ئۆزبەكىستان قول يازما ئەسەرلەر كۈتۈبخانىسى

ئورنى Wikipedia

ئۆزبەكىستان پەنلەر ئاكادېمىيىسى قارمىقىدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان بىرۇنى نامىدىكى شەرقشۇناسلىق ئىنىستىتۇتىنىڭ ئۆزبەكىستاندىلا ئەمەس، يەنە دۇنيا كۈلتۈر ۋە مەدەنىيىتىدىمۇ ئالاھىدە بىر ئورنى بار. بۇ ئىنىستىتۇتقا قاراشلىق يازما ئەسەرلەر كۇتۇپخانىسى بۈگۈنكى كۈندە ناھايىتى كۆپ تەتقىقاتچىنىڭ دىققىتىنى تارتماقتا.

دۇنيادىكى مۇھىم قول يازما ئەسەرلەر كۇتۇپخانىسىنىڭ بىرى بولغان بۇ ئورۇن ئەبۇ رەيھان بىرۇنىنىڭ نامى بىلەن ئاتىلىدۇ. كۇتۇپخانىدا كۆپۈنچىسى ئاسانلىقچە تېپىلمايدىغان نەچچە مىڭ پارچە قول يازما ئەسەر بار. تۈركچە، ئەرەبچە، پارسچە ۋە تاجىكچە قول يازما ئەسەرلەر كۇتۇپخانا كاتالوگىدا تۈرگە ئايرىلغان.

كىرىش سۆز[تەھرىرلەش]

سوۋېتلەر ئىتتىپاقىنىڭ پارچىلىنىشى بىلەن مۇستەقىللىق ئىلان قىلغان دۆلەتنىڭ بىرى ئۆزبەكىستاندۇر. تۈرك جۇمھۇرىيەتلىرى ئىچىدە ئۈستۈن ئورۇن تۇتقان ئۆزبەكىستان ناھايىتى كۆپ جەھەتتىن باشقا تۈرك دۆلەتلىرىدىن ئايرىلىپ تۇرىدۇ. ئۆزبەكچە بۈگۈنكى تۈركىي تىل شىۋىلىرى ئىچىدە ئىران تىلىنىڭ تەسىرىگە ئەڭ كۆپ ئۇچرىغان شىۋە سۈپىتىدە نامايەن بولماقتا.

ماۋرەئۈننەھرى ۋە خوراسان رايونلىرىنىڭ ۋارىسى بولغان ئۆزبەكىستان ئۇزۇن يىللار كۈلتۈر ۋە مەدەنىيەت مەركىزى بولۇپ كەلگەن. ناھايىتى نۇرغۇن ئالىم، ئىلىم ئىگىلىرى ۋە تەسەۋۋۇپچىلارنى يىتۈشتۈرگەن بۇ زىمىن دۇنيا تارىخىدا ئىلىم ۋە كۈلتۈر مەركىزى سۈپىتىدە ئورۇن ئالغان. بىرۇنى، ئىبن سىنا، ئەلى قۇشچى، زەماخشەرى، ئەلىشىر نەۋائى، مىرزا ئۇلۇغبەگ، بۇخارى، تىرمىزى، بابۇر شاھ، شەيبانخان، ھۈسەيىن بايقارا، مۇھەممەد پارسا قاتارلىق نۇرغۇنلىغان مەشھۇر كىشىلەر بۇ زىمىندا يىتىشكەن ۋە يەنە بۇ زىمىندا ئۆلمەس ئەسەرلەرنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن.

ئامۇ دەرياسى بىلەن سىر دەرياسى ئارىسىغا جايلاشقان ماۋرەئۈننەھرى رايونى مۇھىم ئىلىم مەركەزلىرىنىڭ ئالدىنقى قاتارىدا تۇرۇپ كەلگەن. سەمەرقەند، بۇخارا، شاش(تاشكەنت)، فەرغانە، ئەندىجان، خوقاند، خارەزم قاتارلىق جايلارنى بۇنىڭغا مىسال قىلىپ كۆرسىتىشكە بولىدۇ. بۈگۈنكى كۈندە ئۆزبەكىستان مەمۇرىي جە ھەتتە ئون ئىككى رايون(ۋىلايەت)كە ئايرىلغان.[1]

ئەبۇ رەيھان ئەل بىرۇنى نامىدىكى شەرقشۇناسلىق ئىنىستىتۇتىنىڭ قول يازما ئەسەرلەر كۇتۇپخانىسى

ئىسمىغا ئاتاپ ئۆزبەكىستاندا شەرقشۇناسلىق تەتقىقاتى ئىنىستىتۇتى قۇرۇلغان ئەبۇ رەيھان ئەل بىرۇنى 10- ئەسىرنىڭ ئاخىرى ۋە 11- ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ياشىغان خارەزملىك مەشھۇر ئالىملارنىڭ بىرىدۇر. ئۇ ئوتتۇزدىن كۆپرەك ساھەدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىپ، 150دىن ئارتۇق ئەسەر يازغان. ئەرەبچە، پارسچە، يۇنانچە، تۈركچە، ئىبرانىچە قاتارلىق نۇرغۇن تىللارنى بىلىدىغان ئەبۇ رەيھان ئەل بىرۇنى ۋە ئۇنىڭ ئەسەرلىرى بۈگۈنكى كۈندە پۈتۈن دۇنيا تەرىپىدىن ئىتىراپ قىلىندى، بەزى پىكىرلىرى ئىلىم دۇنياسىدا پىرىنسىپ سۈپىتىدە قوبۇل قىلىندى.

ئۆزبەكىستاننىڭ پايتەختى تاشكەنتتىكى ئەبۇ رەيھان ئەل بىرۇنى قول يازما ئەسەرلەر كۇتۇپخانىسى <<ئالىملار شەھىرى>> دېيىلىدىغان رايوندا قۇرۇلغان. كۇتۇپخانا ئەلىشىر نەۋائى تىل — ئەدەبىيات ئىنىستىتۇتى بىلەن بىر يەرگە جايلاشقان. بۇ ئىنىستىتۇتمۇ ئۆزبەكىستان پەنلەر ئاكادېمىيىسىگە قارايدۇ.

