ئىشلەتكۈچى مۇنازىرىسى:Semimi

Page contents not supported in other languages.
ئورنى Wikipedia

ھۇقۇش[تەھرىرلەش]

(تارىخى ھىكايە) ھۇقۇش ھۇۋلىغان جاي چۆل قالىدۇ

        ____خەلىق ھىكمەتلىرىدىن 

(1) 1945.يىل كۈز ،قۇمباش① ئايمىقى .. خۇپتەم نامىزىنى تۈگەتكەن نامازخانلار بىر بىرلەپ ئۆيلىرىگە تارقىلىشقاندىن كىيىن، قېرى ئىماممۇ مەسچىت ئىشىگىنى قۇلۇپلاپ ئۈيىگە راۋان بولدى. شۇنىڭ بىلەن بەگ مەھەللىسى دەپ ئاتىلىدىغان بۇ مەھەللىدە ئەل ئايىقى ئاستا ئاستا بېسىقىپ قالدى. ئەمما مەسچىتكە ياندىشىپ سېلىنغان بىر ئېغىزلىق ۋەخپى ئۆيدە قەدىمى چىراغداننىڭ زىغىر يېغىغا چىلانغان پىلىگى چاراسلاپ كۈيۈۋاتاتتى. ئۆيدىكى بەش نەپەر ئۈچ ۋىلايەت ئارمىيىسىنىڭ ھەربى فورمىسىنى كىيىشكەن كىشىلەرنىڭ ئەنسىز چىراىيىدىن، ئۈن-تۈنسىزھالدا ئاچچىق مۇخۇركىنى ئۆز-ئارا تۇتۇشۇپ چوڭ-چوڭ شوراشلىرىدىن، ئۇلارنىڭ جىددى ھەم قىيىن بىر مەسىلىگە دۇچ كەلگەنلىگى مانا مەن دەپ بىلىنپ تۇراتتى. بىردىنلا بۇ جىمجىتلىقنى ئۆيگە كىرىپ كەلگەن ئۇلارنىڭ ئىككى نەپەر ھەمرىيى بۇزدى ۋە ئالدىدىراق كىرىپ كەلگەن بەسىتلىك، ئۆسكىلەڭ بۇرۇت قۇيىۋالغان بىر ئەسكەر ھەربىيچە چاس بىرىپ كەسكىن ھەربى تەلەپپۇزدا دوكىلات بەردى _دوكلات !ئودلىنۇپ! ئات باقار مىجىتنى كۆپ ئىزدىدۇق ،دادىسىنىڭ ھەم ئۈزىنىڭ ئۈيىگە بېرىپمۇ تاپالمىدۇق، دادىسى؛ ‹‹سالى بەگ②نىڭ دوغىلىرى چاقىرىپ ئېلىپ چىقىپ كەتتى›› دەيدۇ . ئوتتۇرا بوي ،قۇيۇق قۇشىما قاشلىرىنىڭ ئاستىدىكى ئويچان قۇي كۆزلىرىدىن ئەقىل پاراسەت نۇرلىرى چاقناپ تۇرىدىغان ئودلىنوپ③ ئەزىمەت دوكلاتنى ئاڭلىغاندىن كىيىن بىر ئىشنى جەزىم قىلغاندەك باش لىڭشىتىپ تۇرۇپ، ئۆز ئۈزىگە سۆزلەشكە باشلىدى -ئەسلى ئىش مۇنداق ئىكەندە!؟ پەسكەش غالچا مۇناپىقلار، ئۇ ئات باقارنى باشتىلا بىزگە پايلاقچىلىققا قويغان ئىكەن ئەمەسمۇ ؟مەن نىمىشقىمۇ ئۇ ئات باقارغا ئۆز مىللىتىم،ساددا دېھقان دەپ ئىشىنىپ يۇرگەندىمەن ؟ئودلىنۇپ ئەزىمەت ئۆكۈنۈش بىلەن ئاچچىق مۇخۇركىسىنى كۈچۈنۈپ شوراپ، تەكرار تەكرار ئەپسۇس ئۇرغىنىچە باش چايقاپ، تۇرۇپ ئۆي ئىچىدە ئۇياقتىن بۇياققا ماڭاتتى ھەم ھاياجان بىلەن ئېچىنىش ئارىلاش سۆزلەشكە باشلىدى ؛-ئالاھىزەل يىگىرمە يىل ئاۋال قەشقەردە ئابدۇقادىر دامۇللا ھەزرەتلىرىنى كىم قەستلەپ ئۆلتۈردى... تېخى بۇيىل يىل بېشىدا مۇشۇ ئاقسۇدا ياش شائىر ئىنقىلاپچى ل.مۇتەللىپنى كىم يەنە كىمگە سېتىپ بەردى ؟!...ئۆتكەن تارىخىمىزنى ۋاراقلايدىغان بولساق يەنە نەچچە يۇزلىگەن قېرىنداشلىرىمىز ...ئۆز ئىچىمىزدىن چىققان ساتقىن، مۇناپىقلارنىڭ خائىنلىغى بىلەن ئەزىز جېنىدىن جۇدا بولدى ھەم بولماقتا ..يەنە نۇرغۇنلىغان خەلقىمنىڭ ھورلىگىگە، تەرەققىياتىغا بېغىشلانغان ئۇلۇقۋار ئىشلار ، شۇ ئىپلاس ساتقىنلار ،مۇناپىقلار نىڭ بۇزغۇنچىلىقى تۇپەيلى رۇياپقا چىقماي تۇزۇپ تۇگىمەكتە؟! ياراتقان ئىگەم قانداق ئازغۇن بەندىلەربىز!؟ بىزنىڭ ئىچىمىزدە نىمىشقا مۇشۇنداق كىشىلەر كۆپتۇ !!ھەرە چېغى ئۆز ئۇۋۇسى زەرەرگە ئۇچرىسا ھەممىسى بىرلىشىپ زەرەر سالغۇچىغا قارشى چىقىدۇ . ئەمما نىمىشقا بىزنىڭ ئىچىمىزدىكى بىر قىسىم كىشىلەر ئۈزىگە،ئۆز مەنپەتىگە زىيان سالغۇچىلارنىڭ غالچىلىغىنى قىلىدۇ ؟؟"