىتىشى ،دۆلەت زايوم سېتىپ نەق پۇللارنى يىغىۋېلىشى ،ياكى باجنى ئۆستۈرىشى كېرەك.بۇلار تارايتىش خارەكتىرلىك پۇل مۇئامىلە سىياسىتىدۇر.ئەمما چارىلەرنىڭ سەلبى تەسىرى نەتىجىسىدە يېڭى قۇرۇلۇشلار ، ئىشلەپ چىقىرىش ، يېڭى شىركەتلەر ۋە مەبلەغ سېلىش پائالىيەتلىرى ئازىيىشى ،ئىشسىزلىق ئېشىپ كەتكەندە مۇۋاپىق نىسبەتتە ئۆسۈمنى تۆۋەنلىتىش ،دۆلەت زايوملىرىنى قايتۇرۇپ سېتىۋېلىش،باجنى ئازايتىش ۋە قەرز بىلەن تەمىنلەش سىياسىتىنى يولغا قويۇشى كېرەك .بۇ چارىلەر كېڭەيتمە خارەكتىرلىك پۇل – مۇئامىلە سىياسىتى دەپ ئاتىلىدۇ .قانۇنى ۋاستىلەر بولسا شىركەت قانۇنى، ئىستىمالچىلار ھوقۇق مەنپەئەت قانۇنى ،بانكا ۋە پۇل مۇئامىلە پائالىيەتلىرىگە ئائىت قانۇن تۈزۈملەر ئارقىلىق مۇۋاپىق بولمىغان ئىقتىسادى پائالىيەتلەرنى چەكلەشنى كۆرسىتىدۇ .مەسىلەن ؛ مۇھىت بۇلغىنىش ئېغىر بولغاندا بېنزىننىڭ باھاسىغا قارىتا ئالىدىغان باجنى ئۆستۈرۈش ئارقىلىق بېنزىن ئىستىمالىنى ئازايتقىلى بولىدۇ .مەمۇرى ۋاستىلەر بولسا يەرلىك تۈزۈلمىلەر ۋە پىلان ئارقىلىق ئىقتىسادنى ،ياخشى بىر ئىجتىمائىي ۋە بىئولوگىيىلىك مۇھىتنى ئىلگىرى سۈرۈشنى كۆرسىتىدۇ .مەسىلەن ؛ مەلۇم بىر رايوندا بىر تۇتاش مىۋە ياكى كۆكتات يېتىشتۈرۈش ، ھۆكۈمەت باشچىلىق قىىلىپ سېتىش يوللىرىنى كېڭەيتىش دىگەندەك .


ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى (GDP)

ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى نۇرغۇن كىشىلەر تەرىپىدىن دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي ئىپادىسىنىڭ ئەڭ كەڭ ئۆلچىمى دەپ قارىلىدۇ. ئۇ مەلۇم بىر يىلدا بىر دۆلەتتە ئىشلەپچىقىرىلغان بارلىق مەھسۇلات ۋە مۇلازىمەتنىڭ ئومۇمىي بازار قىممىتىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ (ئىقتىسادىي ئانالىز ئىدارىسى ھەر ئاينىڭ ئاخىرقى قىسمىدا قەرەللىك دوكلات بېرىدۇ) نۇرغۇن مەبلەغ سالغۇچىلار ، تەھلىلچىلەر ۋە سودىگەرلەر ئەمەلىيەتتە يىللىق ئەڭ ئاخىرقى GDP دوكلاتىغا ئەھمىيەت بەرمەيدۇ ، بەلكى بىر نەچچە ئاي ئىلگىرى ئېلان قىلىنغان ئىككى دوكلاتقا: ئالدىنقى GDP دوكلاتى ۋە دەسلەپكى دوكلاتقا مەركەزلىشىدۇ. چۈنكى ئاخىرقى GDP سى دائىم ئارقىدا قالغان كۆرسەتكۈچ دەپ قارىلىدۇ ، يەنى ئۇ بىر يۈزلىنىشنى مۆلچەرلىيەلەيدۇ، ئەمما يۈزلىنىشنى جەزىملەشتۈرەلمەيدۇ. پاي بازىرىغا سېلىشتۇرغاندا ، GDP دوكلاتى بىر ئاممىۋى شىركەتنىڭ يىل ئاخىرىدا دوكلات قىلغان كىرىم دوكلاتىغا مەلۇم دەرىجىدە ئوخشايدۇ.




مەنبە –

جىم چاپپىلوۋ(2019) ئومۇمىي چۈشەنچە ، ۋە ئىقتىسادىي كۆرسەتكۈچ .

جورج مەنكىۋ (2011 ) ئىقتىساد پىرىنسىپلىرى