Jump to content

ئىككىنچى مەشرۇتىيەت

ئورنى Wikipedia

ئىككىنچى مەشرۇتىيەت (ئوسمانلىچە: ايکنجى مشروطيت(1908- 1918))، ئوسمان تۈرك ئىمپېرىيىسىنىڭ ئاساسىي قانۇنىنىڭ 29 يىل ئاسقىدا قالغاندىن كېيىن قايتا 1908- يىلى 24- ئىيۇل كۈنى ئىككىنچى مەشرۇتىيەتنى ئېلان قىلغان. 1908- يىلى 23- ئىيۇل كۈنىگە كەلگەندە، ئىككىنچى ئابدۇلھەمىد سەلتەنىتىنىڭ 32- يىلىغا قەدەم باسقانىدى. ئۇ، تەختتە ئولتۇرغان 33 يىلىنىڭ 30 يىلىنى ئۆز ئالدىغا ھۆكۈمدارلىق قىلىش بىلەن ئۆتكۈزىدۇ. پەقەت دەسلەپكى ئىككى يىلىدا بىرىنچى مەشرۇتىيەت ئېلان قىلىنىدۇ، 1876- يىلى قانۇنى ئەساسىي دەپ ئاتىلىدىغان تۇنجى تۈرك ئاساسىي قانۇنى ئىجرا قىلىنىشقا باشلايدۇ ۋە تۈرك تارىخىدا تۇنجى قېتىم خەلق تەرىپىدىن سايلانغان بىر مەجلىس تەشكىل قىلىنىدۇ. شۇنداق قىلىپ تۈرك دېموكراتىيە تارىخىمۇ باشلانغان بولىدۇ. لېكىن ئابدۇلھەمىد، تۇنجى ئوسمانلى مەجلىسى (پارلامېنتى) نى تەشكىل قىلغان پارلامېنت ئەزالىرى ئارىسىدىكى غەيرى مۇسۇلمانلارنىڭ نىسبىتىنى دىققەتكە ئېلىپ، ئۇلارنىڭ مەجلىسنى ۋەتەننىڭ پارچىلىنىشى ئۈچۈن سۇيىئىستىمال قىلىنىش ئېھتىمالىنىڭ بارلىقىدىن ئەندىشە قىلىدۇ. 1877- 1878- يىللىرىدىكى ئوسمانلى –رۇس ئۇرۇشى مەجلىسنى تاقىۋېتىش ئۈچۈن ئىمكانىيەت يارىتىپ بېرىدۇ. ئۇ، شۇ كۈندىن كېيىنكى 30 يىل بويىچە دۆلەتنى گويا بىر روما ئىمپېراتورىدەكلا ئىدارە قىلىدۇ. ئۇنىڭ بۇ 30 يىللىق سەلتەنەت دەۋرى ئومۇمەن تىنچلىق كاپالەتكە ئىگە قىلىنغان، باياشاتلىق ھۆكۈم سۈرگەن دەۋر بولىدۇ. ئەينى ۋاقىتتا بۇ 30 يىل، مۇستەبىتلىك ھۆكۈم سۈرگەن دەۋر بولىدۇ.

بۇنچىلىك ئۇزۇن مۇددەت داۋام قىلغان ئەڭ ياخشى سەلتەنەتلەرمۇ پىسخىك جەھەتتىن نارازىلىق ۋە زىرىكىش تۇيغۇسى يارىتىدۇ. مەسىلەن، ئوسمانلى تارىخىنىڭ ئەڭ پارلاق دەۋرى دەپ قوبۇل قىلىنىدىغان قانۇنى سۇلتان سۇلايمان دەۋرىدىمۇ ئۇنىڭ 46 يىللىق سەلتەنىتىنىڭ ئاخىرلىرىغا كەلگەندە ھەم ئوسمانلى خانىدانلىقىنىڭ ئىچىدە ھەم خەلقنىڭ بىر قىسىم قاتلاملىرى ئىچىدە قىيىنچىلىقلار توغۇلۇشقا باشلىنىدۇ. بولۇپمۇ ئىككىنچى ئابدۇلھەمىد دەۋرى قانۇنى سۇلتان سۇلايماننىڭ دەۋرىگە ئوخشىمايتتى ۋە دۆلەتنىڭ 19- ئەسىردىن 20- ئەسىرگە ئۆتۈش جەريانى تەقەززا قىلغان يېڭىلىقلارنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش كۈچى ئاجىزلاشماقتا، ئوسمانلى دۆلىتىنىڭ دۇنيا سىياسىتىدىكى پېيى ۋە قۇدرىتى بارغانچە ئازايماقتا ئىدى.