ئودلىنۇپ ئەزىمەت بىرھازا ئۆز-ئۈزى بىلەن پۇچۇلانغاندىن كىيىن دەرھال ھاياجنىنى بېسىۋېلىپ كەسكىن تەلەپپۇزدا ھەمراھلىرىغا سۆزلەشكەباشلىدى -يولداشلار !قېرىنداشلار! كىچىكىپ كەلگەن مەلۇماتتىن ۋە ھەرخىل ئالامەتتىن مەلۇم بولدىكى؛ بىزباش شىتاپتىن ئايرىلىپ قالغىلى بۈگۈن ئىككى كۈن بولدى! يەنى بىتىم④ بۇيۇنچە باش شىتاپ تۇيۇقسىز ئاقسۇدىن چىكىنىپ شىمالغا يۇرۇپ كەتكىلى ئىككى كۈن بۇلۇپتۇ . ھازىرقى بىز قۇمباش،بەشئېرىق،ئاۋات⑤ ئايماقلىرىغا ئالدىن چارلاش ئۈچۈن ئىۋەرتىلگەن ئودلىنىيە③نىڭ بىردىن بىر ۋەزىپىمىز ھەم شۇنداقلا بىردىن بىر يۇلىمىز تىز يۈرۈش قىلىپ بۇگۈن كىچە تۈن قاراڭغۇسىدىن پايدىلىنپ ئاقسۇدىن ئۈتۈپ ،كونا شەھەر⑤ئارقىلق ئاساسى قۇشۇنغا يىتىشىۋېلىش! –ئودلىنۇپ ئەزىمەت ھەمراھلىرىنىڭ چىرايىغا بىر قۇر قارىۋەتكەندىن كىيىن سۇزىنى داۋاملاشتۇردى - ھازىر ئاقسۇ ناھىيە بازىرىدا ئارمىيىمىز چىكىنگەندىن كىيىن گومىنداڭ ئەكسىەتچىلىرى، شۇنچە تىزلا "بىتىم"نى يىرتىپ تاشلاپ، ئەكسىيەتچىل ئەپتىبەشىرىسىنى ئاشكارىلاپ ، شەھەردىكى بىگۇنا پۇقرالارغا قارىتا ھەربى ھالەت يۇرگۇزۇپ،بىر ئوچۇم ساتقىنلارنى ئىشقا سېلىپ، ئارمىيىمىزنى ھىمايە قىلغان، ياردەم بىرىپ قوللىغان ھەرقانداق پۇقرانى سۇرۇشتۇرۇپ، تۇتۇپ تۇرمىغا تاشلاش ،ھەتتا يۇشۇرۇن قەتلى قىلىش بىلەن قىساس ئالماقتا .جۈملىدىن بىزنىڭ بۇگۈن كىچىدىكى بۇ سەپىرىمىزمۇ ئۇڭۇشلۇق بۇلۇدۇ-دەپ كىسىپ ئېيتالمايمەن . شۇڭا ھەممىمىزنىڭ بىخەتەرلىگى ئۈچۈن مۇشۇ مىنۇتتىن باشلاپ ھەممىمىز ھەربى فورمىمىزنى سېلىۋېتىپ، يۇشۇرۇپ قۇيۇپ پۇخراچە كىيىنىمىز. قۇرال-ياراق، ئوق-دۇرىنى سامان ئالغان تاغارغا ئوبدان يۇشۇرۇڭلار ،جامالقان بىلەن مەن پىيادە يۇلۇچى سىياقىدا سىلەردىن مەلۇم ئارىلىق قالدۇرۇپ ئارقاڭلاردىن ماڭىمىز. ئارىسلان بىلەن ئابدۇقادىر ئىككىڭلار ھارۋىلىق سامان ساتقىلى ماڭغان سىياقتا، قالغان تۆتىڭلار ھېلىلا ئاتقا تىگىشىپ كەلگەن تۆت ئىشەك بىلەن سامان ساتقىلى ماڭغان قىياپەتتە ماڭىمىز. ناۋادا جىددى ئەھۋالغا يۇلۇقساق بىردەك مىنىڭ بۇيرۇغۇم بۇيۇنچە ئۆز-ئارا ماسلىشىپ ھەركەت قىلىمىز. بۇ بۇيرۇق! سۇزۇم تۇگىدى چۇشەندىڭلارمۇ ؟! -چۈشەندۇق !! ئەمىسە تەييارلىنايلى ! (2) شۇ كۇنى. قۇياش ئەڭ ئاخىرقى نۇرلىرىنى قالدۇرپ غەرىپ تەرەپكە باش قۇيۇشى بىلەن تەڭ، ئاقسۇ دەرياسىى ۋادىسىنى تۈن قاراڭغۇسى بىر-بىرلەپ ئۆز قوينىغا ئېلىشقا باشلىدى .چۈكۈرۈپ كىيىۋالغان قاما تۇمىغى ئاستىدىكى ياغاق،سۇزۇنچاق يۈزىگە قۇيۇۋالغان ئۆسكىلەڭ ئۆچكە ساقىلى ،قىڭغىراقتەك قىرلىق ئۇزۇن قاڭشىرىنىڭ ئىككى يىنىغا ئولتۇرۇشقان چۇڭقۇر چاناقلىرىدىكى پىت كۆزلىرىدىن، ھېلىلا گۆردىن ئېلىپ چىقىلغان مۇردىدەك كۈرۈنىدىغان سالى بەگىنىڭ دورغىسى ئىبراھىم چاۋار ، تۈن قاراڭغۇسىدىكى سۈيى ئەمدىلا تارتىلىشقا باشلىغان ئاقسۇ دەرساسى كىچىگىدىن ئېھتىيات بىلەن ئۆتتى-دە ،ئاستىدىكى بوز خېچىرنى دىۋىتىپ،دەريا بۇيىدىكى سايلىق،تېتىرلىقنى ئارقىدا قالدۇرۇپ ،ئەگرى-تۇقاي قەدىمى كارۋان يۇلى بىلەن خانىقا⑤ مەھەللىسگە يېقىنلاشتى .