ئىمىن تۇرسۇن: شېئىرنىڭ مونولوگى
كۆرۈنۈش
ئىمىن تۇرسۇن
شېئىرنىڭ مونولوگى
ئادا قىل
[تەھرىر]ئەي قەلەم بۇرچۇڭنى.
[تەھرىر]ئىلھامنى ئەمگەن زىمىرىڭ
[تەھرىر]سىزسۇن روھىمنى،
[تەھرىر]بەيگىدە كۆرسەت ئۆزۈڭنى.
[تەھرىر]دۇردانىدىن تاللاپ دۇرلار
[تەھرىر]تۈزگىن سۆزۈڭنى.
[تەھرىر]تەڭرى كۆلى تېرەنلىكىدەك
[تەھرىر]مەنەن،
[تەھرىر]تەسەۋۋۇر قىل تۇرقۇمنى،
[تەھرىر]كۈيلە ئەينەن خۇلقۇمنى.
[تەھرىر]ياشاي-ياشناي
[تەھرىر]تەبىئىي چىرايىم بىلەن،
[تەھرىر]تەبىئەت بىلەن تەڭمۇ تەڭ.
[تەھرىر]ھاياتتىن ئايرىلماي
[تەھرىر]تۈسلىنەي راسا رەڭمۇ رەڭ.
[تەھرىر]چوڭ قەدەملەپ،
[تەھرىر]نىشاندىن ئاداشماي،
[تەھرىر]يازىقتا يۈگۈرسەم.
[تەھرىر]ئارتلاردىن ئاتلاي،
[تەھرىر]ھازىرىمدىن ئۆكۈنسەم.
[تەھرىر]ئاغۇنلار شەنىنى ئاقلاي،
[تەھرىر]بوغۇنلارنى ئېسىمدە ساقلاي.
[تەھرىر]ئىمىپ شەربەت
[تەھرىر]قاندەك قىزىل ئىلھامدىن،
[تەھرىر]يۈكسىلەي ئەبەد.
[تەھرىر]سولماي ياشىراي
[تەھرىر]ھەرزامان، ھەرماكاندا
[تەھرىر]قۇرۇپ سۆھبەت،
[تەھرىر]رۇسلاپ تۇراي قەددىمنى،
[تەھرىر]ئەل ئارا، قوۋملار ئارا،
[تەھرىر]قەدرىمنى ئاشۇراي!
[تەھرىر]* * * *
[تەھرىر]بەرگەي ماڭا
[تەھرىر]ھاياتلىق ئىلھامى
[تەھرىر]كەڭلىك-ئازادىلىك،
[تەھرىر]ۋۇجۇدۇمدىن ياڭرىغاي
[تەھرىر]تەڭلىك كۇشادىلىك
[تەھرىر]ئىر-ئۈلەن ئەلھانى.
[تەھرىر]ئوزۇقلىنىپ،
[تەھرىر]تەبىئەت ئوغۇزىدىن
[تەھرىر]تۈزۈلسۇن ئۇز سىياقىم،
[تەھرىر]تۈزەلسۇن ئەگرىلىكتىن
[تەھرىر]قول-ئاياغىم.
[تەھرىر]* * * *
[تەھرىر]ئۆمۈردە،
[تەھرىر]ئىنسانىيەت بىلەن
[تەھرىر]قۇرداشمەن.
[تەھرىر]سەپەردە
[تەھرىر]مەدەنىيەت بىلەن
[تەھرىر]يولداشمەن.
[تەھرىر]گۈزەللىكتە
[تەھرىر]پاساھەت بىلەن
[تەھرىر]يىلىكداشمەن.
[تەھرىر]نۇكتەدارلىقتا
[تەھرىر]تېرەن دېڭىز بىلەن
[تەھرىر]يىلتىزداشمەن.
[تەھرىر]ئەمما قېرىمىدىم ھەم قېرىمايمەن،
[تەھرىر]ھەرزامان ياشمەن،
[تەھرىر]ئەدەبىياتقا باشمەن.
[تەھرىر]* * * *
[تەھرىر]ۋەزنىم بولسۇن
[تەھرىر]ئالتۇندىنمۇ قىممەتلىك.