ۋەزىيەتتىن نارازى كىشىلەر، دۆلەتنى پەقەت يېڭى ئاساسىي قانۇن ۋە تەشكىل قىلىنىدىغان بىر پارلامېنت ئارقىلىقلا قۇتقۇزۇپ قالغىلى بولىدۇ، دەپ قارايتتى ۋە بۇنى «تاجلىق دېموكراتىيە پىكرى» دەپ ئاتىشاتتى. ھەم سۇلتان ھەم مەشرۇتىيەت تەرەپدارلىرى يېڭى مەكتەپلەرنىڭ ئېچىلىشى، ئارمىيەنىڭ زامانىۋىيلاشتۇرۇلىشىغا قارشى ئەمەس ئىدى، ھەر ئىككى گۇرۇپپا ۋەزىر ياكى سۇلتاننىڭ ئېغىزىدىن چىقىدىغان بىر ئېغىز سۆز بىلەنلا كىشىلەرنىڭ سوتلانماستىنلا دارغا ئېسىلىشىغا قارشى ئىدى. باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، ھەممە تەنزىماتتا ئوتتۇرىغا قويۇلغان قاراشلاردا ھەم پىكىر ئىدى. لېكىن سۇلتان ئاساسىي قانۇننى رەسمىيەت جەھەتتىن بىكار قىلىپ، ئەمەلىيەتتە ئىجرا قىلىۋاتقان بولسىمۇ، زىيالىيلارنىڭ مەجلىس (پارلامېنت) ئېچىش پىكىرىگە پۈتۈن كۈچى بىلەن قارشى تۇراتتى. خەلقنىڭ مەجلىس ئارزۇسى بولمىغان ئۇ دەۋردە، ياش زىيالىيلار مەجلىسلىك تۈزۈمدىكى بىر ئىمپېراتورلۇقنىڭ شەكىللىنىشىنى تەلەپ قىلاتتى. ئۇلارنىڭ مەقسەتلىرى سايلام ئارقىلىق ياش ۋاقتىدىلا مەجلىسكە كىرىش ۋە بۇ سايىدا سۈرئەت بىلەن ئۆسۈشتىن ئىبارەت ئىدى. ئوتتۇرا ياش ۋە ياشانغان زىيالىيلار بولسا، ھەر خىل مىللەتلەردىن تەشكىل تاپقان پارلامېنت ئەزالىرى ئارقىلىق چەت دۆلەتلەرنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىپ، دۆلەتنى پارچىلاش پىكرىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھاكىمىيەتنى ياشلار بىلەن بىرلىكتە ئىدارە قىلىشنى خالىمايتتى، توغرىسى ئورۇنلىرىنى تېخىمۇ ئۇزۇن مەزگىل ساقلاپ قېلىشنى پىلانلىماقتا ئىدى.

……………………………………………………………………………

سۇلتان ئابدۇلھەمىدنىڭ دۆلەتنى پەقەت مەشرۇتىيەتنىڭ پىرىنسىپلىرىغىلا ئەمەس، پات –پات تەنزىماتنىڭ ئاساسلىرىغىمۇ زىت ھالدا ئىدارە قىلىشى ئۇنىڭغا قارشى پەيدا بولۇشقا باشلىغان ئۆكتىچىلەرنى تېخىمۇ كۈچەيتىۋېتىدۇ. چۈنكى ئۇ، ئىمپېراتورلۇقنى پەقەت قەدىمكى روما تۈزۈمى ئارقىلىقلا قۇتقۇزۇپ قالغىلى بولىدۇ، دەپ قارايتتى. ھالبۇكى ئۇ دەۋردە، 1905- يىلى رۇسىيەدە چار ۋە شاھنىڭ ھوقۇق دائىرىسىنى تارايتقان پارلامېنتلار ئېچىلغانىدى. مانا بۇ خىل پىسخىك تۇيغۇنىڭ تۈرتكىسىدە ئوسمانلى دۆلىتى زىيالىيلىرى ئارىسىدا، مەيلى ئىسلامچى مەيلى ئوسمانلىچى مەيلى تۈركچى بولسۇن ۋەياكى سانلىرى ئازراق بولسىمۇ ئاشقۇن ۋە سولچىل ئىدىيىدىكى زىيالىيلار بولسۇن، دۆلەتنى پەقەت مەشرۇتىيەت بىلەنلا قۇتقۇزۇپ قالغىلى بولىدۇ دېگەن مەسىلىدە ھەمپىكىر ئىدى. بۇ پىكىر بىرلىكى ئابدۇلھەمىدكە قارشى ناھايىتى زور ئۆكتىچىلەر ئېقىنىنىڭ شەكىللەنگەنلىكىنىڭ ئىشارىتى ئىدى. ئابدۇلھەمىد، ئۆكتىچىلەرگە قارشىلىق كۆرسىتىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ پادىشاھلىق ۋە خەلىپىلىك ناملىرىنىمۇ سۇسلاشتۇرۇپ قويىدۇ. قانۇنى ئۇسۇللار ئارقىلىق مەشرۇتىيەتنى ئېلان قىلىشنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى تونۇپ يەتكەن ئۆكتىچىلەر، مەخپىي شەكىلدە تەشكىللىنىپ، بۇ ئىشنى كۈچكە تايىنىپ ھەل قىلىش مەسىلىسى بويىچە بىرلىك ھاسىل قىلىدۇ.