ئىبراھىم دەريا بۇيىدىن يىراقلاشقانچە ،يول بۇيىدا ئوت-چۆپ ئازغانلار ،جىگدە،تىرەكلەر غوللاشقا باشلىدى ھەم قاياقتىندۇر ھۇقۇشنىڭ ۋەھىمىلىك ھۇۋلىغان ئاۋازى ئاڭلىنىشقا باشلىدى .بىردىنلا بۇ ۋەھىمىدىن ۋۇجۇدىنى قورقۇنۇچ باسقان ئىبراھىم بەلۋاغ بىلەن مەككەم باغلانغان ئۇزۇن چەكمەن چاپىننىڭ قوينىدىكى قەغەز بوقچىنى تۇتۇپ قويدىدە- ئىچىدە ئاللاقانداق دۇرۇتلارنى ئۇقۇشقا باشلىدى ...ئۇ دۇرتىنىڭ ئاخىرىدا‹‹ ئى ئۇلۇق ياراتقان ئىگەم بىگىم تاپشۇرغان بۇ مۇھىم مەلۇماتنى ۋۇ ⑥ دارىنغا ساق سالامەت تىزراق يەتكۈزۈپ، ئىلى ئوغرىلىرىنىڭ جاجىسىنى ۋاختىدا بىرىشكە نىسىپ قىلغايسەن !››دەپ قۇشۇپ قويدى ئىبراھىم ئاقسۇ ناھىيە بازىرىنىڭ قەشقەر دەرۋازىسىغا يېقىنلاشقاندا ،قاياقلاردىندۇ ئارىلاپ ئوق ئاۋازى،يىغا زارە ۋاراڭ-چۇرۇڭ،قىيا-چىيالار ئاڭلىنىشقا باشلىدى. تۈن قاراڭغۇسىدا ئوتقاش كۈتەرگەن توپ-توپ گومىنداڭ ئەسكەرلىرى ۋە ساقچىلار ،كىملەرنىدۇ تۇتۇپ باغلاپ،ئۇرۇپ دوشكەللەپ ئېلىپ مېڭىشماقتا ئىدى .بازار ئىچىدە بىر نەچچە يەردە ئوت قۇيۇلغان ئويلەردە ئوت يالقۇنى،ئىس تۈتەك ئاسمان پەلەك كۇتۇرۇلۇپ ،بۇ كىچىككىنە ناھىيە بازىرىدا ، تۈن قوينىدىكى قىيامەت داۋام ئەتمەكتە ئىدى... ئىبرايىم كۆز ئالدىدىكى بۇ ئەۋاللارنى كۈرۈپ ئۆز‹‹دانالىغى››دىن سۈيۈنگەچ كۆڭلىدە ‹‹مانا گومىنداڭ پىرقى ھۇكۇمەتكە شىلتىڭ ئاتقاننىڭ سازايى !"سۇ كىتىدۇ تاش قالىدۇ، ئوسما كىتىدۇ قاش قالىدۇ" دىگەن گەپ بار .كىم ئۇلارنى بەش ۋاق نامىزىنى تىنىچ ئۇقۇپ،سىڭگەن نېنىنى يەپ، كۆرگەن بۇ ياخشى كۈنلىرىگە شۇكرى قىلمىسۇن دەپتۇ؟!››دىگەنلەرنى ئويلىدى ئىبراھىم بۇرۇن نەچچە قېتىم قاتىرىغان ،ئاقسۇ ناھىيە بازىرى ئىچىدىكى نەچچە يۈزيىللىق بىرنەچچە تۈپ يۇغان ئاق تىرەك قەت كۈتۈرۈپ تۇرغان ، ئاقسۇ ساقچى ئىدارىسىنى تىزلا تېپىۋالدى ۋە خېچىرىنى جايلاشتۇرۇپ دەرۋازا ئالدىدىكى ئىككى نەپەر قاراۋۇلغا ‹‹ۋۇ ساقچى باشلىغى ئالىلىرىنىڭ ئۆز قۇلىغا جىددى يەتكۈزىدىغان مەلۇمات بار››لىغىنى ئۇقتۇردى. بىر نەپەر قاراۋۇل ئىچكىرىگە كىرىپ كىتىپ، بىر ھازا ئوتكەندىن كىيىن كىرسە بۇلىدىغانلىغىنى ئۇقتۇردى. ئىبراھىم قارا سىر بىلەن سىرلانغان قوش قاناتلىق سۈرلۈك ئىشخانىغا كىرىپ كەلگەندە ،خۇددى سىل كىسىلىگە گىرىپتار بۇلۇپ قالغان كونا بىماردەك پاناق بۇرنىنىڭ ئاستىدىكى كاماك ئېغىزىغا ماسلاشمىغان كۆكۈش كۈرۈنىدىغان ئىككى زاڭاق سۇڭىگى پولتۇيۇپ چىققان ،تۇكسىز قاشلىرى ئاستىدىكى بىر جۈپ ساغۇچ پىت كۈزىدىن ھىلىم- مىكىر،شۇملۇقنىڭ كۈكۈش نۇرلىرى چاقناپ تۇرۇدىغان ۋۇشاۋ بىڭ توڭچىسى⑦،كانىۋىيى بىلەن يىراقتىن سۇغۇق نەزەر سالغىنىچە ئۇنى ئىشخانىسىدا ساقلاپ تۇراتتى. ئىبراھىم بۇسۇغىدىن ئاتلاپلا قۇللارچە تىزلىنىپ تۇرۇپ، قوينىدىكى پۈتۈكنى چىقىرىپ، تىترەپ تۇرغان قوللىرى بىلەن پۈتۈكنى بېشىدىن ئىگىز كۈتۈرۇپ، ۋۇشاۋ بىڭغا ئۇزۇتۇپ زەئىپ ئاۋاز بىلەن قۇشۇپ قويدى ؛-ئالىلىرىغا چەكسىز ئېھتىرام بولغايكى:- قۇمباش ئايمىغىنىڭ بىگى سالى بەگنىڭ دورغىسى مەن ئىبرايىم چاۋار بولمىش، بۇ مۇھىم مەلۇماتنى، سالى بىگىمنىڭ ئالاھىدە تاپشۇرمىسى بىلەن ئۆزلىرىگە ئېلىپ كەلدىم . بىر نەپەر ئەسكەر