[تەھرىر]تىنىقلىرىمدىن قۇيۇلسۇن
[تەھرىر]مەردلىك-ھىممەتلىك.
[تەھرىر]كۆرۈنمەس
[تەھرىر]جىن ئەمەسمەن،
[تەھرىر]جىسمىم باردۇر؛
[تەھرىر]شەكىلسىز رەسىم ئەمەسمەن،
[تەھرىر]ئىسمىم باردۇر.
[تەھرىر]ئول شېئىر
[تەھرىر]قاپىيەسىز گەپ ئەمەس،
[تەھرىر]ئەمما تىلغا ماھىر.
[تەھرىر]ۋەزىپەم مۈشكۈل-قۇتلۇق،
[تەھرىر]تەپتىم شۇنچە
[تەھرىر]ئاتەشتىنمۇ ئوتلۇق.
[تەھرىر]ئوتقاشلىرىم
[تەھرىر]كۆيدۈرسۇن ھەسەتنى،
[تەھرىر]كۈل قىلىۋەتسۇن شەخسىيەتنى.
[تەھرىر]تىنىقلىرىم بىلەن
[تەھرىر]ئېرىغدالسۇن
[تەھرىر]ھاياتلىق ھاۋاسى؛
[تەھرىر]سەپلىرىمدە قىزلار
[تەھرىر]سالسۇن شوخلۇق ساماسى.
[تەھرىر]تاۋلانغاندەك ئوتتا تۆمۈر
[تەھرىر]تەپتىمدە تاۋلانغاي
[تەھرىر]ئېسەنلىك، ئېھسان؛
[تەھرىر]تەنھالىق-مۇختار
[تەھرىر]ئاتا قىلغاي ماڭا
[تەھرىر]تىنلىق ئاتىسى ئىنسان!
[تەھرىر]* * * *
[تەھرىر]سەگىتكۈچى سەلكىن بولاي،
[تەھرىر]چۇقانلىق قاينىغان
[تەھرىر]بازار رەستىگە.
[تەھرىر]سۈنگۈ بولۇپ سانجىلاي
[تەھرىر]قارا نىيەتكە-
[تەھرىر]كاساتچىلىق قەستىگە.
[تەھرىر]توپۇرغان بولۇپ ئوجۇقتۇراي
[تەھرىر]شىۋىرغان قوزغىغان
[تەھرىر]بوھران ئۇستازلىرىنى،
[تەھرىر]ئۇچۇرۇپ كېتەي
[تەھرىر]قۇيۇن بولۇپ،
[تەھرىر]پۇل بىلەن ئويناشقان-
[تەھرىر]زەردارلار مۇمتازلىرىنى.
[تەھرىر]ئارقان بولۇپ بوغۇپ تاشلاي
[تەھرىر]جۇدۇن يىتىشتۈرگەن-
[تەھرىر]ھەسەتخور ئىختىساسنى؛
[تەھرىر]شاخار بولۇپ ئېرىتىۋىتەي
[تەھرىر]توڭۇر-داشقال ئۈندۈرگەن-
[تەھرىر]سۆلەتۋاز ئىقتىسادنى.
[تەھرىر]يىپ ئېشىپ،
[تەھرىر]رەڭگارەڭ كالاۋۇتۇندىن،
[تەھرىر]توقاي سۆرىتىنى-
[تەھرىر]سەلكىن ۋە قۇياشنىڭ؛
[تەھرىر]تىڭشىمايمەن ئەمدى،
[تەھرىر]ئورنى يوق سورۇندا،
[تەھرىر]كۆرەش دەپ چالۋاقاشنىڭ.
[تەھرىر]* * * *
[تەھرىر]تىن ئالغاي
[تەھرىر]ۋۇجۇدۇمدا
[تەھرىر]ئۇچار قانات، گۈل گىياھ؛
[تەھرىر]بۇ دۇنيا
[تەھرىر]بولغاي ئۇلارغا
[تەھرىر]ئاراملىق بوستانى.
[تەھرىر]بەلكى، ساۋابلىق ھەم
[تەھرىر]مەدھىيە داستانى.
[تەھرىر]مەن شۇنداق،
[تەھرىر]خالايمەنكى يالغۇزلۇقنى؛
[تەھرىر]بارلىق بىلگەي
[تەھرىر]قەدرىمنى-قىممىتىمنى-
[تەھرىر]دىلسۇزلۇقنى.