ئۆزبەكىستان جۇمھۇرىيىتى پەنلەر ئاكادېمىيىسى ئەبۇ رەيھان ئەل بىرۇنى قول يازما ئەسەرلەر كۇتۇپخانىسى 1943- يىلى قۇرۇلغان ئۆزبەكىستان دۆلەتلىك خەلق كۇتۇپخانىسىنىڭ شەرق بۆلۈمى ئاساسىدا قۇرۇلغان.[2] ئەل بىرۇنى قول يازما ئەسەرلەر كۇتۇپخانىسى 1950- يىلىغا قەدەر شەرق قول يازمىلىرىنى ئۈگىنىش ئىنىستىتۇتى دېگەن نام ئاستىدا ئىلىم دۇنياسىغا خىزمەت قىلغان. 1950- يىلىدىن كېيىن، بۇ يەردە ئېلىپ بېرىلغان ئىلمىي تەتقىقاتلار، ساھەلەر ۋە بۇ يەردە ساقلىنىۋاتقان ئەسەرلەر نەزەردە تۇتۇلۇپ، كۇتۇپخانا شەرقشۇناسلىق تەتقىقاتى ئىنىستىتۇتى دېگەن نام بىلەن ئاتىلىشقا باشلىغان.

دەستلەپكى يىللاردا ئىنىستىتۇتتا پەقەت بىرلا بۆلۈم بولغان. بۇ بۆلۈمدە شەرق قول يازمىلىرى ھەققىدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىلغان. كېيىنچە ئىنىستىتۇتنىڭ بۆلۈم سانى كۆپەيگەن. بۇ بۆلۈملەرنىڭ تەركىۋىدە تەسنىفلەش(تۈرگە ئايرىش)، ئىلمىي ئۈگىنىش ۋە تەسنىفلەش، تەتقىق قىلىش، نەشىرگە تەييارلاش ۋە شەرق مىللەتلىرىنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىي ئەھۋاللىرىنى ئۈگىنىش، تەتقىق قىلىش قاتارلىق مۇتەخەسىسلىك ساھەلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يېڭى تارماقلار قۇرۇلغان. باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، كۇتۇپخانىدا ساقلىنىۋاتقان قول يازما ئەسەرلەرنى ئەڭ ياخشى شەكىلدە رەتلەش ئۈچۈن ھەر خىل مۇتەخەسىسلىك ساھەلىرى قۇرۇلغان ۋە بۇ يۈزلىنىش بويىچە تەتقىقاتلار باشلانغان.

ئەبۇ رەيھان ئەل بىرۇنى قول يازما ئەسەرلەر كۇتۇپخانىسىنىڭ ئەسلىي(ئاساسىي) ئىلمىي پائالىيىتى بۇ ئورۇندىكى قول يازمىلارنىڭ كاتولوگ خاتىرىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىكتۇر. چۈنكى كۇتۇپخانا كاتولوگىدا ئورۇن ئالغان قول يازمىلاردىن مەلۇم بولىشىچە، بۇ يەردىكى قول يازمىلار دۇنيادىكى مۇھىم قول يازمىلار قاتارىدىن ئورۇن ئالغان. ئەبۇ رەيھان ئەل بىرۇنى قول يازما ئەسەرلەر كۇتۇپخانىسىدا ئىشلىگەنلەر بۇ يەرنىڭ بىر خەزىنە ئىكەنلىكىنى ئالغا سۈرىدۇ. بۇ يەردە ساقلانغان قول يازمىلارنىڭ ئەڭ قەدىمكىسى مىلادى 9- ئەسىرگە ئائىتتۇر.[3] ئەڭ يېڭىلىرىنىڭ ۋاقتى بولسا 20- ئەسىرنىڭ باشلىرىغا توغرا كېلىدۇ. لېكىن بۇ مەلۇماتلارنى ھېچقاچان ئىلىم دۇنياسى ئۈچۈن بىر باغلىغۇچى قىلىۋالماسلىق كېرەك. چۈنكى كۇتۇپخانىغا قويۇلغان قول يازمىلارنىڭ كۆپ قىسمىنىڭ كۆچۈرۈلگەن ۋاقتى خاتىرىلەنمىگەن. بەزى قول يازمىلارنىڭ كۇتۇپخانىنىڭ تىزىملىك ئۇچۇرىدىمۇ خاتا تۇنۇشتۇرۇلغانلىقى ئېنىقلاندى، بەزى قول يازمىلارنىڭ كۆچۈرۈلگەن ۋاقتى تىزىملىك ئۇچۇرىدا تەخمىنىي ھالدا كۆرسىتىلگەن .

ئەبۇ رەيھان ئەل بىرۇنى قول يازما ئەسەرلەر كۇتۇپخانىسىدا ساقلانغان قول يازما ئەسەرلەر ھەر خىل تىللاردا يېزىلغان. بۇ تىللار ئىچىدە تۈركچە، ئۆزبەكچە، ئەرەبچە، پارسچە، تاجىكچە، ئۇيغۇرچە، ئۇردۇچە، پەشتۇچە، تاتارچە، تۈركمەنچە، ئەزەرىچە ۋە بەزى يەرلىك خەلق تىللىرىنى ساناپ ئۆتۈشكە بولىدۇ. بۇ يەردە <<تۈركچە>> سۆزى بىلەن ئىپادە قىلىنغان ئاناتولىيە تەۋەسىدە يېزىلغان ئەسەرلەرنىڭ تىلى قەدەىمكى ئاناتولىيە تۈركچىسى ۋە ئوسمانلى تۈركچىسىدىن ئىبارەت ئىدى. بۇ تىللاردا يېزىلغان ئەسەرلەر ئوتتۇرا ئەسىر ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى دەۋرلەرگە ئائىت بولۇپ، مەزمۇنى تارىخ، ئەدەبىيات، تىل، پەلسەپە، جۇغراپىيە، تېبابەت، ئاسترونومىيە، خەلق ھېكىملىكى، مۇزىكا، ماتېماتىكا، مەدەنچىلىك ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش بىر يۈرۈش ئىلىم ساھەلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

ئەبۇ رەيھان ئەل بىرۇنى قول يازما ئەسەرلەر كۇتۇپخانىسىدا ھازىر 25 مىڭ 621 جىلت قول يازما ئەسەر ساقلىنىۋاتىدۇ. بەزى رىسالىلار پەقەت بىرلا جىلت ھالىتىدە توپلانغان. تاش باسمىدىكى ۋە باشقا تۈپلەنگەن قول يازمىلارنى قوشقاندا كۇتۇپخانىدا جەمئىي 39 مىڭ 300 جىلت ئەسەر بار. بۇ ئەسەرلەر ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە شەرق ئەللىرى، يەنى تۈركىيە، ئىران، ئافغانىستان، پاكىستان، ھىندىستان، جۇڭگو ۋە ئەرەب مەملىكەتلىرى ھەم ئۇلارنىڭ بىر بىرى بىلەن بولغان سىياسىي، ئىقتىسادىي، مەدەنىي، دىپلۇماتىڭ مۇناسىۋەتلىرى ھەققىدىكى مەلۇماتلارنى ۋە باشقا ئۇچۇرلارنى بىرىدۇ.

