ئىلىم مەرىپەت

ئورنى Wikipedia

ئىلىم- مەرىپەت: مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام: ” بىلىم ئېلىڭلار! ھەتتا يىراقتىكى چىنماچىن(جۇڭگو) دۆلىتىدە بولسىمۇ، بىلىم ئېلىشتىن يانماڭلار“ دېگەن. ئىسلامدا ئىلىم- مەرىپەت پەرزدۇر، خۇراپىيلىق كەچۈرگۈسىز گۇناھتۇر. پالچىلىق، داخانلىق دېگەندەك خۇراپات ئىشلارنى قىلماسىق ھەم ئىشەنمەسلىك، ئۇلارغا يول قويماسلىق لازىم. پەننىي ئىلىم بىلەن دىننىي ئىلىم بىرلەشسە ئاندىن مۇكەممەل بولىدۇ. مۇسۇلمانلار دىنىي جەھەتىلا ئەمەس، پەننىي جەھەتتىمۇ، ھۈنەر- سەنئەتتىمۇ دۇنيانىڭ ئالدىدا مېڭىشى لازىم. تارىختىمۇ مۇسۇلمانلار گېئومېتىرىيە، ئالگېبىرا، فىزىكا قاتارلىق ئىلىم- پەنگە زور تۆھپىلەرنى قوشۇپ، ئىنسانلار مەدەنىيىتىڭ تېخىمۇ ئالغا ئىلگىرىلىشىگە تۈرتكە بولغان. VIIئەسىردىن XIII ئەسىرگىچە ئەرەب ئىسلام ئىمپىرىيېسى ئىلىم- پەندە دۇنيانىڭ ئالدىدا مېڭىپ، شانۇ- شەۋكەت ۋە سەلتەنەتلەرنى قۇرغان. ئەمما پەننىي ئىلىمنى دەپ دىنىي ئىلىمنى سوۋۇتۇپ قويۇشقا بولمايدۇ. ئىككىلىسى تەڭ ئېلىپ بېرىلىشى لازىم. مەدەنىيەت ھادىسىلىرىگە قارشى چىقىشقا بولمايدۇ. مەدەنىيەت نىممەتتۇر. رادىيو، كىنو، كومپيوتېر، تېلىفون قاتارلىقلاردا پايدىلىق نەرسە بولسا،ئۇلار نىممەت، زىيانلىق ناچار مەزمۇن بولسا، ئۇلار پالاكەت. ئىنسان ئېغىزىدىن گۈزەل سۆزمۇ چىقىدۇ، يامان سۆزمۇ چىقىدۇ. يامان سۆز چىقتى دەپلا ئېغىزنى كېسىۋەتسەك بولامدۇ؟ ئاللاھ بىزگە كۇپايە، ئاللاھ ئەڭ گۈزەل ۋەكىلدۇر. ئاللاھنى تونۇغان كىشى كەپىدە تۇرسىمۇ،ئۇ يەر ئۇنىڭغا ئوردا- سارايدەك تۇيۇلىدۇ؛ ئاللاھنى تونۇمىغان كىشى سارايدا تۇرسىمۇ، ئۇ يەر ئۇنىڭغا زىنداندەك بىلىنىدۇ. ئاللاھنى تاپقان كىشى ھەممىنى تاپقان بولىدۇ.