ئىمام ماۋەردىي

ئورنى Wikipedia

ئىمام ماۋەردىي (المَاوَرْدِيُّ عَلِيُّ بنُ مُحَمَّدِ بنِ حَبِيْبٍ البَصْرِيُّ المَاوَرْدِيُّ): ئەلى ئىبنى مۇھەممەد ئىبنى ھەبىيب ئەلبەسرىي ئەلماۋەردىي (ئەبۇلھەسەن). (ھ. 364 – 450 / م. 974 – 1058). مەشھۇر باش قازى، مۇفەسسىر، سىياسەتشۇناس، شافىئىي فەقىھ، ئەلچى ۋە ئەدىب. يىگىرمە تومدا «ئەلھاۋىي ئەلكەبىر» ناملىق شافىئىي مەزھەب فىقھى ئېنسىكلوپېدىيەسى، «ئەننۇكەت» ناملىق تەفسىر، شۇنداقلا ھۆكۈمدارلىق سەنئىتى، سىياسەت ۋە ئەخلاقتا «ئەلئەھكامۇسسۇلتانىيە»، «نەسىھەتۇل مۇلۇك» ۋە «ئەدەبۇددۇنيا ۋەددىن» قاتارلىق مىسلىسىز ئەسەرلىرى بار.