بۇ ئىنىستىتۇتتىكى قول يازمىلارنىڭ كۆپ قىسمى ئىسلامىيەت، ئىسلام تارىخى، ئىسلام ئىلىملىرى(فېقىھ، كەلام، تەپسىر) ۋە تەسەۋۋۇپ ئىلىملىرىگە ئائىتتۇر. بۇ تېمىدىكى ئەسەرلەردە ئومۇمەن ئەرەبچە، پارسچە ۋە تاجىكچە تىللار قوللىنىلغان. يەنە كونا(قەدىمكى) ئۆزبەك تىلىگە ئائىت ئەڭ مۇھىم مەنبەلەر، بولۇپمۇ 9- ئەسىردىن 19- ئەسىرگىچە بولغان دەۋرلەرگە ئائىت مەنبەلەر بۇ كۇتۇپخانىدا ساقلانماقتا. بۇ ئەسەرلەر ئىچىدە ئەڭ قەدىمكىسى <<قۇرئان كەرىم>>نىڭ 9- ئەسىردە كۇفى خەت نۇسخىسى بىلەن يېزىلغان نۇسخىسىدۇر. بۇ <<قۇرئان كەرىم>>دە سۈرە ئىسىملىرىمۇ ئەڭ قەدىمكى كۇفى خەت نۇسخىسى بىلەن يېزىلغان. ئىنىستىتۇتتا <<قۇرئان كەرىم>>نىڭ بۇنىڭغا ئوخشاش يەنە نۇرغۇن قول يازما نۇسخىلىرى بار. بۇلار ئومۇمەن 16- ۋە 17- ئەسىرلەردە كۆچۈرۈلگەن قۇرئان تەپسىرلىرىدۇر.

كۇتۇپخانا كاتولوگىدا مىڭ يىللىق تارىخنى قوينىدا ساقلاپ كەلگەن نۇرغۇن ھۆججەتلەر بار. بۇ ھۆججەتلەرنىڭ ئەڭ قەدىمكىسى 10 –ئەسىرگە، ئەڭ يېڭىسى 20 – ئەسىرگە ئائىت. بۇخارا، خىۋە ۋە خوقاند خانلىقلىرىغا ئائىت رەسمىي ھۆججەتلەرنىڭ كۆپ قىسمىمۇ يەنە بۇ ئورۇندا ساقلانماقتا. بۇ ھۆججەت ۋە مەلۇماتلارنى ئاساس قىلىپ ئىنىستىتۇت قارمىقىدا ھەر خىل پەن ساھەلىرى تەشكىل قىلىنىشقا باشلىغان. يېڭى قۇرۇلغان پەن ساھەلىرىدە ئاشۇ ساھە بىلەن مۇناسىۋەتلىك تەتقىقاتلارنى ئېلىپ بىرىۋاتقان ئىلىم ئىگىلىرى ھەر خىل ئەسەرلەرنى نەشىر قىلىش بىلەنمۇ مەشغۇل بولماقتا.

1952- يىلى باشلانغان كاتولوگ تۇرغۇزۇش خىزمىتى بۈگۈنگە قەدەر ئىزچىل داۋام قىلىپ كەلدى. <<ئۆزبەكىستان جۇمھۇرىيىتى پەنلەر ئاكادېمىيىسى شەرق قول يازمىلىرى توپلىمى>> ناملىق كاتولوگ ئونبىر جىلد، تارىخ، تېبابەت، شەرقشۇناسلىق ۋە تەسەۋۋۇپقا ئائىت <<شەرق مىنياتۇرلىرى>> ئىككى جىلد قىلىپ نەشىر قىلىندى. بۇنىڭدىن باشقا كۇتۇپخانىدىكى قول يازمىلارنى پەن تارماقلىرى بويىچە كاتولوگقا تۇرغۇزۇش ئىشى باشلانغان. ئەلىشىر نەۋائى، خوجا ئەھمەت يەسەۋى، ئەبۇ نەسىر فارابى، ئىبن سىنا، ئەمىر خۇسراۋ دېھلىۋى، ئابدۇراھمان جامى قاتارلىق مەشھۇر زاتلارنىڭ قەلىمىگە مەنسۇپ ئەسەرلەرنىڭمۇ كاتولوگى نەشىر قىلىنماقتا. بۇنىڭدىن باشقا دۇنيانىڭ ئىلىم—پەن ئىشلىرى ئۈچۈن ھەسسە قوشقان مۇھىم كىشىلەرنىڭ ھاياتى، ئىلمىي ۋە مەدەنىي مىراسلىرى ھەققىدىمۇ تۈرلۈك ئىلمىي تەتقىقاتلار ئېلىپ برىلىۋاتىدۇ. بۇ ئالىملاردىن ئەڭ مەشھۇرلىرى ئۇلۇغبەگ، ئىمام ئەل – بۇخارى، ماتۇرىدى، خارەزمى، فەرغانى، فارابى، ئىبن سىنا قاتارلىقلاردۇر.

بۈگۈنكى كۈندىكى شەرقشۇناسلىق تەتقىقاتىغا ناھايىتى ئەھمىيەت بەرگەن ئەبۇ رەيھان ئەل بىرۇنى شەرقشۇناسلىق ئىنىستىتۇتى شەرق مەملىكەتلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى كۈچەيتىش ئۈچۈن سەپەرۋەرلىك خىزمىتىنى باشلىدى. بۇنىڭ ئۈچۈن شەرق مەملىكەتلىرىگە ئائىت بۇ يەردە ساقلىنىۋاتقان تىل ۋە مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى ئوخشىمىغان نوقتىدىن تەتقىق قىلغان ياكى مۇناسىۋەتلىك مەملىكەتلەر بىلەن قوش تەرەپلىك ھەمكارلىقنى كۈچەيتكەن بۇ ئىنىستىتۇت شەرقشۇناسلىق تەتقىقاتىنىڭ مۇھىم بىر مەركىزىگە ئايلاندى. مۇشۇ ئامىللار ۋەجىدىن ئەبۇ رەيھان ئەل بىرۇنى شەرقشۇناسلىق ئىنىستىتۇتى قول يازما ئەسەرلىرى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى پەن، مائارىپ ۋە مەدەنىيەت تەشكىلاتى(UNESCO) تەرىپىدىن <<دۇنيادىكى ئەڭ باي قول يازما ئەسەرلىرى>> دېگەن نام بىلەن مەدەنىيەت مىراسلىرى تىزىملىكىگە ئېلىندى.