ئۆكتچىلەرنى ئاساسەن دېگۈدەك ئىتتىھاد ۋە تەرەققىي (بىرلىك ۋە تەرەققىيات) جەمئىيىتى تەشكىللەيدۇ. 1890- يىلى ئارمىيە ۋە ھەربىي تېببىي پەنلەر ئوقۇغۇچىلىرى ئارىسىدا قۇرۇلغان بۇ تەشكىلات، كۈرىشىنى ئابدۇلھەمىد ھاكىمىيىتىگە قارشى مەركەزلەشتۈرىدۇ. 1897- يىلى نازارەت قىلىنىشقا باشلىغان بۇ جەمئىيەتنىڭ بىر قىسىم ئەزالىرى جازاغا تارتىلىدۇ، بىر قىسىم ئەزالىرى چەت ئەللەرگە، بولۇپمۇ پارىژغا كېتىپ، كۈرەشلىرىنى شۇ يەرلەردە داۋاملاشتۇرىدۇ. لېكىن سۇلتان ئابدۇلھەمىد، ئەتراپىدىكى ئىتتىھادچىلارغا ھوقۇق –مەنسەپ ۋە مائاش بېرىش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكەتلىرىنى ئەيۋەشكە كەلتۈرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە، ئەھمەد رىزا بەگكە ئوخشاش ئىتتىھادچىلار سۇلتان بىلەن تىنچلىق ئورنىتىشنى رەت قىلىپ، مۇجادىلىلىرىنى «مەشۋەرەت (مەسلىھەت، كېڭەش)» ناملىق گېزىتنى چىقىرىش ئارقىلىق داۋاملاشتۇرىدۇ. ئۇنىغا ئەگىشىپ كۆپ ساندا ئەرەب، فىرانسۇز، ئىنگىلىز، ئەرمەن ۋە ئالبان تىللىرىدا ئىتتىھاد ۋە تەرەققىي جەمئىيىتى تەرەپدارى گېزىتلەر نەشىر قىلىنىشقا باشلايدۇ. 1899- يىلى ئابدۇلھەمىدنىڭ ھەمشىرىسى سەنىھا سۇلتاننىڭ يولدىشى مەھمەت جالالۇددىن پاشانىڭ ئوغلى شاھزادە ساباھۇددىنى ئېلىپ چەت ئەلگە چىقىشى، شۇ چاغدا 25 ياشتا بولغان شاھزادە ساباھۇددىننىڭ ئىنگىلىزلارنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىپ، يەرلىك ئورگانلارنىڭ كۈچلەندۈرۈلۈشى پىكرىنى ئوسمانلى دۆلىتىنىڭ قۇرۇلۇش ئىدىيىسى سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا قويۇشى ناھايىتى كۆپ ساندىكى غەيرى مۇسۇلمان ئوسمانلى پۇقراسىنىڭ ئاپتونۇمىيە ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرۈش نىيىتىدە بۇ ئۆكتىچىلەرنى قوللىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ.