پۈتۈكنى ۋۇشاۋ بىڭغا يەتكۈزۈپ بەردى، گۇڭگا پەنەر يۇرۇغىدا ۋۇشاۋ بىڭ ئۇيغۇر يېزىغىدا يېزىلغان پۈتۈكنى ئېلىپ قاتلاقلىرىدىن ئايرىپ ئۇقۇ- دىگەن ئىشارەت بىلەن توڭچىسىغا ئۇزاتتى ،توڭچى خەنزۇچىغا ئايلاندۇرۇپ ئالدىرىماي ئۇقۇشقا باشلىدى ‹‹يەتتە ئىقلىمنىڭ پۇشتۇ-پاناھى،جىمى مۇسۇلمانلارنىڭ ماھى،ئاقسۇ خەلقىنىڭ قاياشى ،مۆمىن پېقىرنىڭ دوست-ئاداشى ؛ ۋۇشاۋ بىڭ ئالىلىرىغا يىتىپ مەلۇم بولغايكى يېقىندىن بۇيان بىرمەھەل پەختەكلەر ئوڭدا ئۇچۇپ پۇشقاقلار ياقا بولغاندا ھەددىدىن ئاشقان ئىلى ئوغرىلىرىنىڭ يەتتە نەپەر ئەسكىرى بىزنىڭ قۇمباش،بەشئېرىق، ئاۋات سايان قۇتراپ يالاڭ تۆشلەرنى قۇترۇتۇپ،بىزكەبى تىنىچ مۆمىن پۇقرالىرىنىڭ تىنىچ تۇرمۇشىغا بەرھەم بىرىپ قالايمىقانچىلىق، ئەنسىزچىلىكنى زاھىر قىلدىلەر .ۋەللاھۇ ئەلەم ئۇلۇق تەڭرىمنىڭ راھى ،ئۆزلىرىنىڭ كۈچ-قۇدرىتى بىلەن بۇ ئىقلىمنىڭ يەنە ئۆزلىرىنىڭ تەقىبىگە ئۆتكىنىدىن بىخەۋەر، بۇ يەتتە ئوغرى يەنە بۇ ئىككى كۈندىن بۇيان قۇمباش ئايمىغىدا قۇترىماقتا .نىھايەتكى مەن ئىگەللىگەن ئەڭ ئشەنچىلىك مەلۇماتتىن مەلۇم بولدىلەركى،ئۇلار بۇگۈن ئۆزلىرىنىڭ مەشئۇم كۈنىدىن خەۋەر تېپىپ ئشەكلىك، ھارۋىلىق ،سامانچى سىياقىدا ياسىنىپ ،كىچە تۈن قاراڭغۇسىدا كونا شەھەرگە ئۈتۈپ كەتمەكنى نىيەت ئەتتىلەر. ئىنشاھ ئاللاھ، بۇ مەلۇمات شۇنچىلىك ئىشەنچىلىكتۇركى ناۋادا بۇ مەلۇمات يالغان بۇلۇپ قالسا بۇ ئەرزىمەس خەس كەبى بېشىم مۇبارەك قېلىچلىرىنىڭ ئختىيارىدا بولغاي. شۇڭا بۇ ئوغرى شەيتانلارنىڭ يامان نىيىتىنىڭ مۇراد تاپماسلىغى ئۈچۈن زۈرۈر تەدبىرلەرنى ئىختىيارلىرىگە مەنزۇر ئىتىپ، نامە تامام ۋەسسالام ،ئوزلىرىگە كۆپتىن كۆپ ئىھتىرام،

             سالى بەگ 

-ياخشى! ياخشى! كۆپ ياخشى ! -دىدى ۋۇشاۋ بىڭ رازىمەنلىك بىلەن ئىبراھىمغا قاراپ سۈزىنى داۋام ئىتىپ،-تىز بېرىپ بىگىڭگە ئېيىت .ئۇ چوڭ،چوڭ خىزمەت كۆرسەتتى .مەن ئۇنىڭ بۇ تۆھبىسىنى ئۇنۇتمايدۇ.ھەم تارتۇقلايدۇ. ۋۇشاۋ بىڭ ئالدىن تەييارلانغان پۇل سېلىنغان لىپاپىنى ئىبراھىمنىڭ ئالدىغا تاشلىدى. ئىبراھىم ئۆمۈلەپ بېرىپ لىپاپىنى ئېلىپ ‹‹رەخمەت،رەخمەت ھەشقاللا!››دىگىنىچە كەينىچىلاپ ئىشخانىدىن چىقىپ كەتتى. ئەپىيۇن تۇلدۇرۇلغان غاڭزىسىنى تەشنالىق بىلەن تەكرار شوراپ بولغاندىن كىيىن ۋۇشاۋ بىڭ ئولتۇرغان ئورنىدىن تۇرۇپ ئىشخانىسى ئىچىدە ئۇياق-بۇياققا ماڭغاچ كانىۋىيىغا سوزلەشكە باشلىدى ؛ ھەي ...كانىۋاي ھىس قىلدىڭمۇ ؟بۇ ئىككى ئۈچ- كۈن ئىچىدە بىزگە كەلگەن مەلۈماتنىڭ كۆپلىگىنى...ئىلى ئوغرىلىرى،ۋە بىر قىسىم توپىلاڭچىلارنى ھىساپقا ئالمىغاندا، بۇ چەنتۇلار نەقەدەر پاسسىق،دوت كىشىلەر بۇ ؟! بىز ئىلى ئوغرىلىرى ،ۋە ئۇلارغا ھەمدەم بولغانلار ھەققىدە ھېچقانداق مەلۇمات بىرىشنى تەلەپ قىلىمساقمۇ، ئۆزلىگىدىن كىلىپ بىر-بىرلىرى ھەققىدە مەلۇمات يوللۇشىدۇ. بىر-بىرىنى چېقىشىدۇ ،سېتىشىدۇ . بۇنداق ئەھۋال بىر قارىماققا بىزنىڭ ئۇلارنى تېخىمۇ ئۈزۈل كىسىل ،ئاسانلا ئىدارە قىلىشىمىزغا پايدىلىق بولغىنى بىلەن ئەمىلىيەتتە بىزنىمۇ بۇشاشتۇرۇدۇ .