ئالى ئېھسان چاغلار ئەبۇ رەيھان ئەل بىرۇنى قول يازما ئەسەرلەر كۇتۇپخانىسىدىكى قول يازمىلاردىن 12 مىڭ 500 نى ئارگىنال ئەسەر دەپ قوبۇل قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئومۇمىي سانىنىڭ 75 مىڭ پارچە ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالغان. تەبىئىيكى بۇ سان ئەسەرنىڭ تۈرى ۋە خاراكتېرى جەھەتتە پەرقلىنىدۇ. لېكىن بىزنىڭ بۇ يەردە بەرگەن مەلۇماتىمىز تامامەن بىرىنجى قول مەنبەلەردىن ئېلىنغان. ئۆزبەكىستاندا تۇرغان مەزگىلىمدە ئەبۇ رەيھدان ئەل بىرۇنى قول يازما ئەسەرلەر كۇتۇپخانىسىدا ئىشلىدىم. بۇ مەزگىلدىمۇ قول يازمىلار ھەققىدە ھەم ئاكادېمىكلار ھەم كۇتۇپخانا مۇدىرىيىتىدىن ئەتراپلىق مەلۇماتقا ئىرىشىشكە تىرىشتىم. بۇ يەردە ئوتتۇرىغا قويۇلغان مەلۇماتلار ئاشۇلاردىن ئىرىشكەنلىرىمنىڭ تاللانمىسىدۇر.

قول يازمىلار ھەققىدە[تەھرىرلەش]

25 مىڭدىن كۆپرەك قول يازمىنى ئۆز قوينىدا ساقلاۋاتقان ئەبۇ رەيھان ئەل بىرۇنى قول يازما ئەسەرلەر كۇتۇپخانىسىدا ھەم تۈرك ھەم شەرق دۇنياسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ناھايىتى نۇرغۇن قول يازمىلار بار. بىز ئاساسلىقى تۈركچە ۋە ئۆزبەكچە يېزىلغانلىرىغا دىققىتىمىزنى ئاغدۇرىمىز. بۇنىڭدىن باشقا كۇتۇپخانىدا ئەرەبچە ۋە پارسچە يېزىلغان نۇرغۇن مۇھىم مەنبەلەر بار. كۇتۇپخانىدىكى قول يازمىلارنىڭ تىلى ھەققىدە دىققەتنى تارتىدىغان بىر ئالاھىدىلىك باركى، ئۇ بولسىمۇ پارسچىدۇر. ئومۇمەن ھەر ئون ئەسەرنىڭ تۆت — بەش پارچىسى پارسچە يېزىلغان. بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، بۇ ئورۇندىكى قول يازما ئەسەرلەرنىڭ كۆپ قىسمى سەمەرقەند بىلەن بۇخارادا يېزىلغان، باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، بۇ ئەسەرلەر ماۋرەئۈننەھرى رايونىدا كۆچۈرۈلگەن. مەلۇم بولغىنىدەك، بۇ يەر كېيىن ئىرانلاشقان سوغدىلار ياشىغان جۇغراپىيىلىك رايون ئىدى. خارەزم رايونىدا يېزىلغان ئەسەرلەرنىڭ تىلى قىسمەن تۈركچە بولۇپ، قالغانلىرى ئومۇمەن ئەرەبچە ۋە پارسچە ئىدى. فەرغانە ۋادىسىدا يېزىلغان ئەسەرلەردىمۇ كۆپۈنچە ئۆزبەكچە ۋە ئۇيغۇرچە ئىشلىتىلگەن. ئەينى شەكىلدە ئاناتولىيەدە ئوسمانلى تۈركچىسى بىلەن يېزىلغان ئەسەرلەرمۇ بۇ كۇتۇپخانىدا خېلىلا كۆپ ساننى تەشكىل قىلدۇ. ئەۋنى، ئادلى، مۇھىببى، باقى قاتارلىقلارنىڭ دىۋانلىرىنى ۋە شۇنىڭدەك باشقا دىۋان شائىرلىرىنىڭ ئەسەرلىرىنى ئۇچرىتىش مۇمكىن بولغان بۇ كۇتۇپخانىدا قەدىمكى ئەدەبىيات تەتقىقاتى ئۈچۈن ئىشەنچىلىك مەنبەلەر بار. ئاشىق پاشانىڭ <<غەرىبنامە>> دېگەن ئەسىرىنىڭ كەمتۈك، ئەمما ئوچۇق كۆچۈرۈلگەن بىر نۇسخىسىمۇ يەنە بۇ ئورۇندا ساقلانغان. باشقا بىر ئەسەرنىڭ ئىچىدە ساقلانغان بۇ قول يازما بۈگۈنگە قەدەر ئىلىم دۇنياسىغا تۇنۇتۇلمىغان. قول يازمىنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە ئەھۋالى ھەققىدە تەرىپىمدىن بىر ماقالە يېزىلدى. <<غەرىبنامە>>نىڭ بۇ نۇسخىسى ئېھتىمال ئىستانبۇلدىن كەلتۈرۈلگەن بولسا كېرەك. چۈنكى ئوسمانلىلار دەۋرىدە ئوتتۇرا ئاسىيا خانلىقلىرى بىلەن مەدەنىي ئالاقىلار ناھايىتى جانلانغان. شۇ سەۋەپلىك، سەمەرقەند، بۇخارا ۋە خىۋەدىن كەلگەن نۇرغۇن ئالىم ۋە ئىلىم ئەھلىلىرى ئىستانبۇلدىن قۇرۇق قول قايتمىغان.

18- ئەسىرنىڭ باشلىرىدا خوقاند خانلىقى مۇستەقىللىق ئىلان قىلغاندا، بۈگۈنكى ئۆزبەكىستان تۇپرىقىدا ئۈچ مۇستەقىل خانلىق ئوتتۇرىغا چىققان. بۇلار خىۋە، بۇخارا ۋە خوقاند خانلىقلىرى ئىدى. ئەھۋالنىڭ بۇنداق بولۇشى كۈچلەر پەرقىنى پەيدا قىلغان. بۇ خىل پەرقلەر ۋە ئاجىزلىشىشتەك ۋەزىيەتكە ياندىشىپ ئىچكى رىقابەت پەيدا قىلغان سۈركۈلۈشلەر نەتىجىسىدە 18- ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئوتتۇرا ئاسىيا خانلىقلىرىنىڭ ئىستانبۇلغا بولغان دىققىتى كۈچەيگەن ۋە داۋاملىق تۈردە ئەلچى ئەۋەتىپ، مەكتۇپ يوللاپ تۇرۇشقا باشلىغان. بۇنىڭدىن ھېس قىلىشقا بولىدۇكى، ئەبۇ رەيھان ئەل بىرۇنى قول يازما ئەسەرلەر كۇتۇپخانىسىدىكى ئوسمانلى تۈركچىسى بىلەن يېزىلغان ئەسەرلەر بەلكىم بۇ دەۋرلەردە كەلتۈرۈلگەن. ئەسەرلەرنىڭ ھەممىسى ئۈچۈن بۇنداق دېيىش تەس، لېكىن زور كۆپ قىسمى ئۈچۈن يەنىلا مۇشۇنداق دېيىشكە بولىدۇ. بۇ قول يازمىلارنى ئەكەلدۈرۈش بىر تەرەپلىك بولغان ئەمەس. ئوتتۇرا ئاسىيا خانلىقلىرىدىنمۇ ئىستانبۇلغا نۇرغۇنلىغان قول يازمىلار ئېلىپ بېرىلغان. ئەلىشىر نەۋائى ۋە بابۇر شاھ قاتارلىق مەشھۇر ئۆزبەك شائىرى ۋە يازغۇچىلىرىنىڭ ئەسىرلىرىنىڭ بىر نۇسخىسىمۇ ئىستانبۇل كۇتۇپخانىلىرىدا ساقلانغان.

