ئىنفرا قىزىل نۇر

ئورنى Wikipedia

ئىنفرا قىزىل نۇرلۇق كېچىدە كۆرۈش ئەسۋابىنى ئىشلەتكەندە كىشىلەر قاراڭغۇ كېچىدىمۇ خۇددى كۈندۈزدەك ئەركىن پائالىيەت ئېلىپ بارالايدۇ. مانا بۇ ئىنفرا قىزىل نۇرنىڭ رولىدىن ئىبارەت. ئىنفرا قىزىل نۇرنى ئەنگلىيىلىك ئالىم ھېرشېل1800 - يىلى تەجرىبە ئىشلەش جەريانىدا بايقىغان. ئۇ دولقۇن ئۇزۇنلۇقى قىزىل نۇرنىڭكىدىن ئۇزۇن بولغان ئېلېكتر ماگنىت دولقۇنى بولۇپ، روشەن ئىسسىقلىق ئېففېكتىگە ئىگە بولغاچقا، ئادەملەر ئۇنى سېزەلەيدۇ، ئەمما كۆرەلمەيدۇ، ئالىملار مۇئەييەن دولقۇن ئۇزۇنلۇقتىكى نۇر (كۆرۈنىدىغان نۇر ياكى كۆرۈنمەيدىغان نۇر) نى بەزى مېتال قاتارلىق ماتېرىيالنىڭ سىرتقى يۈزىگە چۈشۈرگەندە، مېتال قاتارلىق ماتېرىيالنىڭ ئېلېكترونلار ئېقىمىنى چىقىرىدىغانلىقىنى بايقىغان، بۇ فوتو ئېلېكتر ئېففېكتى دەپ ئاتىلىدۇ. تەبىئەتتىكى ھەرقانداق جىسىم ئىنفرا قىزىل نۇر رادىئاتسىيىلەپ چىقىرىدىغان مەنبە ھېسابلىنىدۇ، ئۇلار ھەر ۋاقىت ئۈزلۈكسىز ھالدا ئىنفرا قىزىل نۇرنى سىرتقا رادىئاتسىيىلەپ چىقىرىدۇ. ئىنفرا قىزىل نۇرنىڭ فوتو ئېلېكتر ئېففېكتىدىن پايدىلىنىپ، كىشىلەر ئىنفرا قىزىل نۇرلۇق كېچىدە كۆرۈش ئەسۋابىنى ياساپ چىقتى. ئۇ مەنبەلىك (سۈنئىي ئىنفرا قىزىل نۇر مەنبەسى سەپلەنگەن) ئىنفرا قىزىل نۇرلۇق كېچىدە كۆرۈش ئەسۋابى ۋە مەنبەسىز ئىنفرا قىزىل نۇرلۇق كېچىدە كۆرۈش ئەسۋابىدىن ئىبارەت ئىككى خىل تىپلىق بولىدۇ. ئىنفرا قىزىل نۇرلۇق كېچىدە كۆرۈش ئەسۋابى تەبىئەتتىكى جىسىملار رادىئاتسىيىلەپ چىقارغان (ياكى قايتۇرغان)، ئادەم كۆرەلمەيدىغان ئىنفرا قىزىل نۇر فوتو ئېلېكترلىق تېلېسكوپنىڭ ئوبيېكتىدىن ئۆتۈپ، فوتو ئېلېكتر ئالماشتۇرغۇچنىڭ فوتو ئېلېكتر كاتودىغا چۈشىدۇ. فوتو ئېلېكتر ئېففېكتىگە ئاساسەن، بۇ چاغدا ئېلېكترونلار ئېقىمى فوتو ئېلېكتر كاتودىدىن ئۇچۇپ چىقىدۇ ھەم ناھايىتى تېز سۈرئەتتە مۇسبەت زەرەتلىك يالتىراق ئېكرانغا ئېتىلىپ كېلىدۇ. ئېلېكترونلار يالتىراق ئېكرانغا ئېتىلىپ كېلىش يولىدا، ئالىملار لايىھىلىگەن بىر خىل ئېلېكترونلۇق لىنزا تەرىپىدىن ئېلېكترونلار بەلگىلىك لىنىيە بويىچە يالتىراق ئېكرانغا چۈشۈرۈلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئوبيېكتىپ تەرىپىدىن ئاغدۇرۇلغان دۈم كۆمتۈرۈلگەن تەسۋىر يەنە ئاغدۇرۇلۇپ ئوڭ تەسۋىرگە ئايلاندۇرۇلىدۇ. ئېرىشىلگەن تەسۋىرنى تېخىمۇ ياخشى كۆزىتىش ئۈچۈن، يالتىراق ئېكران بىلەن كۆز ئارىسىغا بىر ئوكۇليار ئورنىتىلىدۇ، بۇنىڭ بىلەن، فوتو ئېلېكترلىك تېلېسكوپ ئارقىلىق كېچىدىكى مەنزىرىنى ئېنىق كۆرگىلى بولىدۇ. ئوخشاش پرىنسىپقا ئاساسەن، ئالىملار يەنە ئىنفرا قىزىل نۇرلۇق تېلېكامېرا بىلەن ئىنفرا قىزىل نۇرلۇق فوتو ئاپپاراتنى تەتقىق قىلىپ ياساپ چىقتى. بۇلار ئارقىلىق قاراڭغۇدا تەسۋىر ئالغىلى ۋە سۈرەت تارتقىلى بولۇپلا قالماي، يەنە نېپىز تۇماندا ۋە دېڭىز سۈيىدە تەسۋىر ئالغىلى ۋە سۈرەت تارتقىلى بولىدۇ، ھەتتا ئادەم ياكى نەرسىلەر ئەمدىلا ئايرىلغاندا قالدۇرغان ئىزلارغا قارىتا تەسۋىر ئېلىشقا ۋە سۈرەت تارتىشقا بولىدۇ. چۈنكى، ئادەم توختاپ تۇرغان جايدىكى تېمپېراتۇرا ئەتراپتىكىدىن يۇقىرىراق بولغاچقا، كۈچلۈكرەك ئىنفرا قىزىل نۇر چىقىدۇ. كىشىلەر بۇ تېخنىكلاردىن پايدىلىنىپ كېسەللىكلەرگە دىئاگنوز قويالايدۇ، ماتېرىيالدىكى نۇقساننى تەكشۈرەلەيدۇ، دۈشمەن ئەھۋالىنى رازۋېدكا قىلالايدۇ، قاتارلىقلار. ھازىر كىشىلەر ئايروپىلان، سۈنئىي ھەمراھلاردىكى ئىنفرا قىزىل نۇرلۇق يىراقتىن سېزىش ئۆلچەش ئەسۋابلىرى ئارقىلىق، يۇقىرى بوشلۇقتىن چوڭ ئورمانلىققا تاشلانغان پاپىروس قالدۇقى چىقارغان ئىنفرا قىزىل نۇرنىمۇ بايقىيالايدىغان بولدى. ئىنفرا قىزىل نۇرلۇق يىراقتىن سېزىشنىڭ پەرقلەندۈرۈش ئىقتىدارى يۇقىرى بولۇپ، كېچە - كۈندۈز ئىشلىيەلەيدۇ، بۇ گېئولوگىيىلىك قېدىرىش، مۇھىت ئاسراش، ھەربىي ئىشلاردىكى رازۋېدكا قىلىش قاتارلىقلاردا كەڭ قوللىنىلماقتا..[1]

مەنبەلەر[تەھرىرلەش]