……………………………………………………………………………

لېكىن ئىككىنچى مەشرۇتىيەتنى ئېلان قىلغانلار، ماكېدونىيەدىكى ئۈچىنچى ئارمىيەگە مەنسۇپ ياش ۋە تۆۋەن دەرىجىلىك ئوفېتسىرلاردىن تەشكىل تاپاتتى. بۇ ئوفېتسىرلار، قۇرئان، بايراق ۋە قورالنىڭ ئۈستىگە قەسەم قىلىپ، كۆزلىرى تېڭىلغان ھالدا جەمئىيەتكە كىرەلەيتتى. بۇيرۇقلارنى ئۆزلىرىنىڭ ئارمىيە قوماندانلىرىدىن ئەمەس، كومىتېت ھەيئىتىدىن ئالاتتى. بۇيرۇقلارنى ئىجرا قىلىشنى رەت قىلغانلار ئۆلتۈرۈلەتتى. ئۈچىنچى باتالىيوننىڭ تامامەن دېگۈدەك بارلىق ئەسكەر ۋە ئوفېتسىرلىرى جەمئىيەتكە ئەزا بولغانىدى. يۇقىرى دەرىجىلىك ئوفېتسىرلارنىڭ جەمئىيەتكە ئەزا بولۇشى ئارزۇ قىلىنمايتتى. چۈنكى ھاكىمىيەتنى يۇقىرى دەرىجىلىك ئوفېتسىرلار ئەمەس، ئۆزلىرى قولغا ئېلىشنى خالايتتى. ئىتتىھاد ۋە تەرەققىنىڭ ئەڭ ئاكتىپ ئەزالىرى سەلانىكتىكى بىر پوچتىخانىدا مەمۇر بولۇپ ئىشلەيدىغان تالات ئەپەندى، مىڭبېشى ئەنۋەر بەگ، تەجرىبىلىك يۈزبېشى نىياز ئەپەندىلەر بولۇپ، بۇلار كۆزلىرى ھېچنىمىدىن قورقمايدىغان، پائالىيەتلەرگە پۈتۈن كۈچى بىلەن بېرىلىدىغان كىشىلەر ئىدى. بۇلار، يۇقىرى دەرىجىلىك باتالىيون خىزمەتچىلىرىنى سۇيىقەست قىلىپ ئۆلتۈرۈش ئارقىلىق ئۈچىنچى باتالىيوننىڭ كونتروللۇقىنى قولغا كىرگۈزىۋالدى.