كۇتۇپخانىدىكى دىققەتنى تارتىدىغان قول يازمىلارنىڭ بىرى تىببىي ئەسەرلەردۇر. مەن تۈركچە يېزىلغان نەچچە ئون تىببىي كىتاپنى بىۋاسىتە كۆرۈش ۋە تەتقىق قىلىش پۇرسىتىگە ئىرىشتىم. <<مۇنتەخەبى شىفا>> ،<<ئەبۋابى شىفا>> ۋە باشقا تىببىي ئەسەرلەرنى ئاناتولىيە تەۋەسىدىمۇ ئۇچرىتىش مۇمكىن.

تارىخ تەتقىقاتچىلىرى ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىم بولغان بۇ قول يازما ئەسەرلەر كۇتۇپخانىسىدا نەچچە مىڭ يارلىق، قازى خاتىرىلىرى، ۋەھپە ھۆججەتلىرى(ۋەھپە ھۆججەتلىرىنىڭ بەزىلىرى ئىستانبۇل، ئەدىرنە ۋە بۇرسا نۇپۇسىدىكى ئائىلىلەرگە ئائىت)، ئوتتۇرا ئاسىيا خانلىقلىرى بىلەن ئوسمانلى ئىمپېرىيىسى ئوتتۇرىسىدىكى يازما ئالاقىغا ئائىت ھۆججەتلەر بار.

تۈركچە قۇرئان تەرجىمىلىرى ۋە تەپسىرلىرى جەھەتتىنمۇ باي ھېساپلانغان بۇ كۇتۇپخانىدا ئوندىن ئارتۇق قۇرئان تەپسىرى بار. بۇ تەپسىرلەردىن بەزىلىرىنىڭ تىزىملىكى مۇنداق:

  1. «تەرجۈمەئى تەفسىرى مەۋلانا ياقۇبى چەرخى» ھىجرىيە 993- يىل، 191 ۋاراق /ھەر ۋاراق 15 قۇر، تەرجىمە قىلغۇچى ۋە كۆچۈرگۈچى ئېنىق ئەمەس، ئۆزبەكچە؛
  2. «مىلادى 1845- يىلىدىكى قۇرئان تەرجىمىسى» 248 ۋاراق /ھەر بىر ۋاراق 21 قۇر، مۇئەللىپى ۋە كۈچۈرگۈچىسى نامەلۇم. ئۆزبەكچە؛
  3. «12 ۋاراقلىق كىچىك بىر قۇرئان تەفسىرى» ياكى «تەفسىرى مەۋاكىب»، مۇئەللىپى فەررۇھ ئىسمائىل، ئىستانبۇلدا يېزىلغان، 366 ۋاراق>‏ / ھەر بىر ۋاراق 17 قۇر، ھىجرىيە 1246 – يىل، ئوسمانلىچە؛
  4. «ھەفتىيەك تەفسىرى»، ھىجرىيە 1248- يىل، 322ۋاراق/ 11قۇر، كۈچۈرگۈچى — مۇھەممەد بىن يارمۇھەممەد، تاتارچە؛
  5. «تەفسىرى كۇرساۋى» «ياسىن»دىن «ناس» سۈرىسىگە قەدەر، 162 ۋاراق / ھەر ۋاراق 16قۇر، مىلادى 1823- يىل، تاتارچە

بۇ قۇرئان تەپسىرلىرى ئىچىدە مەۋلانا ياقۇبى چەرخىگە ئائىت بولغىنى نادىر ئەسەرلەر بۆلۈمىدە ساقلانماقتا. كۇتۇپخانىنىڭ نادىر ئەسەرلەر بۆلۈمىدىكى قول يازمىلارنىڭ دۇنيادا يەنە بىر نۇسخىسىنىڭ يوقلىقى سۆزلىنىدۇ.

مىلادى 12 – ئەسىرگە ياكى 13 – ئەسىرگە ئائىت بولۇشى تەسەۋۋۇر قىلىنىۋاتقان قەدىمكى بىر قۇرئان تەرجىمىسىمۇ نادىر ئەسەرلەر بۆلۈمىدە 2008 نومۇرلۇق تىزىملىكتە ساقلانماقتا. تۈركىيلەرنىڭ ئىسلامىيەتنى رەسمىي دۆلەت دىنى سۈپىتىدە قوبۇل قىلىشىدىن كېيىن ئىشلەنگەن بۇ تەرجىمىنىڭ ئالاھىدىلىكى مۇنداق:

ئۆزبەكىستان پەنلەر ئاكادېمىيىسى ئەل بىرۇنى نامىدىكى شەرقشۇناسلىق ئىنىستىتوتىدا <<2008>> دېگەن نومۇر بىلەن تىزىملانغان بۇ قۇرئان تەرجىمىسى كەمتۈك بولۇپ، جەمئىي 273 ۋاراقتىن تەركىپ تاپقان. بۇ قۇرئان تەرجىمىسىدە 2- سۈرە تولۇق(قىسمەن كەمچىلىك بار)، 3- سۈرە تولۇق، 4- سۈرە تولۇق ئىشلەنگەن، 5- سۈرىدىن 1- 117- ئايەتلەر ، 6- سۈرىدىن 71- 136- ئايەتلەر بار. تەرجىمە قۇرمۇ قۇر قىلىنغان بولۇپ، ئەرەبچە سۆزلەرنىڭ ھەم تۈركچە ھەم پارسچە تەڭدىشى بىرىلگەن. 1-3 ۋە 19– 22 بەتلەر كېيىن قوشۇلغان. ئۇلاردا پەقەت ئەرەبچە تېكىستى بىرىلگەن.