ئىسىڭلاردىمۇ؛- ئاتا بوۋىمىزدىن قالغان مۇنداق بىر ھىكمەتلىك سۆز بار‹‹رەقىبىڭ دۆت ئاجىز بولسا قېلىچىڭنى دات باسىدۇ››. ئۆز دانالىغىنى كۆز-كۆزقىلىپ كانىۋايمۇ سۆزگە لوقما سالدى؛-بىز بۇ چەنتۇلارنى ئىدارە قىلىشتا يەنىلا ئاتا –بوۋىلىرىمىزدىن قالغان ئۆز گۈشىدە ئۆز يېغىنى قورۇش ئۇسۇلى بۇيۇنچە ئۇلارنى ئۆز ئارا پايلاقچىلىققا، قارشىلىششقا ،ئۆز-ئارا بىر-بىرنى نازارەت قىلىشقا ، ئۆز ئارا قىرغىنچىلىققا سېلىشىمىز لازىم. ۋۇشاۋ بىڭ توڭچى كانىۋاينىڭ ئۇتتۇرلا ئېيتقان سۈزىنى ئاڭلاپ يۇقۇرى ئاۋازدا ئۆزلىرىنى تۇتۇۋالالماستىن كۈلۈشۈپ كىتىشتى ... ۋۇشاۋ بىڭ يەنە كانىۋىيىغا جىددى ئۇرۇنلاشتۇرۇش ۋەزىپىسى تاپشۇردى –ھازىرنىڭ ئۈزىدە مۇنۇ ئككى ۋەزىپىنى جىددى بىجا كەلتۇر ؛ بىرى يېرىم سائەت ئىچىدە بارلىق ساقچى كۈچلىرى يىغىلىپ تەييار بولسۇن، يەنە بىرى دەرھال ھەربى باش شىتاپقا بېرىپ جاۋخەنچىڭ⑧ قۇماندانغا يەتكۈز ؛ مۇشۇ بىر سائەت ئىچىدە ساقچى ئەتىرەتكە بىر بەن ئەسكەر ياردەمگە چىقارسۇن، قالغان ئەھۋاللارنى ،مەلۇماتنىڭ مەزمۇنىنى ئۈزۈڭ ھەربى باش شىتاپقا بارغاندا تەبسىلى چۈشەندۈر. بىر سائەتتىن كىيىن خانىقا كەنتىدە ‹‹مېھمان››نىڭ ئالدىغا چىقىمىز.قېنى بۇگۈن ئۇ قۇترىغان يالاڭ تۆشلەرنىڭ ئىلگىرىكى كۈنلەردە بىزنى بۇ سېپىل ئىچىگە ھەپتە ئون كۈن سۇلىۋېلىپ تارتقۇزغان خورلۇق ،نۇمۇسىمىزنىڭ ھىساۋىنى ،ئىنتىقامىنى قانداق ئالىمىزكىن؟! -خوپ!

                      (3)

تۈن نىسبى سامان ئارتىلغان ئىككى ئشەكلىك، بىر ھارۋىلىق ۋە پىيادە يول يۇرگەن بۇلۇپ ئودلىنوپ ئەزىمەت قاتارلىق يەتتە كىشى ئىلگىرى -كىيىن بۇلۇپ ئەمدىلا ئاقسۇ دەرياسى كىچىگىدىن ئۈتۈپ ،ئەگرى تۇقاي يول بىلەن خانىقا كەنتى ئىچىدىكى قۇيۇق چاتقاللىق، ئورمانلىققا يېقىنلىشىىشغا ،تۇيۇقسىز يولنىڭ ئىككى چېتىدىكى چاتقاللىقتىن تەرەپ-تەرەپتىن ئوق ئېتىلىشقا باشلىدى .خۇددى چاغان مەزگىلىدىكى پوجاڭزا ئاۋازىدەك گومىنداڭ ساقچىلىرى ۋە ئەسكەرلەر تەرىپىدىن شىددەت بىلەن ئېتىلىۋاتقان ئوقلار ئەزىمەتۇپلارنى گاڭگىرىتىپلا قويدى . يول بۇيى ئالاھىدە ھۇششارلىقنى ساقلاپ ماڭغان ئەزىمەتۇپ بىلەن جامالقان تىزلىك بىلەن يەر بىغىرلاپ يېتىپ، دۈشمەن ھۇجۇمىدىن ئامان قالدى.قالغان تۆت نەپەر جەڭچى تۈن نىسبىدىكى بۇ تۇيۇقسىز ھۇجۇمدا مىنۇت ئىچىدەئۈزىنىڭ قىممەتلىك ھاياتىدىن ئايرىلىشقان ئىدى. ئەزىمەتۇپ بىلەن جامالقان ئۈزىنى ئوڭشاپ قايتارما ھۇجۇمغا ئۇتۇش شارائىتى يارىتىش ئۈچۈن ، يەر بېغىرلاپ يۇمۇلاپ بىر ئويمان ئۆرەككە چۈشۈپ قۇراللىرىنى بەتلەشتى . جامالقان ئەزىمەتۇپنىڭ يېنىغا ئۆمۈلەپ كىلىپ پىچىرلاشقا باشلىدى ؛ -ئودلىنۇپ. دۈشمەنلەرنى مەن ئۈزەمگە جەلىپ قىلىپ تۇراي، سىز دەرھال بۇ قورشاۋدىن بۇسۇپ چىقىپ شىتاپقا يىتىشىپ ئودلىنىيىمىزنىڭ خىزمىتىدىن دوكلات قىلىڭ. بۇ ھەممىدىن مۇھىم ،تىز بۇلۇڭ -ياق ئىككىمىز تەڭ كىتىمىز .سىنى بۇيەردە.... دەھشەتلىك پارتىلىغان گىرانات زەربىسىدىن، ئەزىمەتۇپ بىرنەچچە مىتىر يىراقلىققا ئۇچۇپ چۇشتى .ئۇ نەچچە ئون دەقىقە ئۆتكەندىن كىيىن ئۈزىنىڭ خۇددى مۇجىزىدەكلا ھايات قالغانلىغىغا ئىشەنمەي،ئۇيەر بۇيەرلىرىنى سىلاشتۇرۇپ كوردى ۋە تۈن قاراڭغۇسىدا ئاستا-ئاستا ئولتۇرۇشىۋاتقان چاڭ تۇزان تۇتەكلەر ئارىسىدىن جامالقاننى ئىزدىدى .