ئۆتۈشمە كۆۋرۈك

ئورنى Wikipedia


ئۆتۈشمە كۆۋرۈك كېسىشىش ئېغىزلىرىدا قۇرۇلىدۇ. مۇنداق كۆۋرۈكتە ھەر خىل يۆنىلىشتىن كەلگەن ماشىنا ئېقىمى ھەر خىل ئېگىزلىكتىكى يوللاردىن بىر-بىرىگە تاقاشماي ئۆتۈپ كېتەلەيدۇ، ھەر كىم ئۆز يولىدا ماڭىدۇ. بىر-بىرىگە ھالاقەت بەرمەيدۇ.

 

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى[تەھرىرلەش]

ئۇيغۇرچە نامى :ئۆتۈشمە كۆۋرۈك


چەتئەلچە نامى :overbridge

ئارتۇقچىلىقى[تەھرىرلەش]

4پارچەئۆتۈشمە كۆۋرۈكقاتناش يولى ئېغىزلىرىنى قىزىل، يېشىل چىراغلار بىلەن باشقۇرغاندا، بىر يۆنىلىشنىڭ ماشىنىلىرى ئۆتۈپ بولغاندىن كېيىن، يەنە بىر يۈرۈشنىڭ ماشىنىلىرى ئۆتىدۇ، سائىتىگە ئاران 1500 ~1800 ماشىنا ئۆتەلەيدۇ؛ ھالبۇكى، بەزى شەھەرلەردە تۆت كوچا ئېغىزىدىكى ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى سائىتىگە 4000 گە يېتىدۇ، شۇڭا كۆپ ھاللاردا «ماشىنا ئەجدىھا» شەكىللىنىدۇ. ئۆتۈشمە كۆۋرۈكتىن پايدىلانغاندا، قاتناش تىقىلمىسى مەسىلىسىنى ھەل قىلغىلى بولىدۇ.

ئۆتۈشمە كۆۋرۈك كېسىشىش ئېغىزلىرىدا قۇرۇلىدۇ. مۇنداق كۆۋرۈكتە ھەر خىل يۆنىلىشتىن كەلگەن ماشىنا ئېقىمى ھەر خىل ئېگىزلىكتىكى يوللاردىن بىر-بىرىگە تاقاشماي ئۆتۈپ كېتەلەيدۇ، ھەر كىم ئۆز يولىدا ماڭىدۇ. بىر-بىرىگە ھالاقەت بەرمەيدۇ.

ئۆتۈشمە كۆۋرۈك ئەتراپىدىكى كىشىلەر مېترو ئېغىزىدىن كىرىپ مېتروغا ئولتۇرالايدۇ. بۇنىڭ بىلەن يەر ئۈستى، يەر ئاستى قاتنىشى ئورگانىك بىرگەۋدىگە ئايلىنىدۇ. مۇنداق تېز، ئازادە ۋە قۇلاي قاتناش سىستېمىسى كىشىلەرنىڭ ئىجتىمائىي تۇرمۇشىغا غايەت زور ئوڭۇشلۇقلارنى ئېلىپ كېلىدۇ.

مۇندەرىجە[تەھرىرلەش]

  • قىسقىچە چۈشەندۈرۈش
  • ئاساسىي ئۇچۇرلىرى
  • ئارتۇقچىلىقى
  • قۇرۇلمىسى
  • سۈرەتلەر
  • قامۇس باشبېتى

قۇرۇلمىسى[تەھرىرلەش]

6پارچەئۆتۈشمە كۆۋرۈكيولدىكى ئۆتۈشمە كۆۋرۈك ئادەتتە تۆت قىسىمدىن تۈزۈلىدۇ: لىنىيە ھالقىغان كۆۋرۈك، تۇتاشتۇرغۇچى يول، لىنىيە ھالقىغان كۆۋرۈككە چىقىش يولى ۋە كۆۋرۈكتىن چۈشۈش يولى. لىنىيە ھالقىغان كۆۋرۈك ئۆتۈشمە كۆۋرۈكنىڭ ئاساسىي قۇرۇلمىسىدۇر. بىر غول لىنىيە كۆۋرۈك ئۈستىدىن ئۆتىدۇ، ئۇنىڭ بىلەن كېسىشىدىغان يەنە بىر يول بۇ كۆۋرۈكنىڭ ئاستىدىن ئۆتىدۇ. تۇتاشتۇرغۇچى يول ئۆزئارا كېسىشىدىغان ئاستى-ئۈستى ئىككى يولنى تۇتاشتۇرىدىغان يولدۇر، ئۇ مەخسۇس ئوڭ-سولغا ئەگىيدىغان ماشىنىلارنىڭ ئۆزئارا كېسىشىدىغان يوللارغا چىقىپ-چۈشۈشى ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ. ئادەتتە لىنىيە ھالقىغان كۆۋرۈك ئېگىزرەك بولۇپ، ئەسلىي يول يۈزى بىلەن كۆۋرۈك بېشىنى لىنىيە ھالقىغان كۆۋرۈككە چىقىش يولى تۇتاشتۇرىدۇ. كۆۋرۈكتىن چۈشۈش يولى ئەسلىي يەر يۈزى بىلەن كۆۋرۈك ئاستى يول يۈزىنى تۇتاشتۇرىدىغان يول بۆلىكىدۇر.

شەھەر قۇرۇلۇشىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى، يەر ئاستى تۇرۇبا تورىنىڭ ئورنى، يوللارنى كېسىشتۈرۈش تەلىپى ۋە يەر شەكلى شارائىتىغا ئاساسەن خىلمۇخىل شەكىللەردىكى ئۆتۈشمە كۆۋرۈكلەرنى لايىھىلىگىلى بولىدۇ. ئۇنىڭ ئاساسىي شەكىللىرى رومبا شەكىللىك، بېدە يوپۇرمىقى شەكىللىك، ھالقا شەكىللىك، مۇقىم يۆنىلىش شەكىللىك ۋە يېرىم مۇقىم يۆنىلىش شەكىللىك قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.