مەن دوكتۇرلۇق دىسسىرتاتسىيەسى ياقلىغان بۇ قۇرئان تەرجىمىسىنى ئىلىم دۇنياسىغا تۇنجى بولۇپ تۇنۇتقان كىشى ئا.ئا. سېمېنوفتۇر. سېمېنوف ئۆزبەكىستان پەنلەر ئاكادېمىيىسىگە قاراشلىق ئەل بىرۇنى نامىدىكى شەرقشۇناسلىق ئىنىستىتۇتىنىڭ قول يازما ئەسەرلىرىنىڭ كاتولوگىنى تەييارلىغان. كاتولوگنىڭ 4- جىلتىدا بۇ قۇرئان تەرجىمىسى ھەققىدە مەلۇمات بەرگەن. ئېكماننمۇ بۇ نۇسخا ھەققىدىكى مەلۇماتلىرىدا سېمېنوفقا تايانغان .

قۇر ئارىسىغا ھەم تۈركچە ھەم پارسچە تەرجىمىسى بىرىلگەن باشقا بىر قۇرئان تەرجىمىسى ئەنگلىيە(ريلاندىس)نۇسخىسىدۇر. ئەنگلىيە نۇسخىسىدا قۇر ئارىسى ماھارىتى سۈپىتىدە پارسچە سۆزلەر ئۈستىگە، تۈركچە سۆزلەر ئاستىغا يېزىلغان. تاشكەنت نۇسخىسدا باشقىچە بىر يول تۇتۇلۇپ، ئەرەبچە ۋە پارسچە تەرجىمىسى قىيپاش يېزىلغان. ئەرەبچە سۆزنىڭ ئوڭ تەرەپ باش قىسمىنىڭ ئاستىدا سولغا قاراپ سوزۇپ يېزىلغان شەكىلدە پارسچە تەرجىمىسى بىرىلگەن ۋە بۇ پارسچە تەرجىمىسى ئاخىرلاشقان يەردىن باشلاپ (بەزىدە پارسچە تەرجىمىسىمۇ ئوتتۇرىدىن كېسىلگەن ھالەتتە) يۇقىرىغا يەنى ئوڭ ئاستىدىن سول ئۈستى تەرەپكە سوزۇپ يېزىلغان شەكىلدە تۈركچە تەرجىمىسى بىرىلگەن. تەرجىمىنىڭ بۇ شەكلىگە نەزەر تاشلانسا تۈركچە ۋە پارسچە سۆزلەر قول تۇتۇشۇپ ماڭغان بىر قىياپەتكە ئوخشايدۇ ياكى بىر بىرىگە ئۇلىشىپ كەتكەن تاغ تىزمىلىرىنى ئەسلىتىدۇ.

كەمتۈك بولغان بۇ قۇرئان تەرجىمىسىنىڭ ھەر بىر بىتىدە بەش قۇر خەت بار. ئەرەبچە ئايەتلىرى سۇلۇس خەت نۇسخىسىدا توم يېزىلغان، تۈركچە ۋە پارسچە تەرجىمىلىرى بولسا ئەرەبچە سۆزلەرگە نىسبەتەن خېلىلا ئىنچىكە يېزىلغان. قول يازمىنىڭ ئاساسىي بەتلىرى مۇقاۋا ئىشلەنگەن چاغدا ئارىلىشىپ كەتكەن. 1- 3- ۋە 19- 22- بەتلەر كېيىن قوشۇلغان. ئۇلاردا پەقەت ئەرەبچە تېكىستى بىرىلگەن. تەرجىمىنىڭ باش تەرىپىدىن <<فاتىھە>> سۈرىسى كەم. قول يازما <<بەقەرە>> سۈرىسى بىلەن باشلانغان. لېكىن تەرجىمە 4- ۋاراقنىڭ ئوتتۇرىدىن باشلىنىدۇ. بۇنىڭ ئالدىدىكى قىسىملار ئىلاۋە قىلىنغان ۋە پەقەت مۇناسىۋەتلىك ئايەتنىڭ تېكىستى بىرىلگەن بولۇپ، بۇنىڭ قول يازمىغا كېيىن قوشۇلغانلىقى مەلۇم. قەغەز ۋە يېزىق شەكلى تامامەن پەرقلىقلىنىدۇ. بەزىدە تەرجىمىنىڭ ئوتتۇرىسى ۋە باشقا يەرلىرىدىمۇ ئوخشاش شەكىلدىكى ئىلاۋىلار بار. ئىلاۋىلارنىڭ تەرجىمىسى ئۈستىدە توختالمايمىز. باش قىسىمغا قوشۇلغان ئۈچ ۋاراقمۇ بەكلا تىتىلىپ ئۆتمۈتۆشۈك بولۇپ كەتكەن، ھەتتا بەزى يەرلىرىدە بۇ ۋاراقلارنى ئوڭشاپ قويۇش ئۈچۈن باشقا خىلدىكى قەغەز پارچىلىرىنىڭ چاپلانغانلىقىنى كۆرىمىز. قول يازمىنىڭ ئوخشىمىغان يەرلىرىدىكى ئەسلى ئەرەبچە تېكىست ئۆچۈپ كەتكەن ۋە بوزۇلۇپ كەتكەن يەرلەر كېيىن باشقا خەت نۇسخىسى بىلەن قايتىدىن يېزىلغان، لېكىن مۇناسىۋەتلىك سۆزلەرنىڭ تۈركچە ۋە پارسچە تەرجىمىسى بىرىلمىگەن. بەزى ۋاراقلاردا سىياھنىڭ تاراپ كىتىشى تۈپەيلىدىن (نەملىك ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن) تېكىستنىڭ تەرجىمە قىسمىنى ئوقۇشتا قېيىنچىلىق كۆرۈلىدۇ.

ئوچۇق ۋە سىلىق سامان قەغىزىنىڭ ئۈستىگە يېزىلغان تەرجىمە تېكىستىنىڭ قەغىزى بەزى يەرلەردە ئالماشتۇرۇلغان. يەنى بەزىدە ئوچۇق سېرىق، پاقىراق سامان قەغىزىنىڭ ئورنىغا نۇقۇد رەڭلىك قەغەز ئىشلىتىلگەن. قول يازمىنىڭ مۇقاۋىسى ئوچۇق قەھۋە رەڭگىدىكى خۇرۇمدىن ئىشلەنگەن. بۇ خۇرۇمنىڭ ئۈستىمۇ ھەر خىل گېئومېتىرىك شەكىللەر بىلەن بىزەلگەن. ئەل بىرۇنى نامىدىكى كۇتۇپخانىدا نادىر قول يازما ئەسەرلەر ئارىسىدا ساقلىنىۋاتقان بۇ ئەسەر مەخسۇس ئىشلەنگەن قىزىل رەڭلىك بىر پارچە دۇخاۋا ئىچىدە ساقلانماقتا.