نىيازى ۋە ئەنۋەر بەگلەرنىڭ ماكېدونىيەدىكى قىسىملىرى بىلەن بىرلىكتە تاغقا چىقىۋېلىپ، سۇلتان مەشرۇتىيەتنى ئېلان قىلمىغان تەقدىردە ئىسيان كۆتۈرۈشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقلىرىنى جاكارلاشلىرىدىن كېيىن، سۇلتان ئۇلارنى باستۇرۇش ئۈچۈن ئانادولۇدىن ھەربىي قىسىملارنى يولغا سالىدۇ. لېكىن بۇ قىسىملارنىڭمۇ ئىتتىھادچىلارغا قوشۇلۇپ كېتىشى نەتىجىسىدە ئىسيان ئومۇمىيۈزلۈك خەلق ھەرىكىتىگە ئايلىنىپ كېتىدۇ. شۇنداق قىلىپ، ئۈچىنچى باتالىيوننىڭ خېلى كۆپ قىسمى بۇ ھەرىكەت سېپىدىن ئورۇن ئالىدۇ ۋە ئىككىنچى ئابدۇلھەمىد 1908- يىلى 23- ئىيۇل كۈنى ئاساسىي قانۇننى قايتىدىن كۈچكە ئىگە قىلغانلىقىنى جاكارلاش ئارقىلىق ئىككىنچى مەشرۇتىيەتنى ئېلان قىلىدۇ. شۇ يىلى نويابىر ئېيىدا ئۆتكۈزۈلگەن سايلاملار نەتىجىسىدە ئوسمانلى مەبۇسان مەجلىسى تەشكىل قىلىنىدۇ ۋە پارلامېنتلىق تۈزۈم قايتىدىن يولغا قويۇلغان بولىدۇ. لېكىن ئىتتىھاد ۋە تەرەققىي 1909- يىلى 31- مارتتا ئىستانبۇلدا كۆتۈرۈلگەن بىر قېتىملىق قوزغىلاڭنى سەۋەب قىلىپ دۆلەتنىڭ بارلىق ئورگانلىرىغا ھۆكۈمران بولىدۇ. بۇ ئىشتىن كېيىن ئەنۋەر، جەمال ۋە تالات قاتارلىق ئۈچ كىشى ئوسمانلى دۆلىتىنىڭ ھەقىقىي ھۆكۈمرانلىغا ئايلىنىدۇ. ئىمپېراتورلۇق تەۋەلىكىدىكى ئابدۇلھەمىدكە قارشى پەرقلىق مىللەتلەرنىڭ بىرلىشىشى پىكرىنى تەكىتلەپ كېلىۋاتقان ئىتتىھادچىلار ھاكىمىيەت بېشىغا كەلگەندىن كېيىن، مەزكۇر مىللەت ۋە ئېقىملارنىڭ ئاپتونومىيە ۋە مۇستەقىللىق ئىستەكلىرىگە قارشى تۈركچىلىك سىياسەتلىرىنى ئىجرا قىلىشقا باشلايدۇ. دېموكراتىيەنى يولغا قويۇش ئۈچۈن مەشرۇتىيەتنىڭ ئېلان قىلىنىشىنى تەلەپ قىلغان ئىتتىھاد ۋە تەرەققىي، ئىمپېراتورلۇقنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن بىر پارتىيە دېكتاتورىيىسىگە ئايلىنىدۇ. ئوسمانلى دۆلىتىنى، قولدىن كەتكەن زېمىنلارنى قايتىدىن قولغا كىرگۈزۈش ۋەدىسى بىلەن، بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا گېرمانلار بىلەن بىر سەپتە ئۇرۇش قىلدۇرىدۇ. ئۆز دەۋرىنىڭ شەرت –شارائىتلىرىغا مۇۋاپىق بولمىغان ئىدېئالىست سىياسەتلەر بىلەن ئوسمانلى دۆلىتىنىڭ قۇرۇلۇشىنى ئانادولۇ ۋە بالقان رايونلىرىدا ئەمەس، ئوتتۇرا ئاسىيادىن ئىزدەشكە باشلايدۇ. بۇ مەقسەتتە ئەنۋەر قوماندانلىقى ئاستىدىكى 150 مىڭ كىشىلىك ئوسمانلى قوشۇنىنىڭ 90 مىڭ ئەسكىرى بىر پاي ئوق ئاتماستىن سارىقامىشتىكى «ئاللاھۇ ئەكبەر» تاغلىرىدا توڭلاپ ئۆلۈپ كېتىدۇ. ئىمپېراتورلۇق بولسا، بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ئەسناسىدا پارچىلىنىدۇ ۋە ئانادولۇ ئىشغال قىلىنىشقا باشلايدۇ. ئىككى مىليون سەككىز يۈز ئەللىك مىڭ ئەسكەر بىلەن كىرىلگەن ئۇرۇشتىن بەش يۈز ئاتمىش مىڭ ئەسكەر بىلەن چىقىلىدۇ. ئەنۋەر، جەمال ۋە تالات قاتارلىقلار ئىككىنچى مەشرۇتىيەت ئارقىلىق دۆلەتكە ئېلىپ كەلمەكچى بولغان دېموكراتىيە پىكرىنىڭ مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىغانلىقىنى تونۇپ يېتىدۇ ۋە ئوسمانلى ئىمپېراتورلۇقىنى پارچىلىۋەتكەندىن كېيىن 1918-يىلى گېرمان پاراخوتلىرىغا ئولتۇرغان ھالدا ئىشغالىيەت ئاستىدىكى دۆلەتلىرىدىن ئايرىلىدۇ. شۇنداق قىلىپ، ئىككىنچى مەشرۇتىيەت دەۋرى ئاخىرلىشىدۇ ۋە ئۇ قالدۇرۇپ كەتكەن تەجرىبىسىزلىك «جۇمھۇرىيەت» نى قۇرغانلار ئۈچۈن تەجرىبە بولۇپ قالىدۇ. باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، ئىككىنچى مەشرۇتىيەت جۇمھۇرىيەتنىڭ تەجرىبىخانىسىنىڭ رولىنى ئوينايدۇ ۋە ئانادولۇ تۈركچىلىكىنى مەركەز قىلغان جۇمھۇرىيەتنىڭ قورۇلۇشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلغان سەۋەبلەرنىڭ بىرى بولىدۇ.[1]


مەنبەلەر

[تەھرىرلەش]