[تەھرىر]بولايكى،
[تەھرىر]تەنھالىق قۇدرىتىم بىلەن،
[تەھرىر]ئوڭتەي-توڭتەي قىلىۋىتەي
[تەھرىر]ئىمتىيازلىق كۈرەلىرىنى؛
[تەھرىر]گۈزەل چۈشلىرىم بىلەن چاپايكى،
[تەھرىر]شېرىن شەبنەم ۋە ھاياتلىق ئۈرەنلىرىنى،
[تەھرىر]جەمئىيەتنىڭ ئۇنتۇلغان چەت-ياقىلىرىغا؛
[تەھرىر]ئۇرانىم بولغاي
[تەھرىر]ئادالەت، ئامانلىق؛
[تەھرىر]ئۈرەنىم بولغاي
[تەھرىر]ئېھسان ۋە ئاراملىق.
[تەھرىر]دەررە بولايكى،
[تەھرىر]ئەرسەكلىك جومباقلىرىغا؛
[تەھرىر]ئۈمىد بولايكى،
[تەھرىر]تۆھمەت-بوھتان چوماقچىلىرىغا.
[تەھرىر]سۈپۈرگە بولايكى،
[تەھرىر]تەخسىكەشلىك-
[تەھرىر]خۇشامەت يۇناقلىرىغا.
[تەھرىر]لىنىيە تەپەككۇرلىرىم بىلەن،
[تەھرىر]ماختانچاقلىقنى چىتلاي.
[تەھرىر]ئاجايىب تەسەۋۇرلىرىم بىلەن
[تەھرىر]سۆلەتۋاز-
[تەھرىر]ئۆكتەملىكنى كاچاتلاي.
[تەھرىر]* * * *
[تەھرىر]شېرىن شەربەتلىرىم
[تەھرىر]ئېرىق-ئۆستەڭ بولۇپ ئاققاي،
[تەھرىر]ئىنسانىيەتكە ۋە بالا چاقىلىرىغا؛
[تەھرىر]قادالغاي
[تەھرىر]ھەققانىيەت تۇغۇم
[تەھرىر]كۆك سۆيگەن تاغنىڭ چوققىلىرىغا.
[تەھرىر]بۇرچۇم، ئارمانىم-
[تەھرىر]ھايات ۋە مۇھەببەت،
[تەھرىر]تەرك قىلماي ئۇنى جان بىلەن قوغداي.
[تەھرىر]رەقىبىم كۈشەندىم-
[تەھرىر]ئوقۇبەت تۆھمەت،
[تەھرىر]بۇنى ئارىدىن قوغلاي.
[تەھرىر]ئانىلار-بالىلار
[تەھرىر]ھاياتلىق بۇلىقىم؛
[تەھرىر]ئەل يۇرت ئۈچۈن
[تەھرىر]سەمىمىيەت ھەم جان پىدالىق
[تەھرىر]ھەر زامان، ھەر ماكان
[تەھرىر]كۆزۈم، قۇلىقىم.
[تەھرىر]گۇپپاڭچى مەدداھقا
[تەھرىر]بولاي ئىسكەنجە،
[تەھرىر]يالاقچىنىڭ ئاغزىغا
[تەھرىر]سالاي پەنجە.
[تەھرىر]قولۇم كۆكسۈمدە،
[تەھرىر]چىن تۇيغۇنى نامايان قىلاي.
[تەھرىر]ھەممە تىنلىق ئالدىدا
[تەھرىر]خىتابىمنى ئايان قىلاي.
[تەھرىر]* * * *
[تەھرىر]شېئىرىيەت
[تەھرىر]ھاياتلىقنىڭ جۈرئىتى سەن.
[تەھرىر]تۇرمۇش دېڭىزىنىڭ سۆرىتى سەن.
[تەھرىر]مانا بۇ-
[تەھرىر]شېئىرنىڭ مونولوگى،
[تەھرىر]ھەم ھوشى-ئۆزلۈكى.
[تەھرىر]
———-
2009-يىل. مارت
«تارىم» ژۇرنىلىنىڭ 2009-يىللىق 5-سانىدىن ئېلىندى