ئۈزىدىن سەللا نېرىدا جامالقان مىدىر-سىدىر قىلماي ياتاتتى. ئۇ يەر بېغىرلاپ بېرىپ جامالقاننى قايتا-قايتا تۈرىتتى .ئەمما ئۇنىڭدىن قىلچىمۇ تىرىكلىكنىڭ ئالامىتىنى بايقىمىدى. ئەزىمەتۇپ شۇ دەمدە ئۈزىنىڭمۇ ئىنتايىن خەتەرلىك ئەھۋالدا ئىكەنلىگىنى چاقماق تىزلىگىدە ھېس قىلدى-دە، تىز-تىز ئۆمۈلەپ،ھەم دۇمۇلاپ يول بۇيىدىكى بىر قۇرۇق ئېرىققا چۈشتى ھەم ئېرىق ئىچى بىلەن يېرىم ئۆمۈلەپ يۈگۈرۈپ قۇيۇق ئۆسكەن قۇناقلىققا كىرىپ كەتتى. ئوتقاش كۈتەرگەن ساقچىلار ،ئەسكەرلەر ئۇنىڭ ئارقىسىدىن تاپ باستۇرۇپ قوغلاپ كەلمەكتە ئىدى. ئەزىمەتۇپ قۇناقلىق ئىچىگە كىرىپ مۈكۈنۈپ يېتىشنىڭ خەتەرلىكلىگىنى ھىس قىلىپ، قۇناقلىق ئىچىدىكى يەنە بىر قۇرۇق ئېرىقچىغا كىرىپ تىزلىك بىلەن يۈگۈردى .ئانچە ئۇزۇن قالماي ئەزىمەتۇپنىڭ ئالدىغا يەنە لىق سۇ ئېقىۋاتقان ، ئىككى قېشى بۇلۇق ئوت-چۆپ بىلەن پۈركەنگەن بىر ئانا ئېرىق ئۇچرىدى. ئۇ تىۋىش چىقارماي ئېرىقتىكى سۇغا شۇڭغىدى ۋە ئوت چۆپلەرنىڭ دالدىسىدا سۇنىڭ يۇلىنىشى بۇيۇنچە ئېقىشقا باشلىدى.. بارا-بارا قۇناقلىقلارنىڭ شاراقلىشى، دۈشمەنلەرنىڭ ۋاراڭ-چۇرۇڭلىرى يىراقلاشقا باشلىدى (4) ئەزىمەتۇپ تۈن قاراڭغۇسىدا يولىنىشتىن ئادىشىپ قالماسلىق ئۈچۈن پات-پات ئاسماندىكى شىمالى قۇتۇپ يۇلتۇزىغا قاراپ، نىشاننى بىكىتىپ يەنى كونا شەھەر تەرەپكە قاراپ خېلى بىر ھازا ماڭدى ۋە دۈشمەنلەرنىڭ زەربىسىدىن،قوغلاپ تۇتىشىدىن قۇتۇلغانلىغىغا ئىشەنگەندىن كىيىن، ئېتىز بۇيىدىكى ئىگىز بۇلۇق ئۆسكەن ئوتلار ئارىسىغا كىلىپ ئولتۇرماقچى بۇلۇپ سوڭگچىنى يەرگە قۇيىشىغا ،بىرئاغرىق مىڭىسىدىن كىرىپ پۇتىنىڭ ئۇچىدىن چىقىپ كەتتى. ئاغرىققا بەرداشلىق بىرەلمىگەن ئەزىمەتۇپ ‹‹ۋايجان››دەپ قاقشاپ كەتتى .ئەزىمەتۇپ شىمىنىڭ ئىچىدىن ئاغرىغان يەرنى سىلاپ باققان ئىدى، قۇلىغا ئىسسىق شىلىمشىق سۇيۇقلۇق ۋە قاتتىق ئاغرىۋاتقان يارا ئېغىزى ئۇرۇندى ،‹‹ئاپلا يارىلىنىپتىمەن ئەمەسمۇ ؟›،دەپ ئويلىدى ئەزىمەتۇپ .. دۇشمەن قۇلىغا چۈشۈپ قېلىشتىن قۇتۇلۇشتىن ئىبارەت خەتەرلىك پەيىتتە چاقماق تىزلىگىدە ئۈزىنى دالدىغا ئېلىش جەريانىدىكى جىددىلىشىش بىلەن ئۈزىنىڭ يارىلانغانلىغىنىمۇ سەزمىگەن ئىدى .ئەزىمەتۇپ ساق يامپىچىنى يەرگە قۇيۇپ ئارام ئېلېىشقا باشلىدى .ئۇنىڭ جىددىلىگى تۈگەپ ھاسىراشلىرىمۇ توختىغاندىن كىيىن ،بىر تەرەپتىن يانپىشىدىكى ئاغرىق بارا-بارا كۈچۈيۈپ دەرت قىلىشقا باشلىسا، يەنە بىر تەرپتىن سۈزمە يۆل بۇلۇپ كەتكەن كىيىمى بەدىنىگە چاپلىشىپ ئەندىكتۇرۇپ توڭلاشقا باشلىدى. ئەزىمەتۇپ شۇنچىلىك قىسقا ۋاقىت ئىچىدە دۈشمەنلەرنىڭ پىستۇرمىسىغا ئۇچراپ، ئالتە نەپەر ھەمرىيىدىن ئايرىلىپ قېلىش ،ئۈزىنىڭ خەتەرلىك مىنۇتلاردىن ئامان ئىسەن قۇتۇلۇپ چىقىش جەريانىنى بىر-بىرلەپ قايتا كۆز ئالدىغا كەلتۇرۇپ، كۆڭلى بىردىنلا يېرىم بولدى .ئالتاي نىلقا تاغلىرىدا ،غۇلجا شەھرىنى ئېلىش جەڭلىرىدىكى نى نى خەتەرلىك ،ئەڭ مۈشكۈل پەيىتلەردە ئازراقمۇ تەمتىرەپ قالمىغان ،چارچاپ روھى چۈشۈپ باقمىغان بۇ ئەزىمەتكە بۇگۈن خېلىلا ھاردۇق يىتىپ، روھى چۈشۈپ كوزلىرىدىن ئىختىيارسىز تاراملاپ ياش تۇكۇلۇشكە باشلىدى ..