كەڭلىكى 29 سانتېمىتىر، ئىگىزلىكى 36 سانتېمىتىر كىلىدىغان بۇ قول يازمىنىڭ ئۈستىدە ماۋرەئۈننەھرى رايونىنىڭ بىزەكچىلىك سەنئىتىنى ئەكىس ئەتتۈرىدىغان موتىفلار بار. ھەر بىر ۋاراقنىڭ ئوڭ ۋە سول تەرىپى ئوخشىمىغان ئىككى خىل شەكىلدىكى بىزەك بىلەن زىننەتلەنگەن. قول يازمىنىڭ بېشى ۋە سۈرىلەرنىڭ ئاخىرى ھەل رەڭ بىلەن بىزەلگەن. تېكىست ۋە جەدۋەل ئىچىدە ھەل رەڭ بىلەن ئىشلەنگەن بىزەكلەر ۋە ئۈنۋان ناملىرى بار.

سېمېنوف ئەسەرنىڭ تىلىنىڭ كونا ئۆزبەكچە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. سېمېنوفنىڭ قارىشىچە، بۇ تەرجىمە 13- ئەسەرگە مەنسۇپ. ئۇ ئوتتۇرىغا قويغان بۇ پىكىرلىرىنى قۇۋۋەتلەش ئۈچۈن پارسچە تەرجىمىسىنىڭ تىلىنىڭ كلاسسىك پارسچە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. ئەينى شەكىلدە تۈركچە تەرجىمىسىدىكى سۆزلەرنى نەزەرگە ئېلىپ، بۇ تەرجىمىنىڭ تىلىنىڭ خاقانىيە — قىپچاق تۈركچىسى ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالغان.

ئۆزبەكىستان نۇسخىسىدا قۇرلار ئارىسىدىكى تەرجىمىنىڭ تۇنجى ۋارىقى مۇنداق شەكىلدە يېزىلغان.

2- سۈرە (بەقەرە سۈرىسى، 23- ئايەتنىڭ ئاخىرىدىن باشلانغان)

(1) تانۇكلارىڭىزنى تەڭرىدىن غەير ئەگەر ئەردىڭىز ئەرسە راست ئايگانلار (2) تاكى ئەگەر قىلمادىڭىز ئەرسە تاكى ھەرگىز قىلماغايسىز قورقۇڭ (3) ئوتدىن ئول كىم ئانىڭ تامدۇكى كىشىلەر تاقى تاشلار (4) ئانۇك قىلىندى كافىرلەرگا تاكى مۈژدە بىرگىل ئانلارگا كىم تاكى مۈتتاكىلەر (5) تاكى قىلدىلار ئەدگۈ ئامەللەرىنى ھەقىقەت ئۈزە ئانلارگا بۇستانلار…

خاتىمە

ئۆزبەكىستان پەنلەر ئاكادېمىيىسى قارىمىقىدىكى بۇ كۇتۇپخانا سۇلايمانىيە ۋە پېتېربورگ كۇتۇپخانىسىغا ئوخشاش مۇھىم قول يازما ئەسەر ۋە يادىكارلىق مەركەزلىرىدىن بىرى سۈپىتىدە ئىلىم دۇنياسىغا خىزمەت قىلماقتا.

كۇتۇپخانىدا ساقلىنىۋاتقان قول يازما ئەسەرلەر ئومۇمەن شەرق دۇنياسىغا ئائىت. بۇ قول يازما ئەسەرلەر ئارىسىدا كونا ئۆزبەكچە ۋە ئۇيغۇرچە يېزىلغانلار تىل تەتقىقاتى جەھەتتىن ئىتىبارلىق مەنبەلەردۇر. بولۇپمۇ تۈركىي تىل تارىخىنىڭ دەۋرلىرىنى ھۆججەتلەرگە ئاساسەن تەتقىق قىلىش ۋە ئۇنى خاراكتېرلەندۈرۈشتە بۇ يەردىكى قول يازمىلارنىڭ ئەھمىيىتىنى سەل چاغلىغىلى بولمايدۇ. فەرغانە ۋادىسى، ماۋرەئۈننەھرى رايونى(سىر ۋە ئامۇ دەرياسى ئارىلىقىدىكى جايلار)، خوراسان ۋە تارىم ھاۋزىسى تۈركىي تىلدا يېزىلغان ناھايىتى نۇرغۇن ئەسەرلەرنىڭ ماكانىغا ئايلانغان. بۇ نوقتىدىن قارىغاندىمۇ ئەبۇ رەيھان ئەل بىرۇنى قول يازما ئەسەرلەر كۇتۇپخانىسى تۈركولوگىيە تەتقىقاتىدا ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدىغان مەركەزلەردىن بىرىدۇر. يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان رايونلاردا مەيدانغا كەلگەن قول يازمىلار ئومۇمەن ئەبۇ رەيھان ئەل بىرۇنى قول يازما ئەسەرلەر كۇتۇپخانىسىغا توپلانغان ۋە كاتوگلاشتۇرۇلغان. شۇنىڭدەك، كونا ئۆزبەكچە ھەققىدە تەتقىقات ئېلىپ بارىدىغان تەتقىقاتچىلارنىڭ مۇراجىئەت قىلىدىغان تۇنجى نوقتىلىرىدىن بىرى يەنىلا ئەبۇ رەيھان ئەل بىرۇنى قول يازما ئەسەرلەر كۇتۇپخانىسىدۇر.

ئەبۇ رەيھان ئەل بىرۇنى قول يازما ئەسەرلەر كۇتۇپخانىسىنىڭ فونتلىرى ئىككىنجى قەۋەتتە ساقلانماقتا. فونتلار ئەرەب يېزىقىدا ئۆزبەكچە تەييارلانغان. لېكىن دىققەتنى تارتىدىغان بىر نوقتا بار. بۇ يەردىكى فونتلارنىڭ بەزىلىرىدىكى مەلۇماتلار خاتا ۋە كەمتۈك. تەتقىقاتچىلار بۇ نوقتىغا ناھايىتى دىققەت قىلىشى كېرەك. بەزىدە ئۆزبەكچە يېزىلغانلىقى سۆزلىنىدىغان قول يازمىلارنىڭ پارسچە، تاجىكچە ياكى تاتارچە چىقىپ قېلىش ئېھتىماللىقىمۇ بار، ياكى بىر تېبابەت كىتابىنىڭ ئىچىدە <<غەرىبنامە>> ياكى <<دىۋانى ھىكمەت>> نۇسخىسىنىمۇ ئۇچرىتىپ قالىمىز. ئەينى شەكىلدە ۋاراق سانى، كۆچۈرۈلگەن ۋاقتى، ياكى كۆچۈرگۈچىنىڭ ئىسىملىرىدىمۇ شۇ خىل خاتالىقلار ۋە كەمچىلىكلەر تۇيۇقسىز ئۇچرايدۇ. مۇشۇ خىل سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن ھەر بىر قول يازمىنى بىۋاسىتە كۆرۈپ تەتقىق قىلىش ۋە زۆرۈر ئىزاھاتلارنى يېزىشنىڭ پايدىسى بار.

