ئىمام رازىي

ئورنى Wikipedia
ئىمام رازىي
تۇغۇلۇشھ. 544 / م. 1150
ۋاپاتىھ. 606 / م. 1210


ئىمام رازىي (الإمَامُ فَخْر الدِّيْنِ مُحَمَّدُ بنُ عُمَرَ بنِ الحَسَنِ بنِ الحُسَيْنِ التَّيْمِيُّ البَكرِي الرَّازِيّ): فەخرۇددىن مۇھەممەد ئىبنى ئۆمەر ئەررازىي (ئەبۇ ئابدۇللاھ). (ھ. 544 – 606 / م. 1150 – 1210) «فەخرۇررازىي» دەپ تونۇلغان، «سۇلتانۇل مۇتەكەللىمىن» دەپ نام ئالغان، ئاتاقلىق مۇفەسسىر، كاتتا شەرىئەتشۇناس ئالىم، ئاسترونوم، ماتېماتىك ۋە تېۋىپ. «تەفسىرۇ فەخرۇررازىي» (تەفسىرۇ مەفاتىيھۇل غەيب – ئەتتەفسىرۇل كەبىر، 32 توم)، «ئەلمەھسۇل» (ئۇسۇلى فىقھ)، «ئەلمەباھۇسۇششەرقىييە» (فىزىكا)، «مەئالىمۇ ئۇسۇلىددىن»(ئىلمى كالام) ۋە «تەئسىيسۇتتەقدىس» (ئىلمى كالام)، قاتارلىق كۆپلىگەن مەشھۇر ئەسەرلەرنى قالدۇرغان.