ئۇ ئوزلىرىنىڭ ھۇجۇمغا ئۇچراش ئەھۋالىنى ئويلىدى ‹‹ئەجىبا دۈشمەنلەر بىزنىڭ مۇشۇ يول بىلەن بۈگۈن كىچە ماڭىدىغانلىغىمىزنى توپ توغرابىلىپتىغۇ ؟خەپ سالىبەگ! مۇناپىق !سىنىڭ ساتقىنلىغىڭنى ئاخشام بىلگەن ئىدىمغۇ ؟ئەجىبا مەن ئەنە شۇنداق تەكرار خاتالىققا يول قويدۇممۇ؟ شۇ باتۇر ،سۈيۈملىك قېرىنداشلارنىڭ ھاياتى شۇ خائىن، ئىپلاسلارنىڭ ساتقىنىلىغى بىلەن شۇنچە تىزلا ئاخىرلىشامدۇ؟ياق !مەن ھەممىسى ئۆزقېرىنداشلىرىم ،ئۆزمىللىتىم ،قاراپ تۇرۇپ بىزنى سېتىۋەتمەيدۇ، دەپ سەل قارىغان خاتالىغىم بار. شۇنداق ئەمەسمۇ ؟دىمىسىمۇ ئارمىيىمىزدە شۇنچە جىق ئەزىمەتلەر ،باھادىرلار قىممەتلىك ھاياتىدىن كىچىپ كىم ئۈچۈن بۇ ئۇرۇشنى قىلىۋاتىمىز ؟كىم ئۈچۈن ھاياتىمىزنى سېلىپ بىرىۋاتىمىز ؟.. ھەممىسى كەلگۈسى خەلقىمىزنىڭ بەختى ئۈچۈن ئەمەسمۇ؟قارىغاندا بىز مىللىتىمىزنى گومىنداڭ ئەكسىيەتچى ھۈكىتىنىڭ زۇلىمىدىن قۇتۇلدۇرىش بىلەن بىرگە ئۇلارنىڭ مەھكۇم ئۈلۈك روھىنى يۇيىشىمىز ،ئاقارتىشىمىز ئەڭ مۇھىمى ئىچىمىزدىكى بىرقىسىم مىللى مۇناپىقلارنى تازىلىشمىز لازىم ئوخشايدۇ ..خەپ سالىبەگ مەن قۇشۇنغا ئۇڭۇشلۇق يىتىشەلىسەم …ھاياتلا بۇلىدىكەنمەن، ئاقسۇغا ھامان بىركۈنى قايتىپ كىلىپ ئەڭ ئاۋال بۇ ھىساپنى ،ئالتە نەپەر قېرىندىشىمنىڭ قان قەرزىنى سەندىن بىر-بىرلەپ ئالمايدىغان بولسام ...  ›› ئەزىمەتۇپنىڭ خىيالىنى يېقىن ئەتراپتىن ئاڭلانغان بامدات نامىزىغا ئۇقۇلغان ئەزان ئاۋازى بۈلىۋەتتى‹‹ مەھەللە ئىچىگە يېىقىن كىلىپ قالغان ئوخشىمايمەنمۇ››دەپ ئويلىدى ئەزىمەت ‹‹خۇداغا شۈكۈر تاڭمۇ سۈزۈلۈپ قالغان ئوخشايدۇ ..بىرسىنىڭ ئۈيىگە كىرىپ يارامنى تاڭدۇرۇۋېلىپ ،سەپىرىمنى ئاندىن داۋام قىلاي ›› ... ئەزىمەتۇپ ھاسا تاياق ياردىمىدە، يارىلانغان پۇتىنى تەستە سۆرەپ ئەزان ئاۋازى ئاڭلانغان تەرەپكە قاراپ ماڭدى. ئانچە ئۇزىمايلا ئەزىمەت بارا بارا يۇرۇۋاتقان تاڭ يۇرىغىدا ئۇيەر بۇيەر گە تارقالغان ئۆيلەردىن پەرىقلىنىپ تۇرىدىغان ، مەسچىتنىڭ ئادەتتىكىچە ياسالغان قۇببىسىنى تىزلا ئىلغا قىلىۋالدى ‹‹خۇدالىق يۇلىنى تۇتقان بىر تەقۋادار كىشىدىن ياردەم سورىسامغۇ چاتاق چىقماس. ھەرقانچە بولسىمۇ ئۇ كىشى مىنى يەنە گومىنداڭ ساقچى دائىرىلىرىگە چېقىپ يۈرمەس››ئەزىمەت شۇلارنى خىيالىدىن كۈچۈرۈپ، ئۇتتۇر مەسچىتكە قاراپ ماڭدى .مەسچىت ئۆگۈزۈسىدىكى ئەزان پەشتىغىدىن چۈشىۋاتقان مەزىن ئالدىدىكى ئۈزىگە قاراپ تۇرغان ناتۇنۇش كىشىنى كۈرۈپ تەرەت ئالىدىغان ئوخشايدۇ دەپ ئويلاپ "–تەرەتنى ما ئۆيگە كىرىپ ئېلىۋالسىلا- "دەپ ياندىكى بىر ئۆينى كۆرسەتتى -مىنىڭ سىلىگە بىر گىپىم بار ئىدى ؟ ئەزىمەتنىڭ باشقا ئىشى بارلىغىنى بىلگەن مەزىن ئەزىمەتنىڭ ئالدىغا كەلدى نىمە گەپلىرى بار ئىدى ؟ -مەن بىر يولوچى، يولدا كىلىۋېتىپ قاراڭغۇدا يولدىن ..ئېزىپ قېلىپ ..يىقىلىپ كەتتىم يانپىشىم يارىلىنپ قالدى ..ئاغرىق دەستىدىن ...ھېچ بۇلالماي قالدىم ، شۇڭا ياردىمىڭىزدە ئۈيىڭىزدە پۇتۇمنى تېڭىۋالسام ،ئاندىن يۇلۇمغا ماڭاتتىم . قېرى مەزىن ئەزىمەتۇپنىڭ يۆل، ھەم لاي بۇلۇپ كەتكەن ئۈستى- بېشىغا سىنچى كۆزلىرى بىلەن قاراپ بىر دەقىقە تۇرۇپ كەتتى دە ‹‹ماڭسىلا ئەمىسە›› دەپ ئۈيىگە باشلاپ ماڭدى. مەزىن مەسچىتتىن ئانچە ئۇزىمايلا يۇلىنى داۋام قىلىپ تۇرۇپ ‹‹كىچىدىن خانىقا مەھەلىسى تەرەپتە ئېتىشىش بولدى. شۇيەردىن پىتىراپ كەللىمۇ نىمە ؟