ئەبۇ رەيھان ئەل بىرۇنى قول يازما ئەسەرلەر كۇتۇخانىسى نادىر ئەسەرلەر جەھەتتىمۇ ناھايىتى باي. كۇتۇپخانىدا نەچچە يۈز پارچە نادىر ئەسەر بار. قۇرئاننىڭ بەزى تەرجىمە ۋە تەپسىرلىرى، <<مۇقەددىمەتۇل ئەدەب>> قاتارلىق ناھايىتى نۇرغۇن قول يازمىلارنىڭ ئاسانلىقچە تېپىلمايدىغان بەزى نۇسخىلىرى بۇ يەردە مەخسۇس بىر ئۆيدە ساقلانماقتا. قاراخانىيلار تۈركچىسى بىلەن يېزىلغان دەستلەپكى دەۋر ئەسەرلىرىدىن <<قۇتادغۇ بىلىگ>>نىڭ بىر نۇسخىسىمۇ ئەبۇ رەيھان ئەل بىرۇنى قول يازما ئەسەرلەر كۇتۇپخانىسىدا ساقلىنىۋاتىدۇ. بۇ نۇسخىمۇ نادىر ئەسەرلەر قاتارىدا قويۇلغان. رەشىد رەھمەتى ئارات <<قۇتادغۇ بىلىگ>> تەتقىقاتىدا بۇ نۇسخىدىن بىۋاسىتە سۆز ئاچمىغان. بۇ يەردە <<قۇتادغۇ بىلىگ>>نىڭ بىر ئەسلى نۇسخىسى ۋە ئۇنىڭدىن كۆچۈرۈلگەن كىچىك ھەجىملىك ئۆرنەكلىرىمۇ بار. بۇلار ناھايىتى ئوچۇق ۋە چىرايلىق نەسىھ خەت نۇسخىسى بىلەن يېزىلغان. كۇتۇپخانا تىزىملىكىدە ئەسەرنىڭ تىلى <<ئۇيغۇرچە>> دەپ خاراكتىرلەندۈرۈلگەن. ئۇنىڭ كۆچۈرۈلگەن يېرى قەشقەردۇر. بۇ يەردىكى ئەسلى چوڭ ھەجىملىك نۇسخا 223 ۋاراقتىن تەشكىل تاپقان، ھەر بىر ۋاراقتا 15 قۇر خەت يېزىلغان. قالغان تۆت نۇسخىسىنىڭ ھەر بىرى 50 ۋاراق كېلىدۇ .

ئۆزبەكىستان تۈركىي تىل تەتقىقاتى ئۈچۈن خېلىلا ھوسۇللۇق بىر مەملىكەتتۇر. بۇ يەردىكى ئەسەرلەرنى ئۇزۇن مەزگىللىك تەتقىقات ئارقىلىق پۈتۈن خاراكتېرى بىلەن ئوتتۇرىغا چىقىرىش زۆرۈر. بۇنىڭ ئۈچۈن تۈركىيە ۋە ئۆزبەكىستان ئالىملىرى ئورتاق تەتقىقات ئېلىپ بېرىشى شەرتتۇر.[4]

مەنبە[تەھرىرلەش]

تۈركچە <<خەلقارا سوتسىيال تەتقىقاتلار ژورنىلى>> ، 2009- يىل/6 2- ساندىن تەرجىمە قىلىندى.

  1. يۇسۇف تۇلۇم بەرداك، مەھمەت ماھۇر: <<ئۆزبەكچە — تۈركچە ۋە تۈركچە – ئۆزبەكچە لۇغەت>>، 1994- يىلى، تۈرك دۇنياسى تەتقىقاتلىرى فوندى، ئىستانبۇل.
  2. ئالى ئىھسان چاغلار: <<تۈركىيە – ئۆزبەكىستان ئالاقىلىرىنىڭ ئىلمىي ۋە كۈلتۈرەل دائىرىسى ھەققىدە>>، <<كۆكساۋە بۈلتەن>>، 2008- يىل 29- فېۋرال، ئەنقەرە.
  3. Eckmann,Janos, middle Turkic Glossess of the Rylands Interlinear Koran Transalation, Akademia Kiado, Budapest, 1976.
  4. زافەر ئۆنلەر : <<مۈنتەخەبى شىفا>>،Ⅰ كىرىش سۆز– مەتىن، تۈرك تىلى قۇرۇمى نەشرىياتى، ئەنقەرە. زافەر ئۆنلەر: <<مۈنتەخەبى شىفا>>، Ⅱ سۆزلۈك، سىمرۇغ نەشرىياتى، ئىستانبۇل. مەھمەت ساراي :<<رۇس ئىشغالىيىتى دەۋرىدە ئوسمانلى دۆلىتى بىلەن تۈركىستان خانلىقلىرى ئوتتۇرىسىدىكى سىياسىي مۇناسىۋەتلەر>>(1775-1875)، ئىستانبۇل ئۈنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى. مەھمەت ساراي : <<ئۆزبەك تۈركلىرى تارىخى>>، نەسىل نەشرىياتى، 1993- يىلى، ئىستانبۇل. ئا.ئا. سېمېنوف : <<شەرق قول يازمىلىرى توپلىمى>>، ئۆزبەكىستان پەنلەر ئاكادېمىيىسى، Ⅳ، تاشكەنت، ئەمەك ئۈشەنمەز: <<شەرق تۈركچىسى بىلەن قىلىنغان قۇرئان تەرجىمىلىرى ھەققىدە>>، <<1- قېتىملىق خەلقارا دۇنيا تىلى تۈركچە سېمپوزيۇمى>>، 2008- يىلى 11- ئاينىڭ 20- 21- كۈنلىرى، باشكەنت ئۈنىۋېرسىتېتى، ئەنقەرە. نەسىمى يازىجى: <<دەستلەپكى تۈرك — ئىسلام دۆلەتلىرى تارىخى>>، تۈرك دۇنياسى فوندى نەشرىياتى، ئەنقەرە. ئا.ئۇرېنبايېف، ئا. ئاخمېدوف، ب. ماننانوف: <<ئەبۇ رەيھان بىرۇنى نامىدىكى شەرقشۇناسلىق ئىنىستىتۇتى>> ، 2002- يىلى، تاشكەنت <<شەرق قول يازمىلىرى خەزىنىسى>> ، 1998- يىلى، تاشكەنت.