ئىمام ئەبۇللەيس سەمەرقەندىي

ئورنى Wikipedia

ئىمام ئەبۇللەيس سەمەرقەندىي (الفَقِيْهُ نَصْرُ بنُ مُحَمَّدِ بنِ إِبْرَاهِيْمَ السَّمَرْقَنْدِيُّ الحَنَفِيُّ): نەسر ئىبنى مۇھەممەد ئىبنى ئىبراھىم ئەسسەمەرقەندىي ئەلفەقىھ. (ھ. ؟ – 375 / م. ؟ – 985) «ئەلفەقىھ»، «ئىمامۇل ھۇدا»، «زاھىد» دەپ نام ئالغان سەمەرقەندلىك كاتتا ھەنەفىي ئالىم. ئىمام ئەبۇ مەنسۇر ئەلماتۇرىيدىنىڭ شاگىرتى. «بەھرۇل ئۇلۇم» ناملىق تەپسىر، «ئەننەۋازىل»، «ئۇيۇنۇل مەسائىل»، «خازانەتۇل فىقھ»، «بۇستانۇل ئارىفىن»، «تەنبىھۇل غافىلىن» ۋە «شەرھۇل فىقھىل ئەكبەر» قاتارلىق ئەسەرلەرنىڭ مۇئەللىفى.