››دىدى .ئەزىمەتۇپ مەزىننىڭ ھەممە ئىشنى بىلىپ بولغانلىغىنى ھېس قىلىپ سەل ئەندىشە قىلدى ، ئەمما "ئاللاھ-ئىمان يۇلىنى تۇتقان كىشى بولغاندىكىن ياردەم قىلار؟ "دىگەن ئوي بىلەن ھېچقانداق ئىنكاس قايتۇرماستىن سۆزسىزلا مەزىنگە ئەگەشتى. مەزىن ئەزىمەتۇپنى مەسچىتكە ئانچە يىراق بولمىغان بىر ھويلىغا باشلاپ كىردى ۋە ھويلا سۇپۇرىۋاتقان مومىيىغا تاپىلاشقا باشلىدى ؛ -ئۆيگە مېھمان كەلدى قۇشناچىم ،ئەتىگەندە ئوخشۇتۇپ بىر پولو ئەتسىلە ،يەنە بۇ مېھمانغا ئىسىق سۇ ھەم خوپ كەلگۈدەك كىيىم كىچەك تەييارلاپ بەرسىلە ،مەن ئوغلىمىز چاۋار قارىنى دەرھال تىۋىپقا دورىغا ماڭغۇزاي ،ئۇنىڭغىچە مەنمۇ نامىزىمنى ئۇقۇپ كىرەي . مەزىن ياندىكى ئايرىم ئۆيگە كىرىپ ئوغلىنى ئويغۇتۇپ خېلى ئۇزۇن كۈسۈرلاپ بىر نەرسىلەرنى دىدى- دە ‹‹نامىزىمنى ئۇقۇپ كىرەي ئوغلۇم تىۋىپ چاقىرغىلى ماڭدى سىلى خاتىرجەم ئارام ئېلىپ تۇرسىلا ›› دەپ چىقىپ كەتتى ئەزىمەتۇپ موماي ئېلىپ كىرگەن ئىسسىق چاي ۋە قۇرۇق كىيىم بەھرىدىن خېلى ئەسلىگە كىلىپ قالدى- دە يانپاشلاپ ئارام ئېلىشقا باشلىدى. بىر ئاش پىشىمدىن جىقراق ۋاقىتمۇ ئۆتتى ،كۈن نۇرى ئۆينى تۇلۇق يۇرۇتتى نېرىقى ئۆيدىن مىزىلىك پولونىڭ ھىدى كەلگىلى خېلى بولدى. ئەمما موماي نىمىشقىدۇ پولونى ئېلىپ كىرمىدى .دەل شۇ مىنۇتلاردا ھويلىدا گۈپۈرلىگەن ئاياق تىۋىشى پەيدا بۇلۇپلا، ئەزىمەتۇپ ياتقان ئوينىڭ ئىشىگى تىپىپ ئېچىلىپ، قۇراللىرىنى تەڭلەپ تۇرغان گومىنداڭ ئەسكەرلىرى ئىچىدىن بىرسى ئۇيغۇرچە بۇيرۇق قىلدى -قىمىرلىما! يۇگاش !بول بولمىسا ئوق چىقىرىمىز ! ئەزىمەتۇپ نىمە ئىش بولغانلىغىنى ئاڭقىرىپ بولغىچە، ئەسكەرلەر يۇپۇرۇلۇپ كىرىپ ئەزىمەتۇپنى چەمبەرچەس باغلىدى دە ئىشىك ئالدىدا تەقلەپ قۇيۇلغان خادىكقا سېلىپ ئېلىپ كەتتى شۇ كۈنى چۈشتىن كىيىن تۈۋەنكى ⑤ بالداڭ كەنتى مەسچىتىنىڭ ئىمامى ئاقسۇ ناھىلىك ساقچى ئىدارىسىغا مەخسۇس چاقىرىتىلىپ، بىر نۇكچا ئالتۇن بىلەن تارتۇقلاندى .شۇنىڭ بىلەن تەڭ شۇ كۈنى ساقچى ئىدارىسىنىڭ قوروسى ئىچىدىكى قەدىمى تىرەككە ئىبرەت قىلىىش ئۈچۈن مەخسۇس تۈمۈر قەپەز ئىچىگە سۇلاپ ئېسىپ قۇيۇلغان ئىسيانچىلارنىڭ كاللىسى قاتارىغا ئەزىمەتۇپنىڭ تىنىدىن جۇدا بولغان كاللىسىمۇ سۇلاندى 2007.8.12 ئاقسۇ El pochta sandughi adrisi - koktugh@gmail.com

ئىزاھات:
①- ھازىرقى ئاقسۇ شەھەر قۇمباش يېزىسى

② شۇ دەۋىردىكى قۇمباش ئايمىغىنىڭ بىگى 1950.يىلىدىن كىيىن ھۈكۈمىتمىز تەرىپىدىن باستۇرۇلغان ③ ئودلۇنۇپ-بەنجاڭ،ئودلىنىيە-بەن

④ بىتىم-1945-يىلى تۈزۈلگەن ئۈچ ۋىلايەت_گومىنداڭ ھۈكىمەتلىرى ئوتترۇرىسىدا ئۇرۇش توختۇش ھەققىدىكى كىلىشىم

⑤ھازىرقى ئاقسۇ ۋىلايەت ۋە ئاقسۇ شەھەر دائىرىسى ئىچىدىكى كەنىت، يېزا، ناھىيە ئىسمى ⑥ۋۇشاۋ بىڭ –شۇدەۋىردىكى ئاقسۇ ناھىيە گومىنداڭ ساقچى ئىدارىسىنىڭ باشلىغى ۋۇشاۋ بىڭ ⑦توڭچى-تەرجىمان ⑧جاۋخەنچىڭ – شۇ دەۋىردىكى گومىنداڭ ئارمىيىسىنىڭ ئاقسۇدا تۇرۇشلۇق قىسمىنىڭ قۇماندانى